زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمىنى:
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ PJBlog3 ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تاللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ناۋادا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر بلوگنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايسىز.
زىيارەتچىلەرگە تەۋسىيە (چۇقۇم كۈرۈڭ): ھايات چاقچىقى(يېڭى ئەسەر)!
زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز (رومان) PDF
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-04-26
ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم
ئاپتورى:admin ۋاقتى:2009-04-01
ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟ (سۆھبەت)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-05-27
PengiYar: ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
Erturk: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
PengiYar: ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ سىز مەن قالدۇرغان ئادرېس بويىچەداڭلىق تور بېكىتى مۇنازىرىسىدىكى <ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟> دېگەن تېمىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەمدى بىر پىكىرلىشىپ باقايلىچۇ.سىز ئاۋۇ مۇنازىرىگە چۈشكەن تېمىلارغا نىسبەتەن قانداق قاراشتا؟ مېنىڭ بۇرۇندىنلا سىز بىلەن شۇنداق بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى.
Erturk: مەن ئۇ تېمىنى باشتىن ئاياغ كۆرۈۋاتىمەن، ئەمما مۇنازىرە نورمال داۋاملاشسىكەن دەپ ئوتتۇرىغا قىستۇرۇلۇپ كىرمىدىم، ئەدەبىيات ھەققىدىكى پاراڭلارنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ، كىمنىڭ پىكرىگە قايىل بولسام شۇنى قوبۇل قىلىمەن. سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىز ئادەتتىكى پىكىرلەر، مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ نەق گېپىڭىزنى دېمەيسىز، ناتونۇش بولغان بولساق راست گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقاتتى.
ئىدىيىۋى مەسىلە
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-05-25
ئۇلار 2007-يىلى 7-ئايدىن 2009-يىلى 8-ئايغىچە توردا ئالاقىلىشىپ، 35 قېتىم يىغىلىپ، «خوتۇن ئالماشتۇرۇش ئويۇنى» ئوينىغان، 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بىر مېھمانخانىدا قولغا چۈشۈپ، 2010 يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە مەخپىي سوتلانغان. سوتلاش جەريانىدا ما شاۋخەيدىن باشقا 21 ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئالغان، بىراق ما شاۋخەي گۇناھىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلماي: ” قانۇنلۇق نىكاھ قايناق سۇغا ئوخشايدۇ، ئىچمەي بولمايدۇ؛ ئەمما خوتۇن ئالماشتۇرۇش ياخشى ھاراققا ئوخشايدۇ، خالىغانلار ئىچىدۇ، خالىمىغانلار ئىچمەيدۇ“ دەپ تۇرۇۋالغان. بۇ قىلمىشقا قارىتا سوت مەھكىمىسىدىكلەرمۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ خېلى تالاش-تارتىش قىلىشقان. ئاخىرىدا ئەنئەنىۋى تەرەپدارلار غالىپ كېلىپ جىنايەتچىلەرنى قانۇنىي جازاغا تارتقان، ما شاۋخەي گۇناھىنى تونۇماي جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا باشقىلاردىن ئېغىرراق كېسىلگەن. بۇلار «توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى» ماددىسى تۈزۈلگەن 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئادەملەر ئىكەن.
دىنىمىزنى موللا-ئاخۇنغىلا ھۆددىگە بېرىۋەتتۇقمۇ؟
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-05-14
جەمئىيەتكە چىقتىم، جەمئىيەت داشقايناق، سورۇنلار قايناق، بىر چەتتە ئولتۇرىمەن، ئىچىپ-چېكىشىدۇ؛ ھاياسىز چاقچاقلارنى قىلىشىدۇ، مەنىسىز ئولتۇرۇشلار ئۇلارنىڭ ھاياتىغا مەنە بېغىشلايدۇ، كەيپ-ساپا ئۇلارنىڭ بارلىق غەم-قايغۇلىرىنى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەمما شۇنىسى قىزىقى، مەستلىكتىن كۆزلىرى غىلىيىپ، ئەقلى ھوشىنى يوقاتسىمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، تېخى دىن ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئاچچىقى كەلگەن بىرى توۋلايدۇ: بۇنداق سورۇندا دىننىڭ گېپىنى قىلىشمايلى ئاغىنىلەر... شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى جىمىپ قالىدۇ. ئەمما كىملەرنىڭدۇر دىن ھەققىدە يەنە داۋاملىق تالاش-تارتىش قىلىشقۇسى، ئەرەبلەرنى ئېشەك دەپ تىللىغۇسى، دىن بىزگە كەينىچىلەپ كىرگەن...دەپ قاقشىغۇسى بار. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئىسلام تارىخى ھەققىدە، ئەرەبلەر ھەققىدە تۈزۈك بىلىمى يوق، ھەممىسى بىر يەردىن ئاڭلىۋالغان تۈكى يوق گەپلەر.
بىر يىللىق نادامەت
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-04-13
بۇ بىلوگقا بىر يىل بولدى، بىر نەرسە يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇشنى ئويلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقى ئۆزەمگىمۇ غۇۋا. بۇ خۇددى تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەننىڭ نېمە پايدىسى دېگەندەكلا گەپ. ئادەم بىر ئىشنى دوراپمۇ قىلىدۇ، قىلغىلى ئىش تاپالمايمۇ قىلىدۇ، بىرەر ئەھمىيەت، ئۈنۈم قوغلىشىپمۇ قىلىدۇ، بۈيۈك پىلان، غايە ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. مەن مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈنلا مۇھەببەتلەشكەن ئەمەس؛ ئېھتىياج، ھەۋەسنى دەپ مۇھەببەتلەشكەن؛ ئىچىمدىكى ئىزتىراپ، ھەسرەت-نادامەت، روھىي غەليانلىرىمنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن بىر نەرسە يازغان، مانا بۇلار چىنلىق، بۇ چىنلىق ئۈچۈن گاھىدا باشلىنىش، قۇرۇلما، بۆلەك، يېشىم دېگەنلەرنى ئويلاشمايلا يېزىۋېرىمەن، تاققا-تۇققا گەپلەر زەنجىردەك ئۇلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، ئادەم كۆپ ھاللاردا ئىشنى مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە قىلالمايدۇ، خىيالى بويىچە قىلىدۇ، ئەقىلنىڭ بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ھېسسىياتقا تايىنىمىز، ھېسسىياتىمىز ئازاب ۋە ئىچ پۇشۇغىنى ئېلىپ كەلگەندە يەنە ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلىمىز. بۇ تەبىئىي ئايلىنىش، تەبىئىي قانۇنىيەتتەك تۇيۇلىدۇ كىشىگە.
قاغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ ھەققىدە
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-02-11
ئەگەر جامائەتنىڭ پىكرى ھەقىقەت بولسا ۋە شۇ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرالىغان بولسا بىر مەھەللىنى خاندەك سوراپ يۈرگەن
مۇتتەھەم ئەمەلدارنىڭ قىلمىشىغا چەك قويالىغان بولاتتى؛ ئەگەر جامائەتنىڭ پىكرى مۇتلەق ئىجابىي رول ئوينىغان بولسا جەمئىيەتتىكى ناتوغرا ئىللەتلەر، تويدىكى ھەشەمەتچىلىك، نەزىر-چىراغدىكى سەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق، داغۋازلىق، دورامچىلىق، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىشلار ئازايغان بولاتتى. دېمەك، بىزدە جامائەت پىكرى ھازىر كۆپ ھاللاردا ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىش، ئۆزىنى ئۆزىنى خارلاش ۋە قىسماققا ئېلىپ جازالاش بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتىدۇ. «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا كۆپچىلىك ياخشىلىقتا ئەمەس، يامانلىقتا بىرلىشىدۇ؟
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (30)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-10-22
__ ئۆمرۈم شۇنچىلىككەن، جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ شۇنچىلىككەن، بايا بىر دەم ئولتۇرۇپ ھەممىنى چۈشەندىم. ئادەمنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە قىلمىغان خىياللىرى قالمايدىكەن. ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ باقىدىكەن، قىلغان ئىشلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىدىكەن. ئويلاپ باقسام تېخى تۈزۈك ياشىماپتىمەن. نۇرغۇن پىلانلىرىم سۇغا چىلىشىپ قاپتۇ. مەن كىچىكىمدىن شۇنداق پىلان بويىچە ئىش قىلىشقا ئامراق، كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ئىشلارنى تەۋرىتىشكە ئۇرۇنۇپ باقىمەن. قۇرۇپ باقىمەن، چۇۋۇپ باقىمەن. ئادەم دېگەن شۇنداق نەرسىكەن، بىر قولىدا ياسىغاننى بىر قولىدا بۇزۇشقا تەييار تۇرىدىكەن؛ بىر دۆلەتمۇ بىر ياقتىن قۇرۇپ بىر ياقتىن بۇزۇپ ئىسلاھ قىلىپ تۇرىدىغۇ! لېكىن بىر ئادەمنىڭ كۈچى يەنىلا ئاجىز بولىدىكەن، پۈتۈن ئۆمرىنى قۇرۇش ھەم بۇزۇش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتسە ئاقىۋەتتە ھېچ ئىش قىلمىغاندەكلا بولىدىكەن، بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە پايدىسى! مانا مەن تولا خوتۇن ئالدىم، ھەممىنى قويۇپ بەردىم. نەچچە بالىلىق بولدۇم، ھەممىسى خەقنىڭ بولدى.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (29)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-10-22
ئەمما پەرھاتنىڭ بۇ پىلانى غېنى شاڭجاڭنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار بىلەن توختاپ قالدى. شاڭجاڭنىڭ ئۈرۈمچىلىك خوتۇنى رېستۇراندىكى قىزلاردىن ئېرىنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاچقا تېخى كۆرۈپ باقمىغان رەيھاننى كۈنلەپ تېلېفوندىلا شاڭجاڭ بىلەن غىژىلدىشىپ يۈرۈۋاتاتتى. ئەسلىدىنلا كەيپى ئۇچۇپ يۈرگەن غېنى شاڭجاڭ ئۇ خوتۇنىنى تېلېفوندىلا تىللاپ،خېتىڭنى ئال دەپ تەھدىت سالدى. خوتۇنى كېلىپ ئالىدىغان ھەققىنى ئېلىپ كەتتى. غېنى شاڭجاڭ شۇندىن كېيىن كۈن-كۈنلەپ تۈزۈك گەپ قىلمايدىغان، جاھاندارچىلىق ئىشلىرىغا ئانچە ئالدىرىمايدىغان، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى، كۆپ ھاللاردا غەمكىن، خاپا يۈرەتتى. ئەمدىلىكتە توساتتىن بېيجىڭغا كېسەل داۋالاتقىلى بارىدىغان بولۇپ قالغانىدى.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (28)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-10-22
ـــ رەسۋالىقىڭنى بىلسە غېنىكاڭمۇ ئەدىۋىڭنى بېرىدۇ.
ـــ مەن رەسۋا بولىدىغان بولسام ئاللىبۇرۇن كوچىغا چىقاتتىم، سەندەك قەلەندەرگە خوتۇن بولمايتتىم، ئۇقتۇڭمۇ!؟
بۇ گەپ ياسىننىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، بىر چاغلاردىكى ئەقىللىق، چىرايلىق، مۇلايىم قىز مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ ياسىننى ئۆزىگە خۇمار قىلىۋەتكەن مەپتۇنكار ”خوتۇن“ مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭ ئەقلى ھىيلىگەرلىك بىلەن، چىرايلىقلىقى ئاچكۆزلۈك بىلەن، مۇلايىملىقلىقى ياسالمىلىق بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەچكە، ياسىناخۇن ئۇنىڭ ئىچ مىجەزىنى بىلەلمىگەن گەپ؛ كونىسىدىن بىزار بولغانچە يېڭىياچە خوتۇنىنىڭ ھەممە يېرى گۈزەل تۇيۇلۇپ كەتكەن گەپ. رەيھان دېگەندەك، ”كۆزىگە ئىشتان كىيىۋالغان“ گەپ!
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (27)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-10-22
غېنى شاڭجاڭ بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، پەرھات بىلەن ياقۇپ يىلان دېرىزە يېنىدىكى جوزىدا خېرىدارلاردەك پاراڭ سوقۇپ، يەپ-ئىچىپ ئولتۇراتتى. پەرھات ئۇنى كۆرۈپلا يېنىغا چاقىردى، ھاشىم روھى چىقىپ كەتكەندەك ھالسىز، پەرۋاسىز ھالدا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، دەرۋەقە بايىقى ئىش ئۇنىڭ دۇنياسىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن، كەلگۈسى ئوي-پىلانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولۇپ، بارلىق غەم-قايغۇسى قاچان، قانداق ئۆلۈشتە قالغانىدى، خالىي يەرنى تېپىپ ھۆكىرەپ قانغۇدەك يىغلىۋالسا يەڭگىللەپ قالاتتى، شۇنچىلىك پۇرسەتمۇ بولمىدى، شۇ تاپتا ئۇ كەلگۈسى پاجىئەلىرىنى ھەر ۋاقىت، ھەر مىنۇت كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئىچ-ئىچىدىن زارلانماقتا، تەقدىرىگە ئاھ ئۇرۇپ نالە قىلماقتا ئىدى.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (26)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-09-16
«كۆپۈك» ناملىق رومان نەشردىن چىقتى
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-06-30
«كۆپۈك» ناملىق تۇنجى رومانىم بۇ يىل 6-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. روماندا 90-يىللاردىن كېيىن شەھەرلىشىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ مەيدانغا چىققان زىددىيەت، ئۆزىمىزگە خاس بىمەنە، ئېچىنىشلىق ئىشلار قارا
يۇمۇر شەكلىدە جانلىق بايان قىلنغان. ئەسەر ۋەقەلىكى راست ئىشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا توقۇلما قىلىنغان بولۇپ، تەنقىدىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا يەنە ناتونۇشلاشتۇرۇش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە قىسمەن بىمەنىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى كىرىشتۈرۈلدى. ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ «جاھاندا مۇشۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ؟» دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما رېئاللىقتا نېمە ئىشلار بولمايدۇ؟ بۇنداق غەيرى ئىشلارنى يوق دېيەلمەيسىز، يالغان دېيەلمەيسىز، غەيرى ئىشلارنى ئومۇملۇققا كۆتۈرۈش ئارقىلىق مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئاساستا مەركىزىي نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇئەللىپنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سىناقلىرى. روماننىڭ فوكۇس نۇقتىسى: زەئىپلەشكەن ئەركەكلىك ۋە كۈچىيىپ كەتكەن نەپسانىيەتچىلىك؛ ماددىي مەنپەئەت بىلەن روھىيەت ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە شۇ ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان تۇرمۇش.




