كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (22)
ئاپتور:erturk ۋاقتى:2009-06-10
ئۆمەر پالاكەتكە ئۇچراپ قاماقخانىغا سولانغاندىن كېيىن ھاشىم دوغىلاق بىلەن ساۋۇت جىمىپ كېتىشتى. ھاشىم ئۇنىڭ شاتراق موزايدەك «چىچىپ» قويۇپ، ھەممەيلەننى پاراكەندە قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ، كۈندە بىر نەچچە تال تاماكىنى ئارتۇق چېكىۋېتىدىغان بولۇپ قالدى. ئىشتىن بىكار بولۇپ قالسا دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ، شۇملۇق پۇراپ تۇرغان ساتراچخانىدىكى «مىكىجىن»لارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتى، «بۇنداق ئىپلاس يەردىن نەسلىك چىقىدۇ، مەنمۇ تېخى بۇ مەرەزلەردىن كېسەل يۇقتۇرۇپ، ئۆمەردىنمۇ ئېغىر پالاكەتكە قالىمەنمۇ، خۇدا ئۆزى بىلىدۇ» دەپ ئويلاپ، كونا ۋەھىمىدىن تېنى جۇغۇلداپ كېتەتتى، لاۋبەن سەتەڭنىڭ يۈزسىزلىكى، ئاداۋەتخورلۇقى، ھاكاۋۇرلۇقىنى ئويلىسا ئۇنىڭغا ئۆچلۈكى كېلەتتى، بىر قېتىم قانداق بولۇپ ئۇنىڭ پەيزىنى سۈرگەنلىكىكىگە ئىشەنمەي قالاتتى، ئەگەر ئەمدى شۇنداق پۇرسەت كېلىدىغان بولسا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئايرىمخانىسىدا بوزەك ئېتىپ رەسۋالارچە قىيناشنى ئەسەبىيلەرچە خىيال قىلىپ ھۇزۇرلىناتتى، ئاندىن «بۇ شاۋچى چوقۇم ئەيدىز بولۇپ قېلىپ، ئاچچىقىنى بىزدىن ئېلىۋاتامدۇ نېمە…» دېگەندەك خىيالغا كېلىپ قورقۇپ كېتەتتى… ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك خىيالى «نەسلىك، ئۆچمەنلىك، ئەيدىز…»دىن يىراق كەتمەيتتى، ساقىلىنى ئالغاندا يۈزىگە سىنچىلاپ قارايتتى، دانىخورەككە ئوخشاش بىر نەرسىلەر چىقىپ قالسىمۇ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ، ئەينەككە چەكچىيىپ قاراپ قالاتتى، يۈرەكلىرى ئەنسىز سوقاتتى. بۇنداق چاغدا ئۇ ھەر كۈنى نامىزىنى قازا قىلماي ئوقۇپ پاكىز يۈرۈيدىغان ساۋۇتقا زوقلىنىپ قالاتتى، ھەسەتمۇ قىلاتتى، ھەسرەتلىنەتتى، يامان ئىش قىلماي ئۆتىدىغان ئادەمنىڭ نەقەدەر خاتىرجەم ياشايدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولاتتى، ئارقىدىن «ئادەم ئۆزىنى ئاۋايلاپ يۈز يىل ياشامتى، ياشىغاندىكىن پەيزى ياشاش كېرەك، پۇشايمان قىلماسلىق كېرەك، خۇمارىغا قېنىپ قېنىۋېلىپ ئۆلگەنلەرمۇ ئادەم، شۇلارمۇ ھېچنېمىدىن قورقماي ئۆلىدۇ، خۇدا جاننى ئالسا ھەر كىم ئەيدىز بولمايمۇ ئۆلىدۇ…» دەپ نوچىلىق بىلەن خىيال سۈرەتتى، تاماكىسىنى قېنىپ-قېنىپ شورايتتى، خېلىدىن بېرى جىمىپ قالغان ھەۋەسلىرىنىڭ ھاراق ياكى تاماكا خۇمارىدەك بەك قوزغاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا خوتۇنسىراپ تۇرغان نۇرغۇن ئەركەكنىڭ باشقا خۇمار ئارقىلىق بۇ ھەۋەسلىرىنى تىزگىنلەپ كېتىدىغانلقىنى پەملىگەندەك بولاتتى. ئەمما ساۋۇت ھېچقانداق كەيپ سۈرمەيتتى، ئۇنىڭ بۇ كۈنلەرنى كەيپسىز، خۇمارسىز، ئىشتىھاسىز قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ھاشىم ھېچ چۈشەنمەيتتى، ئىچىدە ئۇنى «پىچىۋېتىلگەن بۇقا، ئېرىك» دەپ مازاق قىلاتتى. ئۇ دەسلەپتە ساۋۇتنىڭ ناماز ئوقۇشلىرىدىن قانچىلىك ئىچى سىقىلغان بولسا، كېيىن ئۇنىڭغا تەبىئىي ئىشتەك قارايدىغان، پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ كەتتى. ئەمما ئۆمەر تۈرمىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ساۋۇت ھاشىمنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىدى، ياتاق ئىچىدە ئۇنىڭ تاماكا چېكىشى، ھاراق ئىچىشىگە چەك قويدى، ئاندىن جۈمە كۈنى چۈشتە جۈمەگە بېرىشقا ئۈندىدى.
ــ بارمايمەن، ئۆزەڭ بار،ــ دېدى ھاشىم قاپىقىنى تۈرۈپ.
ــ ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ يۇيۇنۇۋال ھەي مۇسۇلمان،ــ دېدى ساۋۇت، ــ نەچچە ئاي بولدى سەن يۇيۇنمىغىلى، ئەۋرەت تۈكلىرىڭدە جىن ئۇۋىلاپ كەتمىسۇن، ئۇنداق قىلماي ئادالاپ تۇر!
ــ نېمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى، ماڭا ئارىلاشما!
ــ مۇشۇنداق يۈرىۋەرسەڭ ئىشىڭ چاتاق.
ــ نېمە بولسام مەيلى، ماڭا قوقاق سالما.
ــ ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمەن، ــ دېدى ساۋۇت رەسمىي تۈستە، ــ مەن ئېشەك بىلەن بىر ياتاقتا ياتمىدىم، شۇڭا گەپ قىلىپ ساڭا ئاڭلىتاي دەۋاتىمەن، ئاڭلمىساڭ مەيلى، ئەمما بىلىپ قوي، مۇسۇلمان دېگەن بىر-بىرىنىڭ ئىشىغا ئاشۇنداق ئارىلىشىدۇ، مەن ئەگەر ئۆمەرگە بۇرۇنراق گەپ قىلغان بولسام ئۇ سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىمايتتى، تۈرمىگە كىرىپ قالمايتتى، ئۇقتۇڭمۇ!
ــ يەنە شۇ قۇرۇق گەپ! ئۇ شۇم دۆتلۈك قىلسىمۇ ماڭا دۆڭگەمسەن؟
ــ ئۇنىڭغا چاتاق سالغان سەن، بولمىسا سەن يېگەن پوقنى يەمتى؟ مەسئۇلىيەتتىن قاچىمەن دېمە، ياسىن لاۋبەنگە دېمەمدىكىن دەپ قالما، چېقىمچىلىق قىلماي دەپلا دېمەيۋاتىمەن. ئەمدى ھوشۇڭنى يىغىپ يۈرمىسەڭ جېدىلىم سەن بىلەن!
ــ تۈنۈگۈنلا موللام بولۇۋېلىپ ئەدەمگە بۇنداق يوغانچىلىق قىلما، مېنى بويسۇندۇرىمەن دەپ نوچىلىق قىلما، نېمە قىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن، سەن مېنى باشقۇرالمايسەن!
ــ ھەي كالۋا گۇي، مەن سېنى باشقۇرىمەن دېمىدىم، ئىمانىڭ بىلەن ياشا دەۋاتىمەن، گېپىم يامان كېتىپتىمۇ؟
ــ نېمە قىلىشنى ئۆزەم بىلىمەن، ماڭا ئىش ئۆگەتمە!
ــ ئاتاڭ نېمە بېرىپ باققاندۇ سەن قۇلاق كەستىنى! نېمانداق تەرسا نېمىسەن!
ــ ئاتام مېنى سېنىڭ ئاتاڭدىن ئوبدان باققان، خەققە باش ئەگمەي ياشا دەپ تەلىم بەرگەن.
ـ ئەمىسە شۇنداق ياشا، قوناق بېرىپ باققان توپاقتەك نوچى ياشاۋاتىسەن، ئويناۋاتىسەن، نوچىلىقىڭنى ئۆلگەندىكىن كېيىن كۆرەرسەن، قىيامەتتە ئوبدان ھۆكىرەپ قالارسەن…
ھاشىم دوغىلاق تېرىكىپ تولغىنىپ كەتتى، ساۋۇتنىڭ موللاملىقىغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھەر قانداق گېپىنى ئاڭلىماسلىق قارارىغا كەلدى.
ـ سەن ئۆلمەيدىغاندەك ياشىماقچىمۇ؟ــ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭ ھۈرپىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۈمىدسىزلىنىپ، ــ ياخشىمۇ دەپ باقتىم، يامانمۇ دەپ باقتىم، زادى گەپ ئاڭلايدىغان چىراي يوققۇ سەندە؟
ــ ئاڭلىمايمەن، قانداق قىلىسەن؟ خەقنى مەجبۇرلايدىغان نېمە ھەققىڭ بار؟
ــ ئەمىسە چاتاق تېرىپ يۈرىۋەرسەڭ مەيلىما؟ شەيتاننىڭ پوقىنى پۇراپ بۇ ياتاقنى سېسىتىپ بولساڭ مەيلىما؟ سېنى ئازدرۇغان شەيتان مېنىمۇ بوش قويمايدۇ، ساڭا كېسەل تەگسە ماڭىمۇ يۇقىدۇ ، شۇڭا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ساڭا گەپ قىلىشىم كېرەك.
ھاشىم “كېسەل” دېگەن گەپنى ئاڭلاپ كاللىسى قېتىپ قالدى، ساۋۇتقا چەكچىيىپ قاراپ قالدى.
ــ مانا دېمىدىممۇ، سېنىڭ كاللاڭدا زادى بىر چاتاق بار، ـ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ، ـ تۇرۇپ-تۇرۇپ جىن تەپكەندەك ئۇجۇقۇپ كېتىسەن، كېچىسى ئۇخلىيالماي چۆچۈپ كېتىسەن، كۈندۈزىمۇ كاللاڭ جايىدا ئەمەس، بىر كىمدە ئېلىشىڭ باردەك تىتىلداپلا يۈريسەن، ئىچىڭدىكىنى يا دېمەيسەن، بىر نەرسىدىن قورقۇنچۇڭ بارمۇ نېمە؟ مۇشۇنداق چاغدا ناماز ئوقۇساڭ، مەسچىتكە بارساڭ كۆڭلۈڭ ئارام تېپىپ قالمامدۇ؟
ــ بارمايمەن… ئۆزەڭ بېرىۋال، ــ دېدى ھاشىم كارىۋىتىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ.
ــ ئاقچى، يانچۇقچىلارمۇ جۈمەدىن قالمايدۇ، سەن شۇلارچىلىك بولالمامسەن؟
ــ يامان ئىش قىلىپ يەنە مەسچىتكە بارغاندىن بارمىغان تۈزۈك.
ــ خەق يامان ئىش قىلسىمۇ گۇناھىغا تۆۋە قىلىدۇ، سەن نېمە قىلدىڭ؟ تۆۋە قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۆلۈپ كەتسەڭ دوزاخقا كىرىسەن شۇ…
ــ دوزاخقا كىرىدىغاننى سەن بىلەمتىڭ؟ــ دېدى ھاشىم غەزەپ بىلەن ئالىيىپ، ــ ئۆزەڭچە ئەۋلىيا بولۇپ كەتتىڭما؟ ماڭا سەندەك ئەۋلىيانىڭ كېرىكى يوق. تۆۋە قىلسام ساڭا كۆرسىتىپ قىلمايمەن! ئۆزەڭچە مېنى دۆت چاغلاپ قالدىڭما؟ ناماز ئوقۇغۇم كەلسە ئوقۇيمەن، جۈمەگە بارغۇم كەلسە بارىمەن، ماڭا ھەيدەكچىنىڭ لازىمى يوق.
ــ مۇشۇنداق نوچىلىق قىلساڭ زىيان تارتىسەن. بۇ مىجەزىڭ ئاخىر بېشىڭغا چىقىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا ئۆزەڭنى ئوڭشىۋالغىن، ئاللاھتىن ئىنساۋىڭنى تىلىگىن.
ــ نېمە قىلىشنى ئۆزەم بىلىمەن، سەن ئارىلاشما.
ــ جۈمەگە شۇنداق قىلىپ بارمايسەن، ــ دېدى ساۋۇت مېڭىش ئالدىدا.
ــ بارمايمەن، ــ دېدى ھاشىم ئاچچىق بىلەن تاماكىسىنى ئىزدەپ.
ــ تاماكاڭنى تالاغا چىقىپ چەك، مەن بىلەن قېرىشما.
ــ سەنمۇ موللام بولدۇم دەپ مەن بىلەن ئېتىشما.
ــ خەپ گۇي، جۈمە ۋاقتى بوپ قالدى، كەلگەندە ھېسابلىشىمەن…ــ ساۋۇت ئۇنى تېرىكتۈرۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ھاشىم ساۋۇت چىقىپ كېتىشى بىلەن تەڭ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ ياتاقنى ئىسلاشقا باشلىدى. بىرنى چېكىپ بولۇپ، يەنە بىرنى ئۇلاپ چەكتى، باشقىچە ھۇزۇرلاندى، توڭرا بېسىپ كەتكەن بەدىنىنى قاشلاپ تۈگىمەس خىيالغا چۆمدى. بۇ يەردە كۈندە ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىۋاتاتتى، ئۆمەر سولاقتىن چىقمىدى، ياسىن لاۋبەن بىلەن خوتۇنى ئارىسىدا جېدەل-ماجرا چىقىشقا باشلىدى، ئاشخانىنى ئەنسىزلىك، پاراكەندىچىلىك باستى، ھاشىم ئاللىقانداق دەككە-دۈككىدىن خالىي ئەمەس ئىدى، پەقەت ساۋۇتلا خاتىرجەم، تېتىك ياشاۋاتاتتى، مانا بۈگۈنمۇ ھېچنېمىدىن غېمى يوق ھالدا جۈمەگە كەتتى. ئۇنىڭ بارغانسېرى تەقۋالىشىپ كېتىشى، ۋەزخانلىق قىلىشى، بېسىم ئىشلىتىشى ھاشىمغا ئېغىر كەلدى، ناماز ئوقۇش ئۇنىڭغا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس ئىش ئىدى، كەيپنى ھەرگىز تاشلىيالمايتتى. ھاشىم ئەگەر مۇشۇنداق بولىۋەرسە غېنى شاڭجاڭنىڭ ئاشخانىسىغا كېتىشنى ئويلىدى. بۇنداق بولغاندا ساۋۇتنىڭ ياسىن لاۋبەنگە ئۇنى ھامان چېقىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيتتى، ئۆمەرنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئاكىسىغا داتلىشىدىن غەم يېمەيتتى، نەس باسقۇر ساتراشخانىلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئەيدىز ۋەھىمىسىگە چۆكمەيتتى، بەلكى غېنى شاڭجاڭنىڭ “كېپىنەك قىزلىرى”نى كۈندە كۆرۈپ ئۈمىدۋارلىققا، شوخلۇققا چۆمەتتى، ئېپى كېلىپ قالسا ياسىن لاۋبەنگە بۇزۇلغان گۈلشەننى توغرىلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى كۆرسىتىپ، نەچچە ۋاقىتتىن بېسىقماي كەلگەن يوشۇرۇن ئىستەكلىرىنى قاندۇراتتى… ئۇ يەردە يەنە ھاشىم بىلەن ئۈلپەت بولۇشىدىغان ئىچەرمەن-چېكەرمەنلەر بار ئىدى.
ئۇ ئويلا-ئويلا مۇشۇ نىيەتكە كېلىپ غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون ئۇرۇپ بېقىش قارارىغا كەلدى. غېنى شاڭجاڭنىڭ تېلېفونى ئېتىك چىقتى، «جۈمەگە كەتكەنمىدۇ؟ نامازدا تېلېفونىنى ئېتىپ قويغانمىدۇ؟…» دېگەنلەرنى ئويلىغاچ ئاشخانىغا چىقتى، ياسىن لاۋبەنمۇ كۆرۈنمەيتتى، دېمەك، ھەممىسى جۈمەگە كەتكەن، كىر-قاسماققا، جۇنۇبلۇققا گەدەنگىچە پاتقان ھاشىملا «نەس باسقاندەك» تاشلىنىپ قالغانىدى. ئۇ تۇرۇپلا جۈمەگە ساۋۇت بىلەن بىللە بارمىغىنىغا سەل ئۆكۈنۈپمۇ قالدى، بارغان بولسا ھېچ بولمىسا ھەقسىز يۇيۇنۇۋالاتتى، ئۆز خەقلىرى بىلەن دىدارلىشىپ، تونۇشمىغانلار بىلەن تونۇشۇپمۇ قالاتتى، ناماز ئوقۇپ چىققاندا گۇناھتىن قۇتۇلۇپ، ئەيدىزدىن خالاس تاپقاندەك يەڭگىللەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى… ئۇ دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ ئىچى پۇشۇپ تاماكا چەكتى، بۇ يەردىن كېتىش خىيالى بارغانچە كۈچىيىپ كەتتى. ئەمما غېنى شاڭجاڭ ياسىن لاۋبەننىڭ ئاكا ئاغىنىسى بولغىنى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ بۇ مەسىلىنى ئويلىشىدۇ. بىراق ھازىر ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغاندەك قىلاتتى. گۈلشەن بۇ ئاشخانىدىن كەتكەندىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ بىلەن ياسىن لاۋبەننىڭ بىرەر چاتىقى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرمەي قالمايدۇ ۋە ئاخىر ئۇ چاتاقنى بىلمەي قالمايدۇ. رەيھان ئۆتكەندە ئۇشتۇمتۇت غېنى شاڭجاڭنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىدى، نېمىشقا ئېرىدىن سورىماي ھاشىمدىن سورايدىغانلىقى يېقىندا بۇ ئەر-خوتۇن ئارىسىدا بولۇۋاتقان سۈركىلىش ۋە غەلۋە-ماجرالاردىن مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانداقتۇر زادىلا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە تېشىلىپ چىقىۋاتاتتى. قارىغاندا ياسىن لاۋبەن يەنىلا گۈلشەنگە قانات سۆرەپ يۈرگەن، رەيھانمۇ بوش كەلمەي غېنى شاڭجاڭ ئارقىلىق ياسىننى تىزگىنلىمەكچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
ھاشىم بىر ھازادىن كېيىن ياتىقىغا قايتىپ غېنى شاڭجاڭغا يەنە تېلېفون قىلىۋىدى، تېلېفونى ئۇلاندى. قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ھاشىم مەقسىتىنى ئېيتتى.
ــ نېمىشقا ئىشلىگۈڭ كەلمىدى؟ سەۋەبىنى ماڭا ئېنىق ئېيت!ــ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا سەل توڭ تېگىپ.
ــ ساۋۇت بىلەن پەقەت چىقىشالمىدىم، مېنى سەل بوزەك قىلىۋاتىدۇ.
ــ خوتۇن كىشىدەك قاقشىماي تۈزۈك گەپ قىل، قانداق بوزەك قىلدى؟!
ــ ياتاقتا تاماكا چەككىلى قويمايدۇ، ھاراقمۇ ئىچەلمەيمەن. يەنە بەش ۋاق ناماز ئوقۇيسەن، جۈمەگە بارىسەن دەيدۇ. بۇنداق زورلايدىغانغا نېمە ھەققى دەيمەن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسام مېنى ئاخىر ياتاقتىن قوغلاپ چىقىرىدىغاندەك قىلىدۇ.
.ــ ئوبدان دەپتىغۇ، ئاشۇنىڭ دېگىنىدەك قىل.
ــ بۇغۇ مەيلى، ــ دېدى ھاشىم سەل تەمتىرەپ، ــ ئۆمەر سولاققا چۈشكەندىن كېيىن بۇ ئاشخانىدا تۈزۈك سودا بولمىدى، ياسىن لاۋبەن خوتۇنىنى ئۇرغاندەك قىلىدۇ، ئىككىسى بىر-بىرىگە تەتۈر قاراپ يۈرۈشىدۇ، بۇنداق كېىتىۋەرسە بۇ ئاشخانىدىن زىيان چىقىدۇ، ئىش ھەققىمنى ئالالماي قالسام، بۇنداق ئىشلىگەندىن ئىشلىمىگەن ياخشى، شۇڭا…
غېنى شاڭجاڭ جىددىي سورىدى:
ــ ياسىن زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
ـــ كۈندە خوتۇنىنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ،__ دېدى ھاشىم شۇم خەۋەر بېرىۋاتقاندەك ئالدىراپ،ــ قارىغاندا ئۇ يەنە گۈلشەنگە بۇزۇلغاندەك قىلىدۇ. ھېچ نېمە بىلەن كارى يوق ئىچىپلا ئولتۇرىدۇ، كەچ سائەت ئون بولمايلا يوقايدۇ، خوتۇنى ھەممىنى بىزگە تاشلاپ قويۇپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ. نەچچە كۈن بولدى، تۈزۈك سودا يوق…
__ ھازىر قېشىمدا ئادەم تولۇق،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ،__ بىر مەزگىل چىداپ ئىشلەپ تۇر…
ھاشىم دوغىلاق لاسسىدە بوشىشىپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى، ئۇيقۇسى كەلمەي يەنە ئاشخانىغا چىقتى، قورسىقى ئېچىپ كىرىپ قالغان نەچچىسى ئاشخانىغا كىرىپ ئاچكۆزلۈك بىلەن قارىدى، “تاماق بارمۇ، يوق؛ كاۋاب بارمۇ، يوق”، ھاشىم ھەممىسىنى قۇرۇق گەپ بىلەن يولغا سالدى. بۇ ئاشخانىغا كۆيۈنسە نېمە پايدا، خېرىدار كەلمىسە بىكارچىلىقتىن ھۇزۇرلىنىدىغان گەپ، چىۋىن قورۇپ ئولتۇرۇپ بەرسىمۇ ھېساب. كۈندە ۋاق قوپۇپ، كەچ يېتىپ ئىشلىسە، تېپىپ بەرگەن پايدىغا لاۋبەن خوتۇنىنى قايرىپ قويۇپ ئاشنا ئوينىسا، ھاشىم بىلەن ساۋۇت خۇددى ئۇنىڭ ئوينىشىغا ياردەم بەرگەن شوۋىچىغا ئوخشاپ قالمامدۇ؟! بۇ يەردىن كېتىش، بۇنداق پەسلىك، نەسلىكنى چوڭ سۆزلىگەن ئاشۇ ساۋۇتقا تاشلاپ بېرىش كېرەك…
ھاشىمنىڭ غېنى شاڭجاڭغا ئېيتقانلىرى راست ئىدى، ياسىن ھەقىقەتەن ئاينىپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىدىن قايتىپ كەلگەن كۈنى ئاخشىمى نومۇسسىز خىيالىنى ئاخىر ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، رەيھاننى تاشلاپ گۈلشەننىڭ قوينىدا تاڭنى ئاتقۇزدى، ئەتىسى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، رەيھاننىڭ بىر كېچىدىلا قېرىپ كەتكەندەك بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىغان بولسىمۇ، “بىر ئاخشام چىدىغان ئادەم يەنە بىر ئاخشاممۇ چىدايدۇ، چىدىمىسا ئامال يوق، خوتۇن خەق دائىم ئۆزىنىڭ ئىچى تارلىقىدىن ئۆزىنى قىينايدۇ، ئۆزىگە قەستەن جاپا سالىدۇ…” دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇسى كەلمىدى. رەيھان ئۇنىڭ بىلەن يەنە سوقۇشقىلى ماجالى قالمىغاندەك ھالسىز، پەرۋاسىز ئىدى، چىرايى ئازابلىق بولسىمۇ، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ ياسىننىڭ چىرايىغا پەقەت قارىمىدى، ئېزىپ-تېزىپ زادىلا قاراپمۇ سالمىدى، ئەمدى زادىلا قارىمايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ ھالدىن ياسىننىڭ ئىچى سىقىلدى، بالىسى يەسلىگە ئاپىرىپ قويۇپ كېلىپ يولدا بىر دەم تاماكا چېكىپ تۇردى، تېخى ئىشىكى ئېچىلمىغان ساتراشخانىغا قاراپ نەچچىنى تۈكۈردى. ئاشخانىغا كىرىپ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىۋاتقان خوتۇنىغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى، گەپنى نەدىن باشلاشنى ھېچ بىلەلمىدى.
__ ماڭا ئەمدى گەپ قىلمايدىغان بولدۇڭما؟!
__…..
__ گۈلشەننى خوتۇن قىلغىنىمغا ئەمدى ئىشەنگەنسەن؟!
__…
__ ئىش ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە ئەلەكمۇللا دېگىن، ئاكاڭدىن سوراپ باقساڭ بولىدۇ، بىر ئەر كىشىگە تۆت خوتۇن ئېلىش ۋاجىپ.
__ …
__ قورسىقىڭنى كەڭرەڭ تۇتساڭ نېمە بولىدۇ دەيمەن؟! بىر ئەرگە تەگكەن كۆپ خوتۇنلارمۇ ئاچا-سىڭىلدەك ئۆتىدىكەن، سەن نېمىشقا شۇنداق بولالمايسەن دەيمەن، گۈلشەننىڭ نەرى يامان؟ ئۇ سېنى بۇرۇندىنلا ئاچام دەپ كېلىۋاتىدۇ. خالىساڭ ئۇنى خىزمىتىڭگە سالساڭ بولىدۇ، ئۆزەڭگىمۇ جاپا ئەمەس… شۇنچە دېسەم گېپىمگە پەقەت ئىشەنمىدىڭ.
__…
__ ئۇنى ئاشخانىغا ئەكەلمىسەم بۇ سودا يېنىپ كەتكۈدەك. سېنىڭ ھازىر كاللاڭ تازا جايىدا ئەمەس، كۈندە نەچچە قاچىنى چېقىۋېتىپ بارىسەن. سەن ئەمدى ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالا باق، گۈلشەن ئىشلىسۇن. ئۇ ئىشلىگەن چاغدا سودا ئالامەت بولغان، ئۇ ھازىر مېنىڭ خوتۇنۇم بولغاندىكىن، ئېرىمنى ئازدۇرۇپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرىمەيسەن. كۆپ خوتۇنلۇقنىڭ مۇشۇنداق پايدىسى بار. بىر خوتۇن ئۆي ئىشىغا، بىر خوتۇن تالانىڭ ئىشىغا قارىسا ئائىلىمىز گۈللەنسە، ھەممىمىز خۇشال ئۆتسەك، بۇنىڭ نېمىسى يامان؟! كاللاڭنى ئازراقلا ئىشلەتسەڭ، بۇنىڭ ئۆزەڭگىمۇ پايدىسى بارلىقىنى كۆرىسەن.
__ ئىككى خوتۇن سېنى باقسا-ھە! مۇشۇمۇ سېنىڭ ئەركەكلىكىڭ؟! كۆپ خوتۇن ئالالايدىغان ئەر ھەرگىز سەندەك ئەبگا بولمايدۇ، ھالىڭغا بېقىپ ئىش قىل!__ دېدى رەيھان ئاخىر غەزىپىنى باسالماي، ئۇ بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندىمۇ يەنىلا ياسىنغا قارىمىدى.
__ دېمەك سەن مېنى كۆزۈڭگە ئىلمايدىكەنسەن-دە! شۇنداق دېگىنىڭ ئۈچۈن ئەمدى ساڭا تېتىغۇدەك ئەر بولىمەن، ئۇقتۇڭمۇ!
__ مېنى قانداق ئىندەككە كەلتۈرۈپ خوتۇنلۇققا ئالغىنىڭ ئېسىڭدىدۇ؟! سەن ئەسلى مەندەك قىزغا لايىق ئەمەستىڭ، شۇنى ياخشى بىلىپ قال، ئەمدى كېلىپ كۆزۈڭگە سىغماي قالدىم، تېخى مەندىن چانغىدەك بولدۇڭ، لېكىن مېنى بۇنداق خارلايمەن دەپ خىيالىڭنى خام چاغلىما، خالىسام ھەسەلدەك، خالىسام زەھەردەك تېتىيمەن ساڭا!
__ ۋاھ، ما گەپنى، مۇشۇ گەپنى سەن دەۋاتامسەن؟ ئۆز كۆزۈمگە ھېچ ئىشەنمەي قالدىمغۇ مەن، خوتۇن خەقنىڭ ئىچىدىن ئارغامچا، توقۇناقتىن باشقا ھەممىسى چۈشىدۇ دېگىنى راستكەن-دە، ساڭا دەپ قوياي، مەن بىلەن قېرىشىپ پايدا ئالالمايسەن، ئەينى ۋاقىتتا مىجەزىڭگە قارىماي، چىرايىڭغا قاراپلا ئاپتىكەنمەن، ئەسلىدە مىجەز بەك مۇھىمكەن، مۇشۇ مىجەزىڭ بولسىلا سەن ياخشى ياشايمەن دەپ ئويلىما، خوتۇن خەق ئېرىگە قانچە بويسۇنسا شۇنچە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، بولمىسا بۇ چىرايىڭ بىر تىيىن، كوچىدىكى مايماقلارچىلىكمۇ بولالمايسەن!
ــ كۆزۈڭگە ئېشەك تېزىكى گۈل كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغاندا چوشقىلارمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. مەن سېنىڭ ئەمدى قانداق ئادەملىكىڭنى ئوبدان بىلدىم. ئۆزەڭنى تولا ئاقلىما، گەپ قىلغانچە ئەمدى مازلىشىپ قالىسەن.
ــ زۇۋانىڭ يەنە ئېچىلدىغۇ، مۇشۇنداق ئاغزى يامانلىقىڭدىن بالاغا قالىسەن، كۆزۈمگە شۇنچە سەت كۆرۈنىسەن! تىللاشسام ماز دەيسەن، ئۇرسام نامەرت دەيسەن، كىيگۈزىدىغان قالپىقىڭ تەييار، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى زۇۋانىڭنى يىغۋال.
ــ ئاغزىمنى ئاچۇرغان ئۆزەڭ! ماقۇل، مەن ئاغزىمنى يىغىۋالاي، لېكىن مەنمۇ ئىچىمدىكىنى دەۋالاي، قارىساڭ كۆزۈڭنى ئويىمەن، گەپ قىلساڭ تىلىڭنى كېسىمەن دەمتىڭ؟! مەن سېنىڭ قۇلۇڭ ئەمەس، مېنى بۇنداق خارلايدىغان بولساڭ، ئەڭ ياخشىسى خېتىمنى بەر، بالامنى ئېلىپ يۇرتقا كېتىمەن!
ــ ئۇخلاپ چۈشۈڭ! ــ دېدى ياسىن تەھدىت سېلىۋاتقاندەك كۆپۈپ چىڭقىلىپ، ــ ئېغىزىڭدىن ئەجەپ ئاسان چىقىدىكىنا بۇ گەپ، سەن بالىنى يېتىم قىلماقچىما؟ مۇشۇنداق قىلسام پەيلىدىن يانىدۇ دېمەكچىما؟ مۇنداق قىلىپ مېنى قورقىتالمايسەن، نىيىتىمدىن ياندۇرالمايسەن! يىغلىساڭ يىغلا، تىللىساڭمۇ تىللا، ئاجرىشىمەن دەپ پوپوزا قىلساڭمۇ قىل، لېكىن مېنى بويسۇندۇرىمەن دەپ خام خىيال قىلما، ساڭا باش ئەگسەم مەن ئەر ئەمەس! مەن بىلەن قارشىلىشىپ ياكى مەندىن قېچىپ ھەرگىز پايدا ئالالمايسەن، ئەگەر ھەددىڭدىن ئاشساڭ مەندىن يامانلىما، ۋاقتى كەلسە سېنى ھەرگىز ئاياپ ئولتۇرمايمەن!
ــ ئەڭ ياخشىسى مېنى چىرايلىق يولغا سېلىپ قوي…ــ دېدى رەيھان ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ، ــ مېنىڭ ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، ساڭا نەچچە يىللىق خوتۇن بولغىنىمنىڭ يۈزىنى قىل، بالىنىڭ يۈزىنى قىل، مەن كەتكەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلساڭ قىل، ئون خوتۇن ئالساڭمۇ كارىم يوق! ھازىر سەن دېگەن نوچى، پۇلى جىق بايۋەچچى، مەندەك خوتۇننى ئەمدى نېمە قىلىسەن؟ كۆزۈڭگە سەت كۆرۈنگەن خوتۇننى ئۆيۈڭدىن قوغلىۋەتسەڭلا بولىدىغۇ!
ــ كىم سېنى قوغلىۋېتىمەن دەپتۇ، گەپنى مۇشۇنداق تەتۈر تولغايسەن، ئۆزەڭنىڭكىنى راست دەيسەن، قورسىقىڭنى زادى كەڭ تۇتمايسەن! شۇڭا ئاچچىقىم غەزەپ كېلىدۇ ساڭا!
ــ خوتۇن كىشىنىڭ ئىچى ئاشۇنداق تار، گۈلشەن دېگەن پاسكىنىمۇ ئىككىمىزنىڭ بىللە ئۆتۈشىگە چىدىماي ئارىمىزنى بۇزماقچى بولۇۋاتىدىغۇ؟ نېمىشقا بۇنى ئويلىمايسەن؟!
ــ گۈلشەن ئەزەلدىن ماڭا “خوتۇنىڭىزنى قويۇۋېتىڭ” دەپ باقمىدى، ئۇنىڭ سەن بىلەن بىللە ماڭا خوتۇن بولغۇسى بار، سەن بىلەن ئاچا-سىڭىلدەك ئۆتكۈسى بار، شۇنچە دېسەم نېمىشقا ئىشەنمەيسەن؟!
رەيھان سوغۇق، مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويۇپ، يەنە غەزەپلىك، ھەسرەتلىك ھالىتىگە قايتتى:
ــ ئۇ پاسكىنىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى مەندىن سورا، ئۇ مېنى مۇشۇنداق قىلىپ ۋەيران قىلماقچى، ھەممىگە ئۆزى ئىگە بولماقچى! كىچىككىنە تۇرۇپ يامانلىقىنى كۆرمەمدىغان، ۋۇي زاكىسىدىن قېرىپ قالغان بۇزۇق!
ــ بولدى قىل، سەتلەشمە! ئېغىزىڭنى بۇزغانچە كۆزۈمگە تېخىمۇ چىرايلق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىسەن… ئېغىزىڭنى يىغىۋال.
ــ كىچىك خوتۇنۇڭ مەندىن بەك ئەدەبلىكمىكەن؟! ئۇنداق رەسۋانى تىللاش كېرەك، مەن ھېلىمۇ گەپ قىلمايۋاتىمەن، ھەر قايسىڭدىن نومۇس قىلىپ، يىغلىساممۇ ئىچىمدە يىغلاپ، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ يۈرۈۋاتىمەن.
ــ ئاخىر ئېتىراپ قىلدىڭ مانا، توغرا چۈشەنسەڭلا ھېچ ئىش يوق، قارنىڭنى كەڭ تۇتساڭ دەردىڭمۇ تۈگەيدۇ، ھەممە ئىشنى ماڭا قوي، خالىساڭ ئۇنى خىزمىتىڭگە سالاي، ئۇنى ئۇرۇپ-تىللىمىغىن، ئاشخانىدا ئىشلىسۇن، پۇتۇڭنى تۇتۇپ بېشىڭنى تاراپ قويسۇن. ئىككى خوتۇن بولسا مۇڭدىشىپ زېرىكمەيسىلەر، يالغۇز ئۆتىۋەرسەڭ مۇشۇنداق ئۆزەڭنى قىيناپ ساراڭ بولىسەن. مەن سېنى ئوبدان بىلىمەن، بۇ ئىش كاللاڭدىن ئۆتمەيدىغىنى راست، لېكىن ئوبدان ئويلىنىپ باقساڭ، بۇنىڭ پايدىسى كۆپ، ئادەم دېگەن ھەر ئىشنى كۆرۈپ باققۇلۇق، ئۆزىنى قىينىماي ياشاپ باققۇلۇق!
ــ مېنى يولغا سېلىۋېتىپ نېمە قىلساڭ قىل، مەن ئۇنداق پاسكىنا بىلەن ھەرگىز بىر ئۆيدە ياشىمايمەن، ئۇنىڭ چىرايىغا قارىساملا تۈكۈرىمەن، سېرىق چاچلىرىنى يولىمەن، ئۇ چاغدا چىدىمايسەن، ئۇنىڭغا ئۆزەڭنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ماڭا مۇشت تەڭلەيسەن، ئىككى خوتۇننىڭ ئارىسىدا قېلىپ قىينالغىچە تايىنلىق بىرىنىلا خوتۇن قىل، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مېنى كەتكىلى قوي!
ــ ئىچىڭ نېمانچە تار، نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق ئۆتەلمەيسەن، ئۇ سېنىڭ نەرىڭگە تاقىشىدۇ، كېلىپ سېنى ھۆرمەتلەپ، قولۇڭغا قول، پۇتۇڭغا پۇت بولسا نېمە يامىنى!
ــ ماڭا ئۇنداق مالاي خوتۇننىڭ كېرىكى يوق، ئۆزەمنىڭمۇ ساڭا مالاي بولغۇم يوق، سەن مېنى ئويلىمىساڭمۇ ما بالاڭنى ئويلا، ئۇ پاسكىنا كەلسە بالا قانداق قىلىدۇ، ئاپام دەمدۇ ئاچام دەمدۇ؟! ئەگەر ئۇنىڭ قورسىقىغا ئۈندۈرۈپ قويساڭ، ئۇنى كىم باقىدۇ؟ ما بالاڭنى كىم باقىدۇ؟ نەچچە يىل بىر ئۆيدە ياشىغان خوتۇن-بالاڭنى ئوڭلاپ باقالمايسەن، ئۇ مەينەتلەرنى قانداق باقىسەن؟ سەن شۇنچىلىك كاتتا بايمۇ؟ قاراپ باقە، ما ئاشخاناڭغا، تاقىلىپ قالايلا دەۋاتىدۇ. ئۆمەر تېخى تۈرمىدە، شۇنچە ئىشلار قاراپ تۇرسا سەن يەنە شۇ پاسكىنىنىڭ غېمىدە! خوتۇنغا تويمىغان شۇ نەپسىڭ ئۈچۈن مېنى خارلاۋاتىسەن، بالاڭنى خارلاۋاتىسەن، مۇشۇمۇ سېنىڭ نوچىلىقىڭ؟!
ياسىننىڭ تېخى پۈتۈنلەي قارىيىپ كەتمىگەن كۆڭلى، كۆز چاناقلىرىدا قالغان بىر تامچە ياشتەك كىچىككىنە ۋىجدانى بۇ قاتتىق گەپلەردىن سىلكىندى، ئىزا، نومۇستىن پۇچۇلاندى، ئەمما جاھىللىققا پېتىپ كەتكەن ئەركەكلىك غۇرۇرى، ئاچچىق ئەلەمگە توشۇپ كەتكەن نەپسانىيىتى ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا يامان تەرەپتىن مەدەت بېرىپ تۇراتتى، ئۆزىنى جان-جەھلى بىلەن ئاقلايتتى، تەن بەرمەيتتى. ئويلايتتى: نەچچە خوتۇن ئالغان ئەركەكلەرمۇ خوتۇنلىرىنى تەڭ رازى قىلىدىكەنغۇ!؟ تۇغۇلغان بالىلىرىنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ باقىدىكەنغۇ؟! كۆپ خوتۇن، كۆپ بالا دېگەن بەرىكەت دەپ بىلىدىكەنغۇ؟ ئۇ ئاشنىسىغا دۈم چۈشۈپ خوتۇنىدىن يۈز ئۆرۈمىدى، ئەمدى بۇزۇقچىلىق قىلماي دەپ ئاشنىسىنى نىكاھلىق خوتۇن قىلدى، يەنە مۇشۇ خوتۇن-بالىسىنىڭ غېمىنى قىلىپ گۈلشەننى ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە سالاي، ئائىلىنى ھەم ئاشخانىنى گۈللەندۈرەي دېدى، بۇنىڭ نېمىسى يامان؟ بۇ خوتۇننىڭ ئاقماس غۇرۇرى مۇشۇ ئىشلاردىنمۇ مۇھىمما؟ ئۇ ئەگەر ئېرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە نېمىشقا ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەيدۇ، نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىدۇ؟ نېمىشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ؟...
ــ سەن بۇنداق تەتۈرلۈك قىلما، ئېرىڭگە ھاقارەت قىلما،ــ دېدى ياسىن ئۆزىنى زورلاپ بېسىۋېلىپ، ــ ھازىر مەن ساڭا ئەمەس، سەن ماڭا نوچىلىق قىلىۋاتىسەن، ئاۋۋال ئۆينىڭ ئىشىنى بىر مۇقىمدىۋالاي، ئاندىن ئاشخانىنى ماڭدۇرىمەن، پۇل تاپىمەن، پۇل بولمىسا ئۆمەرنى قانداق ئاچىقىمەن؟!
ــ ئۆينى ۋەيران قىلدىڭ، ئەگەر تۈزەيمەن دېسەڭ ئا پاسكىنىنى نېرى يوقات، باشقىدىن ئەر-خوتۇن بولىمىز، ياشىغاندىكىن تۈزۈك ياشايمىز. ئەگەر نىيىتىڭدىن يانمىساڭ مەن ساڭا ھەرگىز خوتۇن بولمايمەن، بۇ يەردىمۇ تۇرمايمەن. ھازىر ھاشىم بىلەن ساۋۇتمۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۇقۇپ بولدى، چوقۇم بۇ يەردىن كېتىمىزكەن دەپ يۈرۈيدۇ. سەن بۇنداق يۈرىۋېرىدىغان بولساڭ ئاشخاناڭدىن ئەمەس، خوتۇن-بالاڭدىنمۇ قۇرۇق قالىسەن.
ـــ پاھ، ما گەپنى قالتىس دەۋەتتىڭغۇ! سەن شۇنداق بولۇشىنى تىلەيدىغان ئوخشىمامسەن؟! نىيىتىڭ نېمانداق يامان خوتۇن سېنىڭ! خوتۇن دېگەن ئېرى بىلەن تەڭ كۆيۈنۈپ ئۆينى ئۆي قىلمامدۇ !؟ بارغانچە ئوساللىشىپ كېتىۋاتىسەن، خوتۇن بولار سېنىڭدەك تەتۈر بولماس. شۇڭا مېنىڭ سەندىن رايىم يېنىپ كەتكىنى بىكار ئەمەس، چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق دېگەننى ئاڭلىغانمۇ؟ ئويلاپ باقسام، سېنىڭ مېنى كۆيدۈرىدىغان ھېچنېمەڭ قالماپتۇ ! بولمىسا بۇنداق سەت كۆرۈنۈپ كەتمەستىڭ! شۇنداقتىمۇ سېنى يەنە ئۆزگىرىپ قالار، بۇرۇنقىدەك ياخشى بولار دەپ يۈرۈۋاتىمەن. نەچچە يىللىق ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ مېنى ئويلىساڭ، ماڭا بىر پۇرسەت بەرسەڭ نېمە بولىدۇ؟
ــ ئەمدى ئۈمىد كۈتمە، سەن مېنى ئويلاپ قويمىغاندىكىن، مەن سېنى نېمىشقا ئويلايتتىم؟ كۆزۈڭگە سەت كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسام ئاشۇ پاسكىنا چىرايلىقنى خوتۇن قىلساڭلا بولمىدىمۇ؟…
ياسىننىڭ سەۋر قاچىسى تاشتى، چىرايى تۆمۈردەك قارىداپ سەتلەشتى:
ــ بولدى، بولدى، ئەمدى ساڭا گەپ قىلغان ئادەم ساراڭ، مەن قىلىدىغىنىمنى قىلىۋېرىمەن. خالىسام سېنى خوتون قىلىمەن، خالىمىسام كەشىڭنى توغرىلايمەن، لېكىن ھازىر ئەمەس! ھېچنەگە بارماي بالىنى باقىسەن، ئاشخانىدا ئىشلەپ پۇل تاپىسەن، ئۆمەرنى ئۆزەڭ ئېلىپ كەلگەن، ئۆزەڭ پۇل بېرىپ يامان ئۆگەتكەن، ئەمدى ئۆزەڭ ئەچىقىسەن، ئۆمەرنى ئەچىقىپ نەگە يوقالساڭ يوقال. لېكىن ئاڭغىچە چېچىڭ ئاقىرىپ كەتكىچە مەشەدە ئىشلەيسەن. ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىغا ئۆزى جاۋابكار، ئۇقتۇڭمۇ؟! بۇنىڭغىمۇ ياق دەپ باقە قېنى!
ــ سېنىڭ قولۇڭدىن كېلىدىغان نامەرتلىك مۇشۇ بولسا، پىشانەمگە پۈتۈلگىنىنى كۆرەي…ــ دېدى رەيھان كۆزىگە ئاچچىق ياش ئېلىپ، ــ ھەممە بالانى ماڭا ئىتتىرىپ قويۇپ ئۆزەڭ نومۇس قىلماي بۇزۇقچىلىق قىلساڭ، خۇدايىم بىر كۈنى جاجاڭنى بېرەر…
ــ ماڭا ئازراق يامانلىق تىلە، شۇم خوتۇن! ــ دېدى ياسىن تالاغا ماڭغاچ سەت ئالىيىپ، ــ ياخشىلىق ياراشمىغان ئادەمگە يامانلىق يارىشىدىغان ئوخشايدۇ، ئۆزەڭگە ئۆزەڭ قىلدىڭ، مەندىن يامانلىما!
ياسىن چىقىپ كېتىشىگە رەيھان ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۈنسىز يىغلاشقا باشلىدى، ئۆز ھالىغا ئېچىنىشتىن كۆرە، بالىسىنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغلىدى. بالىسىنى ئېلىپ يۇرتقا كېتەي دېسە پۇلى يوق، مەرھۇم ئانىسى ئۇنىڭغا “پۇل دېگەننى ئەر كىشى تۇتىدۇ، خوتۇن كىشى ساقلاپ بېرىدۇ، ئەردىن بىسوراق پۇل ئېلىپ خەجلىسەڭ بولمايدۇ” دەپ ئۆگەتكەچكە، ئېرىنىڭ پۇلىغا كۆز قىرىنى سالمىغان. ئەمما بۇ ناكەس خوتۇنىنىڭ ساقلاپ بەرگەن پۇللىرىنى خوتۇنىغا خىيانەت قىلىشقا ئىشلەتتى، ئەمدى كېلىپ خوتۇنىنى پۇلدىن قىسىپ مىدىرلىغىلى قويمىدى. بۇ ئاشخانىدا ئەمدى سودا بولمايدۇ، ئۆي بۇزۇلۇۋاتسا ئوقەت ئاقامدۇ؟ ياكى رەيھان ھەممىگە چىداپ بۇ ئائىلىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەكمۇ؟ غۇرۇرىدىن رەھىمسىزلەرچە كېچىپ مۇشۇ تۇرمۇشتا ياشاۋېرىشى كېرەكمۇ؟ بالىسى ئوقۇۋاتىدۇ، خەنزۇچىدىن ئەمدى تىلى چىقىۋاتىدۇ، مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن بۇ بالىنى ياخشى ئوقۇتۇش ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئارزۇسى… لېكىن ياسىن ئەمدى پۇل تاپالامدۇ؟ يەسلى پۇلىنى تۆلىيەلەمدۇ؟ قايسى ھالىغا ئىككى خوتۇنى ۋە بالىسىنى باقىدۇ؟ گۈلشەن راستىنلا ئۇنىڭ نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنىمۇ؟ بۇ قانداق نىكاھ؟ توينى نەدە قىلدى؟ بۇ ئىشتىن ئاۋۋال رەيھاندىن رازىلىق ئېلىشى ھېچ بولمىسا دەپ قويۇشى كېرەكقۇ؟ بۇنداق ئوغرىلىقچە قىلىۋالغان نىكاھ نىكاھ بولامدۇ؟ گۈلشەن دېگەن مەينەت تام تۈشۈكىدىن تۇغۇلۇپتىكەنمۇ؟ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەملەر؟ ئەر كىشى دېگەن شۇ دەرىجىدە دۆتلىشىپ، رەزگىلىشىپ كەتكەن بارمۇ؟ سۈرۈشتۈرمەيمۇ خوتۇن ئالامدۇ؟ نېمىشقا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايدۇ؟ ئەگەر ئۇ پاسكىنىنىڭ بويىدا قالسا قانداق قىلىدۇ؟! ئۆزىنىڭ بالىسىمۇ يا غېنى شاڭجاڭنىڭ بالىسىمۇ، كىم بىلىدۇ؟!…
رەيھان خارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە كۆڭلى قاتتىق بۇزۇلۇپ، ئۆيىدىكىلىرىنى ئويلىدى؛ مەرھۇم ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەممە دەردىنى تۆكۈپ بېرىدىغان، سىردىشىدىغان ئادىمى قالمىدى، دادىسى بولسا ئىش-ئوقىتىنىڭ تايىنى يوق، قىزىنى تالالىق قىلغاندىن كېيىن ئۇنى ئېرىگە تاشلاپ بەرگەن يۇۋاش ئادەم، قەدىناسى ۋاپات بولغاندىن ھالى تېخىمۇ خاراپ، ئوغۇللىرى بەك بېقىپ كەتسە كېلىنلىرى مۇنداقراق قارايدۇ. قارىم ئاكىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ياخشى ئەمەس، ھاشارغا چىقمىغان بىلەن ئون بەش كۈندە بىر يىغىنغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت بىلەن جامائەت ئارىسىدا قاتراپ ھېرىپ كېتىدۇ. رەيھان ئۇنىڭغا دەردىنى ئېيتقان بىلەن ئۇ ياسىنغا يان بېسىپ، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇۋالغانلىقىنى توغرا دەپ تۇرۇۋالسىچۇ؟ ئەينى چاغدا ئاكىسى ئۇنىڭغا ناھايىتى تەقۋا بىر بالىنى سايە قىلغاندا رەيھان ئۇنىمىغان، چۈنكى ئۇ چاغدا ياسىن دېگەن بۇ نائەھلى بىچارە رەيھاننىڭ كاللىسىنى قايدۇرۇپ بولغان. رەيھان ئۇنىڭ شەمشادتەك قامەتلىرىگە، ناۋاتتەك گەپلىرىگە ئېرىپ ئۇنىڭغا تېگىشكە قارار قىلىپ بولغان. مانا ئەمدى ئىشتىن چاتاق چىققاندا ئاكىسىغا نېمە دېيەلەيدۇ؟! ئۇنىڭدىن قانداق ياردەم سورىيالايدۇ؟ پىخسىق يەڭگىلىرىدىنغۇ زادى ئۈمىد يوق. ياسىننىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە ئەھۋالنى دېيىش ياكى ئۇلاردىن ياردەم سوراش مۇمكىن ئەمەس. ھازىر تېخى ئۇلار ئۆمەرنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئەگەر بىلسە رەيھاننى ئۆمەرنىڭ بېشىغا چىققان دەپ قاراپ، توقۇناقنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئارتىدۇ…
رەيھان بۇلارنى ئويلاپ قاتمۇ قات ئىسكەنجە، چارىسىزلىك ئىچىدە ھەسرەتلىنىپ ياتتى، يۇرتىدا راھەت كۆرۈپ تۇرالىغان بولسا كۇلىدا جاپا چېكىپ نېمە قىلاتتى؟ ئۇرۇغ-تۇغقان دېگەننىڭ ھەممىسى ئۆز ھەلەكچىلىكى، ئۆز دەردى بىلەن؛ كۇلىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدۇ، سوغا-سالام ئېلىپ بارسا خوش بولۇپ ئالىدۇ، كېتىدىغاندا ئۇزىتىپ قالىدۇ. كۇلىغا چىققانلارنى پۇلنى جىق-جىق تېپىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئەسكى تاملىقتا ئۆي تۇتقاندەك بىر كۈنمۇ ئارامخۇدا ياشىيالمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۆي خەتەرلىك، تۆت بۇلۇڭدا ئەنسىزلىك… رەيھان مانا شۇ تاپتا بۇ ئۆيدە “سەككىز بال يەر تەۋرەتقانلىقىنى” تۇيۇپ، يۈرەكلىرى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالاي دەۋاتىدۇ، “بالام، بالام” دەپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. بالىسى ئەمدى يەسلىدە ئوقۇپ بولدى، رەيھاننىڭمۇ بۇ يەرگە تارتىشقۇدەك ھېچنېمىسى قالمىدى. ياق، تېخى ئۆمەر بار، ئۆمەر تۈرمىدىن چىقمىغىچە بۇ كۈنلەر سىقىلىش ئىچىدە ئۆتىدۇ. ياسىن چوپچوڭ تۇرۇپ ئەقلىدىن ئېزىپ خوتۇنىغا ئەسكىلىك قىلسا گەپ يوق، يايراپ يۈرىدۇ؛ ئەمما ئۆمەر كىچىك تۇرۇپ، ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ئېزىپ، قارىغا كەتسە تۈرمىدە يىغلاپ ياتىدۇ… بۇ نېمىدېگەن تەڭسىزلىك؟! ئەسلىدە ئۆمەرنىڭ ئورنىدا ياسىن يېتىشى كېرەك ئىدى…
رەيھان بۇ خىيالىدىن ھەيران قالدى، ئېرىگە شۇملۇق تىلىگىدەك دەرىجىدە ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟ توي قىلغاندىن بېرى رەيھاننى سۆيۈندۈرۈپ كەلگەن بۇ ئەر نېمىشقا ئات خۇددى ئېشەككە ئايلىنىپ قالغاندەك كەينىگە يېنىپ كېتىدۇ؟ ئەجىبا رەيھان چىرايىدىن كەتتىمۇ، ئېرىنى بۇرۇنقىدەك رازى قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىمۇ؟! ئۇ چىرايىدىن كەتكەن بولسا ئەمىسە غېنى شاڭجاڭنىڭ كۆزلىرى نېمىشقا بۆلەكچە چاقناپ، بۇغدىيەكلىرى لىپىلداپ كېتىدۇ؟ … گۈلشەن دېگەن پاسكىنىنىڭ زادى نەرى ياسىننى شۇنچە باغلىۋالغاندۇ؟! كۈندە يۇيۇنۇپ ئەتىر چېچىپ، چاچلىرىنى مايلاپ تۇرامدىغاندۇ؟ تۇتقان ئۆيلىرى زادى قانداقراق ئۆيدۇ؟ چوقۇم بۇ ئۆيدىن ئېسىل، پەردىلىرى بۇ ئۆيدىن چىرايلىق… بەلكىم يۇيۇنىدىغان مۇنچىسى تەييار. ياسىن ئەزەلدىن شۇنداق ئالىي تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئويلايتتى. لېكىن ئۇ ئۆزىلا شۇنداق شارائىتقا ئېرىشىپ قالماي نەچچە يىللىق جاپاكەش خوتۇنىنىمۇ ئېرىشتۈرۈشى كېرەك ئىدىغۇ؟!… ئۇ ياسىنغا ئەگىشىپ كۇلىغا چىققاندىن بېرى نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدى؟ زىخقا گۆش ئۆتكۈزۈپ بولالماي قوللىرى قانداق قاپارمىدى؟ ھەتتا بالىسى بويىدا بار ۋاقتىدىمۇ تەستە دوڭغىيىپ ئولتۇرۇپ گۆش چاناپ، ماڭلاي تەرىنى سۈرتۈپ كۈن-كۈنلەپ مۇشەققەتتە ئىشلىىمىدىمۇ؟ ياسىن كاۋاپ سېتىپ خۇشال يېنىپ كەلسە ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ سۆيمىدىمۇ؟ بازار باشقۇرۇشنىڭ ئادەملىرى تۇيۇقسىز كېلىپ كاۋابدانلىرىنى تارتىۋېلىپ جەرىمانە قويسا قاپاقلىرى ساڭگىلاپ يېنىپ كەلگەن شۇ ئېرىگە تەسەللىي بېرىپ ئۈمىد بېغىشلىمىدىمۇ؟ بېيجىڭنىڭ سوغۇق شاماللىق قىش كېچىلىرى كۆمۈرخانىدا ئېرىنى ئىسسىتىپ ئۇنىڭغا راھەت بەخش ئەتمىدىمۇ؟… بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن بىللە تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىچۇ تېخى، ياسىن بۇلارنى قانداق قىلىپ بۇنچە تېز ئۇنتۇپ قالدى؟ نېمىشقا ئوغلىنى كۈندە ئاپىرىپ-ئەكىلىش جەريانىدا بولسىمۇ شۇلارنى ئويلاپ پەيلىدىن يانمايدۇ؟ نېمىشقا ئوغلىنىڭ سەبىي كۆزلىرىگە قاراپ، پاكلىق-گۈزەللىكنىڭ قەدرىنى ھېس قىلمايدۇ؟…
رەيھان بۇنىڭ جاۋابىنى تاپتى: ئۇ ئاشۇ ئاشۇ “جىن”نىڭ چاچلىرىغا ئىلىنىپ قالغان؛ ئاشۇ “جىن”نىڭ قوينىدا ئادەم ئەمەس، ھايۋانغا ئايلانغان؛ ئاشۇ “جىن”نىڭ كۇسىرىنى كۆزىگە كىيۋالغاچقا، شۇ مەينەتنىڭ ئەۋرىتىدىن باشقا ھېچنېمە كۆزىگە كۆرۈنمەس بولۇپ قالغان!…
كۈنلەر ئۆتۈۋەردى، ياسىن خوتۇنىغا ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنىنى كۆرسىتىپ نوچىلىق بىلەن ياشاۋەردى، غېنى شاڭجاڭنىڭ ھارىقىنى پات-پات ئىچىۋەردى. رەيھان گويا ئىچىدىكى قورساق كۆپۈكى زەھەرلىك گازغا ئايلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىغا تاراپ كەتكەندەك شۇنچە ھالسىز، دەرمانسىز، ھېسسىياتسىز ئىدى، مۇزدەك گۈزەللىكى ئۇنىڭغا بىر قارىغان ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى، ئازاب، ھەسرەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەكچى بولغانلار ئۇنىڭ چېھرىگە قارىسىلا ئەينەن كۆرەلەيتتى.
ئاشخانىدا كۈنىگە ئاران نەچچە يۈز كويلۇق سودا بولاتتى، بۇنداق كېتىۋەرسە ئاشخانىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى قامداش تەسكە چۈشەتتى. پۇلى بولمىسا ئاشنىسىنىمۇ ئوڭلاپ باقالمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان ياسىن بۇنىڭغا ئامال قىلالمىدى، خېرىدالارنى بوينىدىن سۆرەپ ئەكىرگىلى بولمايتتى. ئۇ گۈلشەن بار ۋاقتىدا سودىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئويلاپ، گۈلشەننى ئەكىلىۋالساملا ھەممە ئىش ئوڭشىلىدۇ دەپ يۈرەتتى، ئەمما رەيھاننى بۇنىڭغا كۆندۈرۈپ بولالمىدى، يا ئۇنىڭ خېتىنى بېرىپ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرالمىدى، بۇنداق قىلسا بالىسىدىنمۇ ئايرىلاتتى، بالىسىنى رەيھاندىن زورلاپ ئېلىۋالسا ئۇنى مىڭ جاپادا باقمىسا بولمايتتى، گۈلشەنگە ھەم تۇتقۇزۇپ قويالمايتتى. رەيھاننى ئۇرۇپ بويسۇندۇراي دېسە بۇنچە ۋەھشىلىشىپ كېتىشكە كۆڭلى ئۇنىمايتتى، ھەم غېنى شاڭجاڭنىڭ ئەيبلىشىدىن قورقاتتى. شۇڭا ئۇ كاللىسىنى “ساراڭ” قىلىشنى خالىماي، پەيت كۈتۈپ تۇرىۋەردى؛ بۇنىڭ قانداق پەيت ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمايتتى، بەلكىم رەيھان ئۆزگىرىپ، پەيلىدىن يېنىپ قالار دەپ ئويلىغاندۇ… ئاقىۋەتتە ئۇ رەيھاننى ئاسقۇغا ئېسىپ قويدى، پۇراپ قالغان گۆشتەك تاشلاپ قويدى. يېڭى خوتۇنىنىڭ ھۇزۇرى ۋە كەيپ-ساپانى قولدىن بەرمەي ئىچىپ-چېكىپ يۈرىۋەردى.
كېيىنكى ئايدا ياسىنغا ئوغلىنىڭ يەسلى پۇلىنى تۆلەشىمۇ ئېغىر كەلدى، ئوغلى چوڭ بولسا، بىلىملىك بولسا ئۆزىدەك كاۋابچى بولماي، ئالىم بولاتتى. بۇنىڭغا ئىلگىرى ئىشەنگەن ياسىن ئەمدى ئانچە ئىشەنمەس بولدى، بۇرۇنقىسى كاللىسى ساق ئىدى، ئەمدى نېمە بولدى؟! شەھۋەتتىن قايدى، بىر قۇرت قۇلىقىدىن تېشىپ مېڭىسىگە كىرىپ كەتسىمۇ ئۇ قۇرت زەھەرلىنىپ ئۆلگۈدەك دەرىجىدە كاللىسى بۇزۇلدى. بۇنداق كاللىدا ساغلام پىكىر، يۈكسەك پىلان نېمە ئىش قىلسۇن؟! شۇنداق قىلىپ ئۇ بالىسىنى يەسلىدىن چىقىرىۋېلىپ رەيھانغا تاشلاپ بەردى. ئاشخانىنىڭ سودىسى ئالدىراش بولمىغاچقا، بالىسىنى بېقىش رەيھانغا تەس كەلمىدى، ئەمما بالىسىغا ھەر بىر قارىسا ئۇنىڭ ئەبلەخ دادىسىنى ئويلاپ ئىچى غەزەپتىن ئۆرتىنەتتى. بۇ ئۇكىسىغا ئامراق ئۆمەرنى ئويلىسا، ئۇنى بەك ئۇزۇن يېتىپ كېتەرمۇ؟… دەپ تولا غەم قىلاتتى. ئۇ غېنى شاڭجاڭنىڭ ھېلىقى چاغدا دېگەن گەپلىرىنى ئۇنتۇمايتتى، ئەمما تېلېفون ئۇرۇپ ياردەم سوراشنى ئويلىسا ۋۇجۇدى قارا باسقاندەك ئېغىرلىشىپ كېتەتتى. بۇ گەپنى ئەسلىدە ياسىن دېيىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۆتكەنكى پاراڭدا غېنى شاڭجاڭ ياسىننىڭ ئىلتىجاسىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئەمما رەيھان ئۇ گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ بولغىچە كۆزلىرى ئويناپ، ئۆزىنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى پۇراتقانىدى. دېمەك، غېنى شاڭجاڭنىڭ پۇلدىن تەمەيى يوق، خوتۇندىن تاماسى بار. بۇنداق ئادەم بىرەر نىيەتنى كۆزلىمىسە بىر كىمگە ئالدىراپ ياردەم قىلمايدۇ؛ ئۇنى دېمىگەندىمۇ، سودا قىلىدىغان ئادەم ھەرگىز زىيان تارتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ…
رەيھان بىر ھەپتە ئويلاندى، ھەر كۈنى ئويلاندى، ياسىننىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ۋە ئۇچرىغان خورلۇقلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئويلاندى. ئۆمەرنىڭ ھەر كۈنى تۇزلۇق مومىنى يەپ، قاماقخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا سىيىپ، ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىنى پۇراپ، تامغا ئۈسۈپ يىغلاپ يۈرگەنلىرىنى خىيال قىلسا غېنى شاڭجاڭغا دەرھال تېلېفون قىلىپ، ھەممە دەردىنى تۆكۈپ، قانداقلا قىلسا شۇ ئۆمەرنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنى ئويلايتتى. ئەمما غېنى شاڭجاڭنىڭ تەمەخور كۆزلىرىنى ئېسىگە ئالسا، ۋۇجۇدى شامال سوققان ياپراقتەك تىترەپ، پىكىرلىرى چىگىشلىشىپ كېتەتتى… بۇ بىر ھەپتىلىك زىددىيەتلىك خىيال داۋامىدا غېنى شاڭجاڭ بىلەن ياسىن تەكرار-تەكرار ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ ھالىنى قويمىدى. ياسىن ھەر ۋاقىت نەپرەتلىك بىر سايە بولۇپ رەيھاننىڭ پىشانىسىنى قارايتىپ تۇراتتى؛ رەيھان ئۇنى ھەر قېتىم ئويلىغاندا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بىر غەزەبلىنەتتى، ئاھ ئۇراتتى. غېنى شاڭجاڭ ھېچ ۋاقىتتا بىكارغا ئىش قىلمايدىغان قاقۋاش سودىگەرنىڭ سىياقىدا رەيھانغا كۆز تىكىپ تۇراتتى. ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ نىيەتلىرىنى بىلەمدىغاندۇ؟ ئۆزى ئەتىۋارلاپ ئالغان چىرايلىق خوتۇنىنى شۇ قېرى ئاغىنىسىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ئاپىرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەمدىغاندۇ؟ … رەيھان ھەر كېچىسى ياستۇققا يالغۇز باش قويغاندا ئاچچىق ياش تۆكەتتى، ياسىنغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى چېكىگە يېتەتتى: “ ئاۋۋال ھارىقىنى ئىچتىڭ، ئاندىن گېپىنى ئاڭلىدىڭ، ئاندىن خوتۇنۇڭنى خارلىدىڭ، ئاندىن ئۆلۈك قوينىڭ گۆشىدەك تاشلىدىڭ…ھەممە يامانلىقنى ئۆزەڭ باشلىدىڭ، قاراپ تۇر، خىيانەت دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن، خىيانەتنىڭ زەھەردىن ئاچچىق تەمىنى ئۆزەڭگە تېتىتىمەن… ”.
ئەمما ئۇ ئەتىسى ئويغانغاندا كېچىدىن سۈرگەن دەھشەتلىك خىياللىرىنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈشتەك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلاتتى، ئۆزىنىڭ ھەرگىز ئېرىگە خىيانەت قىلالمايدىغانلىقىنى، ئېرىدىن قورقمىسىمۇ خۇدادىن قورقىدىغانلىقىنى ئويلايتتى… بۇ تۇيغۇ ۋە خىيال داۋالغۇشلىرى ئۇنىڭ روھىدا دېڭىز دولقۇنلىرىدەك مەۋج ئۇراتتى، ئۇ بۇ دولقۇندا ئاجىز بېلىقتەك جان تالىشاتتى…
ھەپتىگە سوزۇلغان روھى كۈرەش ئۇنى قاتتىق ھالسىراتتى، بۇ كۈنلەردە ياسىن ئۇنىڭغا چىرايىنى ئېچىپ، چىرايلىق گەپتىن بىرنى قىلغان بولسىمۇ رەيھاننىڭ تىنىمسىز روھىي كۈرەشلىرى توختىغان، كۆڭلى تىنچلىنىپ قالغان بولاتتى. ئۇنداق بولمىدى، ياسىن بالىسىنى ئەركىلىتىپ قويغان بىلەن رەيھانغا يەنىلا گەپ قىلمىدى. رەيھانمۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان ئىسيانكارلىقنى ئۇنىڭ سېزىپ قېلىشىدىن قورققاندەك، چىش يېرىپ بىر نەرسە دېمىدى. ياسىن ئۇنى مۇشۇنداق تاشلىۋېتىش ئارقىلىق قىينايمەن، باش ئەگدۈرىمەن دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك، رەيھاننىڭ ھەر كۈنلۈك روھىي ھالىتىدىن، ئۆزى بىلگەنچە سۈرۈۋاتقان خىياللىرى ۋە پىلانلىرىدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلىدە ئېرىنى نەپرەت بىلەن قەدەممۇ قەدەم قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ “مۇھىم” بولغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، گۈزەل ئايالنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان بىر ئادەمنى قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.
ھەپتە ئاخىرىدا ياسىن غەللىنى يىغىشتۇرۇپ، خوتۇن-بالىسىنى تاشلاپ قويۇپ يەنە تالاغا ماڭدى، كۆزى تالاغىلا قاراپ قالغان ئەرنى كىم قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ؟ ئۇنىڭغا تەسىر قىلغۇدەك بىر گەپ… ياق، گەپمۇ ئاقمايدۇ. دەيدىغاننىڭ ھەممىنى دېيىشىپ بولدى، يەنە دېسە يەنە شۇ! قولىدىن تارتىپ يۈزىگە بىر شاپىلاق سېلىش، ياق، رەيھان ھەرگىز بۇنداق قىلالمايدۇ! ئۇنىڭغا تەسىر قىلغۇدەك، ئىچىدىن قان كەتكۈدەك، زەھەر يۇتقان كەبى تولغانغۇدەك بىر ئىش قىلىش… رەيھان مۇشۇنى ئەڭ توغرا تاپتى، غەزەپ كەلگەندە شەيتان ساماغا چۈشىدۇ… رەيھان ئەمدى شادىيانە ئۇسسۇل ئوينايدۇ….
رەيھان ياسىن بىلەن غېنى شاڭجاڭ ئۇچرىشىپ ھاراق ئىچىپ بولغىچە غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون ئۇرۇش قارارىغا كېلىپ، تېلېفونىغا كىرگۈزۈۋالغان نومۇرغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كەسكىنلىك بىلەن ئۇنى باستى، بىر سايراشتىلا تېلېفون ئېلىندى، غېنى شاڭجاڭنىڭ ھاياجانلىق ئاۋازى يېتىپ كەلدى:
ــ ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ سىڭلىم…
رەيھان بۇ يېقىملىق چاقىرىشنى ئاڭلاپ يۈرىكى سەل جايىغا چۈشتى، ئەمما دەيدىغان گېپىنى دەمال تاپالماي سەل ھودۇقتى:
ــ ھە… ياخشى. ئۆزىڭىزىچۇ؟ خوتۇن-بالىلىرىڭىز تىنچلىقتۇ…
ــ نەدىكى خوتۇن باللىنى دەيسىز، خوتۇن تېخى ئۈرۈمچىدىن كەلمىدى، ئوينايدىغان ئويۇنلىرىنى ئويناپ بولالمىغان چېغى.
ــ مەن شۇ ئۆمەرنىڭ ئىشىنى دەپ تېلېفون قىلغانتىم…،ــ دېدى رەيھان گەپنى سوزىۋېتىدىغان بۇ ئادەم بىلەن ئۇزاق گەپلىشىشنى خالىماي ــ ئۆتكەندە ياردەم قىلالايمەن دەپتىڭىز، بولسا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز…
ــ ئۇنىڭغا ئاز دېگەندە ئوتتۇز مىڭ كوي بولمىسا بولمايدۇ،ــ دېدى غېنى شاڭجاڭ پارىخورلارنىڭ پىرىدەك، ــ ئون بەش مىڭىنى ساقچىغا بەرسەك، ئون مىڭىنى ساتراش قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بېرىپ ئەرز قىلدۇرمىساق، بەش مىڭىنى دۇكان ئاچقان تەتەيگە بەرسەك ئاندىن بۇ ئىشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
ــ ۋاي بۇنچە پۇلنى نەدىن تاپارمىز ئەمدى؟! ــ دېدى رەيھان ئەلەم بىلەن ۋايساپ، ــ نېمانداق تويماس خەقلەردۇر بۇ!
ــ ياسىنغا دەڭ، پۇلنىڭ جايىنى قىلسۇن.
ــ ئۇ بۇنداق قىلالىغان بولسا مەن سىزگە تېلېفون قىلمايتتىم. ئۇ يېنىمىزدا بارىنى ئاشنىسىغا خەجلەپ تۈگەتتى. ئاشخانىدا ھازىر تۈزۈك سودا يوق، ياسىننىڭ ھېچنېمە بىلەن كارى يوق، ئۇ بۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا ئاشخانا تاقىلىپ قالىدۇ…
ــ قانداق مەسئۇلىيەتسىز نېمە ئۇ! ئوينىسىمۇ ئويناپ ئاشخانىسنى تۈزۈك ماڭدۇرسا بولمامدۇ؟ ئىككى خوتۇن ئالدىم دەپ سىزنى تاشلاپ قويسا قانداق بولىدۇ؟ ئەمدى كەلسە قاتتىقراق گەپ قىلمىسام…
ــ ئۇنىڭغا گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، ئۆزىنى بىلەر، ئۆزىنى بىلمىسە بېشىنى يېگەندە بىلەر.
ــ ئىككىڭلار يەنە ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارما؟ مەن ئۆتكەندە كەلگەندە ئازراق تەربىيە قىلغان، خوتۇنۇڭنى ئۇرما، ھايۋاننى ئۇرساڭ بولىدۇ، ئادەمنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، خوتۇننى ئۇرۇش ئۆتۈپ كەتكەن نامەرتلىك، بۇنداق نامەرتلىك قىلىدىغان بولساڭ، ئىككىنچى مېنى ئىزدىمە… دېگەن. ماقۇل دەپ كەتكەن، يەنە ئوساللىق قىلىپتۇ-دە، ۋاي ئادەم بولمايدىغان گۇي!
ــ ئۇ ھازىر كېچىلەپ ئۆيگە قايتمايدۇ…ــ دېدى رەيھان ئىختىيارسىز دەردىنى تۆكۈپ، ــ ھازىر ئۇنىڭغا شۇ ئاشنىسىلا بولسا بولدى، سىز ئېلىپ بەرگەن خوتۇن ئۇنىڭغا بەك يارىشىپ كەتتى، لېكىن سىزدىن ئاغرىنمايمەن، كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەم ئىش دېگەننى ئويلاپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەقلىنى ئېشەك غاجاپ كەتتى، بالىنىمۇ يەسلىدىن چىقىرىپ ماڭا تاشلاپ بەردى. ئاجرىشىمەن دېسەم تېخى ئۇنىمايدۇ، يۇرتقا كېتەي دېسەم يا پۇل بەرمەيدۇ، گۈلشەننى ئاشخانا قويۇپ قويىمەن، سەن بىلەن تەڭ خوتۇن قىلىمەن دەيدۇ، دەپ بېقىڭە، ئادەمنى قاراپ تۇرۇپ مۇشۇنداق خورلىسا بولامدۇ؟! بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ماختىنىپ تۇرۇپ دېگەندۇ؟
ـــ ياق…بۇنى ئۇقماپتىمەن، ماڭا شۇ گۈلشەننى ئاپىرىپ ئىشلەتسەم بولاتتى، خوتۇن كۈنلەپ ئۇنىمايۋاتىدۇ.. دېگەن گەپنى قىلدى. سىزگە بۇنچىلىك ئەسكىلىك قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، راستىنلا ئادەم ئەمەس نېمىكەنغۇ ئۇ!
رەيھان غېنى شاڭجاڭ بىلەن تەڭلا ياسىننى تىللاۋەرگەننىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى ئويلاپ گەپنى يەنىلا ئەسلى مەقسەتكە بۇرىدى:
ــ ئەھۋال مۇشۇنچىلىك غېىنىكا، ئۆمەرنى مەن ئېلىپ كەلگەچكە بالانىڭ ھەممىسىگە مەن قالدىم، دېسەم گەپ جىق، دەرد تۆكىدىغان ئادەم تاپالماي سىزگە دەۋاتىمەن، سىز بۇ يەرگە بىزدىن بۇرۇن كەلگەن، جىق ئىشلارنى ئۇقىسىز، مۇناسىۋەت دائىرىڭىز كەڭ، پۇل خەجلىسەكمۇ ئازراق خەجلەپ شۇ بالىنى ئەچىقىدىغاننىڭ ئامالىنى قىلغىلى بولارمۇ؟
ــ ھەي تەس جۇمۇ، ھازىر ھېچكىمگە قۇرۇق گەپ خوشياقمايدۇ، بۇلار ئۈچۈن نەچچە مىڭ كوي دېگەن پۇل ئەمەس، ئىككى-ئۈچ تۈمەننى قومارمىسا ئىش بېجىرمەيدۇ. بۇنداق ئىشنى بىز تولا كۆرگەن، مەن تېخى سىزگە ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرىمنى دەۋاتىمەن…
ــ پۇلدىن باشقا ئامال يوقكەن –دە، ئەگەر بىزمۇ سوتقا دەۋا قىلساقچۇ؟
ــ ئۇنىڭغا ئادۋوكات تېپىش كېرەك، ئۇنىڭغىمۇ ئون مىڭ كويدىن ئارتۇق پۇل خەجلىمىسە ئىشىڭىزنى قىلىپ بەرمەيدۇ، ئۆمەرنى ئاقلاپ چىقالىسا چىقتى، ئاقلاپ چىقالمىسا خەجلىگەن پۇلىڭىز بىكار كېتىدۇ. ئادەتتە بۇنداق گۇيلار پۇل تېپىشقىلا تۇرۇپ كەتكەن، ئىشنى ھەل قىلالمىسا جىنايەتچىنىڭ گۇناھى ئېغىركەن، ئامال بولمىدى دەپلا گەپنى تۈگىتىدۇ. ئەگەر ئۆمەرنى قاماقتىن ۋاقتىدا ئېلىپ چىقالمىساڭلار سوت ئېچىپ قالسا ئۇنى كىچىككەن دەپ قاراپ ئولتۇرماي يەتتە-سەككىز يىل كېسىۋېتىشى مۇمكىن، ھازىر ئۆسمۈرلەر تۈرمىسى دەپ بىر نېمە قۇرۇلدى، ئەگەر ئۆمەر بۇ تۈرمىگە كىرىپ كېتىپ قالسا پۇل خەجلەپمۇ ئەچىقالمايسىلەر…
رەيھان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۈركىنىپ، تىترەپ كەتتى، جىددىيلەشكىنىدىن بىر ھازا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى؛ ئەگەر ئۆمەر راستىنلا كېسىلىپ كەتسە رەيھان يەتتە-سەككىز يىل ئازاب چېكىدۇ دېگەن گەپ. بۇ جەرياندا ياسىن بىلەن ئۆي تۇتۇش مۇمكىن ئەمەس، ياسىننىڭ تۇغقانلىرىنىڭ يۈزىگە ھەم قارىيالمايدۇ… بۇ ئەمدى نېمە ئازاب، نېمە كەلگۈلۈك!
ــ باشقا بىرەر ئامالى بولماسما!…ــ دېدى رەيھان ئايانچلىق، ئىلتىجالىق، زەئىپ ئاۋازدا ،ــ سىز بىرەر ئامالىنى قىلالماسسىزمۇ؟ ئۆتكەندە ياخشى گەپلەرنى قىلىۋاتاتتىڭىز، بولسا بىر ياردەم قىلسىڭىز بولاتتى.
ــ مەن ياردەم قىلمايمەن ئەمەس، قىلىمەن؛ لېكىن گەپنىمۇ ئوچۇق قىلىمەن. بۇ ئىشنى پۇل بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ دېدىم، ياسىنغىمۇ شۇنداق دېگەن، لېكىن ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇرمايمەن، چۈنكى مەن مەيدىسىگە مۇشتلاپ يۈرگەن ئۇ نوچىنىڭ ساخاۋەتچىسى ئەمەس. ئەمما سىز دېگەن خوتۇن كىشى، پۇل تاپالمايسىز، سىزگە پۇل بېرىپ تۇرالايمەن؛ ئېرىڭىزگە بېرىپ تۇرمىغان پۇلنى سىزگە بېرىپ تۇرالايمەن، پەقەت سىزنىلا دەپ بۇ ئىشىڭىزغا مېڭىپ بېرەيلەيمەن. ئۆتكەنكى گېپىمدىن شۇنى ھېس قىلغانسىز، مەن ئېرىڭىزنى دەپ ئەمەس، سىزنى دەپ بۇ ئىشقا ماقۇل دەۋاتىمەن. مېنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىمنى بىلىدىغانسىز؟ سىز ئەقىللىق ئايال، بۇنى بىرەر قۇر چۈشىنىپ بولدىڭىز… ئەمدى گېپىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام بولىدۇ.
رەيھاننىڭ ۋۇجۇدىنى نەچچە كېچە قاباھەتلىك چۈشتەك بېسىۋالغان قاپقارا ۋەھىمە مانا ئەمدى ئەمەلىيەتتە غۇۋا كۆرۈنۈۋاتاتتى، ياق، ئېنىق كۆرۈنۈۋاتاتتى. ئەرلەرنىڭ ئاشۇ ئىشتىن بۆلەك ئويلايدىغان نېمىسى باردۇر؟ خوتۇن خەقنى بويسۇندۇرۇپ ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇشتىن باشقا نېمە غايىسى باردۇر؟…
رەيھان ياسىننى يەنە بىر رەت نەپرەت ئىلكىدە ئەسلىدى، خىيالىدا ئۇنى گويا غېنى شاڭجاڭ بىلەن بىرلىشىپ ئۆزىنى مۇشۇ ھاڭغا قىستىغاندەك ھېس قىلىپ، ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغاندى، زارلاندى، قانداق جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمەي قىينالدى، كاللىسى ئېلىشپ گاراڭ بولدى، ئۆزىنى ئۆزى ئەمەستەك ھېس قىلىپ ساراڭ بولدى… بىراق كۇھىقاپنىڭ ئېغىزىنى ئۆزى ئاچقاندىكىن ئۆزى ئېتىشى كېرەك، بوران-چاپقۇندا قالسىمۇ مەزمۇت تۇرۇشى، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك. غېنى شاڭجاڭنىڭ ئاشۇنداق ئادەملىكىنى بۇرۇنلا بىلىدۇ، بۇنداق بولۇشىنى ئۆزىمۇ مۆلچەرلىگەن، ئەمما نەق بۇ پەيتتە نومۇسىنى سېتىش ئۇنىڭغا ھايات-ماماتلىق تاللاشتەك قىيىن كەلدى. ئىپپەت-نومۇسنىڭ ئايال كىشى ئۈچۈن ھاياتلىقتەك قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، نېمىشقا بەزى پاك قىزلارنىڭ ئىپپەت-ھايا، ئار-نومۇس، غۇرۇر-ۋىجدان ئۈچۈن جېنىدىن كېچىدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك، ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ سىرىنى يەشكەندەك بولدى. بىر ھەپتىدىن بۇيان روھىي كۈرەش، ئىزتىراپلىق خىياللار ئىچىدە ئېلىشىپ قالاي دېگەنلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندى…
رەيھان جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى بېسىۋەتتى، بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتتى، ئۇ قاراۋاتقان نۇقتا بىر قارا چېكىت ئىدى، ئۇ قارىيىپ ئاخىر ئەتراپنىڭ ھەممىسىنى زۇلمەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى، دېمەك، ھاياتتا بىر داغ قالسا ئۇنى ئۆچۈرمەك تەس. رەيھان پەقەت شۇنىلا ئويلىدى، يۈزگە چۈشكەن داغنى مەلھەم بىلەن داۋالاپ ئاقارتقىلى، يوقاتقىلى بولغان بىلەن، ئىپپەت-نومۇسقا چۈشكەن داغنى يوقاتقىلى بولمايدۇ. بىر نومۇسلۇق ئايال ئۈچۈن نومۇسىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ ئېغىر ئىش بولامدۇ؟ ئىمانىغا قانداق يۈز كېلىدۇ؟ ئېرىنىڭ، بالىسىنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدۇ؟ مەرھۇم ئانىسى بىلەن خىيالىدا قانداقمۇ كۆڭۈللۈك مۇڭدىشالايدۇ؟ يۇۋاش ئاتىسىنى، ئاكىسىنى قانداقمۇ بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم ئېسىگە ئالالايدۇ؟ تېلېفونىدا قانداقمۇ ئازادە گەپ قىلالايدۇ؟
ئۇ كۆكسىگە تولدۇرۇپ نەپەس ئالدى، ئەمما خىيالى تىنجىمايتتى، شۇنچە پاكلىق بىلەن ئۆزىنى قوغدىغان بىلەن ئېرى قانداق قىلدى؟ پاك، ئىپپەتلىك خوتۇنىنىڭ قەدىگە يېتىپ ئۇنى ئون نەچچە كۈندىن بۇيان باغرىغا بېسىپ باقتىمۇ؟ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان بىر ئىش قىلىپ باقتىمۇ؟ بۇغۇ نېرى تۇرسۇن، ئەقەللىيسى خوتۇنىغا نورمال ئادەمدەك مۇئامىلە قىلىپ باقتىمۇ؟ بۇ ناھەقچىلىك، بۇ كۆڭۈلسىزلىك قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟! ئۆمەر مانچە يىل كېسىلىپ كەتسە ئۇنىڭ ئۇۋالى كىمگە؟…
رەيھان يەنە نەچچە كۈن ئۆزى بىلەن ئېلىشتى، ئۆزى بىلەن قېرىشتى، ئۆزى بىلەن ئەپلەشتى، ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمۇ، ئەڭ ئېسىل دوستىمۇ يەنىلا ئۆزى ئىكەن، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۆزى بىلەن قانداق مۇرەسسە-مادارا قىلىش كېرەك؟ زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان قانداق ئۇسسۇل بار؟ غېنى شاڭجاڭغا ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ئۆمەر تۈرمىدىن چىقىۋالغاندىن كېيىن بىر يەرگە قېچىپ كەتسىچۇ؟ ئۇ قاقۋاش ئوغرى رەيھانغا شۇنچە ئاسان ئالدىنارمۇ؟ يامان خوتۇنلار ھەم قېلىن، ھەم ئالدامچى كېلىدۇ، رەيھان ھەرگىز بۇنداق خوتۇنلارنى دوراپ بولالمايدۇ.
رەيھان غېنى شاڭجاڭنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمايلا تېلېفوننى بېسىۋەتكەنلىكىنى ئويلاپ قالدى، شۇ چاغدا “ئۇنداقتا سىز مېنى نېمە قىل دەيسىز؟” دەپ سورىغان بولسا، شاڭجاڭنىڭ مەقسىتى ئايدىڭلىشاتتى. خوتۇن كىشى تۇرۇپ دادىللىق بىلەن تېلېفون ئۇرۇپ گەپ باشلىغاندىكىن گەپنى ئاخىرىغىچە ئاڭلاپ ئاندىن قارار قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى، تېلېفوننى بېسىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىيالىنى ئاشكارىلاپ قويغاندەك بولدى، ھەقىقەتەن خۇدىكى بارنىڭ مۇنىكى بار دېگەندەك سەت ئىش بولدى…
رەيھان بۇلارنى ئويلاپ يەنە نەچچە كۈن ئىچى پۇشۇپ تىتىلداپ يۈردى، ھەتتا غېنى شاڭجاڭنىڭ تېلېفون ئۇرۇپ قېلىشىنى خالار-خالىماس كەيپىياتتا ساقلىدى. شاڭجاڭ تېلېفون قىلمىدى، ئەگەر شۇنداق نىيىتى بولسا ئۆز ئايىغى بىلەن كېلىۋاتقان توشقانغا ئوقيا ئېتىپ ئۇنى ئۆز نەپسىگە يەم قىلغان بولاتتى. ئۇنداقتا غېنى شاڭجاڭنىڭ مەقسىتى زادى نېمە بولغىيدى؟ “ خوتۇنۇم يوق، خوتۇن سېغىنىپ كەتتىم، بىر ئاخشام ماڭا ھەمراھ بولسىڭىز ئۆمەرنى ئەتە يېنىڭىزدا كۆرىسىز” دەرمىدى ياكى “ ياسىندىن كۆڭلىڭىز قالغان بولسا ماڭا تېگىڭ، خوتۇنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تالاق قىلىۋېتىپ سىزنى ئالىمەن، بالىڭىزنى ئۆز بالامدەك كۆرۈپ باقىمەن، يەسلىگە پۇل تۆلەپ ئوقۇتىمەن” دەر بولغىيمىدى؟… قانداقلا بولسۇن، ئۇ نەپسى بالا ئادەم مۇشۇ ئىككى تەلەپنىڭ بىرىنى قويماي قالمايدۇ. پۇل تاپالمايدىغان بىر خوتۇن كىشىگە ھەرگىز ئوتتۇز مىڭ كوي قەرز بېرىپ تۇرمايدۇ، ئۇنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى باشقا…
رەيھان غېنى شاڭجاڭغا قايتا تېلېفون ئۇراي دەيتتى، كۆڭلى كۆتۈرمەيتتى. مۇشۇنداق تولا ئىككىلىنىپ بىئاراملىق، ئىزتىراپ ئىچىدە يۈرگەندە ياسىن ئۇنىڭغا يەنىلا خوتۇن كىشىدەك قېيداپ يۈرىۋەردى؛ رەيھانمۇ غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون ئۇرۇپ خاتا ئىش قىلغاندەك، ھامان بىر كۈنى ياسىنغا يۈز كېلەلمەيدىغان بىر ئىش قىلىپ سالىدىغاندەك ئەيبكارلىق تۇيغۇسىدا ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك بەك نەپرەتلىنىپ كەتمىدى، چىرايىنىمۇ ئاچمىدى.
ئەمما بىر كۈنى چۈشتە ياسىن گۈلشەننى ئاشخانىغا باشلاپ كىرىپ تاماق يېدى. ئاشخانىدا خېرىدارلار تاماق يەۋاتاتتى، رەيھان ئۆزىنى مىڭ تەستە بېسىۋېلىپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى، كۆزلىرى غەزەپتىن ياندى. بۇ ياسىننىڭ تۇنجى قېتىم “كىچىك خوتۇنى” بىلەن ئاشكارا كۆرۈنۈشى، “بىزنى ئەمدى قوبۇل قىل” دەپ رەيھانغا بەرگەن بېشارىتى ئىدى. رەيھان بۇ ھاقارەتنى كۆتۈرەلمىدى، ئويلىغانچە غەزەپلەندى. بالىسىنى ئۆيدە قويۇپ، ئاشخانىغا چىقىپ ئۇ ئىككىسىنى تىللاپ ھەيدەپ چىقىرىۋەتكۈسى كەلدى، ئەمما ئادەتتە سودا بولمايدىغان بۇ ئاشخانىدا بۇ كۈنى قېرىشقاندەك، ياكى گۈلشەن دېگەن پاسكىنىنىڭ ئايىغى يارىشىپ كەتكەندەك، ئادەم كۆپ ئىدى.
رەيھان ھۇجرىسىدا ئازابتىن تۈگۈلۈپلا قالدى، كارىۋاتتا ئۇخلاۋاتقان بىچارە بالىسىغا قاراپ ياش تۆكتى. كارىۋاتقا قاراپ تۇيۇقسىز سەسكىندى: مۇشۇ كارىۋات بۇلغانغاندىن باشلاپ تۇرمۇشمۇ بۇزۇلدى. مۇشۇ كارىۋاتتا رەسۋالىق باشلانغان، ئەمدى يەنە مۇشۇ كارىۋاتتا داۋاملىشارمۇ؟ ئۇ ئىككىسى “بىز ئەمدى ئەر-خوتۇن” دەپ نومۇسنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ كۆز ئالدىدا شۇ رەسۋالىقلىرىنى قىلىشارمۇ؟
ئۇ قورقۇنچلىق ئالۋاستىلار ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك قورقتى، ئۇ مىكىجىننى چىقىپلا بىر نېمە قىلىۋېتەي دېسە ئېرى قاراپ تۇرمايدۇ، ئۇنى قوغدايدىغان ئادىمى بار. رەيھاننى كىم قوغدايدۇ، ئۇنى كىم ئاسرايدۇ؟! ئەجىبا ياسىن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئېرى، تايىنىدىغان ئادىمى ئەمەسمىدى؟!… رەيھان ئۆزىنى تولىمۇ بىچارە، يۆلەنچۈكسىز، باشپاناھسىز ھېس قىلدى. ھۇجرىسىدىن چىقمايلا ياتتى، بىر چاغدا ياسىن كىرىپ قاراپ قويۇپ گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتتى. بۇ ئىش رەيھانغا تېخىمۇ ئەلەم بولدى. ياسىن تاماكا چەككەچ تاماشا كۆرۈۋاتاتتى، ئەركەكلىكىنى، نوچىلىقىنى كۆرسىتىمەن دەپ رەيھاننى قەستەن ئازابلاۋاتاتتى، خوتۇنىنىڭ بۇ “جاھىللىقى”غا قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ رەيھانغا ئىچى ئاغرىمدىغاندۇ؟ ئەگەر ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتمىگەن بولسا بۇنداق ھېسسىياتى بولماي قالمايدۇ. ئەمما رەيھانغا بۇنداق نامەرتنىڭ ئىچ ئاغرىتىشلىرى كېرەك ئەمەس، نەچچە يىللىق ۋاپادار خوتۇنىنىڭ باغرىنى بۇنچە ئېزىپ خۇن قىلىۋەتكەن رەھىمسىز ئەرنىڭ ۋىجدانىدىن يەنە قانداق ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟ پاكلىقىغا ھېلىغىچە داغ تەگكۈزمەي كېلىۋاتقان بۇ گۆھەردەك ئايالىنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەن ئەردىنمۇ ئۆتە دۆت ئادەم بولامدۇ؟ بۇنداق ۋاپاسىز، بۇزۇق ئەرگە داۋاملىق ساداقەتمەن خوتۇن بولۇش، قوغداپ كەلگەن پاكلىقىنى ئۇنىڭغا يەنە بەخشەندە قىلىش ئەخمەقلىق ئەمەسمۇ؟! پاكلىق، گۈزەللىك دېگەننى ئەرزىيدىغان ئادەمگە بېغىشلاش كېرەك ئەمەسمۇ؟!…
ئۇ بۇ خىياللىرىدىن سىلكىنىپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ئاشخانىغا چىقتى، ئەمما ياسىن گۈلشەننى ئېلىپ ئاللىقاچان تىكىۋەتكەنىدى. ئۇلار كېتىشى بىلەن ئاشخانىدىن بەرىكەت قاچقاندەك خېرىدارلارمۇ ئازلاپ قالغان، بىر ئىككى ھاراقكەش تېخىچە قۇرۇقدالغان تەخسىلىرىگە كويزا چوقۇپ، بىر نەرسىلەرنى دەپ كالدىرلايتتى. رەيھان ھەممە ياققا قاراپ كۆڭلى ئېلىشىپ، دالان ئۆيگە كىرىپ كەتتى؛ سافاغا ئۆزىنى تاشلاپ، ئۇ نومۇسسىزلارنى ئويلاپ ئىچى ئۆرتەندى. بۇنداق ئەر بىلەن ئەمدى قانداق ئۆي تۇتىدۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە شۇ ناكەسنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆمەرنى تۈرمىدىن چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن چەك-چېگرا ئايرىپ بۇ يەردىن كەتسە بولمامدۇ؟ بۇ يەردە يەنە نېمىگە تارتىشىپ ياشايدۇ؟!…
ئۇ يەنە غېنى شاڭجاڭنى ئويلىدى، شۇ ئوغرىغا يېلىنمىغىچە ئىش ئاقمايدۇ…
ئۇ زادى قانداق بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى كۆڭلىدە بىلسىمۇ لېكىن جەزمەن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگىچە كۆڭلى ئارام تاپمايدىغاندەك توختىماي تىتىلدايتتى، ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇراتتى، مەڭزىنى سىلايتتى، لېۋىنى چىشلەيتتى، كۆزلىرى قورقۇنچ، ۋھىمە، ئەنسىزلىك ئىچىدە پىلدىرلايتتى. ياسىن ئۇنى خۇددى قۇربانلىق قويدەك سۆرەپ قاسساپنىڭ __ غېنى شاڭجاڭنىڭ ئالدىغا ئاپىرىۋاتقان بۇ دەھشەتلىك مىنۇتلاردا ئۇ بۇ باغلاقتىن قانداق بوشىنىشى كېرەك؟ ياسىن ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىۋاتامدۇ؟ غېنى شاڭجاڭمۇ راستىنلا پىچىقىنى بىلەۋاتامدۇ؟ ياكى رەيھان ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتتىمۇ؟
ئۇ نېمىلا بولسۇن غېنى شاڭجاڭدىن تولۇق بىر گەپ ئاڭلاش نىيىتىگە كېلىپ تېلېفوننى ئالدى، ئەمما بۇ قېتىم نېمە دەيدۇ؟ غېنى شاڭجاڭغا باش ئەگكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى چاندۇرۇپ، سەتلىشىپ يۈرەمدۇ؟ ئېرىنىڭ نومۇسسىزلىقىغا باش ئەگمىگەن خوتۇن تۇرۇپ، يات ئەرنىڭ نومۇسسىزلىقىغا باش ئېگەمدۇ؟… ئەمما ئېرىنىڭ نومۇسسىزلىقى بەك ئاشكارا بولدى، ھەم بەك تەكرارلىنىپ كەتتى. غېنى شاڭجاڭنىڭ نومۇسسىزلىقى بولسا پەقەت تەخمىن، گۇمان ئىچىدە. بۇنىڭغا ئىسپات كېرەك، ئەگەر ئۇ راستىنلا رەيھانغا شۇ تەلەپنى قويسا ئاندىن ئۇنى رەسمىي پاھىشۋاز، نومۇسسىز ئوغرى دېيىش كېرەك. ئۇنىڭ نىيىتى ئېنىق، بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوق، بىراق قانچىلىك ئېنىق؟! رەيھان بۇنى تەلتۆكۈس بىلمىگىچە مۇشۇنداق ساراڭدەك خىيال سۈرۈپ، تېڭىرقاپ، قويغان-تۇتقىنىنى بىلەلمەيلا يۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە گەپ ئاڭلاپ باققىنى، بىلىپ قالغىنى ياخشى. ئاندىن كۆڭلىدە ئېنىق بىر سان بولىدۇ.
ئۇ تېلېفوننى بىر دەپ ئۆرۈپ-چۆرۈپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ نومۇرىغا نەچچە رەت قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى، دەيدىغان گەپلىرىنى بىرمۇ بىر دەڭسىدى. بىراق ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كېلەمتى؟ ئاۋۋال گەپتە تۇتۇلىدۇ، ئاندىن ئەمەلىيەتتە قىسماققا چۈشىدۇ. خوتۇن كىشىنىڭ ئاۋۋال گەپ ئېچىشى ئۆز ئىززىتىنى بىلمىگەنلىك، غۇرۇرىنى چەيلىگەنلىك…نومۇسسىزلىقنىڭ باشلىنىشى!
ئۇ تېلېفونىنى سىقىمداپ ئېغىر ئۇھ تارتتى، ئۆزىنىڭ ئاياللىقىنى ئويلىسا ئاجىزلىقىدىن ئاھ ئۇراتتى؛ ئەگەر مەنمۇ غۇرۇرلۇق ئىنسان، غۇرۇرۇم بىلەن ياشايمەن، ھېچ ئەرگە بوزەك بولمايمەن دەپ ئويلىسا ۋۇجۇدى كۈچكە تولۇپ، بىر ئىشلارنى قىلىۋەتكۈسى كېلەتتى، بۇ چاغدا ئاياللىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەتتى.
ئۇ شۇنداق ئارىسالدى بولۇپ، غەم-قايغۇدىن پۇچۇلىنىپ تۇرغاندا غېنى شاڭجاڭدىن تۇيۇقسىز تېلېفون كەلدى، رەيھان ئۆزىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن بۇ تېلېفون نومۇرىغا قاراپ، يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالاي دېدى، بۇ ئوغرىنىڭ نېمە بولۇپ تېلېفون قىلغۇسى كېلىپ قالغاندۇ، رەيھاننىڭ كۆڭلىدىكىنى تۇيۇپ تۇرغانمىدۇ؟! … رەيھان نېرى-بېرىسىنى ئويلاپ ئولتۇرماي ئىتتىكلا تېلېفوننى ئالدى، ئۆزىنى ھەر قانچە بېسىۋالاي دېسىمۇ ئاۋازى تىترەپ كەتتى:
__ ۋەي…
__ مەن، غېنى ئاكىڭىز…__ دېدى غېنى شاڭجاڭ سالماق تەلەپپۇزدا،__ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
__ ھە ياخشى، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرغانسىز….
__ ما كۈنى گەپ قىلمايلا تېلېفوننى قويۇۋەتتىڭىز، ياسىن يېنىڭىزدا بولغاچقا قورقۇپ گەپ قىلالمىدىڭىزغۇ دەيمەن، قورقماڭ، ئۇنىڭدىن قورقسىڭىز ھېچ ئىش قىلالمايسىز، ئۆمەرنىڭ ئىشىنى زادى قانداق قىلاي دەيسىز؟
__ ئۇقمىدىم…
__ مېنىڭ گېپىمدىن رەنجىپ قالدىڭىزمۇ يا؟
__ قايسى گەپتىن؟ سىز ماڭا نېمە دېمەكچى ئىدىڭىز؟ بىلىمەن، سىز بىكارغا يول ماڭمايسىز. لېكىن مەندە سىزگە بېرىدىغان پۇل يوق… __ دېدى رەيھان جىددىيلىشىپ. ئۇ ئۆزىنى ھەر قانچە تۇتۇۋالاي دېسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى دەۋالمىغىچە توختىمايدىغاندەك ئالدىراپ، تىترەپ تۇراتتى.
__ مەن سىزدىن پۇل تەلەپ قىلدىممۇ؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ مۇلايىم ئاھاڭدا،__ مەن بىلىمەن، سىزدە بىر تىيىن پۇل يوق.
__ ئەمىسە مېنى نېمە قىل دەيسىز؟
__ سىزنىڭ نېمە قىلغۇڭىز بار، مېنى نېمە دەپ ئويلاپ قالدىڭىز؟
__ ئەر خەقنىڭ شۇنىڭدىن باشقا ئويلايدىغان ئىشىمۇ بارمۇ؟__ دېدى رەيھان سەل غەزەبلىنىپ.
__ سىزنىڭچە مەن شۇنداق ئادەممۇ؟
__ ئۇققىلى بولمايدۇ، ئەر خەقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش!
__ ماڭا بۇرۇندىن باشلاپ شۇنداق قارايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، لېكىن سىز مېنى چۈشەنمەيسىز.
__ سىز ئۇنداق ئادەم بولمىسىڭىز مەنمۇ خوش.
__ مەنمۇ سىزنىڭ ھەرگىز ئۇنداق ئىش قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. شۇڭا سىزگە قول قويىمەن. بۇنچە چىرايلىق، پاك ئايالىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن شۇ گۇينى ئىچىمدە مىڭنى تىللايمەن.
رەيھان بۇ گەپلەردىن ئېرىمىسىمۇ ئېرىدى، ئەمما غېنى شاڭجاڭنىڭ زادى نېمە مەقسىتى بارلىقىنى يەنىلا بىلەلمىدى، قانۇنلۇق خوتۇن قىلماقچىمىدۇ؟ ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا ياسىننىڭ يۈرەكلىرى چىدارمۇ؟ خوتۇنىنى خارلاشقا چىدىغان يۈرىكى خوتۇنىنى خەققە تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىنمۇ چىدارمۇ؟ بۇنى رەيھان بىلمەيتتى، ئەمما ئاجايىپ بىلىپ باققۇسى بار ئىدى… ئۇ سۈكۈت ئىچىدە غېنى شاڭجاڭنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى كۈتتى.
__ مەن ئۆمەرنى ئېلىپ چىقىشقا كېپىللىك قىلىمەن، ئەمما بىر شەرتىم بار، سىز رېستۇرانىمغا كېلىپ ئىشلەيسىز، خوتۇنۇم كەلگىچە داتاڭ جىڭلى بولۇپ تۇرۇپ بېرىسىز.
رەيھان بۇنىڭغا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى، ئەمما ئۆزى باشتا ئويلىغان قىيىن بەدەللەرگە باققاندا بۇ تەلەپنى ئېغىر دېگىلى بولمايتتى.
__ بۇ تەكلىپنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ، تۇرىدىغانغا ئايرىم ئۆي بىكارلاپ بېرىمەن. بالىڭىزدىن غەم قىلماڭ، ئۇنى يەسلىگە ئۆزەم پۇل تۆلەپ ئاپىرىپ بېرىمەن.
__ توختاڭ، مەن ھېچ ئۇقالمايلا قالدىم،__ دېدى رەيھان بېشىغا سوغاق سۇ تۆكۈلگەندەك ئەندىكىپ،__ بۇنىڭغا ياسىن نېمە دەيدۇ؟
__ ئۆمەرنىڭ چىقىدىغىنىنى ئاڭلىسا ئۇمۇ خوش بولار، ئۇ گۇيغا گەپ قىلماق ئاسان.
رەيھان غېنى شاڭجاڭنىڭ ئېرىنى كەمسىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى:
__ سىز ياسىننى شۇنچە دۆت چاغلامسىز؟ ئۇنى ئەخمەق قىلاي دەمسىز؟
__ ماڭا قاراڭ ئوبدان سىڭلىم،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ تەمكىنلىك بىلەن،__ ئېرىڭىزنى شۇنچە پاك، ئېسىل ئەر دەپ بىلەتتىڭىز، كۆرۈۋاتىسىز، ھازىر نېمە بولدى؟ مەن باشتىن ئاخىر ئۇنىڭغا ئاكىسىدەك كۆيۈنۈپ ئادەم بول دېدىم، ھارامدىن يىراق تۇرۇپ ھالال ئىش قىل، خوتۇنۇڭنى رەنجىتمە، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئال دېدىم. گېپىمنى ئاڭلىمىدى. ئاخىر كېلىپ سىزنى تاشلىدى، ئۇ قەدىرلىمىگەننى مەن قەدىرلەي، ياردەم قىلاي دەۋاتىمەن، سىز بۇنى چۈشەنمەمسىز؟
ـــ ياخشى كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم، لېكىن بۇنداق قىلسام ياسىن مېنى چوقۇم ساراڭ بوپتۇ، بۇزۇلۇپتۇ دەپ ئويلايدۇ، سىز بىلەنمۇ ئۆچەكىشىپ قالىدۇ، ئىككىڭلارنىڭ يېقىن ئاغىنە، مەن ئوتتۇراڭلارغا جېدەل تېرىپ قويۇشنى خالىمايمەن.
ـــ سىز بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۇ نېمىشقا سىزنى يولدىن چىقىپتۇ دەپ ئويلىغۇدەك، مەن دېگەن سىزگە ئاكا يوللۇق ئادەم، ياسىن مېنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ يامان ئويلىۋالسا بولمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزەممۇ ئۇنىڭغا دەيمەن، ئۆتكۈدەك گەپ قىلىۋالىمەن. سىزنى بۇنداق تاشلىۋەتكەن ئادەم سىزنىڭ مۇھىملىقىڭىزنى بىلسۇن، ئالدىڭىزغا يالۋۇرۇپ كەلسۇن. ئەگەر كەلسىڭىز مۇشۇ باھانىدە ئۇنىڭ سىزگە قانچىلىك تارتىشىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز، بولمىسا ئۇ ئاشۇنداق نوچىلىق قىلىپ، سىزنى قىيناپ يۈرىۋېرىدۇ.
ـــ ئاچچىقى كەلسە ئۇنىڭ ساراڭدەك ئىش قىلىدىغان مىجەزى بار، بىر ئىش چىقىپ قالمىسۇن دەپ قورقىمەن…
ـــ ئۇ سىزگە نوچىلىق قىلغان بىلەن ماڭا قىلالمايدۇ، مېنى چوڭ بىلىدۇ. مەن ئۇنى گەپ بىلەن قايىل قىلىمەن، مەن بار يەردە ئۇ سىزنى بوزەك قىلسا قاراپ تۇرمايمەن. ئۇرۇش-جېدەل چىقامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ كەتمەڭ، مەن ئەزەلدىن پىچاق، چەيدو كۆتۈرۈپ خەقنى قورقىتىدىغان ئىشنى قىلمايمەن، مەن ئىلگىرى يېزىدا ئەمەل تۇتۇپ، خەقنى باشقۇرۇپ باققان، ھەر ئىشقا بىر تاكتىكا كېرەك. ماڭا ئىشىنىڭ…
رەيھان ئويلىنىپ قالدى، ئىلگىرى بۇ ئادەمنى كۆرگەن چاغدىمۇ ئۇنىڭ ئادەتتىكى كۇلىچىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، پەقەت كۆزى يامانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ باشقا ئەيب-نۇقسانىنى بايقىمىغان، ئەمما “ياسىننى ئازدۇرۇۋاتقان قاقۋاش ئاشۇ” دەپ ئىچىدە تىللاپ يۈرگەندە قاقۋاشلىقمۇ ئۇنىڭ ئەيىبىدەك كۆرۈنگەن. كېيىن ياسىننى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا ئۇنى يېقىندىن بىلدى، ئۇ مەيلى گەپ-سۆز، قىلىق-ھەرىكەتتە بولسۇن، لەقىمىگە يارىشا سالاپەتلىك، تەمكىنلىك بىلەن چاققانلىقنى تەڭ ھازىرلىغان ئادەم ئىدى. ئۆتكەندە ياسىن ئۇنىڭ ھېسابلاشقىلى كېتىپ ھېچ ئىش بولماي يېنىپ كەلدىغۇ؟ دېمەك، غېنى شاڭجاڭ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئابرۇيى، سالاپىتى، زۇۋانى، تاكتىكىسى بىلەن ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن گەپ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، شاڭجاڭنىڭ “قاقۋاش”لىقىنىمۇ ئەيب دېگىلى بولمايدۇ، ياسىنمۇ كىچىك بالا ئەمەس، دائىم ئۇنىڭ سەنىمىگە دەسسەيدىغان؛ رەيھانمۇ ئەخمەق ئەمەس، ئويلاپ باقمايلا ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىدىغان؛ ھەر كىم ئۆزىنىڭ كاللىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ، غېنى شاڭجاڭنىڭ گەپلىرىنىڭ تۇتامى بولمىسا، كىم ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايتتى؟
ـــ ئىشلىسەمغۇ مەيلى، لېكىن ئۇ يەرگە بېرىپ تۇرسام بولمايدۇ، ئۆيدىن بېرىپ-كېلىپ ئىشلىسەمچۇ؟
ـــ يەنە ماڭا ئىشەنمەيۋاتىسىز-ھە، ئۇنداق قىلسىڭىز قىينىلىپ قالىسىز، مەن سىزگە ئاسان بولسۇن دەيمەن، ئەگەر يالغۇز تۇرمايتتىم دېسىڭىز قىزلاردىن بىرنى ھەمراھ قىلىپ بېرەي، يېنىڭىزدا تۇرۇپ بالىڭىزغا قارىشىپ بەرسۇن.
رەيھان بۇنى ئاڭلاپ سەل خاتىرجەم بولدى، شۇنداقتىمۇ كاللىسىدا بىر ياقتىن ياسىن، بىر ياقتىن ئۆمەر پەيدا بولۇپ، پىكىر-خىيالىنى مالىمان قىلىپ تۇراتتى. ئۆمەرنى دېمىسە رەيھان ھەرگىز بۇنداق قىلمايتتى، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتمۇ ياسىن ئۈچۈنغۇ؟ ئۆمەر رەيھاننىڭ ئەمەس، ياسىننىڭ ئىنىسىغۇ؟ ياسىن شۇنچە خورلۇقلارنى سېلىۋاتسىمۇ رەيھان يەنە چىداپ ئۇنىڭ ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەۋاتىدىغۇ؟
ـــ ماقۇل، مەن ئويلىنىپ باقاي،__ دېدى رەيھان،__ لېكىن سىز ياسىن بىلەن بەك ئېتىشىپ قالماڭ، ئۇ بەرىبىر سىزگە تەڭ تۇرالمايدۇ، مەن جېدەلگە سەۋەبچى بولۇپ قالسام ئۇ يەردە بىر كۈنمۇ تۇرالمايمەن. ئۆزەمنى ئويلىمىساممۇ بالىنى ئويلىمىسام بولمايدۇ. راستىمنى دېسەم، سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنى تېخى چۈشىنىپ بولالمىدىم، سىز ياخشىلىق قىلغاندىكىن ئەسلىدە ياسىنغا ياخشىلىق قىلغان بولسىڭىز سىزدىن بەك خوش بولاتتىم، لېكىن ئۆزەمنىڭ بىلگىنىنى قىلىمەن دەۋاتىسىز، بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، چۈنكى بۇ جاھاندا پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ بولىدىكەن، بىزدەك بىچارىلەر يەنە تەڭقىسلىقتا قالىدىكەن…
__ سىز ئارتۇق ئويلىنىپ كەتمەڭ، مەن مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ياسىننى قاتتىق سەگىتىپ قويماقچى، سىزنى زادى قانچىلىك خوتۇن قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى، ئادەم دېگەن بېشىغا بىر ئىش كەلمىگىچە ھوشىنى تاپمايدىغان مەخلۇق، سىز قورقماي كېلىۋېرىڭ! يەنە دەپ قويىدىغان بىر ئىش، بۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىڭىزنى ياسىنغا ھەرگىز تىنماڭ، ئۇ يوق چاغدا ھېچكىمگە تۇيدۇتماي مېڭىڭ، ياسىن سىزنى تاشلاپ قويۇپ ماڭغاندا، سىزمۇ ئۇنى تاشلاپ بۇ ياققا مېڭىڭ، ھەممە ئىشىڭىزنى مەن ئورۇنلاشتۇرىمەن، ئەتىسى سىزنىڭ يوقلۇقىڭىزنى كۆرۈپ قېنى قانداق قىلىدىكىن!
__ ياق، ياق، ئۇنىڭغا دېمەي ئوغرىلىقچە ئىش قىلسام بولمايدۇ!__ دېدى رەيھان تۇنجى رەت جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن قورققان ئادەمدەك چۆچۈپ.
__ ئەمىسە ئۇنىڭغا دەمسىز، دېسىڭىز يەنە گەپ تالىشىسىز، بەلكىم تاياق يەيسىز. ئۆمەر ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن دېسىڭىز ئۇنامدۇ؟ ئۆز ئىنىسىنىڭ ئىشىغا ئۆزى ئالدىرىمىغان ئادەم سىزنىڭ ئۇنداق دېگىنىڭىزگە ئىشىنەمدۇ؟ مەن سىزگە دەي، ياسىن ھازىر شۇ خوتۇنىنىڭ قوينىغا كىرىپ كەتتى، باشقا ئىشنى ئويلىمايدۇ، ئىنىسى تۈرمىدە ئۆزىنىڭ پوقىنى يەپ ياتسىمۇ كارى يوق، سىز بىلەن، بالا بىلەن ھەم كارى يوق. ئۆزىڭىزمۇ دېدىڭىز ئۇنى ئەسكىلىشىپ كەتتى دەپ، بېرىپ ئۇنى ئۇرالامسىز؟ خوتۇنىدىن ئاجراشتۇرىۋېتەلەمسىز؟ قىلالمايسىز، ئۇنىڭ ئالدىنى توسالمايسىز. شۇڭا بۇنىڭغا بىر چارە قىلايلى دەۋاتىمەن، بۇنىڭ چارىسى شۇ، ئۇنىڭ ئىچىنى قاينىتىش، ئەگەر سىز ئۇنىڭ قېشىدا تۇرىۋەرسىڭىز تېخىمۇ خارلىنىسىز، يا ئۇنىڭغا رازىلىق بېرىپ ياشايسىز، يا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپراق ياشايسىز، كۇلى دېگەن مۇشۇنداق يەر، ئادەم دېگەن نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كېلىدۇ، تاللايسىز، خىللايسىز، شاللايسىز، كۆڭلىڭىز رازى بولغۇدەك ياشايسىز، بۇنىڭغا كۆنمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى قىينايسىز، سىز ئۇنچە دۆت، بوزەك خوتۇن ئەمەس، بولمىسا ياسىننىڭ تالاق قىلمىغىنىغا شۈكرى قىلىپ، قورسىقىڭىز تويسا ئۇخلاپ، بالىڭىزنى بېقىپ ياشاۋېرەتتىڭىز. ئەقلىم بىلەن، غۇرۇرۇم بىلەن ياشايمەن دېگەندىكىن سىزدە شۇنىڭغا چۇشلۇق ھەرىكەت بولۇشى كېرەك، ئۆزىڭىز ئوبدان ئويلىنىڭ…
__ ماقۇل، مەن ئويلىنىپ باقاي…__ دېدى رەيھان ئامالسىز.
ئۇ تېلېفوننى قويۇۋېتىپ كۆڭلىدە ئۆزى بىلەن يەنە بىر قەپەز ئېلىشتى، بېشىدىن جىق ئىش ئۆتكەن بۇ ئادەمىنىڭ گەپلىرىنى خاتا دېگىلى بولمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى زادى نېمىدۇ؟ ئۆزىنى ياسىنغا كۆرسىتىپ قويۇشمىدۇ؟ ئەمما ياسىن پۇل، بايلىق، نوچىلىق، ھەتتا خوتۇنپۇرۇشلۇقتىمۇ ئۇنىڭغا يېتەلمەيدىغان تۇرسا ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى! ياكى ئۇ رەيھانغا كۆز تاشلاپ، ياسىنغا ئىچى تارلىق قىلىپ، بۇنى كۆڭلىدە ھازىرغىچە يوشۇرۇپ كەلگەن بولغىيمىدى؟! نەچچە ۋاقىتتىن زارىقىپ، بىر كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ يۈرگەن چىرايلىقنى يېنىغا ئەكىلىۋېلىپ كۈندە بولسىمۇ كۆرۈپ تۇرسام، ھەر كۈنى كۆڭلىنى ئالسام، كۈنلەرنىڭ بىرىدە خوتۇن قىلسام دەپ ئويلامدىغاندۇ؟
ئۇ “چىرايلىقنىڭ دەردى تولا” ئىكەنلىكگە ئىشەندى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىگە بەك ئىشىنىپمۇ كەتمەيتتى، چىرايىغا زىيادە تەمەننا قويىدىغان چوكانلاردەك ياسانچۇقلۇق قىلمايتتى، ياسىنغا ئۇنى-بۇنى ئېلىپ بەر دەپ غەلۋە قىلمايتتى؛ چىراينىڭ پەقەت تويدىن ئاۋۋال مۇھىم ئىكەنلىكىنى، توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن بولسا خاتىرجەملىكنىڭ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغانىدى، ئەمما چىرايى ھېچنېمە بولماي تۇرۇپ ياسىن بۇ چىرايدىن چېنىپ، يەنە بىر چىرايغا ئاشىق بولدى؛ “چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق” دېگەندەك، شۇ “مىكىجىن”غا كۆڭلىنى بېرىۋېتىپ، رەيھاننى تاشلاپ قويدى. ئاقىۋەت، مۇھەببەت نەپرەتكە ئايلىنىپ، بىر-بىرىگە دۈشمەندەك سەت كۆرۈندى.
رەيھان ئۆزىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى، ئاجىزلىقىنى تەن ئېلىپ ئېرىگە “تەسلىم” بولسا بۇ دۈشمەنلىكنىڭ يوقايدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئەمما باش ئېگىشنى خالىمىدى، ئېرىنىڭ خاتالىقى كاللىسىدىن زادى ئۆتمەيتتى، ئىچى زەرداپ بولۇپ قاينايتتى: نېمە دەپ باش ئېگەتتىم، جاھاندا پەقەت گۇناھ قىلغان ئادەملا بېشىنى ئېگىشى كېرەك، ئۇ ناكەس ماڭا “بۇ زەھەرنى ئىچ!” دېسە ئىچەمدىمەن، ئۇ چاغدا ئازابتىن تولغىنىپ تۈگەشمەمدىمەن؟…
ئەمەلىيەتتە بۇ گۈزەل چىرايى ئۇنىڭغا شۇنداق غۇرۇر بېغىشلىغانىدى. چۈنكى ياسىن ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ چىرايغا مەپتۇن بولۇپ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان ھەم گۈلشەنگە يولۇققىچە ئارىلىقتا بۇ گۈزەللىكنى قەدىرلەپ كەلگەنىدى، بۇ گۈزەللىكنى يات ئەردىن كۈنلەيتتى ھەم قوغدايتتى، ھازىرمۇ شۇنداق ئىدى. ئەمما رەيھان ئۇنىڭدىن ئەھدە-ۋاپا، مېھرىبانلىق كۆرەلمىگەنچە ئۇنىڭ ئەركەكلىكى ياسالما نوچىلىق، شەخسىيەتچىلىك، چىدىماسلىقتەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى.
رەيھان كەسكىن بىر قارارغا كېلەلمىگەنچە ياسىندىن شۇنچە قاقشىدى، ياسىندىن قانچە نەپرەتلەنسە كۆڭلى تەسەللىي تېپىپ، بۇ يەردىن كېتىشىمۇ شۇنچە ئاسان بولاتتى. ئەجىبا ئۇ ياسىننى ھەقىقىي ياخشى كۆرمەمدۇ؟ ئۆزى ئاشىق بولۇپ تەگمىگەن ئەرگە تويدىن كېيىن مېھىر بەرسە، بۇ مېھىر-مۇھەببەت شۇنچە ئىشەنچسىز بولامدىغاندۇ؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە “بوران”چىقسا ئۇلى بوش تامدەك ئۆرۈلۈپ چۈشەمدىغاندۇ؟ ياسىنمۇ بۇنى بايقاپ، ئۆزىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرمەيدىغان خوتۇنىغا بارغانچە ئەسكىلىك قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ توغرا، رەيھان ياسىن نېمە دېسە لەببەي دەپ تۇرغان، ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنغان بولسا ئېرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولاتتى، بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالمايتتى…
رەيھان ئۇنى چىن دىلىدىن سۆيمىگەچكە ئۇنىڭ خىيانەت قىلىشى، ھەددىدىن ئېشىشىنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇ قايسى ھالىغا رەيھاننى خارلىغۇدەك؟!
رەيھان ئۇنى چىن دىلىدىن سۆيگەچكە ئۇنىڭ خىيانەت قىلىشى ۋە ھەددىن ئېشىشىنى كەچۈرمەيدۇ. چۈنكى چىن مۇھەببەت ئاسىيىلىق ۋە ۋاپاسىزلىقنى ھەرگىز سىغدۇرمايدۇ.
بۇنىڭ قايسىسى توغرا، قايسىسى رەيھاننىڭ چىن ھېسسىياتى؟!
رەيھان ئۆزىدە بۇ ئىككى ھېسسىياتنىڭ ھەر ئىككىسى بارلىقىنى ھېس قىلدى، ياسىننى ئەۋلىيادەك چوڭ بىلىپ ئۇلۇغلاپ سۆيمەيدىغىنى راست، بولمىسا ئۇنىڭغا رايىشلىق بىلەن بويسۇنۇپ، مۇلايىملىق بىلەن ياشايتتى. ئەمما ئۇنى ھەر قانداق ئەردىن چارە كۆرۈپ قەدىرلەپ سۆيىدىغىنىمۇ راست، بولمىسا ئاجرىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىرە-ھالقىلىرىنى سېتىپ بولسىمۇ يۇرتىغا كېتەتتى. باشقا يامانراق خوتۇن بولسا بۇ ئەھۋالدا ئېرى بىلەن سەتلىشىپ ئۇرۇشۇپ، تاياق يېسە تەڭ سوقۇشۇپ، تاپقان پۇلنى ئايرىپ، “ ئەر كىشى بولساڭ ئۇكاڭنى ئۆزەڭ ئېلىپ چىق! ” دەپ پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالاتتى؛ رەيھان بولسا ئۆزىنىڭ نازۇك مىجەزى، ياسىنغا بولغان ۋاز كېچىلمەس ھېسسىياتى ۋەجىدىن يىغلاپ-قاقشاپ، ھەممىگە چىداپ ياشاپ قالدى… ئەمما قاچانغىچە مۇشۇنداق ياشايدۇ، بۇ ئازابنىڭ چېكى نەدە توختايدۇ؟
بۇنىڭغا غېنى شاڭجاڭ ياخشى جاۋاب بەردى: ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان، ئىشتىنىغا پاتماي قالغان شۇ گۇيدىن ئايرىلىپ ياشاپ كۆرۈپ باققاندا…
ئەمما رەيھان غېنى شاڭجاڭنڭ رېستۇرانىغا كېتىپ قالسا، ياسىن خوتۇنىغا بولغان مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز ئەركەكلىكىگە قىلىنغان ھاقارەت ئۈچۈن غېنى شاڭجاڭ بىلەن قان بولۇشۇپ كېتەرمۇ؟ ئۆتكەندە ھېچنېمە بولماي يېنىپ كەلگەن، ئەمدىچۇ؟ چاتاقنىڭ چوڭى چىقارمۇ؟!… ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟
رەيھان ئويلا-ئويلا، نەچچە كۈن ئويلىنىپ، ئاخىرى غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا كېتىش قارارىغا كەلدى، چۈنكى ياسىننىڭ غەزىپىدىن كۆرە، ئۆمەرنىڭ تۈرمىدىن چىقىشى مۇھىمراق ئىدى.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش: رومان
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما
