كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (23)
ئاپتور:erturk ۋاقتى:2009-06-16
ياسىن بۇنداق ياشىغاندەك قىلغان بىلەن كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدە قەدىناس خوتۇنىغا ھەم بالىسىغا تارتىشاتتى، ھەر ئاخشىمى “كىچىك خوتۇنى”دىن نەپسى قانغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ، ئىچى پۇشۇپ ياتاتتى، تاماكىنى ئۇلاپ-ئۇلاپ چېكەتتى. بىر چەتتە مۈشۈكتەك ياتقان گۈلشەنگە قاراپ، بۇنىڭدىنمۇ بىر كۈنلەردە زېرىكىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭغا كۆرە، رەيھاننىڭ جاھىللىقى، تەرسالىقى بۇ ئائىلىدىكى چۈشىنىش ۋە ھېسسىياتقا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، ياسىن بۇ ۋەزىيەتنى ھامان ئوڭشايدىغاندەك، بۇنىڭغا ئىقتىدارى يېتىدىغاندەك ئىشەنچتە ئىدى. گۈلشەنمۇ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ، رەيھاننىڭ كۆڭلىنى كۆپرەك ئېلىشنى تەۋسىيە قىلاتتى، ھەتتا بىر كۈنى“يېنىمغا كۈندە كېلىۋەرسىڭىز رەيھان ھەدەمنى قانداق قايىل قىلىسىز، ئۇمۇ ئايال كىشى، كۆڭلىنى چۈشىنىڭ، بېرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىڭ” دېدى، ياسىن شۇنداق قىلماقچى بولدى، بىراق رەيھاننىڭ مۇزدەك چىرايىنى كۆرۈپ جەھلى قېتىپ، رايىدىن يېنىپ، يەنە گۈلشەننىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. گۈلشەن “بۈگۈن يەنە كەپسىزغۇ، مەنغۇ سىزنى كۈندە كەلسىكەن دەيمەن، ئەمما رەيھان ھەدەمگىمۇ ئۇۋال-دە، ئۇنىڭدىن قورقامسىز يا؟! ئەمىسە نېمىشقا گەپ قىلالمايسىز” دەپ ئەركىلەپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى . ياسىن ھارغىنلىق، روھسىزلىق ئىچىدە گۈلشەننى پوكىنىغا بېسىپ “ چوڭ خوتۇننىڭ ھەيۋىسى، كىچىك خوتۇننىڭ جىلۋىسى يامان دېگەننى ئۇقمامتىڭ” دەپ مەنىسىز ھىجىيىپ قويدى.
ئۇنىڭغا ئايان ئىدىكى، كۈنلىرى مۇشۇنداق ئۆتۈۋەرسە رەيھان بىلەن بالىسىدىن بارغانچە يىراقلىشىپ، ئۆزى ئويلىغان تۇرمۇشقا ئېرىشەلمەيتتى. ئۇ بىرىگە ئېرىشىپ بىرسىدىن قۇرۇق قېلىشنى خالىمايتتى، ئەمما ھەر ئىككىسىگە تەڭ ئېرىشىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىۋاتاتتى، “ھەر ئىككى خوتۇننىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن ئەرلەر قانداق بەختلىك ئەرلەردۇر؟” دەپ ھەسرەتلىنەتتى، ئەسلىدە “رەيھان مېنى چوڭ بىلسە ھەر قانداق ئىشىمغا ياق دېمەيدۇ” دەپ ئۆزىگە ئىشەنگەنىدى، ئەمما رەيھان ئۇنى چوڭ بىلمىدى، بەلكى پەس كۆردى، “سەن بۇنداق ياشاشقا لايىق ئەمەس، ھالىڭغا بېقىپ ئىش قىل” دېدى، بۇ گەپتىن ياسىننىڭ غۇرۇرى غۇلاپ چۈشۈپ، رەيھاننىڭ چىن سۆيگۈ-ساداقىتىدىن قاتتىق گۇمانلاندى، غەزەپلەندى، “ قانداق قىلاتتىڭ، مەن مۇشۇنداق ياشايمەن، ساڭا ئۆزەمنى كۆرسىتىپ قويىمەن” دەپ ئۇنى كۈن-كۈنلەپ قىينىدى،“ ئېرىنى سۆيمەيدىغان، ئېرىگە بويسۇنمىغان بۇنداق خوتۇنغا ئىچىمنى ئاغرىتىپ قانداق قىلاي” دەپ كارى بولمىدى.
ھېلىقى كۈنى ئۇ گۈلشەننى ئاشخانىغا باشلاپ بېرىپ رەيھاننى تېرىكتۈرۈپ قويۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى خىرە-شىرە ھېس قىلدى، ھۇجرىسىغا قاراپ قويغاندا ئۇخلاۋاتقان ئوغلىنى قۇچاقلاپ تۈگۈلۈپ ياتقان رەيھان ئېسىدىن پەقەت كەتمىدى. سەت كۆرۈنۈپ كەتكەن چىرايلىق خوتۇنى بىلەن بىللە بولمىغىنىغا، بالىسىنى ھەقىقىي ئىچ كۆيەرلىك بىلەن ئەركىلىتىپ ئويناتمىغىنىغا نەچچە زامانلار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلىدى.
ئەمما ئۇ “ كىچىك خوتۇنى”نىڭ قوينىغا شۇنچىلىك كۆنۈپ قالدىكى، ھەر كۈنى ئىشنىڭ ئوڭىيىغا قېچىپ شۇ ياققا كېتىۋالدى. رەيھاننىڭ يوشۇرۇن جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن تۈزۈۋاتقان پىلانلىرىدىن خەۋەرسىز قالدى، ياكى بۇ قەلئەدەك مۇستەھكەم خوتۇنىنىڭ قوينىغا كىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىدى، بىرەر ئېغىز قاتتىق ياكى تاتلىق گەپ بىلەن بۇ خوتۇنىنىڭ پىلانىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلالمىدى. خوتۇنىنى تاشلاپ قويۇۋەرسە ئىش ھەل بولىدىغاندەك خاتا ئويلىدى، باشقا ھەل قىلىش چارىسىنى ھەم تاپالمىدى؛ شەھۋەتپەرەسلىك، مەيلىخۇشلۇققا كۆنۈپ قالغانچە تۇرمۇشتىكى جىددىي مەسىلىلەرنى قايرىپ قويۇپ، ئۆز نەپسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى؛ رەيھانغا گەپ قىلسا، رەيھانغا باش ئەگسە خۇددى شەھۋەت ئۈچۈنلا باش ئېگىدىغاندەك، بۇنى رەيھان ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغاندەك ئويلاپ، بۇ نىيەتلىرىدىنمۇ ۋاز كەچتى.
ئادەتتىكىچە ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنى تىنچ ئۆتۈۋاتىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ئۆستەڭنىڭ سۈيى قارىماققا تىنچ ئاققان بىلەن سۇنىڭ ئاستىدىكى دولقۇن، شاۋقۇنلارنى، لاي-لاتقىلارنى، ئەخلەت-چاۋارلارنى كۆرەلمەيسىز. بىر ئادەمنىڭ چىرايىدىكى تەمكىنلىك، خاتىرجەملىكنى كۆرۈپ بۇ ئادەمنىڭ كۈنلىرى ئوبدانكەن، غېمى يوقكەن دەپ قالماڭ، ئۇنىڭ روھى خۇددى ئۆستەڭنىڭ تېگىدىكى قۇم-توپىلارنى ئاقتۇرۇپ كېتىۋاتقان لاي سۇغا ئوخشايدۇ، ئۆمۈر مەنزىلى مۇشۇنداق دوۋالغۇشلار، سلكىنىشلەر، گاھى تۈز، گاھى ئەگرى قېيىشلار بىلەن داۋاملىشىدۇ…
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، ئەر خوتۇنىنى، خوتۇنمۇ ئېرىنى زادىلا تونۇيالماي قالىدۇ، نەچچە يىل ئۆي تۇتۇپمۇ خۇددى تۈنۈگۈن تونۇشۇپ كارىۋاتقا چىقىپ ئەتىسى خوشلاشقانلاردەك بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ، كېيىن دوقۇرۇشۇپ قالسىمۇ تونۇماس بولۇپ ئۆتۈپ كېتىشىدۇ. مانا بۇ ھاياتتىكى چىدىغۇسىز يەڭگىللىك…
رەيھاننىڭ سەۋر-تاقىتى چېكىگە يەتكەن، بىر قارارغا كېلىپ بولغان كۈنى ئاخشىمى ياسىن يەنىلا قەدەملىرىنى توختىتىش مۇمكىن بولمايدىغان نوچىلىق، بىپەرۋارلىق، تېتىكلىك بىلەن ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى ۋە ئۇدۇلدىكى ساتراچ قىزلارغا كۆز تىكتى، بۇ سېرىق پۇتلار گۈلشەننىڭ پۇتلىرىدىنمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. شەھۋەت ئۇنى لەيلىتىپ مەست قىلغاچقا لاۋبەن سەتەڭگە بولغان ئۆچمەنلىكىمۇ بۇرۇنقىدىن پەسىيىپ قالغانىدى، ھەتتا نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ شاپاققا تېيىلغان ئىنىسىنىڭ دۆتلۈكىنى ئامالسىزلىق دەپ چۈشىنىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى.
ئۇ “ئۇزاققا سوزۇلغان شىرىن ئاي”نىڭ يەنە بىر كېچىسى ئۆتكۈزۈپ، ئەتىسى ئاشخانىغا ۋاقچە كەلدى. ساۋۇت بىلەن ھاشىممۇ چاپاقلىرىنى ئۇۋىلاپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. رەيھان خېلىغىچە چىقمىغاندىن كېيىن ياسىن ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۆڭسىلى ئۆچكەن ھالدا يېنىپ چىقتى. رەيھانغا تېلېفون قىلدى، ئەمما ئېتىك چىقتى. ساۋۇت بىلەن ھاشىمدىن سورىدى، ئۇلارمۇ ھەيران قېلىشتى. ياسىن بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە ئىشەنمىگەندەك، ھۇجرىغا قايتا كىرىپ، رەيھاننىڭ نەرسىلىرىگە قاراپ باقتى، ئۇنىڭ ئازراق كىيىم-كېچىكى قالغاندىن باشقا، ئوغلىنىڭ كىيىملىرىنىڭ ھەممىسى يوق تۇراتتى، چاماداندىن بىرسى ئازلىغانىدى.
ـــ ئۇ سىلەردىن پۇل سورىغانمۇ؟ــ دېدى ياسىن ئاشخانىغا قايتىپ چىقىپ.
ساۋۇت بىلەن ھاشىم خۇددى ئېغىر ئەھۋالدا قالغاندەك بىر جوزىغا كېلىپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ كۇسۇلدىشىپ تۇراتتى. ياسىننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر ئېغىزدىن “ياق” دەپ جاۋاب بېرىشتى.
ـــ سىلەرگە بىرەر گەپ قىلغانمۇ؟
ـــ ياق، ھېچنېمە دېمىگەن…ــ دېدى ساۋۇت.
ھاشىم سۈكۈت ئارقىلىق بۇ گەپنى تەستىقلىدى ۋە ياسىننىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خوش بولدى. ياسىن “خوتۇنۇمغا نېمىشقا قاراپ قويمايسىلەر!” دېيەلمەيتتى، ئۆز خوتۇنىغا ئۆزى ئىگە بولالمىغان ئادەمنى ئەر كىشى دېگىلى بولاتتىمۇ؟
ــ تۈنۈگۈن مەن كەتكەندە بارمىدى؟
ــ بار ئىدى، ــ دېدى ھاشىم ياسىنغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان قىياپەتتە، ــ ھەر قانچە بولسا كېچىدە بىر ياققا ماڭماس، ئەتىگەندە بىز ئۇخلاپ قالغاندا چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.
ياسىن ئەنسىزلىك ئىچىدە ھەر خىل تەخمىنلەرنى قىلىپ باقتى، رەيھان ئىززەت-نومۇسىنى بەك چوڭ بىلىدىغان خوتۇن، ھەرگىز كېچىسى قېچىپ ماڭمايدۇ؛ ئەمما ئۇ ھەم ئېھتىياتچان خوتۇن، كۈندۈزى مېڭىپ بۇلارغا كۆرۈنۈپ قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئەمىسە ئۇ قاچان كەتتى، نەگە كەتتى؟ بارسا يۇرتقا بارىدۇ، لېكىن قانداق ماڭدى؟ نەدىن پۇل تاپتى، ئۇنىڭغا كىم ياردەم قىلدى؟ غېنى شاڭجاڭمۇ؟
ياسىن سىرتقا چىقىپ، ھەر قانداق قىيىن ئىشقا ئۇچرىسا غېنى شاڭجاڭغا دەيدىغان ئادىتى بويىچە شاڭجاڭغا تېلېفون ئالدى، ئەھۋال سورا-سورىمايلا جىددىيلىشىپ نەق گەپنى دەۋەتتى:
ـــ ماڭا قارا، ئەتىگەندە ساراڭدەك بىر ئىش يۈز بەردى، خوتۇنۇم يوقاپتۇ، ساڭا بىر گەپ قىلغانمىدى؟ سەندىن پۇل سورىغانمىدى؟!…
ـــ خوتۇنۇڭ نېمىشقا يوقاپتۇ؟
ـ ۋاي، ئارتۇق گەپنى قوي، مەن سەندىن سوراۋاتىمەن، ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇرغانمىدىڭ؟
ـــ سەن ئېرى تۇرۇپ ئۇنىڭغا پۇل بەرمىگەنمىدىڭ؟!
ـــ ئا… ئادەم بىلەن تولا چېقىشما ئاكا، گېپىمگە جاۋاب بەرگىن.
ـــ مەن خوتۇنۇڭغا پۇل بېرىپ تۇرمىغان.
ـــ ئەمىسە ئۇ نەگە كېتىدۇ؟!
ــ بۇنى مەندىن سورايسەنغۇ ، ئوبدانراق ئىزدەپ باق، ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ قالار.
غېنى شاڭجاڭ تېلېفونىنى بېسىۋەتتى، ياسىن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن، تەلەپپۇزىدىن گۇمانلاندى. ئاشخانىغا كىرىپ ئورۇندۇقنى بىر چەتكە سۈرۈپ، ئاچچىق بىلەن تاماكا تۇتاشتۇردى، چاقماق تۇتقان قوللىرى تىترەيتتى. ئۇ ئاچچىق ئىسنى ئىچىگە تارتىپ، خوتۇنىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەن قىمارۋازدەك سالپىيىپ، سەپرالىشىپ، ھەممە نەرسىگە ئۆچى باردەك ئالىيىپ قارايتتى. ساۋۇت بىلەن ھاشىم ئۇنىڭ يېنىدا تۇرالماي، قازان بېشىغا كىرىپ كېتىشتى.
ئۇ چۈشكىچە قويغان-تۇتقىنىنى بىلمەي ساراڭدەك يۈردى، ھۇجرىغا نەچچە قېتىم كىرىپ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ئىككى يانغا قارىدى، ئۆينىڭ ھەر بۇلۇڭىغا غەزەبلىك تىكىلدى، “بۇ ساراڭ ئېلىشىپ قاپتۇ، خوتۇن خەق دېگەن ئەسلىدىلا ساراڭ، ھەر قانچە بولسىمۇ بۇنداق قىلامدۇ؟ مۇشۇنداق قىلىپ ھەممىنى ۋەيران قىلماقچىمۇ؟ ئەمدى كۆڭۈل ئايايدىغان يەر قالماپتۇ…” دەپ ئويلىدى. تېپىۋالسا ئۇرىۋېتىدىغاندەك ھاسىرىدى، قوللىرى قىززىدى. بىراق ئۇنى ئۇرغان بىلەنمۇ نېمە پايدىسى؟ ئۇرۇپ بويسۇندۇرۇپ بولالامدۇ؟ رەيھان ئۇ ئەپتىدە تاياققا بويسۇنىدىغان خوتۇن ئەمەس. چۈنكى ھەممە خوتۇن بىلىدۇ، ھازىر دېگەن خوتۇن خەقنى ئۇرۇپ قۇل قىلىدىغان زامان ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قويۇۋەتكىنى تۈزۈك. رەيھاننىڭ بۇ يەردىن كېتىشى “مېنى ئەمدى خوتۇن قىلالمايسەن، مېنى ئەركىمگە قويۇۋەت” دېگىنى ئەمەسمۇ؟! ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئېرىدىن ئۆچ ئالغۇسى بار، ئېرىگە خىيانەت قىلغۇسى بار، نېمە كۆرسەم كۆرەي دەپ بۇزۇلۇپ كەتكۈسى بار!… شۇنداقمۇ قىلارمۇ؟ ياسىن بۇنى ئويلاپ چۆچۈپ كەتتى، ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغاندى، كۆزلىرى قورقۇنچتىن چەكچەيدى.
ئۇ “ئىككى خوتۇنۇم بار، ئىككىلىسى ھامان ئاستىمدا ياتىدۇ” دەپ ئويلاپ كەتكەنلىرىنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدى، بىرىگە ئېرىشسە يەنە بىرىگە ئېرىشەلمەيدىغان بىتەلەي ئەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئەمما زادىلا تەن بەرگۈسى كەلمىدى. ئەجىبا رەيھاننىڭ بۇزۇلۇپ كەتكۈسى كەلدىمۇ؟ ئېرىنى كەمسىتىپ، مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدىمۇ؟ بۇ خوتۇننى ئەمدى بۇرۇنقىدەك خوتۇن قىلالمىسا، قويۇپ بېرىشكە تېخى چىدىمىسا، ئەمىسە قانداق قىلىدۇ؟ …
گۈلشەندىن نەچچە قېتىم تېلېفون كەلدى، ياسىن ئۈچىنچى قېتىم تېلېفوننى ئېلىپ خوشياقماسلىق بىلەن قۇلىقىغا ياقتى.
__ تېلېفون ئۇرسام نېمانداق ئالمايسىز؟
__ ئاڭلىماي قاپتىمەن، ھە، دېگىنە، نېمە گېپىڭ بار؟
__ نېمانداق گەپ قىلىسىز، نېمە بولدى سىزگە؟
__ ما گۇينىڭ خوتۇنى قېچىپتۇ، بالامنى كۆرەلمەي غەزىۋىم تېشىپ ئولتۇرىمەن.
__ نەگە قېچىپتۇ؟
__ قاچسا ماڭا دەپ قويۇپ قاچامتى، بېشىمنى تولا ئاغرىتما، گېپىڭ بولمىسا خوش.
__ توختاڭ، بىر دەمدە ئەمدى چوڭ خوتۇنىڭىز تەرەپكە ئۆتۈۋالدىڭىزغۇ؟!
__ سېنىڭمۇ ئەمدى كىچىك تىلىڭ چىقىۋاتىدىغۇ!
__ كۈنلىسەم بولمامدىكەن؟ مەنمۇ سىزنىڭ خوتۇنىڭىز.
ياسىن بۇ گەپتىن جىلە بولۇپ، ھېچ ۋاقىتتا كۆرۈلمىگەن بىر سوغۇققانلىق ئىچىدە ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدى.
__ مەن بىلەن تولا چوقۇشما، ئىشىڭ بولمىسا ئىشقا چىققىن.
__ شۇ، يولدا كېتىپ بارىمەن، سىزنى ئەسلەپ تېلېفون قىلسام، كۆڭلۈمنى بەك يېرىم قىلدىڭىز.
__ بالام يوقاپ كېتىپ كاللام جايىدا ئەمەس، بۇنداق چاغدا ماڭا گەپ خوشياقمايدۇ.
__ بوپتۇ، ئەمىسە، خوتۇن-بالىڭىز مەندىن مۇھىم بولغاندىكىن…__ گۈلشەن خاپا بولۇپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى، ياسىن “بۈگۈن نېمە بولدى بۇ ساراڭغا” دەپ ئاچچىق كۈلدى. ئىشەنگەن خوتۇنى قېېچىپ كەتسە، كۈنلىمەيدىغان خوتۇنى كۈنلىسە… بۇ جاھاندا خوتۇن خەققە ئىشەنمەي ئۆتۈپ كېتىدىغان گەپمۇ!
رەيھاننىڭ بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماي كەتكىنى ئەمەلىيەتتە ئېرىنى كېرەك قىلمىغىنى، ئۇنى بۇ دۇنيادا ئۆلدىگە چىقىرىۋەتكىنى بولماي نېمە؟ پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەر تۇرۇپ بۇ ئېغىر زەربىنىڭ ئازابلىرىغا قانچە كۈن چىداشلىق بېرە، بۇ ھاقارەتنى قانچە كۈن كۆتۈرۈپ يۈرەر؟… ياسىن ئىچ-ئىچىدىن ئاچچىققا تولۇپ ئاشخانىغا چىقتى، كاۋابداننىڭ يېنىغا كەلدى، ئولتۇرۇپ باقتى، قوپۇپ باقتى، رەيھان خۇددى بىر يەردىن پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك تالاغا قاراپ باقتى، ئاچچىق تاماكىنى قاتتىق شوراپ، قېقىلىپ يۆتەلدى، كۆزىدىن ياش چىقتى، ئەمما بۇ ھەرگىز پۇشايمان يېشى ئەمەس ئىدى…
ئاشخانىغا ئادەم كىرىشكە باشلىدى، ئېغىر خىيالغا پېتىپ كەتكەن ياسىن خېرىدارنى كۆرۈپ تەمتىرەپ قالدى، بۇ ئاشخانا ئەمەسمىدى؟ قېنى كۈتكۈچى؟ ئۇ تاماكىسىنى تاشلاپ چاي دەملەشكە ماڭدى، بۈگۈن بىر كۈن مۇشۇنداق پالاقلاپ ماڭىدۇ، تاماق توشۇيدۇ، قاچا يۇيىدۇ… ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، كەيپىياتى قەدەمدە بىر ئوساللىشىپ، بىر قاچىنى ئورنىدىن يۆتكىمەي تۇرۇپ ماغدۇرىدىن كەتتى… گۈلشەنگە تېلېفون قىلدى:
ـــ ئىشىڭنى تاشلاپ ما ئاشخانىغا كەل!
ـــ نېمە ئىش بولدى؟
ـــ كەل دېگەندىكىن كەلمەمسەن!
ـــ ئادەمگە ۋاقىرىماڭە ئۇنداق، مېنى مالايدەك كۆرىسىز-ھە سىز!
ـــ ئەتىگەندە مېنى جىلە قىلماي ئىتتىك كەل.
ـــ ئەتىگەن ئەمەس، چۈش ھازىر، مەنمۇ تېخى ھازىر كەلدىم، بىر دەم دېمىمنى ئېلىۋالاي.
ـــ دېمىڭنى ئالغاچ ئەتراپىڭغا بىر قاراپ باقە، رەيھان كۆرۈنەمدۇ؟
ـــ كاللىڭىز شۇنىڭدىلا قاپتۇ-دە، ئۇ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟
ـــ قاراپ باق دېگەندىكىن قاراپ باق!
ـــ ئۆزىڭىز كېلىپ ئىزدەڭ.
ـــ سېنىڭمۇ ساراڭلىقىڭ تۇتتىمۇ ئەمدى؟!
ـــ كىم ساراڭكەن! ــ دېدى گۈلشەن تەرىنى تۈرۈپ زارلىنىپ، ــ خوتۇنىڭىز يوقاپ كەتسىمۇ مەندىن كۆرەمتىڭىز؟!
ياسىن ئاچچىقتىن پىقىراپ كەتتى، ئاندىن ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئاۋزىنى پەسلەتتى:
ـــ ئۇنداق قىلماي ئىزدەپ باققىن، ھازىر قولۇم بىكار ئەمەس.
ـــ ماقۇل، مەن قاراپ باقاي، لېكىن مېنى ئۇنداق پەس كۆرۈپ توڭ گەپ قىلماڭ!
ـــ ماقۇل خوتۇن، بۇندىن كېيىن ئوڭ گەپ قىلاي… ـــ دېدى ياسىن ۋە تېلېفونىنى غەزەپ بىلەن بېسىۋەتتى.
گۈلشەن روھسىزلىق بىلەن ئورنىدىن قوپۇپ باشقا قىزلار بىلەن تەڭ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى، بۇ يەردە رەيھاننى ئىزدەشنىڭ ئەخمىقانە، بىھۇدە، كۈلكىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلىغاچ، ئۇ ياق-بۇياققا مېڭىپ، ئايرىمخانىلارغا قاراپ چىقتى. “ياسىننىڭ كاللىسى شۇ خوتۇنىنىڭ دەردىدە ئېلىشىپ قاپتۇ، ئەگەر مەن بىر كۈن يوقاپ كەتسەم مېنىمۇ شۇنداق ئىزدەرمۇ؟…” دەپ ئاچچىق خىيال سۈردى.
بىر چاغدا غېنى شاڭجاڭ رېستۇراندا پەيدا بولۇپ گۈلشەننى ئالدىغا چاقىردى، شاڭجاڭنىڭ ئىپادىسى باشقىچە ئىدى، “بۈگۈن سىز كۈتكۈچىلىك قىلماڭ، قىلىدىغان ئازراق ئىشىڭىز چىقىپ قالدى، مەن بىلەن مېڭىڭ” دەپ ئۇنى باشلاپ رېستۇراننىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ، كەينىدىكى بىناغا ماڭدى، غېنى شاڭجاڭ بۇ بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن ئىككى يۈرۈش ئۆينى ئىجارىگە ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجى بويىچە خالىغانچە پايدىلىناتتى. بۇ ئۆيلەر گۈلشەنگە تونۇش ئىدى، باياتىن رەيھاننى ئىزدەۋاتقاندا بۇ ئۆيلەر يادىغا يەتكەن بولسىمۇ كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان، مانا ئەمدى شاڭجاڭ بۇنىڭغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتاتتى. گۈلشەن بۇ يەردە چوقۇم بىر “ئىش” بارلىقىنى بايقاپ ئۈلگۈردى، شاڭجاڭنىڭ ئارقىسىدىن ماراقچىدەك ئىتتىك ماڭدى. غېنى شاڭجاڭ بىنانىڭ بىرىنچى ئىشىكىدىن كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئۆينىڭ “مۈشۈك كۆز” ئورنىتىلغان ئىشىكىنى چەكتى. ئىشىكنى ئاچقان قىز غېنى شاڭجاڭ ۋە كەينىدىكى گۈلشەنگە قاراپ شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى. گۈلشەن ئۆيگە كىرىپلا سالوندىكى سافادا بالىسى بىلەن بىللە تېلىۋىزورغا قاراپ ئولتۇرغان رەيھانغا قاراپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى، قورقۇنچتىن پۇتلىرى تىترىدى، ئەمما ئۆزىنى دەررۇ ئوڭشىۋالدى: قورققىدەك نېمە بار ئىدى، ئۇ ياسىننىڭ چوڭ خوتۇنى بولسا، گۈلشەن كىچىك خوتۇنى، غېنى شاڭجاڭمۇ بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. ئېرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى ئۇ ئېرىدىن كۆرسە بولىدۇ، يا ئۆزىدىن كۆرسە بولىدۇ، گۈلشەندە نېمە گۇناھ!؟ ھەر قانچە بولسىمۇ بۇ يەرگە بېشەملىك قىلغىلى كەلمەس، شۇنداقمۇ قىلارمۇ؟ گۈلشەننىڭمۇ ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرى بار، تىللاشسا تىللىشىدۇ، ئۇرۇشسا ئۇرۇشىدۇ…
ئۇ رەيھاننىڭ بۇ يەرگە كېلىۋالغىنىدىن تېخىچە ئەجەبلىنىۋاتاتتى، بىچارە خوتۇن ئاچچىقىغا پايلىماي ياسىننى تاشلاپ غېنى شاڭجاڭ بىلەن تېپىشىۋالغانمىدۇ؟ كېچىدىن ئىككىسى بىللە ياتقانمىدۇ؟ شۇنداق قىلغان بولسا ئەمدى تۈگەشتى دېگەن گەپ ، ياسىن ئۇنى ئاشقان تاماقتەك تاشلىۋېتىدۇ، گۈلشەننى بولسا ئىشتىھا بىلەن “يەۋېرىدۇ”… بۇنىڭغا بۇ خوتۇن چىدامدۇ؟ چىدىمايدىغان ئادەم نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدۇ؟! بۇنداق قىلسا ياسىننىڭ ئۆزىنى كېرەك قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟!
رەيھانمۇ گۈلشەننى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، كۆزلىرىدىن نەپرەت، يىرگىنىش ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى، ئاندىن غېنى شاڭجاڭغا ھەيرانلىق ۋە نارازىلىق بىلەن قاراپ:
__ بۇ بىر نېمىنى نېمىشقا ئەكىردىڭىز؟ مېنى قەستەن تېرىكتۈرەي دەمسىز، ئاپىرىڭ، بۇ بىر نېمە بېرىپ ياسىننىڭ يۇندىسىنى ئادالىسۇن، كۆزۈمدىن ھازىرلا يوقىتىڭ!__ دېدى.
گۈلشەن غېنى شاڭجاڭغا بۇيرۇق قىلغۇدەك بولغان بۇ “ئاچىسى”نىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ، ئاچچىقتىن تولغىنىپ كەتتى، بىر نېمىلەرنى دەي-دەي دەپ ئاغزىنى مىتىلدىتىپ تۇرۇپ قالدى.
__ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئۆزگەرمەس تەمكىنلىكى بىلەن،__ گۈلشەن مېنىڭ خىزمەتچىم، قانداق ئىشلەتكۈم كەلسە شۇنداق ئىشلىتىمەن. بۇ ئۆي نەچچە ۋاقىتتىن تازىلانماي تۇرۇپ قالدى، ئامانگۇل يېتىشىپ بولالمايدۇ، گۈلشەن قىزلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن چاققان، شۇڭا ئىشلىرىڭىزغا قارىشىپ بەرسۇن دەپ ئەكىردىم، ھەرگىز باشقا مەقسەت يوق.
__ باشقا قىزلارمۇ جىققۇ، بۇنى كۆزۈم كۆرمىسۇن…
گۈلشەن ئىچىدە “خەپ” دېدى، قورسىقى قاتتىق ئاغرىغاندەك تۈگۈلۈپ ئاران چىدىدى، ئۆزىنى ئوسال ئەھۋالدا قويغان شاڭجاڭدىن ئاغرىندى، ئەمما شاڭجاڭ بۇ يەرگە ئۇنى باشلاپ كىرمىسە بۇ مەخپىيەتلىكنى قانداق بىلىپ، ياسىنغا قانداق دوكلاپ قىلالايتتى؟! كىرگەندىكىن ھەممىگە چىداش كېرەك، شاڭجاڭ چىقىپ كەتكەندە ئوبدان دېيىشىۋالىدۇ…
__ باشقا قىزلار گۈلشەندەك پاكىز ئەمەس،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ يۇمۇر سۆزلەۋاتقاندەك،__ بۇنىڭدەك قىلالمايدۇ. مەن ئادەم ئىشلىتىشتە ئەزەلدىن خاتالىشىپ باققان ئەمەس.
رەيھان ئەمدى بەرىبىر غېنى شاڭجاڭنىڭ گېپىىگە ھۆرمەت قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئامالسىز تۇرۇپ قالدى، شاڭجاڭ مەقسەتسىز ئىش قىلمايتتى، ياسىنغا رەيھاننىڭ نەدىلىكىنى، بىخەتەر تۇرۇۋاتقانلىقىنى، كېچىدىن ئامانگۇل بىلەن بىللەن ياتقانلىقىنى گۈلشەننىڭ شاھىدلىقى ئارقىلىق بىلدۈرمەكچى ئىدى، رەيھان بۇنى دەرھال چۈشەندى، كۆڭلى ئېچىلدى.
__ سىز ھۇجرىڭىزغا كىرىپ بالىڭىز بىلەن ئارام ئېلىڭ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ چىقىپ كېتىش ئالدىدا،__ ئۆينى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئامانگۇل سىزگە تاماق ئېتىپ بەرسۇن، بۇ قىز ئۆي تامىقىغا ئۇستا؛ گۈلشەن بالىڭىزنىڭ ئىشتان-پايپاقلىرىنى يۇيۇپ بەرسۇن، ئۆزەم يۇيىمەن دەپ جاپا چېكىپ يۈرمەڭ، ھېلىمۇ كۆپ جاپا تارتىپ كەتتىڭىز. ئەمدى بىر ئوبدان كۆرۈشكەندىكىن چىرايلىق مۇڭدىشىپ، ئاچا-سىڭىلدەك ئۆتۈڭلار. كونا خاماننى سورۇپ سوقۇشۇپ يۈرسەڭلار سەت تۇرىدۇ، بىر ئەرنى دەپ ئۇنچىلىك قىلىش ئەرزىمەيدۇ، يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىسىلەر، ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزەڭلار… بۇ گېپىمنى ئوبدان ئويلىنىڭلار.
غېنى شاڭجاڭ سالماق قەدەم تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، رەيھان ئوغلىنى ئېلىپ ئىچكىرىكى ھۇجرىغا كىرىپ كەتمەكچى بولىۋىدى، ئوغۇلچاق تېلىۋىزوردىكى قوچاق فىلىمغا قاراپ ماڭغىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالدى، رەيھان تېلىۋىزورنى ئۆچۈرۈۋەتتى، بالىسى يىغلاشقا باشلىدى. بۇ يىغا-زارىدىن تېخىمۇ كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولدى. ئامانگۇل بۇ ئىككەيلەننىڭ ياسىن توغرۇلۇق زىددىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، گەپتىن قېچىپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكنى يېپىۋالدى.
__ مەيلى، كۆرگىلى قويۇڭ، زورلاپ قانداق قىلىسىز؟ __ دېدى گۈلشەن جان كىرىپ قالغان يىلاندەك تولغىنىپ ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ،__ مەنمۇ قوچاق كۆرۈشكە بەك ئامراق…
رەيھان ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن قاراپ قويۇپ، بالىسىنى پەپىلىدى.
__ بۇ يەردە كۆرۈشۈپ قالارمىز دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن.
__ مېنىڭ ئالدىمدا ئازراق نايناقلا، سەندەك نېمىگە گەپ قىلغۇم يوق.
__ باياتىن ئەمىسە ئەجەپ چوڭچىلىق قىلىسىزغۇ، شاڭجاڭ بار، شۇڭا قورقمايسىز-دە، شاڭجاڭ بولغاچقا، ياسىندىنمۇ قورقمايدىكەنسىز دەڭا؟
__ ئىشىڭنى قىل، ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭگە ئوخشاتما!
__ مەندەك خوتۇن بولالىغان بولسىڭىز ئۆيىڭىزدە ئېسىل ياشايتتىڭىز.
__ شۇنداقمۇ…__ دېدى رەيھان مەسخىرىلىك كۈلۈپ، _ مەن ئەجەپ بىلمەپتىمىنا! مەن سەندەك نايناق، غىلجىڭ ئەمەس، شۇڭا ئېرىمنىڭ پەس كۆڭلى ساڭا چۈشكەن گەپ…
__ شۇڭا ياسىن سىزنى خۇلقى يوق دەيدىكەن-دە، گەپ ئۆزىڭىزدىكەن، ئەمدى كېلىپ ئېرىڭىز تاشلىۋەتسە ئۇنى مەندىن كۆرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟!
__ ئادەم بار يەردە تولا ئېغىزىمنى ئاچما، بولمىسا بۇ يەردىن چىقىپ كەت!
__ ۋۇي ما گەپنى، مېنى نەگە قوغلايتتىڭىز؟ بۇ ئۆي سىزنىڭمىدى؟ قانداق قىلىپ ئېرىشتىڭىز؟ شاڭجاڭ دارىن ئالاھىدە ئىلتىپات قىلغان ئوخشىمامدۇ!
__ كۆزۈمگە تولا سەت كۆرۈنمەي چىق، خىيالىڭدا مېنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ، مەن نەگە بارسام بوينۇمنى تىك تۇتۇپ ياشايدىغان خوتۇن، ئۇقتۇڭمۇ؟ بۇ يەرگە ئادەمدەك ياشاي دەپ كەلدىم، خاناچاڭنىڭ دەردىنى سەندەك ماڭقىلار چۈشىنىپ بولالمايدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئېغىزىڭنى يىغىپ يۈر.
__ ۋاي ماقۇلە خاناچا، مەن ماڭقا بولسام سىلى چوڭ خانىش، ئېسىلزادە مەلىكە، ئۇنچە كېرىلىپ كەتمىسىلە، مەنمۇ ياسىناخۇننىڭ نىكاھلىق خوتۇنى، مېنىڭمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق ھۆرمىتىم بار.
رەيھان بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىچىدە ئاچچىق كۈلدى، تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى، ئەمما ھازىر كىم بىچارە؟
__ ھازىرغىچە ئۆزەڭنى ياسىننىڭ خوتۇنى دەپ ئويلامسەن؟
__ ئەمىسە ئاشنىسى دەپ يۈرسەم بولامتى؟
__ ياسىننىڭ نىكاھ قىلدىم دېگىنىگە ئىشىنىپ يۈردۈڭما؟ ئەقلىڭ نەگە كەتتى؟ نىكاھ ئوقۇغاندا قېشىڭدا ئاتا-ئاناڭ بارمىدى؟ گۇۋاھچىڭ كىم؟ تويلۇقۇڭغا نېمە ئالدى؟ خەقنى قىچىرىپ توي قىلدىڭمۇ؟
__ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىم، بۇ يەر دېگەن كۇلى،ھەممە ئىش شارائىتقا بېقىپ بولىدۇ. مەن ئۆزەم يالغۇز تېگىۋالمىدىم، يېنىمدا غېنىكاممۇ بار.
__ نېمە؟ نىكاھ ئوقۇغاندا غېنى شاڭجاڭمۇ بارمىدى؟
گۈلشەن دېمەيدىغان گەپنى دەپ سالغاندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئەمما گەپنى دەرھال ئوڭشاپ جاۋاب بېرىۋەردى:
__ شۇ، غېنىكام مەسچىتكە جۈمە ئوقۇغىلى بېرىپتىكەن، ياسىن ئىككىمىزگە ئۇچراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن نىكاھىمىزغا قاتنىشىپ بەردى.
__ يوغان ئىش قىلىشىپسەن، ئىككىڭنىڭ ئىشىنى ئىگەم ئاللاھقا قويدۇم، ئەمما مەن سەنلەرنى ھەرگىز ئەر-خوتۇن دەپ ئويلىمايمەن.
__ ئىختىيارىڭىز، لېكىن مەن ئۆزەمنى ياسىننىڭ خوتۇنى دەپ ئويلايمەن، مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئەسكى قىز ئەمەس، ئېرىڭىزنى يولدىن چىقارغان مەن ئەمەس، ئالىمەن دېدى، تەگدىم. بىر ئەر ئىككى-ئۈچ خوتۇن ئالسا بولىدىكەنغۇ. سىز بۇنىڭغا ئۇنىمىغان بىلەن مەن ئۇنايمەن، ئەسلىدە سىز بىلەن ياخشى ئۆتۈپ كېتىمەن دەپ ئويلىغان، لېكىن ھازىر ئويلاپ باقسام بۇ مۇمكىن ئەمەسكەن. راست گەپ قىلايمۇ، سىزنىڭ ئىچىڭىز بەك تاركەن…
__ سېنىڭ بەك كەڭ ئوخشىمامدۇ؟ بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا ئىچى تارلىق قىلىپ بۇزغان سەن ئەمەسمۇ؟!
__ ھەممىنى ماڭا دۆڭگەپ قويغىلى ئۇستىكەنسىز خاناچا، ياسىن سىزدىن بەختلىك بولغان بولسا ماڭا چاپلىشىپ نېمە قىلاتتى؟ قارىغاندا، بۇرۇن ئۆزىڭىزنى بەختلىك دەپ ئالداپ يۈرگەن ئوخشايسىز.
__ بولدى، بولدى، ئازراق ۋىتىلداپ بېرىپ ئىشىڭنى قىل. مەن كىرىپ بالامنى ئۇخلىتىمەن.
__ ئىشقىلىپ ماڭا بۇنداق سەت قارىماڭ، سىز مېنى مىڭ تىللاپ، قارغىسىڭىزمۇ بىكار، ئۆلۈمىمنى تىلىسىڭىز تېخى سىزدىن ئۇزاقراق ياشاپ قالىمەن. ھەر كىمنىڭ خۇدايىم بەرگەن رىزقى بار، ھەر كىم نوچى ياشاشقا، خاتىرجەم ياشاشقا ئىنتىلىدۇ؛ سىزمۇ مانا ياسىننى تاشلاپ بۇ يەرگە كېلىۋاپسىز، ئادەم دېگەن شۇ، سۇ پەسكە ئاقىدۇ، ئادەم دېگەن يۇقىرىغا يامىشىدۇ، مۇشۇنى چۈشەنسىڭىزلا بولدى.
__ بېرىپ ئىشىڭنى قىل، ماڭا ئىش ئۆگەتمىسەڭمۇ بولىدۇ…
__ بالىڭىزنىڭ كىرلىرىنى ئۆزىڭىز يۇيۇڭ، مەن ئامانگۇلگە ياردەملىشىمەن.
__ مەنمۇ ساڭا بالامنىڭ كىيىملىرىنى تۇتقۇزمايمەن.
ـــ مېنى پاك ئەمەس دېمەكچىمۇ؟ ئۆزىڭىز گۆھەردەك ساپ ئوخشىمامسىز؟!
ـــ ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭدەك ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ تولا ئاغزىمنى ئاچما!
ـــ مەن قانداقكەنمەن، بىز دېگەن جىرىڭ-جىرىڭ قىز باللا، توي قىلدۇق، ئېرىمىز بار، ئۆيىمىز بار، سىزدەك قېچىپ مۈكۈپ يۈرمەيمىز، كېچىسى باشقا يەردە تۈنەپ قالمايمىز.
رەيھان يىلان چاققاندەك تولغىنىپ كەتتى، ئاچچىقى بىر دەمدىلا چىرايىغا چىقتى، لەۋلىرى تىترىدى:
ـــ سەن… ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭدەك بۇزۇق ئويلامسەن، نەگە بارسا شۇ يەردە ئېچىپ يېتىپ بېرىدۇ دەمسەن، كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي بۇ يەردىن چىق، بولمىسا ئادەم چاقىرىمەن.
ـــ قېنى چاقىرىڭ، سىز غېنى شاڭجاڭنى چاقىرسىڭىز، مەن ياسىننى چاقىرىمەن، شۇنىڭ بىلەن سوقاش باشلىنىدۇ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، سىز مەندىن چوڭ بولغان بىلەن مەندەك كاللىڭىز ئىشلىمەيدىكەن، ئاچچىقىڭىزنى بۇنداق يامان قىلماڭ، بولمىسا سەت چاندۇرۇپ قويىسىز؛ بۇزۇق دېگەن گەپنى ئۆزىڭىز چىقاردىڭىز، كىم بۇزۇقكەن، ئاخىرىدا بۇنى ياسىناخۇن ئايرىيدۇ.
رەيھان شېتىللىقتا، زۇۋاندازلىقتا ۋايىغا يەتكەن بۇ سېكىلەكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپلا قالدى، بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋالقى ئەندىشىلىرى توغرا ئىدى، ئىشلار دائىم ئۆزى ئويلىغاندەك بولمايتتى. غەزەبلىنىش توغرىدەك قىلغان بىلەن يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققاندا بۇنىڭ زىيىنىنى غەزەپ-ئاچچىققا دۆڭگەپلا قۇتۇلغىلى بولامتى؟ ئادەم دائىم غەزەپتىن ئۈنگەن شۇم بۇيىنىڭ ئاچچىق مېۋىلىرىنى يەپلا ئۆتەمدۇ؟! ئەممە غەزەبلەنمىسە قانداق بولىدۇ؟ ناھەقچىلىككە قانداق چىدايدۇ؟ غەزەبلەنمىسە غۇرۇر قانداق قوغدىلىدۇ؟ غەزەبلەنمىسە ئىرادە، ھەرىكەت قانداق مەيدانغا كېلىدۇ؟ ئەنە شۇ غەزەبنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى، غەزىپى پەسەيگەندە بۇ يەرگە كەلگىنىدىن سەل پۇشايمان قىلدى، ئەمما ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ غۇرۇرى، ئىپپەت-نومۇسى بىلەن ياشايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق ئىشقا دادىل يۈزلىنىش ئىرادىسىگە كەلدى… ئەمما گۈلشەن بۇنى چۈشەنمەيدۇ، ياسىنمۇ چۈشەنمەيدۇ، ھەر ئىككىلىسى بۇزۇقچىلىققا پېتىپ كەتكەن تۇرسا پاك ئايالنىڭ غۇرۇرى ۋە مۇھەببەت-نەپرىتىنى چۈشىنەمدۇ؟!…
ـــ ئۆزەڭنى مەندىن ئەقىللىق چاغلاپ كەتكەنلىرىڭمۇ بۇ!ــ دېدى رەيھان ئۆزىنى دەررۇ ئوڭشاپ،ــ كىچىك بولساڭمۇ مەندىن جىق ئىش كۆرۈپ كەتكەن نېمىسەن، بۇنى بىلىمەن، ئەمما كاللاڭ بولسا شۇنى ئويلاپ باق، ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭ سەن قانداق قىلاتتىڭ؟ كۈنلەمتىڭ- كۈنلىمەمتىڭ؟ چىدامتىڭ- چىدىمامتىڭ؟ ساراڭ بولامتىڭ- بولمامتىڭ؟
گۈلشەن بۇنى ئاڭلاپ “ نېمە قىلىمەن بۇ خوتۇننى ئەيىبلەپ، بولسا مۇشۇنداق ياشاۋەرسە ياخشى ئەمەسمۇ!” دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىچىدە كۈلدى، گەپلىرىنى يۇمشاتتى:
ـــ ئەلۋەتتە چىدىمايمەن-دە، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا كىم چىدايدۇ؟! مەن سىزنى چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەس، لېكىن ماڭىمۇ نېمە ئامال دەيسىز، مەنمۇ بىر ئاجىز قىز بالا، بولسا ئەسلىدە خوتۇنى يوق ئەرگە تەگكەن بولسام بۇنداق ئازاب تارتىپ يۈرمەيتتىم، بۇزۇق دېگەن ئاتاققىمۇ قالمايتتىم، لېكىن بۇ كۇلىدا قانداق قىلىمىز دەيسىز، بىزنىڭمۇ ياشىغۇمىز كېلىدىكەن، بىر كىم بىزنى قەدىرلىسىكەن دەيمىزكەن، بۇزۇلۇپ كەتمەي ياشايلى دەپ ئەرگە تەگكۈمىز كېلىدىكەن، شۇڭا سىزمۇ توغرا چۈشىنىڭ…
رەيھان ئەمدى تۇرۇپلا ئۇنىڭغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى، ئويلىمىغان يەردىن ئەپلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىچى پۇشتى، يەنە دېسە يەنە شۇ، گەپ قىلسا گەپ بەرمەيدۇ، تاكاللىشىدۇ، بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندا مىڭ قاقشىغان بىكار. يەنە كېلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن رەسۋالاشقىنى ياسىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ پوقىنى ئىككى خوتۇن يۈزىگە سۇۋاپ سەتلىشىپ يۈرىۋېرەمدۇ؟
ـــ مەن توغرا چۈشەنمەيمەن، ــ دېدى رەيھان پېتىنى بۇزماي، ـــ بولىدىغان ئىش بولدى، ئۆزەڭنى ئاقلىغىنىڭ بىكار، مۇشۇ چىرايىڭ بىلەن ساڭا ياسىندىن باشقىسى چىقماسمىدى؟ مەن كېلىشتىن بۇرۇن شۇ رەسۋالىقنى قىلىشمىغان بولساڭ بەلكىم سېنى قوبۇل قىلاتتىم. قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ، ئوغرىلىقچە قىلىشقان نىكاھىڭنى خۇدايىم راۋا كۆرەمدۇ؟! مەن ياسىننى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ پەقەت سېنى ئويناشتىن باشقىنى ئويلىمايدۇ، مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن نىكاھ قىلدىم دەۋالدى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مېنى ئالدىدى، سەنمۇ ئۇنىڭغا ئالداندىڭ، يا بولمىسا ئۇ ساڭا ئالداندى.
ــ ئۇنداق ئىش يوق، ئۆزىڭىز خاتا ئويلىۋاپسىز…ــ دېدى گۈلشەن گەپنى كەسكىن بۆلۈپ.
ــ توختاپ تۇر، مەن ياسىن بىلەن ئۆي تۇتقىلى بەش يىلدىن ئاشتى، ئۇنى تېخى مەندەك چۈشەنمەيسەن. بىز بەك ئوبدان ئۆتكەن. بۇ ھەقتە ساڭا ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق، ئىشىقىلىپ يېقىندىن بېرى ئۇ ماڭا كۆرمىگەن كۈننى كۆرسەتتى، ئاجرىشاي دېسەم ئۇنىمىدى، كېتەي دسەم پۇل بەرمىدى، ساڭا خەجلىگەن پۇلدىن ماڭا بىر سىنت خەجلىمىدى. ئۇنىڭ ماڭا سالغان ئازابلىرىنى سەن بىلىسەن، بىلىپ تۇرۇپ تاماشا كۆردۈڭ، مەن بۇنىڭ ھەممىسىگە چىدىدىم، ئەمدى ئۇنداق ئۆتىۋەرمەيمەن، مەن ئۇنداق دەسسىسە مىجىلىپ تۇرىۋېرىدىغان لاي ئەمەس. مەنمۇ جېنىم بولغاندىكىن مىدىرلىشىم كېرەك، شۇڭا بۇ يەرگە ئىشلەپ پۇل تاپاي دەپ كەلدىم، ئەسقاتمىغان ئېرىم سېنى بېقىپ ئۆتىۋەرسۇن. مەن بۇ يەردە ئۆزەمنى ھەم بالامنى بېقىپ ياشايمەن، نەدە ياشىسام غۇرۇرۇم، ئىمانىم بىلەن ياشايمەن. شۇڭا ماڭا ئۇنداق-مۇنداق تۆھمەت قىلغۇچى بولما…
ــ سىزمۇ مېنى ئۇنداق كۆرگەنلا يەردە سەتلىمەڭ، مەنمۇ سىزنى ھېچقاچان تىللاپ باقمىدىم.
ــ تىللىمىغىنىڭغا رەھمەت دېسەم بولغۇدەك ئەمىسە… ـــ رەيھان ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىسىنى مەجبۇرلاپ دېگۈدەك ياتاق ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ ئىشىكىنى تاقىدى. گۈلشەن ئاغزىغا كەلگەن گەپنى بوغۇزىغا يۇتۇپ، ئىچىگە تىنىپ بىر دەم ئولتۇرغاندىن كېيىن تازىلىق ئۆيىگە كىردى.
ــ جىدىلىڭ تۈگىدىمۇ؟ــ دېدى ئامانگۇل پەس ئاۋازدا.
ــ نېمە جېدەلنى دەيسەن، بىز ئۇرۇشمىدۇق، ھەم ئۇرۇشمايمىز. ئۆزىمىزدىن چوڭ خوتۇن بىلەن ئۇرۇشۇپ نېمە قىلىمىز؟
ــ ئاغزىڭ بەك ئتتىكچۇ سېنىڭ، گاھىدا ئاڭلاپ ھەيران قالىمەن.
ــ سەن گەپ قىلمىساڭ ئۇ گەپ قىلىدۇ، ئۇنداق خوتۇنغا گەپ بەرمىسەڭ بولىدۇ، گەپ دېگەن تاياقتىن يامان.
ــ ئەمدى چىقسام بولىدىغاندۇ؟
ــ بولىدۇ، ئىشلىمىسەڭمۇ بولىدۇ. تاماق قىلما، سەن ئۇنىڭ مالىيىمىدىڭ؟
ــ پەس گەپ قىل، غېنى شاڭجاڭ بۇيرۇغان ئىشنى قىلمىساڭ قانداق بولىدۇ؟
ــ غېنىكام ئۇنىڭ نېمىسىكەن؟ بىر ئاخشام بىللە ياتقانغا ئۇنىڭ ئېرى بولۇپ قالمىغاندۇ؟
ــ ھەي…ھەي، ئېغىزىڭنى يامان قىلما، كېچىدىن مەن بۇ چوكان بىلەن مۇشۇ ئۆيدە ياتتىم.
ــ لېكىن سەن ئۇخلاپ قالغاندا ئىككىسىنىڭ نېمە ئىش قىلغىنىنى بىلمەيسەن-دە!
ــ قالايمىقان گەپ قىلما ئاداش، بۇ ئايال بالىسىنى قارىتىپ قويۇپ ئۇنداق ئىش قىلماس. بالىسىنى ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ ئىچىدىن تاقاپ قويۇپ ياتتى. مەن بۇ يەردە كېچىدىن تۈزۈك ئۇخلىغاندەك بولمىدىم، ئورۇن ئالماشسام ئۇخلىيالمايدىغان بىر ئىشىم بار، ئەتىگەندە ئازراق ئۇخلىغاندەك بوپتىمەن، ئويغىنىپ كېتىپ قارىسام بىرسى يىغلايدۇ، ئىشىك يوچۇقىدىن قارىسام بۇ چوكان دۇئا قىلىپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ. سەھەر قوپۇپ ناماز ئوقۇيدىكەن، بۇنداق چوكاننى ئۇنداق ئىش قىلىدۇ دېسەڭ، قانداق بولىدۇ؟
ــ ناماز ئوقۇغىنى بىلەن شەيتىنى يامان خوتۇن بۇ، ــ دېدى گۈلشەن غۇدۇراپ، ــ بۈگۈنى قىلمىسا ئەتىسى قىلىدۇ، بولمىسا بۇ يەرگە نېمەدەپ كېلىدۇ، پۇلى بارغا تېگىمەن دەپ كەلگەندۇ؟ سەن ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى بىلمەيسەن، قاراپ تۇر، ئەتە-ئۆگۈن غېنىكام بۇنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىۋالىدۇ.
ــ ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، كېچىدىن بۇ چوكان بىلەن ئازراق مۇڭدىشىپ قالدىم، دەردى بەك تولىكەن، ئېرى يامان خارلاپتۇ، بىچارە بالىسىنى دېمەيسەن، دادام قېنى دەپ سوراپمۇ قويماي دىيەنشىگە قاراپ ئولتۇرىدۇ.
ــ بۇ يەرگە زادى نېمىگە كەپتۇ، شۇنى دېگىنە!
ــ گېپىدىن قارىغاندا، غېنى شاڭجاڭدىن ياردەم سورىغان چېغىۋا، شاڭجاڭ ئۇنى داتاڭ جىڭلى قىلىپ ئىشلىتىدىكەن.
ــ بىزنى باشقۇرىدىكەن-دە، ئۇنداق بولسا مەن بۇ يەردە ئىشلىمەيمەن.
ــ كېتىپ لاۋبەننىياڭ بولىمەن دېگىنە، ــ دېدى ئامانگۇل كۈلۈپ، ــ ھەممە نەرسە ئىككڭلارغا ئوڭچە قاپتۇ ئەمدى!
ــ نەدىكى گەپنى قىلىسەن ئاداش، ئۇ يەردە بىر ئادەم ئېشەكتەك ئىشلەيدىغان گەپ، بۇ خېنىممۇ شۇڭا چىدىماي كېلىۋاپتۇ. خوتۇن بولدۇم دەپ مەنمۇ ياسىنغا بىكارغا ئىشلەرمەنمۇ دەيمەن؟
ــ ئېرىڭ پۇل تاپسا بەرىبىر ساڭا خەجلەيدىغاندۇ؟
ــ نېمىسىنى دەيسەن، تويلۇققىمۇ بىر نەرسە ئالمىغان، تاپقىنىنى شۇ ئىجارە تۆلىدى، ئۆينىڭ سۇ، توك پۇللىرىنى مەن دېمىسەم ئۆزلۈكىدىن تۆلىمەيدۇ. تاپقىنىنى بۇ خوتۇنىغا خەجلىدىمىكىن دېسە بۇنىڭغىمۇ خەجلىمەيدىكەن، ئۆيىگە كەتكىلىمۇ پۇل بەرمەپتىمىش. نېمە قىلىدۇ دەيمەن كەتكىلى قويماي، مۇشۇنداق قىلىپ خوتۇنىنى بۇزۇپ بولىدۇ. بۇزسا بۇزمامدۇ، نېمە كارىم، بۇ خوتۇننى دەپ ماڭا قارىماي قويمىسىلا، نېمە قىلسا مەيلى!
ــ ئۇ ئېرىڭگە ئانچە ئىشەنچىڭ يوق ئوخشىمامدۇ؟
ــ ئىشەنچىمغۇ بار، لېكىن ئەنسىرەيمەن. ئويلاپ باق، بەش يىللىق خوتۇنىنى بىر دەمدە تاشلىيالىغان ئادەم مېنى قانچە يىلدا تاشلىۋېتەر؟ ئەمەلىيەتتە بۇ خوتۇنىنىمۇ قويۇۋېتەلمەيدۇ، ھازىرمۇ مۇشۇ خوتۇنىغا تارتىشىپ ساراڭدەك يۈرۈۋاتىدۇ.
ــ يۈرسە يۈرمەمدۇ، سېنى تاشلىۋەتمىسىلا بولىدىغۇ!
ــ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ ئاداش، بۇ خوتۇننىڭ باياتىن دېگەنلىرىنى ئويلىنىپ قالدىم، ئۇ مېنى راستىنلا ئويناش ئۈچۈنلا خوتۇن قىلغانمىدۇ؟ مېنى ئالدىغانمىدۇ؟
ــ ئۇنداق ئويلىما، سېنى دەپ مۇشۇ چوكاننى، بالىسىنى تاشلىۋەتكەن ئادەم سېنى ھەرگىز ئالدىراپ تاشلىۋەتمەيدۇ.
ــ سەن بىلمەيسەن، ئۇنىڭ ئەسلىدە بۇ خوتۇنىنى تاشلىۋەتكۈسى يوق، لېكىن بۇ خوتۇننىڭ مىجەزى يامان، ئېرىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئېرى يامان ئىش قىلىپ سالسا ئۆزىگە ھەرگىز يېقىن كەلتۈرمەيدۇ. شۇڭا ياسىن ئۇنى قېيداپ تاشلىۋەتتى، ھەرگىز چىن كۆڭلىدىن تاشلىۋەتمىدى. مەن بۇنى بىلىمەن.
ــ ئۇنداقتا قانداق قىلىسەن؟ ئۇ چوكان ئۇنداق قىلىۋەرسە، سەن ئۇنداق قىلمىساڭلا بولىدىكەنغۇ؟
ــ لېكىن ئەر كىشى دېگەن بۇنىڭدىنمۇ زېرىكىدىكەن، ئەدەمنى بارغانچە پەس كۆرىدىغان بوپ قالىدىكەن.
ـــ ۋاي-ۋۇي ئاداش، نېمانداق مۇرەككەپ ئىشلار بۇ، نېمانداق قاملاشمىغان ئەر ئۇ!
ـــ شۇنى دېسەڭچۇ، شۇڭا پات-پات نېرۋام ئۆرلەپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. توختىماي سۆزلىگۈم، بىر كىمنى تىللىغۇملا كېلىپ تۇرىدۇ.
ـــ ئاي كۆرۈپ قالساڭ شۇنداق بولىدۇ، سەنمۇ بىرنى تۇغقان بولساڭ مۇقىم بولاتتىڭ، ئېرىڭدىن خاپا بولساڭمۇ بالاڭ يېنىڭدا، زېرىكمەيتتىڭ.
ـــ قويغىنا، مەن كىچىك بالىغا ئانچە ئامراق ئەمەس، بۇ ئىشلارنى تېخى ئويلىشىپ باقمىدىم، قاچان خاتىرجەم بولغاندا شۇ چاغدا تۇغىمەن.
ـــ بۇ ئېرىڭدىن تۇغقۇڭ يوقما؟
ـــ دېدىمغۇ تۇغمايمەن دەپ، ئۇنىڭمۇ ئۇنداق خىيالى يوق، كۆڭلىدە مېنى تۇغماس چىقىپ قالسىكەن دەپ يۈرىدۇ.
ـــ ۋۇي، ئۇنداقتا ئۇ سېنى رەسمىي خوتۇن دەپ قارىمايدىكەن –دە!
ـــ شۇڭا ئىچىم پۇشىدۇ مېنىڭ، مېنى پەقەت ئوينىۋېلىش ئۈچۈن ئالغاندەك ئالدى دەپ ئويلاۋاتىمەن، لېكىن ھازىرچە كاللامنى ساراڭ قىلغۇم يوق، ياخشى ياشىسام بولدى، خارلىنىپ قالمىسام بولدى…
ئىككىسى بىر دەم سوقا سۆھبەتلەردە بولۇپ، ئۆينى تازىلاپ، تاماق ئېتىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى؛ ئامانگۇل كىرىپ رەيھاننى تاماققا ئويغاتتى، كېچىدىن تۈزۈك ئۇخلىيالماي ئەمدى كۆزى ئۇيقۇغا بېرىپ قالغان رەيھان تەستە ئويغاندى، رەڭگى رويى سولغۇن، ھارغىن، پەرىشان ئىدى.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما
