كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (24)
ئاپتور:erturk ۋاقتى:2009-06-21
ياسىن ئاشخانىدا خېرىدار كۈتمەكنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلدى، ئەمما بۇ كۈنى ئادەم ئانچە كۆپ كىرمىگەچكە ئۇنىڭغا بىر دەم ئارام ئېلىپ تاماكا چېكىۋالغۇدەك پۇرسەت چىقتى. ھەممىدىن يامىنى خاپىلىق، سەپرالىق ئىدى، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولسا پۇت-قولنى قانچە ئىشقا سالسىمۇ ھارمايدۇ، كەيپىيات ناچار بولسا بىر قەدەم ئارتۇق مېڭىشمۇ مۇشەققەت. شۇ تاپتا ئۇ كىچىككىنە ئىش قىلسا يۈرىكى سالىدىغان بوۋايدەك پات-پات ئولتۇرۇۋالاتتى؛ قاپىقىدىن مۇز ياغاتتى، ئاغزى-بۇرنىدىن چىقىۋاتقان تاماكا ئىسلىرى قەھرىتان سوغۇقتىكى تۇمانلاردەك سوغۇق، كۆڭۈلسىز ئىدى. گۈلشەن ۋاقتىدا كەلمىگەنچە ئۇنىڭ سەپرايى ئۆرلەشكە باشلىدى، تېلېفوننى يەنە قولىغا ئالدى:
__ سەن زادى سۆرۈلۈپ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن، سەنمۇ ئۆزەڭنى بىر كۆرسىتەي دەۋاتامسەن نېمە؟
__ ئىشىم تۈگىمىدى، سەل تۇرۇپ بارىمەن، يا بولمىسا غېنىكامغا ئۆزىڭىز تېلېفون قىلىڭ.
__ چاققانراق كەل، ئەمدى ئۇ يەردە ئىشلىمىسەڭمۇ بولىدۇ.
__ ماقۇل، ھازىر بارىمەن.
گۈلشەن تېلېفوندا ياسىنغا ھەممىنى دەي دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، دېگۈسى كەلمىدى. نېمىشقا دېگۈدەك، گۈلشەن ئۇنىڭ پايلاقچىسىمىدى؟ نېمە دېسە ھە دەپ كۈچۈكلىنىدىغان يالاقچىسىمىدى؟ دېگەنگە نېمە قىلىپ بېرەتتى؟ ئالتۇن ئۈزۈك ئېلىپ بېرەمتى؟…رەيھان بۇ يەردە قانچە ئۇزاق تۇرسا ياسىن ئۇنىڭدىن شۇنچە گۇمانلىنىدۇ، شۇنچە يىراقلىشىدۇ، شۇنچە كۆڭلى سوۋۇيدۇ. گۈلشەنمۇ ئەمدى شۇ خوتۇننىڭ كارىۋىتىدا خوتۇن بولۇپ كۆرۈپ باقسۇن، ياسىننىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقى ياكى شۇ خوتۇنىغا قانچىلىك تارتىشىدىغانلىقىنى بىلىپ باقسۇن… ئەگەر ياسىن ئاخىر بىلىپ قېلىپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ"خوتۇنۇمنىڭ نەدىلىكىنى مەندىن نېمىشقا يوشۇرىسەن” دېسە، غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا “گۈلشەن ساڭا دېمىدىمۇ؟” دېيەلمەيدۇ، دېسە ئۆزىنىڭ ھىيلىگەرلىكى ئاشكارىلىنىپ تېخىمۇ ئوسال بولىدۇ. ئەگەر ياسىن كېيىنچە گۈلشەننىڭ بۇ ئىشنى يوشۇرغانلىقىنى بىلىپ قالسا، گۈلشەن“ مەن سىزنى شۇ خوتۇنىڭىزدىن قىزغىنىپ، شۇڭا دېمىگەنتىم” دېسە نېمە دېيەلەيتتى؟ …
گۈلشەن رېستۇراندىن چىقىپ ياسىننىڭ يېنىغا ماڭدى، كېتىۋېتىپ ئىشتىھالىق خىياللىرىنى داۋاملاشتۇردى: شاڭجاڭنىڭ رەيھاننى تېتىپ باققۇسى كەلگەنلىكى راست، بولمىسا ياسىننى مات قىلىش خىيالىدا بولامتى؟ ئىككىسى تېخى يېقىن ئاغىنە ئەمەسمىدى؟ غېنى شاڭجاڭ خىيالىدا قىزلارنى ئىشقا سالماقچى، گۇۋاھچىلىققا تارتماقچى، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە بۇ گۇۋاھچىلىق ئاقامدۇ؟ ئەر كىشى خوتۇن خەقنىڭ گېپىگە شۇنچە ئاسان ئىشىنەمدۇ؟ ياسىن ئۇنداق كالۋا ئەمەس، غېنى شاڭجاڭدەك ئادەمنىڭ ھۇزۇرىدا تۈنەپ يۈرگەن خوتۇنىنى كۆڭلى كۆتۈرۈپ يەنە خوتۇن قىلمايدۇ، گۇمان دېگەن قاپقارا نەرسە، يۇيسىمۇ ئاقارمايدۇ، …بۇمۇ ياخشى بولدى، ئىككى قاغا پوق تالاشسا ئوۋچىغا پايدا، ئىككىسى ئادا-جۇدا بولۇشسا “ئىككى خوتۇن”دىن بىرسى قالىدۇ، بىراق گۈلشەن ھەممىگە ئىگە بولالامدۇ؟ …
بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ ئۇقمايتتى، ھەممىنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرمىسە بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھازىر خۇشال ھەم ئەنسىز ئىدى. ئۇ ئەلۋەتتە خۇشال بولۇشى، ئۆزىدىن پەخىرلىنىشى كېرەك، نېمىشقا پەخىرلەنمىسۇن؟ ئۆزىگە چۇشلۇق چىرايى، پىگورى، ناز-خۇلقى بىلەن خوتۇن بالىسى بار ئەرنى ئۆزىگە قارىتالىدى، مەيدىسىگە مۇشتلاپ يەرگەن نوچىنى قوينىدا ئېرىتىپ تاشلىيالىدى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، چىرايلىق، مەغرۇر چوكاننى ئازابقا ئىتتىرىپ، ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرالىدى…
بىراق گۈلشەن بۇنىڭدىن تازا خوش بولالمىدى. چۈنكى ئۇ بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى، مۇشۇنداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمەن دەپ قەستەن ئەسكىلىكمۇ قىلمىغانىدى، قىلغىنى پەقەت كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىش، ئۆز ھەۋىسىگە بويسۇنۇش، ياسىننى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رازى قىلىش، كۆڭلىنى ئېلىش بولدى. ياسىن ھەر ئىككى خوتۇنىنى رازى قىلىپ يۈرىۋەرگەن بولسا، گۈلشەن مەيلى دەيتتى، رەيھاندىن ئۇنى كۈنلەپمۇ كەتمەيتتى. چۈنكى ئۆزىگە ئىشىنەتتى، ئەرلەر ئۈچۈن كونىسىغا قارىغاندا يېڭىسىنىڭ ھامان “تاتلىق” بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
ئۇلارنىڭ ئۆيى قانداق بۇزۇلدى؟ ئىشنى بۇزغان ياسىنمۇ يا رەيھانمۇ؟ گۈلشەن بۇلارنى زىغىرلاپ ئويلاپ كەتمىدى. ئىشقىلىپ، بۇزۇلدى، بۇزۇلۇشقا قاراپ ماڭدى. مانا شۇنىڭ ئۆزى پاكىت. غېنى شاڭجاڭ خوتۇنغا ئامراق ئادەم، لېكىن رەيھان ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا ئۇنامدۇ؟ ئۇ ھەرگىز رېستۇراندىكى قىزلارغا ئوخشىمايدۇ، پۇل ئۈچۈن ئالدىراپ ئۇنداق قىلمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭمۇ نەپسى بوش ئەمەس، كۇلىغا چىققان خوتۇنلارنىڭ قايسى بىرى قانائەتچان؟ شۈكۈر قىلىپ ئولتۇرغان بولسا كۇلىغا چىقامتى؟ ئېھتىمال ئۇمۇ شاڭجاڭنىڭ ئۆيىنى بۇزىمەن دەيدۇ. شۇ شاڭجاڭغا تېگىش مەقسىتى بولمىسا بۇ يەرگە كېلەمتى؟ بولمىسا شۇنچە دەرت تارتىپ ئاخىرىدا چىدىماي قالامتى؟ ھەر قانداق چوكان قەدىرلىنىمەن دەيدۇ، بۇ خوتۇنمۇ چىرايىنىڭ ئەتىۋارىنى قىلىدىغان بىر لاۋبەنگە تېگىشكە ئالدىرايدۇ. بىراق مۇيەسسەرخانمۇ بوش خوتۇن ئەمەس، ئۈرۈمچىدىن كەلسە رەيھاندىن ھېساب ئالماي قويمايدۇ…غېنى شاڭجاڭ يامان ئادەم بولغان بىلەن خوتۇنى چىشى يولۋاستەك ۋەھشىيلەشسە ئامال قىلالمايدۇ…
گۈلشەن ئۆزىنىڭ قۇشقاچتەك كاللىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن ھەررەڭ-سەررەڭ خىياللاردىن زوقلىنىپ كۈلۈپ قويدى، ياسىننىڭ ئاشخانىسىغا بىر دەمدىلا كېلىپ قالغاندەك بولدى، پادىشاھى قاچقان شەھەرگە مەغرۇرلۇق بىلەن كىرىپ كەلگەن قومانداندەك ئاشخانىغا كىرىپ، سەپرالىشىپ ئولتۇرغان ياسىننى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بەك بۇرۇن خوش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
__ ئەتىدىن تېلېفون قىلسام ئەمدى كەلدىڭمۇ؟
__ مانا كەلدىمغۇ؟! قېنى خېرىدار، چىۋىن قورۇپ ئولتۇرۇپسىزغۇ؟
__ قالغان چىۋىننى سەن قورۇ، تولا مېڭىپ جۇلۇقۇم چىقىپ كەتتى.
__ نېمە ئىش قىلغانغا ھېرىپ كەتتىڭىز، خوتۇن-بالىنىڭ دەردى دەڭا، مەن بۇنى چۈشىنىمەن.
__ ئىزدەپ باقمىدىڭما؟ يوق بولسا يوق دەپ تېلېفونمۇ قىلمىدىڭ، دېگىنە نېمە ئىش قىلدىڭ؟
__ ئەمدى مەندىن گۇمانلىنامسىز؟! توۋا، بار بولسا بار دەپ تېلېفون قىلمامدىمەن، يوق بولسا نېمىشقا تېلېفون قىلىمەن، نېمىشقا ئۇ يەردە دەپ ئويلايسىز؟
__ ئۇققىلى بولمايدۇ، خوتۇن خەقنىڭ بېشى قايسا نەمۇ نەگە كېتىۋېرىدۇ.
__ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ بولمىسا.
__ يوق گەپنى قىلما.
__ غېنى شاڭجاڭدىن سوراپ باقسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟
__ سورىدىم، يوق دېگەن.
گۈلشەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ گومۇشتەك تۇرۇپ قالدى؛ شاڭجاڭنىڭ ئىچ سىرىنى ئۇققىلى بولمىغاندىكىن، ھېچ نېمە دېمەيلا تۇرۇۋالسا بولىدىكەنغۇ؟
__ ئەمىسە ئامال يوقكەن، بىر نەچچە كۈن ساقلاپ بېقىڭ.
__ نەگە كەتكەندۇ دەيمەن بۇ دۆت خوتۇن، ئادەمنى مۇشۇنداقمۇ ساراڭ قىلامدۇ؟! __ دېدى ياسىن ئېچىنىشلىق زارلاپ، ئۇنىڭ چىرايىدا قېتىپ قالغان قايغۇ-ئەلەم گۈلشەن كەلگەندىن كېيىنمۇ شۇ پېتى تۇراتتى، بۇنىڭدىن گۈلشەننىڭ ئىچى سىقىلىشقا باشلىدى.
__ بۇنچە تۈگىشىپ كەتمەڭ، ئوغرى-قاراقچى ئېلىپ قاچمىغاندۇ، جېنى تىرىك بولسا بىر كۈنى پەيدا بولىدۇ…
__ ئۇنى ئوغرى-قاراقچى ئېلىپ قاچسۇن دەمسەن، مۇشۇنداق بولۇشىنى تىلەپ تۇرىسەن-ھە!
گۈلشەن ئۇنىڭ سوغۇق ئەلپازىدىن شۈركىنىپ كەتتى:
__ مېنى شۇنداق ئەسكى دەپ ئويلامسىز، مەنمۇ ئۇلارغا بىر ئىش بولمىسىكەن دەيمەن. ھەممىگە مەن سەۋەبچى بولغاندەك، مېنىلا سەتلەيدىكەنسىز، بۇنداق قىلسىڭىز قېشىڭىزدا تۇرمىسام بولغۇدەك…
ياسىن ئۇنىڭ ئاچچىقلاپ قالغىنىنى كۆرۈپ گەپ قىلمىدى؛ ئەمما ئىچ-ئىچىدىن زەردىسى ئۆرلەپ، پىغانى قاينايتتى، تاماكىسىنى ھە دېگەندە ئاچچىق-ئاچچىق شورايتتى.
__ بولدى، بولدى، بۇ توغرىلىق ساڭا گەپ قىلماي،__ دېدى ئۇ قاپىقىنى ساڭگىلىتىپ،__ ئىشىڭنى قىلىۋەرگىن.
گۈلشەن مەينەت قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، جوزىلارنى سۈرتۈشكە باشلىدى؛ ئەمما بۇ ئىشلارنى خوش ياقماسلىق بىلەن قىلىۋاتاتتى، كۆڭلى جايىدا بولمىغاچقا ھاشىم بىلەن ساۋۇتقىمۇ تۈزۈك سالام-سائەت قىلمىدى.
ئىككى ئاشپەز ياتاقتا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
__ يامان نېمىكەن جۇمۇ،__ دېدى ھاشىم كارىۋاتتا يېتىپ مەيدىسىنى قاشلاپ،__ تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ دېگەن مانا شۇ!
__ ياسىن لاۋبەن چاتاق ئىش قىلىۋاتىدۇ،__ دېدى ساۋۇت ئويغا پېتىپ،__ ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان ئادەمنى شەيتان قاتتىق ئازدۇرىدۇ.
__ گۈلشەننى كىچىك خوتۇنلۇققا ئېلىۋالغىنى راستمىدۇ؟ سەن دەپ باقە، مۇشۇنداق قىلسا بولامدۇ؟
__ قانداق خوتۇنلۇققا ئالدى، ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. نەپسىمنى قاندۇرىمەن دەپلا ئالغان بولسا نىكاھ بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ پاھىشىۋازلىقىنى ياپقان بولىدۇ؛ رەسمى خوتۇن قىلىمەن، بالىلىق بولىمەن دەپ ئالغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ.
__ مېنىڭچە ياسىن لاۋبەن نەپسىمنى قاندۇرىمەن دەپلا ئالغان،__ دېدى ھاشىم كەسكىنلىك بىلەن،__ بولمىسا بىر چىرايلىق خوتۇنىنى تاشلاپ قويامدۇ؟ مېنىڭ بۇنداق چىرايلىق چوكىنىم بولىدىغان بولسا جاھان دېگەن مۇشۇ دەپ قوينىدىن چىقماي ياتاتتىم.
__ شۇڭا خۇدايىم ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن…__ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ، __ سەن بولساڭمۇ ئىككى كۈندە زېرىكىپ باشقا خوتۇن تاپاتتىڭغۇ دەيمەن. سېنىڭ نەپسىڭ ياسىن لاۋبەننىڭكىدىنمۇ يامان.
__ بۇنداق ماز گەپ قىلمىساڭچۇ __ دېدى ھاشىم تېرىكىپ،__ مەن ساڭا راست گەپ قىلىۋاتىمەن، ياسىن لاۋبەن ئوينىغاندىمۇ سەت ئويناپ قويىدىكەن. قارىمامسەن، خوتۇنى يوقاپ كەتسە چاتىقى يوق، ئاشنىسىنى ئەكىلىۋالدى، ئەمدى كۆرىسەن بۇ ئىككىسىنىڭ تاماشىسىنى!
__ شۇ ئاچىمىزغا ئۇۋال-دە، ئادەمدە ھايا بولمىسا ئېشەكچىلىكمۇ بولالمايدىكەن، بۇ يەردە ھازىر ئىشلىگۈممۇ كەلمەيۋاتىدۇ.
__ شۇڭا مەن غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا كېتەي دېگەن، ئادەم تولۇق دەپ ئۇنىمىدى.
__ كېتەي دېگەنمۇ تېخى، ساتراشخانا قىزلىرىدىن ئايرىلىشقا قانداق چىدىغانسەن؟
__ مېنى مۇشۇ مەينەتلەرگە چىدىمايدۇ دەۋاتامسەن؟ كۆرسەملا قۇسىمەن.
__ قۇسۇپ بولۇپ يەنە ئاغزىڭنى يالايسەن-دە، پەخەس بول، كېسەل يۇقىدۇ.
ھاشىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ ساۋۇتقا چەكچىيىپ قاراپ قالدى.
__ نېمانداق سەت قارايسەن، كېسەل يۇقتۇرۇۋالغىنىڭ راستمۇ نېمە؟ مەن قارىسامغۇ ئەيدىزدەكلا كۆرۈنىسەن، بېرىپ ئۆزەڭنى تەكشۈرتۈپ باق.
__ ماڭاۋە ئاداش!…__ دېدى ھاشىم بىردىنلا ئۆڭۈپ،__ ھېجىقىزدەك قاملاشمىغان گەپ قىلىدىكەنسەن، ئويناپ قويغاننىڭ ھەممىسى كېسەل بولامدىكەن؟! ئەگەر مەن كېسەل بولىدىغان بولسام مەشەدىكى ھەممىڭ كېسەل، ئۆزەڭنى ساق دەپ چاغلامسەن تېخى، سەندەك ماز پۇرۇش گۇيلار ھېچنېمە قىلالمايلا ئادەمنىڭ كەينىدىن گەپ تاپىدۇ…
__ ما گۇينى، ئەيدىز دەپ قويسام چىچاڭلاپ كەتتىڭغۇ!__ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭ ئەلپازىدىن ھەيران قېلىپ،__ قارىغاندا راستىنلا شۇنداق ئوخشايسەن. ئەمدى ئاستا خۇدايىمغا تۆۋە قىلىپ ناماز باشلىۋال.
__ قانداق قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى، ئۆزەڭنى پاك دەپ چوڭ چاغلاپ كەتمە، خۇدايىم بۇيرۇغان بولسا بىز ساپساق، خۇدايىم جاننى ئالىمەن دېسە مەندىن بۇرۇن سەن ئۆلەمسەن تېخى!؟
__ مەن كېتىپ قالساممۇ مۇشۇ نامىزىم، مۇشۇ تۆۋەم بىلەن ساق كېتىمەن؛ سەن ئۆلسەڭ قانداق ئۆلەرسەن؟! شۇڭا ناماز باشلىۋال دەيمەن.
__ ئەمدى چۈشەندىم، سەن مېنى ئەيدىز دەپ قورقۇتۇپ، ناماز ئوقۇ دېمەكچىكەنسەن-دە!
__ ناماز ئوقۇساڭ ماڭا ئوقۇپ بېرەمتىڭ؟ ئۆزەڭ ئۈچۈن ئوقۇيسەن. ھېلىتىن قورقۇپ تاتىرىپ كەتتىڭ، ناماز ئوقۇساڭ خاتىرجەم بولىسەن.
__ ئىشىڭنى قىل، قاچان ئوقۇغۇم كەلسە شۇ چاغدا ئوقۇيمەن.
__ ئەمىسە ئاشۇنداق ئەيدىز بولۇپ يۈرىۋەر.
__ نېمە بولسام مەيلى، ماڭا يامانلىق تىلىسەڭ ئۆزەڭگە يانىدۇ.
__ مەن ساڭا يامانلىق تىلىمىدىم، يامان ئاقىۋەتكە قالما دەۋاتىمەن.
__ سەن مېنى يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ دېمەكچىما؟ سەن ئەۋلىيامىدىڭ؟ ھەر قانچە دا موللا بولۇپ كەتسەڭمۇ بىكار، ماڭا ۋەز ئېيتىمەن دەپ ئاۋارە بولما.
__ ئاڭلىمىساڭ مەيلى، دۈمبەڭدىن تۈڭلۈك ئاچسىمۇ ئىچىڭگە ئىمان نۇرى كىرمەيدىغان گۇيكەنسەن…
__ شۇڭا چاتىقىڭ بولمىسۇن، نېمە بولسام ئۆزەمنىڭ ئىشى، مەن سەندەك ھېچ ئىش قىلالماي تۈگۈلۈپ ياشىمايمەن. ئوينىغۇم كەلسە ئوينايمەن، پۇخادىن چىقىۋېلىپ نېمە بولسام مەيلى!
__ ياسىن لاۋبەننى مۇت دوراپسەن، ئەمدى ئۇنى تىللىساڭ ئۆزەڭنى تىللىغاندەكلا بولىسەن.
__ ئۇنى ماڭا ئوخشاتما، ياسىن لاۋبەن بىر خوتۇن بىلەن بىر مېدە ئېشەكنى ئالدىغا ئەكىلىپ قويسا، قايسىسى قىزكەن دەيدىغان پاشۋاز.
__ سەنچۇ؟! __ دېدى ساۋۇت ئۇنى جىلە قىلىپ.
__ بىز ھېچ بولمىغاندا قاراپ باقىمىز.
ساۋۇت بۇ گەپتىن كۈلۈپ يېتىپ قالدى، ھاشىم مېيىغىدا كۈلۈپ قويدى.
شۇ كۈنى كېچىسى ياسىن گۈلشەن بىلەن كونا ھۇجرىسىدا، كونا كارىۋىتىدا ياتتى، قاپىقى زادى ئېچىلمىدى. گۈلشەن ئۇنىڭ رەيھاندىن ئۆچىنى ئېلىۋاتقاندەك قىلىۋاتقان ئەسەبىي قىلىقلىرىدىن بىزار بولسىمۇ، چىشىنى چىشلەپ ياتتى. ئۇ گۈلشەننى نېمە دەپ ئويلاپ قالدى؟ رەيھانغا بولغان ئاچچىقىدا ئۆز-ئۆزىنى پاراكەندە قىلىپ، خىيالىدا ئىككى خوتۇنىنى ئالماشتۇرۇپ يۈرەمدىغاندۇ؟ … گۈلشەن ئۇنىڭ غەلىتە تۈسكە كىرىپ قالغان چىرايىغا، ئازاب ياكى ھاياجاندىنمۇ ئەيتاۋۇر يۇمۇلۇپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ، ئۆزىنى باشقا بىر ئەرنىڭ ئاستىدا ياتقاندەك، خورلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ھەر ئىككىسى ئىچ-ئچىدىن ھالسىراپ تۈگىشىپ كېتىۋاتاتتى.
ياسىن ھەر قېتىم شۇ ئىشتىن كېيىن كارىۋاتقا يۆلىنىپ گۈلشەننىڭ مۈرىسىنى سىلىغاچ تاماكا چېكىۋالاتتى، ئەمدى بولسا ئۇنى بىر ياققا ئىتتىرگەندەك قىلىپ پەسكە چۈشۈپ، تاماكىسىنى چىشلىگىنىچە خالاغا كىرىپ كەتتى، ئۇ يەردە ئۇزۇن ئولتۇردى، تاماكسىنى شۇ يەردە چەكتى. گۈلشەن بولسا ئۇخلىيالماي ھەسرەت چەكتى: ياسىن بۇ ئۆيدىكى مۇشۇ ئادىتى ئارقىلىق يەنىلا ئاشۇ كونا خوتۇنىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەۋاتامدىغاندۇ؟ خالادا شۇنچە ئۇزاق ئولتۇرۇپ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟ خوتۇنىنىڭ نەدىلىكىنى ئۇقىدىغان بولسا بۇ ئەپتىدە كۇسارچان چىقىپلا ئۇنى ئىزدىگۈدەك... دېمەك، رەيھان ئۇنىڭغا يەنىلا مۇھىم ، رەيھان ئۇنىڭ غۇرۇرى، رەيھاننى كىم چەيلىسە ئۇنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى چەيلىگەندەك بولىدۇ… رەيھاننىڭ چىرايىدا قېتىپ قالغان پەرىشانلىق، روھسىزلىق بىلەن ياسىننىڭ چىرايىدىكى قايغۇ-ئەلەم بىر-بىرىگە نەقەدەر يېقىن-ھە! مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى بىر يەرگە يىغسا نېمىگە ئايلىنىدۇ، ساراڭلىققا!
ياسىن بىر ئۇزۇندا چىقىپ، گۈلشەننىڭ يېنىغا كىردى.
__ تېخىچە كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ ياتىسەنغۇ، ئۇخلىمامسەن؟
__ ئۇخلىيالمىسام… يەنىلا ئاشۇ ئۆي، ئاشۇ كارىۋات ياخشىكەن، بۇ يەرگە پەقەت كۆنەلمىدىم.
__ ھەممىسى ئوخشاش، ئەمدى مۇشۇ ئۆيدە كۆپرەك تۇرىمىز.
__ نېمىشقا؟ ئا ئۆيدە تۇرمامدۇق؟
__ ئەمدى ئۇ ئۆينى قايتۇرۇۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
__ ياق، مەن ئاشۇ ئۆينى ياخشى كۆرىمەن.
__ بۇ قانداق گەپ؟ ساڭا مەن لازىممۇ، ئۆيمۇ؟
__ ھەر ئىككىلىسى لازىم، ئۇ ئۆينى قايتۇرماي تۇرايلى، خوتۇن-بالىڭىزنىڭ نەدىلىكىنى تاپماي تۇرۇپ ئالدىراپ كەتمەڭ.
__ خوتۇن-بالىغا بۇ ئۆينىڭ ئەمدى لازىمى يوق __ دېدى ياسىن ئاچچىق تىنىپ،__ بۇ خوتۇن بىر بولسا مەندىن يوشۇرۇن تىقىپ ساقلىغان پۇللىرىنى خەجلەپ يۇرتقا كەتتى؛ بىر بولسا غېنى شاڭجاڭ ئۇنى يولغا سېلىپ قويدى.
__ خوتۇنىڭىز شۇنداق قىلالىغانمىدۇ؟
__ ئۆيدىن قاچالىغان خوتۇن ماشىنا-پويىزغا ئولتۇرۇپ كېتەلمەي قالارما؟
__ شۇنچە تېز كېتىپ قالارمۇ دەيمەن، ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
__ بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويغان گەپ، بىر ياقتىن يىغلاپ، بىر ياقتىن مەندىن يۈز ئۆرۈشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولغان گەپ. بۇ خوتۇن ئۇنداق بوش خوتۇن ئەمەس.
__ سىزگە ئۆزىنى بىر كۆرسىتەي دەپتۇ، قارىسام راستىنلا ئۈنۈمى بوپتۇ، ھازىرغىچە چىرايىڭىزدا قان يوق.
__ نەدە قان يوق؟ يوق گەپنى قىلما، ئۇ كەتسە مەيلى، بالامدىن ئەنسىرەيمەن-دە!
__ راست گەپ قىلىڭە بىر، بالا دېگەن ئانىسىنىڭ قېشىدا تۇرسا نېمىدىن ئەنسىرەيتتىڭىز؟! خوتۇنۇمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن دەپ دېيەلمەيۋاتىسىز-ھە؟ يالغان سۆزلىسىڭىزمۇ تۈزۈك سۆزلەڭ.
__ ئۇمۇ يوق ئەمەس، ئۆيدىن بىر مۈشۈك قاچسىمۇ، خەق تۇتۇۋالغانمىدۇ، ئۆلتۈرۈۋەتكەنمىدۇ دەپ ئەنسىرەيدىغان گەپ. ئۇ دېگەن مەن بىلەن بەش يىل ئۆي تۇتقان خوتۇن-دە!
__ مۈشۈك دېگەن مۈشۈك، خوتۇن دېگەن خوتۇن، يەنە كېلىپ مەندىن ئۆتە چىرايلىق خوتۇن، يېنىڭىزدا بار چېغىدا كۆزىڭىزگە كۆرۈنمىگەن خوتۇن، يوق چاغدا كۆزىڭىزدىن ئۇچقان خوتۇن!… مەن ئوبدان بىلەمدىكەنمەن، ھە، ئۆزىڭىزنى ئۇنچىلىك يوشۇرۇپ كەتمەڭ، مۇشۇنداق قىلغانچە ئۆزىڭىزنى چاندۇرىسىز، ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ماڭا دېيەلمەيۋاتىسىز، لېكىن مەن بۇنچىلىك ئالامەتلەرنى بىر قاراپلا بىلىۋالىمەن، مەن قاچان سىزگە ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز بولمايدۇ دېدىم، قاچان سىزگە ئۇنى ئۇرۇپ خارلاپ ئۆزىڭىزگە ھەم ماڭا ئۆچ قىلىۋېتىڭ دېدىم. ئەمدى كېلىپ خوتۇنىڭىز قاچقاندا ماڭا گۈلىيىپ، ئۆچىڭىزنى مەندىن ئېلىۋاتقاندەك بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز، بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز، مەن راستىنلا چىدىمايمەن… __ گۈلشەن مىچچىدە يىغلاپ سالدى.
ياسىنغا ئۇنىڭ يىغلىشى غەلىتە تۇيۇلدى، ئىچى پۇشۇپ قاراپ قويدى، بۇنىڭ كۈلكىسى راست، يىغىسى يالغان، ياسىننى يالغاندىن تەسىرلەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. يېقىندىن بېرى نازۇكلىشىپ قالدى، كۈنچىلىكى باشلاندى. بۇرۇن ھېچ ئىش يوق ئىدى، خوتۇن بولغاندىن كېيىن گېپى چىقتى. دېمەك، ئويناپ-كۈلۈپ يۈرۈيدىغان قىز پەقەت شۇ قىز ۋاقتىدىلا جەلپ قىلىدىكەن، ئەرگە تەگكەندىن كېيىن چوڭ ئايال، يامان ئايال بولغۇسى كېلىپ، بارا-بارا خۇلقىنى يوقىتىپ تۈگىشىپ كېتىدىكەن…
__ نېمىگە يېشىڭنى ئېقىتىپ كەتتىڭ؟! __ دېدى ياسىن كىنوخانىدا كىنو كۆرۈپ يىغلاپ كەتكەن بىر قىزنى كۆرۈپ كۈلگىسى كەلگەندەك ئەلپازدا، __ ساڭا دەخمىزە بولىدىغان خوتۇنمۇ كەتتى، بۇنىڭدىن خوش بولساڭ بولىدۇ؛ بۇ كارىۋاتمۇ ساڭا قالدى، ئېغىناپ ياتساڭ بولىدۇ. ئارتۇق ئويلاپ نېمە قىلىسەن !! مېنىڭ ئاچچىقىم كەلگىنى، ئۇ ماڭا تۇيدۇرمايلا قاچتى، مېنى ئەخمەق قىلدى، بالامنى مەندىن ئايرىۋەتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن مانچە يىل ئۆي تۇتقان ئەر تۇرسام، ئەدەمنى مۇشۇنداقمۇ يەرگە ئۇرسا بولامدۇ؟ سەن تېخى مېنى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ دەيسەن، ئۇنى ياخشى كۆرسەم سېنى خوتۇن قىلىپ نېمە قىلىمەن؛ بۇمۇ خوتۇن تۇرسا، كۈندە كەچتە سېنىڭ يېنىڭغا كېتىپ قانداق قىلىمەن؟!
__ ياق، سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەچكە ئۇنىڭدىن قورقىسىز؛ مېنى ياخشى كۆرمىگەچكە مەندىن قورقمايسىز، مېنى خالىغانچە باشقۇرالايسىز؛ خوشىڭىز كەلسە ۋاي دەپ، ئاچچىقىڭىز كەلسە سەتلەيسىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە زېرىكىپ قالسىڭىز، مېنى تىللاپ تاشلاپ كېتىسىز…
__ نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ،__ ياسىن جىلە بولۇپ،__ بىر كىمدىن قورقسام ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ساراڭمىدىم مەن؟! ئەمىسە، دەپ باقە، سەن جىندىن قورقامسەن؟ ئۇنى ياخشى كۆرەمسەن؟!
__ خوتۇنىڭىز جىن ئەمەس-تە! ئۇنى بەك چوڭ بىلىسىز، ئەيمىنىسىز، شۇڭا يېقىن كېلەلمەيسىز. بولمىسا ئۇنى بۇ چاغقا بويسۇندۇرۇپ خوتۇن قىلىپ بولاتتىڭىز. خوتۇنىڭىزنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرمىسىڭىز ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىنىڭىزغا خوش بولۇپ ھاراق ئىچەتتىڭىز، ئازادلىققا چىقتىم دەپ مېنى چىڭ قۇچاقلايتتىڭىز. ئۇنداق قىلمىدىڭىز، تېخى دەردىڭىزنى مەندىن ئالدىڭىز، كىچىك بالىنى سىلكىشلىگەندەك سىلكىشلىدىڭىز، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مەن ھېچنېمە ئەمەسكەنمەن، پەقەت سىزنىڭ تەلىۋىڭىزنى قاندۇرۇپ تۇرۇشقا يارايدىكەنمەن، مەن ھازىر سىزنىڭ ئاچچقىڭىزنى، ئىچ-پۇشۇغىڭىزنى چىقىرىدىغان بىر نېمىگە ئايلىنىپ قالدىم…
__ ۋاي-ۋۇي، بولدى قىل، قۇم زاغۇننىڭ ئۆزى بوپسەن! __ دېدى ياسىن سەپرالىشىپ، __ دەپ تۇرسام يەنە ئۆزەڭنىڭ گېپىنى قىلىسەنغۇ! خوتۇن خەقنىڭ بىرسىمۇ ساق ئەمەسكەن جۇمۇ…
__ مانا مەن گەپ قىلىپ بولغىچە ئاچچىقىڭىز كەلدى، ئەگەر شۇ خوتۇنىڭىز بىلەن دېيىشىپ قالغان بولسىڭىز ماڭا قىلغان بۇنداق مۇئامىلىنى قىلمايتتىڭىزغۇ دەيمەن؟!
__ شۇ خوتۇنمۇ شۇنداق كوتۇلداپ، مەن بىلەن گەپ تالىشىپ ئاخىر تايىقىنى يېگەن ئۇقتۇڭمۇ؟! سەن ئۇنى دورايمەن دېمە، مەن سېنىڭ ماڭا بويسۇنىدىغان مۇشۇ يېرىڭنى دەيمەن، ئەگەر شۇ ئاچاڭنى دورايمەن دەپ چىشىمغا تەگسەڭ، سەنمۇ تايىقىڭىنى يەيسەن!
گۈلشەن بۇنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدى، ياسىننىڭ دەۋاتقانلىرى توغرىدەك قىلاتتى. ئامما ئاخىرقى گېپى ئۇنىڭغا يەنىلا ئېغىر كەلدى.
__ شۇ خوتۇنىڭىزنى ئۇرغاندا يۈرىكىڭىز ئېچىشقان بولغىيدى، مېنى ئۇرۇپ قالسىڭىز كۆزىڭىنى مىت قىلمايسىزغۇ دەيمەن.
__ يوق گەپنى قىلما، مەن خوتۇن خەقنى ئۇرمايمەن، ئامال بولمىغاندا قولۇم تېگىپ كېتىدۇ. سەنمۇ شۇنى بىلىپ قال، ئېرىڭ گەپ قىلىۋاتقاندا ۋاتىلدىما، گەپ تالاشما، گەپ ياندۇرما، ئېرىڭ بىلەن تەڭ تۇرما، بولمىسا شاپىلاق يەيسەن، زۇۋانىڭ تۇتۇلىدۇ. سەن شۇنداق بولۇشنى خالامسەن؟! جاھاندا ئەڭ تاياق قېپى، ئوسال خوتۇن ئېرى بىلەن گەپ تالىشىدۇ، ئېرىگە گەپ ياندۇرىدۇ. ئېرىنى بويسۇندۇرىمەن دەپ ساراڭلىق قىلىدۇ، بۇنداق خوتۇن ئەرنىڭ كۆزىگە جىندەك سەت كۆرۈنىدۇ. ئاشۇ خوتۇن، سەن ھازىر كۈنلەۋاتقان ئاچاڭ مېنى شۇنداق تويغۇزۇۋەتكەن. شۇڭا ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن، شۇڭا خاتىرەڭنى جەم قىلىپ ماڭا خوتۇن بول. مېنىڭ سىزغان سىزىقىمدىن چىقما، نېمە دېسەم ماقۇل دە، گەپ ياندۇرما؛ نېمە قىلسام ماقۇل دە، بوينۇڭنى تولغىما. بولمىسا سەندىنمۇ ئىككى كۈندە زېرىكىمەن. بۇ جىڭ گەپ!
گۈلشەن بۇنى بىلەتتى، ماقۇل دەيتتى، ئەمما ھازىر چىن كۆڭلىدىن قايىل بولمىدى، قوبۇل قىلمىدى، بەلكى نارازى بولدى، “ مەن نېمىشقا بۇنداق ئۆتىۋېرىدىكەنمەن؟” دەپ ئويلىدى. ياسىننىڭ گېپىگە جاۋاب بېرىشنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتا باھا بەردى. ئەجىبا بۇ نوچىنى بۇرۇنقىدەك ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالدىمۇ؟ رەيھاننى مەغلۇب قىلىشتىن ئىبارەت ئالىي مەقسىتىگە يېتىپ بولغاندىكىن ، ئىشنىڭ قىززىقى تۈگىدىمۇ؟ داۋاملىق“جەڭ” قىلىشتىن رايى يېنىپ كەتتىمۇ؟ بولمىسا ياسىنغا نېمىشقا بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىق، جان پىدالىق كۆرسىتەلمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك ئەسەبىيلىك بىلەن ياشىيالمايدۇ؟ خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلمەيدىغان، خوتۇنىنى بويسۇندۇرۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بۇنداق ئەركەك بىلەن قانداق ئۇزاق ياشىغىلى بولسۇن؟!
ياسىن ئۇنىڭ گەپ قىلماي ياتقىنىنى كۆرۈپ چىرايىغا قارىدى، گۈلشەن نارازىلىقىنى چاندۇرماي تۇرۇۋالدى.
__ سەن ھەرگىز رەيھانغا ئوخشاپ قالما، ئوخشاپ قالساڭ مەندىن يامانلىما…
ياسىن چىراغنى ئۆچۈرۈپ ياتتى، گۈلشەننىڭ كۆزلىرىدە چاقنىغان ئەلەملىك ئۇچقۇنلارنى كۆرەلمىدى.
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، قارىماققا ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئىشلار ئەسلىدىن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكتەك كېتىۋاتاتتى. ھەر كۈنى ئېغىر قوپىدىغان ياسىن ئەتىگەندىلا ئىچىۋېلىپ، كۈنبويى پەرىشان يۈرەتتى. گۈلشەن ئۇنىڭ قولىدىن بىر دەممۇ تاماكا چۈشۈپ باقمىغانلىقىنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭ خوتۇنىغا بولغان ھېسسىياتىنىڭ ئاشۇ تاماكا چوغىدەك كۆيۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزەتتى. ياسىن ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۆزىنى يوشۇرالمايتتى، ھەم گۈلشەندىن يوشۇرىمەن دەپ تىتىرەپ يۈرمەيتتى. گۈلشەن مالايدەك ئىشلىگەنچە ئۆزىنى شۇنچە قەدىرسىز، بەختسىز ھېس قىلدى. كۇلىغا چىققان ھەر قانداق ئادەم، ھەتتا ئەر-خوتۇن بولسىمۇ، ئىشلىگەنچە چۇشلۇق ھەق ئېلىشنى كۆڭلىدە پىلانلاپ تۇرىدۇ. “كىچىك خوتۇن” بۇ يەردە قاچانغىچە بىكارغا ئىشلەيدۇ؟ بەش يىللىق خوتۇنىغا پۇل بەرمىگەن ئەر تۈنۈگۈن ئېلىۋالغان خوتۇنىغا پۇل بېرەمتى؟… ئۇنى ھورۇنلۇق باستى، ياسىنغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆرەلمىلىك قىلىشقا باشلىدى، ئۆزىمۇ ئۇقمىغان ھالدا تاۋى نازۇكلىشىپ كەتتى، ياسىننىڭ بۇرۇنقىدەك نوچىلىقى، بۇيرۇقۋازلىقى، ھاكاۋۇرلۇقىغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرسىمۇ كۆڭلى باشقا بىرسىگە چۈشۈپ قالغاندەك پەرۋاسىز ئىدى. ھەر قېتىم قاچا توشۇپ، قاچا يۇيۇپ ھېرىپ كەتكەندە غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىدا باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان رەيھاننى ئويلىسا ئىچى ئاچچىققا تولۇپ، ياسىنغا ھەممىنى دەۋەتكۈسى كېلەتتى. ئەمما باشتا يوشۇرغاننى ھازىر دەپ ئىشنى بۇزغۇسى كەلمەيتتى. ئۇ بۇ كۈنلەرنىڭ باشقىچە بولۇشىنى، ياسىن بىلەن رەيھاننىڭ تۈزۈك ئادا-جۇدا بولۇپ، ھەقىقىي مۇھەببەت-نەپرەتنىڭ ئېنىق ئايرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى. ھاشىم بىلەن ساۋۇتقا ئادەتتە زۆرۈر بولمىسا گەپ قىلمايتتى. خېرىدار كەلسە بۇرۇنقىدەك چىراي ئاچمايتتى، چاينى دەملەپ ئالدىغا تاراققىدە قويۇپ، تاماق تىزىملىكىنى تاشلاپ بېرەتتى.
بىر ھەپتە ئۆتتى، ياسىن گۈلشەننىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ئۇ ياققا ئۆتمىدى، گۈلشەن كۈتۈۋاتقان ئىشنىڭ ھېچ قايسىسى بولمىدى. رەيھان ھەرگىز ئۆزىنى مەلۇم قىلمايدۇ، غېنى شاڭجاڭمۇ بىر قېتىم يوق دەپ بولۇپ، ئەمدى “ خوتۇنۇڭ بار ئىدى، كېلىپ كۆرۈپ كەت” دېمەيدۇ. ياسىن كەلسە دەيدىغان گەپلىرى تەييار، ئۇلار گۈلشەننىڭ ئۇنى يوشۇرغانلىقىنى بىلسە نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟ مەيلى ئۇلار تىللىسۇن، خوش بولسۇن، بەرىبىر؛ ھېچكىم گۈلشەننى خەۋەر يەتكۈز دەپ ئېنىق بۇيرۇمىدى.
ياسىن بۇ بىر ھەپتىدە رەيھانغا ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېفون قىلىپ ئالالمىدى، ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قارىم ئاكىسىدىن ئەھۋال سورىغان بولۇپ تېلېفون قىلدى، يالغان گەپ قىلمايدىغان قارىمنىڭ گېپىدىن قارىغاندىمۇ رەيھان يۇرتقا قايتمىغانىدى. ياسىن ئەمدى ئەنسىرەشكە باشلىدى، رەيھاننىڭ ئۇنچە تېز، ئۇنداق ئاسان يۇرتقا كېتەلەيدىغانلىقىغا ئۆزىمۇ ئانچە ئىشەنمىگەنىدى، ئەمىسە نەگە كېتىدۇ؟ بالىنى سۆرەپ نەگىمۇ قاچار؟ غېنى شاڭجاڭدىن باشقا كىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ؟… ياسىننىڭ گۇمانى غېنى شاڭجاڭغا قايتا مەركەزلەشتى. شۇ كۈنى كەچتە ياسىن ئېلىنماي قالغان تېلېفون خاتىرىسىگە قاراپ، رەيھاننىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ دەرھال قايتۇرۇپ ئۇردى، يەنە ئېتىك چىقتى. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە يەسلىدىن ئۇنىڭغا تېلېفون كەلدى، بۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ تۇرغاندا “ بالاڭلارنى ئەكەتكىلى قاچان كېلىسىلەر؟” دېگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى، رەيھان تېلېفونىنى دائىم ئېتىپ قويغاچقا ئۇلار بۇرۇنقى نومۇرنى تېپىپ ياسىنغا خەۋەر يەتكۈزگەنىدى.
ئۇ تېلېفونىنى ئېتىپ، ئالدى-كەينىگە قارىماي مېڭىشقا تەمشەلدى. گۈلشەن ئۇنىڭ بىر خەۋەر ئاڭلىغانلىقىنى پەملىدى.
__ نەگە ماڭدىڭىز؟
__ بالا يەسلىدىكەن، بېرىپ باقاي.
__ كىم تېلېفون ئۇرۇپتۇ؟
__ رەيھان ئۇرۇپتۇ، رەيھان! سەن ئاشخانىغا قارىغاچ تۇر، بېرىپلا كېلىمەن.
ياسىن يەسلىگە بارغاندا تەربىيىچى خانىم بايىلا تېخى ئانىسىنىڭ ئۇنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
__ بالا قاچان كىردى يەسلىگە؟
__ ئىككى كۈندەك بولدى،__ دېدى خانىم.
__ بالىنى ئەكەلگەندە ئۆزى كەپتىكەنمۇ يا بىرسى بىللە كەپتىكەنمۇ؟
__ ئۇنى ئۇقمايمەن، تىزىملىتىشقا مەن مەسئۇل ئەمەس.
ياسىن غېنى شاڭجاڭ بىلەن قەتئىي كۆرۈشۈش نىيىتىگە كېلىپ، تاكسى توسۇپ ئۇنىڭ رېستۇرانىغا قاراپ ماڭدى. شاڭجاڭنىڭ ھۇزۇرىنى بۇزۇش ئۈچۈن، ئاللىقانداق بىر رەسۋاچىلىق ئۈستىدىن چۈشىدىغاندەك تۇيۇقسىز كىرىپ، شاڭجاڭنى كۆرۈپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئەگەر ئۇ بۇرۇنراق كەلگەن بولسا مېھمانخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدەك ئېسىل بېزەلگەن باتەيدە ئايروپىلان خانقىزلىرىدەك ئۆلچەملىك ئىش كىيىمى كىيىپ ئولتۇرغان رەيھاننى كۆرگەن بولاتتى.
غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ ئوساللىق، چارىسىزلىكتە قېتىپ قالغان چىرايىغا قاراپ ھەممىنى چۈشەندى، مۇشۇنداق بولۇشىنى ئالدىن بىلىدىغاندەك تەمكىنلىك بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
__ نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، جۈرە، گەپ بولسا ئايرىم دېيىشىمىز…_ دەپ ئايرىمخانىغا باشلاپ ماڭدى.
ياسىن ھامان ھېساب ئالىدىغان نوچىدەك ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
ئاۋۋالقىدەك جوزا راستلاندى، سەيلەر چىقتى، ھاراق كەلتۈرۈلدى.
__ ھارىقىڭنى كېيىن قۇي، __ دېدى ياسىن قاپىقىنى تۈرۈپ،__ ئاۋۋال ماڭا جاۋاب بەر، خوتۇن-بالام نەدە؟
__ ئاۋۋال بىرنى ئىچكىن.
__ ياق، مەن ئاۋۋال شۇ خوتۇننىڭ چىرايىنى بىر كۆرەي…
__ خوتۇن-بالاڭدىن ئەنسىرىمە، ھەممىسى سالامەت.
__ دېگىنە، بۇ زادى نېمە قىلغىنىڭ؟ مېنى ماز كۆرۈۋاتامسەن؟
__ بۇ يەرگە كەلگەندىكىن چىرايلىق پاراڭ قىل،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ جىددىي تۈستە،__ سېنى ئىنىمدەك كۆرىمەن، ئەمما قىلىقىڭغا قاراپ سېنى شۇنداقراق ئويلاپ قالدىم.
غېنى شاڭجاڭنىڭ بۈگۈنكى ئەلپازىمۇ بوش ئەمەستەك قىلاتتى، ياسىن تاماكا ئىسلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىدى.
__ ئۇنى سەن ئەكىلىۋالدىڭىمۇ يا ئۆزى قېچىپ كەلدىمۇ؟
__ مەن ئەزەلدىن ئاكتىپلىق بىلەن ئىش قىلىدىغان ئادەم، شۇنىڭغا ئىشەنسەڭ بولىدۇ. ئەمما مەن ئۆز بۇرادىرىمگە ئۇنداق خۇمسىلىق قىلمايمەن، مېنى ھەرگىز يامان نىيەتتە دەپ ئويلاپ قالما.
__ ئەمىسە بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟
__ خاتا چۈشەنمە، قارىسام بىر ئوبدان خوتۇن-بالاڭنى خارلىغىلى تۇرۇپسەن، ئىككى خوتۇنۇڭغا تەڭ كۆزدە قارا دېسەم گېپىمگە كىرمەپسەن. ئۇنداق خارلاۋەرسەڭ خوتۇن خەق تۈگەشمەمدۇ؟ يەنە تېخى ئۇنىڭغا ئۆمەرنى ئۆزەڭ ئېلىپ چىق دەپسەن، خوتۇنۇڭ يىغلاپ تېلېفون قىلىپ مەندىن ياردەم سورىدى. مەن بىكارغا ياردەم قىلمايمەن، كېلىپ ئىشلەپ بېرىڭ دېدىم.
__ شۇنداق قىلىپ، بۇ دۆت خوتۇننىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇۋەتتىم دېگىنە.
__ سەن ئۇنداق قىلىۋەرسەڭ ساق خوتۇنمۇ ساراڭغا ئايلىنىدۇ-دە، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ خوتۇنۇڭ ھېلىمۇ بىر ھەپتە ئويلاندى، شۇ بىر ھەپتىگىچە سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ خوتۇنۇڭنى ئۇنداق تاشلاپ قويساڭ، ھېلىغۇ ئايال كىشىكەن، ئىت-مۈشۈك بولسىمۇ ئۆيۈڭدە تۇرمايدۇ.
__ ئۇ خوتۇننى تولا ئاقلىما، سېنىڭ زادى نېمە مەقسىتىڭ بار؟ خوتۇنۇمغا كۆزۈڭ چۈشكەن بولساڭ، مەندىن سوراپ ئالمامسەن؟ نېمىشقا ئوغرىلىقچە ئەكىلىۋالىسەن؟!
__ ما گېپىڭ پەقەت بولمىدى،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ كىچىك بالىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك، __ خوتۇنۇڭ كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنىدۇ، بۇنى يالغان دېمەيمەن. شۇنداق بىر خوتۇنۇم بولسا دەپ ئويلايمەن، لېكىن ئۇنىڭغا ئېرىشىمەن دەپ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى ساتمايمەن. ئادەم ئەسكىلىشەي دېسە بىر دەملىك، ئەمما مەن بەزىلەردەك نامەرت، ھېجىقىز ئەمەس، خوتۇن ئالسام ئۆز رازىلىقى بىلەن ئالىمەن، ھەرگىز خەق تاشلاپ بەرگەننى ئالمايمەن. بىز خوتۇن قارىسى كۆرمىگەن ئادەم ئەمەس، ئالغان خوتۇنلىرىمىزمۇ بىر-بىرىدىن چىرايلىق. بىزنىڭ ئۇ ئىشنى قوغلىشىدىغان زامانىمىز كەتتى، ھازىر ئېرىشمەكچى بولغىنىمىز ئەركەكلىك ھۆرمەت. سەن بۇنى چۈشەنمەيسەن، كاللاڭدا شۇ ئىشتىن باشقىنى ئويلىمايسەن، ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭدەك پاشۋاز كۆرىسەن، مۇشۇ يېرىڭ پەقەت بولمايدۇ.
__ ۋاھ، ما گەپنى، خوتۇنپۇرۇشلۇقنى ئۆگەتكەن سەنغۇ؟! ئەمدى بىر دومىلاپلا چەتكە چىقىۋالدىڭغۇ؟! مەن سېنىڭ قانداق ئادەملىكىڭنى، خوتۇنۇمغا كۆز تىكىپلا كەلگەنلىكىڭنى بىلمەي قالامدىم؟
__ نەپسى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى چىرايلىق خوتۇنغا كۆز تىكىدۇ، “خۇدايىم شۇ خوتۇننى ماڭا بەرسىچۇ” دەپ ئويلىغىلىمۇ قويمامسەن؟ خوتۇنۇڭنى بۇنچىلىك كۈنلىگەن ئادەم ئۇنى نېمىشقا خارلايسەن؟!
__ نېمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى، سەن ئارىلاشما، مەن بۇ خوتۇننى قەستەن خارلايمەن دېمىدىم، ئۆزىنىڭ شۇنداق ساراڭ بولغۇسى كەلدى، مەن بىلەن تولا ئېتىشىپ كەتتى، دۈمبىسى قىچىشىپ تاياق يېگۈسى كەلدى. ئوتتۇرىمىزدا بولغان ئىشلارنى سەن بىلمەيسەن، شۇڭا ئاز سۆزلەپ ئۇنى چىقىرىپ بەر، ئەكىتىپ ئوبدان ئادەم قىلىمەن.
__ ئۇنى ئۇرىمەن دېگىچە خېتىنى بېرىۋەتسەڭ بولمامدۇ؟ خوتۇن خەقنى مۇشۇنداقمۇ قىينىغان بارمۇ؟
__ سەن ئۆزەڭنى بىل، نېمە قىلسام قىلىمەن.
__ ئۇنى ھازىر ئەكىتەلمەيسەن، خوتۇنۇڭ بىلەن تۈزۈشكەن توختام بار، ئاز دېگەندە ئىككى ئاي ئىشلەيدۇ…
__ نېمە؟! نېمە توختامكەن ئۇ، ئېرى يوق تۇرۇپ تۈزىدىغان قانداق توختامكەن ئۇ؟ ھەممىسى ئەتكەس! __ ياسىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى.
__ ئولتۇر، ئولتۇرۇپ سۆزلە،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ قولىنى پەسكە شەرەتلەپ،__ خوتۇنۇڭ ئۆمەرنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ، سېنىڭ ئىنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟! ئەگەر ئۇنى ئەكەتسەڭ، ئىنىڭنى ئۆزەڭ ئېلىپ چىقالامسەن؟
__ مەن دېگەندە ئەجەپ ماتاڭ چىشلىۋالغانتىڭ، خوتۇنۇم دېگەندە ماقۇل دەپسەنغۇ، مەقسىتىڭ ئېنىققۇ، شۇ ئارقىلىق خوتۇنۇمنى ئىندەككە كەلتۈرۈشقۇ؟! ئاغىنە دېگەنمۇ سەندەك بولامدۇ؟
__ ئاغىنەڭ دېگەن مەندەك بولىدۇ، مەن شۇ بالىنى، ئۆزەڭنىڭ ئىنسىنى ئېلىپ چىقاي دەۋاتىمەنغۇ، خوش بولماقتا يوق، تېخى تېرىكىۋاتامسەن؟! قارىغاندا تېخى ئادەم بولماپسەن. مەن ئەزەلدىن ئەر كىشى دېگەنگە ياردەم قىلمايمەن، ھەتتا ئىنىلىرىم بولسىمۇ كارىم يوق. ئايال خەق دېگەن ئاجىز، ئايال كىشى يىغلىسا ئانام يىغلىغاندەك تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ياردەم سورىسا ماقۇل دەيمەن، ئاچا-سىڭىللىرىم پۇل دەپ قالسىمۇ “ئېرىڭلار بەرسۇن” دېمەي پۇل بېرىمەن. ئەمدى چۈشەنگەنسەن؟!
__ سېنىڭ بۇ ئىشلىرىڭغا قاراپ ئۆمەرنى ئەچىقىدىغىنىڭغا ئىشەنمەيمەن، قارىغاندا سەن شۇ كالۋا خوتۇننى ئالداپ ئىشلىتىۋاتقان ئوخشايسەن. يەنە قانداق نىيەتلىرىڭ بار، خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.
__ ماڭا قارا ئۇكا، __ دېدى غېنى شاڭجاڭ سالماق، قەتئىي تۈستە،__ ئەمدى خوتۇن كىشىدەك بۇنداق گۇمانخورلۇق قىلىۋەرمە، بۇزۇقنىڭ كۆزىگە كوچىدىكى ئايالنىڭ ھەممىسى بۇزۇق كۆرۈنىدۇ دېگەندەك ئىش قىلما. ئەگەر نىيىتىمنى بۇزىدىغان بولسام جاھاندا مەندەك ئەسكى ئادەم يوق، يامان ئىشنى ھېچكىمدىن قورقماي قىلىۋېرىمەن، مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىۋېرىمەن. رەيھان مەشەگە كەلمەي تۇرۇپلا شەرت قويۇشقا باشلىغان، بىر قىز بىلەن بىللە يېتىپ قوپىدۇ، ئوغلۇڭ دائىم قېشىدا، ھېچقانداق ئايال بالىسى بار يەردە ئۇنداق ئىش قىلمايدۇ، يەنە كېلىپ، سېنىڭ خوتۇنۇڭ نامازخان خوتۇن، ئۇنداق ئىشنى ئۆلسىمۇ قىلمايدۇ، شۇنچە يىل ئۆي تۇتقان خوتۇنۇڭنى چۈشەنمەمسەن؟ ئۇنىڭ ئەخلاقىغا ئىشەنمەمسەن؟!
__ جاھاندا خوتۇن خەققە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ساڭىمۇ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ،__ دېدى ياسىن ھاراقنى قولىغا ئېلىپ،__ قورسىقىڭدا جىن بولمىسا ماڭا نېمىشقا يالغان سۆزلەيسەن، نېمىشقا بىر ھەپتىگىچە ئۇچۇر بەرمەيسەن؟ مېنى قاپاققا سېلىپ كولدۇرلىتىمەن دېمە…
__ گۈلشەن بىلەتتىغۇ؟! ساڭا ھېچنېمە دېمەپتۇ-دە!
__ ئۇ ماڭا ھېچنېمە دېمىدىغۇ؟!
__ سېنىڭ كاللاڭنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەچكە، سېنى گۇمانلىنىپ قالمىسۇن دەپ گۈلشەنگە رەيھاننىڭ ئۆيىنى كۆرسەتتىم، ئامانگۇل ئىككىسىنى ئۆينى تازىلاشقا بۇيرۇپ رەيھانغا خىزمەت قىلدۇردۇم. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ساڭا دېمىدىما؟ ئامانگۇلدىن ئاڭلىشىمچە، ئىككىسى خېلى ئوبدان مۇڭدىشىپتۇ.
ياسىن ھەيران قالدى، ئەزەلدىن ھېچقانداق گېپىنى يوشۇرماي سۆزلەپ تۇرىدىغان گۈلشەن نېمىشقا بۇنى يوشۇرىدىغاندۇ؟
__ قارىغاندا سېنى رەيھانغا بەرگۈسى كەلمەپتۇ-دە،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ يەنە ھاراق قۇيغاچ،__ بۇمۇ بوپتۇ، خوتۇنلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ…
ياسىن ئارتۇق گەپ قىلماي ئاچچىق ھاراقنى ئارقا-ئارقىدىن ئىچىپ، بىر دەمدە تەڭشىلىپ قالدى.
__ رەيھان قېنى… ر…رەيھان.. ، رەيھاننى تاپ…__ دەيتتى ئۇ غېنى شاڭجاڭغا قولىنى جۆنۈپ، مەستلىكتە ئاغزىمۇ گەپكە قولاشماي، “ ر “ تاۋۇشىنى ئىلمەك تەلەپپۇز قىلاتتى.
غېنى شاڭجاڭ دەرھال ھاشىمغا تېلېفون قىلدى، بىر دەمدىن كېيىن ھاشىم يېتىپ كېلىپ ياسىننى تاكسىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى.
ياسىننىڭ ھالى خاراپ ئىدى، ئاشخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بولالماي يەرگە ئېڭىشىپ قۇسقىلى تەمشەلدى، ھاشىم ئۇنى دەرھال لاۋبەن سەتەڭنىڭ دۇكىنى ئالدىغىراق ئېلىپ باردى، “قۇسە، قۇس، مۇشۇ پاسكىنىلارنىڭ دۇكىنى سېسىپ كەتسۇن، كۈچۈكلىرى يالىۋالسۇن، ئاچچىقى كەلسە ھەممىسى قانجۇقتەك تالىۋالسۇن…” ئىچىدىكى زەرداپنى چىقىرىپ بولالماي قىينىلىپ كەتكەن ياسىننىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى، ئادەتتە ياش تۆكمەيدىغان ئەركەك مۇشۇ باھانىدە يېشىنى تۆكۈۋالدى… ھاشىم ئۇنىڭغا قاراپ سەسكىندى، ئىچىنى ھەرگىز ئاغرىتمىدى، سەتەڭنىڭ قايسى بىرى چىقىپ قاۋايدىغاندەك ئەنسىزلىكتە دۇكانغا قاراپ-قاراپ قويدى. مەيدىسىنى بوشاتقان ياسىن سەل ئوڭشىلىپ قالغاندەك بولۇپ ئورنىدىن تۇردى، ئەمما ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتى، ھاشىم ئۇنى يۆلەپ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىردى، كەينىدىن گۈلشەن كىردى. ھاشىم ياسىننىڭ بۇ ھۇجرىسىغا تۇنجى قېتىم تەپسىلىي قاراپ چىقتى، “بۇ ئۆي ئەمەس، ئىشرەتخانا” دەپ ئويلاپ ھەۋەستىن ئۆرتەندى، ياسىننىڭ ئېغىز-بۇرنىنى ئادالاش بىلەن بولۇپ كەتكەن گۈلشەنگە كۆز ئۈزمەي قارىدى. گۈلشەن ئۇنىڭغا قاراپ قويغاندىلا، ئۆزىنى بىلىپ چىقىپ كەتتى، كېتىۋېتىپمۇ گۈلشەننىڭ ساغرىسىغا ئاچكۆزلۈك بىلەن نەزەر تاشلىدى. “لوبەن گۇيلار ئىچىدۇ، قۇسىدۇ، ئوينايدۇ…مەدىكارلارنىڭ كۈنى ئېشەكتىن بەتتەر…”، شەھۋەتلىرى ئىسيان كۆتۈرگەندە جېنى قىينىلىدىغان ھاشىم پۇخادىن چىقىۋېلىپ ئۆلۈشنى يەنە ئويلاپ قالدى، گۈلشەننى ھېلىلا پوكىنىغا باسىدىغان ياسىننى ئۆزىدەك تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يەنىلا ئۆزى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ ھەسرەتلەندى.
كەچ سائەت توققۇز بولال-بولمايلا ئاشخانا چۆلدەرەپ قالدى، ھاشىم خېرىدار كەلمىسە، قولى بوشاپ قالسا خوش بولاتتى، گۈلشەنمۇ ياسىننىڭ يېنىغا بىر كىرىپ كەتكەنچە چىقماي قويدى، ساۋۇت خۇپتەن نامىزى ئوقۇغىلى كىرىپ كەتتى. ھاشىم ئەرزان باھالىق تاماكىسىنى ئالدىرىماي چېكىپ، بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە تالاغا قاراپ ئولتۇردى، سېرىق سەتەڭلەر بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپ، يېڭىلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. “ھەۋەس قۇترىمىسا مەيلى، قۇتراپ كەتسە پايلىماق تەس” دەيتتى ھاشىم ۋە بۇ يەردە گويا ئۇسسۇزلۇقتىن تىلى ساڭگىلاپ قالغان ئىتتەك ھاسىراپ ئولتۇراتتى، بوينىنى باغلاپ تۇرغان “زەنجىر” نى ئۈزۈپ تاشلاپ، غالجىرلىشىپ، نەپسىنى قاندۇرۇۋېلىپ، خۇشال تاقلاپ سەكرىگۈسى كېلەتتى. گۈلشەننىڭ ساغرىسىغا كۆز تىككەندىن باشلاپ ئۇنىڭ كاللىسى چۆرۈلدى، شۇ بىر نېمە ئۇنىڭ ئىچىگە قۇرتتەك كىرىۋېلىپ سەزگۈرلىرىنى غىدىقلايتتى، نەپسىڭىنى بېسىقتۇر دەيتتى، ئويلايتتى “گۈلشەن ئۇنىڭ خوتۇنى ئەمەس، ئاشنىسى، رەسۋانى رەسۋا قىلىۋەتسە ھېچنېمە بولمايدۇ…”، “ ئەگەر ئۇنداق قىلسا ياسىندىن پىچاق يەيدۇ، بىر رەسۋانى دەپ ئىككى ئادەم خۇن دەۋاسىغا قالامدۇ؟…” .. ئۇنىڭ تاماكىدەك خۇمارلىق خىياللىرى كاللىسىنى ئىسلاشتۇرۇپ، روھىنى تۈتۈنگە ئوخشاش لەرزان ئۇچۇرۇپ باراتتى، شۇ ئەسنادا گۈلشەن پەيدا بولۇۋىدى، ئۇ ئەندىكىپ ئورنىدىن قوپۇپ كەتكىلى تاس قالدى. گۈلشەن“ ئاشخانىنى بىر دەمدىن كېيىن تاقىساق بولىدۇ” دەپ قويۇپ كىرىپ كەتتى. بۇ گەپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. گۈلشەننىڭ كەينىدىن ھاياجان، ئەسەبىيلىك، قورقۇنچ بىلەن قاراپ قالدى. ئۇ ئىشتىھالىق، دەھشەتلىك خىياللىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قېلىپ ھېچ چىقالمىدى، بىر دەم ئولتۇرۇپ بېقىپ ئاشخانىنى تاقاپ يولغا چىقتى؛ مەيدىسىنى تۇتۇپ بېقىپ بىر دەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن، بېشىنى بۇراپلا باشقا بىر ساتراشخانىغا كىرىپ كەتتى.
ياسىن ئەتىسى ساراڭدەك قوپتى، تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى ئويلاپ ئاچچىققا تولدى، گۈلشەن غېمىدە يوق ئۇخلاۋاتاتتى، ياسىن ئۇنىڭ پاچاقلىرىغا قاراپ، “بۇ بىر نېمىمۇ قېرىپتۇ” دەپ ئويلاپ قالدى. رەيھاننىڭ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ ئۇخلىشىنى ئەسلىدى، پەستە ياتىدىغان ئوغلىنىڭ چوڭ ئادەمدەك تەمكىن ئۇخلىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى…شۇ خوتۇنىنىڭ ئىلگىرىكىدەك بەختىيارلىق جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان شەھلا كۆزلىرىنى كۆرمىگىلى، ئوغلىنىڭ دادام دەپ ئېسىلىشلىرىدىن سۆيۈنمىگىلى قانچە زامانلار بولۇپ كەتتى؟ بەك ئۇزاق ۋاقىت بولدى… خۇددى يەنە بەش يىل ئۆتۈپ كەتكەندەك بولدى. ئىككىسى خۇددى ئاجرىشىپ كەتكەندەك، رەيھان خەقنىڭ خوتۇنى بولۇپ كەتكەندەك، بالىسىمۇ ساقلاندىغا ئايلىنىپ كەتكەندەك بولدى.
ئۇ ئاچچىق ھاراقنى قۇيۇپ بەرسە ئىچىپ، خوتۇن-بالىسىنى تاشلاپ كەلگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ دەرت-ئەلەمدە تولغاندى. غېنى شاڭجاڭنىڭ رەيھان بىلەن تۈزگەن توختىمىنى، “خوتۇنۇڭغا چېقىلمايمەن، ئۆمەرنى قاماقتىن بوشىتىمەن” دېگەن ۋەدىلىرىنى ئالدامچىلىق دەپ ئويلىدى، ئەمما قايتا بارسا يەنىلا غېنى شاڭجاڭ بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەك، خوتۇنىنىڭ قولىدىن تارتىپ مېڭىشتىن ئاۋۋال غېنى دېگەن شۇ پور كۆتەكنىڭ بەدىنىدىن دەسسەپ ئۆتۈشى كېرەك. غېنى تاز بوش ئادەم ئەمەس، رەيھانغا بۇرۇندىن كۆز تىكىپ كەلگەن ئادەم ئۇنى ئۇنداق ئاسان قويۇپ بەرمەيدۇ. “خوتۇن خەقنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا”، “چىرايلىقنىڭ ھەممىسى دۆت” دېگەننى غېنى تاز ئوبدان بىلىدۇ، شۇ كالتە پەملىك خوتۇننىڭ چېچىدىن تولاپ ئۆزىگە باغلىۋېلىشنىڭ يوللىرىنى پىششىق بىلىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن قاقۋاش تاز، جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك تاز، چىرايلىق خوتۇنلارنىڭ يۈزىنى ئەينەك قىلىپ ئۆز رەڭگىنى كۆرىدىغان تاز! ياسىندەك شوركىلارنى دەريا بويىغا ئاپىرىپ سۇغارماي كېلىدىغان تاز، خەقنىڭ يۈرىكىنى كاۋاب قىلىپ يەپ، كۆز ياشلىرىنى ھاراق بىلەن قوشۇپ پەيزى قىلىپ ئىچىدىغان تاز…
ياسىن زەرداپ بولۇپ ئولتۇرالماي قالدى، ئۆينى بىر دەمدە ئىسلاپ گۈلشەننى ئويغىتىۋەتتى.
__ قوپە ئەمدى، تەخەيدەك ياتماي!
__ نېمە ئىس بۇ ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ!…__ دېدى گۈلشەن كۆزىنى ئېچىپلا تۇمۇشۇقىنى تۈرۈپ،__ ئەتىگەندىلا قوپۇۋاپسىزغۇ؟
__ سەت خاقىراپ ئويغىتىۋەتتىڭ، ئاغزىڭ شالدام…
__ مەنمۇ سىزمۇ؟ ئەتىگەندە سەت كۆرۈنۈپ قاپتىمەنغۇ ئەمدى؟!
__ دېگىنە، رەيھان نەدە؟
__ تۈنۈگۈن بېرىپ كۆرۈپ كەلگەنسىز ئۆزىڭىز…
__ ماڭا نېمىشقا دېمەيسەن؟ مېنى مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق قىلامسەن؟
__ مەن سىزنى ئەخمەق قىلاي دېمىدىم، رېستۇرانغا بېرىپ جېدەل تېرىشىڭىزدىن قورقتۇم…
__ يەنىچۇ؟
__ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقتۇم…
__ پاھ ما چىرايلىق گەپنى كۆرۈڭ، نېمە دېسەم گەپ دېگەن تەييار-دە!
__ ئىشقىلىپ، مەن سىزنىڭ خەق بىلەن خوتۇن تالىشىپ يۈرۈشىڭىزنى خالىمايمەن.
__ سېنىڭچە مەن شۇنداق قىلارمەنمۇ؟ غېنى شاڭجاڭ مېنى بىر نېمە قىلىۋېتەرمۇ؟
__ ئۇقمايمەن، ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزگە پەخەس بولۇڭ.
__ خوتۇننى خەققە تارتقۇزۇپ قويسام خوش بولامسەن؟
__ ئۆزىڭىز بىلىڭ.
__ سەنغۇ تىلەپ تۇرىسەن، خوتۇن خەقنىڭ ئىچى ئەزەلدىن تار.
__ سىزنىڭ ئىچىڭىز بەك كەڭمۇ؟ كەڭ بولسا خوتۇنىڭىزنى خەققە تاشلاپ بېرىپ يۈرىۋەرمەمسىز؟
__ ئاغزىڭنى يۇم، مەن ئۇنداق ھېجىقىز ئەمەس.
گۈلشەن يەنە ئاغزى ئىتتىكلىك قىلسا تاياق يەيدىغانلىقىنى پەملەپ، ھازىرلا يىغلىۋەتكۈسى كەلدى.
__ ئەتىگەندە ماڭا بۇنداق ھەيۋە قىلماڭ،__ دېدى ئۇ پەسكە چۈشۈپ،__ خوتۇنىڭىزنى ئەكىلەلمىسىڭىزمۇ ماڭا توۋلامسىز؟ خوتۇنىڭىزدىن ئالالمىغان ئاچچىقىڭىزنى مەندىن ئالامتىڭىز؟
__ ماڭا قاراپ گەپ قىل، سەن ئۇنى كۆرگەن ئادەم ماڭا نېمىشقا دېمەيسەن؟ بىر ھەپتىگىچىمۇ مېنى ئالدامسەن؟ بىر ھەپتىگىچە ئۇ خوتۇنغا بىر ئىش بولسا سەن ئىگە بولامسەن؟
__ خوتۇنىڭىزدىن چاتاق چىقسىمۇ مەندىن كۆرمەكچىما، توۋا ما گەپنى، بۇزۇلمايدىغان خوتۇن ئاي-يىللاپ بۇزۇلمايدۇ، بۇزۇلغۇسى كەلگەن خوتۇن بىر ئاخشامدىلا بۇزۇلىدۇ. ئۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ…
__ غېنى تازنىڭ دېيىشىچە، سەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپتىكەنسەنغۇ؟ بىر قىز بىللە تۇرۇپتىكەنغۇ؟
__ كۆرگىنىم راست، غېنى شاڭجاڭ مېنى كۆرسۇن دەپ ئەكىرگەن.
__ بۇ ئوغرى ئۆزىنى يېپىش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلغان گەپ، ئۇنىڭ كەينىدە بىر گەپ بار. سەن مۇشۇنى بىلىپ تۇرۇپ دېمەپسەن، غېنى تازمۇ ساڭا ھەيران قالدى. ھەممىدىن قاقۋاش، ھەممىدىن ئەسكىسى سەن بوپسەن..
__ نېمە دېسىڭىز دەڭ، مەن ئۆزەم توغرا دەپ قىلغان ئىشنى ھېچكىمدىن مەسلىھەت سورىماي قىلىۋېرىمەن. ئىشقىلىپ، ئۇ خوتۇنىڭىز سىزنى تاشلاپ كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭغا ئىشىنەمسىز-ئىشەنمەمسىز؛ يېنىڭىزغا ئەكىلەمسىز- ئەكەلمەمسىز، چاتىقىم يوق.
__ كىچىك بولغىنىڭ بىلەن ئىلگىرىكىن يامان نېمىكەنسەن!__ دېدى ياسىن ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىچى تىتىلداپ.
__ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا چوڭ-كىچىك خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى يامان، ئەسكى، شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە جېنىڭىزنى بۇنداق قىينىغىچە ھەممىسىنى تالاق قىلىپ قويۇۋەتسڭىز بولمامدۇ؟
__ ئوھ، ما گەپنى! خوتۇن بولماق تەس كەلدىما؟
__ بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز كىم چىدايدۇ؟! ئۇنداق ئەدەم باشتىلا شۇ خوتۇننى ياخشى كۆرىمەن دېسىڭىز بولمامدۇ؟ ھازىر ئەمدى ھەممە بالاغا مەن قالدىم، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا ئاچچىقىڭىزنى مەندىن ئالىسىز، ئەتە-ئۆگۈن تېخى ئۇرىدىغاندەكمۇ قىلىسىز. مەن سىزگە دەپ قوياي، توشقانمۇ ئاچچىقى كەلسە چىشلەيدۇ، ئەمدى مېنى بۇنداق بوزەك قىلىمەن دېمەڭ! __ گۈلشەن يىغلىمىدى، غەزەپلەندى، چۈنكى يىغلاپ پايدا ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدى.
__ ماقۇل، توشقان، ئەمدى چىشىڭغا تەگمەي، خېلى مۇلايىم توشقان ئىدىڭ، ئەمدى بىر دەمدە چىشى يولۋاسقا ئايلاندىڭ، بۇرۇن قىلغانلىرىڭ يالغانكەن، ئەمدى ئۇقتۇم، خوتۇن خەق ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق ساراڭكەن، تېخى غېنى تازنى ئالدامچى، قاقۋاش دەپ يۈرۈپتىمەن، خوتۇن خەق ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئالدامچىكەن…__ ياسىن ئېغىز-بۇرنىدىن چىقىۋاتقان تاماكا ئىسىغا ھەسرەت بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ قالدى.
شۇ كۈنى چۈشتە غېنى شاڭجاڭ ياسىننىڭ ئاشخانىسىغا قەدەم بېسىپ، ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇۋەتتى.
__ كەپقاپسەنغۇ؟__ دېدى ياسىن ئۇنىڭغا غەلىتە قاراپ.
__ كەلسەم بولمامدىكەن؟!
ياسىن ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۇنى جوزىغا باشلىدى، گۈلشەن، ھاشىملار پايپېتەك بولۇشۇپ كەتتى.
__ سېنىڭدەك ئايرىمخانام، ئېسىل ھارىقىم يوق، نېمە بولسا شۇنى ئىچىسەن!__ دېدى ياسىن قاپىقىنى تۈرۈپ، ئەگەر مەست بولۇشۇپ قالسا، مەشەدىلا ئۇنىڭ تاز بېشىنى يېرىۋېتىشنىمۇ ئويلىدى.
__ گەپ ھاراقتا ئەمەس، كۆڭۈلدە، ئارتۇق جۇۋاپ كەتمە.
سەي چىقماي تۇرۇپلا ياسىن بىر رۇمكا ھاراقنى قۇيۇپ بولدى، كۆڭلىدە “بۇ ھاراق ئەمەس، زەھەر بولۇپ قالسىچۇ…” دەپ ئويلىدى.
__ ھە دېگىنە، نېمىگە كەلدىڭ؟
__ سەندىن ئەنسىرەپ بولمامدۇ، كېچىدىن ساق كېلىۋالغانسەن؟
__ قۇرۇق گېپىڭنى قوي، تاماشا كۆرگىلى كەلدىم دېگىنە!
__ ئاچچىقىڭ تازا كەلدى-دە، كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن…__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ھاراقنى قولىغا ئېلىپ،__ تۈنۈگۈن گەپ تۈگەپ بولغىچە كاللاڭدىن كېتىپ قالدىڭ، بۈگۈن ئاخىرىنى دېيىشىمىز.
__ سەن كەلمىگەن بولساڭمۇ ئۆزەم باراتتىم…
__ يەنە شۇ ئاچچىقىڭدا مەست بولۇپ يېتىپ قالساڭچۇ؟! شۇڭا بۈگۈن قېشىڭغا ئۆزەملا كەلدىم…
غېنى شاڭجاڭنىڭ مۇشۇنداق چاغدىمۇ چاقچاق قىلىپ ھىجىيىپ ئولتۇرۇشى ياسىنغا ھار كەلدى، شاڭجاڭنىڭ ئۇتتۇر چىشىنى تۆكۈۋەتكۈسى كەلدى.
__ سەن بەك ناچارلىق قىلىۋاتىسەن،__ دېدى ياسىن ئۇنىڭغا جىددىي تىكىلىپ،__ مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ مېنى قەستەن ئەخمەق قىلىۋاتىسەن…
__ سەن ئېسىل يىگىت، ئوغۇل بالا ئەركەك!__ دېدى غېنى شاڭجاڭ زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك،__ خوتۇنىنى كۈنلىمىگەن ئەرنى ئەر دېمەيمىز. ئادەم تۇرماق، ھايۋان جېنىدا ئۆز جۇپتىنى كۈنلەيدۇ، پەقەت چوشقا ئۇنداق ئەمەس، چوشقا ھەرگىز كۈنلىمەيدۇ، قالايمىقان جۈپلىشىۋېرىدۇ، شۇڭا ئۇ نىجىس ھايۋان. بىز خەق خوتۇنىغا قاش ئاتقاننىمۇ يامان كۆرىمىز، بۇ جەھەتتىن سېنىڭ قىلغىنىڭ توغرا، مېنى ئۇرۇپ يەرگە ياتقۇزۇۋەتسەڭمۇ، سېنىڭ قىلغىنىڭىنى توغرا دەيمەن. بىراق، مەن خوتۇنۇڭغا يامان نىيەتتە بولۇپ باقمىدىم. خوتۇن قىلاي دەپ ئويلىغىنىم راست، لېكىن رەيھان بۇنىڭغا ھەرگىز ئۇنىمايدۇ. مېنىڭ شۇنىڭغا ئىچىم پۇشىدۇ، سەن ئۇنى شۇنچە خارلاپ تاشلىۋەتسەڭمۇ، ئۇ يەنىلا ساڭا تارتىشىدۇ، بىز مىڭ ياردەم قىلساقمۇ قاراپ قويمايدۇ…
غېنى شاڭجاڭ ھە دەپ سۆزلەۋاتقاندا ياسىن ئۇنىڭ چىرايىدىن سەمىمىيلىك، راستچىللىق ئىزدىدى، بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمىدى.
__ سەن رەيھاننى نېمە دەپ ئويلايسەن، جاھاندا خوتۇن بولار، ئۇنىڭدەك ئېسىل خوتۇن بولماس. ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغان ئادەمنىڭ ھەرگىز ئۇنىڭغا ئەسكىلىك قىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئەسكىلىك قىلىشقا بولىدىغان خوتۇننى بىز بىر قاراپلا بىلىۋالىمىز، قىچىقى باركەن دەيمىز، كۆزىگە قاراپلا نىيەتنى بۇزىمىز، تومۇرىنى تۇتۇپ باقىمىز، ئېپى كەلسە جۆندەيمىز، بىر بۇلۇڭغا سۆرەيمىز… سەن رەيھانغا ئىشەن، ئۇمۇ سېنىڭ ئىشەنچىڭنى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، بولمىسا ئاللىبۇرۇن ماڭا تېگىپ بولاتتى، ما گەپ چاقچاق-ھە.. خاتا چۈشۈنۈۋالما…
ياسىن ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ قويدى، بۇ تازدا ئىشەنچ يوق ئىدى، ئەگەر ياسىن چېكىنسە ئاندىن ئىشەنچى پەيدا بولاتتى.
__ تۈنۈگۈن سېنىڭ بارغىنىڭىنى رەيھان ئۇقتى، ئەسلىدە ئۇنى يېنىڭغا باشلاپ كەلمەكچى بولغان، لېكىن ئۆمەر چىققىچە ساقلايمەن دېدى. ئۆزىگە ئىشەنگەچكە تۇرۇپ قالدى، سېنىڭ يەنە خارلاپ قويۇشۇڭدىن ئەنسىرىگەچكە تۇرۇپ قالدى، قارىغاندا ئۇنى بەك بوزەك قىلىپسەن، ئۆزەڭگە ئىشەنگۈسىز قىلىۋېتىپسەن. ئۇ سېنىڭ گۇمانخورلۇقۇڭنى، مۇشتۇمزورلۇقۇڭنى ئوبدان بىلىدىكەن، قاچان مۇشۇ يامان ئادىتىڭدىن قول ئۈزسەڭ ئاندىن كېلىپ خىزمىتىڭنى قىلىدىكەن…
__ ئۇ سېنى ۋەكىل سايلاپ ئەۋەتتىما؟ مەندىن نېمىشقا قورقىدىكەن؟ مەن بىلەن نېمىشقا يۈز تۇرانە كۆرۈشەلمەيدىكەن؟
__ خوتۇن خەقنىڭ كۆڭلىنى نېمىشقا چۈشەنمەيسەن، يامانلاپ كەتكەن ھەر قانداق خوتۇننىڭ ئاچچىقى بىر-ئىككى كۈندە يانمايدۇ؛ بۇنداق چاغدا ئېرى ئەۋلىيا بولۇپ كەتسىمۇ، كېلىپ مېنى ئەكىتىڭ دېمەيدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ تېخى ھازىر سېنىڭ چىرايىڭنى كۆرگۈسى يوق، گېپىڭنى ئاڭلىغۇسى يوق. سېنىڭمۇ ھەم شۇنداق، ئاچچىقىڭ يانمىدى، خوتۇنۇڭنى كۆرسەڭلا غەزىۋىڭ تاشىدۇ، قاراس-قۇرۇس ئۇرۇپ بېرىسەن، شۇنىڭ بىلەن ئىش تېخىمۇ يامانلىشىدۇ، ئاڭغىچە تەخىر قىل، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتسۈن…
ئىككىسى ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ قىززىشىپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭ ئۆمەرنى چوقۇم ئېلىپ چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەردى.
__ مەن بۈگۈن ئاساسلىقى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كەلدىم، __ دېدى ئۇ قەددىنى رۇسلاپ،__ ھاراق دېگەننى ئالدىرىماي ئىچىۋالىمىز، ئەمدى ماڭا قايسى تۈرمە، شۇنى ئېنىق دەپ بەر. مەن تونۇيدىغان سوجاڭ ئۇلارنىمۇ چوقۇم تونۇيدۇ. يەنە ماۋۇ سېنى قارىغا قويغان تەتەي بىلەن مېنى كۆرۈشتۈرۈپ قوي، ئىشىنى ئۆزەم جۆندەيمەن...
__ بۇ شاۋچى پۇل دەيدۇ.
__ پۇل دېسىمۇ مەيلى، بۇ تەتەي مۇھىم، ئۇنىڭمۇ چوقۇم تونۇشلىرى بار، بولمىسا ئۇنداق ئاسان تۈرمىگە سولىتىۋېتەلمەيدۇ، يولنى ئاسانراق ماڭىمىز.
__ مۇشۇ ئۇدۇلدىكى پاھىشىخانىغا كىرسەڭ بولىدۇ…
__ ئەمىسە مەن ماڭاي، شۇ يەردىن ئۇدۇللا كېتىمەن، ئۇزۇتۇپ چىقما.
__ تەتەيخان بىلەن بوپ كېتىپ، يېتىپ قالساڭ كارىم يوق.
__ ھە … ما گۇينى، مېنى دائىم ئۆزەڭدەك بۇزۇق چاغلايسەن-دە…
ياسىن ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي غېنى شاڭجاڭنى مەمنۇنىيەت، چاقچاق بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغىنىنى ئويلاپ، غەلىتە بولۇپ قالدى. بوتۇلكا بىلەن كاللىسىنى يارىمەن دېگەن خىياللىرىمۇ بىر ياقتا قالغانىدى. “ھەممىنى قىلغان مۇشۇ ھاراق…كاللىنى ساراڭ قىلغانمۇ مۇشۇ ھاراق، ئاۋۋال ساز، ئاندىن ماز قىلغانمۇ مۇشۇ ھاراق…” دەپ ئويلاپ، يېرىم قالغان بوتۇلكىغا بىچارىلەرچە قاراپ قويدى.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما
