«كۆپۈك» ناملىق رومان نەشردىن چىقتى
ئاپتور:erturk ۋاقتى:2009-06-30
«كۆپۈك» ناملىق تۇنجى رومانىم بۇ يىل 6-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
روماندا 90-يىللاردىن كېيىن شەھەرلىشىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ مەيدانغا چىققان زىددىيەت، ئۆزىمىزگە خاس بىمەنە، ئېچىنىشلىق ئىشلار قارا يۇمۇر شەكلىدە جانلىق بايان قىلنغان. ئەسەر ۋەقەلىكى راست ئىشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا توقۇلما قىلىنغان بولۇپ، تەنقىدىي رېئالىزملىق بايان ئۇسۇلىغا يەنە ناتونۇشلاشتۇرۇش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە قىسمەن بىمەنىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى كىرىشتۈرۈلدى. ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ «جاھاندا مۇشۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ؟» دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما رېئاللىقتا نېمە ئىشلار بولمايدۇ؟ بۇنداق غەيرى ئىشلارنى يوق دېيەلمەيسىز، يالغان دېيەلمەيسىز، غەيرى ئىشلارنى ئومۇملۇققا كۆتۈرۈش ئارقىلىق مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئاساستا مەركىزىي نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇئەللىپنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سىناقلىرى. روماننىڭ فوكۇس نۇقتىسى: زەئىپلەشكەن ئەركەكلىك ۋە كۈچىيىپ كەتكەن نەپسانىيەتچىلىك؛ ماددىي مەنپەئەت بىلەن روھىيەت ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە شۇ ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان تۇرمۇش.
كىتاب 296 بەت، باھاسى: 16 يۈەن
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش: كۆپۈك ناملىق رومان
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:

ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما

قايتۇرما
قولۇڭىزىغا دەرىت بەرمىسۇن.