كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (26)

ياسىن خوتۇنىنىڭ كەشىنى توغرىلاپ يەڭگىللەپ قالغان بىلەن كۆڭلى يەنىلا پاراكەندە ئىدى، غېنى شاڭجاڭ رەيھان بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۈرۈمچىدە كۆرۈشىدىغانغا دېيىشىۋالىدىغاندەك ئەنسىز خىياللاردا بولۇپ قالاتتى. شاڭجاڭ ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ، خوتۇنىنىڭ خېتىنى بېرىۋېتىپ، رەيھاننى نىكاھىغا ئالسا ئېلىۋېرەتتى. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ رەيھان يۇرتىغا بارسا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەرگە تېگىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ بىرىنچىدىن، چىرايلىق؛ ئىككىنچىدىن، ياسىنغا ئۆچ؛ ئۈچىنچىدىن، قارىم ئاكىسى ئەمدى ئۇنىڭغا ھاراق ئىچمەيدىغان، تەقۋا بىرەيلەننى سايە قىلىدۇ…

رەيھان ئۈرۈمچىگە چۈشىدىغان كۈنى ياسىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى، ئېلىنمىدى؛ ئارقىدىن غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىر ياققا ماڭمىغانلىقىنى ئۇقۇپ خاتىرجەم بولدى.

__ نېمىگە تېلېفون ئۇرۇپ قالدىڭ؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ توساتتىن.

__ ئەھۋال سوراپ بولمامدۇ، نېمە دەپ ئويلاپ قالدىڭ ئۆزەڭچە؟

__ مېنى تىڭ-تىڭلاپ باقاي دەۋاتىسەن-ھە؟!

__ قىززىق گەپ قىلىسەنغۇ، ساڭا تېلېفون قىلغىلىمۇ بولمامدۇ ئەمدى؟

__ بىر ئىشنى مەندىن يوشۇرۇۋاتىسەن، سەن دېمىسەڭمۇ مەن بىلىمەن.

__ بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا سورايسەن؟__ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ،__ ھەممە ئىشىمنى ساڭا دوكلات قىلىشىم كېرەكما؟

__ خوتۇنۇڭنى نېمىشقا تالاق قىلىپ ھەيدىۋەتتىڭ؟

__ بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقىسى؟

__ ئەمىسە نېمىشقا ماڭا تېلېفون قىلىسەن؟! مەندىن نېمىشقا گۇمانلىنىسەن؟

ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ تايغاندەك سەزگۈرلۈكىگە قول قويدى، ئۆزىنى شۇ تايغانغا تۇتۇلغان توشقاندەك چارىسىز، بىچارە ھېس قىلدى.

__ خوتۇن خەقتەك زىللىشىپ كېتىپسەن غېنىكا، سەندىن نېمىشقا گۇمانلىنىمەن؟

__ مېنى ئۆزەڭدەك بۇزۇق كۆرىسەن ئەمەسمۇ، دېگىنە، خوتۇنۇڭنى نېمىشقا تالاق قىلدىڭ؟  ئۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىمىزدا  ھېچ ئىش بولمىسا نېمىشقا گۇمانلىنىسەن؟

__ ۋاي، ئۇ خوتۇننى تالاق قىلىشىم بىلەن سېنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتىڭ يوق، ئۆزىنىڭ ئاجراشقۇسى كېلىپ ئاران تۇرۇپتىكەن، كېلىپ مەن بىلەن سوقۇشتى، ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىدى، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئاچچىققا پايلىماي تالاق قىلدىم. بولغان ئىش مۇشۇ!

__ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قوغلىۋەتتىم-دە، قالتىسقۇ سەن؟

__ ئەمىسە قانداق قىلسام بولاتتى، ئۇنى سېنىڭ يېنىڭغا ئاپىرىپ قويسام بولامتى؟__ دېدى ياسىن ئەركەكلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇ  بۇ گەپلەرنى تېلېفوندا دېيەلىگەن بىلەن شاڭجاڭنىڭ ھارىقىنى ئىچىۋاتقاندا دېيەلمەيتتى.

__  بىر ئوبدان خوتۇننى ۋەيرانە، سەرسانە قىلىۋەتتىڭ –دە!  بىچارە خوتۇن ئەمدى كىملەرگە ساغىرىپ يۈرەر، بۇنداق ناچارلىق قىلىدىغىنىڭنى بىلگەن بولسام ئۇنى قېشىمدا ئەپقالاتتىم …

__  بۇ نىيىتىڭنى بىلەتتىم، لېكىن چۆچۈرىنى خام ساناپسەن…

__ دېمەك، سەن قەستەن شۇنداق قىلدىڭ. خوتۇن تالاق گۇيلار زادى نامەرت كېلىدۇ…

__ كىم نامەرتكەن، تۈزۈك گەپ قىلاۋا ئاكا، ھۆرمەت قىلغاننى بىلمەيدىكەنسەن!ـــ دېدى ياسىن ئاچچىقتىن تىترەپ.

__ كۆتەر ئۇنداق لاتا قاسقاس ھۆرمەتنى، سەن ئاغىنىدارچىلققا يارىمايدىكەنسەن! 

ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ ئەلپازىنىڭ بۇنداق يامانلىشىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى،  ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشىپ قېلىشنى خالىمايتتى.

__ كۈنكۈندۈزدە ئىچىۋاپسەندە…__ دېدى ئۇ  ئېغىر تىنىپ،__ بولدى سەنمۇ بۇ گەپلەرنى دېمىگەن بول، مەنمۇ ساڭا تېلېفون قىلمىغان بولاي. گەپ مەشەدە تۈگىسۇن.

__ خوتۇنۇڭ باشقا خەققە خوتۇن بولۇپ كەتسە چىدايسەن، ماڭا چىدىمايسەن، مەن ساڭا نېمە يامانلىق قىلدىم؟

__ غېنىكا، سۈپىتىڭىنى چۈشۈرمە…

__ مەن قىلغان ئىشىمغا مىننەت قىلمايمەن، لېكىن سەن شۇ ئىش ئۈچۈن مەندىن گۇمانلىنىپ، رەيھانغا قاراپ چاپلاپ، مېنىمۇ ئۇنىڭغا سەت كۆرسىتىۋەتكەندەك قىلىسەن.

__ ئۇنداق ئىش يوق، خاتا چۈشىنىپ قاپسەن.

__ مېنى بىكارغا ئىش قىلمايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭ، شۇنداقمۇ؟

__ مەن سېنىڭ مەرتلىكىڭنى بىلىدىغان تۇرسام، نېمىشقا ئۇنداق ئويلىغۇدەكمەن؟!__ ياسىن گەپنى چىرايلىق تۈگىتىشنى ئويلاۋاتاتتى.

__ كېلە ئىچىشىمىز، بۇ گەپنى تۈزۈك دېيىشىمىز.

__ ئەتە-ئۆگۈن باراي، ھازىر بەك ئالدىراش…

__ كۈندۈزدە يوتقانغا كىرىۋالمىغانسەن، خوتۇن خەق دېگەن ئاشۇنداق بەلەن نېمە، ئەمدى بىر خوتۇن بىلەن قالدىڭ، مېنىڭ رەيھاندەك بىرلا خوتۇنۇم بولغان بولسا كۈندە قۇچىقىغا بېشىمنى قويۇپ ياتاتتتىم. تالاق قىلدىم دەپ نوچىلىق قىلىۋاتىسەن، ئەتە-ئۆگۈن كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ خوتۇن قىلسام نېمە دەيسەن؟!

__ بىڭسىڭ بولسا شۇنداق قىل!__ دەۋەتتى ياسىنمۇ گەپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن،__ ئەمما ئۇ ساڭا خوتۇن بولمايدۇ.

__ ئەگەر خوتۇن بولسىچۇ؟  تويۇمدا سېنى ئىشقا سالىمەن، كاۋاپ پىشۇرۇپ چاي توشۇيسەن.

__ ئاۋۋال ئۆزەڭنى بىل،__ دېدى ياسىن قىززىشىپ،__ قۇشناچىمنىڭ قاپىقى يامان دەپ ئاڭلايمەن، ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپ تاپىنىڭدىن ئېسىپ قويسا، مېنى توۋلىساڭمۇ ئاڭلىمايمەن…

__ ئاكاڭنى بوش چاغلاۋاتامسەن؟  خوتۇن دېگەننى ئەپلەپ-سەپلەپ باشقۇرىمىز، غەلۋە قىلسا تەلىۋىنى قاندۇرىمىز، غىدىڭ-پىدىڭ قىلسا بېسىقتۇرىمىز.

بۇ گەپلەر ياسىنغا  ۋاقتى ئۆتكەن مالدەك ناچار تۇيۇلدى، غېنى شاڭجاڭ ئادەتتىن تاشقىرى سۆزلەپ قالغانىدى، باشقىلارنى ئوينىتىمەن دەپ ئۆزى ئوينىلىپ كەتكەن بۇ ئادەم ئىچ پۇشۇقىغا چىدىماي ئىچىپلا يۈرۈۋاتقاندەك، ياسىن بىلەن رەيھاننى قوشۇپ تىللاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئەسلىدە رەيھاننىڭ تالاق قىلىنغىنىغا خوش بولسا بولاتتى، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خۇددى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن قويۇلۇپ كەتكەن ئوقەتچىدەك ئاھ چېكىپ، كۆتىنى ئۇۋىلاپ قالغانىدى.

ياسىن غېنى شاڭجاڭ بىلەن خېلى ئۇزۇن تەگەشتى، گاھ سېسىق گەپ، گاھ چاقچاق، گاھ تۈز گەپ بىلەن جەڭ قىلىشتى.  شاڭجاڭ مۇشۇ پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغاندەك قورساق كۆپۈكىنى بوشۇتۇۋالدى، ياسىنمۇ “ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس” دېگەندەك، ئىچىدىكىنى دەۋالدى؛ ئەگەر ھاراق سورۇنىدا يۈزلەشكەن بولسا بىر-بىرىنىڭ بېشىنى بوتۇلكا بىلەن يېرىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. نىھايەت، ياسىن ئۇنىڭ نازۇ نېمەتلىرىنى كۆپ يېگەن، ھارىقىنى ئىچكەن،  تونۇشتۇرغان قىزىنى “خوتۇن” قىلغان، ئىنىسىنى تۈرمىدىن چىقىرىپ يولغا سالالىغان بولغاچقا شاڭجاڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ساقلاپ قالدى؛  ئۇنىڭ پەيلىنى ۋە نوچىلىقىنى بىلگەچكە ئۇنىڭ بىلەن يامانلىشىپ قېلىشنى خالىمىدى؛ ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە تەن بەرمەيدىغان،  مەقسەتكە يەتمىگىچە ئاسانلىقچە بولدى قىلمايدىغان كۆرەڭ جاھىللىقىدىن ئەنسىرەپمۇ قالدى. ئۇ  نېمىلا قىلسا قىلىپ رەيھاننى ئىندەككە كەلتۈرۈپ خوتۇن قىلىۋالسا ياسىنغا قاتتىق ئەلەم بولاتتى؛ ئەگەر خوتۇن قىلالمىسا ياسىنغا ئوخشاشلا بېسىم بولاتتى.

ياسىن تېلېفوننى ئېتىپ، كۆڭۈلسىزلىككە پاتتى.  بىر دەمدىن كېيىن ھۇجرىسىغا كىرىپ گۈلشەنگە ئاچچىقلىدى:

__ غېنى شاڭجاڭغا سەن نېمە دېدىڭ؟

__ نېمە دەپتىمەن؟

__ رەيھاننى تالاق قىلىپ يولغا سېلىۋەتكىنىمنى دەپسەنغۇ؟

__ مەن نېمىشقا دەيدىكەنمەن، خوتۇنىڭىز ئۆزى دېگەندۇ، بۇنداق خۇشخەۋەرنى ئۇ دېمەي قالامدۇ؟

رەيھان ئۆزىنىڭ تالاق قىلىنغانلىقىنى خۇشخەۋەر قىلىپ يەتكۈزگەن بولسا، غېنى تاز ئۇنچىلىك ئاچچىقلاپ كېتەرمىدى؟

__ سەن دەپسەن،  غېنىكاڭ ئۆزى ئاشكارىلاپ قويدى، تېنىۋالىمەن دېمە!__ دېدى ياسىن كەسكىنلىك بىلەن.

گۈلشەن گەپ قىلالماي قالدى، بۇنىڭغا قاراپ ياسىننىڭ سەپرايى تۇتتى:

__  ساڭا بۇ ئىشپيۇنلۇقنى كىم قويدى؟

__ كىم ئىشپيۇنكەن، ماڭا تولا بەتنام چاپلىماڭ!

__ ئەمىسە نېمىشقا دەيسەن؟ دېگەنگە نەچچە پۇل بەردى؟

__ ئەھۋال سوراپ تېلېفون ئۇرۇپتىكەن، دەپ ساپتىمەن. مەن دېمىسەممۇ ھامان ئۇقىدىغۇ، يوشۇرۇپ كەتكىدەك ئىش يوققۇ؟

__ ئۇنداقتا ھەممە گەپنى دەۋەرگىن، خالاغا كىرىپ-چىققىنىمدىن تارتىپ ھەممىنى دوكلات قىل!  غېنىكاڭنىڭ بىرەر ئىشىنى ماڭا دەپ باقمايسەن، ئەجەپ مېنىڭكىنى دېيىشكە ئالدىرايدىكەنسىنا، بۇندىن كېيىن ئېغىزىڭنى يىغىپ يۈر، سەن غېنى تازنىڭ غالچىسى ئەمەس، مېنىڭ خوتۇنۇم!

__ ماڭا بۇنداق ھۆكىرىمەڭ، مەنمۇ سىزنىڭ غالچىڭىز ئەمەس،__ دېدى گۈلشەن ئاچچىقتىن قىزىرىپ،__ غېنىكام سىزگە نېمە يامانلىق قىلدى؟ ئەگەر ئۇ “تاز”دېگىنىڭىزنى ئاڭلاپ قالسا بوش قويمايدۇ.

ياسىنغا بۇ گەپ تولۇمدىن توقماق چىققاندەك تۇيۇلدى، تېرىكىپ توۋلىدى:

__ يامان بولسا كېسىۋېتەر، بېرىپ ھەممىنى دە!

__ مەن چېقىمچى ئەمەس، تولا ماڭا زەھىرىڭىزنى سانچىماڭ، خوتۇنىڭىزغا چىدىماي قالغان بولسىڭىز بېرىپ قايتۇرۇپ كېلىڭ، بولمىسا ئەدەمنى بۇنداق قىينىماڭ، مەن خالىغاندا ئوينىتىپ خالىغاندا تېپىدىغان ئىت، مۈشۈكىڭىز ئەمەس!…   

__ سېنى كىم شۇنداق قىلدى؟ ساڭا پەقەت گەپ قىلغىلى بولمامدا؟! خوتۇننى قويۇۋەتسەممۇ يەنە نېمە گېپىڭ تۈگىمەيدۇ،  سەن ئۈچۈن خوتۇن-بالىدىن كەچتىم، يەنە نېمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟ ماڭا نېمانداق چوڭچىلىق قىلىسەن مۇشۇ كۈندە!؟

__ تېخى مەن ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىزما؟__ دېدى گۈلشەن سوغۇق كۈلۈپ،__ ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىپ گەپ قىلىڭ، خوتۇنىڭىز مەندىن يامانكەن، غېنىكامنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغاندىن كېيىن سىزدىن ئاجرىشىشنى نىيەت قىلغاندۇ تايىنلىق، خوتۇن خەقنى بوش چاغلىماڭ، ھېلىمۇ سىزگە بەش يىل خوتۇن بوپتۇ، شۇنىڭغا ھەيران قالدىم.

ياسىن گۈلشەنگە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى،  خوتۇن خەقنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى نېمانچە زەھەرلىك، نېمانچە قورقۇنچلۇق…   ئۇنىڭ گېلى قۇرۇپ، دېمى سىقىلغاندەك بولدى:

__ سەن نېمە دېمەكچى، غېنى تازنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلەمسەن؟

__ ئۇقمايمەن، ئىشقىلىپ خوتۇنىڭىز شۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئۆزگىرىپ كەتتى.

ياسىن رەيھاننىڭ ئۆزى بىلەن تىغمۇ تىغ تىل تەڭلىشىپ، سەتلىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى، ئۇ ھەقىقەتەن بۇرۇنقىدىنمۇ جاھىل، ئاغزى يامان بولۇپ كەتكەنىدى. 

__ سەنمۇ يامانلىشىپ كەتتىڭ،  ھازىر سېنىڭمۇ  بۇرۇنقى ئەپتىڭ يوق!__ دېدى ياسىن رەيھان توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشنى خالىماي،__ سەن خەققە راستىنلا قول قويدۇم.

شۇنىڭدىن كېيىن ياسىن سولۇشۇپ كەتتى، ھۇجرىدا يالغۇز قالغانلىرىدا تۆت بۇلۇڭغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى، قولىدىن تاماكا چۈشمەيتتى، پەرىشان ئىسلار ئاغزى-بۇرنىدىن مورىدىن چىققاندەك چىقىپ تۇراتتى.  رەيھاننىڭ كېتىشى بىلەن غېنى شاڭجاڭ ئۇنى يارىماس ئاغىنە قاتارىغا چىقىرىۋەتتى، مۇناسىۋەتكە دەز كەتتى، ئۇ  بىردىنبىر ھاراق سورۇنىدىن ئايرىلىپ قالدى. گۈلشەن رەيھاننىڭ كېتىشىدىن خوش بولماقتا يوق، بارلىق جاپا-مۇشەققەتكە ئۆزى قالغاندەك كۆڭۈلسىز، ھارغىن ئىدى. ئۆزى ياسىننىڭ يېنىدا بولسىمۇ، خىيالى باشقا يەردە، گالۋاڭدەك يۈرەتتى،  قورسىقىدا جىن باردەك قىلاتتى. بۇ ھالدا ياسىنمۇ ئۆزىنىڭ خىيالىدىكىدەك ياشىيالمىدى، بۇرۇنقىدەك ئەركىن-ئازادە بولالمىدى. مۇلايىملىقى، رايىشلىقى تۈگىگەن “كىچىك خوتۇن” بارا-بارا ئۆزگىرىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە قايتىۋاتقاندەك قىلاتتى.

ئاشخانىنىڭ سودىسى يامان ئەمەس كېتىۋاتاتتى، ئەمما گۈلشەن ئۆزىنى ئايال خوجايىندەك ھېس قىلمايتتى،  ئاشخانىنىڭ ئىشىغا بۇرۇنقىدەك چەبدەس ئەمەس ئىدى، خېرىدار كەلسىمۇ تۈزۈك مۇئامىلە قىلمايتتى،  بىكار بولسا تالادىكى ساتراشخانىغا قاراپ خىيالغا چۆكەتتى: ئاشۇ پاسكىنىلار جېنىدا كىيىمنىڭ نوچىسىنى كىيىدۇ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئاسىدۇ. بىر قېتىم نومۇسىنى ساتسا مانچە پۇل ئالىدۇ، ئوينايدىغانلار خوشى تۇتۇپ كەتسە ئۇلارغا بىر-ئىككى يۈز كوينى ئارتۇق بېرىۋېتىدۇ. گۈلشەنغۇ ئۇلاردەك بۇزۇق ئەمەس، ئەمما ياسىن گۈلشەننى كېچىسى خوتۇن، كۈندۈزى مالاي قىلغانغا يارىشا تۈزۈك بىر نەرسە ئېلىپ بېرىپ باقتىمۇ؟  نىكاھىمغا ئالدىم دېگەن چاغدىمۇ ئۈزۈك چاغلىق بىر نەرسە ئالمىدىغۇ؟  غېنى شاڭجاڭ ئاددىي بولسىمۇ قىزلارغا مىللىيچە كىيىم تىككۈزۈپ بېرەتتى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى “ باغچىغا بېرىپ ئويناپ كېلىڭلار” دەپ ئاز بولسىمۇ پۇل بېرەتتى، “توپلىشىپ مېڭىڭلار، ۋاقتىدا يېنىپ كېلىڭلار” دەپ ئالاھىدە جېكىلەيتتى.  ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بېرەتتى، كىمكى كېتىمەن دەپ قالسا ئالاھىدە سورۇن تۈزۈپ ئۇزىتىپ قوياتتى…

گۈلشەن ياسىندىن ھەم ئۇنىڭ بۇ ئاشخانىسىدىن بارا-بارا زېرىكىشكە باشلىدى، ئىلگىرى ئۇ ياسىننى ئۆزىگە قارىتىۋالغىنىدىن پەخىرلەنگەن بولسا، ھازىر بۇنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىغان، بەلكى ئۆزىگىمۇ بىمەنە تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ رەيھاننى ياسىنغا سەت كۆرسىتىۋەتكەن بىلەن، رەيھان يەنىلا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى، غۇرۇرى بىلەن غېنى شاڭجاڭنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، ھەم غېنى شاڭجاڭدەك باي ئادەمنى تاشلاپ يۇرتىغا كەتتى، ياسىننى كېرەك قىلمىدى، خوتۇن بولۇش مەجبۇرىيىتى ۋە بارچە مەينەت ئىشنى گۈلشەنگە تاشلاپ بېرىپ كەتتى. گۈلشەن ئۆز خىيالىدا رەيھاننى تۈگەشتۈرۈۋەتتىم دەپ ئالدىراپ خوش بولغان بىلەن، ئاقىۋەتتە ئۆزى بۇ يەردە سىقىلىپ تۈگىشىپ كېتىۋاتاتتى، بۇ يەردە قاچانغىچە جاپا تارتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

ياسىن بىنا ئۆينى قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، ئۇ قارشى قوپتى:

__ مەن ئۇ ئۆيگە كۆنۈپ قالدىم، قايتۇرساق بولمايدۇ.

__ مۇشۇ ئۆي بولسا بولدى، ئەمدى ئۇ ئۆينىڭ نېمە كېرىكى؟

__ بۇ ئۆيىڭىزگە پەقەت مېھرىم چۈشمىدى، مەن ئاشۇ ئۆيگە ئامراق.

__ ئىجارىسىنى سەن تۆلەمسەن؟

__ سىز تۆلەپ بېرەرسىز ئەر كىشى بولغاندىكىن… __ گۈلشەن ياسىننىڭ چىرايىغا مەھكەم تىكىلدى.

__ ئۇششاق باللىدەك غەلۋە قىلما، ئۇ ئۆينى ئەمدى قايتۇرمىساق بولمايدۇ.

__ ئەمىسە ماڭا ئايلىق بېرىڭ، ئۆزەم ئىجارە تۆلەپ ئولتۇراي.

__ نېمە؟  نېمە دەۋاتىسەن؟

ياسىننىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن پارقىراپ كېتىۋىدى، گۈلشەنمۇ ئۆڭدى:

__ ماڭا ھېچنېمە قىلىپ بەرمەي مۇشۇنداق خوتۇن قىلماقچىمىدىڭىز؟

__ ئەمدى گەپ چىقىۋاتىدىغۇ ئاغزىڭدىن، كاللاڭغا نېمە جىن كىردى؟

__ قارىغاندا مېنى مۇشۇنداقلا خوتۇن قىلماقچىكەنسىز-دە!؟ راست، مېنىڭ كاللامغا جىن كىردى،  بۇرۇن دېمىگەن بولسام ئەمدى دەيمەن، ھازىر ھېچنەدە بىكارلىققا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ.

__ دېمىسەڭمۇ سەن مۈشۈك، بۇ نىيىتىڭنى بۇرۇن مەندىن يوشۇرۇپ كەپتىكەنسەن-دە!

__ كىمنىڭمۇ بىكارلىق خوتۇن بولغۇسى بار، مەن ھېلىمۇ سىزگە گەپ قىلماي كەلدىم.

__ مۇنداق دە، ماڭا نەچچە كۈن خوتۇن بولغىنىڭنى دەپتىرىڭگە يېزىپ قويۇپسەن-دە!

__ مەن دېمىسەم بولاتتى، لېكىن ئۆزىڭىزنى بىلمەيدىكەنسىز ئەمەسمۇ؟! دەپ بېقىڭە، ماڭا مۇشۇ ۋاققىچە نېمە ئېلىپ بېرىپ باقتىڭىز؟ قولۇمغا بىرەر ئۈزۈك چىقىپ باقتىمۇ؟ نېمىشقا مەن بۇ يەردە بىكارغا ئىشلەۋېرىدىكەنمەن؟

ياسىن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى، كۆز ئالدىدىكى بۇ “كىچىك خوتۇن” ياسىننى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ ئەمەس، بەلكى نەپ ئۈندۈرۈش ئۈچۈن تەگكەن ئاچكۆز سەتەڭدەك بىلىنىپ كەتتى.

__ سەن زادى نېمە بولدۇڭ؟__ دېدى ياسىن يامان چۈشتىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك ئەندىكىپ،__ گەپلىرىڭ غەلىتىلا تۇرىدىيا؟! سەن مېنىڭ خوتۇنۇممۇ يا كوچىدىن كېلىپ قالغان ئىشلەمچىمۇ؟

__ ئىشلەمچى بولغان بولسا ئايلىقىمغا مانچە پۇلدىن ئېلىپ ئىشلەيتتىم، ھازىر بىكارغا ئىشلەۋاتىمەن، كېچە-كۈندۈز ئارامچىلىق يوق ماڭا، سىزگە خوتۇن بولغان ئادەم شۇنچىلىك جاپاكەش بولامدا؟  خوتۇن بولغان گۇناھىمغا  ئۆلگىچە مۇشۇنداق ئىشلەپ ئۆتىدىغان گەپما؟!

__ ئەمىسە سەن ماڭا نېمە دەپ تەگكەن؟ قايسى خوتۇن ئۆزىنىڭ ئېرىگە قىلغان ئىشىنى ساناپ ئولتۇرىدۇ؟  كېچىدە مانچە ۋاق خوتۇن بولغىنىڭغىمۇ پۇل ئالامتىڭ يا؟ ئۇنىڭدىن كۆرە تايىنلىق كوچىغىلا چىقساڭ بولمامدۇ؟ 

گۈلشەن ياسىننىڭ غەزەپلىك چىرايىغا قاراپ، گېپىدە چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىيۇ، تەن بەرمىدى، يانغا ئۆتۈپ غۇدۇرلىدى:

__ خوتۇن دېگەنمۇ ئېرىنىڭ قىلغىنىغا قاراپ خوتۇن بولىدۇ…

__ ئاپاڭ شۇنداق دېدىما؟! تويلۇق ئۈزۈكنى ئالمىغانلار يېرىم بارغۇ، ئېلىپ بەرسەم بولىدىغۇ؟

__ مەن دېمىسەم ئېسىڭىزگە كەلمەيتتى، قاچان ئېلىپ بېرىسىز؟ ئادەتتىكىسى بولسا بولمايدۇ، ئالماس كۆزلۈكتىن ئالىسىز، دۇكانغا ئۆزەم بىللە بارىمەن. ئاندىن ئۈچ-تۆت قۇر مودا كىيىم ئالىسىز. قاراپ بېقىڭە ئۇچامغا، سەيچى تەتەينىڭ كىيىمىمۇ مېنىڭكىدىن ياخشىراق. يۈزۈم ما ئاشخانىدا ئىسلىشىپ كەتتى، داڭلىق يۈز مايدىن ئېلىپ بېرىڭ؛  ئايىغىمنىڭ تايىنى قالمىدى، ياخشىراق ئاياغتىن ئىككى-ئۈچنى…

__ ۋاھ ، تاغادا بىر تۆكۈۋەتتىڭغۇ؟ خوتۇن خەق دېگەننىڭ زادى كۆزى تويمايدۇ، تويلۇق ئۈزۈكنى مەن پۇل تاپقاننىڭ ئەتىسىگە چوقۇم ئالىمەن، قالغىنىغا ئەھۋالغا قاراپ باقارمىز… ئۆزەڭ كۆرۈۋاتىسەنغۇ، يېقىندىن بېرى تۈزۈك سودا يوق، سەنمۇ سۆرەلمىلىك قىلىپ تۈزۈك ئىشلىمەيۋاتىسەن، ئىشلىسەڭ پۇل بار، ئۈزۈك بار، بولمىسا  يوق…

__ مەن زادى سىزنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم، كۆڭلۈمنى ياساپ بولسىمۇ ئېلىپ بېرىمەن دېيەلمىدىڭىز، سىزگە خوتۇن بولغان ئادەمنىڭ جېنىغا ۋاي، ماڭا ئۇنىمۇ ئېلىپ بەرمەڭ، بۇنىمۇ ئېلىپ ئېلىپ بەرمەڭ، ئۆزەم ئالاي، ھەر ئايدا ئىش ھەققىمنى بېرىڭ.

__ ئېرى خوتۇنىغا ئىش ھەققى بەرگەن نەدە بار؟ قورسىقىڭنى كىم بېقىۋاتىدۇ، ئۆينى كىم تەمىنلەۋاتىدۇ؟ گەپنى ئاز قىلىپ ئوبدان ئىشلە، ئاشخانىمىزنىڭ سودىسى ياخشى بولسا ھەممە نېمە بولىدۇ، بولمىسا ھېچنېمە يوق…

__ ھازىر كىم ئاچ قاپتۇ؟ كىم تالادا قاپتۇ؟ غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا كەتسەم بۇ يەردىن ياخشىراق ئۆتىمەن، زېرىكمەيمەن. ماڭا تولا ئاقمايدىغان گەپ قىلماڭ. ھېچ نېمە قىىپ بېرەلمىسىڭىزمۇ، شۇ ئۆينى ماڭا كىرالاپ بېرىڭ، قالغىنىغا كېيىن بىر گەپ بولار.

__ غېنىكاڭ ساڭا گەپ ئۆگەتكەندەك قىلىدۇ، بولمىسا مەن بىلەن بۇنداق قېرىشمايتتىڭ…__ دېدى ياسىن  سالپىيىپ،__  ئويلاپ باق، ئىككىمىزگە بۇ ئاشخانا قالدى، باي بولساق تەڭ باي بولىمىز، شۇ چاغدا نېمە دېسەڭ ئېلىپ بېرىمەن. ئەمما ھازىر بۇنىڭغا  تېخى بالدۇر، مېنى ھازىر بۇنداق قىستىما…ئۇ ئۆينى قايتۇرمىساق بولمايدۇ.

__ غېنى شاڭجاڭ مېنىڭ دادام ئەمەس، ماڭا ھەم گەپ ئۆگەتمەيدۇ، مېنى مۇشۇنچىلىكمۇ كاللىسى يوق دەپ قالدىڭىزما؟ ھەر قانداق دۆت خوتۇنمۇ بۇنچىلىك ئىشنى چۈشىنىدۇ. مەن نەچچە ۋاقىتتىن سىزگە ئىشىنىپ گەپ قىلمىغان، ئەمدى دېمىسەم بولمايدۇ.  ھازىرچە ئاشۇ ئۆينى كىرالاپ بېرىڭ، مېنىڭ ئۇ ئۆيگە جىق پۇلۇم، ئەجرىم كەتتى.  مەن ئۇ نەرسىلىرىمنى بۇ قاراڭغۇ ئۆيىڭىزگە ئەكىلىشنى خالىمايمەن. بۇ ئۆيدە تۇرۇۋەرسىڭىز بۇرۇنقى خوتۇنىڭىز ئېسىڭىزگە كېلىپ قالىدۇ، مېنىڭ راستىنلا بۇ ئۆيدە تۇرغۇم يوق…

__ ئاشخانا نەدە بولسا، ئۆي شۇ يەردە بولمامدۇ؟ بۇ ئۆي ئەپلىك ئەمەسمۇ؟ بىر ياقتىن پۇل تېپىپ بىر ياقتىن مۇشۇنداق بۇزساق قانداق پۇل يىغقىلى بولىدۇ؟__ دېدى ياسىن چېچىلىپ،__بۇ ئۆي نېمىشقا كۆزۈڭگە سىغمايدۇ؟  بۇرۇنقى خوتۇننى مەن ئەسلىمىسەم، سەن نېمىشقا ئەسلەپ قالىسەن؟

__ تولا يالغان سۆزلىمەڭ،  قاپىقىڭىز كۈن-كۈنلەپ ئېچىلمايدۇ. تاماكىنى بۇرۇنقىدىن جىق چېكىۋاتىسىز، مۇشۇ ئۆيدىن قۇتۇلۇپ بىنادا ئۆيدە ياشىساق ئەركىن بولىمىز. بولمىسا مەن بۇ يەردە سىقىلىپ ئۆلۈپ قالغۇدەكمەن.

__ رەيھاندىنمۇ ئۆتە جاھىل نېمىكەنسەن!__ دەۋەتتى ياسىن،__ خوتۇن خەقنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولامدۇ يا؟!  مېنى بۇنداق جاھىللىق قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بولالمايسەن، ئۇ ئۆيگە مەن ئەمدى پۇل تۆلىمەيمەن. شۇ پۇلنى يىغىپ ساڭا  ئۈزۈك ئېلىپ بېرىمەن.  گېپىم شۇ!__ ياسىن شۇنداق دەپلا تاماكا بىلەن چاقمىقىنى كۆتۈرۈپ خالاغا كىرىپ كەتتى.

گۈلشەن تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ قالدى، نېمىلا بولسۇن كۆڭلىدىكىنى دەۋالغىنىغا خوش ئىدى، گويا  قېتىپ كەتكەن مۇزنى چوقۇپ تەشنالىقىنى باسقاندەك بولدى ،  ھېچ بولمىسا بۇ پىخسىقنى ئالماس ئۈزۈك ئېلىشقا كۆندۈردى.

ئاشخانا سودىسى بىر ئىزدا توختاپ قالدى، ياسىننىڭ كۆڭلى پاراكەندە ئىدى، ئاشخانىسىنى بېزەپ، سودىسىنى جانلاندۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ مەبلىغى بولمىغاچقا تۇرۇپ قالدى؛ ئۇنىڭغا كېلىۋاتقان بېسىممۇ بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى: سودا-سانائەت ۋە باج ئىدارىسىنىڭ چاپارمەنلىرى پات-پات كېلىپ رەسمىيەت سۈرۈشتۈرەتتى، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئادەملىرى ئاشخانىدىن قۇسۇر ئىزدەپ پاگەن قويۇپ تۇرۇۋالاتتى. ئۇلار بۇرۇنقىدەك بىكارلىق مېھمان بولۇشنىمۇ خالىمىدى، يۈز-خاتىرە قىلمىدى، ئالىدىغاننى ئېلىپ، قويىدىغان تەلەپلىرىنى قاتتىق قويۇپ، يەنە داۋاملىق كېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قېلىشتى.

ھاشىم بۇ ئاشخانىنىڭ ئەمدى ئاقمايدىغانلىقىنى، بۇ يەردىكى كۈنلىرىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى كۆڭلىدە تۇيۇپ تۇراتتى. ئىش ھەققىنى ئېلىۋالسىلا ئىشى پۈتەتتى، بۇ يەردىن ئالدى-كەينىگە قارىمايلا كېتەتتى. ئەمما ياسىناخۇن ئىش ھەققىنى بېرىدىغاندەك، بېرەلەيدىغاندەك تۇرمايتتى. ئىش ھەققىنى سۆرىگەچكە ھاشىم بىلەن ساۋۇتقا بۇرۇنقىدەك يۇقىرى تەلەپ قويالمايتتى، قاتتىق-قۇرۇق گەپ قىلالمايتتى.  ”بېشىمغا كەلگەن ئىشلار بەك تولا، ئازراق تەخىر قىلىڭلار“ دەيتتى. جاھاندىكى دەرت-ئەلەم، مۇشەققەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىلا يۈدۈۋالغاندەك كۈنبويى ئىچىپ-چېكىپ، ئېزىلىپ يۈرەتتى، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقاندەك، ئىش ھەققىنى بەرمەسلىكنىڭ قازىنىنى ئېسىۋاتقاندەك قىلاتتى.   

بىر كۈنى چۈشتە ئاشخانىغا تېخىمۇ جۈدەپ كەتكەن ئىككى ئەرۋاھ كىرىپ كەلدى، ھەر كۈنى ئاشخانىسىنى چۆگىلەپ، كاۋاپ سېتىپ يۈرگەن ياسىن بۇ كۈتۈلمىگەن مېھمانلارنى ھەيرانلىق بىلەن قارشى ئالدى. پەرھاتنىڭ كۆزى تېخىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى، بىر ئاي ئاۋۋال سورۇندا ياسىننى گەپتە چېقىۋالغان، پەرھاتتىن زادىلا ئايرىلمايدىغان ياقۇپ يىلان  ئەزەلدىن ياسىننى رەنجىتىپ باقمىغاندەك تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇراتتى. ئۇلار  ئاق چەكمەيدىغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئادەتتىكى كەيىپ قىلىۋاتقاندەك ھۇزۇر، خاتىرجەملىك ئىچىدە بەسلىشىپ تاماكا چېكىپ، ئاشخانىنى بىردەمدىلا  ئىسلاپ بولدى.

ـــ ھە، نېمە يەپ، نېمە ئىچىسىلەر؟ـــ دېدى ياسىن تەنە قىلىۋاتقاندەك.

ـــ كېلەۋا، سەن بىلەن بىر دەم مۇڭدىشايلى دەپ كەلدۇق، كۆڭلۈڭ بولسا ياق دېمەيمىز، بولمىسا خاپا بولمايمىز.

ياسىن ئۇلارنى غېنى شاڭجاڭنىڭ ۋەكىللىرى دەپ ئويلاپ، جوزىنى سەي، كاۋاب بىلەن تولدۇردى؛ خېرىدارغا ئاتاپ قويغان ھاراقلىرىنى ئوتتۇرىغا تىكلىدى.

ـــ ئاشخاناڭدىكى ھەممىسىنى چاقىرە، ــ دېدى پەرھات تەپتارتماستىن ياسىنغا بۇيرۇق سوقۇپ،ــ ھەممىسى كەلسۇن،  قاچانغىچە بىللە ئولتۇرۇشمايمىز!

ياسىن ئۇنىڭغا ئىككىلىنىپ قالغاندەك  قارىدى.

ـــ ئەنسىرىمەۋا، خېرىدار كەلمەيدىغان ئاشخاناڭغا قانچىلىك زىيان بولماقچى؟ زىيان بولسا مەن تۆلەيمەن.

ئۇنىڭ نوچىلىقىغا ياسىننىڭ قورسىقى كۆپكەن بولسىمۇ، مېھماننىڭ ھۆرمىتى دەپ ئويلاپ ھەممىسىنى جوزىغا يىغدى.

پەرھات گۈلشەنگە مەغرۇر نەزەردە پات-پات قاراپ قوياتتى، گۈلشەن بۇ سورۇندا دەسلەپتە سەل ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، ئەرلەرنىڭ مەست بولۇشىنى، ئاندىن ئەركىن ھاۋادىن نەپەسلىنىشنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ساۋۇتتىن باشقىسى دەردى ئېغىر زابويلاردەك ياندۇرماي ئىچىشتى، ساۋۇتنىڭ ئىچمەسلىكى پەرھاتنىڭ كۆزىگە سىغمىدى:

ـــ ئىچمەيدىغان ئىشىڭ بولسا بېرىپ خېرىدار كۈت!

ـــ ياق بولدى، ياتىقىڭغا كىرىپ ئارام ئال،ــ دېدى ياسىن ساۋۇتقا ئىچى ئاغرىغاندەك قاراپ قويۇپ.  

ئىچى سىقىلىپ ئولتۇرغان ساۋۇت ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.  ئۇنىڭغا بۇنداق سورۇن ئەمدى تېتىمايتتى، ھاراق بىلەن تاماكىلا ھەممە نېمىنى لاۋزا، مەنىسىز قىلىشقا يېتىپ ئاشاتتى. ئېغىزنى ئاچسىلا تۆكۈلۈپ چۈشىدىغان، ئاندىن مەينەتلىككە سىڭىپ كېتىدىغان قۇرۇق گەپ، غەيۋەت-شىكايەت خۇددى نېمە دەۋاتقىنىنى بىلمەيدىغان ساراڭلارنىڭ جاۋغىيىدىن ئېقىۋاتقان شۆلگەيدەك يىرگىنىشلىك ئىدى. بۇنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئادەمنىڭ زورمۇ زور ئۇ يەردە ئولتۇرۇشى ئېچىنىشلىق بىر ئىش ئىدى.

ساۋۇت ئۆزىنىڭ كۆڭۈلچەك، ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى؛ ئۇنداق سورۇندىن قوپۇپ كېتىشى، بولسا ئۇلارغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىلالمىدى، ياتىقىغا كىرىپ غېرىبسىنىپ ياتتى، يۇرتىنى سېغىندى. بۇ يەردىن پات ئارىدا كېتىشنى ئويلىدى.

ھاشىم ئۇزۇندىن بېرى سورۇنغا ئېچىرقاپ كەتكەندەك كۈلۈپ ئېچىلىپ ئولتۇراتتى، ئۆزى قورىغان سەيلەرنى چاكىلدىتىپ يەپ، ھاراقنى ياندۇرماي ئىچىپ تۇراتتى. دەسلەپتە پاراڭلار قولاشمىدى، كېيىن پەرھات ئۆزىنىڭ بۇ بىر ئايلىق كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ ھەممىنى ئاغزىغا قاراتتى، ياقۇپ بىر چەتتىن ئاغىنىسىنىڭ گەپلىرىنى تەستىقلاپ تۇراتتى. بۇ ئىككىسى يۈننەننىڭ رۈيلى دېگەن يېرىگە بېرىپ كەلگەنىدى.

ـــ  ياشايمەن دېسەڭ ئالامەت يەركەن دەيمەن، ئىچىمەن دەمسەن، چېكىمەن دەمسەن، ئوينايمەن دەمسەن، ھەممىسى ئالدىڭدا تەيياركەن؛  جېنىڭ يايراپ كېتىدىكەن…ـــ پەرھات قالتىس ياشىۋەتكەندەك ھاياجاندا سۆزلەيتتى. ھاشىم ئۇنىڭغا ھەۋەستىن چەكچىيىپ قارايتتى. گۈلشەن چايغا ماڭغان بولۇپ ئورنىدىن قوپۇپ نېرى كەتتى.

ـــ بېرمىنىڭ دەمدۇ، تايلاندنىڭ دەمدۇ، ئەيتاۋۇر بىر-بىرىدىن كىچىك قىزلىرىنى دېمەيسەن، ـــ دېدى پەرھات ھاشىمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەندەك، ــ ئالدىڭنى توسۇپ تۇرىدۇ، ئەڭ چىرايلىقىنى تاللاپ ئوينايسەن…

ـــ بۇنى ساراڭ قىلما، ــ دېدى ياسىن مەسخىرىلىك كۈلۈپ، ــ نېمە دېسەڭ ئىشىنىدىغان نېمە بۇ، ئوينايدىغان ئىش بولسا ئەتىلا ئىشنى تاشلاپ ماڭىدۇ.

ـــ راست شۇنداق قىلامسەن ھاشىم؟!

ھاشىم تەمتىرەپ كەتتى:

ـــ ياقەي، ياسىنكام چاقچاق قىلىۋاتىدۇ…

ـــ لاۋبىنىڭدىن قورقۇۋاتامسەن؟  ئۇنداقتا سەن ئۇ يەرگە بولمىغۇدەكسەن! ئۇ يەرگە بىزدەك ئىش كۆرگەن،  قارام ئادەم بارىدۇ.

ـــ مەن ئاڭلىغان، ئۇ يەرگە جېنىدىن تويغان ئادەم بارىدۇ،ــ دېدى ياسىن ھاشىمغا قاراپ،ــ ئەڭ يامان ئاقچى، قاراقچى، سولامچىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە! بارىمەن دېسەڭ مەيلى، لېكىن شۇ يەردە ئۆلۈكۈڭ قالسا كۆمىدىغان ئادەم چىقماي قالامدىكىن.

ـــ ئاڭلىغان ھېساب ئەمەس، كۆرگەن ھېساب،ـــ دېدى پەرھات ياسىنغا مەغرۇرلۇق بىلەن تىكىلىپ،ــ مانا بىز بىر ئاي تۇرۇپ كەلدۇق، قانغىچە ياشىدۇق، يەنە ساپساق يېنىپ كەلدۇققۇ!

ـــ  سىلەر ئۇ سودىغا پىشىپ كەتكەن؛ لېكىن بۇ دوغىلاق ھېچنېمىنى ئۇقمايدۇ، ئۇنى بالاغا تىقماڭلار.

ـــ قارا مانىڭ گېپىنى! ــ دېدى ياقۇپ يىلان سوغۇق كۈلۈپ، ـــ  بىزنى نېمە دەپ ئويلاپ قالدىڭ؟ ئۆزەڭنى لاۋبەن دەيسەن، سودا قىلىشنى بىلەمسەن؟ قىلالايدىغان ئادەم قىلىدىغان ئىش ئۇ! قورساق ئاچىدۇ، شۇڭا ئاشخاناڭنىڭ بازىرى چىقىدۇ. خەقنىڭ خۇمارى تۇتىدۇ، شۇڭا بىزدەك ئادەمنى ئىزدەپ تاپىدۇ. خەق ئاق چېكىمىز دېمىسە بىزمۇ ئۇ ئىشنى قىلمايمىز. بىز ھېچكىمگە ئاق چېكىشنى ئۆگەتمىدۇق، ھەممىسى ئۆزلىرى ئۆگەنگەن، ھېچكىم زورلىمىغان. ھەممە ئادەم ئۆز كاللىسى بويىچە ياشايدۇ، بەزىلىرى ئۆزىنى ئاۋايلاپ ئۇزۇن ياشايمەن دەيدۇ؛ بەزىلىرى خۇماردىن چىقىۋېلىپ ئۆلسەممۇ مەيلى دەيدۇ؛ مۇشۇنداق ئادەملەر قارام كېلىدۇ، ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ.

ـــ نوچى گەپ قىلدىڭ،ــ دېدى پەرھات ئۇنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويۇپ، ــ بىزنىڭ بۇ  ئاغىنىمىز ئادەتتە مۆرىمەيدۇ، ئەمما گەپ قىلىدىغان بولسا بۇقىدەك ئۈسىدۇ، ئۈلۈشكۈن سورۇندا  غېنى ئاكىمىزنىمۇ قاتلاپ قويدى.

ـــ تۇيۇقسىز ئۈسىدىكەن-دە،ــ دېدى قىززىۋالغان ياسىن ئۆتكەنكى ئاچچىقىنى چىقىرىپ.

 ـــ  بىز  ساڭا ئوخشاش كەلسە-كەلمەس ئۈسمەيمىز. 

ـــ كەلتۈرۈپ ئۈسىمىز دېگىنە، تۇرقۇڭغا قارىسىغۇ مۆرەشكىمۇ ماغدۇرۇڭ يەتمەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

ـــ بىز ئۈسكەندە ھوشۇڭنى بىلمەي قالىسەن.

ـــ ھوشىمىزنى ساڭا ئوخشاش بىر دەمدىلا يوقاتمايمىز. 

ـــ گېپىڭ ماز پۇراپ كەتتى، بولدى قىل…

ـــ ساڭا تېگىپ كەتكەن گەپ ئەلۋەتتە ماز پۇرايدۇ-دە! 

ياقۇپ يىلان جىم بولۇپ قالدى، ئەگەر يەنە بىر نېمە دېسە  ياسىن ئۇنى كەلتۈرۈۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.  پەرھات ياسىننىڭ گەپتە چاققانلىقىنى ھېس قىلدى.

ياقۇپ ئالدىدىكى ھاراقنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى، ياسىننىڭ ئاغزى قىچىشتى:

ـــ جانغا چۇشلۇق ئىچ،  ئاشقازىنىڭدىكى گۆش كەمپۈت ئېرىپ كەتمىسۇن!

ـــ بۇ چاقچىقىڭ بولمىدى!ــ دېدى پەرھات چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،ــ بىز ئۆزىمىزگە ئۇنداق چاتاق سالىدىغان ئىش قىلمايمىز.

ـ سەن جىم ئولتۇرە ــ دېدى ياقۇپ يىلان ئۆزىنى ئوڭشاپ، ــ گۆش كەمپۈتتەك گەپلىرىنى دەۋالسۇن، بولمىسا ھېلى ئىچىدىن قان كېتىدۇ…

ـــ نەق گېپىڭنى قىلدىڭ-دە، ئاشقازىنىڭ بۇزۇلۇپ، چىرايىڭدا قان دىدارى قالماپتۇ.

ـــ يوق ئىشنى دەۋەرمە، چېنىپ قالىسەن.

ـــ سەنمۇ كەمپۈت بەرسە يەۋەرمە، قان سىيىپ يېتىپ قالىسەن..  

ياسىن ئۇنى گەپتە ئوسال قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ھالەتتە ئىدى،  ھاراقمۇ ئۇنىڭ كەيپىنى ئۆرلىتىپ، ئاغزىنى ئىتتىكلىتىپ، خۇشاللىقىنى ئاۋۇتۇپ بارماقتا ئىدى.

ـــ  ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ قىلما ئاداش! بىز قورسىقىمىز ئاچ قېلىپ كەلمىدۇق بۇ ئاشخاناڭغا !ـــ دېدى پەرھات تېرىكىپ.

ـــ خوتۇن-بالاڭنى كەتكۈزىۋېتىپ ئەجەپ نوچىلىشىپ كېتىپسىنا!ــ دېدى ياقۇپ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي. 

ياسىننىڭ ھەزىكەشلىك ئويناپ تۇرغان چىرايى بىردىنلا جىددي تۈسكە كىردى:

ـــ چاقچاقنى كۆتۈرەلمىسەڭلار چاقچاق قىلماڭلار ئاغىنىلەر، بىكاردىن بىكار رەنجىشىپ قالىمىز.

ــ بىزنى چىدىماس كۆرۈۋاتامسەن؟!ــ دېدى پەرھات،ــ  ئۆزەڭچە كېرىلىپ كەتمە، گەپتە يېڭىۋالساڭمۇ ئارقاڭدىن كۈلۈپ قويىمىز،  سورۇن كۆرگەن ئادەم مانا بىزدەك بولىدۇ…

ـــ گەپ قىلغاندا ئىتتەك ھاسىرايدىغان خۇيۇڭ باركەن،  چاقچاقنى ئۆپكەڭنى بېسىپراق قىلارسەن،ــ دېدى ياقۇپ يىلان يەنە زەھەر سانچىپ.

ـــ سېنىڭمۇ تۇيۇقسىز  چاقىدىغان خۇيۇڭ باركەن، ئۆزەڭنى چاغلاپ گەپ قىلارسەن.

سورۇن  كۈتۈلمىگەن بىر دۈشمەنلىك كەيپىياتىغا كىرىپ قالدى، ھېچكىمنىڭ ئېغىزىدىن ياخشى گەپ چىقمايدىغاندەك قىلاتتى، ھاراق ئۇلارنى خۇشال قىلالمىغاندا ئىچ-قارنىنى چوقۇم زەرداپ قىلاتتى.  ياسىن كۆڭلىدە بۇ پەسەندىلەرنىڭ پاتراق كېتىشىنى تىلەپ قالدى، يەنە گەپ تالىشىپ قالسا جېدەللىشىپ قالىدىغاندەكلا قىلاتتى. نىھايەت، پەرھات غېنى ئاكىسىدىن تەلىم ئالغاندەك ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئىككىسىنىڭ كەيپياتىنى جىمىقتۇردى. ياسىن ئەمدى ئۇلارنى كۈتمەيدىغاندەك بىزارلىق، خاپىلىق بىلەن ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى،  كارىۋاتتا ياتقان گۈلشەننى كۆرۈپ ناتونۇش بىر يەرگە كىرىپ قالغاندەك ئىككى يېنىغا قارىدى،  بۇ ئۆينىڭ رەيھان بار ۋاقىتتىكىدىن بەك يېقىمسىز، سوغۇق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. گۈلشەن بۇنداق بىر خىل  ياشاشتىن زېرىككەندەك، سورۇندىن بىرەر يېڭىلىق، بىرەر جېدەل، ياكى ئاللىقانداق بىر پالاكەتنىڭ چىقىىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك،   تورۇسقا قاراپ خىيال سۈرۈپ ياتاتتى.

ــــ يېتىشىڭ ئىسسىقتىنمۇ سوغۇقتىنىمۇ؟

ــــ ئەمىسە قانداق قىلىمەن، سورۇندا سەت گەپ ئاڭلاپ، ھاراق پۇراپ ئولتۇرىمەنمۇ؟

ــــ ئۇلار ھازىر ماڭىدۇ، چىقىپ جوزىنى يىغىشتۇرۇۋەت!

ــــ نېمىشقا كەپتۇ بۇلار؟ ئەگەر ئاق ساتىلى دېسە ئۇنىماڭ.

ــــ ساراڭمۇ مەن بۇ گۇيلارنىڭ كەينىگە كىرىپ!  پۈۋلىسە ئۇچۇپ كېتىدىغان پاشا گۇيلار بۇ،  قان شوراپ تويغاندا شاپىلاقتىن بىرنى يەيدۇ، ئۆلىدۇ.

ياسىن قايتىپ چىققاندا ئىككىسى ھاشىم بىلەن گەپ سېتىشىپ، بىر-بىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى يېزىشقىلى تۇرغانىدى.

ـــ بىز قايتىلى،ــ دېدى پەرھات ئورنىدىن تۇرۇپ، ـــ  يوقاپ كەتمەي ئىزدىشىپ تۇرىلى، كۇلىچىلىقتا بىر-بىرىمىزگە ھامان ئەسقاتىمىز، تېلېفونومنى ھاشىمغا دەپ بەردىم، بىرەر ئىش بولسا دەپ قويارسەن.

ـــ  بولىدۇ، سىلەرگىمۇ رەھمەت!ــ دېدى ياسىن ئىككىسىگە تەڭ بېقىپ،ـــ  ھەممە گەپ سورۇندا قالدى، كۆڭلىمىزدە كىر قالمىسۇن.

ياسىن ئۇلارنى تالاغىچە ئۇزىتىپ چىقتى، ئاشخانىغا چىققان گۈلشەن دېرىزىدىن ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى. خېرىدار يوق ئاشخانا تولىمۇ مەينەت، كۆڭۈلسىز ئىدى،  چىۋىنلار ئۇچۇپ يۈرەتتى، گۈلشەن جوزىنى يىغىشتۇرۇپ بولغىچە قولى نەچچە قېتىم ئىشتىن توختىدى، كۆزلىرى بىر نۇقتىدا قېتىپ قالدى. بىر ئوبدان بولدۇرۇلغان خېمىر ئىسسىقتا قېلىپ بۇزۇلۇپ ئېچىپ قالغاندەك، بۇنداق تۇرمۇشتىن سوۋىغان گۈلشەننىڭ كۆڭلىمۇ بۇ يەردە بىخسىپ تۈگىشىپ كېتىۋاتاتتى. پەرھاتنىڭ ئىچ ئاغرىتىشلىرى، مەسخىرە قىلىشلىرى گويا ئۇ پۈۋلىگەن سېسىق تاماكا ئىسلىرىدەك لەيلەپ، گۈلشەننىڭ كۆز ئالدىنى تۇمانلاشتۇرۇپ، دىماغلىرىنى ئېچىشتۇرۇپ تۇراتتى. گۈلشەن ئۇ ئىچىپ ئېشىپ قالغان چاينى بىر يۇتۇم ئىچىپ كەينىدىن قاچىغا تۆكتى. قاچىلارنى تاراقشتىپ بىر ئۇزۇندا يۇيۇپ بولدى.

ھاشىم بۇ ئاقسالار بىلەن ئوبدان مۇڭدىشىپ، تېلېفونلىرىنى يېزىشىۋالغىنىدىن خۇشال ئىدى، بۇ ياققا كەلگەندىن بېرى ھېچكىم ئۇنى تۈزۈك سوراپ قويمىغان، بىللە ئولتۇرۇپ ئىچىشكۈدەك ئاغىنىلىرى بولۇپ باقمىغانىدى. ئۇلارنىڭ رۈيلى ھەققىدە ئېيتقانلىرى قاراملىققا ھەۋەسلىنىدىغان، كەيپ دېسە پۈتۈن ئەزايى ھاياجاندىن تىترەيدىغان ھەر قانداق ”ئەركەك“نى جەلپ قىلاتتى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ھاشىمنىڭ ئىچى پۇشۇپ، پىغانى ئۆرلەپ قالدى. ”يىگەن ئېغىز ئۇيۇلىدۇ“ دەپ، ھاشىم ئەمدى شۇ ئاقسالارنىڭ باھانىسىدە بىر دەم ئولتۇرۇپ ئىچىپ قويغىنىغا نەچچە ئايلىق ئىش ھەققىنى ياسىن لاۋبەندىن ئالالماسمۇ؟ قاچانغىچە بۇ لاۋبەننىڭ پەس كۆڭلىنى ئاياپ، قارانچۇق خوتۇنىغا ھەۋەسلىنىپ، ساتراشخانىدىكى تەتەيلەرگە شۆلگىيىنى ئېقىتىپ يۈرىدۇ؟ ئۇمۇ ئاشۇ پەرھاتلاردەك تەۋەككۇل قىلىپ، ئەركىن دۇنيانىڭ ئەركەكلىرىدەك راۋرۇس ياشىمامدۇ؟

ئۇ ياتاققا كىرگەندە ساۋۇتمۇ ئېغىر خىيالغا چۆكۈپ ياتاتتى. ساۋۇت ئۇنىڭ ھاراق پۇراپ كىرگىنىدىن يىرگىنسىمۇ ھازىرقى ئەھۋالدا ھېچنېمە دېيەلمەيتتى. ھاشىممۇ ئۇ بىر نېمە دېسە ھازىر بىر نېمە دەيدىغاندەك ئەلپازدا ئىچى تىتىلداپ، ئاغزى مىتىلداپ تۇراتتى.

ـــ كېتىشتىمۇ ئۇلار؟! ــ دېدى ساۋۇت ئۆرە ئولتۇرۇپ،ـــ مەن تېخى كېچىچە ئولتۇرىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

ـــ ما ئاداش چاقچاق قىلدىم دەپ نەدىكى سېسىق گەپنى قىلىپ سورۇننى بۇزدى، ئادەم دېگەن بۇنداقمۇ چىدىماس بولامدۇ؟! ئاي-يىللاپ مېھمان كۈتمەيدۇ، ئۆزى بېرىپ خەقنىڭكىنى ئوبدان يەيدۇ، خەق كەلسە چىدىمايدۇ… قوي جۇمۇ، بۇنداق ناچار گۇينىڭ قولىدا ئىشلىگىچە، ئاستا كەتكەن ياخشى…كېتەي دېسە يا ئىش ھەققىمىزنى بەرمەيدۇ، ئويلاپ باق، بىز پۇل ئالماي ئىشلەۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ مۇشۇ ۋاققىچە بېرەيمۇ دېمىسە…

ـــ سۆزلەپلا كەتتىڭغۇ، باشقا نېمە ئىچىپ سالمىغانسەن-ھە؟ 

ـــ ئاھاي، ئاداش، مېنى مەست دەپ قالما، مەن راست گەپ قىلىۋاتىمەن.

ـــ سېنى سۆزلەتكىنى ھاراق دېگەن شۇ نىجىسقۇ تايىنلىق، گېپىڭ بولسا  ئۆزىگە بېرىپ دە، مۇشۇ ۋاقىتتا دەۋالمىساڭ باشقا چاغدا دېيەلمەيسەن.

ـــ دېسەم دەۋېرىمەن، لېكىن ئىككىمىز دېسەك ياخشى ئىدى، سەن دائىم بېشىڭنى ئىچىڭگە تىقىۋالىسەن، ئۇنىڭغا ياخشى كۆرۈنىمەن دەيسەن، لېكىن بۇنىڭ پايدىسى يوق. ئىككىمىز تەك دەيلى، ئاندىن بۇ يەردىن كېتەيلى.

ـــ كېتىپ نەگە بارىمىز؟ ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى بار، ئالدىراپ قىززىپ كەتكەن بىلەن بولمايدۇ.

ـــ سەن كەتمىسەڭ مەن كېتىمەن، بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ئۆگۈن، ئىشقىلىپ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە كېتىمەن.

ـــ نەگە بارماقچى؟ پۇلۇڭ بولمىسا ھېچ نەگە مىدىرلىيالمايسەن.

ـــ ئىش ھەققىمنى ئالالمايدۇ دەمسەن؟ ئۇرۇشۇپ بولسىمۇ ئالىمەن، غېنىكامغا تېلېفون قىلىمەن. بۇ گۇيغا ئەمدى يۈز-خاتىرە قىلمايمەن.

ـــ پەيلىڭ يامانغۇ؟!  ھاراقنىڭ كۈچى دېگىنە، بىر ئۇخلاپ ئويغانساڭ يوق بۇ گەپلىرىڭ!

ـــ قاراپ تۇر، مەن سەندەك تۈگۈلۈپ يېتىۋەرمەيمەن.

ساۋۇت كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى. ھاشىم بىر دەم ئولتۇرۇپ يېتىپ ئۇيقىغا كەتتى.         

 

 




[erturk بۇنى 2009-09-16 10:29 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 17 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaykiz[2010-05-15 07:49 PM | del]
مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇيالمىغىلى بىر يىل بولاي دىدى،تور ئېچىلغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ مۇشۇ ئەسەرنى ئىزدىدىم،ھەر نىمە بولسا تاپالىدىم،سىزگە كۆپ رەھمەت !
回复قايتۇرماtevekkulqi[2009-10-20 05:39 PM | del]
يېزىلمىغىلى يەنە بىر ئايدىن ئاشتى. داۋامىنى ئوقۇساق بولاتتى...
回复قايتۇرمائىسكىرىپكا[2009-10-07 05:18 PM | del]
بەزىدە كۈلۈپ،بەزىدە غەزەپلىنىپ دىگەندەك ئىككى كىچە ئوقۇپ قانداق تۈگەپ قالغىنىنى بىلمەيلا قالدىم. ئەمما سىز بۇنى يېزىشقا تالاي كېچىلەرنى سەرپ قىلغانسىز؟  قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي....  ئاخىرىنى تىزراق يوللىشىڭىزغا سادىق ئوقۇرمەنلىرىڭىز ھەرقاچان تەقەززا.
    
回复قايتۇرماajayip[2009-09-16 04:05 PM | del]
بۇ ھىكايە بەكمۇ ئاستا يېزىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئاپتۇرنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ كۆپرەك يېزىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!!
回复قايتۇرماmihman[2009-08-11 01:08 AM | del]
yazsinigz bolatti dawamini
回复قايتۇرماtevekkulqi[2009-07-11 03:59 PM | del]
داۋامى چىقتىمىكىن دەپ ھەر كۈنى قارايمەن. 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ پەقەت يازمىدىڭىز. بولسا يازغان بولسىڭىز، ئوقۇغاچ تۇرغان بولساق...
回复قايتۇرماhey[2009-07-08 09:48 PM | del]
Enwerjen nimixke yazmaysiz?matem tutuwatkiningizni bilsemmu sizni aldiritip koyidighan boldum, kequrung
回复قايتۇرماerkane[2009-07-02 04:56 PM | del]
ئاخىرى غېنى تاز بىلەن گۈلشەننىڭمۇ چاتىقى چىقىدۇ ،تېخى تىلىفۇن قىپتۇ دىيىشىچۇ ،رېستۇراننىڭ كەينىدىكى ئۆينىڭ گۇلشەنگە ئىنتايىن تۇنۇش ئىكەنلىكىدىن ،ئۇيۇننىڭ قىززىقىنى ئەمدى كۆرىسىز ياسىنجان ،يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمىغانغا تويىسىز ،ۋاقتىدا ئۆزەڭنى تەكشۈر ......
ياخشى ئەسەر ،رەخمەت ،ھارمىغايسىز .
回复قايتۇرماaykut[2009-07-02 02:43 PM | del]
بەكلا  ئىسىل ئەسەر يازىدىكەنسىز ، قەلەم قوۋىتىڭىزگە قۇل قويدۇم جۇمۇ
回复قايتۇرماkuyax123[2009-07-02 01:28 PM | del]
مەنمۇ بۇ ئەسەرنىڭ مەستانىسى بوپ قالدىم،كاللامغا ئەسەرنىڭ تەرەققىياتى كىرىپلىۋالدى...ياخشى ئەسەر.....
قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز ھارمىغاي!بىزدەك سادىق ئوقۇرمەنلىرىڭىزنى دەپ بولسىمۇ،باشقا ئىشىڭىزنى قويۇپ ئەسەرنى داۋاملاشتۇرسىڭىز...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.