كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (27)

ھاشىم مەستلىكتىن يېشىلگەندە دەرۋەقە ”شىر يۈرەك ئەزىمەت“تىن توخۇ يۈرەك بىر نېمىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئاشخانىدىن كېتىشكە نەچچە قېتىم نىيەت قىلىپ يەنە يېنىۋالدى،   ساۋۇتمۇ ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى بىلگەچكە نورمال ئىشتەك ھېسابلاپ ئۇنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپنى قىلمىدى. ئەمما ساۋۇتنىڭ مۇشۇنداق جىم تۇرىۋېلىشى ھاشىمنىڭ ئىچىنى سىقتى، ”ئاي توشۇشقا ئون كۈن قالدى، ئون كۈندىن كېيىن ئىش ھەققىمنى ئېلىپ بۇ يەردىن كېتىمەن، كەتمىسەم ئوغۇل بالا بولماي كېتەي“ دەپ ئويلىدى، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە كېتەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ساۋۇتقا ھېچنېمە دېمىدى. ئۇ ياسىن لاۋبەننى ئىچىدە تىللىغان بىلەن ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ مەلۇم ئورتاقلىقى باردەك ھېس قىلاتتى، يەنى ھەر ئىككىسى جان بېقىش بىلەن شەھۋەتتىن باشقىنى چوڭ بىلمەيتتى.  ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن گۈلشەنگە ۋە تالادىكى سېرىق سەتەڭلەرگە تولا قاراپ كۆنۈپ قالغانىدى، بۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشنىمۇ خالىمايتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ ھۇزۇرلانغان بىلەن نەپسى قانمايتتى، ئەمما ھامان بىر كۈنى قېنىپ قالىدىغاندەك خام خىياللاردا بولاتتى، ئويلىماي دەيتتى،  بىراق چىۋىندەك بېزەڭ خىياللىرىدىن قۇتۇلالمايتتى.  

پەرھات بىلەن ياقۇپ ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەلپازىغا قاراپ بېقىش، پىششىقمۇ توڭمۇ چېكىپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. ياسىن لاۋبەن ئۇلارغا قىزىقمىدى، ھاشىم ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەۋەسلەنگەن بىلەن،  ئاق سودىسىغا ئارىلىشىپ قېلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدى. ياسىن لاۋبەنمۇ ئارىلىقتا ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى. ئەمما  كېتىشنى نىيەت قىلغاندىن باشلاپ ھاشىمنىڭ كاللىسىغا تەۋەككۇلچىلىك ئىدىيىسى كىرىۋالدى، باشقا جايغا بېرىپ جاھان كۆرۈش، نېمىلا قىلسا كۆپ پۇل تېپىش، پۇت سىغقۇدەك ماكانغا ئېرىشىش، بۇ يەردە قانمىغان ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇش خىياللىرى ئىشتىھالىق كېسەلدەك چاپلىشىپ، ئىچىنى قىززىتتى.   غېنى شاڭجاڭ بىلەن پەرھات ئۇنىڭغا ياردەم قىلالايتتى، ھېچ بولمىسا بىر ئىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ قويالايتتى. كۇلىغا چىقىشقا تەۋەككۇل قىلالىغان ئادەم كۇلىنى شەھەرمۇ شەھەر كېزىشكە نېمىشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەك؟  بىراق يامان ئىشقا ئارىلىشىپ قېلىش خەتەرلىك، ئۇ ئاق چېكەلمەيدۇ، يا ساتالمايدۇ؛ ئۇ ئىشقا قاراملىق، ھىيلىگەرلىك، چىۋەرلىك كېرەك؛ ئۇنىڭدا بۇنداق ئالاھىدىلىك كەم. ” باشقا كەلگەندە باتۇر“ دەپ قاراملىق قىلغان بىلەن تۇيۇقسىز پالاكەت باسىدىغان، ھەتتا جاننى سېلىپ بېرىدىغان ئىش چىقىشى مۇمكىن.  ياسىن لاۋبەنمۇ  50 گىرامدىن ئارتۇق خىرئىن بىلەن تۇتۇلۇپ قالغان گۇيلارنىڭ ئېتىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە تاپقىنىغا شۈكرى قىلىپ ياشاۋاتىدۇ. ، ئەگەر ھاشىمنىڭ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلسا ئۇ” سەن شۇ گۇيلارنىڭ كەينىدىن ماڭماقچىمۇ؟“ دەپ تۇرىۋېلىشى مۇمكىن، بۇمۇ  ھاشىمنىڭ دەرھال كېتىمەن دېيەلمەسلىكىدىكى بىر سەۋەب. ئەمما ۋاقتى كەلگەندە ھاشىم ئۇنداق قىلماسلىققا ۋەدە بېرەلەيدۇ.  ئاق تاماكىغا چېپىلىپ قالماي غېنى لاۋبەننىڭ رېستۇرانىدا ياكى رۈيلىدىكى بىرەر ئاشخانىدا ئىشلىسىمۇ بولىۋېرىدىغۇ؟!

ھاشىم ئۆزىگە ئۈمىد، ئىشەنچ بېرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك ئويلاشقا تىرىشتى؛  بۇنداق تاللاش پەيتىدە  پىلانلىرى ئۆزگىرىپ تۇراتتى،   ئۆز ۋاقتىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈش خىيالى گاھ شۇنچە كۈچلۈك بولسا، گاھى ئاجىزلاپ قالاتتى. خېمىرىغا يېنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ھەر كۈنى، ھەر سائەت ئۆزىگە مەدەت بېرىپ تۇراتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خېرىدار يوق، بوش ۋاقىتنىڭ كۆپلۈكىدىن ئىچى پۇشۇپ، ئۇخلاپ ھېرىپ كېتەتتى؛ ئەمدى بۇ كۈنلەردە ئوي- خىياللىرى ئاۋۇپ كەتكەندە خېرىدارلارمۇ غولداپ قالدى، ئاشخانا  لىق ئادەمگە ۋە ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى،  ياسىن لاۋبەننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى،  ھاشىممۇ قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىدى، سودا ياخشى، كىرىم ئوبدان بولسا ئەلۋەتتە ياسىن لاۋبەنگىمۇ پۇل دېگىلى بولاتتى.

بىر كۈنى چۈشتە لاۋبەن سەتەڭ ئۆڭسىلى ئۆچكەن ھالدا ئاشخانىغا كىرىپ ھاشىمنى چاقىردى. ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ھاشىم قولىنى پەرتۇققا سۈرتكىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. لاۋبەن سەتەڭ ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ تالاغا سۆرەپ ماڭدى، ئەلپازى يامان ئىدى، ياسىن كاۋابداننى تاشلاپ سەتەڭنىڭ ئالدىغا كەلدى:

ـــ نېمە ئىشىڭ بار؟

ـــ بارغاندا بىلىدۇ، ئالدىمنى توسما.

ـــ بۇ مېنىڭ ئادىمىم، نېمە ئىش بولسا دېمەمسەن؟

ـــ بۇ ئىشقا ئارىلاشما، نېمە بولغىنىنى ھېلى كۆرسىتىمەن.

ھودۇقۇپ كەتكەن  ھاشىم ئوڭ-سولىنى تېپىپ بولغىچە ئۆزىنى تالادا كۆردى، سەتەڭنىڭ ئاپئاق بىلىكى ئۇنى چىرماپ تۇراتتى؛ ئاڭغىچە سىرتتا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىدىن قارا كۆزەينەك تاقىغان ئىككى ئەر چۈشۈپ ئۇنى ئىككى ياندىن تۇتىۋېلىپ ماشىنىغا زورلاپ چىقاردى، بۇلارنى كۆرگەن ياسىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.

ـــ ئەنسىرەپ كەتمە! بىز ئۇنى ھېچنېمە قىلمايمىز، ــ دېدى لاۋبەن سەتەڭ، ـــ سوداڭغا زىيان بولسا مەن تۆلەپ بېرىمەن.

ماشىنا تېزلىك بىلەن قوزغىلىپ شەھەر مەركىزىگە يۈرۈپ كەتتى. ئاشخانىدىكى ئادەملەر كۈپكۈندۈزدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشقا ھەيران قېلىشتى.

ھاشىم ئىككى ئەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىترەپ ئولتۇراتتى، كاللىسىدا خىلمۇ خىل ۋەھىمە ئەگىيتتى. لاۋبەن سەتەڭ ماشىنىسىنى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتتى. ئىككى ئەر ھاشىمنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ، لاۋبەن سەتەڭنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى. دوختۇرخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ بولغاندا سەتەڭ ئۇ ئىككىسىنى ئامبولاتورىيە زالىدا  قويۇپ،  ھاشىمغا باشلاپ، كەڭ كارىدورغا كىردى:

ـــ يۇۋاشلىق بىلەن ماڭ، قېنىڭنى تەكشۈرتىمىز، ئەگەر ماڭا ماسلاشمايدىكەنسەن، ئەدىۋىڭنى بېرىمىز.

سەتەڭنىڭ رەھىمسىزلىك، ئەسەبىيلىك يېغىپ تۇرغان خۇنۇك چىرايىنى كۆرۈپ ھاشىم شۈركىنىپ كەتتى، ئېسىدىن چىقىپ قالاي دېگەن ”ئەيدىز“ ۋەھىمىسى قايتىدىن پەيدا بولدى. بۇ ۋەھىمە ئۇنى كونا كېسەلدەك قىيناپ كەلگىلى ئۇزاق بولغانىدى، نەپسىنى ھەر قېتىم قاندۇرۇپ بولغاندا  پات-پات تۇتۇپ قالاتتى. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن قان تەكشۈرتۈپ ۋەھىمىدىن بىر يولىلا ئازاد بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، دوختۇرخانىغا بېرىشقا زادىلا جۈرئەت قىلالماي كەلگەنىدى، مانا ئەمدى مەجبۇرىي تۇتۇپ كېلىندى. سەتەڭنىڭ ئەلپازىدىن قارىغاندا دۇكىنىدىكى بىرەرسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى ئۆزى… ئۇ كېسەلدىن يۇقۇملىنىپ جېنىدىن تويغان، ئۆزىنى ئوينىغانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىۋاتقانىدى…

ئۇ چۆچۈپ كەتتى، سەتەڭ ئۇنىڭغا يۇقتۇردىمۇ ياكى ئۇ سەتەڭگە يۇقتۇردىمۇ؟ ئىشقىلىپ، ئىككىنىڭ بىرى؛ ياق، بۇ پاسكىنا ھاشىمدىن باشقا نەچچە يۈز ئەر بىلەن بىللە بولغان تۇرسا، باشقىلىرىدىن يۇقماي قالارمىدى! خەقتىن يۇقتۇرۇپ ئاندىن ھاشىمغا كېلىپ ئۈسەمدىكەن؟! … ھاشىم ئۇنىڭ بېشەملىكىگە غەزەبلەندى، بىراق ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى، سەتەڭ مانا مۇشۇ ئەجەللىك يەرنى تۇتۇۋالغانىدى؛   ئەگەر  ئۇ  راستىنلا ئەيدىز چىقىپ قالسا سەتەڭ ئۇنى بوش قويمايدۇ، ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ ھايۋاننى ئۇرغاندەك ئۇرىدۇ، ياكى بىر تۆھمەتنى ئارتىپلا تۈرمىگە سولىتىۋېتىدۇ. بۇغۇ ئۆتۈپ كېتەر، ئەڭ يامىنى ئۇ مەرەزنىڭ  ئاقىۋىتى يامان، بالدۇر ئۆلىدۇ، ئۆلگەندىمۇ ئىتنىڭ ئۆلۈمىدە خارلىنىپ ئۆلىدىغان گەپ…     بۇ دەھشەتلىك  ۋەھىمە ۋە مۇدھىش خىيالدىن ھاشىم بەزگەكتەك تىترىگىلى، پۇت قولىدا جان قالمىغىلى تۇردى.

لاۋبەن سەتەڭ ئۇنى قان تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە ئېلىپ كەلدى، قان تەكشۈرتىدىغانلار نۆۋەت بىلەن تىزىلىپ تۇراتتى، ھاشىممۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلدى، پۈتۈن بەدىنىدە بۇزۇق قان ئېقىۋاتقاندەك بىئارام بولدى. بىلىكىدىن قان ئېلىۋاتقاندا  كۆزىنى يۇمۇپ، مۇشۇ قانلىرىنىڭ ساق چىقىشىنى خۇدادىن تىلىدى؛  لاۋبەن سەتەڭ ” ئۈچ سائەتتىن كېيىن نەتىجىسى چىقىدىكەن، ئاڭغىچە مىدىرلىمايسەن“  دېگەندە مەڭدەپ قالدى، بۇ ئۈچ سائەتتە ھەر تۈرلۈك قورقۇنچ، غەم-ئەندىشىدىن جىددىيلىشىپ، تىتىلداپ ئولتۇردى؛  ۋاقىت توشۇشقا ئاز قالغانچە يۈرىكى بېغىشىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشىدىغاندەك  پۇلاڭلاپ كەتتى. لاۋبەن سەتەڭ ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق، تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇراتتى، بۇ ھال ھاشىمنى تېخىمۇ قورقۇتتى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى، ئەمما ئەڭ يامان ئەھۋالنى خىيال قىلماي تۇرالمايتتى:  لاۋبەن سەتەڭ  تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالغاندا دۇمبىقى يېرىلىدۇ،  كۆزلىرى چەكچىيىدۇ، غەزەپكە تولىدۇ، ئاندىن چىقىرايدۇ، ئاندىن ھاشىمنى خەقنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپ تىللاپ رەسۋا قىلىدۇ…

ھاشىم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغان جىنايەتچىدەك جىددىيلىشىپ، ئەتراپىغا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قاراپ قويدى؛  قورقۇنچتىن ھېلىلا جان بېرىدىغاندەك قىلاتتى. باغلاقلىق قويمۇ پىچاقنى كۆرگەندە پۇتلىرىنى مىدىرلىتىپ باقىدۇ، ئەجىبا ئۇ شۇ قويچىلىكمۇ بولالماسمۇ؟ مۇشۇ يەردىن قوپۇپ قېچىپ كەتسىلا جىمى قورقۇنچ ۋە دەھشەتتىن قۇتۇلىدۇ، ھېچنېمىنى كۆرمەيدۇ، ئاڭلىمايدۇ…

ئۇ  قېچىپ كېتىش نىيىتىگە كەلدى، قايتا ھوشىغا كەلدى، پۇت-قوللىرىغا جان كىردى. لاۋبەن سەتەڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قولىغا ئېلىپ كۆزلىرى راستىنلا چەكچىيىپ كەتكەندە ھاشىممۇ جېنىدىن تويدى،  كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى،  تېقىمىدا جان قالمىدى؛ سەتەڭ ئۇ قەغەزنى كۆتۈرۈپ ئېتىلىپ كەلگەندە ئالۋاستىدىن قورققاندەك چۆچۈپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا قاچتى، سەتەڭ «阳性»(مۇسبەت) دەپ چىققان قان نەتىجىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى، ئادەملىرىگە تېلېفون بەردى.  ھاشىم بىر ياقتىن مۆكۈنگەچ، بىر ياقتىن قېچىپ دوختۇرخانىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ كەتتى. سەتەڭنىڭ ” توختا ھۇي ئىپلاس، ئۆلگۈر…“ دېگەن چىقىراق ئاۋازى قۇلىقىدىن كەتمەيتتى، بۇ قورقۇنچلۇق ئاۋاز  ئەجەل سىگنالىنى چېلىپ ئۇنى جان جەھلى بىلەن قېچىشقا سەپەرۋەر قىلدى،  جېنىدىن تويۇشنىڭ  چىدىغۇسىز ئازابلىرى ئۇنى غەزەپ ۋە باتۇرلۇققا ئىگە قىلغانىدى، ئۇ  شۇ قاچقانچە قېچىپ ئۇدۇل غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا باردى.

غېنى شاڭجاڭ بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، پەرھات بىلەن ياقۇپ يىلان دېرىزە يېنىدىكى جوزىدا خېرىدارلاردەك پاراڭ سوقۇپ، يەپ-ئىچىپ ئولتۇراتتى. پەرھات ئۇنى كۆرۈپلا يېنىغا چاقىردى، ھاشىم روھى چىقىپ كەتكەندەك ھالسىز، پەرۋاسىز ھالدا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، دەرۋەقە بايىقى ئىش ئۇنىڭ دۇنياسىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن،  كەلگۈسى ئوي-پىلانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولۇپ،  بارلىق غەم-قايغۇسى قاچان، قانداق ئۆلۈشتە قالغانىدى، خالىي يەرنى تېپىپ ھۆكىرەپ قانغۇدەك يىغلىۋالسا يەڭگىللەپ قالاتتى، شۇنچىلىك پۇرسەتمۇ بولمىدى، شۇ تاپتا ئۇ كەلگۈسى پاجىئەلىرىنى ھەر ۋاقىت، ھەر مىنۇت كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئىچ-ئىچىدىن زارلانماقتا، تەقدىرىگە ئاھ ئۇرۇپ نالە قىلماقتا ئىدى.

ــــ نېمە بولدۇڭ ھوي، كۆزۈڭ پارقىراپلا قاپتىغۇ؟!ـــ دېدى پەرھات ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ھەيران بولۇپ.

ھاشىم جاۋاب بەرمەي ئېغىر تىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.

ــــ نېمە ئىش بولغان بولسا ئېيت، ھەممە گەپنى قويۇپ ئەمدى سېنىڭ دەردىڭنى تىڭشايمىز،ــ دېدى ياقۇپ.

ھاشىم قېتىپلا ئولتۇراتتى، كۆزىدىن ياش ئەگىيتتى.

ـــ ۋاي-ۋاي، جېنىم تۇغقىنىم، ئوغۇل بالىدەك گاڭگۇڭ بولساڭچۇ!ـــ دېدى پەرھات جوزىدىكى قەغەزدىن بىرنى سۇغۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۇزىتىپ،ـــ ياسىن لاۋبەن ئۇرۇپ ھەيدىۋەتتىمۇ، يا نېمە ئىش بولدى، دېمەمسەن؟

ـــ نېمە ئىش بولسا دېگىن، بىز ياردەم قىلىمىز،ـــ دېدى ياقۇپ ئۇنىڭ يېشىنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ.

ھاشىم گەپ قىلمىسا زادى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بېشىنى كۆتۈردى، ئەمما گەپنى نەدىن باشلاشنى ئۇقالمىدى، گەپ قىلاي دېسە بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك زۇۋانى چىقمىدى، ئېغىزىغا ھېچ گەپ كەلمىدى، شۇ تاپتا نېمىلا دېسە  قارا بېسىپ قالغان ئادەمدەك بىر نەرسىلەرنى جۆيلۈيتتى، ئۆزىمۇ ئۇقالمايتتى…   ئەيدىزدىن ئەمەس، باشقا كېسەلدىن ئۆلگەن بولسا چىرايلىقراق ئۆلمەسمىدى؟ بۇ گەپنى دېيىش كېرەكمۇ، دېمەسلىك كېرەكمۇ؟… ھېچ بىلمىدى.

پەرھات بىلەن ياقۇپ بىر-بىرىگە ئەجەبلىنىپ قاراپ قويۇشتى.

ــــ بۇنىڭ جاجىسى ھاراق، بىرنى ئىچكەندىن كېيىن زۇۋانغا كېلىدۇ،ـــ دېدى پەرھات ھاراق قۇيغاچ.

ھاشىم شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ھاراقنى قولىغا ئېلىپلا ئىچىۋەتتى، كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇپلا تۇراتتى، ئۇنىمۇ ھاراق بىلەن قوشۇپ ئىچىۋەتتى. ئىككى رومكا ئىچىپلا ئارقىدىن ياندۇرۇۋەتتى، كۈتكۈچى قىزلار كېلىپ تازىلىدى، بۇ قىزلارنى كۆرۈپ ئۇ ساراڭدەك جىلە بولدى، بىر دەم كالچىيىپ كۈلسە، بىر دەم يىغلىدى. ئۇنىڭ راستىنلا مەست ياكى ساق تۇرۇپ ساراڭ بولۇپ قالغىنىنى ھېچكىم بىلەلمىدى.

ـــ ياسىن لاۋبەنگە تېلېفون قىلامدۇق؟ ـــ دېدى پەرھات، ـــ نېمە ئىش بولغىنىنى بىر ئۇقايلى!

ـــ بولدىلا،  ھازىرچە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ تۇرايلى، ئەتە ئۆزى ئوڭشالغاندا بىر نەرسە دەيدۇ.

ئىككەيلەن ئۇنى يۆلەپ ئىشلەمچى بالىلارنىڭ ياتىقىغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدى.

ھاشىمنى قاچۇرۇپ قويغان لاۋبەن سەتەڭ زالدا مۈگدەپ ئولتۇرغان ئىككى ئادىمىنى تارتقۇشلاپ ئويغاتقاندىن كېيىن  دوختۇرخانىدىن ئالدىراپ چىقىپ، يېقىن ئەتراپنى بىر نەچچە رەت ئايلانغاندىن كېيىن ياسىننىڭ ئاشخانىسى ئالدىغا كەلدى.

ـــ ھاشىم قېنى؟ ـــ دېدى لاۋبەن سەتەڭ كىرىپلا، ـــ ئۇنى ماڭا تېپىپ بەر!

ياسىن سىرتتا تاماكا چېكىپ تۇرغان ئىككى ئادەمگە قاراپ قويدى.

ـــ بۇ ئىككىسى يەنە كەپتىغۇ، سەن زادى نېمە قىلماقچى؟

ـــ ھاشىم قېچىپ كەتتى، بۇ يەرگە كەلمىسە نەگە بارىدۇ؟

ـــ مەن نەدىن بىلەي، ئۇنى سەن تۇتۇپ كەتتىڭ.

ـــ  ئۇ  ئەبلەخ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىپتۇ!

ـــ بۇ نېمە گەپ، ئۇ نېمە قىلىپتۇ؟  بىر نېمەڭنى ئوغرىلاپتىمۇ؟

ـــ ئۇ ئىپلاس ماڭا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇپتۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟ بۈگۈن بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن…

ياسىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدى، لاۋبەن سەتەڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

ـــ ئۇ ئىپلاس مۇشۇ دۇكانلارنىڭ ھەممىسىگە كىرىپ، گاندون ئىشلەت دېسە ئۇنىماي، جىق قىزلارغا  كېسەل يۇقتۇرۇپتۇ.   ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى…

ـــ بۇ نېمە دېگىنىڭ، بۇنى قانداق ئىسپاتلايسەن؟

ـــ شىنجاڭلىقتا ئەيدىز  ئەڭ كۆپ، مېنى  بىلمەيدۇ دېمە! بۇ ئىشتا سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭمۇ بار.

ـــ كىم سېنى ئەيدىز قىلسا شۇنى تاپ ـــ دېدى ياسىن ئاچچىق كۈلۈپ، ــ ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى ئىگە. 

ـــ ھەممىڭدە مەسىلە بار، ھاشىمنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، سەنمۇ تەكشۈرتۈپ باق، ھاشىمدىن ئاشقاننى ئويناپ سالغان بولۇشۇڭ مۇمكىن.

ــ مەن ئۇنداق مەينەتلەرنى كۆرسەم قۇسىمەن، ــ دېدى ياسىن يەرگە چىرتتىدە تۈكۈرۈپ قويۇپ،ــ  ئادەمنى ئاشۇنداق دومىلە باسىدۇ.

ـــ ھاشىم كەلسە بىزگە دەپ قوي، ئەگەر ئۇنى يوشۇرساڭ ياكى قاچۇرۇۋەتسەڭ جىنايەتچىنى يوشۇرغان ھېسابلىنىپ، جازاغا تارتىلىسەن.

ـــ سەن ئۇنى قانۇنسىز تۇتۇپ كەتتىڭ، ئۇ تېخىچە قايتىپ كەلمىدى، ئۆلۈكمۇ تىرىكمۇ ئېنىق ئەمەس. ئەگەر ئەتىگىچە قايتىپ كەلمىسە مەنمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن،  قالغان گەپنى شۇ چاغدا دېيىشىمىز.

ـــ مەلۇم قىلساڭ قىل، بىز ئۆز ھوقۇقىمىزنى قوغدايمىز.

ـــ  بۇ گېپىڭ ئاقمايدۇ،  سەن ئۇنى تۇتقۇن قىلدىڭ،  بۇ بىر جىنايەت. سەن ھېچ ئىش بولمايدۇ دېگەن، مانا ئۇ قېچىپتۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىر ئىش بولسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزەڭ مەسئۇل.

ـــ بۇلار دېگەن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى، بىز  قانۇنلۇق ئىش قىلىمىز، ئىسپات توپلاپ ئاندىن ھاشىمنى تۇتىمىز.

ـــ ساقچى بولسا كېنىشكىسىنى چىقارسۇن، بولمىسا يالغان ساقچى بولۇۋالغان لۈكچەك دەپ ھازىرلا ساقچى ئىدارىسىگە بارىمەن.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ لاۋبەن سەتەڭ پەيلىدىن ياندى،  گېپى ئۆزگەردى:

ـــ ئىشقىلىپ، ئۇ ئىتنىڭ بالىسىنى تاپمىغىچە بولدى قىلمايمەن.  

ـــ ھاشىم بولمىسا ئاشخانامغا بىر مۇنچە زىيان بولىدۇ، بۇنى قانداق قىلىسەن؟ 

ـــ سەن ئاشخاناڭنى ئەمەس، ئۆزەڭنى ئويلا.  بۇ ئاشخاناڭنى ھامان تاقايسەن، ئاۋۋال ئۇ ئىپلاسنى تېپىپ ئاندىن سەندىن ھېساب ئالىمىز.

لاۋبەن سەتەڭ قوڭىنى چۆرۈپ چىقىپ كەتتى، ياسىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ بۇ سەتەڭنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، چىرايىدىن ئۆچمەنلىك چىقىپ تۇرىدىغان يىرگىنچلىك مەخلۇققا ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. سەتەڭنىڭ ۋاتىلداشلىرىنى يېقىندىن ئاڭلاپ تۇرغان ساۋۇت بىلەن گۈلشەنمۇ ھاشىمنىڭ ئەيدىز كېسلى بولۇپ قالغىنىغا ئېچىندى، ئۇ ئەمدى قايتىپ كېلەلمەيتتى،  ئىش ئاقسايتتى، سودا ئاقمايتتى. ئەمما تىجارەتنى داۋاملاشتۇرماي بولمايتتى. ياسىن ھاشىمغا نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇردى، بىراق ئۇنىڭ تېلېفونى ياتىقىدا قالغانىدى.  كەچتە خېرىدارلار كېلىشكە باشلىدى، ئامالسىز قالغان ياسىن ساۋۇتنى ئىشقا سېلىپ،  ئەپلەپ-سەپلەپ سەي چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى. ساۋۇت ھاشىمدىن كۆرۈۋالغىنى بويىچە سەي قورۇپ، بىر ياقتىن چۆپ سوزۇپ، ئالدىراش ئىشلىدى.

كەچ سائەت 10 بولا بولماي ئاشخانا خېرىدارسىز قالدى، ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسىنىڭ كەيپىياتى ئېغىر، چىرايلىرى تۇتۇق ئىدى.  گۈلشەن لاۋبەن سەتەڭنىڭ ياسىنغا دېگەن گەپلىرىنى ئويلايتتى،” ياسىن راستىنلا ھاشىمدىن ئاشقان بۇزۇققا چېپىلىپ قويغانمىدۇ؟ مەن ساق دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ يۈرگەن بىلەن، كىم بىلىدۇ، ئۇمۇ ھاشىمدەك كېسەل چىقامدۇ تېخى! ئۇنداقتا ئۇنىڭ كېسىلى گۈلشەنگىمۇ يۇققان بولىدۇ… “. گۈلشەن بىردىنلا ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالدى،  ياسىن بىلەن ھۇجرىغا بىللە كىرگەندە ئۇنىڭغا يات، سوغۇق نەزەردە قارىدى، ئىچى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولۇپ سۆزلەپ چۈشتى:

ـــ توۋا، ئەر كىشى دېگەن نېمانداق تويمايدىغاندۇ؟! بېشىنى يەيدىغان بولدى بۇ ھاشىم!

ـــ خەققە شۇملۇق تىلىمە، ئۇ تەتەينىڭ گېپىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

ـــ ئۇنىڭ ئەيدىز چىققانلىقى راست، ئۇنداق قېلىن ئېشەك چوقۇم ئەيدىز بولىدۇ.

ـــ نېمانداق بەزەپ گەپ قىلىسەن؟ ـــ دېدى ياسىن گۈلشەننىڭ كوچىدا تاماكا چېكىپ ماڭىدىغان ئاقسا قىزلاردەك ھاكاۋۇرلۇقى، جىلىخورلۇقىغا ئەجەبلىنىپ.

ـــ تەتەينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سىزدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالدىم، ئەتە بېرىپ تەكشۈرۈتۈپ كەلسىڭىز بولامدىكىن؟

ـــ نېمە دېدىڭ؟! ـــ ياسىننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى،ــ سەنمۇ شۇ تەتەينىڭ پوقىنى يەپسەن دېگىنە، ئەتىدىن نېمىگە تۇتۇلۇپ، ئالىجوقا سۆزلەيدىكىن دەپتىمەن تېخى!

ـــ ئەر خەق دېگەنگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، مەن يوق چاغدا كىرىپ ئويناپ چىققانسىز تايىنلىق!

ـــ ئىشىڭنى قىل، ئوينىسام ئوينىدىم دەيمەن؛ ئوينىسام ساڭا قارىتىپ قويۇپ ئويناۋېرىمەن. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمايمەن، ئۇنداق مەينەتلەرگە ئۆزەمنى بۇلغىمايمەن، ئۇقتۇڭمۇ!

ـــ خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ، ئەگەر ئەيدىز بولسىڭىز ماڭىمۇ يۇقتۇرغان بولىسىز…

ـــ ساراڭدەك گەپ قىلما، بەك گۇمانلىنىپ كەتكەن بولساڭ ئەتە ئۆزەڭ بېرىپ تەكشۈرتۈپ كەل، ئەيدىز چىقساڭ شۇ چاغدا بىر گەپ بولار، ئۆلسەك تەڭ ئۆلىمىز.

  گۈلشەن يوتقانغا تەستە كىرىپ، ياسىنغا تەتۈر قاراپ يېتىۋالدى.

ـــ ۋاي نېمانداق قىلىسەن دەيمەن ئۆزەڭنى قورقۇتۇپ!

ـــ مەن بەك شور پېشانىكەنمەن، ھېچ خوۋلۇق كۆرمەيلا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم…

ـــ ئەنسىرىمە، سەن ئۆلۈپ كەتكىچە سېنى خوش قىلىمەن، جېنىڭ چىققىچە!  

ـــ مېنى ئەمدى كىچىك بالىدەك ئالدىماڭ.

ـــ سەن كىچىك بالىمۇ تېخى، قېرى قاقۋاش سەن!

ـــ مېنى قېرىتىپ بولغانمۇ سىز!

ـــ زاكىسىدىن قېرىپ قالغاننىڭ گېپىنى كۆرۈڭ تېخى!

ـــ مەن قېرى بولسام ئەمىسە قويۇۋېتىڭ.

ياسىن گۈلشەننىڭ تۈرگۈن چىرايىغا قاراپ كەيپى ئۇچتى:

ـــ بۇ گەپنى راست دەۋاتامسەن؟

ـــ راست دەۋاتىمەن.

ـــ ئەرگە تېگىپ ئاجرىشىش ساڭا شۇنداق ئاسانما؟ سەن بۇ يەردە ئويۇن ئويناۋاتمايدىغانسەن؟

ــ  ئويۇن دېگەننى سىزدىن سورايمىز، ئاخشىمى مېنى ئويۇنچۇق، كۈندۈزى قارانچۇق قىلىۋاتىسىز.  مەقسىتىڭىز، كۈندۈزى تازا ئىشلىتىش، ئاخشىمى بولسا نەپسىڭىزنى قاندۇرۇشقۇ؟!

ـــ سەن ماڭا نېمە دەپ تەگكەن؟ ساراڭمۇ سەن؟ ــ دېدى ياسىن تېرىكىپ،ـــ بۈگۈن ماڭا ئارتۇق گەپ قىلما، ھېلى بىكار تايىقىڭنى يەيسەن!

گۈلشەن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ پەسكە چۈشتى:

ـــ مېنى ئۇرىدىغان بولساڭ ئۆيۈڭنى ئۆزەڭ تۇت! مەن سېنىڭ خوتۇنۇڭمۇ ئەمەس، ئاشناڭمۇ ئەمەس، مالىيىڭمۇ ئەمەس! ھېچنېمەڭ ئەمەس!

ياسىن گۈلشەننىڭ بۇ ئەلپازىغا داڭقېتىپ قاراپ قالدى، ھەيرانلىقى دەستىدىن غەزەبلىنىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى، ئۇرۇش ئەسلا خىيالىغا كەلمىدى.

ـــ مەن بۇنداق ئۆتىۋېرىشتىن تويدۇم!… مەن… مەن ئاجرىشىمەن!

بۇ ئەسنادا گۈلشەن ياسىننىڭ قاتتىق غەزەبلىنىشىنى، ئورنىدىن قوپۇپلا ئىككى كاچات ئۇرۇشىنى كۈتكەنىدى، مۇشۇندااق بولغاندىلا ئاندىن ئاجرىشىشقا، ئادا-جۇدا بولۇشقا يول ئېچىلاتتى. ياسىن ئۇنداق قىلمىدى، شۇ ئولتۇرغانچە ھەيكەلدەك قېتىپ ئولتۇردى، ئاندىن ئاچچىق كۈلدى، كۈلگەندىمۇ ئۇزاق كۈلدى.

ـــ مەن بۇ يەردە تۇرىۋەرسەم تۈگىشىپ كېتىمەن، ئەڭ ياخشىسى مېنى قويۇۋېتىڭ!

ـــ قويۇۋەتسەم كىمگە تېگىسەن؟

ـــ ئىككىنچى ئەرگە تەگمەيمەن!

ـــ ئەمىسە كوچىغا چىقىپ جالاپ بولامسەن؟!

ـــ نېمە بولسام بولىمەن!

ياسىن ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ گۈلشەننىڭ چېچىدىن تولاپ كارىۋاتقا ئەكىلىپ تاشلىدى، ئاندىن قورسىقىغا مىنىۋېلىپ يۈزىگە بىر تەستەك سالدى:

ـــ كوچىغا چىقىپ نېمە بولىسەن؟!

ـــ سېنىڭ نېمە كارىڭ؟!  ئىشقىلىپ مەن پۇل تاپىمەن.

ـــ پۇل دېگەنگە تويغۇزىمەن سېنى!!!

ـــ ئەمدى قۇرۇق گېپىڭگە ئىشەنمەيمەن، سەن مېنى ئالدىدىڭ!

ياسىن ئۇنىڭ يۈزىگە يەنە بىر تەستەك سالدى:

ـــ مەن سېنى ئالدىدىممۇ يا سەن مېنى ئالدىدىڭمۇ؟ كىم كىمنى ئالدىدى؟ گەپ قىلە!

ـــ سەن مېنى ئالدىدىڭ!

ـــ سەن ماڭا قارا چاپلىماقچىما؟ مانا ئەمىسە ئالدىغان بولسام… ـــ ياسىن شاپىلاقتىن يەنە بىرنى سالدى.

ـــ  ئەر كىشى دېگەن سەندەك بولامدۇ،  ۋۇي نامەرت!

ئۇ ”نامەرت“ دېگەن گەپنى ئىككىنچى قېتىم ئاڭلاپ تېرىكتى، بىرىنچى قېتىم رەيھان شۇنداق دېگەنىدى.

ـــ ئاغزىڭنى يۇم، تاياق قېپى شۇم! ئەر كىشى دېگەن مانا مەندەك بولىدۇ!

ـــ خوتۇن كىشىنى ئۇرغاننى ئەر كىشى دېمەيمىز، ئۆتۈپ كەتكەن ماز…

ـــ ئاغزىڭنى يۇم دەيمەن، ھېلى بىكار ئاغزى-بۇرۇنۇڭنى يالاق قىلىۋېتىمەن! 

ـــ  كاللىسى ئىشلىمىگەن ئادەم سەندەك بولىدۇ، گەپنى ئوڭلاپ قىلالماي مۇشتىنى تەڭلەيدۇ.

ـــ ئاغزىڭنى يىغىۋال دەيمەن شۇم ئېغىز،  ھېلى بىكار سەت ئۇرىۋېتىمەن…

ياسىن گۈلشەننى تارتقۇشلاپ سىلكىپ بىر يانغا مۈشۈكنى ئاتقاندەك ئاتتى، ئاندىن ئۆزى ئوڭدا يېتىپ تاماكا چېكىشكە باشلىدى.

ـــ ئۇرۇپ بولدۇڭمۇ؟ قولۇڭدىن كېلىدىغىنى شۇنچىلىك!

ـــ تاياق يېگۈڭ كېلىپ تۇرۇپتىكەن، ھېلىمۇ ئايىغاننى بىل!

ـــ ئايىمىساڭ قانداق قىلاتتىڭ؟ مەن سەندىن قورقۇپ قالمايمەن!

ـــ گەپنى ئاز قىل، كۆزۈمگە بەك سەت كۆرۈنۈپ كەتتىڭ!

ـــ مەن سەت كۆرۈنسەم، كۆزۈڭگە ئاشۇ بۇزۇقلار چىرايلىق كۆرۈنىدۇ دېگىنە، سەن چوقۇم ئەيدىز!  مەن ئەيدىز بىلەن ياتمايمەن، سەندىن ئاجرىشىمەن…

ـــ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، مەن قاچان قويۇۋەتسەم شۇ چاغدا يوقىلىسەن!

ـــ مەن ساڭا سېتىلىپ كەتكەن مالاي ئەمەس! مېنىڭمۇ ئەركىنلىكىم بار. سەن مېنى پۇل خەجلەپ ئالغانمىدىڭ؟ ھېلىمۇ بىر تىيىن پۇلۇڭنى كۆرمەي مۇشۇ كۈنگە كەلدىم، بولمىسا سەن بىر نېمىدىن قۇتۇلغىلى بولماسكەن!

ـــ قارا ماۋۇ داپيۈزنى، ئۆينى ساڭا كىم كىرالاپ بەردى، باشقا ۋاقىتتا خەجلىگەن پۇللىرىمچۇ؟ كۆزۈڭنى مۈشۈكتەك يۇمىۋېلىپ غىڭشىۋەرمە!

ـــ قارا ماۋۇ چۈپەيلىكىڭنى، مۇشۇ گېپىڭدىنلا سېنىڭ پىخسىقلىقىڭ چىقىپ تۇرىدۇ…

ـــ مەن بىلەن ئارتۇق تاكاللاشما، مۇشۇنداق ساراڭلىق قىلىدىغان بولساڭ ساڭا پوقمۇ يوق!

ـــ بەرمىسەڭ سىقىپ يالا، مەنمۇ سېنىڭ نامەرتلىكىڭنى كۆرۈپ قويدۇم! لېكىن مەن ساڭا بۇرۇنقى خوتۇنۇڭدەك بوزەك بولمايمەن. ئەتە چىقىپ دېگىنىمنى ئېلىپ بېرىسەن، ئاندىن چىرايلىق يارىشىپ قالسام قالىمەن، بولمىسا ئاجرىشىمەن.

ـــ  سەندەك نېمىگە پۇل خەجلەپ ساراڭمۇ مەن!؟  بىر چاغدا ماڭا ناز قىلىپ ” ھېچنېمىڭىزنىڭ كېرىكى يوق، پەقەت سىز بولسىڭىزلا بولدى“ دەۋاتمامتىڭ!  ئىلگىرىكىن يالغانچى، ھىيلىگەر نېمىكەنسەن، سەندەك نېمىگە ئالدىنىپ بىر ئوبدان ئۆيۈمنى بۇزغاندىكىن، مەنمۇ ئەخمەق!

ـــ كىم سېنى ئۆيۈڭنى بۇز دېدى؟ بۇرۇنقى خوتۇنۇڭنى پۇل بەرمەي قوغلىۋەتتىڭ، ئەمدى مېنىمۇ شۇنداق قىلماقچىما؟ مەن ھەققىمنى ئالماي قويمايمەن، يېگەن تايىقىمنىڭ ھەققىنىمۇ تۆلىتىمەن تېخى!

ـــ نېمانداق پەسلىشىپ كەتتىڭ، مۇشۇنداق ئۇششۇقلۇق قىلىشتىن خىجىل بولمامسەن؟! ــ دېدى ياسىن ھەيرانلىق ۋە ئېچىنىش بىلەن.

ـــ سەن مېنى كېچە-كۈندۈز قۇلدەك ئىشلىتىشتىن نومۇس قىلمايسەنۇ، مەن ساڭا ئۇ گەپنى دېيىشتىن نېمىشقا خىجىل بولغۇدەكمەن؟ خوتۇن دېگەنگە پۇل خەجلەپ تۇرۇشنى ئۇقمامتىڭ؟

ـــ سەن ماڭا ئەمەس، پۇلغا ئامراق بولغاندىكىن، باشتىلا نەق گېپىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ؟

ـــ سېنىڭ بۇنچىلىك پىخسىقلىقىڭنى كىم بىلدى؟

ـــ پۇل دېگەننى خەجلەيدىغان يەردە خەجلەيمىز، سەندەك تاماخور، ئاچكۆز نېمىگە پۇل يوق.

ـــ تويلۇق ھەققىمنى بەرمەي قۇتۇلالمايسەن!

ـــ  سەندەك پەس نېمىگە ھېچنېمە ئېلىپ بەرمەيمەن!  مەن بىلەن قېرىشقانغا تويىسەن! قاراپ باقە ئەپتىڭگە، كوچىدىكى نېمىلەرگە ئوخشاپ قالدىڭ!

ــــ شۇلارمۇ مەندىن ياخشىراق،  ئۆزى پۇل تېپىپ خەجلىيەلەيدۇ.

ـــ ئۆزەڭنى پەسلەشتۈرمە!  قىز بالا دېگەن مۇشۇنداق قىلىپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ…

ئىككىسى خېلى ئۇزۇن تاكاللاشتى،  گۈلشەن نەچچە ۋاقىتتىن يىغىلىپ قالغان ئاچچىقىنى چىقاردى، تاياق يېسىمۇ كۆڭلىدىكىنى دەۋالدى. ياسىن ”بۇ ساراڭ ئەيدىزدىن ئۆزىنى ئۆزى قورقۇتۇپ مۇشۇنداق ئېلىشىپ قالدى“ دەپ ئويلىدىمۇ، ئەيتاۋۇر، غەزىپىنى ئىچىگە يۇتتى، قايتا مۇشتۇمزورلۇق قىلمىدى. ئاخىرىدا ئىككىسى خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر كارىۋاتتا يېتىشتى.

ـــ ئەمدى بۇنداق ساراڭلىق قىلما، ــ دېدى ياسىن ئۇنى يېنىغا تارتىپ، لېكىن گۈلشەن ئۇنى  سىلكىۋەتتى:

ـــ ماڭا ئىككىنچى يېقىن كەلگۈچى بولما، مەن سېنىڭ خالىساڭ ئۇرۇپ، خالىساڭ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقۇڭ ئەمەس!

ـــ ئېرى دېگەن خوتۇنىنى ئۇرۇپ تۇرسا ياخشى، تاياق يېمىگەن خوتۇن خوتۇن ئەمەس، سەنمۇ  ئاران تۇرۇپتىكەنسەن ئەمەسمۇ!

ـــ بۇ سەندەك نامەرتلەرنىڭ گېپى!

ـــ ما گەپنى ئىككىنچى قىلما، بولمىسا بۇ قېتىم ئاياپ قويمايمەن.

ـــ ھەيۋەڭدىن قورقۇپ قالمايمەن، خوتۇن كىشىگىلا كۈچى يېتىدىغان قاپاق نوچىغۇسەن!

ـــ بوشراق ۋىتىلدا، بولمىسا كۆتۈڭگە تېپىپ چىقىرىۋېتىمەن. 

ـــ مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئىت-مۈشۈك ئەمەس قوغلىسا كېتىدىغان،  مېنى بۇرۇنقى خوتۇنۇڭدەك بوزەك چاغلاپ قالدىڭما؟! مەن ئۇنداق دۆت ئەمەس، ئالىدىغىنمنى ئېلىپ ماڭىمەن. ئۆزەم خالىغاندا كېتىمەن، ئەمدى مېنى بۇرۇنقىدەك مالاي قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلما!

ـــ قېنى كۆرەرمىز،  ئەمدى زۇۋانىڭنى يىغىپ جىم يات.

گۈلشەن يەنە بىر نەرسىلەرنى دەپ غوتۇلدىۋىدى، ياسىن پەرۋا قىلمىدى. ئۇ ھەقىقەتەن گۈلشەنگە مۇھتاج ئىدى، بىر كېچە ئۇخلاپ ئويغانسا ئەتىسى كۆڭلىنى ئېلىۋالىمەن دەپ ئويلايتتى. ئەمما گۈلشەن قۇرۇق گەپكە گول بولمايدىغاندەك قىلاتتى.  ئۇنى داۋاملىق خوتۇن قىلىش، ئاشخانىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماددىي تەلەپلىرىنى قاندۇرمىسا بولمايتتى. ياسىن ئۇنىڭ قاچاندىن بېرى بۇنچە ئاچكۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى  ئۇقالماي قالدى،  ئۇنى قانچىلىك رازى قىلىپ، قاچانغىچە خوتۇن قىلالايدىغانلىقىنى ھېچ بىلەلمىدى؛ ئىشقىلىپ، بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ ھازىرقى تۇرمۇشىنى ساقلاپ قالالمايتتى، ئارتۇق چىقىمدىن، زىياندىن، تۈگىمەس باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلالمايتتى؛ ئىلگىرى خوتۇن-بالىسىغا خەجلەشكە كۆزى قىيمىغان پۇللىرىنى توم-توم خەجلەشكە مەجبۇر بولاتتى. 

 

      

 

 

 

     

      

 

       

           

 

        




[erturk بۇنى 2009-10-22 01:23 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.