كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (28)
ئاپتور:erturk ۋاقتى:2009-10-22
ئەتىسى ئەتىگەندە ياسىن گۆش ئالغىلى كەتتى، قايتىپ كېلىپ گۈلشەننىڭ يوقلۇقىنى كۆردى، ھۇجرىدا ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ياسىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ پۇل قويغان چامادانىنى ئاختۇرۇپ باقتى، پۇل جايىدا ئىدى؛ ياسىن قوپقورۇق ئاشخانىغا كىرىپ، ئەمدى بۇ ئاشخانىنى ماڭدۇرۇپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدى. كېچىدىكى جېدەللىرىنى ئويلاپ، گۈلشەننى ئۇرۇپ خاتا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ سېسىق گەپلىرىنى ئېتىۋارغا ئالماي، كۆڭلىنى ياساپ، ئالداپ-سىلاپ ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن بولسا، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئىچى پۇشتى؛ بىر تۇرۇپ” ئۇنىڭ قورسىقىغا جىن كىردى“ دەپ ئويلىدى؛ بىر تۇرۇپ، ”ئۇنىڭغا غېنى تاز ئىش ئۆگىتىۋاتامدۇ نېمە؟!“ دەپ ئويلاپ قالدى. ئاشخانىدا ئاز دېگەندە يەنە ئىككى-ئۈچ ئادەم بولمىسا يېتىشىپ بولغىلى بولمايتتى. ياسىننى غەم باستى، بۇرۇن ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا غېنى شاڭجاڭدىن ياردەم، مەسلىھەت سورايتتى. ئەمدى بۇنداق قىلىشى تەس، كۆڭۈلدىكى كىر-داغنى يوقاتمىقى ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەمما كۈتۈلمىگەندە غېنى شاڭجاڭ ئۆزى تېلېفون ئۇرۇپ قالدى:
ـــ قانداقراق ئەھۋال؟!
ـــ يامان ئەمەسقۇ!ــ دېدى ياسىن سوغۇققانلىق بىلەن.
ـــ يامان ئەمەس دېگىنىنى، ھاشىمغا نېمە بولدى؟
ياسىن بولغان ئەھۋاللارنى بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتتى.
ـــ بۇنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قاپتۇ، ئاغزىغا پەقەت گەپ كەلمەيدۇ. ھېچنېمىسىنى ئۇقالمىدۇق، شۇڭا سوراپ باقايلى دەپ تېلېفون قىلغان.
ـــ بېرىپ ئەكىلىۋالسام بولاتتى، لېكىن ما تەتەينىڭ ئەلپازى يامان، پۈتۈن ساتراشخانىدىكى ئەيدىزلەرنى يىغىپ ئۇنى ساقچىغا تۇتۇپ بېرەمدىكىن دەيمەن.
ـــ ئەمدى ئۇ قېشىڭغا بارمىسۇن، نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ، ئوڭشالغاندا بىر گەپ بولار.
ياسىن بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەي قالدى، غېنى شاڭجاڭ ” ئۇنى ئەمدى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالات “ دېگەن بولسىمۇ، غىڭ قىلالمايتتى.
ـــ ئادىمىڭ يوقاپ كەتسىمۇ كارىڭ يوق يۈرەمسىنا؟ بىز بىلەن ئەمدى ئالاقە قىلماس بولدۇڭما؟
ـــ ئۇنداق ئەمەس، تېلېفون ئۇرىمەن دەپ ئۇرۇپ بولالمىدىم.
ـــ ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى، خوتۇن خەقتەك قېيدىغاننىڭ پايدىسى يوق.
ـــ قېيدىمىدۇققۇ؟ پەرھاتلاردىن سالام ئېيتتىم، ساڭا دېمىدىما؟
ـــ دېدى، ئوبدان كۈتۈۋاپسەن. بۇ تەرەپلەرگىمۇ كەلگىن.
ـــ بولمىسا كەچ تەرەپتە باراي.
ياسىن بۇ كۈنى ئاشخانىسىنى ئاچماسلىقنى ئويلىغان بولسىمۇ زىياندىن ئەنسىرەپ يەنىلا ئاچتى، ئاشخانا بىر كۈن تاقالسا خېرىدار تېزىپ كېتەتتى. ساۋۇت ئىككەيلەن بۇ كۈنى پۇت-قولىغا تەگمەي ئىشلەپ خېرىدار كۈتتى، ئارىلىقتا ياسىن گۈلشەنگە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ ئالالمىدى، ئۇلانغاندا قارشى تەرەپ بېسىۋېتەتتى.
كەچتە خېرىدارنىڭ ئايىغى بېسىققاندا ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا ماڭدى. شاڭجاڭ ئۇنى بۇرۇنقىدەك قىزغىن كۈتۈپ كەتمىىسمۇ، ھۆرمىتىنى جايىدا قىلىپ جوزا راستلىدى. پەرھات بىلەن ياقۇپلارمۇ ھاشىمنى ئېلىپ كېلىپ ياسىن بىلەن كۆرۈشتى. ھاشىم راستىنلا غەلىتە بولۇپ قالغانىدى؛ ھېچنېمىگە ئالدانمايدىغاندەك، تەسىرلەنمەيدىغاندەك، ئۆلۈمدىن باشقا ئىشنى تاماشا، بىمەنىلىك دەپ ئويلايدىغاندەك قىلاتتى؛ ياسىنغا گويا ئۇنى تونۇمايدىغاندەك ياكى ئۇنىڭ خوجايىنلىقىنى مەنسىتمەيدىغاندەك ئەلپازدا ھالسىز، پەرۋاسىز قاراپ قويدى. ياسىنمۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغاندەك ھاشىمغا يېڭىۋاشتىن سەپسالدى، ئېچىندى، غەزەبلەندى:
ـــ مېنىڭچە، بۇنى ئەيدىز دەپ بەك قورقۇتىۋېتىپتۇ، كاللىسىغا قاتتىق ئۇرۇۋەتكەندەكمۇ قىلىدۇ…
ـــ ياق، ئۇرماپتۇ، ئۇرسا بىلىنىدۇ. تۈنۈگۈن كېلىپلا يىغلاپ كەتتى، كېسەلدىن بەك قورقۇپ كېتىپتۇ…ــ دېدى پەرھات ھاشىمغا قاراپ قويۇپ،ـــ ئەتىدىن بېرى جىق گەپ قىلدۇق، ”ئۇ تەتەي ساڭا ئۆزىنىڭ كېسەل قەغىزىنى كۆرسىتىپ قورقۇتۇپتۇ، سەن خەنزۇچە خەتنى تونۇمىساڭ، ئەيدىز چىققىنىنى نەدىن بىلىسەن؟ “ دېدۇق، مۇشۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئوڭشالدى، بولمىسا ھوشىنى پەقەت بىلمەيتتى بۇ …
ـــ شۇنى دەيمەن، تۇتۇپ كېتىپ تەكشۈرگەندىكىن، بۇنىڭدا بىر يالغانچىلىق بار،ــ دېدى ياقۇپ يىلان، ــ بۇنى قەستەن قورقۇتۇۋەتكەن گەپ!
ـــ ئادەم تۇتۇپمۇ شۇنداق قىلغان بارمۇ؟ ھەقىقەتەن يامان نېمىكەن،ــ دېدى غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا قاراپ، ــ قايتىپ بېرىپ ساڭا تەھدىت ساپتۇ-دە!
ـــ مەنغۇ قورقۇپ قالمىدىم، داۋلى سۆزلىدىم، لېكىن ئۇ دېگىنىنى قىلىدىغان بىر نېمە، ئۆمەرنىمۇ شۇنداق قىلىپ تۈرمىگە سولىتىۋەتكەن!
ـــ دېمەك، ئۇنىڭ ھاشىمدا ئەمەس، سەندە بىر ئۆچى باركەن، ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ،ــ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغان ئوخشىمامسەن؟!
ـــ نەدىكىنى، بۇرۇن چىقىشىپ ئۆتەتتۇق، دائىم كىرىپ كاۋاپ يەيتتى، چىرايلىق گەپ قىلاتتى. كېيىن نېمە بولدى، ئۆزىچە قېيداپ قالدى؛ ئۆمەر ئىش تېرىپ قويۇپلا، مەن بىلەن قاتتىق قېرىشتى...
ـــ چۈشەندىم، سەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى ئۇقمىغان گەپ.
ـــ يېگۈزمىگەن گەپ، ئىچكۈزمىگەن گەپ!ـــ دېدى پەرھات گەپ قوشۇپ.
ـــ دېمىسەڭلارمۇ شۇ، بۇرۇنقى خوتۇننىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ئىشنى جايلاپ قىلالمىغان!ـــ دېدى ياسىن ھاراقنى قولىغا ئېلىپ، ــ جاھاندا خوتۇن خەقتەك يۈزسىز نېمە يوقكەن، ياخشىلىق قىلسا بىلمەيدىكەن، بۇنداق چاغدا تاياقتىن باشقىسى بىكار!
ـــ ئاڭلىدىم، گۈلشەننى ئۇرۇپسەن…
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ياسىننىڭ قاپىقى تۈرۈلدى:
ـــ ئاغزىنى بۇزسا ئۇرۇپ قويۇش كېرەك، بۇنداق خوتۇنغا تاياق دورا…
ـــ سەن كۆڭۈل ئاياش دېگەننى ئۇقمايدىكەنسەن-دە!؟
ياسىن قېيناتىسىنىڭ ئىستەك-سورىقىغا دۇچ كەلگەن ناچار كۈيئوغۇلدەك جىلە بولدى:
ــــ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلايدىغان بولساڭ، يېگەن تايىقىنى ھەقكەن دەيتتىڭ. قاراپ تۇرۇپ مېنى ئەيدىزگە چىقاردى، ھېچ گەپتىن ھېچ يوق ئاجرىشىمەن دېدى…
ـــ سەنمۇ مۇشۇ ۋاققىچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە ئېلىپ بەرمەپسەن، ئازراق بىر نېمە ئېلىپ بېرىپ كۆڭلىنى ئالساڭ بولمامدۇ؟!
ـــ سەنمۇ شۇنى دەيدىكەنسەن، مەن ئېلىپ بېرەي دېدىم، ”ئالماس ئۈزۈك دېگەن قىممەت نېمە، ئاشخانىنىڭ سودىسى ياخشى ئەمەس، بىر ئاز پۇل تېپىپ ئېلىپ بېرەي“ دېدىم؛ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمىساق بولمايدۇ-دە!
ـــ ھېچنېمەڭ يوق قەلەندەر بولۇپ كەتمىگەنسەن؟ سەن يا قىمار ئوينىمىساڭ، يا ئاق چەكمىسەڭ، نېمەڭگە پۇلۇڭ قالمايدۇ؟ خوتۇن خەقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ئاندىن ئېشەكتەك ئىشلەتسەڭمۇ مەيلى ئەمەسمۇ؟!
ـــ مەسىلە پۇلدا ئەمەس، ئۇ ماڭا راستىنلا خوتۇن بولىدىغان بولسا ماڭا بويسۇناتتى، بارنى تەڭ يەپ تەڭ باي بولاتتۇق. لېكىن ئۇ ئۆزگىرىپ كەتتى، ھازىر ئۇنىڭ مەقسىتى مەندىن نەپ ئۈندۈرۈش...
ـــ دېمەك، سەندە پۇل جىقكەن! ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ،ــ پۇل دېگەننى خەجلەپ تۇرساڭ ئاندىن يانچۇققا كىرىدۇ، تاپقىنىڭنى خوتۇنىڭغا خەجلىمەي كىمگە خەجلەيسەن؟ شۇنداق قىلىپ بۇ خوتۇنىڭنىمۇ قاچۇرىدىغان بوپسەن-دە!
ـــ قاچسا ئۆزىگە، مەن ئەزەلدىن خوتۇن خەققە يالۋۇرۇپ بارمايمەن.
ـــ ئۈچىنچى خوتۇنلۇققا بىرسىنى كۆزلەپ قويدۇڭ دېگىنە،ـــ دېدى پەرھات ھىجىيىپ،ــ لېكىن رېستۇراندىكى قىزلار بولمايدۇ.
ـــ ئەمدى ساڭا بىكارلىق خوتۇن يوق!ــ دېدى ياقۇپ يىلان.
ياسىن ئاچچىقتىن تولغاندى، زەردىسى چىرايىغا چىقتى.
ـــ يەڭگەمدەكلا گەپ قىلدىڭ ــ دېدى ئۇ ياقۇپ يىلانغا مەسخىرىلىك تىكىلىپ،ـــ قىممەت خوتۇندىن بىرنى تېپىپ قويغان ئوخشىمامسەن؟! ياخشى خوتۇن بولسىلا مەيلى جۇمۇ، ئاشخانىنى سېتىپ بولسىمۇ ئالىمەن.
ـــ خوتۇننىمۇ ساڭا مەن تېپىپ بېرەمتىم؟
ـــ ئەمىسە ئەر كىىشنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما…
بۇ گەپلەر چاقچاق ئەمەس، ھەرىدەك چېقىش ئىدى. ھاراق ئۇلارنىڭ ئىچ-باغرىنى قىززىتىپ، بىر-بىرىگە بولغان ئاللىقانداق ئۆچمەنلىك ئوتىنى تۇتاشتۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
ياسىن بۇ سورۇندا كۆڭۈللۈك ئولتۇرالمىدى، غېنى شاڭجاڭ ئاق كۆڭۈللۈك قىلىپ رەيھاننى قولدىن بېرىپ قويغىنىغا تېخىچە پۇشايمان قىلىۋاتقاندەك پەرىشان، غەمكىن كۆرۈنەتتى؛ ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ياسىنغا تەنبىھ بېرىشكە، ھەتتا مەسخىرە قىلىشقا ئاران تۇراتتى. ئىككى گۇپپاڭچىمۇ گەپتە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي، ياسىننى چۈشۈرۈشكە، چېقىۋېلىشقا، تېرىكتۈرۈشكە قەستلەيتتى. ياسىن بۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ھاشىمغا پات-پات قاراپ قوياتتى، ھەر قارىسا ئىچى پۇشاتتى. ئىچىپ بىر يەرگە بارغاندا ئۇ ئورنىدىن قوپتى:
ـــ غېنىكا، مەن ماڭاي، ئاشخانىدا ساۋۇت يالغۇز قالدى.
ـــ گۈلشەننى قانداق قىلىسەن؟
ـــ ئەتىگىچە بىر گەپ بولار.
ـــ ھاشىمنى مۇشۇنداق تاشلاپ قويساڭ بولامدۇ؟
ـــ ئەمىسە قانداق قىلىمەن، بايا دېيىشتۇققۇ، ئۇ يەرگە بارسا چاتاق!
ـــ ساراڭغا سوت يوق، تۈرمىگە سولىمايدۇ.
ـــ ئەمىسە مەن ئەكىتەي، نېمە ئىش بولسا شۇ چاغدا كۆرەي!ـــ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ.
ـــ بولدى قالسۇن، ئاۋۋال ئۆزەڭنىڭ ئىشىنى ئوڭشاپ كەل.
ـــ ھاشىمغا بىز قارايمىز،ــ دېدى پەرھات،ــ ساڭا قالسا كۈنى تەس.
ياسىن ئارتۇق تېرىكمىدى، ھاشىمغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ماڭغىلى تەمشىلىۋىدى، ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن قوپۇپ ياسىننىڭ بىلىكىگە ئېسىلدى:
ـــ نەگە… ئىش ھەققىم… ئىش ھەققىمنى…
ياسىن گەدىنىگە بىر شاپىلاق يېگەندەك جىممىدە تۇرۇپ قالدى.
ـــ ئىش ھەققىمنى بەر دەۋاتىدۇ،ـــ دېدى ياقۇپ يىلان،ــ سەن تېخىچە ئۇنى بىكىرىغا ئىشلىتىپ كەپسەن-دە! ئەڭ ياخشىسى پۇلىنى ھازىر بېرىۋەت!
ـــ دېمىسىمۇ بېرىمەن، مەن خەقنىڭ ھەققىنى يەيدىغانلاردىن ئەمەس!ــ دېدى ياسىن ئۆڭۈپ،ـــ ئەتىلا كېلىپ بېرىۋېتىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاشىم ئۇنىڭ بىلىكىنى قويۇۋەتتى، ياسىن ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قاراپ قويۇپ سىرتقا ماڭدى، غېنى شاڭجاڭ تالاغا چىقىپ ئۇزاتمىدى.
قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى، ياسىننىڭ كەيپى ئۆرلەپ قالدى، بۇرۇن شىر كەيىپلىكتە لەيلەپ قايتاتتى، ئەمما بۇ قېتىم سەپرالىقتىن بېشى قايدى. شۇ ماڭغانچە ئۇدۇل گۈلشەن تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ يېنىغا كەلدى. دەرۋازىدىن كىرەي دەپ تۇرۇشىغا بىر ماشىنا ئۇنىڭ يېنىدىن سىپاپ دېگۈدەك دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى-دە، بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، بىنا ئالدىغا كېلىۋاتقان ياسىن ماشىنىدىن چۈشۈۋاتقان گۈلشەننى كۆرۈپ جايىدىلا تۇرۇپ قالدى. گۈلشەنگە ئىشىك ئېچىپ بەرگەن ئادەم دەل ئۆيىنى ئىجارىگە بەرگەن خەنزۇ ئىدى. بۇ ئۆينىڭ ئىجارە ۋاقتى توشۇپ كەتسىمۇ، گۈلشەن داۋاملىق ئولتۇرۇۋاتاتتى.
ئىككىسى بىناغا بىللە كىرىپ كەتتى، ياسىن بىناغا چىقىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆينىڭ ئىچىدە پاراڭلار باشلىنىپ كەتكەنىدى. ”بوپتۇمۇ؟ “ دەيتتى گۈلشەن. ” ئۆزىڭىزدەك چىرايلىق قىلىۋېتىپسىز،ــ دەيتتى ئۇ خەنزۇ زوق-شوخ بىلەن،ــ قاچانغىچە ئولتۇرىمەن دېسىڭىز ئولتۇرىۋېرىڭ…“
ياسىن تاقەت قىلالماي ئىشىكنى چەكتى، ”كىم؟“ دېدى گۈلشەن ئەنسىز توۋلاپ.
ـــ مەن! ــ دېدى ياسىن غەزەپ بىلەن،ــ ئاچە ئىشىكنى!
ھايال ئۆتمەي ئىشىك ئېچىلدى، گۈلشەن كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇراتتى، ئەمما ياسىندىن قورقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ـــ ئىككىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن بۇ يەردە؟!
ـــ ئۆي كۆرۈۋاتىمىز.
ـــ ئۆي كۆرۈۋاتىمىز؟ ئۇنى باشلاپ كىرىپ نېمە قىلماقچى؟
ـــ كىم نېمە ئىش قىپتۇ؟ ئۆينىڭ ۋاقتى توشتى دەپ كەپتىكەن، مەن يەنە ئولتۇرىمەن دەپ بۇنىڭ بىلەن دېيىشىۋاتىمەن.
ـــ بۇ گېپىڭنى كۈندۈزى دېمەي، ئاخشىمى دەمتىڭ؟
ـــ بۇنىڭ قاچان ۋاقتى چىقسا شۇ چاغدا دېمەمدىمەن؟
ـــ ۋاي ما يۈزى قېلىننىڭ گېپىنى، بايا ماشىنىدىن بىللە چۈشتۈڭغۇ، كۈندۈزى ئويناپ قانمىغاندا ئاخشىمى بىللە ياتماقچى، شۇنداقمۇ؟!
ـــ كىم ئۇنداق قىلىمەن دەپتۇ، ئادەمگە تولا قارا چاپلىماڭ.
ـــ ئەمىسە نەچچە ۋاقىتتىن كۆچ دېسەم نېمىشقا كۆچمەيسەن؟! يا بۇ خەنزۇنى ئاشنا تۇتۇپ ئولتۇرماقچىمىدىڭ؟!
گۈلشەن چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى، ئەپتى-بەشرىسىنى بىراقلا ئاشكارىلاش ياكى يوشۇرۇپ قېلىش ئارىسىدا ئىككىلىنىۋاتقاندەك، بۇ چاتاقتىن قۇتۇلۇشقا كاللىسى دەماللىققا ئىشلىمەيۋاتقاندەك قىلاتتى.
ـــ بۈگۈن نېمىشقا غىپپىدە قاچتىڭ، نەگە باردىڭ؟ نەدە ئوينىدىڭ؟
ـــ غېنىكامنىڭ رېستۇرانىغا باردىم، قايتىپ كېلىۋاتسام بۇ خەنزۇ ئۇچراپ قالدى، ئۆينىڭ ئىشىنى دېيىشىپ ئاندىن بۇ يەرگە كەلدۇق…
ـــ يالغان سۆزلىمە، نەچچە سائەتتىن بېرى مەن شۇ يەردە، غېنىكاڭغا ھازىر تېلېفون قىلىدىغان بولسام رەسۋايىڭ چۇۋۇلىدۇ.
گۈلشەن سەل ھودۇقتى، ئەمما ئۆزىنى دەرھال ئوڭشاپ جاۋاب بەردى:
ـــ سېنى مېھمان قىلسام دېدى، سىرتتا تاماق يېدۇق شۇ…
ـــ كۈدە-كۆرپەڭنى ئېلىپ مەن بىلەن ماڭ، بۇ ئۆينى ئەمدى قايتۇرىمىز.
ـــ مەن بۇ ئۆينى قايتۇرمايمەن! ــ دېدى گۈلشەن تەتۈر قاراپ.
ـــ نېمىشقا قايتۇرمايسەن؟ قايسى پۇلۇڭغا ئولتۇرىسەن بۇ ئۆيدە؟! بىر ئاخشام يېتىپ بەرگەنگە بېرىۋەتتىمۇ يا بۇ ئۆينى ساڭا، گەپ قىلە!!
ـــ نېمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى!ـــ دېدى گۈلشەن تەرىنى تۈرۈپ،ــ مەن خەقنىڭ سېتىۋالغان قۇلى ئەمەس!!
ئاڭغىچە ئۆي ئىگىسى خەنزۇ تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ، ” نېمە ئىش! “ دېگىنىچە ئىككىسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بۇنداق جېدەلنىڭ چىقىشىغا ھەيران قېلىۋاتقاندەك، گۈلشەن ئۈچۈن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويغۇسى باردەك ئىنتىلىپ تۇراتتى.
ـــ ماڭا قارا ــ دېدى ياسىن ئۇنىڭغا،ــ بىزنىڭ ئۆيىمىز بار، بۇ ئۆينى قايتۇرىمىز.
ـــ مەن مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرىمەن!ــ دېدى گۈلشەن قەتئىيلىك بىلەن، ــ بىز توي قىلمىغان، توي خېتىمۇ ئالمىغان، سەن ماڭا ھېچنېمە ئالمىغان، ھازىرغىچە ھېچنېمە ئېلىپ بېرىپ باقمىدىڭ، مالايدەك ئىشلەتتىڭ، ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، قېشىڭغا ھەرگىز بارمايمەن، ئۆز ئالدىمغا ياشايمەن!
ـــ سەن مېنىڭ خوتۇنۇم، بۇنداق قارا يۈزلۈك قىلما!
ـــ خوتۇنۇم دەيدىغان ئىسپاتىڭ قېنى؟ بىر تال ئۈزۈك چاغلىق نەرسەڭمۇ يوققۇ؟!
ـــ ئەمدى ئېلىپ بېرىمەن دېدىمغۇ؟! نېمانداق ساراڭلىق قىلىسەن؟!
ـــ ئەمدى لازىمى يوق، ماڭا خەجلەشكە چىدىمىغان شۇ پۇللىرىڭنى چېكەڭگە قىسىۋال!
ئىككىسىنىڭ جېدىلىگە ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىمىغان خەنزۇ ” نېمە گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشىڭلار، مېنىڭ ئازراق ئىشىم بار، ماڭغاچ تۇراي “ دەپ كېتىپ قالدى.
زەردىسى قايناپ تۇرغان ياسىن گۈلشەننى ئىتتىرىپلا ئۆيگە ئەكىرىپ ئىشىكنى تاقىۋالدى.
ـــ گەپ قىلمىسام نېمانداق ھەددىڭدىن ئاشىسەن، ۋۇي رەسۋا!
ـــ ئەر كىشى بولساڭ ماڭا قول تەڭلىمە!
ـــ ئۆتەپ بارە يۈزسىز شاۋچى،ـــ ياسىن ”پاس-پۇس“ قىلىپ تەستەكتىن ئىككىنى سېلىۋەتتى.
ـــ ئۇرە، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەڭمۇ سەندەك نېمىگە خوتۇن بولمايمەن!
ـــ سەن ئۆلسەڭ ئۆلۈكۈڭنى ئىتمۇ يېمەيدۇ ۋۇي پاسكىنا!
ـــ يەنە ئۇرىدىغان بولساڭ غېنىكامغا تېلېفون قىلىمەن، تۈنۈگۈنمۇ ئۇردۇڭ، غېنىكام ھەممىنى بىلىدۇ؛ مېنى ئىگىسى يوق چاغلاپ قالما!
ـــ رەسۋالىقىڭنى بىلسە غېنىكاڭمۇ ئەدىۋىڭنى بېرىدۇ.
ـــ مەن رەسۋا بولىدىغان بولسام ئاللىبۇرۇن كوچىغا چىقاتتىم، سەندەك قەلەندەرگە خوتۇن بولمايتتىم، ئۇقتۇڭمۇ!؟
بۇ گەپ ياسىننىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، بىر چاغلاردىكى ئەقىللىق، چىرايلىق، مۇلايىم قىز مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ ياسىننى ئۆزىگە خۇمار قىلىۋەتكەن مەپتۇنكار ”خوتۇن“ مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭ ئەقلى ھىيلىگەرلىك بىلەن، چىرايلىقلىقى ئاچكۆزلۈك بىلەن، مۇلايىملىقلىقى ياسالمىلىق بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەچكە، ياسىناخۇن ئۇنىڭ ئىچ مىجەزىنى بىلەلمىگەن گەپ؛ كونىسىدىن بىزار بولغانچە يېڭىياچە خوتۇنىنىڭ ھەممە يېرى گۈزەل تۇيۇلۇپ كەتكەن گەپ. رەيھان دېگەندەك، ”كۆزىگە ئىشتان كىيىۋالغان“ گەپ!
ـــ دېمەك، مەن قەلەندەردىن زادى قۇتۇلمىساڭ بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ مۇشۇ ئۆينى دەپ مەندىن يۈز ئۆرۈيسەن، شۇنداقمۇ؟! بۇ ئىشنىڭ ھەممىسىنى غېنىكاڭ ئۆگەتتى، شۇنداقمۇ؟
ـــ غېنىكامنىڭ بۇ ئىش بىلەن چاتىقى يوق، مېنىڭمۇ كاللام بار.
ـــ شۇ، كاللاڭ ئېشەكتەك ئىشلەپ قويىدىكەن؛ ئەمەلىيەتتە سەن ئىلگىرىكىن دۆت نېمە، شۇ تازنىڭ گېپىگە كىرىپ ماڭا تەگدىڭ، قەستەن سوقۇشتۇڭ، قەستەن يۈز ئۆرىدىڭ… غېنىكاڭغا ”بۇ قەلەندەردىن نەپ چىقمايدىكەن“ دېگەنسەن ھەقىچان؟
ـــ مەن دېمىسەممۇ ئۆزى بىلىدىغاندۇ سېنىڭ قانداقلىقىڭنى؟!…
ياسىننىڭ گۈلشەنگە بولغان بارلىق ھېسسىياتى، زوقمەنلىكى، ئۈمىد-تاماسى سېپىدىن ئۈزۈلگەن غورىدەك تېزلا سولاشتى، كەينى-كەينىدىن دەسسەپ مىجىلدى.
ـــ ماڭاۋە يۈزسىز شاۋچى! بۈگۈندىن باشلاپ سەن ئۈچ تالاق! ئەتىدىن باشلاپ كوچىغا چىقامسەن، ساتامسەن، ياتامسەن، ئۆلەمسەن، كارىم يوق!
گۈلشەن مېيىغىدا كۈلۈپ قويدى، بۇ كۈلكىدە ئازراق ھەسرەت بار ئىدى، ئۇ ئىلگىرى ياسىننى ئىختىيارسىز ياقتۇرۇپ، قەستەن ياخشى كۆرگەن بولسا، ئەمدى ئۇ ئىشلىرىنى ئۆتمۈشتىكى بىمەنە ئويۇنلىرىدەك ھېس قىلىپ مەسخىرە قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتاتتى.
ياسىن بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم گۈلشەنگە زورلۇق قىلغۇسى كەلدى، ئاچچىقى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان شەھۋىتى ھەدەپ ئۇنى شۇنىڭغا كۈشكۈرتەتتى. ئەمما ئۆزى بايا ”پاسكىنا“ دەپ تىللاپ بولغان بۇ رەسۋا خوتۇنىنىڭ ئالدىدا ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلغۇسى كەلمىدى. بۇ ”خوتۇن“ ئېرىنىڭ ئاخىر سۆزىنى بېرىۋەتكىنىدىن خۇشال بولۇپ، نېمىلا قىلسا بۇ ئۆيگە ئېرىشىپ بەخت سۈرىدىغاندەك ئۈمىدلىنىپ ئولتۇراتتى، ياسىن ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن بىر قاراپ قويۇپ، تالاي ”شىرىن“ ئەسلىمىلىرى قالغان بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
ياسىن ئاشخانىغا كەلگەندە ساۋۇت قوپقورۇق ئاشخانىدا ھوقۇشتەك ئولتۇراتتى.
ـــ كىرىپ ئۇخلا،ـــ دېدى ياسىن ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ،ـــ ھاشىم پۈتۈنلەي ساراڭ بوپتۇ، بۇ ئاشخانىنى قانچىلىك ماڭدۇرساق شۇنچىلىك ماڭدۇرۇپ تۇرايلى، ئاقماي قالسا ئىجارىسىنى ئېلىشىغا سېتىپ شىنجاڭغا چىقىپ كېتىمىز…
ئەتىسىدىن باشلاپ ئاشخانىدا ئىككەيلەن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ باققان بولسىمۇ تۈزۈك سودا بولمىدى. ئۇدۇلدىكى لاۋبەن تەتەي كۈندە دېگۈدەك ئاشخانىغا كىرىپ ھاشىمنى سورايتتى، ساقچىلارمۇ پات-پات كېلىپ قاراپ قويۇپ كېتەتتى. ياسىن بۇ ئاشخانىنى ئېچىۋېرىشتىن يالتىيىپ قالدى، ئۇنىڭ ئەسلى كەسپى كاۋاپچىلىق ئىدى، ئاشخانىنىڭ جاپاسىغا باققاندا كاۋاپچىلىق ئاسانراق ئىدى ھەم كۆپ پۇل تاپقىلى بولاتتى. ياسىن ئىككى كۈن ئويلىنىپ بۇ ئاشخانىنى بىرسىگە ئۆتكۈزۈۋېتىش قارارىغا كەلدى. ھاشىمنىڭ ئىش ھەققىنى ئاپىرىپ بەرگەچ غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالماقچى بولدى، ئەمما گۈلشەننى ئۈچ تالاق قىلغانلىقىنى بىلسە غېنى شاڭجاڭ ئاچچىقلاپ كېتەرمۇ؟! ئەگەر گۈلشەن ئۆزىنىڭ رەسۋاچىلىقىدىن ئەنسىرەپ شاڭجاڭغا ھېچنېمە دېمىگەن بولسىچۇ؟
ياسىن نېمىلا بولسۇن غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون ئۇرۇپ ئۇنى تىڭ-تىڭلاپ باقماقچى بولدى.
ـــ مەن ئۆتكۈزۈۋالسامغۇ بولاتتى، لېكىن ماڭا بولمايدۇ، مەن ئاچسام چوڭىنى ئاچىمەن ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ تېلېفوندا، ئۇ مۇشۇ باھانىدە ياسىننى قەستەن چۈشۈرۈۋاتقاندەك قىلاتتى ،ــ ئالىدىغان ئادەم چىقىدۇ، كۈتۈپ باق.
ـــ سېنىڭ تونۇشلىرىڭ بار، ئاچىدىغانلار بولسا ئۇقۇشۇپ بەرسەڭ …
ـــ ئۆزەڭ بىلىسەن، بىز خەقتىن بۇ يەردە ئاشخانا ئاچىمىز دەيدىغانلار يوق، ئاقچى-يانچۇقچىلارغا بەرگىلى بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى”جۈەنراڭ“ دېگەن خەتتىن بىرنى چاپلاپ قويۇپ ئاشخاناڭنى ئېچىۋەر، دۇكان ئاچىدىغانلار ئۆزى كېلىدۇ.
ـــ بۇمۇ بولغىدەك، ھاشىم قانداقراق؟
ـــ بۇرۇنقىدەكلا تۇرىدىغۇ بۇ! گەپ قىلسا بەزگەكتەك تىترەيدۇ…
ـــ ئىش ھەققىنى ئاپىرىپ بېرىمەن دەپ ھېچ بېرىپ بولالمىدىم، ئاشخانىدا ھازىر ساۋۇت ئىككىمىزلا قالدۇق، ئاشخانىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەندە ئاپىرىپ بېرەي ئەمدى!
ـــ گۈلشەننى قانداق قىلدىڭ؟ ھازىر يېنىڭدا ئەمەسما؟
ـــ ۋاي ئۇنىڭ گېپىنى قىلما، ھېلىقى ئاخشىمى بولغان ئىشنى دېمەيسەن، سەن بىلەن خوشلىشىپ ئۇنى چىرايلىق ئىزدەپ باردىم، بىنا ئالدىغا كەلسەم فاڭدۇڭ خەنزۇنىڭ ماشىنىسىدىن چۈشۈۋاتىدۇ. قاراپ تۇرسام ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئارقىسدىن بېرىپ ”بۇ نېمە ئىش؟“ دېسەم، مەندىن يوغان تېگىدۇ. ئاچچىقىمدا ئىككى تەستەك ئۇرۇۋەتتىم. ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىدى، شۇ ئاچچىقىمدا تالاق قىلىۋېتىپ ئاشخانىغا يېنىپ كەلدىم. ئۇنىڭكدىن كېيىن بولغان ئىشنى ئۇقمايمەن…
ـــ خوتۇنۇڭغا ئۆزەڭ ئىگە بولالمىساڭ خەقنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ شۇ!
ـــ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟! ــ دېدى ياسىن ئاچچىقتىن تىترەپ،ــ ئۇنىڭ خوتۇن بولغۇسى بولمىسا زورلاپ خوتۇن قىلامدىمەن؟
ـــ نېمە قىلىشنى ساڭا ئۆگىتەمدىمەن؟ ئۆزەڭنى ئەر كىشى دېسەڭ، خوتۇن خەقتىن ھەرگىز يامانلىما!
ـــ بولدى، بولدى، بۇ گەپلەرنى ساڭا دېمىدىم!ـــ دېدى ياسىن غەزەپ بىلەن.
ـــ خوتۇن خەقنى ئوڭشايدىغانمۇ، بۇزىدىغانمۇ ئۆزەڭ، بۇندىن كېيىن خوتۇن ئالساڭ ئۆزەڭگە چۇشلۇق خوتۇن ئالارسەن…
ياسىن بۇ سېسىق گەپلەردىن تۇنجۇقۇپلا قالدى،” ئاناڭنى تاز، نېمە قىلسام چاتىقىڭ نېمە“ دەپ ئاغزىنى بۇزغىلى قىل قالدى، ئەمما تېرىكىش ئۆزىنىڭ مازلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىدى؛ ئاچچىقىنى زەھەر يۇتقاندەك چىداپ يۇتۇۋەتسە بۇرۇنقى نوچىلىقىنى ساقلاپ قالالايتتى؛ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنىڭ تاماقلىرىنى يېدى، ھاراقلىرىنى ئىچتى، ئەڭ چىرايلىق كۈتكۈچىسىنى خوتۇن قىلدى، بۇلارنىڭ يۈزىنى قىلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭ سېسىق گەپلىرى رەيھانغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىنكى ئاچچىقىنى چىقىرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. رەيھانغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئەمدى گۈلشەننىڭ ياسىنغا خوتۇن بولۇش-بولماسلىقى بىلەن نېمە چاتىقى، ھەر قانچە چىرايلىق قىز بىر قېتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن پېتىدىن چۈشىدۇ، تۈگىشىدۇ، غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ نېمىسىگە قىيالمايتتى؟ تاشتەكتىكى گۈلنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ نېمە قىلاتتى؟ ئۆزى غاجاپ قويۇپ ياسىنغا سوۋغا قىلغان ئالمىنى ياسىن تاشلىۋەتسە، ئۇنىڭغا قانداق ئىچى ئاغرىسۇن؟!
ياسىن غېنى شاڭجاڭنى ئىچىدە بىر ھازا تىللىدى، ئىلگىرى ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمدى ۋاقتىدا ھوشىنى تېپىپ، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئاشخانىسىنىڭ ئەينىكىگە «جۈەنراڭ»(ئىجارىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ) دېگەن خەتنى چاپلاپ قويۇپ، كاۋاپچىلىقىنى قىلىۋەردى. خېمىر يۇغۇرىدىغان ھاشىمنىڭ ئەمدى بۇ يەردە ئىشى قالمىغانىدى، شۇڭا بۇ يەردىن كەتمەكچى بولدى. ياسىن ئۆزى ئىچىپ-چېكىپ يۈرگىنى بىلەن ساۋۇتتەك ناماز ئوقۇيدىغانلارنى، كەيىپ-ساپادىن يىراق تۇرالايدىغانلارنى ھۆرمەتلەيتتى، شۇڭا ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق بەردى، ساۋۇتمۇ رازى بولدى.
ـــ ئەمدى نەگە باراي دەيسەن؟ يۇرتقا كېتەمسەن؟
ـــ ھەئە، ئۇزۇن بولدى بارمىغىلى، ــ دېدى ساۋۇت ئىنتىزارلىق بىلەن،ــ چوڭلار قېرىپ قالدى، قېشىدىراق تۇراي دەيمەن.
ـــ ئىش-ئوقەتنىڭ تايىنى بولمىسا يېنىپ كېلەرسەن.
ـــ قاراپ باقارمەن، رىسقىمىز بولسا كۆتۈرۈلۈپ قالارمىز.
شۇنداق قىلىپ ھاشىم كەتتى، ياسىن ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇپ غېرىبلىققا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى. قاچانغىچە بۇ قۇرۇق ئاشخانىغا باغلىنىپ ئۆتىۋېرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بىرەر ئىجارىكەش كەلگىچە قالدۇق دەسمايىسىنى ساقلاپ، ئىش-ئوقىتىنى قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. ئۇ غېنى شاڭجاڭ بىر چاغدا ”قۇل بازىرى“ دەپ كۆرسىتىپ قويغان ئىشلەمچىلەر بازىرىغا بېرىپ، بىر خەنزۇ ئايالنى باشلاپ كېلىپ، كاۋاپ ئۆتكۈزگىلى سالدى، بىر زىخ كاۋاپ ئۆتكۈزسە ئىككى مو بېرىدىغان بولدى، كۈنلۈك ئىش ھەقىنى كۈندە ھېسابلاپ بەردى. ئاشخانىسىدا كۈندە ئىككى-ئۈچ يۈز زىخ كاۋاپ، ئىككى-ئۈچ يېشىك پىۋا تۈگەپ تۇراتتى، بۇنىڭدىن تەڭمۇتەڭ پايدا قالاتتى. ياسىن بۇ كۈنلىرىگىمۇ شۈكرى قىلدى، ئەمما كەچلىرى يالغۇزلۇققا چىدىماي قالاتتى. گۈلشەننى دەپ ھەيدىۋەتكەن خوتۇن-بالىسىنى ئويلاپ كۆڭلى غەش بولاتتى، رەيھان بىلەن ئۆتكەن خۇشال كۈنلىرىنى، ئۇنىڭ ھايالىق، جۇلالىق كۆزلىرىنى ئەسلەيتتى؛ ئۇنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدىكى پاك، گۈزەل، مۇلايىم، ئىتائەتكار تۇرقىنى ئەسلىگىنىدە مۇشۇنداق خوتۇننى خارلىغانلىقىم ئۈچۈن خۇدايىم مانا كۆزۈمگە كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتى. ئەمما نېمىشقىدۇر گۈلشەننى سېغىنىپ قالغىنىدا ئۆزىنىڭ گېلىنى بوغۇۋەتكۈدەك جىلە بولاتتى، ”ئۇ ئىپلاستا نومۇس دېگەن نېمە قالمىدى، شۇڭا ئۇنى ئويلاشمۇ نومۇس، ئىزدەپ بېرىشمۇ نومۇس، ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولسام مەندىمۇ نومۇس دېگەن نەرسە قالمىغان بولىدۇ، غۇرۇرۇمغا ئېشەك تېپىۋەتكەن بولىدۇ“ دەپ ئويلاپ، ئاچچىقىنى باساتتى.
بىراق، ئۆزى ئايرىم ئىككى سەر قېقىۋالغان بىر ئاخشىمى ئۇ يالغۇزلۇققا چىدىمىدى، ئويلىمايمەن، قىلمايمەن دېگەن ئىشىنى قېرىشقاندەك كۈچەپ ئويلاۋەردى، ئەسەبىي ئىستەكلىرىگە بەس كېلەلمەي بۆرىدەك سىلكىندى، قاپلاندەك سەكرەپ قوپتى، غەزەپ-نەپرەت بىلەن ھاۋايى ھەۋەس ئۇنىڭ ئىككى قولىدىن، ئىككى پۇتىدىن تارتىپ تالاغا سۆرىدى.
ئۇ گۈلشەن تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۆزىدە بار بىر تال ئاچقۇچىنى تېپىپ ئۇدۇل شۇ بىناغا ماڭدى، تاكسىدا ئولتۇرۇشنىڭ راھىتى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خوجايىنلىقىنى، پۇلدارلىقىنى، ئاز-تولا پۇل تاپقاندىن كېيىن ھۇزۇرلىنىش كېرەكلىكىنى ئېسىگە سالدى؛ كۇلىچىلىقتا ئىشلار نېمىدېگەن تولا، ئۆزگىرىش نەقەدەر تېز-ھە! تىنچ جان باقىمەن دەيدىغانلارمۇ تىنچ ياشىيالمايدۇ، ھەر كۈنى ھەر خىل ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن ۋەيران بولۇپ تۈگىشىپ كېتىدىغانلار ساماندەك، بۇنداقلارنى ياسىن ئىلگىرى بېيجىڭدا جىق كۆرگەن؛ ياسىن ئەگەر ھازىر شۇ شەھەردە بولىدىغان بولسا بۇ ئەپتى بىلەن ھەرگىز تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ، كىچىك شەھەرنىڭ ئۇششاق ئادەملەرنى سىغدۇرىدىغان مۇشۇنداق ئەۋزەللىكى بار؛ ياسىن بۇ شەھەردە خاتىرجەم، باياشات كۈن كەچۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، ئەمدى نېمە بولدى؟ خوتۇن-بالىسىدىنمۇ ئايرىلدى، ھەممىسى كېتىپ ئۆزى قالدى، بىر ھېسابتا ۋەيران بولدى، ۋەيران بولدىمۇ؟ ئۇ ئۆزىدىن بۇ سوئالنى سوراپ باقتى، ئۇ ئاق چېكىپ، قىمار ئويناپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ ۋەيران بولغانلارنى ھەقىقىي ۋەيران بولغان دەپ ئويلايتتى، شۇڭا ئۆزىنى ئۇ قاتاردا ھېسابلىمىدى. پۇل دېگەننى تاپقىلىى بولىدۇ، خوتۇن دېگەننىمۇ تاپقىلى بولىدۇ، ئاشخانىسى ھېلىمۇ مەزمۇت تۇرۇپتۇ، فاڭدۇڭ خەنزۇ “پۇل تاپالمىساڭ بۇ يەردىن كەت” دېمىدى، ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك پۇل تېپىش ئىشەنچى تېخى يوقالمىدى، ئاشخانىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە كاۋاپچىلىق قىلىدۇ، يەنە ئادەم ئىشلىتىپ خوجايىنلىق قىىلدۇ، ئۆزىنى قەلەندەر دېگەنلەرگە ھامان بىر كۈنى نوچىلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ…
ئۇ ئاچقۇچنى تىقىپ ئۆيگە كىرىۋىدى، گۈلشەن ئوغرىنى كۆرگەندەك چۆچۈپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ بۇ ئۆينىڭ قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇۋەتمىگىنىگە پۇشايمان قىلىۋاتقاندەك، دۆتلۈكتە ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتقاندەك، ئەمدى بۇ رودىپايغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمەيۋاتقاندەك تەمتىرەپ تۇراتتى.
__ چەكچىيىپ تۇرىسەنغۇ، ئۆيگە بىر كىمنى سولىۋالمىغانسەن؟
__ نېمە قىلسام كارىڭ نېمە، ئۆزەمنىڭ ئۆيى بۇ!
__ فاڭدۇڭ خەنزۇغا خوتۇن بولغان ئوخشىمامسەن؟
__ نېمە بولسام ئۆزەمنىڭ ئىشى، ماڭا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ!
__ شۇڭا بۇ ئۆينى ماڭا بېرىۋەتتى دېگىن، ئەجەپ مەرت نېمىكىنا ئۇ! مەرت بولغاچقا ساڭا ياراپ كېتىپتۇ-دە!
__ دېمىسەڭمۇ شۇ…
__ خوتۇن بولدۇم-دە، بىر دەمدىلا بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى بوپسەن ئەمىسە…
__ ئۆزەڭچە مېنى يەنە مالاي خوتۇن قىلاي دېگەنمىدىڭ؟
__ خوتۇنىمىش تېخى، ھا-ھا، ئاشنىسى دېگىنە، سەندەك نېمىنى خوتۇن قىلسا ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا قانداق قارايدۇ، شۇنداق قىلىپ پۇلغا سېتىلدىڭ دېگىنە، سەن رەسۋانىڭ بۇ غەرىزىنى بۇرۇن ئەجەپ بىلمەپتىكەنمىنا!
__ بۇرۇن بىلمىگەن بولساڭ ئەمدى بىلىۋال.
__ ماڭا بىر قارىغىنە، قارا يۈزۈڭگە ئوبدان بىر قاراپ باقاي!
__ مەن ئەمدى سېنىڭ خوتۇنۇڭ ئەمەس، ماڭا چېقىلغۇچى بولما!__ دېدى گۈلشەن ياسىنغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ.
__ بوشراق سەكرە،__ دېدى ياسىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ،__ مەن گەپ قىلغاندىكىن يۇۋاشراق بول، سەن شاۋچىغا پەقەت چىدىمىدىم، كېچىسى ئۇيقا يوق ماڭا، مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟!
__ مەن قانداق قىلىمەن؟! __ دېدى گۈلشەن چىرايىنى ھېچ ئۆزگەرتمەي،__ مەندەك پاسكىنا ساڭا ئەمدى كېرەك ئەمەس. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، بۇرۇنقى خوتۇنۇڭنى تېپىۋال.
__ بۇرۇنقى خوتۇننى سەن بەزدۈرۈۋەتتىڭ، شۇڭا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزەڭ خوتۇن بولىسەن!
__ مېنى قويۇۋەت، مەن ساڭا ئەمدى خوتۇن بولمايمەن.
__ مەن چىرايلىق گەپ قىلىۋاتىمەن ساڭا، تولا ھەددىڭدىن ئاشما!
__ بۇ گەپلىرىڭنىڭ ئەمدى لازىمى يوق، سەن مېنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەن، ئەر كىشى دېگەن قىلغان ئىشىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
__ خوتۇنۇم بولمىساڭ ئاشنام بولارسەن، بۇرۇنقى گۈلشەن سەن شۇغۇ…ئۇنداق جاھىللىق قىلما! خەققىمۇ بېرىدىغىنىڭنى بېرىپسەن، مەندىن نېمەڭنى ئايايسەن؟ ھە.. گەپ قىلە.
__ بەك مازلىشىپ كەتتىڭ، مەن ھەرگىز ئاشنا بولمايمەن، نېمەڭگە ئاشنا بولاتتىم…
__ زۇۋانىڭنى يىغىپ چاققان بول، بولمىسا مۇشۇ ئاچچىقىمدا سېنى بىر نېمە قىلىۋېتىمەن.
__ ئەگەر ماڭا باسقۇنچىلىق قىلىمەن دەيدىكەنسەن، ۋاقىرايمەن، ساقچىغا تېلېفون قىلىمەن.
__ ئەگەر ۋاقىرايدىكەنسەن گېلىڭغا پىچاق، كۆردۈڭمۇ مانى!
گۈلشەن پىچاقنى كۆرۈپ چۆچىدى، ئىچىۋېلىپ كەلگەن ياسىن شۇ تاپتا زەردىسى قايناپ تۇرغاندا نېمە قىلسا قىلىۋېتەتتى، گۈلشەن غۇرۇرىنى دەپ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلشىپ ئۆلسۈنمۇ؟ ئۇ ئۆزىدە قانچە غۇرۇر بار دېگەنچە ياسىن شۇنچە غەزەبلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرىدە گۈلشەن ئاللىقاچان غۇرۇرىنى ساتقان بىر پاسكىنا.
گۈلشەن تامدەك تاتىرىپ، كارىۋاتقا چىقىپ ھەيكەلدەك ياتتى.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما
