كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (29)
ئاپتور:erturk ۋاقتى:2009-10-22
ھاشىم ئىچىگە كىرىۋالغان قورقۇنچتىن قۇتۇلالمىدى، ئۆزىگە ھەسرەتلىنىپ، ئۆزگىلەرگە ھەۋەسلىنىپ ياكى ھەسەت قىلىپ ئىچى پۇشۇپ يۈرەتتى؛ غېنى شاڭجاڭ “ئىشلىسە كاللىسى ئوڭشىلىدۇ” دەپ ئۇنى يۈگۈر-يېتىم ئىشلارغا سالدى، ئۇ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ كالىدەك ئىشلەۋاتقان بىلەن كاللىسى جايىدا ئەمەس ئىدى، قاچا يۇيۇۋاتقاندا چىنە-قاچىلارنى پات-پات چېقىپ قوياتتى، كۈتكۈچى قىزلارنىڭ چىشىغا تېگىپ سالاتتى، پۇت-قوللىرىنى سۇنۇپ ياتقان ۋاقىتتا گەرچە ئىچىۋالمىغان بولسىمۇ ئۆلۈمنىڭ ئاچچىق پۇرىقىنى ھېلىتىن سېزىۋاتقاندەك بېشى قېيىپ كېتەتتى، ئۆلۈمنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ باقاتتى، ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ تۆت-بەش يىل، بولمىسا ئون يىل ياشايدىغانلىقىنى، قالغان ئۆمرىنى بولسىمۇ ياخشىراق ياشاپ ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپ قالاتتى، ئەمما بۇ تۆت-بەش يىل ۋە ئون يىل دېگەنلەر ئۇنىڭغا تۆت-بەش كۈندەك تۇيۇلاتتى؛ بۇ ۋاقىت ئىچىدە كېسەل تارتىپ ئورۇقلاپ قىينىلىپ كەتمەمدۇ، باشقىلارغا پاسىق مەخلۇقتەك كۆرۈنۈپ، لەنەت-نەپرەت ئىچىدە ئۆلمەمدۇ؟… بۇلارنى ئويلىسا ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى سىقىراپ، تېخى قانمىغان ھاۋايى ھەۋەسلىرى چوشقىدەك چىقىراپ كېتەتتى.
پەرھات ئۇنىڭغا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىچىشىپ بەردى، كۆڭلىنى توختىماي ياسىدى، ئەمما ھېچقايسىسى ئۈنۈم بەرمىدى.
__ ئەمىسە ئاق چەك، ھامان ئۆلىدىغان بولغاندىكىن بالدۇرراق ئۆل،__ دېدى پەرھات بىر كۈنى ياتاقتا ئۇنىڭغا.
__ ئۇنى ئۇنىڭغا ئۆگەتمەيلى،__ دېدى ياقۇپ يىلان،__ نېمىسىگە چېكىدۇ ئۇنى!؟
__ ئەمىسە قانداق قىلىمىز بۇ گۇينى؟!
__ ئوڭشىلىدۇ، ئوڭشالمىسا ئۆزىمىز ئوڭشايمىز.
__ قانداق ئوڭشايمىز؟!
__ ساتراشخانىلارغا ئاپىرىمىز، زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرىمىز.
__ ساقچىلار بۇنى ئىزدەپ يۈرۈۋاتسا، ئۆزىمىزگە ئىش تاپمايلى ئاداش.
__ ھەممە يەرگە ئەيدىز دەپ بۇنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويمىغاندۇ؟
__ ئۇنداق قىلمىغان بىلەن، بۇ ئۆزىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ.
ھاشىم بۇ ئىككىسىگە قاراپ، نېرۋىسىغا تەگكۈدەك بىر گەپ ئاڭلاشنى تىلەپ ئولتۇردى؛ شۇنداق بولغاندا كاللىسى سەل ئارام تاپاتتى.
__ ئەتە ئۆلىدىغان ئىشىڭ بولسىمۇ بۈگۈن قورقماي ياشىمامسەن دەيمەن؟!__ دېدى پەرھات ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ،__ مۇشۇنداق يۈرىدىغان بولساڭ ئەجىلىڭدىن بۇرۇن ئۆلىسەن قاراپ تۇر..
__ بىرسى قاتتىقراق ئوسۇرۇپ سالسىلا جېنى چىقىپ كېتەمدىكىن دەيمەن بۇنىڭ!__ دېدى ياقۇپ يىلان.
ئىككىسى كۈلۈشۈپ كەتتى، ھاشىمنىڭ ئاچچىقى كەلدى، نېرۋىسى ئوڭشالغاندەك بولدى.
__ ھە، گەپ قىلە، زادى نېمە دەردىڭ بار؟ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىمىز ئېنىقلاپ باقىمىزمۇ يا؟ __ دېدى پەرھات كۈلكىدىن دەرھال توختاپ.
__ ياق…_ دېدى ھاشىم.
__ تەتەينىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا ئىشتىنىغا چىقىرىۋەتكەن گەپ، ئەمدى بارسا بىزگە ئۆلۈپ بېرىدۇ…
__ بۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ قورقۇپ قېلىۋاتىمەن،__ دېدى پەرھات ياقۇپقا قاراپ،__ قاراپ باقە ئۇنىڭدا ئادەم چىرايى بارمۇ!
__ ئۆزىنى ئۆزى قورقۇتۇپ ساراڭ قىلىۋېتىپ بارغان گەپ، ئوڭشىلىدۇ، پەقەت بولمىسا ئۆزىنى قورقۇتۇپ ئۆلتۈرىدۇ، جازاسىنى ئۆزى بېرىدۇ…
__ سىلەر… ئۇقمايسىلەر،__ دېدى ھاشىم تۇيۇقسىز ئېغىز ئېچىپ،__ مەن … مۇشۇنداق بولۇشتىن بەك قورقاتتىم، دەل … مۇشۇنداق بولدى.
__ قورققان يەردە جىن بار دېگەن شۇ __ دېدى پەرھات ،__ ئۇنى بىلگەن ئادەم پاشۋازلىق قىلغاندا نېمىشقا قورقمىغان؟!
__ ئۇ چاغدا بۇ بۇقىغا ئايلىنىپ كەتكەن تۇرسا، نېمىدىن قورقىدۇ؟__ دېدى ياقۇپ يىلان مەسخىرىلىك كۈلۈپ،__ ئەمدى بۇنىڭدىن ئاشۇ بۇقا نوچىراق بولۇپ قالدى، بۇقا دېگەن قورقۇشنى بىلمەيدۇ.
__ ھازىر بۇ بۇقا ئەمەس، بۇقىنىمۇ دورىيالمايدۇ، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ-دە.
__ پۇشايمان قىلامسەن ھاشىم،__ دېدى ياقۇپ يىلان،__ ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلە قېنى؟!
ھاشىم نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي مەنىسىز ئىلجىيىپ قويدى، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلمىسا نەچچە ۋاقىتتىن ئاھ ئۇرۇپ، زارلىنىپ يۈرەمتى؟ كۆڭلىدە “ئوغۇل بالا دېگەن قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدۇ” دەپ ئويلىسىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىگە ھەرگىز تەسەللىي بېرەلمەيتتى؛ تەلىيى كېلىپ بالا-قازادىن ئامان قالغان بولسا شۇنداق دېيەلەيتتى، لېكىن ھازىرچۇ؟ ئۆز بېشىغا كەلگەن بۇ پالاكەتتىن ئۇنى كىم قۇتۇلدۇرالايتتى؟!
__ بۇنى سۆزلەتكەننىڭ پايدىسى يوق، چىرايىدىنلا چىقىپ تۇرمامدۇ؟__ دېدى پەرھات،__ قىلىدىغاننى قىلىپ بولدۇم، پۇشايمان قىلساممۇ بىكار، بولۇشۇم شۇ، تۇرۇشۇم شۇ، نېمە دېسەڭلار دەڭلار… دەيدۇ.
__ پېشانەڭگە مۇشۇنداق ئىش پۈتۈلگەن بولسا، بېشڭنى مىڭ تاشقا ئۇرساڭمۇ بىكار!__دېدى ياقۇپ يىلان ھاشىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ،__ بىر كۈن بولسىمۇ نوچىراق ياشاي دەپ ئويلا، بىز رۈيلىدە سەندەك ئەيدىزلەرنى تولا كۆرگەن، ئۇلار ھەر چوڭ سودىنى پۈتتۈرىدۇ، قانغۇدەك ياشايدۇ، سەندەك بۇنداق قورقۇپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇۋالمايدۇ.
__ بەك بولمىسا سېنى رۈيلىگە ئەكىتىپ شۇ يەردە ئوڭشايمىز، ئۇ يەردە ئۆزەڭنى ئادەتتىكى ئادەمدەك ھېس قىلىسەن. ئەيدىز نوچىلىرىغا قېتىلىپ پەيزى ياشايسەن، قانداق؟!
ھاشىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۈمىدلىنىپ قالدى، ئەمما ئۇلار قىلىدىغان چوڭ سودا چوقۇم خىروئىن سودىسى، ئەيدىزلەر ئەڭ خەتەرلىك سودىغا ماڭىدۇ، چۈنكى ساق ئادەملەر ئۇزاقراق ياشىسام دەيدۇ، ئەيدىزلەر بولسا نەچچە يىللىق ئۆمرى قالغاندىكىن ئۆلۈمدىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قورقىدىغىنى باشقىلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە ئۆلۈشتىن ئاۋۋال خارلىنىپ قېلىش، نەپسىنى قاندۇرالماسلىق. مۇشۇ چاغدا ھاشىم ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈمدىن ئەمەس، خارلىنىپ ئۆلۈشتىن، ئۆلۈشتىن ئاۋۋال نەپسىنى قاندۇرالماسلىقتىن بەكرەك قورقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
ياقۇپ يىلان ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققاندەكلا سۆزلىدى:
__ ساڭا ئەڭ ياخشىسى شۇ يەر بولىدۇ، پۇل تېپىشنى ئۆگىتىمىز، چىرايلىق قىز دېگەننى ئالدىڭغا تىزىۋېتىمىز، پۇخادىن چىققۇدەك ياشايسەن، جېنىڭ يايراپ كېتىدۇ، ئۆمرۈڭمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.
__ باياتىن ساڭا ئۇنى-بۇنى دەپ سالدۇق، لېكىن ساڭا ياخشى بولسۇن دېدۇق، سېنى ئوڭشايمىز دېدۇق، __ دېدى پەرھات ئەستايىدىللىق بىلەن،__ كۆڭلۈڭدە نېمە بولسا دېگىن، بىرەرسىدە ئۆچۈڭ بارمۇ، يا بىرەرسىگە كۆڭلۈڭ بارمۇ؟ ھەممىنى ئېيت، قولىمىزدىن كەلسە مەقسىتىڭگە يەتكۈزىمىز. ئىشقىلىپ، بۇ يەردە تارتىشىدىغان ھېچنېمەڭ قالمىسۇن.
ھاشىم بۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئەجەبلىنىپ قالدى، بىر قارىسا غەمخورلۇققا ئېرىشىۋاتقاندەك، بىر قارىسا مەسخىرە قىلىنىۋاتقاندەك…
__ ياسىندا پۇلۇڭ قالغان بولسا تېلېفون قىلساق ئەكىلىپ بېرىدۇ، بولمىسا ئۆزىمىز بارىمىز، ئۇنىڭدا باشقا ئۆچ-ئاداۋىتىڭ بارمۇ-يوق!؟
__ يوق،__ دېدى ھاشىم پەس ئاۋازدا.
__ ئۇنىڭ چىرايلىق خوتۇنىغا كۆز تاشلىغانمۇ؟!
__ قايسى خوتۇنىغا دەيسەن؟! __ دېدى ياقۇپ يىلان.
__ بۇرۇنقىسىنى دەيمەن.
__ يوق گەپنى قىلىشمايلى، ھاشىم ئۆزى دېسۇن.
ھاشىمنىڭ گەپ قىلماي ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ پەرھات سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
__ بۇنىڭ دەردىنى چۈشىنىپ قالدىم، ياسىن ئىككى خوتۇننى خوتۇن قىلىپ يۈرگەندە بۇ بىچارە كۈندە ئۇلارنىڭ نەغمىسىنى تىڭشاپ چىدىمىغان گەپ، ئاندىن ساتراشخانىدىكى بۇزۇقلارغا چېپىلىپ، ئۆزىگە كېسەل تېپىۋالغان گەپ. بۇ ئۆزى گەپ قىلمىغان بىلەن ياسىنغا قاتتىق ئاچچىقى بار؛ ئۇنىڭدا ئۆچۈم يوق دېگەن بىلەن تازا ئۆچى بار.
__ بولدىلا ئاداش، ئاقمايدىغان گەپ قىلمايلى،__ دېدى ياقۇپ يىلان گەپنى يىغىشتۇرۇشقا ئالدىراپ،__ ياسىننىڭ ئۆزىمۇ ۋەيران بوپتۇ، ساۋۇتمۇ كېتىپتۇ، گۈلشەننىڭ نېمە بولۇپ كەتكىنىنى ئۆزەڭ بىلىسەنغۇ…
__ گۈلشەن… نېمە بوپتۇ؟__ دېدى ھاشىم ئۈندەرەپ.
__ سوراپ قالدىڭغۇ؟ ئۇنىڭدا نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟!
__ مەن دېمەي تۇرۇپ گەپنى ئۆزى چىقاردى مانا!__ دېدى پەرھات كۈلۈپ،__ بۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى مانا مەن بىلىمەن، كېچىسى “گۈلشەن…مەنمۇ بىر ” دەپ جۆيلۈپ قويىدۇ بۇ!
ھاشىم بوش ھىجىيىپ قويدى، ئۇنىڭ ھىجىيىشلىرىمۇ غەلىتە ئىدى، كۆزى جىم تۇرۇپ، جاۋغايلىرى تارتىشىپ كېتەتتى.
__ جۆيلىسە جۆيلىمەمدۇ، رۈيلىغا بارغاندا گۈلشەندىنمۇ سەتەڭ نېمىلەرنى ئويناپ نەپسى قانىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئىككەيلەن ھاشىمنى رۈيلىگە ئاپىرىپ ئوڭشايدىغان بولدى، بىر ھېسابتا ئۇنىڭغا كەلگۈسىنىڭ پىلان-خەرىتىسىنى سىزىپ كۆرسەتتى؛ ئۈمىدۋارلىق، تەمەگەرلىك، ياشاش ئىشەنچى، ھۇزۇرلىنىش ئارزۇسى بەخش ئەتتى. بۇنىڭدىن ئاۋۋال ھاشىمنىڭ كاللىسىدا ئۆلۈمدىن باشقا ھەممە ئىش دىققەت قىلىشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىمەيدىغان ئۇششاق ئىشلاردەك، يا بولمىسا بۇ ئىشلار ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنگەنىدى. ئەمدى بولسا قانغۇدەك ياشاش، ھەۋەسنى قاندۇرۇپ ياشاش چوڭ ئىشتەك بىلىنىپ قالدى؛ بىردىنبىر قۇتۇلۇش يولى ئەگەر مۇشۇ بولسا، ھاشىم ئۇلار باشلىغان يولدا ماڭىدۇ، ئوتقا كىر دېسە ئوتقا كىرىدۇ. بېشىدا بىكاردىن بىكار دىۋەيلەپ تۇرغان، ئازابتىن باشقىنى ئېلىپ كەلمەيدىغان ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن كۆرە ھەقىقىي خەۋپ-خەتەر، تەۋۋەككۇلچىلىك ئارقىلىق بۇ ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ يېڭىش ياخشىراق ئەمەسمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېرىشىدىغان راھەتچۇ تېخى! بۇ يەردە بىكاردىن بىكار قورقۇپ يۈرگەندىن ئۇ يەردە جېنى چىققۇدەك تەۋەككۇل قىلسا ھۇزۇرلىنىدۇ، ئەگەر خەتەردىن ئامان قالسا ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلغان ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ…
ھاشىمنىڭ كاللىسى ئانچە ئىشلىمىگەن بىلەن كۆڭلى بۇنداق نازۇك تۇيغۇلارغا باي ئىدى، شۇڭا ئۆزىنىڭ بىردىنبىر قۇتۇلۇش يولىنىڭ قاراملىق ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىش ئىكەنلىكىنى، قانچە قورقسا شۇنچە بۇرۇن ئۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالىدى. بۇ تۇيغۇغا ئېرىشكەندىن باشلاپ روھىغا تىرەك بولىدىغان بىر نەرسىگە، بىر باھانىگە ئېرىشتى.
رۈيلىگە ماڭىمىز دەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەرھات ھاشىمنى چاقىرىپ ئايرىمخانىدا سىرداشتى.
__ سەن گۈلشەننىڭ ساغرىسىنى سىلاپ باقمىغان، شۇنداقمۇ؟
__ ياق…__ دېدى ھاشىم بۇ قېتىم تۈزۈك ھىجىيىپ.
__ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان دېگىنە!
ھاشىم مۇشۇنچىلىكمۇ قىلالمىغىنىغا ئۆكۈنگەندەك بېشىنى چايقىدى.
__ ياسىن ئۇنى خوتۇن قىلىشتىن ئاۋۋال بىزنىڭ خوتۇن ئىدى. ھازىرمۇ خالىسام خوتۇن قىلىۋېرىمەن، نەچچە قېتىم ئۆيىگە بېرىپ قونۇپ كەلدىم. لېكىن ھازىر كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇرۇنقىدەك پەيزى يوق، ھالىمۇ سەل يوغىناپ قاپتۇ…
ھاشىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ باشقىچە جانلىنىپ، ئىگىسىدىن بىر پارچە گۆش تەمە قىلىپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىۋاتقان ئىتتەك ھاسىراپ ئولتۇرالماي كەتتى.
__ قايسى كۈنى ئاخشىمى ئەمدى كارىۋاتقا چىقىۋاتسام “ئاشنامدىن تېلېفون كېلىپ قالدى” دەپ مېنى ئۆيىدىن قوغلىدى، ماڭا بەك ھار كەلدى، كەتكىچە ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بەرمىسەم مەنمۇ ساراڭ بولۇپ قالىمەن.
ھاشىم ئۇنىڭ سۆزىنىڭ داۋامىغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى.
__ تۈنۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، بىزگە نۆۋەت تەگمىدى، ئۇ ئۆزىچە بىزنى كۆزگە ئىلمىغان بىلەن بىزمۇ ئۇنى ئېلىۋەتكەن تىرماققا تەڭ قىلمايمىز، لېكىن چاندۇرمايمىز. شۇڭا بۈگۈن ئۆتكۈزۈپ بېرەي دېدىم. ئۆيىگە بارمايمەن، مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچتۇرىمەن، دەنگاۋ ئاپارمايمەن، توخۇ پاچىقىنى يېگۈزۈپ، قىزىل ھاراقنى تازا ئىچۈرۈپ غەرق قىلىمەن…
ھاشىم نېپىز كالپۇكىنى يالاپ قويدى، كۆزىدىن ئىنتىزارلىق، تەمەگەرلىك چىقىپلا تۇراتتى.
__ ياسىن لاۋبەن پۇلۇڭنى بەردىمۇ؟ ھە، ئەمدى شۇ پۇلۇڭنى خەجلەيدىغان يەرگە كەلدۇق. مەن ياتاق ئالغاندا سەنمۇ بىللە بېرىپ قوشنا ياتاقتىن ياكى شۇ قەۋەتتىن بىر ياتاق ئالىسەن. گۈلشەن سېنىڭ بۇ يەردىلىكىڭنى بىلمەي قالىدۇ. مەن ئىشنى توغرىلاپ بولغاندىن كېيىن ساڭا تېلېفون ئۇرۇپ قويۇۋېتىمەن، قالغىنىنى ئۆزەڭ جۆندەيسەن. ئەمما قاراپ تۇرۇپ ئۇنى ئەيدىز قىلىپ قويساڭ بولمايدۇ، ئۇنىڭغا بىر چارە قوللان…
__ بۇنى بىلىمەن، شۇنداق قىلىمەن…__ دېدى ھاشىم ھاياجانلىنىپ.
__ بىزنىڭ مەقسىتىمىز گۈلشەننى ئەيدىز قىلىش ئەمەس، سېنى ئارزۇيۇڭغا يەتكۈزۈپ، يۈرەك كېسىلىڭنى داۋالاش.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پەرھات ھاشىمنى باشلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى ياخشى مېھمانخانىلارنى ئارىلاپ، مۇۋاپىق بىرسىنى تاپتى، ياتاقلارنى كۆزدىن كەچۈردى.
__ بۇ يەر بولىدىكەن، __ دېدى پەرھات كارىۋاتلارغا قاراۋېتىپ،__ سەن مەندىن بۇرۇنراق كېلىپ ياتىقىڭدا ساقلاپ تۇرارسەن؛ نەغمە-ناۋا ئاڭلاپ قالساڭ چىداپ ياتارسەن.
پەرھات چىرايلىق ياسانغان، زىبۇزىننەت تاقىغان گۈلشەننى باشلاپ ياتاققا كىرگەندە ھاشىم تامنىڭ ئۇ تەرىپىدە بولغۇسى ئىشلارنى خىيال قىلىپ ئولتۇراتتى، گۈلشەننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ جىددىيلەشتى، ئۇلارنىڭ تىۋىشىغا قۇلاق سالغاچ ئۆزىنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىنى تىڭشاپ ياتتى. ئۇلار كونا ئاشىق-مەشۇقلاردەك ياكى رومانتىك ئەر-خوتۇنلاردەك قىزغىن پاراڭلىشىپ، كۈلۈشۈپ بىر نەچچە سائەتنى ئۆتكۈزدى، ھاشىم تېلۋىزورنى پەس ئاۋازدا ئېچىپ قويغان بىلەن دىققىتى ئۇلاردا ئىدى، قاچانلاردا تېلېفون كېلىپ قالار دەپ تېلېفونىغا پات-پات قاراپ قوياتتى. كېچە سائەت 11 گىچە تېلېفون سايرىمىدى، ئۇ ئۇيقۇسىنى ئېچىش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈزىنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ چىقتى. بىر چاغدا ئۇلارنىڭ زۇۋانى جىمىقىپ، ئەسەبىي تىۋىشلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى، ھاشىم ئۇنىڭغا پۈتۈن دىققىتى بىلەن قۇلاق سالدى، نېرۋىسى چىڭقىلىپ، كاللىسى بىر نۇقتىدا قېتىپ قالدى. بىر دەمدىن كېيىن بۇ ئاۋازلارمۇ يوقالدى. تېلېفون يەنە سايرىمىدى، ھاشىم ئۆزىنى ئەخمەق قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ، ئىچى تىتىلداپ ئولتۇرالماي كەتتى، ئۇيقۇسى قاچتى. ئاشقان-تاشقاننى ئوينايدىغانلىقى ئۇنىڭدا ئەمدى ھاياجان ئەمەس، بەلكى ئاچچىق پەيدا قىلىۋاتاتتى؛ گۈلشەننى چوڭ بىلىپ كېتىشتىن شەكىللەنگەن قورقۇنچ، ئەنسىرەش دېگەنلەر قالمىغانىدى. نەپسى تاقىلداپلا تۇراتتىكى، مەقسىتىگە يېتەلمىسە ساراڭ بولۇپ، غالجىرلىشىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئەمما ئۇ ئۇزاقتىن بېرى تەلمۈرۈپ، ئويلاپ يۈرگەن نەرسىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ سەۋر قىلدى. يېرىم سائەت شۇنچە تەستە ئۆتتى. ئۇلار مەستلىك ۋە ھارغىنلىقتىن ئۇخلاپ كەتكەن بولسىچۇ؟… ئۇ ئاچچىقىدا قوپۇپ كەتتى، پەرھاتقا ئۆزى تېلېفون قىلسا گۈلشەن ئويغىنىپ كېتىدۇ-دە، ئىش بۇزۇلىدۇ. ئەمىسە قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇ جىلە بولۇپ ئىككىلىنىپ تۇرغاندا تېلېفونى بىر سايراپلا توختاپ قالدى. ئۇ ياتىقىدىن ئالدىراپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ياتىقى ئالدىغا كەلدى؛ پەرھات ئىشىكنى ئېچىپ ھاشىمنى كىرگۈزۈۋەتتى-دە ئۆزى ھاشىمنىڭ ياتىقىغا كىرىپ يېتىپ قالدى.
ھاشىم ئۆپكىسىنى سەل بېسىۋېلىپ گۈلشەننىڭ يېنىغا كىرگەندە ئۇ يالىڭاچ ھالدا ھېچنېمىنى تۇيماي ياتاتتى. ھاشىم ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان ھاراق پۇرىقىنى خاتىرجەملىك بىلەن پۇرىدى، “ بۇنچە مەست بولۇپ كەتكەن نېمىنىڭ يۈزى ئەلۋەتتە قېلىن بولىدۇ، ئۇيقۇلۇقتا ئەمەس، ئويغاق ۋاقتىدىمۇ نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمەيدۇ…” دەپ ئويلىدى؛ گۈلشەننىڭ مەست ۋە ئۇيقۇلۇق چىرايى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يات، غەلىتە كۆرۈنۈپ كەتتىكى، شۇمۇ ئەمەسمۇ دەپ سىنچىلاپ قاراپ باقتى، ئۆزى كۆرگەن ۋاقتىدىكىگە ھېچ ئوخشىتالمىدى. ئەمما بۇلارنى بەك ئويلاپ كەتمىدى…
گۈلشەن ئۇيقۇلۇق ۋە مەستلىكتە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك قىلاتتى، شۇنداقتىمۇ ھاشىم ئۇنىڭ ئويغىنىپ كېتىپ ئۆزىنى تونۇپ قېلىشىنى، قەلبىدە ئۆلگىچە يوقالمايدىغان ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ قويۇشنى خالىمايتتى. ئۇ يوتقاننىڭ بىر ئۇچىنى ئۇنىڭ يۈزىگە ئارتىپ قويۇپ، قورقۇنچ ۋە ھاياجان بىلەن جىنايى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى، ئېغىر غەپلەتتە قالغان گۈلشەن خۇددى يۈزى يېپىپ قويۇلغان ئۆلۈكتەك ياتاتتى…
ھاشىم ياتىقىغا كىرىپ پەرھاتنى ئويغاتتى.
__ قانداق بولدى؟ __ دېدى پەرھات خۇددى چۈشىدىمۇ مۇشۇ ئىشنى ئويلاپ تۇرغاندەك.
__ بولدى، گۈلشەن شۇمۇ ئەمەسمۇ، بىلمەي قالدىم.
__ ماڭاۋە كالۋا، ئەتىدىن چۈش كۆرمىگەنسەن؟
__ ئۇقمىدىم… كۆزىنى ئاچمايلا ياتتى.
__ ھاراققا ئازراق بىر نېمە ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، بولمىسا مەست بولسىمۇ ساڭا يېتىپ بېرىدىغان گۈلشەن ئەمەس ئۇ!
__ ساڭا رەھمەت، ئىشقىلىپ پەيزى بولدى.
__ كېسىلىڭنى ئۇنىڭغا يۇقتۇرۇپ يۈرمىگەنسەن-ھە.. مەن دېگەندەك قىلدىڭمۇ؟
ھاشىم پەرۋاسىزلىق بىلەن جاۋاب بەردى:
__ بىر قېتىمغا كېسەل يۇقمايدۇ.
__ ھوي كالۋا، مەن ساڭا نېمە دېگەن؟ قاراپ تۇرۇپ ئۇنى ئەيدىز قىلىۋەتسەڭ قانداق بولىدۇ؟
__ مەن ئەيدىز ئەمەس، ئۇمۇ ئەيدىز بولمايدۇ.
__ كاللاڭ ئەمدى ئوڭشالدىمۇ نېمە، دېمەك، مېنىڭ داۋالىشىم ئۈنۈم بېرىپتۇ ساڭا!
__ ساڭا رەھمەت، ئەمدى سەن نەگە دېسەڭ شۇ يەرگە بارىمەن.
__ رۈيلىگە كېتىمىز، بۇ يەردىن ئېسىل ياشايمىز.
ئەمما پەرھاتنىڭ بۇ پىلانى غېنى شاڭجاڭنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار بىلەن توختاپ قالدى. شاڭجاڭنىڭ ئۈرۈمچىلىك خوتۇنى رېستۇراندىكى قىزلاردىن ئېرىنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاچقا تېخى كۆرۈپ باقمىغان رەيھاننى كۈنلەپ تېلېفوندىلا شاڭجاڭ بىلەن غىژىلدىشىپ يۈرۈۋاتاتتى. ئەسلىدىنلا كەيپى ئۇچۇپ يۈرگەن غېنى شاڭجاڭ ئۇ خوتۇنىنى تېلېفوندىلا تىللاپ،خېتىڭنى ئال دەپ تەھدىت سالدى. خوتۇنى كېلىپ ئالىدىغان ھەققىنى ئېلىپ كەتتى. غېنى شاڭجاڭ شۇندىن كېيىن كۈن-كۈنلەپ تۈزۈك گەپ قىلمايدىغان، جاھاندارچىلىق ئىشلىرىغا ئانچە ئالدىرىمايدىغان، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى، كۆپ ھاللاردا غەمكىن، خاپا يۈرەتتى. ئەمدىلىكتە توساتتىن بېيجىڭغا كېسەل داۋالاتقىلى بارىدىغان بولۇپ قالغانىدى.
__ نېمە كېسەل؟ قاچان يېنىپ كېلىسەن؟!__ دېدى پەرھات ھەيران قېلىپ.
__ چوڭ چاتاق يوق، بېرىپ تەكشۈرتۈپلا كېلىمەن؛ مەن كەلگىچە رېستۇرانغا قارىغاچ تۇرغىن.
غېنى شاڭجاڭ بېيجىڭغا يالغۇز كەتتى، بىر چاغلاردا ياسىنغا ماختىنىپ تۇرۇپ ئېيتقان ئۈچ خوتۇنىنىڭ ھازىر بىرسىمۇ يوق ئىدى.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما
