كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (30)

  ياسىن ئىككىنچى قېتىم ئاچقۇچىنى تىققاندا قۇلۇپ ئېچىلمىدى، مۇشۇنداق بولۇشىنى پەرەز قىلغانىدى، ئەگەر ئېچىلسا گۈلشەننىڭ ھېلىمۇ ئۇنىڭغا مەيلى بارلىقىنى، زورلىسىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ئەمدى بۇ  پۈتۈنلەي خام خىيال بولۇپ چىقتى. ياسىن لېفتتىن چۈشۈپ پىستە كۈچۈكلىرىنى يېتىلىۋالغان خەنزۇلارنى كۆرۈپ“ كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتمايدۇ” دېگەننى ئويلىدى، شۇ پەس كۆڭۈلنى دەپ مازلىشىۋاتقىنىغا ئىچى پۇشتى. “بۇ شاۋچىنىڭ ئالدىدا خارلىشىپ يۈرگىچە رەيھانغا يېلىنسام بولمامدۇ،  ئۇنىڭ ئالدىدا قانچە كۈچۈكلەنسەممۇ مەيلى ئەمەسمۇ؟” دېدى ئىچىدە. ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا  گۈلشەنگە قىلغاندەك غىلجىڭلىق قىلىدىغان بولسا  نومۇسقا قالاتتى، رەيھان ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتەتتى. رەيھان ئۇنىڭ خوتۇن خەقتەك ئەۋرىشىملىكىنى ئەمەس، ئەر كىشىگە خاس تۈزلۈكىنى ياخشى كۆرەتتى.

ئۇ نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ بالىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. رەيھان ھەر قېتىم يېرىم-ياتا، سوغۇق گەپ قىلىپ گەپنى تۈگەتتى. ئۇنىڭ قىزغىنلىقى رەيھانغا ياسالمىلىقتەك، شىرىن گەپلىرى لاۋزىلىقتەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەر قېتىم قىزغىن بولاي دېگەندە رەيھان ئۇنىڭ بۇنداق بولۇشىنى كۈتمەيدىغاندەك، ئەگەر شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىسا بىئارام بولىدىغاندەك تۈزلا پاراڭ قىلىپ گەپنى تۈگىتەتتى؛ ھەر ۋاقىت “سەن ئەر كىشى بولغاندىكىن سۈپىتىڭنى ساقلا” دېمەكچى بولاتتى، ئەمما ياسىن ھەر قېتىم مۇشۇ ئەرلىك سۈپەتكە پۇتلىشىپ، كۆڭلىدىكىنى دېيەلمەي جىلە بولاتتى.

  ئۇ ئىككىلا خوتۇنىنى قولدىن بېرىپ قويغىنىدىن ئۆكۈندى، ئىككىلىسىنى تالاق قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە  ئۆز تۇرمۇشىدىن ئۆزىنى قوغلاپ چىقارغانىدى؛ بۇ خوتۇنلارىنى كۆزدىن يىراق قىلىپ تۇرمۇشنى يېڭىدىن باشلايمەن، تۈزۈك ياشايمەن دېگەن بىلەن بۇنداق قىلىش تۈگۈل، بۇرۇنقىدەك ياشىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. يالغۇزلۇق ئۇنىڭ جېنىغا پېتىپ ئارام بەرمەيتتى، ئوقەت قىلىپ تۈمەنلەپ پۇل تاپقان بىلەن خەجلىمىسە نېمە پايدىسى؟ خوتۇنسىز تۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى؟ ئەمما خوتۇنلىرى يېنىدا چاغدا نېمىشقا پىخسىقلىق قىلىدۇ؟ بۇ چۈپەيلىك نەدىن كەلدى؟ پۇلنى خەجلىمەي پەقەت يىغىش ئارقىلىق باي بولغىلى بولامدۇ؟ بۇنداق باي بولغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟!…   ياسىن  ئۆزىگە پۇل خەجلەپ ھۇزۇرلىناي دەيتتى، ئەمما قانداق ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەيتتى. ھاراق دېسە ئۆزىدە بار، كاۋاب دېسە تەييار. ئويناي دېسە ئالدىدا سەتەڭلەر پۇتىنى چىقىرىپ ئولتۇرىدۇ، لېكىن ھەممىسى مەينەت، كېسەل. دوستلىرىنى مېھمان قىلىپ ماختىناي دېسە بىرسىمۇ يوق. ئەڭ ئالىي مېھمانخانىدا يېتىپ باھاسى قىممەت سەتەڭلەرنى ئويناي دېسە ئۇنىڭغا چىدىغۇدەك پۇلدار ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ… سۈرىدىغان لەززىتى ھاراق، تاماكىدىن ئىبارەت ئەڭ ئادەتتىكى، ئەڭ زىيانلىق، ئەڭ سېسىق، ئەمما خۇمارى كۈچلۈك كەيىپ-ساپاغا مەركەزلىشىپ قالدى… مۇشۇنداق ياشايدىغان گەپمۇ؟  بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى مەست قىلىپ، پەس قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ ياشاش كېرەكمۇ؟!

ئۇنىڭ بۇ كۈنلەردىكى مەنىسىزلىكىنى بىلگەندەك غېنى شاڭجاڭ تېلېفون ئۇرۇپ قالدى.

__ ئاشخاناڭنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭمۇ؟__ دېدى شاڭجاڭ قىسقىچە ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن.

__ ياق تېخى، تۈزۈك ئادەم چىقمايۋاتىدۇ.

__  ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ مېنىڭ رېستۇرانىمدا كاۋاپچىلىق قىلساڭ بولاتتى.

__ مەن ساڭا كاۋاپچىلىق قىلمايمەن.

__ ئاندىن ساڭا رېستۇراننى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتىم.

__ ئادەمنى ساز قىلما، بىز ئۇنداق چوڭ ئوقەتنى قىلالمايمىز.

__ سەن ئاچساڭ ئاچالايسەن، مەن چاقچاق قىلمىدىم.

ياسىن بۇ گەپكە يەنىلا ئىشەنمىدى، ئەمما شاڭجاڭنىڭ بۇنداق گەپ قىلمىقى ئاسان ئەمەس ئىدى.

__ بىر ئوبدان مېڭىۋاتقان رېستۇراننى نېمىشقا ساتماقچى بولۇپ قالدىڭ؟

__ كېسەل داۋالاتقىلى بېيجىڭغا كەلگەن، مەن كېتىپلا ئىشتىن چاتاق چىقىپ، ئاشپەزدىن ئىككىسى يۇرتىغا كېتىپتۇ، قىزلاردىن بىر نەچچىسى يوقاپ كېتىپتۇ… پەرھاتنىڭ ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولماپتۇ. مەن بۇ گۇيغا ئامالنىڭ يوقىدىن رېستۇراننى تۇتقۇزۇپ قويغان، ئۆزەمنىڭ تۇغقىنى دەپتىكەنمەن، ئەمدى بېشىمغا سىيگىلى تۇرۇپتۇ. ئاقچىلىق قىلىدىغان نېمىلەردىنغۇ  زادى ياخشىلىق كەلمەيدۇ، ئاشخانا ئېچىشنى ئەسلى بىلمەيدۇ. شۇڭا ھازىر سەن بېرىپ باشقۇرۇپ تۇرساڭ، مەن بىر باسقۇچلۇق داۋالىنىشىمنى تۈگىتىپ قايتىپ بارىمەن. قالغان گەپنى بارغاندا دېيىشىمىز.

__ مەن بېرىپ قارىشىپ بەرسەم بېرەي، لېكىن ھازىرچە باشقۇرالمايمەن،__ دېدى ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ ئۆزىگە شۇ قەدەر ئىشەنگەنلىكىگە ھەيران قېلىپ،__ ئۆزەڭ بىلىسەن، مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا جان بېقىۋاتىمەن.

__ كۈچۈڭنىڭ يېتىشىچە قاراپ تۇر، مەن تېلېفوندا پەرھاتقا دەپ قويدۇم، ئۇنىڭ ماڭا قارشى چىقىدىغان ھەددى يوق، تاپقان پۇلنى كۈندە يەپ تۈگەتسىمۇ مەيلى، رېستۇراننى قەرزگە بوغۇپ قويمىسىلا بولىدۇ، سەن بۇنىڭغا كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرارسەن.

ياسىن بۇنىڭغا ۋەدە بەردى، ئۆزىنى غېنى شاڭجاڭ بىلەن تەڭ ئادەمدەك ھېس قىلىپ روھلىنىپ كەتتى. ئەمما رېستۇرانغا بارغاندا ئۇ ھېچقانداق ئىشقا ئارىلىشالمىدى، پەرھات بىلەن ياقۇپ يىلان بىرلىشىۋېلىپ، ئۇنى ھېچقانداق ئىشقا قول تىققۇزمىدى. رېستۇران بەكلا چۆلدەرەپ قالغانىدى. ئامالنىڭ يوقىدىن ئىشلەپ قالغان ئىشلەمچىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىقىش يولى تاپسا بۇ يەردىن كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ھاشىم خېلىلا ئوڭشىلىپ قالغان بولۇپ، پەرھات بىلەن ياقۇپنىڭ سايىسىدىن چىقماي، بىللە ئىچىپ-چېكىپ يۈرەتتى. ياسىن بۇلارنىڭ ئىشىغا بەكرەك ئارىلىشاي دېسە ئوتتۇرىدا جېدەل چىقاتتى،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ  جان پىدالىقى ئۈچۈن  نېمىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

  غېنى شاڭجاڭنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى رەيھانغا تېلېفون ئۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى ياسىن ئۇقمايتتى. رەيھان دەسلەپتە ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئالمىغان بولسىمۇ ئەمما ياسىن ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدىغان بولۇپ قالغانىدى.

__ ئۇ يەنە كاۋاپچىلىق قىلىۋاتىدۇ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ دوختۇرخانىنىڭ كىچىك باغچىسىدا ئايلانغاچ،__ ئاشخانىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئادەم چىقمايۋاتىدۇ.

__ گۈلشەن دېگەن پاسكىنىنى يەنە ئىزدەپ يۈرۈۋاتقاندۇ؟!

__ فاڭدۇڭغا ئاشنا بولدى دەپ تالاق قىلىۋەتكەن تۇرسا يەنە ئىزدەپ بارامدۇ؟!

__ ئۇققىلى بولمايدۇ، ئەر خەقنىڭ كۆڭلى ھەممە نېمىنى كۆتۈرىدۇ.

__ سىز ئۇنداق ئويلىماڭ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئۇنچىلىك پەس ئەمەس.

__ شۇ چاغدا سىز گۈلشەننى داملاپ خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرمىگەن بولسىڭىز مۇشۇ ئىشمۇ يوق!

__ شۇ چاغدا نېمە ئويلىغىنىمنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ، بۇلارنى سىزگە دەپ ئولتۇرغۇم يوق.

__ ماڭا ھازىرمۇ بەك ھىيلىگەر كۆرۈنىسىز، خەقنى ئۆز دېپىمغا ئۇسسۇل ئويناتساملا دەيدىكەنسىز، لېكىن ئويلاپ باقسام سىزمۇ ئۆتۈپ كەتكەن بىچارىكەنسىز.

__ راست دەيسىز،  مانا مۇشۇ تاپتا دوختۇرخانىدا يۈرۈپتىمەن، ئۆزەم تىكەندەك يالغۇز، دوختۇرلار ياتاقتا يات دەيدۇ، “مەن ھېچكىم ماڭا ھەمراھ بولمىسا يالغۇز ياتامدىمەن” دەيمەن. ئويلاپ بېقىڭ، مەن بىچارە بولماي كىم بىچارە ؟!

__ زادى نېمە كېسەلكەن؟

__  ئاشقازان راكى دەيدۇ، مۇشۇ ۋاققىچە نەدە يۈردۈڭ دەپ سۆزلەپ كەتتى. مەن تېخى ئاشقازان يارىسى دەپ يۈرۈپتىمەن، نەدىن بىلەي بۇنداق كېسەلنى! ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، داۋالانسام بىر يىل، بولمىسا بىر نەچچە ئاي ياشايدىكەنمەن.

__ ۋاي خۇدايىمەي، نېمە دەيدىغانسىز ئەمدى!

__ ئۆمرۈم شۇنچىلىككەن، جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ شۇنچىلىككەن، بايا بىر دەم ئولتۇرۇپ ھەممىنى چۈشەندىم. ئادەمنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە قىلمىغان خىياللىرى قالمايدىكەن. ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ باقىدىكەن، قىلغان ئىشلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىدىكەن. ئويلاپ باقسام تېخى تۈزۈك ياشىماپتىمەن. نۇرغۇن پىلانلىرىم سۇغا چىلىشىپ قاپتۇ. مەن كىچىكىمدىن شۇنداق پىلان بويىچە ئىش قىلىشقا ئامراق، كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ئىشلارنى تەۋرىتىشكە ئۇرۇنۇپ باقىمەن. قۇرۇپ باقىمەن، چۇۋۇپ باقىمەن. ئادەم دېگەن شۇنداق نەرسىكەن، بىر قولىدا ياسىغاننى بىر قولىدا بۇزۇشقا تەييار تۇرىدىكەن؛ بىر دۆلەتمۇ بىر ياقتىن قۇرۇپ بىر ياقتىن بۇزۇپ ئىسلاھ قىلىپ تۇرىدىغۇ! لېكىن بىر ئادەمنىڭ كۈچى يەنىلا ئاجىز بولىدىكەن، پۈتۈن ئۆمرىنى قۇرۇش ھەم بۇزۇش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتسە  ئاقىۋەتتە ھېچ ئىش قىلمىغاندەكلا بولىدىكەن، بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە پايدىسى! مانا مەن تولا خوتۇن ئالدىم، ھەممىنى قويۇپ بەردىم. نەچچە بالىلىق بولدۇم، ھەممىسى خەقنىڭ بولدى. مىڭ جاپادا ئوقەت قىلىپ پۇل تاپتىم-دە كېسەل بولدۇم،  تاپقان پۇللىرىم بىر نەچچە ئاي داۋالانساملا تۈگەيدۇ،  رېستۇراننى مەن ئاچقان بىلەن ئۆي-زېمىن مېنىڭ ئەمەس، ئىجارىسى ۋاقىتلىق؛ چىقىمىنى چىقىرىۋەتسە تاپقان پۇلىمىز تايىنلىق. ئاقىۋەت نېمە قالدى؟ ئىسسىق جان قالدى، بۇ جانمۇ چىقىپ كەتسە قۇرۇق تېنىمىز قالىدۇ. مەن شۇنداق ئويلايمەن،  ياراتقۇچى ئاللاھ ئەسلىدە ئەڭ چوڭ پىلانلىغۇچى، ئۇ توختىماي يارىتىپ پىلانلاپ تۇرىدۇ. بىز ئۇنى-بۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقساقمۇ، يەنە ئۇنىڭ پىلانىدىن چىقالمايمىز…

غېنى شاڭجاڭنىڭ بۇ سۆزلىرىنى رەيھان زېرىكمەي ئاڭلىدى، ئۆلۈم ئالدىدا ھەر كىم بېشى چىڭقىلىپ كەتكۈدەك ئويلىنىدۇ، ئازابلىنىدۇ، تەن بېرىدۇ، سەۋر قىلىدۇ،  ئامانەت جاننىڭ ئىگىسى ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ،  تەقدىرى، بارىدىغان قارارگاھى  ھەققىدە ئىزتىراپلىق خىياللارغا چۆكىدۇ…

__ گەپلىرىڭىز توغرا، __ دېدى رەيھان ئېغىر تىنىپ،__ ئادەم ئۆز بېشىغا كەلمىگىچە بەزى ئىشلارنى چۈشەنمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ.

__ ئۆزەمنىڭ تولىمۇ كۆرەڭلەپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمنى ھەر بىر ئويلىسام ئاچچىق كۈلىدىغان بولۇپ قالدىم.

__ ئۇنداق دېمەڭ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەسكىلىشىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ.

__ مېنى ئەسكى دەپ ئويلىسىڭىز بولىدۇ، سىزگە كۆزۈم چۈشكىنى راست، ياسىننى ئازدۇرغىنىم راست، سىزگە ئېرىشمەكچى بولغىنىممۇ راست… لېكىن شۇ كۆزلىرىڭىزدىن ئەيمىنىپ ئاخىر بولدى قىلدىم. كۆڭلىڭىزنى ئۇتىمەن دەپ ئويلىغان، لېكىن قارىسام كۆڭلىڭىزنى ياسىنغا بېرىپ بوپسىز، ئۇنىڭدىنمۇ ئۈمىد ئۈزدۈم…

رەيھان بىر دەم جىمىپ كېتىپ، گەپنى ئەپقاچتى:  

__  ياسىننىڭ ئۇنداق قىلىشىنى پۈتۈنلەي سىزدىن كۆرگىلى بولمايدۇ، بايا ئۆزىڭىز دېدىڭىزغۇ، ئاۋۋال ياراتقۇچى ئاللاھ، ئاندىن قالسا بەندە.  ياسىننى ئاۋۋال شەيتان ئازدۇرغان، ئۆزىدىمۇ ئىمان بەك ئاز. ئۇ  ئىمانىنى يوقىتىپ قارا كۆڭۈل بىر نېمە بولۇپ كەتمىسىلا، باشقىسىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيمەن. 

__ ئۇنىڭغا يەنىلا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن.

__ يارىشىپ قالىمەن، لېكىن مۇناسىۋىتىمىز بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ.

__ بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كېتەمسىلەر تېخى، ئۇققىلى بولمايدۇ.

__ شۇنداق بولسا ياخشى، بولماي قالسا ئۇنى كۆرەرمىز.

__ مەن رېستۇراننى ياسىنغا ئۆتكۈزۈپ بېرەي دەيمەن، ئەگەر ياسىن بولمايدىغان بولسا سىزگە ئۇنى شۇنداقلا قالدۇرۇپ قوياتتىم، ئۆمرۈمدە قالغان ئېسىل نەرسە شۇ  كۆڭلۈم بولۇپ قالاتتى.

__ بۇ كۆڭلىڭىزگە رەھمەت!__ دەۋەتتى رەيھان تەسىرلىنىپ،__ ئەمما بۇ رېستۇراننى بىز ئېچىپ بولالماسمىزمىكىن.

__ سىلەر ئاچمىساڭلار باشقا ئادەم ئېچىپ بولالمايدۇ، مەن جىق نەرسە تەلەپ قىلمايمەن، ئەگەر پۇلۇڭلار بولمىسا قەرز ئېلىشقا مەن ياردەملىشەي.

__ قېنى بىز ئويلىنىپ باقايلى.

__ ياسىن بىلەن پاتراق يارىشىپ قېلىڭ.

__ ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كەلمىسە مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بارمايمەن.

__ ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە قاچانغىچە قېيداپ، ئۆچمەنلىشىپ يۈرۈيسىلەر. بۇنىڭ كىمگە، نېمىگە پايدىسى بار؟

__ بىز شۇنداق خەق ئىكەنمىز، بىلىپ تۇرۇپ خاتا قىلىمىز، ئۆزىمىز بىلەن دۈشمەندەك قېرىشىمىز.

   غېنى شاڭجاڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق داۋالىنىشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىپ ياسىن بىلەن كۆرۈشتى. ياسىن ئۇنىڭ ياداپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ چاقچاق قىلدى:

__ ئورۇقلىتىش مەركىزىگە بېرىپ داۋالىنىپ كەلدىڭمۇ نېمە؟ 

__ ھەئە، ئاجايىپ تېز ئۈنۈم بېرىدىكەن.

__ يوقلاپمۇ بارالمىدۇق، قانداق، سالامەت كېلىۋالدىڭ؟!

__ خۇداغا شۈكرى، مۇشۇنچىلىك تۇرۇپتۇق. ئۆزەڭچۇ، دۇكىنىڭنى قانداق قىلدىڭ؟

__ ئەتە بىر خۇيزۇ  كەلمەكچى، ئازراق ئەرزان بولسىمۇ ئۆتكۈزۈۋېتىپلا قۇتۇلاي دەيمەن.

__ شۇنداق قىل، ئاندىن قەرز ئېلىپ بۇ رېستۇراننى ئۆتكۈزۈۋال.

__ راست ئاچامدىمەن؟

__ ئەر كىشى بولساڭ تەۋەككۇل قىل.

__ ئۆزەڭچۇ، باشقا ئىش-ئوقەت قىلاي دەمسەن؟

__ مەن ئۈرۈمچىگە كېتىپ داۋالىنىمەن، ئىش-ئوقەتنى ئالدىرىماي قىلىۋالارمىز.

__ نېمانداق تۈگىمەيدىغان داۋالىنىش ئۇ،  قەن سىيىش كېسىلىگە قالمىغانسەن؟!

__ شۇنداق دېسەڭمۇ بولىدۇ، قارنىمىزغا  تولا يەپ كېسەل تاپتۇق.

ئەتىسى ياسىن كونا ئاشخانىسىنىڭ ئىجارىسىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەئەللۇقات بىلەن بىراقلا  40 مىڭ يۈەنگە ئۆتكۈزۈۋېتىپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلدى؛ غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا بۇ شەھەرلىك لاۋبەن ئاغىنىسىدىن 150مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ بەردى.  ئىجارىسى، بېزەكلىرى، تەئەللۇقاتلىرى قوشۇلۇپ 300 مىڭ يۈەنگە يارايدىغان بۇ رېستۇراننى ياسىن  240 مىڭ يۈەنگە ئۆتكۈزۈۋالدى، نېسى قالغان پۇلنى كېيىن بېرىدىغان بولدى. غېنى شاڭجاڭ بىر ھەپتە ئىچىدە رېستۇراننىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى ياسىننىڭ نامىغا بېجىرىپ بېرىپ،  150 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى؛ قالغىنىنى ياسىنغا ئىشلىتىپ تۇرۇشقا بەردى، ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىۋەتتى. پەرھات بىلەن ياقۇپ يىلان بۇ ئىشلارغا لېۋىنى چىشلەپ قالدى. ئۇلارنىڭ بەرىبىر بۇ يەردە تۇرغۇسى يوق ئىدى، شۇڭا ھاشىمنى ئېلىپ رۈيلىگە كېتىشتى.

ياسىننىڭ سەھەر قوپۇپ كەچ يېتىپ تىرىشىچانلىق بىلەن ئىشلىشى نەتىجىسىدە رېستۇراننىڭ سودىسى بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى. گەدەنگە بىر مۇنچە قەرزنى ئارتىۋالغاندىن كېيىن جان پىدالىق كۆرسەتمەي  بولمايتتى؛  ئۇ ئىككى خۇيزۇ ئاشپەزنى تەكلىپ قىلىپ كەتكەنلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلىدى. كۈتكۈچىلىككە خەنزۇ قىزدىن ئىككى ئالدى. خېرىدارلارنى كۆندۈرۈپ بولغىچە كاۋابنى ئۆزى بىر قوللۇق تەييارلاپ ئۆزى پىشۇردى. سودا كۈندىن كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ياسىندا ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك پەيدا بولدى؛  رەيھان بىلەنمۇ بۇرۇنقىدىن قىزغىن پاراڭلىشىدىغان، تېلېفوندا ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بولدى.

__ ئۆزەم ئالدىڭغا بارسام بولاتتى، ئەھۋال مۇشۇنداق بولۇپ قالدى.

__ ئالدىمغا كەلمىسەڭ يەنە خارلىشىپ يېنىڭغا بارامدىمەن؟

__ ئەمدى خوتۇن، ئوقەتنىڭ بېشىنى تۇتۇپ قالدۇق. ئۆزەڭ كېلىپ بۇرۇن ئىشلىگەن جايىڭدا تۇرۇپ بەرمىسەڭ بولمايدۇ.

__ چوڭ لاۋبەن بولدۇم دەپ ئەمدى نوچىلىق قىلمايدىغانسەن؟

__ ۋاي قويە، قانچىلىك لاۋبەن بىز، شۇ تاپتا كۈيىدەك قارىداپ ئىشلەۋاتىمەن.

__ پۇل تاپقاندا بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغانسەن؟

__ ئوڭشايدىغان سەن بار ئەمەسمۇ!

__ چاقچىقىڭنى قويۇپ تۈزۈك گەپ قىل.

__ ئىللا بىللا، ھەرگىز بۇزۇلمايمەن، ئالدىڭدا قەسەم ئىچىپ بېرەي. 

ئۇ رەيھانغا بىر مۇنچە ۋەدىلەرنى بەردى، بۇ ۋەدىسىدە چوقۇم چىڭ تۇرىدىغانلىقىغا ئۆزىمۇ ئىشىنەتتى.

رەيھان ئوغلىنى ئېلىپ ئاخىر كەلدى، ياسىن بېكەتكە چىقىپ ئۇلار بىلەن خۇشاللىق ۋە ھاياجان بىلەن كۆرۈشتى، ئوغلىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ مەڭزىگە سۆيدى. رەيھاننىڭ بۇرۇنقىدەكلا  چىرايلىق، لاتاپەتلىك تۇرقىنى كۆرۈپ، ئىنتىلىپ قارىدى، خىجىللىقتىن بېشىنى ئەگدى…

ياسىن بىر  نەچچە كۈن ئائىلە ھۇزۇرىغا چۆمۈلۈپ دۇنياغا قايتا تۆرەلگەندەك ھېسسىياتقا كەلدى، ئاداۋەتلەر، قاباھەتلەر بارا-بارا يوقالدى. كۈنلەر ھەر كۈنى ئالدىراش ئۆتمەكتە ئىدى، بەختىيارلىق تۇيغۇسى خۇددى گۈلگە ئوخشايتتى، پەرۋىش قىلمىسا سولىشىپ قالاتتى. ئەر-خوتۇن نۆۋەتلىشىپ بۇ تۇيغۇنى قەدىرلەشكە، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشقا مۇھتاج ئىدى. ھېسسىيات قانچە نازۇك بولسا ئۇنى شۇنچە ئاۋايلاشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭا رەيھان بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىن كېلەشىدە غېنى شاڭجاڭنى يوقلاپ ئۆتكەنلىكىنى، ھاياتلىق شامى ئۆچەي دەپ قالغان شاڭجاڭنىڭ كۆزلىرىدىن بالقىغان مۇھەببەت، تەشنالىق ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ كۆزىگە ياش ئېلىپ يەرگە قارىۋالغانلىقىنى ياسىنغا تىنمىدى. ياسىنمۇ قايسى كۈنى گۈلشەندىن تېلېفون كەلگەنلىكىنى رەيھانغا ئېيتمىدى، گۈلشەن تېلېفوندا ئۆزىنى بىر مۇنچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ كىچىكلىك، ئەخمەقلىق قىلىپ قويغانلىقىنى، ياسىن بىلەن بىللە بولغان شىرىن كۈنلىرىنى ئۇنتۇيالمىغانلىقىنى، ئەگەر ياسىن قاچان خالىسا ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ئىشىكى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ناز بىلەن، يۈزى قېلىنلىق بىلەن ئېيتىۋىدى، ياسىن كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە پەيدا بولغان ۋەسۋەسىدىن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قاتتىق تەگدى ۋە  ئەمدى ئىككىنچى تېلېفون قىلماسلىقىنى ئېيتىپ گەپنى ئۈزدى.

ئەر-خوتۇن بىر-بىر-بىرىگە ئىناق-ئىجىل بولۇشتى. رەيھان ياسىننىڭ بىر كۈنلەردە ئاينىپ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى جۈمەگە بېرىشقا، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇدى. ياسىن دەسلەپتە خوتۇنىغا يۈز كېلەلمەي ناماز باشلىغان بولدى، كېيىن كۆنۈپ قالدى، ئۆزىنى پالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ مۇشۇ كۈنلەرگە ئۇلاشتۇرغان رەببىگە تائەت-ئىبادەت بىلەن باش ئېگىشنىڭ قەرزلىكىنى، پەرزلىكىنى تونۇدى، ئىماننىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلغانچە تەقۋالىق بىلەن ياشاش ئانچە ئېغىر كەلمەيدىغان بولدى، پاكىز ياشىغانچە  ئۆزىنى باشقىچە روھلۇق ھېس قىلدى، ئائىلىسىنى، خوتۇن-بالىسىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولدى.

                                                        (تۈگىدى)




[erturk بۇنى 2010-05-29 09:39 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 26 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماtorkash[2010-07-22 09:42 PM | del]
«كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دىگەن بۇ ئەسەر بۇ بىلوگلىرىدا تۇلۇق ئەمەسمۇ نىمە، مەن 19قىسىمغىچە ئوقۇپ، ئاخىرىسىنى تاپالماي،  گوگىلنى ئېچىپ باشقا تور بەتلەردىن ئىزدەپ تېپىپ ئاخىرىسىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.
回复قايتۇرماKoldurma[2010-07-14 06:32 PM | del]
قانداق ئەھۋالىڭىز ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئاكا
مەن ئىلگىرى سىزنىڭ بىرمۇنچە ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ، خەلق تىلىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ يېزىش ئۇسلۇبىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالغانىدىم. سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدە جەمئىيىتىمىز كىشىلىرىگە قىلىنغان شىكايەتلەر ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. سىزنىڭ قەلىمىڭىزنىڭ چارچاپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن.
مېنىڭ كەسپىم ئەدەبىيات ئەمەس، بىراق ئۆزۈمنى ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ھېسابلايمەن. بلوگىڭىز بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئەسەرلىرىڭىز بىلەن كەڭ-كۇشادە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشالمەن.
مېنىڭ قارىشىمچە، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى مەنىۋىي ئوزۇق ھېسابلىنىدۇ. تاماق ئېتىشنى بىلمىگەن ئادەممۇ تاماقنىڭ تەمىنى تېتىيالىغاندەك، ئەسەر يېزىشنى ئوقمىغان ئادەممۇ ئۇنىڭغا باھا بېرىشكە سالاھىيەتلىك.
بلوگىڭىزدىن < كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى > ناملىق رومانىڭىزنى ئوقۇپ، خەلق تىلىغا يېقىنلاشقان ئۇسلۇبىڭىزدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم. يەنە : ھاجى ئاكام سەل يالىڭاچراق ئوي-پىكىرلەرگە ئامراقمۇ قانداق؟ ئەسىرىنى بەدىئىيلىك جەھەتتىن يەنە بىر بالداق يوقىرى كۆتۈرمىسە بولمامدۇ نېمە؟ دەپ ئويلىنىپ قالدىم.
回复قايتۇرماmux[2010-07-13 09:19 PM | del]
بۇ ئەسەر تۇلۇق ئاخىرلاشماپتۇ....ئاخىرىسىنى خۇددى ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك مەجبۇرىيلا ئاخىرلاشتۇرۇپ قويۇپسىز...بولسا قايتا بىر رەتلەپ تۇلۇقلاپ قويسىڭىز بوپتىكەن...شۇنداق ياخشى ئەسەرنى ئوقۇغىنىمغا تولىمۇ خۇشالمەن....پىكىرىمنى ئويلىشىپ باقارسىز!~!قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ بەركەت تىلەيمەن!~!
回复قايتۇرماnazima[2010-07-06 12:32 AM | del]
ئۇف.....ئاخىرى ئۇقۇپ تۈگەتتىم  بەك ياخشى بولدى  مەنمۇ  ساق بىريىل بولغانتى  دۋامىنى كۈتۋاتقىلى رەخمەت ئەجرىڭىزگە  تەشنالىقلىقتا چاڭقىغان دىلىلىرىم  ھۇزۇرغا ئىرىشتى. كوپ رەخمەت [face02]
回复قايتۇرماqalikhuxi[2010-07-03 11:35 PM | del]
مىنى قوشىڭە! ئىلتىماس قىلدىم چ چ دا
回复قايتۇرماerturk[2010-07-03 09:09 PM | del]
نەقىل مەنبەسى qalikhuxi نەقىل مەنبەسى qalikhuxi
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز بىلەن ئايرىم پاراڭلىشاي دىگەنتىم، ماڭا سۆز قالدۇرسىڭزى بوپتىكەن، بىر ئىشتا مەسىلىھەتىڭىزنى ئالاي دىگەنتىم

بولىدۇ، مېنىڭ كيۇ كيۇ نومۇرۇم: 715772658
回复قايتۇرماqalikhuxi[2010-07-03 03:47 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز بىلەن ئايرىم پاراڭلىشاي دىگەنتىم، ماڭا سۆز قالدۇرسىڭزى بوپتىكەن، بىر ئىشتا مەسىلىھەتىڭىزنى ئالاي دىگەنتىم
回复قايتۇرماlatipa[2010-06-07 03:31 AM | del]
ئەسەرلىرىڭىزنى بەكمۇ دوگما ئاخىرلاندۇردىكەنسىز،بېشىنى قىززىقىش بىلەن ئوتتۇرسىدا تەشنالىق بىلەن كەينىدە سەل كۈلۈمسىرەپ ئۇف دەپ تۈگىمەمدۇ يازما دىگەن،،شۇنچىلىك يەرلىرىنى ئىرىنمەي يېزىپ ئاخىردا باشقىلارنىڭ ئالدىرتىشىغا بوي سۇنۇپ تۈگىتىپ قويۇپسىز،

回复قايتۇرماياخشى[2010-06-05 08:25 PM | del]
مەن بۇ ئەسىرىڭزنىڭ ئىچىگىلا كىرىپ كەتكەنتىم .  مانا ئاخىرى داۋامىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم.
مەنمۇ  ئەسەرنىڭ ئاخىىرىنى تۈگۈتىۋېتىش ئۈچۈنلا يېزىلغاندەكلا ھىس قىپ قالدىم ،
تىخمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇشقا تىلەكداشىمەن
回复قايتۇرماEHSANIM[2010-05-30 00:56 AM | del]
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا بىريىل تەقەززا بولغانتىم ،ئىنشائاللا،بۇگۇن ئاخىرى ئوقۇپ تۈگەتتىم ،ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.