كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(1)
ئاپتور:erturk ۋاقتى:2009-04-26
1
ئاشخانا ئېچىپ قويغان بىلەن ئۇنىڭ دەردى بەش پاتمان، يەرلىك سودا-سانائەت كادىرلىرى، باجگىرلار، ساقچىلار پات-پات كىرىدۇ، بىكارلىق تاماق يەپ، پىۋا ئىچىپ، رەسمىيەتلەرنى قائىدە بويىچە بېجىرىپ، ئالىدىغىنىنى ئېلىپ، يەيدىغىنىنى يەپ كېتىدۇ. تاماق جوزىسىدا مەينەت-قاچا-قۇچا، سەي، ھاراق، كاۋاب زىخلىرى قالىدۇ. ئۇلار ھارامنى يېسىمۇ يېسە ياسىننى مۇشۇ شەھەردىن قوغلىۋەتمىسە، بولسا قوغداپ قالسا بولاتتى.
ئىلگىرى ئۇ بېيجىڭدا كاۋابچىلىق قىلغاندا گەرچە كۆپ پۇل تاپالمىسىمۇ چوڭ شەھەردە ياشىيالىغانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى، چىرايلىق خوتۇنى بىلەن ئوغلىمۇ ئوبدان ياشايتتى، ئۇ كۆپ پۇل تېپىپ، ئوغلىنى ياخشى يەسلىگە بېرىپ، ئۆرلەپ ئوقۇتۇشنى ئۈمىد قىلاتتى؛ ئەتىگەندىن كەچكىچە كاۋابقا زىخ ئۆتكۈزۈپ، ئاخشىمى يەنە ھېرىپ قالغىنىغا قارىماي ئۆزىنى رازى قىلىدىغان خوتۇنىغا قىممەت باھالىق ئۈزۈك ئېلىپ بېرىشنى ئويلايتتى.
ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىدىغان كاۋابچىلار، بازار ئوينايدىغانلار ئىچىدە توختىماي ئىش چىقىپلار تۇراتتى، بىرلىرى ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن تېپىشاتتى؛ بىرلىرى ساقچىغا تۇتۇلۇپ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كېتەتتى. بىرلىرى ئېتىلىپ، بىرلىرى پىچاق يەپ، يەنە بىرلىرى ئۆيىدە كۆمۈرگازىدا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتەتتى. ۋاقىتلىق ئەر-خوتۇن بولۇشقاننىڭ تويىغا ياكى بالىسىنىڭ سۈننەت تويىغا بېرىپ كەلگەن ياسىن بىرەر ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، بالىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلايتتى. بۇ ئىشلار قولى چاققان يانچۇقچىنىڭ ھەرىكىتىدەك شۇنچىلىك تېز يۈز بېرەتتىكى، بىر ئىشقا ھەيران قېلىپ بولغىچە ئۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق يەنە بىر ئىش يۈز بېرەتتى.
كۇلىغا چىققاننىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆپكىسى يوق دەپ ئويلايتتى ياسىن، يۇرتىدىكى ناھەقچىلىك ۋە نامراتلىققا چىدىماي، ئالە شەرىڭنى دەپ ئىچكىرىگە ماڭىدۇ؛ بارار جايىنى تاپقاندىن كېيىن پۇل تېپىشقا ئالدىرايدۇ، ئالدىرىمىسا جان باقالمايدۇ، بۆرىدەك بۆسكەك بولمىسا ئىتتەك خارلىنىدۇ. ئەتىگەندە بىرسىمۇ تۈزۈك ناشتا قىلماي، چۈشلۈك تاماق، كەچلىك ھاراق ئۈچۈن باغرى تاش شەھەرنىڭ قوينىغا شۇڭغۇيدۇ، نېسىۋىسىنى ھالالدىنمۇ، ھارامدىنمۇ تاپىدۇ. ئازراق پۇل تاپقانلار كەيپ-ساپاغا ئالدىرايدۇ، خوتۇن تېپىشقا، بۇرۇن قاندۇرالمىغان نەپسىنى قاندۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ، پۇلنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ئۆگىنىپ قالغانچە جاپالىق ئىشلەش خوشياقمايدۇ، ھالال ئىش-ھۈنەرنى تاشلاپ ھارام سودىغا كىرىشىپ قالىدۇ. ياسىن ئويلاپ باقتى: ئاخىرىدا توزۇپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى جاپالىق ئىشلەشكە تاقىتى يوق شاتراق گۇيلار، نەپسىنى يۈگەنلەشنى بىلمەي قالغان ئېشەك گۇيلار ئىكەن! ھەممىسى ھارامغا دۈم چۈشۈپ، پالاكەت بېسىپ تۈگەشتى... ھايۋانمۇ ئۆزىگە خىل كەلمەيدىغان نەرسىنى جىق يەۋالسا قارنى كۆپۈپ ئۆلىدۇ، ئادەممۇ شۇ... ھايۋان ئۆزىنىڭ نەپسىنى مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ، ئەمما ئادەمچۇ؟...
ياسىن ئۆز تۇرمۇشىدىن رازى ئىدى، ئەمما خاتىرجەم بولالمايتتى؛ مەھەللىسدىكى دېھقانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇ ئەركىن ئىدى، پۇلىمۇ بولدى، ئەمما پەقەت خاتىرجەم ئەمەس ئىدى، خاتىرجەملىكتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئويلىسا يۈرىكى سىقىلاتتى. ئۆزىدىن كۆرە خوتۇنى ۋە بالىسىدىن بەكرەك ئەنسىرەيتتى، بىر قېتىم ئۆزى يېقىن بىلگەن بىر ئاغىنىسى خوتۇنىغا چاقچاق قىلىپ، ئىشتىن چاتاق چىقارغىلى تاس قالدى، ياسىن ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كىرىپ قالمىغان بولسا قانلىق ۋەقە چىقىشى مۇمكىن ئىدى؛ بىر قېتىم بالىسى يېرىم كۈن يوقاپ كېتىپ، قوشنا خەنزۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن تېپىۋېلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا كاۋاپچىلىقنىڭ كاشىلىسى جىق ئىدى، شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى نەچچە قېتىم كاۋابدانلىرىنى ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى؛ قانۇنلۇق كاۋاب ساتاي دېسە، رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەيتتى؛ ساقچىلارمۇ پات-پات تىمىسقىلاپ كىرىپ، نوپۇس تەكشۈرۈپ ئاۋارە قىلاتتى، ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى بېجىرمىسەڭ بولمايدۇ دەيتتى، ئەمما بارسا بېجىرىپ بەرمەي ئاۋارە قىلاتتى. ئۇ بۇ شەھەردە قانۇنلۇق ۋە خاتىرجەم ياشاشقا شۇنچىلىك ئىنتىلسىمۇ، كاشال، دوقاللارغا تولا ئۈسۈپ ئاخىرى رايى يېنىپ كەتتى، بۇ قىسمەتنىڭ ئۆز پېشانىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. دېمىسىمۇ، ئۆز يۇرتىغا سىغمىغان ئادەم خەقنىڭ شەھرىگە سىغامتى؟ ئۇنى ئاز كەلدى دەپ يۇرتۋازلىقتىن شەكىللىنىپ قالغان كىچىك-كىچىك قارا گۇرۇھلار ئۇنىڭغا تەھدىت پەيدا قىلاتتى، ئۇ ھېچقايسىسىغا قېتىلماي مۇستەقىل ياشايمەن دېيەلمەيتتى، چوقۇم ئۇلار بىلەن ئارىلىشىشى، بىرەرخوجا ئاكىسىنىڭ پېشىنى تۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ بۇنى قەتئىي خالىمىغاچقا ئۇيغۇرلار كۆپ بارمايدىغان بىر رايونغا غىپپىدە كېلىپ، كاۋابچىلىقىنى قىلىۋەردى، ئەمما كۆڭلى يەنىلا دەككە-دۈككىدە ئىدى. ئۇ بېيجىڭغا دەسسىگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى، قانداق ئادەملىكىنى، خوتۇن-بالىسى بار-يوقلۇقىنى باشقىلار بىر-بىرىگە يەتكۈزۈپ بولاتتى؛ شۇندىن تارتىپ ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، قانچىلىك بىر ئىشلارنى قىلىپ كەتكەنلىكى ۋە قانچىلىك پۇل تاپقانلىقى ھەممىگە تەخمىنەن مەلۇم بولۇپ تۇراتتى؛ ئۇ ياشىسا ئۇنى ھەممىسى بار، پالانى يەردە كۆرگەن دەيتتى؛ ئۆلسە شۇ ھامان خەۋىرى ھەممىگە يەتكۈزۈلۈپ، نامىزى چۈشۈرۈلەتتى.
ياسىن جۈمە كۈنى دەم ئالاتتى، مەسچىتكە بېرىپ يۇيۇنۇۋالسا، جۈمە نامىزى ئوقۇۋالسا جېنى يايراپ كېتەتتى. بۇ كۈندە ياسىندەك ھالال ياشايدىغانلارمۇ، ھارامنى قىلىۋېرىپ جەھەننەمگە كېتىشكە ئاز قالغانلارمۇ بارلىق جىددىي ئىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، جۈمەگە كېلەتتى، نامازدىن تارىغاندا بىر-بىرىگە دىدار غەنىمەتتەك قارايتتى، ئاي-يىللاپ بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلەر كۆرۈشۈۋالاتتى. نامازدىن چىقىپ ھەر قايسىسى ئۆز يولىغا ماڭاتتى، قىلىدىغىنى قىلىۋېرەتتى، سەل ئىمان-ئىنساپى بارلىرى قولىنى يىغىۋالسىمۇ، كۆپ قىسمى "تىرىكچىلىك"ىنى قىلىۋېرەتتى. بۇ يەردە بىر كۈن ئۆتسە شۇ ھېساب ئىدى، ھېچكىم قېرىغىچە بەختلىك ياشاشقا كېپىللىك قىلالمايتتى، ئاق چېكىپ ئۆلگەنلەر يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلگەندەكلا ئۆلەتتى، ھېچكىم ھەيران قالمايتتى. بۇزۇق قىزلار يانچۇقچى، ئاقچىلارنىڭ خوتۇنىغا ئايلىناتتى، بۇنىڭغىمۇ ھېچكىم ئەجەبلەنمەيتتى، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئايرىلىپ كەتسە جاھاندا بۇنىڭدەك تەبىئىي ئىش بولمايتتى، ئەگەر ئىناق ئۆي تۇتۇپ كەتسە بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ، بېيجىڭدا ئولېمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا بارلىق كاۋابچىلار، ماتاڭچىلار، تېلېفونچىلار، دوللارچىلار، يانچۇقچىلار، پاھىشىلەر، تار كوچىغا كىچىككىنە ئاشخانا ئېچىۋالغان خوجايىنلار قاتتىق تەكشۈرۈلدى، كۆپ قىسمى سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان، رەسمىيتى تولۇق ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن پايتەختتىن، مەركەزدىن ھەيدەلدى. شۇ قاتاردا ياسىنمۇ كۈدە-كۆرپىسىنى يۈدۈپ، تاپقان-تەرگىنىنى بانكا كارتىغا ئۆتكۈزۈپ، خېبېينىڭ بېيجىڭغا يېقىن بىر ناھىيىسىگە كەلدى، بۇ ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئاچقان بۇرادىرى ئۇنىڭغا ئاشخانىسىنى ساتماقچى بولۇپ تېلېفون قىلغانىدى، كېلىپ كۆرۈپ باق دېگەنىدى. ياسىن كېلىپ كۆردى، ئورنى خېلى ئاۋات يەردە ئىدى، ئالدىدا قاتار كەتكەن ساتراچخانىلارنىڭ پىقىرىغۇچلىرى ئايلىنىپ تۇراتتى، ئىشىك ئالدىدا يوتىلىرى ئوچۇق تەتەي قىزلار كۆز قىسىپ قاراپ تۇراتتى. ياسىن باھادا كېلىشىۋالغاندىن كېيىن ئاشخانىنى تەۋەككۇل دەپ ئالدى، ئاشپەزلەر بۇرۇنقىدەك ئىشلەۋېرىدىغان بولدى. بۇرادىرى شىنجاڭغا مېڭىپ بولغىچە ئۇ ئاشخانىنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ، ئىچىنى ئازراقلا بېزەپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئازراق نەزىر بېرىپ، ئاشخانىسىنى ئېچىۋالدى، ئەر-خوتۇن سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ ئىشلەپ، بىر ئايدىن كېيىن ئاشخانىسىنى ئوبدانلا ماڭدۇرۇۋالدى.
ياسىن ھەر كۈنى كەچتە خوتۇنى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۈندىلىك ھېساباتىنى قىلىپ، تاپقان پايدىسىدىن رازى بولۇپ خۇداغا شۈكرى قىلاتتى، ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك بولاتتى. ئۇلار ئوغلىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقاندىن كېيىن ئەتىدىكى ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ ئۇخلاپ قالاتتى. بىر كۈنلۈك جاپادىن كېيىن كېلىدىغان كېچىلىك راھەت ئۇلارنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرەتتى. ياسىن خوتۇنى ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ياشلىق باھارى جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايىغا، پەستىكى گىلەمدە ئۇخلاۋاتقان ئوماق ئوغلىغا قاراپ، " بۇ جىگەر پارىلىرىمگە كۆز تەگىمىگەي" دەپ خۇدادىن تىلەيتتى؛ ئوغلى تېپىپ ئېچىۋەتكەن يوتقاننى ئۈستىگە يېپىپ قوياتتى، خوتۇنىنىڭ يېنىغا كىرىپ ياتقاندىن كېيىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ، ھىدىنى پۇراپ ئىختىيارسىز سۆيۈپ كېتەتتى.
بىر كۈنى كەچتە ئۇلار بالىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىناق سۆھبەتلىرىنى باشلىدى.
__ بۇ گۇي ئەجەپ تېز يوغىناپ كەتتى، يەسلىگە بېرىدىغان ئىش ئىدى،_دېدى ياسىن پەستە ياتقان ئوغلىغا زوقلىنىپ قاراپ قويۇپ.
__ يەسلىگە ئالارمۇ؟ نوپۇسى يوق دەپ تۇرۇۋالامىكىن دەيمەن.
__ جاجىسى پۇل، بۇ گۇيلار پۇلنىلا تونۇيدۇ.
__ جىقراق پۇل كەتسىمۇ مەيلى ئىدى، ئوقۇۋالسا...
__ ئەسلىدە بېيجىڭدا ئوقۇتالىغان بولساق ئوبدان بولاتتى، بۇ يەردە نېمە ئوقار دەيمەن..._ دېدى ياسىن كۆڭۈلسىز ھالدا.
__ ئوخشاش ئوقۇيدىغاندۇ، خەت تونۇۋالسا بولدى.
__ خەتنىغۇ تونۇيدۇ، مەن ئۇنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئوقۇتاي دېگەن.
__ بېيجىڭدا تۇرالمىدۇق، بولمىسا...
__ بۇ يەردە بىر نەچچە يىل ئوقەت قىلىپ پۇل تېپىۋالغاندىن كېيىن بېيجىڭغا ھامان بارىمىز، بالىنى ئوقۇتىمىز.
__ بولارمۇ سىزنىڭچە، چوڭ شەھەردە ياشىساققۇ ياخشى، لېكىن ئادەم پەقەت خاتىرجەم بولالمايدىكەن.
__ بۇ يەرنى تىنچ دەمسەن، نەگىلا بارساق بىزگە خاتىرجەملىك يوق. بىرلا ئامال پۇل تېپىش، پۇللا تاپساق خاتىرجەم بولىمىز، بالىنى ئوقۇتالايمىز،__ دېدى ياسىن ئاندىن ياستۇققا يۆلىنىپ تاماكىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
__ بىرەر قېتىم بولسىمۇ چەكمەي ئۇخلىمايسىز __ دېدى خوتۇنى ئۇھ تارتىپ،__ ماڭىغۇ مەيلى، بالىغا زىيان قىلامدىكىن دەيمەن..
__ مۇشۇ بىرنىلا چېكىپ چەكمەي...
__ ئۇ شۇنچە خۇمارى كۈچلۈك نەرسىمىدۇ دەيمەن، بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مېنىمۇ شۇ تاماكىدەك دائىم سېغىنىپ تۇرسىڭىز... مېنىڭ خۇمارىم ئۇنىڭغا يەتمەمدۇ يا!
ياسىن خوتۇنىنىڭ چىرايلىق دومسىيىشلىرىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى:
__ ئىككىسى ئوخشىمايدۇ، ئاچچىقسۇ بىلەن لازا ئوخشامدۇ؟
__ مۇشۇ تاماكا ئاخىرى بېرىپ ئاق تاماكىغا ئايلىنىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن...
__ نەچچە دېدىم ساڭا، مېنى ئۇنداق نىجىسقا يېقىن كېلىدۇ دەپ ئويلىما، يېنىمدا خوتۇن-بالاملا بولسا ماڭا جاھاندا ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسە يوق.
__ ئەمدى دەيمەن، شۇ نەرسىگە ئۆگىنىپ قالغان ئادەم ھەممىدىن كېچىپ كېتىمىش، ھەتتا ئۆزىنىڭ جېنىدىن...
__ خۇدا ساقلىسۇن، مۇشۇ كەمگىچە پاكىز ياشاپ كەلدۇق. مەن ئىش كۆرمىگەن ئادەم ئەمەس، ئاشۇ گۇيلارنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى جىق كۆرۈپ كەتتىم، ئويلىسام قورقىمەن.
__ ئاشۇنداق قورقۇپ تۇرۇڭ، بولمىسا قىزىقىپ كېتىسىز...__ دېدى خوتۇنى ئۇنىڭغا چىرمىشىپ__ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقىمەن...
ياسىن خوتۇنىنى باغرىغا بېسىپ:
__ ئەنسىرىمە، جاھاندا سەندىنمۇ ئېسىل نەرسە بار دېسە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، سەندىن ئايرىلغان كۈنى مەنمۇ بۇ دۇنيادا يوق...-دېدى.
خوتۇنى كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ياسىننىڭ تۈكلۈك مەيدىسىگە بېشىنى قويدى، ئەتە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر كۈن بولسىمۇ ئېرىنىڭ قوينىدا ياتسا بەخت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ.
ياسىن بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ بالىسىنى بىر شەخسىي يەسلىگە بەردى، كۈندە سائەت 8 گە ئۈلگۈرۈپ بالىسىنى توكلۇق موتوغا مىندۈرۈپ يەسلىگە ئاپىراتتى، ئاندىن تونۇش خۇيزۇ قاسساپتىن گۆش ئېلىپ قايتاتتى، كېيىنچە تىجارەت ياخشىلانغانچە گۆشلەر يېتىشمەي قالدى؛ خۇيزۇ قاسساپمۇ بېيىغاندىن كېيىن ماشىنا ئېلىپ، بىر نەچچە قوينىڭ گۆشىنى ئۆزى ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى.
ياسىننىڭ بۇ كىچىككىنە ئاشخانىسىنىڭ سودىسى ئاساسەن كاۋاب بىلەن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ياز كىرىشى بىلەن بۇ يەردىكى خەقلەر قىززىق كاۋاب يەپ، مۇزدەك پىۋا ئىچەتتى؛ بۆرەك كاۋابنىڭ باھاسىنى ياسىن بىر نەچچە كوي ئۆستۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ھېچكىم غىڭ قىلماي تىلىنى تامشىتىپ يەۋەردى.
بۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ساتراشخانىلارنىڭ بىرىدە ئىشلەيدىغان بىر سەتەڭ كۈندە كەچتە دېگۈدەك بۆرەك كاۋاب يەپ پىۋا ئىچەتتى، يالغۇ كېلىپ يالغۇز كېتەتتى؛ ئۇ ئىچىپ تەڭشىلىپ قالغاندا بىر نەچچە قېتىم ياسىنغا سۈركىلىپ "بۆرىكىڭنى ئۆستۈرۈۋاپسەن، مېنى يېمسىۇن دەمسەن، باھاسىنى ماڭىلا چۈشۈرۈپ بەر" دەپ غىلجىڭلاپ تۇرۇۋالدى. ياسىن ئۇنى ئۇدۇل قوشنا ھېسابلاپ ماقۇل دېدى. سەتەڭ ناھايىتى خوش بولۇپ: " لاۋ داگې، نى تەي شۈەي لا" (ئاكا، سەن قالتىس جۇمۇ) دەپ ئەركىلەپ قويدى.
ياسىن پۇل تاپقانچە ئۆزىنى راستىنلا لاۋبەن بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى، ئۆيىدە خوتۇنى، ئاشخانىدا بولسا ئىشلەمچىلەر ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتتى، خوجايىنلىق ھۇزۇرىنى قايسى ئەر ياخشى كۆرمىسۇن؟! ئەمما غوجامنىڭ غوجاكىسى بار دېگەندەك، بىر كۈنى ناھايىتى بەستلىك، ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك كاستۇم بۇرۇلكا، كۆزىگە قارا جەمئىيەتنىڭ كاتىۋېىشىدەك كۆزەينەك تاقىغان بىرسى ئاق چېكىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئىككى ئەرۋاھنى باشلاپ ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ كەلدى. ياسىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشتى. "قارا كۆزەينەك" ئاشخانىنىڭ تۆت تېمىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن دېرىزە تەرەپتىكى بىر جوزىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئاندىن كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ ياسىنغا قارىدى. ياسىن ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەكمۇ قىلمايتتى. بۇ چەت يەردە بۇنداق ئۇيغۇرنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئەسلا ئويلىمىغانىدى. ئۇنىڭ نېمە غەرەزدە كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي، ئاللىقانداق خىياللارنى سۈرۈپ تۇرۇپ قالدى.
__ بۇ ئاشخانىنى ئوبدان ئېچىۋاپسەن، مۇبارەك بولسۇن...__ دېدى "قارا كۆزەينەك" غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا،__ نەزىرگە بىزنى چاقىرماپسەن، بولمىسا بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەستۇق.
__ ھە ئۇقماي قاپتۇق،__ دېدى ياسىن ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيغاچ،__ نەزىر دېگۈدەك چوڭ نەزىرمۇ قىلمىغان، ئەتراپتىكى ئۇيغۇلارلا كەلگەن... ئۇ چاغدا يېڭى كەلگەندىكىن جىق ئادەمنى بىلمەيتتۇق، ئۇققان بولساق ئەلۋەتتە چاقىراتتۇق.
__ چاقىرمىساڭمۇ ئۆزىمىز كەلدۇق، چۈپەيلىك قىلماي ياخشى كۈت، سەن بىزنى توخۇ ئۆلتۈرۈپ مېھمان قىلساڭ، بىز سېنى قوي سويۇپ مېھمان قىلىمىز.
__ ئەلۋەتتە، سىلەردەك مېھمانلارنىڭ خىزمىتىدە بولمىساق بولماس.
"قارا كۆزەينەك" يېنىدىكى ئاۋاققا بۇيرۇق قىلدى:
__ مېنى بۇ ئىنىمىزگە تونۇشتۇرۇپ قوي!
__ ھە بۇ ئاكىمىز غېنى شاڭجاڭ بولىدۇ، مۇشۇ يەرنىڭ لاۋداسى...
ياسىن "لاۋدا" دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئەرۋاھى ئۇچتى، غېنى شاڭجاڭغا قايتىدىن نەزەر سالدى، بىر قارىسا ئۇ راستىنلا شۇنداق كۆرۈنەتتى، بىر قارىسا شۇنداق بولۇۋالغان پور كۆتەكتەك قىلاتتى. ياسىن ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان بىلەن لاۋدالىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدى ھەم بۇ يەردە ئۇنداق بىر ئادەم بولىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغانىدى.
ياسىن ھەر قانچە قىلسىمۇ چىرايىغا خۇشامەت كۈلكىسى يۈگۈرتەلمەي:
__ غېنىكامنى نەچچە ۋاقىتتىن ئۇقماي يۈرۈپتۇق-دە! __ دەپ قويدى.
__ بۇ يەردە "ئەي شاڭجاڭ" دېسە بىلمەيدىغان ئادەم يوق، ساقچىلارمۇ ياخشى تونۇيدۇ...__ دېدى يەنە بىر ئاۋاق،__ سېنىڭ بىلمىگىنىڭ قىززىق!
__ ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن گەپ، توغرا چۈشىنىمىز،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ،__ ئاڭلاپ تۇردۇق، سوداڭ ياخشىكەن ، بالاڭنى يەسلىگە بېرىپسسەن، بۇ يەردە ھېچكىم تېخى ئۇنداق قىلىپ باقمىغان.
__ شۇ بالىنى بىر ئوقۇتۇپ قويىلى دەپ قالدۇق، ئۆيدە قويساق بوسۇققا چىچىپ ئولتۇرىدىكەن، بىر ئادەم مەخسۇس قارىمىسا بولمايدىكەن...
بۇ گەپلەر قۇلىقىغا كىرمىگەن ياسىن شاڭجاڭ:
__ ئاشخاناڭدا چىرايلىق تومۇچۇقلار يوقمۇ؟ مۇنەك تازلارنىڭ ھەممىسىنى ھوشۇقتەك يىغىۋالدىڭمۇ نېمە؟__ دېدى خىرىلداپ كۈلۈپ، ئىككى ئاۋاق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قەستەن كۈلۈشتى.
__ بۇ يەر پۇت يۇيىدىغان ساتراشخانا بولمىغاندىكىن ئەكىرمىدۇق.
__ بۇ گېپىڭ بولمىدى، سەن سودا قىلىشنى بىلمەيدىكەنسەن _ دېدى غېنى شاڭجاڭ قولىنى سىلكىپ،__ بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كىرگەنلەر قارنى ئاچ قېلىپلا كىرمەيدۇ، شىنجاڭلىق قىزلارنى كۆرگىلى كىرىدۇ، كۈتكۈچىلىرىڭ چىرايلىق بولسا خېرىدارىڭمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سەت تازلىرىڭنى گۇندىپايدەك قارىتىپ قويساڭ، ئەتە-ئۆگۈن ئاشخاناڭغا ھېچكىم كىرمەيدۇ، كىرگەن خەقمۇ يېگەن تامىقىنى ياندۇرۇۋېتىپ چىقىپ كېتىدۇ...
يەنە سەت كۈلۈشمەك بولدى، ياسىننىڭ ئاچچىقى كەلدى، ئەمما چاندۇرمىدى. ئالدىراپ كەتسە بولمايتتى، كۇلىغا چىققان ھولولۇپلار ئۆپكىسى يوقلۇقىدىن زىيان تارتىپلا كېلىۋاتاتتى، ھەممىگە سەۋر-تاقەت، چىدام-غەيرەت كېرەك ئىدى.
شۇ ئەسنادا ياسىننىڭ خوتۇنى ئاشخانىغا كىرىپ يېڭىدىن بىكار بولغان جوزىلاردىكى قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە ماڭدى.
كۈلكىسى بېسىقمىغان غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپ قالدى.
__ پەرىزاتتەك بىرسى بار ئىكەنغۇ ئەنە...
__ كىمنى دەيسىز ئاكا؟__ دېدى باشقا ياققا قاراپ خىيالىي ئولتۇرغان ئاۋاق.
__ بايا كىرىپ كەتكەن قىزچۇ؟ __ دېدى ياسىن شاڭجاڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، __ خوتۇنۇڭ ئەمەستۇ-ھە!
__ ئون يىللىق خوتۇنۇم،__ دېدى ياسىن قاپىقىنى تۈرۈپ.
غېنى شاڭجاڭ جىمىپ قالدى، گۆشنى كۆرگەن تەمەخور مۈشۈكتەك يالتىراپ كەتكەن كۆزلىرى خىرەلەشتى.
__ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، ئون يىللىق چوكىنىڭ 20 ياشلىق قىزدەكلا تۇرىدىغۇ؟! يەسلىدىكى بالاڭنى مۇشۇ قىز تۇغقانما؟
ياسىن ئۆزىنى تەستە تۇتۇپ ئولتۇردى، جوزىدىكى پىۋا بوتۇلكىسىغا قاراپ-قاراپ قويدى.
غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى پەملەپ بولدى، تۇخۇمنى چېكىپ باقىمەن دەپ چېقىپ قويسا بولمايتتى.
__ ئارتۇق ئويلاپ كەتمە ئۇكا،__ دېدى ئۇ ئاۋازىغا سالماق تۈس بېرىپ،__ چاقچاقمۇ قىلىشتۇق. سېنى كۆرمەستىلا خوتۇنۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغان، ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن. چىرايلىق بولۇش ئەيب ئەمەسقۇ-ھە؟ پەخىرلىنىش كېرەك. مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن ئۇكا. بىزنى دېسەڭ، خوتۇن-قىزلارغا كۆز-قارنىمىز توق، ھازىرمۇ ئۈچ خوتۇنۇم بار، بىر-بىرىدىن چىرايلىق، بىرى قانۇنلۇق، ئىككىسى مەخپىي. ئاشخانامدىمۇ چىرايلىق قىزلار ئىشلەيدۇ، ھەممىسىنى مىللىيچە ياساندۇرۇپ قويدۇق، خېرىدارلار ئارىسىدا كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ كاساپەتلەر، سوداممۇ شۇنىڭدىن بېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. ياخشى كۆڭلۈم بىلەن دەۋاتىمەن، ئەگەر سەندە قىزلار كەم بولسا، مەن بېرىپ تۇراي. مېنى ئاكا دەمسەن، لاۋدا دەمسەن، چاتىقىم يوق، ئەمما ئارىلشىپ ئۆتەيلى، قانداق دېدىم؟
ياسىن بۇ گەپلەردىن ئويلىنىپ قالدى، ئاچچىقىدىن ياندى. ئەر خەقنىڭ يات خوتۇنلارغا قىزىقىشى تەبىئىي ئىش؛ ئۇ نېمىدىن ئەنسىرەيتتى؟ پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەر تۇرۇپ خوتۇنىنى قوغدىيالمامتى؟ ئەڭ يامىنى، ئىچىدىكى دېمەيدىغان، ئىچ سىرىنى ئۇققىلى بولمايدىغان ناچار ئوغرىلار . غېنى شاڭجاڭ نەپسى يامان كۆرۈنگەن بىلەن، ئىچىدە نېمە بولسا شۇنى دەيدىكەن؛ ھەددىدىن بەك ئېشىپمۇ كەتمىدى، ئاقسالىق ياكى زوتالىق قىلمىدى. ئارىلىشىپ ئۆتىلى دېگەننىڭ يامىنى يوق. ئۆزىنى چىڭ تۇتسا ئوغرىمۇ ھېچنېمە قىلالمايدۇ، قورغاننى چىڭ ساقلىسا دۈشمەن بۆسۈپ كىرەلمەيدۇ.
__ بولىدۇ، ئارىلىشىپ ئۆتەيلى، كۇلچىلىقتا يالغۇز ئۆتكىلى بولمايدۇ __ دېدى ياسىن.
__ ما گېپىڭ جايىدا، بىزمۇ ئادەملەرنىڭ ئادىمىنى تېپىپ ئارىلىشىمىز ئۇكا، كەلسە-كەلمەس گۇيلارنى يېقىن يولاتمايمىز.
جوزىغا ئارقا-ئارقىدىن سەيلەر چىقىشقا باشلىدى، ھاراقلار قۇيۇلدى، ياسىن ئاق ھاراق ئىچمەي، ئازراق پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇشۇپ بەردى.
ئۇلار تاغدىن – باغدىن پاراڭ سېلىشىپ بىر نەچچە سائەتنى ئۆتكۈزدى، غېنى شاڭجاڭ پات-پات جىمىپ قالاتتى، ئاخىرىدا ئۇ ئۇزاق ئولتۇرۇشقا تاقەت قىلالماي گەپنى ئۈزدى:
__ گەپنى ئەمدى توختىتايلى، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ، بۇ ئىنىمىزنى ھېلىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلىپ كەتتۇق، ئەمدى ماڭايلى...
__ بىر دەم ئولتۇرۇپ ماڭساڭلارمۇ بولاتتى،__ دېدى ياسىن بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ.
__ يەنە كېلەرمىز، ئۇنداق قىلماي ئايالىڭنى ئېلىپ بىز تەرەپكىمۇ ئۆت، ئۆيدە مېھمان قىلىمەن؛ ئۇنتۇپ قالما، بىرەر ئىش بولسا تېلېفون قىل، قىزلارنىڭ ئىشىنى ئوبدان ئويلىنىپ باق. سېنىڭ ئىشىم مېنىڭ ئىشىم، ئاكاڭدەك كۆرسەڭ بولىدۇ بىزنى...
ياسىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش: ئىلقۇت، ئەرتۈرك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما

مەن ھازىر (زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز) نى ئوقۇۋاتقان.
مىنىڭ (كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى) نى دىگەننى چۇشۇرۈپ ئوقۇغۇم باتتى.