كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(19)
ئاپتور:erturk ۋاقتى:2009-04-28
19
ئاخشىمى سائەت ئون بولا-بولمايلا ئاشخانىغا كېلىدىغان خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلدى، ساۋۇت ياتىقىغا خۇپتەن ئوقۇغىلى كىرىپ كەتتى، ھاشىم قازىنىنى دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇپ، دېرىزگە تۈۋىگە كېلىپ تاماكا چېكىپ ئاشخانىنى ئىسلاشقا باشلىدى. ئۆمەر بەش مىنۇت ئىلگىرى تورخانىغا كىرىپ كەتكەن بولۇپ، بىر دەم ئويۇن ئويناپ بېقىپ زېرىكىپ، سېرىق تور بەتلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدى. مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ بىر سائەتتىن ئارتۇق كۆرۈۋەتتى، كۆزلىرى پارقىراپ، يۈرەكلىرى ئاغرىپ، پاچاقلىرى تىترەشكە باشلىدى، چىداپ ئولتۇرۇشقا تاقىتى يەتمىدى، پۇلنى تۆلەپ تورخانىدىن چىقىپلا ساتراشخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى؛ يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ، ھەۋىسى چىڭقىلىپ، پۇتىنى بىرسى شۇ يەرگە مىقلىۋەتكەندەك تۇرۇپ قالدى، ئەتراپىغا قارىدى، ئاشخانىدا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى، قاتار كەتكەن ساتراشخانىلارنىڭ ئىشرەت چىراغلىرى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلاتتى. ئۇ قاراڭغۇلۇق قوينىدا ئەركىنلىككە چىققاندەك يايراپ، تېز قەدەملەر بىلەن ئالدىغا ماڭغاچ ساتراشخانىلارنىڭ ئىچىگە قارىدى، يوتىسىنى ئېچىپ قويۇپ تالاغا قاراپ ئولتۇرغان سەتەڭلەرگە قاراپ تۈكۈرۈكىنى يۇتۇپ، ئەسەبىي خىياللارنى سۈرۈپ، ئۆزى باشتا مىخلىنىپ قالغان يەرگە كېلىپ توختىدى، لاۋبەن سەتەڭنىڭ دۇكىنىغا چەكچىيىپ قارىدى، دائىم ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرۇۋالىدىغان قاپىقى يامان سەتەڭ قولىدىكى تېلېفوننى ئويناپ ئولتۇراتتى. ھاشىم بۇ سەتەڭنى ئۆمەرگە نەچچە قېتىم تىللاپ بەرگەن بولۇپ، « بىر كۈنى ئەمەس، بىر كۈنى ئوينىۋېتىمەن» دەپ پو ئېتىپ يۈرەتتى. ئۆمەر كەلگەندىن بېرى قاراپ تويمىغان، شۆلگىيىنى يۇتۇپ ھالى قالمىغان دۇكان مۇشۇ ئەمەسمۇ، چوپچوڭ ئوغۇل بالا تۇرۇپ نېمىدىن قورقاتتى، ئوينايدىغان سەتەڭدىنمۇ قورققان بارمۇ، يەنە كېلىپ كۈندە ئۇدۇل قارىشىپ تۇرىدىغان قوشنىلارغۇ، پۇلدا نېرى بېرى كەتسىمۇ كارى چاغلىق، ئىچىدە نېمە بار، ھەممىنى كۆرۈپ كۆزى ئېچىلسا قايتىپ چىقىپ ھاشىمغا ماختىنىپ بېرىدۇ...
ئۇ ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغان پەرۋانىدەك تەلۋىلىك بىلەن ساتراشخانىغا شۇڭغۇپ كىردى، ئىشىك تۈۋىدىكى سەتەڭ ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى كىرىشىنى بىلىدىغاندەك سوغۇققانلىق بىلەن ئورنىدىن قوپقاندا ئۇنىڭ يۈرىكى بايا سىرتتا تۇرغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك سوقۇپ كەتتى، سافادا ئولتۇرۇپ قەرت ئويناۋاتقان، تاماكا چېكىۋاتقان سەتەڭلەرگە قارىدى ۋە تەسەۋۋۇرىدا ئۇلارنى سېرىق تور بەتلىرىدىكى قىپيالىڭاچ رەسۋالارغا ئوخشاتتى.
__ نېمە قىلاي دەيسەن؟
__ كەي فاڭجەن...__ دېدى ئۇ ھاشىمدىن ئاڭلىۋالغان بويىچە.
غور قاپاق سەتەڭ ئۇنىڭ ئۆسۈپ كىرلىشىپ كەتكەن چېچىغا قاراپ، مەنسىتمىگەندەك قاراپ قويدى:
__ ئەنمو قىلدۇرىسەن، شۇنداقمۇ؟
ئۆمەر "ئەنمو" دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئىشنىڭ بېشى مۇشۇ دەپ ئويلاپ بېشىنى لىڭشىتتى.
__ شياۋ مېي، سەن بۇنى باشلاپ كىر.
غور قاپاق سەتەڭ ئۆمەرنى كىچىك كۆردىمۇ، ئەيتاۋۇر، يېشى كىچىكرەك كۆرۈنىدىغان بىر قىزنى ئۇنىڭغا بۇيرۇپ قويدى. ئۆمەر ئۇ قىزنىڭ كەينىدىن توشقاننى قوغلاۋاتقان تايغاندەك شاشلىشىپ، قىن-قىنىغا سىغماي ماڭدى. ئايرىم ياتاقنى كۆردى، مەينەت كارىۋاتقا چىقتى، پاكىنەك قىز ئۇنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ پۇت-قوللىرىنى مۇجۇپ تۇتۇشقا باشلىدى، ئۆمەر بۇنىڭغا چىدىماي قىزغا ئېسىلىدى، قىز بەش بارمىقىنى چىقاردى. ئۆمەر بۇ چاغدا ئەسەبىيلىكتە چېكىگە يەتكەن بولۇپ، 500 كويمۇ، 50 كويمۇ، يا 5 كويمۇ چاتىقى بولمىدى، "شىڭ" دەپلا قىزنى پوكانغا باستى...
ئون مىنۇتلاردىن كېيىن ئايرىمخانىدىن پوچىلىق ۋە دەككە-دۈككىدە چىققان ئۆمەر يانچۇقىدىكى 20 كوينى چىقىرىشىغا غور قاپاق سەتەڭ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدى، شياۋ مېيغا بۇرۇلۇپ:
__ نەچچە پۇلدىن دېيىشكەن؟__ دېۋىدى، ئۆمەرنىڭ قولىدىكى پۇلغا قاراپ غەزەبلىنىپ تۇرغان قىز:
__ 500 كويغا دېيىشكەن، كىمنى ئەخمەق قىلىدۇ بۇ نېمە! ئۆزەڭ نېمە دېگەن، بولىدۇ دېگەنغۇ، قېنى پۇل، چىقارمامسەن؟__ دەپ ئۆمەرنىڭ كۆزىگە كىرىپلىۋالدى.
__ پۇلنى چىقار، بىزنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭسەن؟ __ دېدى غور قاپاق سەتەڭ ھازىرلا ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىدىغاندەك يامان ئەلپازدا،__ 20 كويۇڭغا ما قاسماق چېچىڭنى ياساتساڭ بولمامدۇ!
ئۆمەر بۇ ئىككى سەتەڭنىڭ بىر دەمدە ئالۋاستىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۆتۆتلەپ، ئىنجىقلاپ تالاغا قارىدى، ئاشخانىدا ھاشىمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، ئۇ بولغان تەقدىردىمۇ بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرالامتى؟ قۇتۇلۇشقا ھېچ چارە تاپالمىغان ئۆمەر قولىنى ئاشخانا تەرەپكە جۆنۈپ ئالاقزادىلىك بىلەن "مىڭتيەن گېي، مىڭتيەن گېي" دېدى. ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك ھودۇقۇپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقىنىنى كۆرگەن سەتەڭلەر بۇ پۇلنى ئەتە ھەرگىز ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، تېخىمۇ چىڭ تۇرۇۋېلىشتى:
__ ھازىر بېرىسەن، پۇلنى چىقار...
__ ۋو مەي چيەن..
__ پۇلۇڭ بولمىسا نېمە دەپ كىرىسەن، بىزنى شاپاقچى كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟ ___ دېدى غور قاپاق سەتەڭ لاغىلداپ تىترەۋاتقان ئۆمەرنى سىلكىشلەپ، ئاندىن شياۋمېيغا بۇرۇلۇپ قاتتىق تەگدى __ سەنمۇ نېمە دەپ ئاۋۋال پۇلنى ئېلىپ بىر ئىش قىلمايسەن؟
__ ئۆزى بېرىمەن... دېگەن...
__ نېمىسىنى بېرىدۇ، بىر نېمىسىنى ئوبدان بەرگەندۇ تازا، سېنى كىم بۇ چۈپرەندىگە يېتىپ بەر دېدى؟! ئال ئۆزەڭ ئەمدى بۇ ئوغرىدىن پۇلۇڭنى، نېمە قىلساڭ قىل، مېنىڭ كارىم يوق.
شياۋ مېي بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مەھكەم ئېسىلدى. ئۆمەر ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك پۇلاڭلاپ، تۆت تەرەپكە چارىسىز، ئۈمىدسىز قارايتتى. لاۋبەن سەتەڭ بولغان بولسا بەلكىم بۇنداق بولمايتتى، چۈنكى ئۇ ئۆمەرگە يېقىملىق، مەرت كۆرۈنىدىغان تەتەيخان ئىدى، ھاشىمغا بىكارلىق مۇلازىمەت قىلغاندىكىن ئۆمەرگىمۇ ئوڭ كۆزىدە قارىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇنىڭ يوقلۇقىدىن ئۆمەر بۇ پېشكەللىككە ئۇچرىدى... پۇلنى ئالىدىغان ئادەم شۇ لاۋبەن سەتەڭ تۇرسا بۇلار نېمە دەپ ھەددىدىن ئاشىدۇ؟ پۇلنى ئەتە بېرەي دېسىمۇ نېمىشقا ئۇنىمايدۇ؟ باياتىن يولۋاستەك كۈچلىنىپ كەتكەن ئوغۇل بالا مانا ئەمدى سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك شۈمشىيىپ بۇلارنىڭ تايىقىنى يەمدۇ؟... يۇۋاشلىق بىلەن بۇنداق تۇرىۋەرسە بۇ يەردىن ھەرگىز چىقالمايدۇ...
ئەتراپىدىكى سېرىق چاچلاردىن قورققانسېرى مۇشتۇمى تۈگۈلۈپ كەتكەن ئۆمەر پاكىنەك قىزنى بىر ئىتتىرىۋىدى، ئۇ داق يەرگە قوڭچىلاپ چۈشتى. سېرىق چاچلار چۇقىرىشىپ، ئوپۇر-توپۇر بېرىپ ئۇنى يۆلەشتى. ئۆمەرنىڭ جان-پېنى چىقىپ، تالاغا قېچىپ ماڭغاندا غور قاپاق سەتەڭ ئالدىنى توسۇۋالدى. قورقۇپ ئېلىشىپ قالغان ئۆمەر بارلىق ئاچچىقىنى ئۇ سەتەڭدىن ئالماقچى بولغاندەك غەزەپ بىلەن بېرىپ چاترىقىغا بىرنى تەپتى، ئاندىن ئىشىك تۈۋىدىكى ئورۇندۇقنى قولىغا ئېلىۋېلىپ ھەيۋە قىلدى. غور قاپاق سەتەڭ چۆچۈپ كەينىگە داجىدى، قالغانلىرىمۇ يېقىن كېلەلمىدى. ئۆمەر ئورۇندۇقنى تاشلاپ، ئىشىكنى ئېچىپ تالاغا چىقىۋالدى، ئاشخانىغا كىرىپ ئىچىدىن تاقىۋالدى، ياتىقىغا كىرىپ يېتىۋالدى، ئەمما ئىچ-ئىچىدىن لاغىلداپ تىترەيتتى...
ياسىن بۇ ئاخشىمى غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىدا ئىچىپ ئولتۇراتتى. بۇ يەردە غېنى شاڭجاڭدىن باشقا يەنە ئۇ تۇنجى قېتىم ياسىننىڭ ئاشخانىسىغا بارغاندا بىللە باشلاپ ئاپارغان ئىككى ئاۋاق بار ئىدى. بىرسى غېنى شاڭجاڭنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى پەرھات، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئاغىنىسى بولۇپ، ئارىلىقتا يوقاپ كېتىشكەنىدى، غېنى شاڭجاڭ ئۇلارنى بېيجىڭغا كەتتى دېگەن، مانا بۈگۈن ئۇلار قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى ھاراق شۇلارنىڭ شەرىپىگە ئىچىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، غېنى شاڭجاڭ دېمىگەندىكىن ياسىنمۇ كوچىلاپ سورىمىغانىدى، ئەمما ئۇلار مەيلى نېمە ئىش قىلسا قىلسۇن، ئەبگالىقى شۇ پېتى ئىدى، چېكىشنى تېخى تاشلىمىغاندەك قىلاتتى.
__ سەمرىپ قاپسەن جۇمۇ ،__ دېدى پەرھات ياسىنغا قاراپ تاماكىسىنى پۈۋلەپ، كۆزىنى قىسىپ،__ لاۋبەنلىك رەسمى يارىشىپتۇ ساڭا.
__ نەدىكى لاۋبەننى دەيسەن، لاۋبەن دېگەن مانا، ئىككى ئۈچ يەردە ئۆيى بار، تۆت-بەش قۇچاق خوتۇنى بار مۇنداق ئادەمنى لاۋبەن دەيمىز،__ دېدى ياسىن غېنى شاڭجاڭغا قاراپ كالچىيىپ.
__ سېنىڭمۇ بوپ قالىدۇ، شۇنىڭغا ئاز قالدىڭ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ،__ مەندەك لاۋبەن بولغىچە مەنچىلىك قېرىپ كەتمەيسەن.
__ ئاڭلىسام ئىككى خوتۇن ئېلىۋاپسەن،__ دېدى پەرھات ھاراق قۇيغاچ،__ تەرەققىياتلار زور ئىكەن...
__ خاتا گەپ قىلدىڭ ئۇكا، بۇرۇن بىرسى بار ئىدى،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ، __ كۆرمىگەنمۇ ھېلىقى چاغدا ئوتقاشتەك چوكاننى...
__ ھە... كۆرگەن، ئېسىمگە كەلدى.
__ ئالامەت چوكان دەيمەن، خوتۇن بولا شۇنداق بولا...
__ گېپىڭ باشقىچىلىغۇ ئاكا، خەقنىڭ خوتۇنىغا كۆز سالما جۇمۇ...
__ بىر خوتۇننىڭ چىرايىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈنمۇ ئېرىدىن رۇخسەت ئېلىش كېرەكمىكەن؟ مەن باشقا ئىش قىلىمەن دېدىممۇ؟ ئىنىمىز ياسىن مېنى ئوبدان بىلىدۇ، مەن ئەزەلدىن كىشىنىڭ خوتۇنىغا چاقچاق قىلىدىغان ئادەم ئەمەس. ئەمدى، چىراي دېگەنگە قارايسەن دېگىنە، خۇدايىم بەرگەن كۆز، خۇدايىم بەرگەن چىراي ئۇ...قانداق دېدىم ياسىن؟!
___ توغرا دەيسەن، خوتۇنغا قارىغانغا باج ئالمايمەن...
___ ئەمىسە نېمىگە باج ئالىسەن،__ دېدى پەرھاتنىڭ ئاغىنىسى تام تۈۋىدىن ھوشۇر تاز قوپقاندەك.
ياسىننىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدى، ئالدىدىكى بوتۇلكىنى ئېلىپ ئۇ ئەبگانىڭ بېشىغا ئۇرۇپ چېقىۋەتكۈسى كەلدى.
___ سەن چېكىۋالدىڭمۇ يا قانداق؟!__ دېدى ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئاچچىق بىلەن،__ خوتۇنى يوق سالتاڭلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ئارىلاشما...
__ بولدى قىل ياسىن، ئۇ چاقچاق قىلىۋاتىدۇ...__ دېدى پەرھات.
__ بۇنداق لاۋزا گەپنى چاقچاق دېمەيمىز، چاقچاق دېگەننى مەندىن ئۆگەنسۇن بۇ!
__ بولدى ئۆزەڭنى بېسىۋال،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئېغىر پۇشۇلداپ، __ چىرايلىق سورۇننى بۇزمايلى.
ياسىن جىمىقىپ قالدى، ئەمما ئالدىدا ئولتۇرغان قاپاق نوچىغا قارىسىلا زەردىسى ئۆرلەيتتى، شۇڭا كۆپ ئولتۇرمايلا ئۆزۈر سوراپ ماڭغىلى تەمشەلدى.
__ رەنجىمەي ماڭغىن، __ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئۇنى ئۇزىتىپ چىقىپ، __ ئىچىدىغان، چېكىدىغان ئادەم ئاشۇنداق ئوڭ-تەتۈر سۆزلەيدۇ، كۆڭلۈڭگە ئالما.
__ ياقەي، ئۇ ھەزلەكنىڭ گېپىگە خاپا بولۇش كەتمەيدۇ.
__ ئەجەپ ئالدىراپ ماڭدىڭ، چوڭ خوتۇنغا ئالدىراپ كىچىك خوتۇنۇڭنى تاشلاپ قويامسەن؟
__ ياقەي، ساقلاپ تۇرۇۋاتىمەنغۇ مانا...
__ شۇنى دەيمىنا، سېنىڭ خوتۇنۇڭ ئۇ، بىللە ئېلىپ كەت!
شۇ ئەسنادا گۈلشەنمۇ چىقتى، ئۇ ئەتلەس كۆينىكىنى سېلىۋېتىپ، نيۇزەي شىم بىلەن قىسقا كوپتىسىنى كىيىپ چىققانىدى.
__ ئېرىم دېسە ئۇچۇشقا تەييار تۇرىسىز-دە خان... __ دېدى غېنى شاڭجاڭ ھىجىيىپ، __ ئېرىڭىزنى خاپا قىلماڭ جۇمۇ...
__ نېمىشقا خاپا قىلغۇدەكمەن،__ دېدى گۈلشەن ياسىننىڭ يېنىغا كېلىپ.
__ ئەمىسە ئۇكا، يامانلىماي ماڭ، ۋاقتىڭ يەتسە پات-پات كەل.
ياسىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ خوشلىشىپ، گۈلشەننى ئەگەشتۈرۈپ بەش مىنۇت مېڭىپلا بىنانىڭ ئالدىغا كەلدى. گۈلشەن بۇ يەرگە كەلگىچە ئۆينىڭ توك پۇلى، سۇ پۇلى ھەققىدە بىر گەپلەرنى قىلغاندەك قىلدى، ياسىننىڭ قۇلىقىغا بۇ گەپلەر كىرمىدى، ئۆزى بىلەن ئۆزى قېرىشىپ ئاشۇ ھەزلەكنىڭ گېپىنى ئويلاپ، ئىچىنى يەنە ئاچچىق قىلدى.
__ نېمە بولدى سىزگە، جىمىپلا كەتتىڭىزغۇ؟__ دېدى گۈلشەن سەل ئالدىغا ئۆـۈپ ياسىننىڭ چىرايىغا قاراپ،__ ھاراق ئىچسىڭىز شوخلىشىپ كېتەتتىڭىز، ھازىر باشقىچىلىغۇ؟
__ نېمە بولاتتى، ھېلىقى مازپۇرۇش نېرۋامغا تەگدى.
__ قايسى مازپۇرۇش، پەرھات ئەمەستۇ؟
__ ياق، پەرھاتنىڭ ئاغىنىسى.
__ ۋاي ئۇ ئاشۇنداق دەلتە ساراڭ، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭ.
ئىككەيلەن بىناغا كىرىپ، لىفتقا چىقىپ ئۈستىگە مېڭىۋاتقاندا ياسىننىڭ كۆڭلى سەل ئېچىلدى، كۆرەلمەس ھەزلەكلەر ياسىننىڭ سۈرۈۋاتقان لەززەتلىرىگە چىدىماي قالغان گەپ، پەرھات چاندۇرمىغاندەك قىلغان بىلەن، ئاشۇ مەسخىرىلىك قىسىلغان كۆزىدە يەنىلا كۆرەلمەسلىك بار…
گۈلشەن ئىشىكنى ئېچىپ ياسىننى ئىشرەت قوينىغا باشلىدى، ياسىن پۇشۇلداپ بارغىنىچە چاپىنىنى كارىۋاتقان تاشلاپ تاماكا ئىزدەشكە باشلىدى.
__ ئۆيگە بىر مۇنچە ھەشەم قىلسام قاراپ قويايمۇ دېمەيسىزغۇ؟__ دېدى گۈلشەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەركىلەپ،__ كارىۋاتقا بىر قاراپ بېقىڭە..
ياسىن ئىككى يېنىغا قارىدى، گۈلشەن كارىۋاتقا يېڭى يوتقان-كۆرپە، ياستۇق، كىرلىك ئالغان بولۇپ، ھۇجرىنى باشقىچە يېقىشلىق، ئارامبەخش قىلىۋەتكەنىدى.
__ ئۆزەڭنىڭ ئۆيىدەكلا قىلىۋېتىپسەنغۇ!
__ شۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆيى تۇرسا، قانداق، رازى بولدىڭىزمۇ؟
__ ماڭا سەن بولساڭلا بولدى، داق يەردىمۇ يېتىۋېرىمەن.
__ ئۇنداق قىلماڭ، بېلىڭىزگە سوغ ئۆتۈپ قالىدۇ،__ دېدى گۈلشەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۆتۈپ بېلىدىن قۇچاقلاپ، __ مۇشۇ يوتقاندا سىز بىلەن كېچىچە بىللە ياتقۇم بار.
__ ئۇ ۋاقىتلارمۇ كەپ قالا، نەچچە كۈندىن يالغۇز ياتتىڭمۇ؟
__ يالغۇز ياتتىم، بىنا ئۆي دېگەن بىخەتەركەن دەڭا، كۆردىڭىزغۇ، چوڭ ئىشىكتىن كىرسىڭىزلا قارايدىغان ئادەم بار، بىناغا كىرىۋالسىڭىز خاتىرجەم، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ ئولتۇرىمەن، بىكار تۇرماي تازىلىق قىلىمەن، قاراڭە ئۆيگە، بىر تال چاڭ-توزان تاپالمايسىز. ھەممە يەر شۇنداق پاك-پاكىز.
__ يېنىڭدا ئادەم يوق زېرىكمىدىڭمۇ؟
__ ياق، مەن ھازىر يالغۇزلۇققا ئامراق بولۇپ قالدىم، ئويلىسام پەقەت سىزنىلا ئويلايمەن شۇ، كەچتە
ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ قويۇپ، يېگەچ ئولتۇرۇپ دىيەنشى كۆرىمەن، مەن بۇنداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلغىلى ئۇزاق بولغان، شۇڭا ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئۆيگە قايتىمەن، ئوپچە ياتاققا ھازىر قەتئى بارغۇم كەلمەيدۇ.
__ بوپتۇ، قورقمىساڭ مۇشۇنداق ياشا، مەن بولمىساممۇ مەن يېنىڭدا باردەك ئۆتىۋەرسەڭ بولىدۇ.
__ سىزنى ئاخشىمى شۇنداق سېغىنىپ كېتىمەن، لېكىن چىدايمەن.
__ چىدىغىن ئەمدى، مەنمۇ چىداۋاتىمەن.
__ قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتەرمىز؟ لېكىن مەن مۇشۇنداق ئۆتۈشكە رازى، سىزگە بېسىم قىلغۇم يوق.
__ پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرىمىز ئەمەسمۇ، ئەر-خوتۇنچىلىق دېگەن كۈندە بولىۋەرسىمۇ ئادەم زېرىكىپ قالىدۇ، شۇڭا سېغىنغاندا بىر قىلىمىز، خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن ئادەم تاماق يېگەندەك بولىدۇ، بۇنىڭ ھۇزۇرى باشقىچە…
__ سەتلىكىنى، __ دېدى رەيھان ياسىنغا ئەگىشىپ تەڭ كۈلۈپ، __ ئۇنداقتا سىز زېرىكمەيدىكەنسىز-دە؟ بىر خوتۇن ئۇ ياقتا، بىر خوتۇن بۇ ياقتا، ھەر ياقتا تاماشا، قاچان دېسىڭىز شۇ چاغدا تەييار، پۇل تاپقان خەقنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەر كىشى نېمانداق تويمايدىغاندۇ؟
__ بۇ نېمە دېگىنىڭ، مېنى ئىككى خوتۇن ئالغانغا تويغۇزاي دېگەنمۇ؟
__ ياق، مەن دەيمەن، ئايال كىشى بىرلا ئېرىم بولسا ئويلايدىكەن، لېكىن ئەر كىشى كۆپ خوتۇنۇم بولسا دەيدىكەن، شۇنىڭغا قاراپ دەۋاتىمەن.
__ خوتۇن خەقمۇ ئويلايدىغاندۇ، يالغاندىن نومۇسچان بولۇۋېلىپ يۈرگەن بىلەن…
__ ۋاي مېڭە، ئۇنداقتا خوتۇن خەقنىڭ بۇزۇقتىن نېمە پەرقى!
__ توغرا دەيسەن، خوتۇن خەق ئېرىگە سادىق بولۇشى كېرەك.
__ ئېرىدىن يوشۇرۇن ئاشنا ئوينىغان خوتۇنلارنى ئەپچىقىپ ئېتىۋەتسە بولىدۇ.
__ راست دەيسەن خوتۇن،__ دېدى ياسىن ئۇنى ھارام پۇراپ تۇرغان ئاغزىدا سۆيۈپ،__ گەپنى يامان جىق قىلدۇق، بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ…
__ ھاراقنى جىق ئىچمىگەندەك قىلىسىز بولمىسا، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئوڭشاپ قويىمەن.
__ چېيىڭ بارمۇ؟ ئۇسساپ تۇرىمەن…
__ توختاڭ، ھازىر دەملەپ ئاچىقاي.
گۈلشەن ئورنىدىن قوپۇپ مېڭىشىغا ياسىننىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى. ئۇ تېلېفوننى ئالماستىن، نومۇرىغىمۇ قارىماستىن ئىچى سىقىلدى، بۇنداق چاغدا خوتۇنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى پەقەت خالىمايتتى. ئەمما بۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەيتتى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى تېلېفوننى بىر قېتىم بېسىۋېتىپ گەپتىن قۇتۇلالماي بۇرنى قۇلىقىغىچە تويغانىدى، تېلېفوننى پەقەت ئالمىسىمۇ بېسىۋەتكەن بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئۇ تېلېفوننى بايا ئۆيگە كىرىپلا ئېتىۋەتمىگىنىدىن پۇشايمان قىلىپ، ۋەھىمىلىك سايراۋاتقان تېلېفونغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى، تېلېفون ھەر سايرىغاندا خوتۇنىنىڭ گۇمانى بىر قېتىم كۈچىيەتتى، ياسىن بۇنى ياخشى بىلەتتى، بۇ ۋەھىمە، بۇ قورقۇنچتىن شۇنچە بىزار بولسىمۇ قۇتۇلالمايتتى، چۈنكى بۇ قورقۇنچنى پەيدا قىلغان خوتۇنى ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئىدى. ئۇ تېلېفون توختاپلا قالسا يۈرىكى توختاپ قالىدىغاندەك جىددىيلىشىپ تېلېفوننى دەرھال ئالدى، رەيھان يىغا-زارە ۋە ئاچچىق بىلەن سوراۋاتاتتى:
__ ۋاي سىز نەدە؟
__ غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىدا، نېمە بولدى؟
__ ئۇ ئوغرىنىڭ يۇندىسىنى يالاپ يۈرگىچە ما ئۇكىڭىزغا قارىسىڭىز بولمامدۇ؟
__ نېمە بولدى، دېمەمسەن؟
__ ساقچىلار ھازىر كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ كەتتى.
__ نېمە؟!__ دېدى ياسىن ئورنىدىن قاڭقىپ تۇرۇپ،__ نېمە ئىش قىلغانغا تۇتىدىكەن؟
__ باسقۇنچىلىق قىلىپتۇ، ئادەم ئۇرۇپتۇ.
__ توۋا دېگىن، بۇ قانداق گەپ! ماڭا يالغان گەپ قىلما جۇمۇ!
__ بۇ گەپكە ئىشەنمىسىڭىز ئەمىسە شۇ يەردە قۇسۇق يالاپ يېتىڭ!!!__ دېدى رەيھان غەزەپ بىلەن ۋاقىراپ،__ ئىست، سىزنىڭمۇ بىر ئەر كىشى بولۇپ قالغىنىڭىزغا!
__ توختا، مەن ھازىر باراي…
يۈرىكى مۇجۇلۇپ، چىرايى تاتىرىپ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتكەن ياسىن چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ تالاغا ماڭدى، گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان گۈلشەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئالدىراپ چىقتى:
__ نېمە ئىش بوپتۇ، كىمنى تۇتۇپ كېتىپتۇ؟
__ ئۆمەرنى… بولدى سەن چىقما، ئۆزەڭگە ئوبدان قارا..
__ ۋۇي نېمىشقا تۇتۇپ كېتىدۇ؟
__ بولدى سورىما، كېيىن دەپ بېرەي.
گۈلشەن قولىنى تىتماسلاپ، ئۈمىدسىز، چارىسىز ھالدا ياسىننى ئۇزىتىپ قالدى.
ياسىن ئاشخانىغا كەلگەندە رەيھان يىغلاپ ئولتۇراتتى، ساۋۇت بىلەن ھاشىم دوغىلاق رەيھاننىڭ يىغىسىنى تىڭشاپ، ئېغىر مۇسىبەتكە چۈشكەندەك قاراپ تۇراتتى.
__ نېمە ئىش بولدى، ئېنىقراق دېگىنە!
__ بالىنى ياتقۇزاي دەپ تۇراتتىم، بىر كەمدە ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، خىيالىمدا يوق ئولتۇرۇپتىمەن، بىر چاغدا ئاشخانىغا بىر كىملەر كىرگەندەك قىلدى، قارىسام ئۇدۇل ساتراشخانىنىڭ لاۋبەننياڭى بىلەن ئۈچ-تۆت ساقچى قاراپ تۇرىدۇ. ئاڭغىچە ھاشىم بىلەن ساۋۇتنى چاقىرىپ چىقتىم، لاۋبەننياڭ “بۇ ئىككىسى ئەمەس، يەنە بىرسى بار ” دېدى. ئۆمەرنى چاقىرىپ چىقتۇق. ئۇ چىققان ھامان لاۋبەننىياڭ “مۇشۇ شۇ” دەپ كېلىپلا ئىككى شاپىلاق سالدى. بىز ھېچنېمىنى ئۇقالماي قالدۇق. “نېمە قىلدىڭ” دەپ ئۆزىدىن سورىساق قورقۇپ گەپ قىلالماي قاراپ تۇرىدۇ. لاۋبەننياڭدىن سورىساق “يېڭى كەلگەن بىر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپتۇ، دۇكاننى ۋەيران قىلىپتۇ…” دەيدۇ، “بۇ كىچىك تۇرسا قانداق ئۇنداق قىلىدۇ” دېسەم، “بۇنىڭغا ئىسپات تولۇق، گېپىڭ بولسا ساقچىغا دە” دېدى. ساقچىلار بىزنى قارىتىپ قويۇپ ئۆمەرنى ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى…
ياسىن بۇلارنى ئاڭلاپ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالدى، بىر ئوبدان ئىشلەۋاتقان بالا قانداق بولۇپ بۇ مەينەت يەرگە كىرىپ، بۇ پالاكەتكە يولۇقىدۇ؟
__ ئۆمەر قاچانراق كىرىپتۇ ئۇ يەرگە؟
__ ئىشتىن چۈشكەندە كىرگەن چېغىۋا…__دېدى ھاشىم بۇنىڭغا ئۆزىمۇ ھەيران قالغاندەك ئەلپازدا.
__ ئىككىڭلار ئۇنىڭ نەگە كەتكىنى بىلەن چاتىقىڭ يوق يۈردۈڭلارما؟
ساۋۇت بۇ ئىشىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغاندەك گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتتى.
__ ئادەتتە ئىشتىن چۈشكەندە ئۇ تورخانىغا كىرەتتى، بىز تېخى شۇ يەرگە كىرىپ كەتتى دەپ يۈرۈپتۇق، بۇ يەرگە كىرىدىغىنىنى پەقەت ئويلىماپتىمىز…__ دېدى ھاشىم.
__ سەنمۇ ئالدىراش، بالىغا قاراپ ئۆمەرگە قاراپ بولالمىدىڭ دېگىنە،__ دېدى ياسىن خوتۇنىغا قاراپ ئاچچىق بىلەن،__ بارلىق گۇناھ مەندىكەن ئەمىسە، بىر دەم بىر يەرگە بېرىپ كەلگىچە بولۇپ كەتكەن ئىشنى كۆرمەمدىغان. باسقۇنچىلىق قىلغان بولسا تۈرمىدە ئون يىلدىن ئوشۇق ياتىدۇ دېگەن گەپ…كېلىپ بىر ئاي بولماي ئۆزىنى تۈرمىدە كۆرىدىغان بوپتۇ-دە دۆت شۇم!
ھەممىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۈركىنىپ كەتتى، ياسىن غەزەپ-نەپرەت، دەرت-ئەلەمدىن خۇدىنى يوقىتىپ، بىر جايىدا چۆگىلەپ ئۇ ياق-بۇياققا قارايتتى، ساتراشخانىغا ئۆچمەنلىك بىلەن نەزەر سالاتتى. ئۇ چېكىۋاتقان تاماكىسىنى پىقىرىتىىپ تاشلىۋېتىپ، ساتراشخانىغا ماڭدى. لاۋبەن سەتەڭ ئۇنىڭ كېلىشىنى بىلىدىغاندەك تەييارلىق ھالەتتە، باتەينىڭ ئارقىسدا قاش ياساپ، كۆزىنى بوياپ ئولتۇراتتى.
__ مەن سەندىن سوراي، نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ __ دېدى ياسىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، __ مەندە قانداق ئۆچۈڭ بار.
لاۋبەن سەتەڭ ئۇنىڭ قاملاشقان تۇرقىغىلا ئەمەس، بېيجىڭ تەلەپپۇزىدا خېلى راۋان گەپ قىلالىشىغا ھەۋەسلىنەتتى. ئەمما ھازىر بۇ ھەۋەسلەرنىڭ ئورنىنى ئۆچمەنلىك ئىگىلىگەن، مۇھەببەت گويا نەپرەتكە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.
__ سەندە نېمە ئۆچۈم بولماقچىدى؟__ دېدى سەتەڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ،__ ئىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزدى، تېگىشلىك جازاسىنى تارتىشى كېرەك.
__ باسقۇنچىلىق قىلدى دەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭ بار، بۇ دېگەن بىر پاھىشىخانىغۇ؟!
__ نېمە؟ سەن بىزنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ؟! __ دېدى سەتەڭ تېرىكىپ ئورنىدىن قوپۇپ،__ كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ تامغا قارا، كۆردۈڭمۇ بۇ تىجارەت كېىنىشكىسىنى! بۇ دېگەن چاچ ياساش، ھۆسن تۈزەش ئورنى، پاھىشىخانا دەيدىغان ھېچقانداق ئاساسىڭ يوق.
__ بولدى قىل، سېنى كىم بىلمەيدۇ، ساقچىلارمۇ ھەممىنى بىلىدۇ، ئۇلاردىن تونۇشۇڭ بار ، شۇڭا ئاچىۋېرىسەن دېگىنە، ئەمدى شۇ تونۇشۇڭغا دەپ ئۆمەرنى چىقىرىۋەتسەڭ، پۇل دېسەڭ پۇل بېرەي.
__ ماڭا پۇلنىڭ لازىمى يوق، ساقچىلار قانداق قىلسا ئۆزىنىڭ ئىشى.
__ ساقچىلارمۇ پۇل دەيدۇ، لېكىن مەندە ئۇنداق جىق پۇل يوق.
__ قانداق قىلساڭ قىل، خالىساڭ پۇل تۆلەپ ئېلىپ چىق، خالىساڭ سوتقا ئەرز قىل. ئەمدى مېنىڭ بۇ ئىش بىلەن چاتىقىم يوق.
لاۋبەن سەتەڭنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، جاھىللىقىدىن سەپرايى ئۆرلىگەن ياسىن ئۆزىنى تۇتالماي ۋاقىراپ كەتتى:
__ قانداق نېمە سەن، ئىشنى ئۆزەڭ تېرىپ قويۇپ ئىگە بولمامسەن؟!
__ ئىش چىقارغان كىم؟ ماڭا بوش توۋلا، ھېلى بىكار ساقچى چاقىرىمەن،__ دېدى سەتەڭ تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ.
ياسىن پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، چىرايىدىكى غەزەپ ئامالسىزلىق، بىچارىلىككە ئالماشتى.
__ سەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلدىڭ،__ دېدى ئۇ ئەلەم بىلەن، __ مەندە زادى نېمە ئۆچۈڭ بار، ھېچ بىلمىدىم، سەن زادى نېمە قىلماقچى، دېگىنە، مەن بىر ئاڭلاپ باقاي.
__ كىم ساڭا زىيانكەشلىك قىلىپتۇ، مەن قانۇنغا تايىنىپ ئۆزەمنى قوغدىدىم، __ دېدى سەتەڭ مەغرۇرلۇق بلەن تاماكىسىنى پۈۋلەپ،__ ئىنىڭنى دۇكانغا مەن باشلاپ كىردىممۇ؟ شۇ شوركا جېنىدا مېنىڭ دۇكىنىمدا زوتالىق قىلسا مەيلى دەپ قاراپ تۇرامدۇق؟ كىم بىزگە چېقىلسا ئەدىۋىنى يەيدۇ، ئىنىڭ ساقچىغا ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى جازاسىنى تارتىدۇ.
__ مەندە چوقۇم بىر ئېلىشىڭ بار. دېگىنە، پۇل دەمسەن، يا باشقا بىر نېمە دەمسەن، سېنى بىر قاندۇراي.
__ سەن مېنى ئاشۇنداق پەس، ئالدامچى كۆرۈپ قالدىڭما؟ بۇ يەردىن ئاستا چىقىپ كەت، گېپىڭ بولسا ساقچىغا دە، مەن سەندەك ئادەمنى تونۇمايمەن، ماڭا ھېچنېمەڭنىڭ كېرىكى يوق.
__ سەن بۇنداق يۈزسىزلىك قىلما،__ دېدى ياسىن خورلۇقتىن تىكەنلىشىپ،__ مەن بۇ يەردە نېمە ئىش بولغانلىقىنى تېخى بىلمەيمەن، قانداق باسقۇنچىلىق قىلىپتۇ مەسىلەن، دېگىنە؟
__ باسقۇنچىلىق دېگەن قانداق بولاتتى؟ سەنمۇ قىلىپ باققان بولغىيتىڭ؟ تۈرمىدە ياتمىغانلا يېرىڭ قالدى شۇ…
__ ئەمىسە ساقچىغا تېلېفون قىلە، مېنىمۇ ئەكەتسۇن!__ دېدى ياسىن غەزەپ بىلەن،__ بەك ئىپلاس نېمكەنسەن.
__ ئەمدى بىلگەنسەن، نوچىلىق قىلساڭ ئاشۇنداق جاجاڭنى يەيسەن.
ياسىن لاۋبەن سەتەڭگە نەپرەت بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى، قانچە غەزەبلەنسىمۇ ئۇنى ھېچنېمە قىلالمايتتى. “خەپ توختاپتۇر” دېدى ئىچىدە، ۋە شۇ قەدەر چارىسىز، زەئىپ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىدىن ئازابلاندى.
ئۇ ئاشخانىغا قايتىپ كىرگەندە رەيھان سورىدى:
__ نېمە دەيدۇ ئۇ؟
__ گېپىڭ بولسا ساقچىغا دە دەيدۇ.
__ ئەجەپ ئەسكىلىك قىلدىيا بۇ قانجۇق، قاراپ تۇرۇپ كىچىك بالىنى تۈرمىگە سولىتىۋېتەرمۇ؟
__ باسقۇنچىلىق قىلدى دېگەن گېپىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ،__ دېدى ھاشىم ئۆمەرنى ئاقلاۋاتقان ئادۋوكاتتەك ۋەزمىنلىك بىلەن،__ بۇ بىر قىلتاق. ئۇلار يېڭى كەلگەن بۇزۇقنى ئۆمەرنىڭ يېنىغا كىرگۈزۈپ ئۇنى ئالدىغان گەپ. بولمىسا ئۆمەر ئۇنداق قىلىدىغان بالا ئەمەس. ئاندىن ئۇ پۇل بېرىدىغان چاغدا قاراپ تۇرغان گەپ، پۇل بەر دەپ قىستىسا ئۇرۇشقان گەپ… ھەي، شۇ بالىنى دەيمەن، تورخانىغا كىرگەندىكىن قوڭىنى قىسىپ يېنىپ چىقسا بولمامدۇ دەيمەن…
__ بۇ شۇمنىڭ كاللىسى شۇ تورخانىدىلا بۇزۇلغان گەپ، ئەمدى نېمىلا دېسەك ئاقمايدۇ،__ دېدى ياسىن رەيھانغا قاراپ،__ تورخانىغا كىرىمەن دېسە پۇل بېرىۋېرىپ سەنمۇ يامان ئۆگەتتىڭ ئۇنى!
__ ئەمدى بۇنىڭغا مەن سەۋەبچى بولۇپ قالدىممۇ؟!__ دېدى رەيھان زارلىنىپ،__ ئىشلىگەندىكىن ئازراق پۇل بېرىپ تۇردۇم. چوپچوڭ بولۇپ قالغان بالا تەلمۈرۈپ تۇرسا، پۇل بەرمىسەك سەت ئەمەسمۇ! تورخانىغا كىرىڭ دەپ بەرمىدىم مەن، پارچە-پۇرات خەجىگە ئىشلىتەر دەپ بەرگەن.
__ ئۇنداق دۆت نېمىنى جايىدىلا قويۇپ كېلىدىغان ئىش ئىدى، بېشىمىزغا بىر مۇنچە بالا تېرىدى مانا!
__ ھەممىنى ماڭا قويۇڭ، ھەممىگە مەن ئىگە بولاي!__ دېدى رەيھان يىغلاپ،__ ئەتە ساقچىنىڭ يېنىغىمۇ مەن باراي، سىز ئۆيدە پۇتىڭىزنى ئۇزۇن سۇنۇپ يېتىڭ.
يىغا-زارە بولۇۋاتسا تاماشا كۆرمەسلىك ئۈچۈن ساۋۇت بىلەن ھاشىم ياتاقلىرىغا كىرىپ كېتىشتى.
__ سەن بېرىپ ئېلىپ چىقالامسەن؟ نېمەڭگە ئېلىپ چىقىسەن؟__ دېدى ياسىن ئاچچىق بىلەن،__ بۇ ئىشنى شۇنچە ئاسان چاغلامسەن؟
___ ھەممىنى ماڭا ئىتتىرىپ قويسىڭىز، ئەمىسە قانداق قىلىمەن!__ دېدى رەيھان ئەلەم بىلەن يېشىنى سۈرتۈپ،__ ئېرىمنىڭ ھالى مۇشۇ بولسا ماڭا نېمە چارە!
___ ماڭا تولا دوق قىلما، شۇ چاغدا مەندىن سورىماي ئۆزەڭ قارار چىقىرىپ نوچىلىق قىلغىنىڭنى بىلەمسەن؟
___ شۇ، مەن نوچىلىق قىلىپ ئەكەلگەندىكىن، پۇلنى مەن بېرىپ يامان يولغا مەن باشلىغاندىكىن، ساقچىغا ئۆزەم باراي دەۋاتىمەنغۇ!؟
___ سەن بارغانغىلا خوش خېنىم دەپ ئۆمەرنى قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويامتى؟ غىت قىسىپ ئۆيدە ئولتۇر، بىر قېتىم ئۆز بېشىمچىلىق قىلدىڭ، بولار ئەمدى!
___ ئەمىسە ئەر كىشى بولسىڭىز مەندىن قاقشىماي ئىنىڭىزنى ئېلىپ چىقىڭ، ئەمما شۇنى دەپ قوياي، ئەگەر ئېلىپ چىقالمىسىڭىز كېلىپ ماڭا تاپا قىلماڭ.
__ ئۇنى ئېلىپ چىقىش شۇنچە ئاسان بولسا ساڭا سۆزلەپ نېمە قىلىمەن؟ ئوغرىلىق قىلغان بولسا ئاسان ئىدى، پۇلىنى تۆلەپ بېرىپلا قۇتۇلغىلى بولاتتى. باسقۇنچىلىق دېگەن چوڭ جىنايەت، ئەگەر بۇ شاۋچىلار ئۆمەرگە راستىنلا شۇ جىنايەتنى ئارتىدىغان بولسا، ساقچىلار ئۇنى قولىمىزغا ئاسان تۇتقۇزۇپ بەرمەيدۇ، ئاز دېگەندە نەچچە يىل كېسىۋېتىدۇ، ئەگەر ئاچىقالماي قالسام ئاچامغا نېمە دەيمەن؟
__ ئەمىسە مېنى توختىماي تىللاۋېرىڭ، ئاچچىقىڭىزنى مەندىن چىقىرىڭ، قىلالايدىغان ئىشىڭىز پەقەت شۇ ئوخشايدۇ.
__ نېمە قىلسام قىلىمەن، ئىشنى باشتىن بۇزغان سەن! شۇ چاغدا گېپىمگە كىرگەن بولساڭ مۇشۇ ئىش چىقامتى؟
__ باشتىن بۇزغان مەن بولسام، كەينىدىن بۇزغان كىم؟! مەن كەلگەندىن بېرى كاللىڭىز ئاشخانىدا ئەمەس، ئۆمەر بىلەنمۇ ئانچە كارىڭىز بولمىدى، يوقنى تېپىپ بەردىم دېگىنىڭىز بىلەن ئاشخانىنى ماڭا تاشلاپ قويدىڭىز، بۇرۇنقىدىن ھورۇنلىشىپ كەتتىڭىز، بىر تەخسىنى قولىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ بەرمىدىڭىز، كۆزىڭىز خوتۇن-بالىدا بولغان بىلەن خىيالىڭىز بىزدە ئەمەس، بىر كۆزىڭىز ئۆيدە بولغان بىلەن بىر كۆزىڭىز تالادا، بۇرۇنقىغا قەتئىي ئوخشىمايلا كەتتىڭىز، گەپ قىلاي دېسەم، مېنى گۇمانخور دەيسىز، گەپ قىلماي دېسەم، يا ئۆزىڭىزنى بىلمەيسىز. دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ كېتىپ بارىمەن. ئۇ ئىش، بۇ ئىش دەپ توختىماي تالاغا قاترايسىز، بالىنى ئاپىرىپ ئەكەلگىچە بىر ئۇزۇن يوقاپ كېتىسىز. مەن بۇ يەردە ھەممە ئىشقا يېتىشىپ بولالماي ئاۋارە، سىز بىكارچىلىقتا ئويناپ بولالماي ئاۋارە. ئىشلەۋاتقان بالىلار بىلەنمۇ چاتىقىڭىز يوق، ئۆمەرگىمۇ "ئۇكام، ئەھۋالىڭ قانداق" دەپ بىر ئېغىز ياخشى گەپ قىلغىنىڭىزنى ئاڭلاپ باقمىدىم، ئەمدى بۇ ئىش چىققاندا توختىماي مېنىڭ پېشانەمگە تاقاپ، ئۆزىڭىزنى ئاقلاۋاتىسىز. مېنىڭ باشقا گېپىم يوق، ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ دەيدۇ، ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ، سىز دېگەن ئەر كىشى.
__ مەن نېمىشقا شۇنداق قىلىمەن، بىلەمسەن؟ كونا خاماننى سورىغۇم يوق، لېكىن گېپىمنى دەۋالاي، شۇ چاغدا مەن بىلەن بەك قېرىشىپ كەتتىڭ، مەندىن گۇمان قىلىۋەردىڭ، بىر ئوبدان ئىشلەۋاتقان قىز بالىنى ھەيدىۋەتتىڭ، ياخشى بولۇۋاتقان سودىنى ئۆلتۈردۈڭ، ئۇنى ئاز كەلدى دەپ ئۆزەڭگە جاپا سېلىۋەردىڭ، مۇشۇ دۆتلۈكىڭ ئۈچۈن سېنى جازالىدىم. ئۆمەرگە كەلسەك، مەن باشتىلا ئۇنىڭ كېلىشىنى خالىمايتتىم، ئاغزىمدا ھە دېسەممۇ، كۆڭلۈمدە رازى ئەمەستىم. چۈنكى بۇ تاز كىچىكىدىن كەپسىز ئىدى، قوڭىنى بېسىپ ئولتۇرالمايتتى. ئاخىر مەن دېگەندەك بولدى، كېلىپ تۈزۈك ئىشلىمىدى، ئۇرۇپ تىللاي دېسەم ئۆزەمنىڭ ئۇكىسى، شۇڭا كارىم بولمىدى. چوپچوڭ بولۇپ قالغان تازنى بۇ يەردە ئاتا-ئانىسىدەك باشقۇرغىلى تۇرساڭ، ئىككى كۈندە قاچىدۇ. مەيلىگە قويۇۋەتسەڭ ئوبدان ئىشلەيدۇ؛ لېكىن ئۇنى مەن يامان ئىش قىلسۇن دەپ مەيلىگە قويۇۋەتمىگەن-دە! ئەمدى ئۇنى ئىلشاتنى يېتىلگەندەك يېتىلەپ، ھەر ۋاقىت كەينىدىن يۈرسەم بولامتى؟ مۇشۇ ياشقا كەلگىچە ئەقلىنى تاپالمىغان ئۇنداق بەڭۋاش ئېشەككە تۈرمە ياخشى؛ ساقچىدىن تايىقىنى يەپ، ئېشىپ قالسا تۈرمىنىڭ موما-سەيلىرىنى يەپ يېتىپ چىقسا ئادەم بولىدۇ.
__ بۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، تۈرمە كىمگە ياخشى! ئۆزىمىزنىڭ ئۇكىسى، ئۇنداق باغرى تاشلىق قىلمايلى. بىر-برىمىزدىن قاقشاپ ئولتۇرغاننىڭ ئەمدى پايسى يوق، ھەر ئىككىلىمىزدە ئۆتۈپ كەتكەن يەرلەر بار...__ دېدى رەيھان ئېغىر ئۇھ تارتىپ، __ ھېلىمۇ ئۆزەمنىڭ شۇ ئىشىغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، مەندىن ئۆتكەن يېرى بولسا كەچۈرۈڭ، لېكىن گۇناھنى ماڭىلا ئارتىپ قويسىڭىز ئەمدى مەن زادى چىداپ تۇرالمايمەن، جېنىم ئاران قالدى، مېنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ. ھازىر بىر-بىرىمىزدىن ھېساب ئالىدىغان ۋاق ئەمەس، ھېلىمۇ بېشىمىزغا بۇ بالا كەلدى، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشنى قىلمايلى...
رەيھان يەنە يىغلاپ تاشلىدى، خوتۇنى ھەر قېتىم يىغلىغاندا كۆڭلى يېرىم بولىدىغان ياسىن بۇ قېتىم ئازراقلا ئىچ ئاغرىتتى، كۆڭلى يۇمشىدى، غۇرۇرى ئەسلىگە كەلدى، چۈنكى خوتۇنى يىغلىسا ئەركەكلىكى غالىپ ئورۇنغا چىقاتتى.
__ بولدى يىغلىما، ئەتە ئۆزەم بارىمەن، __ دېدى ئۇ،__ بولغۇلۇق بولدى، قاراپ تۇرۇپ بۇ قانجۇق بىزنى قارىغا قويدى، پۇل دەمدىكىن دېسەم غەرىزى پۇلدا ئەمەسكەن، دۇكىنى ئاقمىغانچە بىزنى كۆرەلمەي تاپقان ئىشىكەن بۇ شاۋچىنىڭ.
__ئەر كىشى دېگەن پايتىمىسى سۆرۈلۈپ قالسىمۇ ئەر كىشىكەن، باياتىن سىز بولغان بولسىڭىز ئۇ قانجۇقنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ساقچىغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلغان بولاتتىڭىز.
__ بۇ ئىشنىڭ چىقىشىنى كىم بىلدى دەيسەن، بىر بالايى ئاپەت دېگىنە بۇ بېشىمزغا كەلگەن، كۇلىغا چىققاندىن بۇيان تۈرمە دېگەنگە يېقىن يولىماي، مانا ئەمدى كۆرۈۋاتىمىز بۇ ئىشنى! ھەي... شاپاق يېگەن دۆت ئېشەك، ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ، بىزگىمۇ قىلدىڭ!
ياسىن ئىلاجىنىڭ بېرىچە دەردىنى ئاۋۇتماسلىق ئۈچۈن ئىشنى ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ، خوتۇنىنىڭ چىرايلىق ئۈمىد كۈتۈشلىرىگە ئەر كىشىدەك جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئەتىدىن باشلاپ ساقچىخانىغا قاتراش نىيىتىگە كەلدى.
ئەتىسى ئۇ ئويغىنىپلا تاغدەك غەمدىن بىئارام بولۇپ ئېزىلىپ ياتتى، رەيھان نامىزىدا دۇئا قىلىپ يىغلاپ ئولتۇراتتى.
ئۇ ئېغىر كەيپىياتتا ناشتىلىق قىلىپ، ئۆمەرنى قايسى ساقچىخانىنىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى، بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ئاشخانىغا كەلگەن ساقچىلارنى كۆرگەن بولسىمۇ، ساقچىخانا دەرۋازىسىنىڭ نەگە قارايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئەھۋالنى بايان قىلدى. غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىغان گەپتىن باشقىنى قىلمىدى، ساقچىدا تونۇشۇم بارمۇ دېمىدى، ساقچىخانىنىڭ نەدىلىكنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يەردە ھەممىنى بىلىدىغاندەك، ھەممە ئىش قولىدىن چىقىدىغاندەك چوڭ سۆزلەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ كۈتۈلمىگەندە بۇنداق پاراڭ قىلىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ياسىن غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى.
سائەت توققۇز بولغاندا ساتراشخانىنىڭ پىقىرىغۇچلىرى ئايلىنىشقا باشلىدى، ياسىن لاۋبەن سەتەڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىردى.
__ تۈنۈگۈن قوپاللىق قىلىپ قويۇپتىمەن، كەچۈرۈۋەتسەڭ،__ دېدى ئۇ چىرايىغا كۈلكە زورلاپ،__ بۇ گۇي بەك كىچىكلىك قىلىپ ساپتۇ، ئۇنى ۋاقتىدا ئەدەبلەپ تۇرمىغان گۇناھ مەندە. خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق...
__ سەن نېمە دېمەكچى؟__ دېدى سەتەڭ سوغۇق چىرايدا،__ مۇشۇنداق دەپ ئۆزەڭنى ھەم ئۇكاڭنى ئاقلىماقچىما؟ ئاقلىماقچى بولساڭ مېنىڭ ئالدىمغا كەلمەي، ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ سوتتا ئاقلا.
__ مەن دېمەكچى، بۇ گۇينى مەن يامان يولغا باشلىمىغان، مۇشۇنداق ئىش قىلمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا پۇل بەرمىگەن. لېكىن ئۇ ئۇقماي كىرىپتۇ، پۇل بەرمەي جېدەل چىقىرىپتۇ. شۇ پۇل قانچە بولسا مەن بەرسەم، ئىنىمنى ساقچىدىن ئەپچىقىشىپ بەرسەڭ.
__ ھازىر بۇ گەپ ئاقمايدۇ. ساڭا دېسەم، ئۇ ئىش بولغاندا دۇكاندا مەنمۇ يوق. قىزلار ساقچىغا تېلېفون ئۇرۇپتۇ، ئاندىن ماڭا تېلېفون قىلدى، كەلسەم بىر مۇنچە ۋەيرانچىلىق. شياۋ مېي يەردە قوپالمايلا ياتىدۇ، ئىنىڭ ئىشنى تېرىپ قويۇپ غىپپىدە قېچىپتۇ، بىرسىڭ كېلىپ بۇ زىياننى تۆلەپ ئەپۇ سورايدىغان ئىش يوق. بۇ بىزگە بەك ھار كەلدى...
__ ئۇ چاغدا مەن سىرتتا ئىدىم، ئۇ گۇيمۇ ھېچكىمگە دېمەپتۇ، ئەگەر شۇ چاغدا ئۇققان بولسام دەرھال كىرىپ ھەممە زىياننى تۆلەيتتىم...
__ ئەمدى ئاقمايدۇ، بۇ ئىش ئاللىقاچان ساقچىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋ مېي مەشەلىك قىز، ئاتا-ئانىسىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتى، ئۇلار ھەرگىز بولدى قىلمايدۇ، سوتقا ئەرز سۇنۇپ قىزىنىڭ خورلۇققا ئۇچرىغىنىغا تۆلەم تۆلىتىشى مۇمكىن. بۇ ئىش چوڭىيىپ كەتتى، ماڭىمۇ ئامال يوق. ئەمدى نېمە گېپىڭ بولسا ساقچىخانىغا بېرىپ دە، بۇ ئىشنىڭ ئەمدى مەن بىلەن ئالاقىسى يوق.
__ ئۇنداق قىلماي بىر ياردەم قىل، __ دېدى ياسىن يېلىنىپ،__ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دەپ باقساڭ، تۆلەمنى بەك جىق دەپ تۇرۇۋالمىسا، قانچە دېسە مەن بېرەي.
__ ياق، سەن سوت بۇيرۇپ بەرگەننى تۆلىشىڭ كېرەك، مەن شياۋمېينىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمىسام بولمايدۇ. ئۇ كىچىكلا بىر قىز، ئاتا-ئانىسى كەمبەغەل. ئىنىڭ ئۇنى ئالداپ، زورلاپ دېگەندەك نومۇسىغا تېگىپتۇ، بۇنى ئاز كەلدى دەپ يەرگە قاتتىق ئىتتىرىپتۇ، يانپاش سۆڭىكى سۇنغانمىكىن، ئالچاڭلاپ ماڭىدۇ، بۈگۈن دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىلى بارىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ چاتاق چىقسا، بۇنىڭ دوختۇر چىقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى سەن تۆلەيسەن...
ياسىننىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، ئۆمەر بىر توخۇ پوقى مەرەزگە چاپلاشقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يۈزىنى قارا قىلغاندىن باشقا، ياسىننىمۇ پوققا دەسسىتىپ، بۇ پالاكەتنى تېرىغانىدى.
ــ ھەممىنى ماڭا ئىتتىرىپلا قويما، ــ دېدى ياسىن بۇ لاۋبەندىن ياردەم كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەنچە سەپرايى ئۆرلەپ، ــ نەچچە ۋاقىتتىن ياخشى ئۆتۈپ كەلدۇق، مېنىڭ ئازراق يۈزۈمنى قىلمامسەن؟! ئۆزەڭ ئويلاپ باق، بۇ ئىشتا ماڭا راستىنلا ئۇۋال بولدى، ئۇ گۇي ئۇنچىلىك ئەسكى ئەمەس، باسقۇنچىلىق قىلدى دېگىنىڭ بىر تۆھمەت، ئەگەر ئاخشىمى ئۇ يولدا ئۇ قىزغا چېقىلغان بولسا باسقۇنچىلىق قىلدى دېسەڭ بولىدۇ، لېكىن ساتراشخانىدا باسقۇنچىلىق قىلدى دېسەڭ، بۇ گەپكە كىم ئىشىنىدۇ. ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئويناپ بولۇپ پۇلنى بەرمىگەنگە ئاشۇنداق قىلساڭ، بۇ زىيانكەشلىك ئەمەسمۇ؟
ــ ساڭا يەنە دەپ قوياي، مەن ساتراشخانا ئاچتىم، پاھىشخانا ئاچمىدىم. پاكىت ئېنىق، ئىنىڭ بۇ دۇكانغا كىرىپلا ئەنمو قىلدۇرغان، ئەنمو قىلىۋاتسا شياۋ مېيغا ئېسىلىپ ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگكەن، قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ شياۋمېينى ئىتتىرىۋېتىپ قاچماقچى بولغان، قىزلار ئالدىنى توسسا بېرىپ تەپكەن. بۇ جىنايەت بولماي نېمە؟
ياسىن بۇنىڭغا يالۋۇرۇپ تېخىمۇ ئوسال بولغاندىن كۆرە، قورقماي ئولتۇرۇپ تازا زاكونلاشقۇسى كەلدى، بىر ئادەمگە ئىچىدىكىنى دېيەلمەسلىكتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولامدۇ؟
ــ شۇ ۋاقىتتا ئۆمەر ئوينىغاننىڭ پۇلىنى بەرگەن بولسا باسقۇنچىلىق قىلغان بولمايتتى، شۇنداقمۇ؟
ـ پۇلنى بەرسۇن، بەرمىسۇن، بەرىبىر باسقۇنچىلىق.
ــ ياق، ياق، سەن خاتالاشتىڭ، شۇ چاغدا ئۆمەر يۈز كوينى بېرىپ چىققان بولسا ھەممە ئىش تۈگەيتتى.
ــ نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن، شياۋ مېي خورلۇققا ئۇچرىغان تۇرسا!
ــ خورلۇق؟! بۇ قانداق گەپ، بۇ دۇكىنىڭىدىكى قايسى بىرى شۇنداق ئىش قىلمايدۇ، دەپ باقە، بۇ يەرگە كىرگەنلا ئادەم ئوينايمەن دەپ كىرىدىغۇ، ھە…پۇل بېرىپ چىقسا بايۋەچچە، پۇل بەرمىسە باسقۇنچى… شۇنداقمۇ؟ ئادەم ئالداشقا بەك ئۇستا ئىكەنسەن، سېنىمۇ كۆرۈپ قويدۇم!
ــ مەن دېدىم، بۇ دېگەن ساتراشخانا، پاھىشخانا دەيدىغان ئىسپاتىڭ بولسا كۆرسەت. ساقچى دېگەن ئىسپاتقا قارايدۇ.
ــ ئۇنداقتا ئىنىمنى باسقۇنچى دەيدىغانغا نېمە ئىسپاتىڭ بار؟ بىر نېمىسىنى بۇزۇۋېتىپتىمۇ؟ بۇزغان بولسا ئىسپاتى قېنى؟
ــ شياۋ مېينىڭ ئۆزى ئىسپات، ئۇنىڭ كۆز يېشى ئىسپات، قىزلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئىسپات، ساڭا يەنە قانداق ئىسپات كېرەك؟
ــ كۆز يېشى؟! ــ دېدى ياسىن زاڭلىق قىلىپ سوغۇق كۈلۈپ،ــ بۇزۇلۇپ كەتكەن نېمىلەرنىڭ كۆز يېشى ئىسپات بولالامدىكەن؟ ساقچىلار كۆز يېشىغا ئىشىنەمدىكەن؟ كىم يىغلاپ بەرسە شۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ئادەم تۇتامدىكەن؟
ئاچچىق كەلگەندە تىل دېگەنمۇ سازلىشىپ كېتىدىكەن، ياسىننىڭ خەنزۇچە زۇۋانى سەتەڭنى تېرىكتۈرسە تېرىكتۈردىكى، ئۇنىڭ ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنى ئويغىتالمىدى.
ــ نېمە دېسەڭ دە، ئىسپات تولۇق، دەۋايىڭ بولسا سوتقا بېرىپ دە، كىمكى بىرسىنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىكەن، قانۇن ئۇنى جازالايدۇ، شىنجاڭلىق، خېبيىلىق دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ. ھازىر شياۋ مېي بىلەن ئاتا-ئانىسى ئۈستۈڭلاردىن سوتقا ئەرز سۇنماقچى، سوتتىن بىر تەرەپ بولغىچە ئىنىڭ قاماقتا تۇرىدۇ.
ــ سەن بىزگە ئېنىق زىيانكەشلىك قىلدىڭ؟
ــ ئۆزەڭدىن كۆرۈش! كىم جىنايەت ئۆتكۈزسە شۇ جازاسىنى تارتىدۇ، بۇ دېگەن قانۇنىيەت.
ــ بۇ ئىشتا سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ يوقما؟ مۇشۇ پاھىشخاناڭنى ئاچمىغان بولساڭ بۇ ئىش چىقامتى؟
ــ نېمە؟ كىم سېنى بۇ يەرگە كېلىپ ئاشخانا ئاچسۇن دېدى؟ نېمە بار دەپ كېلىشتىڭ بۇ يەرگە! نەگە بارساڭ شۇ يەردە ئەسكىلىك قىلىشىسەن، ھېلىمۇ ساقچىلار بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا سەنلەرنىڭ دەستىدىن بۇ يەردە تۇرغىلى بولامتى؟
ــ شىنجاڭلىق يامان بولۇپ ئاناڭنى بىر نېمە قىلدىمۇ؟ ــ دېدى ياسىن غەزەبلىنىپ،ــ كاۋاپ پىشۇرۇپ بەرسە بىر ئوبدان يەيسەن، نەچچە قېتىم پارچە پۇلۇم يوق دېدىڭ، بوپتۇ دېدۇق. ئىشتىن چۈشۈپ بولغاندا كەلسەڭمۇ ئۇدۇل قوشىنىمىز دەپ كۈتۈۋالدۇق، بۆرەك دېسەڭ قورۇپ بەردۇق. ئەمدى يەپ-يەپ كۈچلىنىپ قالغاندا بىزنى يامان دەمسەن؟ سەنمۇ مەندىن بۇنداق ئاسان قۇتۇلىمەن دېمە، ساڭا قانۇن بولسا، بىزگە يوقمىكەن؟ مەنمۇ ساقچىغا بېرىپ ئەھۋالنى دەيمەن، ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىمىسىمۇ دەيمەن، بېرىپ چاۋاڭنى چىتقا يايىمەن. مەندىمۇ ئىسپات تولۇق. سوتقا ئەرز قىلسا، مەنمۇ ئەرز قىلىشنى بىلىمەن، نەچچە پۇل دېسە شۇنچە پۇل بېرىدىغان ئىش يوق، خىيالىڭدا سەن مېنى دۆت، ئىش ئۇقمايدۇ دەپ قالما، سەندەك شاۋچىغا ئەمدى يېلىنمايمەن… ــ ياسىن غەزەپ بىلەن يەرگە تۈكۈرۈپ قويۇپ تالاغا ماڭدى.
ــ نېمە دېسەڭ دە، سەندەك نېمىنى ئىككنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن!_ دېدى سەتەڭ جايىدىن مىدىرلىماي.
ياسىن تالاغا چىقىپ بۇ سەتەڭدىن ساقچىخانىنى سورىۋالمىغىنىنى ئېسىگە ئېلىپ كەينىگە بۇرۇلدى، ئەمما بۇ دۇكانغا قايتا كىرگۈسى كەلمىدى، سورىسىمۇ دەپ بەرمەسلىكى مۇمكن ئىدى. ئاناڭنى، بۇ كىچىككىنە شەھەردە ساقچىخانىدىن نەچچىسى بولماقچىدى، سوراپ تاپمامدۇ!
ياسىن چېچىنى قولى بىلەن كەينىگە تاراپ، ھەممە ياققا غەمكىن نەزەر تاشلاپ ماڭدى، ئازراق ماڭغاندىن كېيىن تاكسى توسۇپ، ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ بۇ رايونغا مەسئۇل ساقچىخانىنى تاپتى. ئەمما ساقچىلار ئۇنى ئۆمەر بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى. ساقچىخانا باشلىقى بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ياسىن ساقلاپ ئولتۇردى، بىر چاغدا ئۇ باشلىقنىڭ ماشىنىسىمۇ پەيدا بولدى، ياسىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەھۋالنى ئېيتتى.
__ ھازىرچە كۆرۈشسەڭ بولمايدۇ،_ دېدى باشلىق ياسىنغا شۈبھىلىك نەزەردە قاراپ.
__ بىر كۆرۈشۈۋالغان بولسام بولاتتى سوجاڭ، سورايدىغان گەپ بار ئىدى.
__ بولمايدۇ، بۇ دېگەن تۈزۈم. نېمە گەپ بولسا سوت ئاچقاندا دە، ئاڭغىچە كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ.
__ ئىنىمغا ئۇۋال بولدى، كىچىك بالا ئۇنداق ئىشنى ئۇقمايدۇ…
__ بىز تەكشۈرۈۋاتىمىز، نەتىجە چىققاندا ئۆزەڭ كېلىپ كۆر.
__ ئىنىم ئۇ يەرگە ئۇقماي كىرىپ قاپتىكەن، ئويناپ بولۇپ پۇل بەرمەپتىكەن، شۇڭا…
__ ھەممە ئادەم جىنايەت ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئاقلايدۇ، بۇ گەپنى بۇ يەردە دېگىنىڭنىڭ پايدىسى يوق، بىز پەقەت جىنايەتچىنى تۇتۇپ تۇرۇشقا مەسئۇل. گەپ بولسا ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، ئەھۋالنى شۇنىڭغا دە، سوت گۇناھسىز دەپ چىقارسا بىز شۇ ھامان قويۇپ بېرىمىز، بولمىسا تۈرمىدە ياتىدۇ.
ياسىن چارىسىز تۇرۇپ قالدى، “ھەممىنىڭ جاجىسى پۇل، بۇلار پۇل دەيدۇ، پۇل بەرسە شىنجاڭلىقنى سوت ئاچمايمۇ قويۇۋېتىدۇ” دەپ ئويلىدى؛ بىراق نەچچە پۇل بەرسە قويۇۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ بولالمىدى، نەچچە تۈمەننىڭ گېپىنى قىلسا، ياسىندا ھازىر ئۇنچىىلك پۇل يوق ئىدى. يېڭىدىن ماڭدۇرغان ئاشخانا گاھ توختاپ، گاھ ئاۋاتلىشىپ، كىرىم مۇقىم بولمىدى. تاپقىنىنى چوڭ خوتۇنى يۇرتقا بېرىپ كەلگىچە بىر سورىدى، ئاشقىنىنى “كىچىك خوتۇنى” سۈپۈرۈپ بولدى. لاۋبەن دەپ يۈرگەن بىلەن بىر دەمدە مانا “ناسۋال قاپاققا نان بارمۇ” دەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
بۇ ئەلپازدىن قارىغاندا ئۆمەرنى پات ئارىدا ئېلىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. تېخى ئاۋۇ ئۇششۇقلار دوختۇرخانىدىن قانداق ئىسپات كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، ئۇققىلى بولمايدۇ، قىزىمىزنىڭ يانپىشى سۇنۇپتۇ دەپلا قالسا ئۇلارغىمۇ نەچچە مىڭ، ھەتتا نەچچە تۈمەن خەجلەيدىغان گەپ، زىيان ئۈستىگە زىيان!… ياسىن بۇلارنى ئويلىغانچە ئۆمەرنى ئىچىدە مىڭنى تىللىۋەتتى، “يېغا ياندىن قوپار، بالا قېرىنداشتىن”دېگەندەك، شۇ شۇمنىڭ كاساپىتىدىن بىر ئوبدان كېتىپ بارغان ئوقەت، راھەت-پاراغەت ۋەيران بولىدىغان بولدى. شۇنچە يىل تىرىشىپ، تىرمىشىپ تىكلىگەن ئىقتىساد، تەئەللۇقات، ئابرۇي … كۈلگە ئايلىنىدىغان بولدى…
ياسىن ھازىرنىڭ ئۆزىدە پۇلنىڭ گېپىنى چىقىرىشنىڭ ئەپسىزلىكىنى، ئۆزىدىمۇ ئۇنچىلىك ئىمكانىيەت يوقلۇقىنى ئويلاپ، بىر ياقتىن ئۆمەرنى تىللاپ، ساقچىخانىدىن ئايرىلدى. تۈنۈگۈن تېخى ئىككى خوتۇننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش توغرۇلۇق باش قاتۇرۇپ، شىرىن خىيال سۈرۈپ يۈرگەن نوچى مانا ھازىر غەم-قايغۇدىن ئېغىر-ئېغىر تىنىدىغان، ئاچچىق يۇتۇپلا يۈرىدىغان سەپراغا ئايلاندى. “ئەچىقمايمەن، شۇ يەردە پاقا تەشكەن سويمىدەك كۆزىنى پارقىرىتىپ يېتىۋەرسۇن، ئاپىسى تېلېفون قىلسا باشقا بىر نېمە دەرمەن” دەپ ئويلىدى.
ئۇ سالپىيىپ يېنىپ كەلگەندە لاۋبەن سەتەڭ ئۇنى دۇكىنىنىڭ ئالدىدا چاقىرىپ توختىتىۋالدى. ياسىن غىل-پال ئۈمىدۋارلىق ۋە ساقچىخانىغا بارغاندىن كېيىنكى نوچىلىقى بىلەن سەتەڭگە مەغرۇر تىكىلدى، ئەمما ئىچىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئۆزى بىلەتتى.
__ شياۋ مېينىڭ ئانىسىدىن بايا تېلېفون كەلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىپتۇ، يانپاش سۆڭىكىگە راستىنلا دەز كېتىپتۇ، دوختۇرخانىدا داۋالانمىسا بولمايدىكەن، ئۇنىڭ چىقىملىرىنى سەن تۆلىمىسەڭ بولمايدۇ.
__ مەن نېمىشقا تۆلەيدىكەنمەن!؟_ دېدى ياسىن غەزەپ بىلەن،_ ئۇنى بۇزۇقچىلىققا سالغان ئۆزەڭ، باشقىسى دەز كەتتۈرۈۋەتسىمۇ، بىزدىن كۆرەمسەن؟ بۇنداق ئۇششۇقلۇق ئاقمايدۇ!
__ سەن تۆلىمەي كىم تۆلەيدۇ؟ تۆلىمەي قۇتۇلالمايسەن، بولمىسا ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمىز.
__ نېمە قىلساڭ قىلىش! مېنىڭ سەندەك ئۇششۇق، ئالدامچىلارغا بېرىدىغان پۇلۇم يوق.
__ بەرمىسەڭ قانۇندىن ئارىلىشىدۇ. مەجبۇرىي بېرىسەن.
__ شۇ ۋاقىتتا كۆرىلى، سەنلەرنىڭ ئالدامچىلىقىڭ ئېنىقلا تۇرمامدۇ؟ بۇزۇلۇپ بولغان بىر نېمەڭ بىر دەمدە پاك قىزغا ئايلىنىپ قالدى، بىر ئىتتىرىپ قويغانغا قوڭى ئىككى پارچە بوپ كېتىپتۇ… دوختۇرخانىغا ئۆزى بېرىپ، يالغان ئىسپاتتىن بىرنى قىلدۇرۇپ، بىزنى ئالدايمىز دېمىسۇن. شىنجاڭلىق ئۇنداق دۆت ئەمەس. ئەگەر شۇ بىر نېمەڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا نېمىشقا پۇل بەر دەپ ئۇرۇشىدۇ. بۇ ئوچۇقلا بىر تۆھمەت. سەن قىزلىرىڭنى بۇزۇقچىلىققا سالغىنىڭدىن تېنىۋېلىش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلىۋاتىسەن. مەن سوتتا بۇنىڭ ھەممىنى دەيمەن، سېنىمۇ تارتىپ چىقىمەن. تۆلەيدىغان زىياننى تەڭ تۆلەيمىز!
لاۋبەن سەتەڭ بىرنى دېسە ئىككىنى دەپ تۇرىدىغان ياسىننىڭ زۇۋانىغا ھەيران بولۇپ قاراپ قالدى، ئەمما يەنىلا مەنسىتمەسلىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپ:
__ مەن تېخى سەندىن زىيانلىرىمنى تۆلىتىۋالمىدىم، ئۆزەڭنى بىلىۋال. تۆلەيدىغاننى تۆلەپ بۇ ئىشنى تۈگەت. ئىنىڭ كېسىلىپ كەتمەستە ئۇنى قاماقتىن ئېلىپ چىق، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭ مەندىن يامانلىما!__ دېدى.
__ ساقچىغا بېرىدىغان بىر تىيىن يوق، مەن ئۇنداق ئاسان ئالدانمايمەن، ئادۋوكات تېپىپ ئىنىمنى ئاقلاپ چىقىمەن، سېنىڭ ئالدامچىلىقىنى ئاشكارىلىۋېتىمەن. سەن شۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ مېنى قويدۇڭ. مەنمۇ سېنى بوش قويمايمەن.
__ قولۇڭدىن كەلسە شۇنداق قىل، ئەنە سوت، ساقچىخانا، دەرۋازىسى ھەر كۈنى ئوچۇق، بېرىپ مېنى چاق، قېنى قانداق قىلالايسەنكىن!
__ قىلالمامدىكىن دەپ قالدىڭما؟ قاراپ تۇر، سوتقا بېرىپ مۇشۇ مەينەت پاھىشخانا بىلەن مۇشۇ قاتاردىكى پاھىشخانىلارنىڭ ھەممىسىنى تۈزلىۋېتىڭلار دەيمەن. مەن بۇ يەردىن كېتىپ بولغىچە چوقۇم شۇنداق قىلىمەن…
ياسىن گەرچە شۇنداق قىلالايدىغىنىغا ئىشەنمىسىمۇ، ئەمما جان كۈچ كەلگەندە ھامان ئۇرۇنۇپ بېقىشنى ئويلىدى.
__ مايمۇننىڭ راھىب بولالىشىغا ئىشەنمەيمەن،__ دېدى سەتەڭ مەسخىرىلىك كۈلۈپ، __ ئاۋۋال ئۆزەڭنىڭ ئاشخانىسىنى ساقلاپ قالالامسەن يوق، مانى ئويلا!
ياسىن ئاشخانىغا كىرگەندە قولى تۈزۈك ئىشقا بارماي ئولتۇرغان رەيھان ئورنىدىن قوپۇپ ئۇنىڭغا سوئال نەزەرىدە تىكىلدى.
__ كۆرۈشتۈرمىدى…__ دېدى ياسىن پۇتىدا جان قالمىغاندەك بىچارە ھالدا ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، __ كېسىم كېسىپ بولغىچە كۆرۈشتۈرمەيدىكەن.
__ نېمىىشقا ئۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ پۇل دەمدىغاندۇ؟ سىز پۇل ئېلىۋالمىغانما؟
__ ئاز پۇلغا ئۇنىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېرىپلا پۇلنىڭ گېپىنى قىلساڭ قاملاشمايدۇ. پارا بەرگەندە قاتتتىق ئېھتىيات قىلمىساڭ بولمايدۇ.
__ ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز…__ دېدى رەيھان ئىچ-ئىچىدىن ئاھ ئۇرۇپ، __ قاچانغىچە ياتار ئۇ ساقلاندى! بۇ يەرگە ئەكەلگەنگە تويغۇزۇپ بولىدىغان بولدى-دە!
__ تويغۇزۇپ بولدى ئەمەس، ھەممە نېمىمىزنى سورۇپ بولىدىغان بولدى دەيسەن!
__ ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس، خۇدايىم ساقلار!
__ سەن تېخى ئۇقمايسەن، ئۆمەر ئىتتىرىۋەتكەن بىر نېمىنىڭ داڭقان سۆڭىكى سۇنغان ئوخشايدۇ، ئاتا-ئانىسى كەمبەغەل خەقكەن، داۋالىنىش چىقىمىنى بىز كۆتۈرىدىكەنمىز. ئويلاپ باقە، بۇنىڭغا ئاز پۇل كېتەمدۇ؟
__ ۋۇي ما ئىشنى، بالا كەلسە قوش كەپتۇ دېگەن شۇ دە… كۆرىدىغان كۈنىمىز بار ئىكەن بىزنىڭ…
__ مەن شۇڭا بۇرۇنلا بىلگەن، بۇ ئىش ئۇنداق ئاسان ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس، توختىماي يول ماڭىدىغان گەپ، ئۇنىڭ-بۇنىڭغا كۈچۈكلىنىدىغان گەپ… قانداقلا قىلىپ بولسا ئۇنى سوتتا بىر تەرەپ قىلىپ بولغىچە چىقىرىۋالساق بولاتتى. بۇنىڭغا چوقۇم بىر مۇنچە پۇل كېتىدۇ. پۇل بولغانلا ھېساب ئەمەس، يول تاپمىساق بولمايدۇ. پۇلنىمۇ جايىنى تېپىپ بەرمىسەڭ، قۇدۇققا چۈشۈپ كېىتىدۇ…
__ ئەمدى ھەل بولمايدۇ دەپ قاراپ ئولتۇرغىلى بولماس، بۇنىڭ چارىسىنى قىلايلى.
__ سەن ھەممە ئىشنى شۇنداق ئاسان چاغلايسەن-ھە، خوتۇن خەقنىڭ كاللىسى شۇنچىلىكتە، بۇندىن كېيىن بۇنداق قىلىلى، ئۇنداق قىلىلى دەپ ماڭا تولا ئەقىل ئۆگەتمە، نېمە قىلىشنى ئۆزەم بىلىمەن، قىلالمىسام ئۆزەمنى زورلىمايمەن.
__ بۇ نېمە دېگىنىڭىز، توقۇمنى يەنە ماڭا ئارتاي دەمسىز. پەيسوغا بېرىپ چوڭ ئىش قىلىۋەتكەن ئوخشىمامسىز... ئۆزىڭىز بىر ئىشنى قاملاشتۇرۇپ كېلەلمىسىڭىزلا ماڭا تاپا قىلىدىكەنسىز!
__ ئاز گەپ قىلىپ ئىشىڭنى قىلە، ھازىر شۇ ئىشىڭنى ئويلىساملا جۇدۇنۇم ئۆرلەيدىغان بولۇپ قالدى…ئەكىلىدىغاندا “ۋاي خاتىرجەم بولسىلا ئاچا، بىز ئوبدان قارايمىز” دەپ ئەكەلگەن بولغىيدىڭ، ئەمدى تېلېفون كېلىپ قالسا ئۆزەڭ جاۋاب بەر… __ ياسىن ئورنىدىن قوپۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.
رەيھان بۇ گەپتىن يۈرىكى تىترەپ ئولتۇرۇپ قالدى، كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش: ئەرتۈرك، ئىلقۇت، بلوگ
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
قايتۇرما
]
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما
