«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىپ ھەقىقەتەن زوقلاندىم. سازچى سازەندىنىڭ ماھارىتىدىن زوقلانغاندەك، ھەۋەسكارمۇ قەلىمى پىشقان يازغۇچىلارنىڭ تىلى ۋە ۋەقەلىك بايان قىلىش ماھارىتى، ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىدىن باشقىچە زوقلىنىدۇ. دېھقان دېھقاننىڭ دەردىنى، شائىر شائىرنىڭ ئىچ سىرىنى، مۇڭلىرىنى بەكرەك چۈشىنىدۇ؛ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەمەس دىدارىغا قاراپلا بىر-بىرىنىڭ ھالىغا ۋاقىپ بولالايدىغان دىلكەشلەر ئارىمىزدا كۆپ، ھەتتا بىر مىللەت يات شەھەردە بىر-بىرىنى تونۇۋالالايدۇ، بولۇپمۇ بىز بۇ جەھەتتە تىپىك خەلق.
ھېكايىنىڭ ماۋزۇسىدىنلا شېئىر گۈزەللىكى بالقىپ تۇرىدۇ، شائىر روزى سايىت بىلەن بولغان دىلكەشلىكىنى بۈگۈنگىچە سۈرۈپ كەلگەن يازغۇچىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يازغان ئەسەرلىرىدە نەسرىي شەكىل بىلەن شېئىرىي رېتىم، ئورتاق ئەدەبىي تىل بىلەن خوتەنچە زاغرا تىل ناھايىتى ئەپچىل بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇرمەننى باشقىچە جەلپ قىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ «پەرھات-شىرىن» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ تولىمۇ زوقلانغانىدىم، بۇ ھېكايىسىنى ئوقۇپ يەنە باشقىچە ھۇزۇرلاندىم. تىلىدىنلا ئەمەس، كۆتۈرۈپ چىققان مەسىلە ۋە ئۇنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى بەدئىي ماھارىتىدىنمۇ زوقلاندىم. ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ، كاۋىنىڭ پىلىكىدەك چىرايلىق ئۆسكەن”سېرىق“ھۆرنىسانىڭ سىماسى، تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىپ كەتتىم؛ يېزا دېگەندە چىرايلىق قىز ئاز ئەمەس، چىرايلىق قىز دائىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىززىق نۇقتىسى، ئەخلاقنىڭ چىگىش نۇقتىسى. تىلىغا ھېسسىياتتىن رەڭ بېرىشكە ئۇستا يازغۇچىنىڭ قايسى بىرى ئۆز قەۋمىدىكى چىرايلىق قىز، ئاياللار ھەققىدە قەلەم تەۋرەتمىگەن؟ مۇھەببەت، گۈزەللىك، رەزىللىك، تراگېدىيە ھەققىدە ھاياجانلىنىپ ياكى ئېچىنىپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يازمىغان؟ دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەر شۇنىڭ ئۈچۈن جۇلالىنىپ تۇرىدۇكى، ئۇنىڭدا گۈزەللىك بار، بۇ گۈزەللىك قېتىدا ئايال بار. توم-توم كىتابلاردا ساقلىنىپ ياتقان تالاي سىمالار، خاراكتېرلار تىرىك روللار ئارقىلىق بىر-بىرلەپ كىنو ئېكرانلارغا چىقتى، كۆردۈق، كۆرۈۋاتىمىز؛ بىزدىمۇ ياخشى ئەسەرلەر بارلىققا كەلسە «كىنو قىلىپ ئىشلىگەن بولسا-ھە!» دەۋاتىمىز. ئەمما بەزى ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلىگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئوقۇپ ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە چەكلىنىپ قالىدىغان يېرى بار. بۇ ھېكايىدە ئۆزگىچە بىر مۇھىت تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، خىلۋەت يېزا مەنزىرىسىنى، غۇرۇرى كۈچلۈك ئەرلەرنى، مەزلۇم ئاياللارنى يېنىمىزدا باردىكىدەك كۆرەلەيمىز، ئاۋازىنى ئاڭلىيالايمىز، دەرتلىرىگە مۇڭداش بولالايمىز، ئېچىنىمىز، ئاخىرىدا ھەسرەتلىنىپ شۈكلەپ قالىمىز.
ھېكايىدە يېزىلغان ئىچكىرىگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش مەسىلىسى ھازىر ھەممىگە ئايدىڭ مەسىلە. چوڭ جەھەتتىن بۇ بىر سىياسەت، بۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسى، ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ بۇ رىئاللىقنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئىچكىرىگە ھۆرنىسادەك قىزلارنىڭ يۆتكەلگىنى راست، ناتونۇش مۇھىتتا ئۇلارنىڭ خىلمۇ خىل ئىشلارغا يولۇققىنى راست، ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنى راست. ئەدەبىي ئەسەر رىئاللىقنىڭ ئىنكاسى بولغانىكەن، بۇلارنىمۇ يېزىش كېرەك. قانداق يېزىش كېرەك؟ نېمىنى يېزىش كېرەك؟ يازغۇچى بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلانغان، كاللىسىنى چىرمىۋالغان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرالمىغان ھالدا ئويلانغان، ئاخىرىدا بىز كۆرگەندەك بىر ۋەقەلىكنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىپپەت، غۇرۇر مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
كۆكقۇم مەھەللىسى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى كۈجۈم مەھەللىلەردىن بىرى، بەلكى يېزىلاردىكى نۇرغۇن مەھەللىلەرنىڭ بىرى، ياسىن دېھقاننىڭ ئائىلىسىمۇ شۇ خىلدىكى دېھقان ئائىلىلەرنىڭ بىرى؛ بۇنداق مەھەللە ۋە ئادەملەرنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن تاپقىلى بولىدۇ، «تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئارقىلىق تىپىك ۋەقەلىك ۋە تىپىك مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىش» دېگەن كونا قائىدە بۇ ھېكايىدە شۇنچىلىك ئەسقاتقان ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغانكى، يازغۇچى ئۆزىنىڭ پىشقان ماھارىتى ئارقىلىق كونا ئەدەبىيات قاراشلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلارغا دەرس بەرگەن. دېمەك، ئەدەبىياتتا مەڭگۈلۈك قائىدە يوق، ھەم ھېچقانداق قائىدە كونىراپ قالمايدۇ؛ يېڭى قائىدىنىڭمۇ دائىم ئەڭگۈشتەر بولۇشى ناتايىن. قائىدە، ژانىر، شەكىل، قۇرۇلما دېگەنلەر پەقەت كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغا ئوخشاش بىر ۋاسىتە، ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يازغۇچىنىڭ روھى، تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقى، تىل خاسلىقى، بايان ئۇسلۇبى، ھېسسىياتى، ھەسرىتى... ۋاھاكازالار. مانا مۇشۇلارلا دائىم يېڭلىنىپ تۇرىدىغان يۇمشاق دېتالدەك دائىم كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ.
ھېكايە يومۇرلۇق، يەڭگىل كەيپىياتتا داۋاملىشىدۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا گەپ تىڭشاۋاتقاندەك ئاڭلايمىز پىرسۇناژلار ئاۋازىنى، قاتمۇ قات قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ياسىن دېھقان قىزىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىدۇ، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكنى يەڭگىللىتىشنىلا ئويلايدىغان ھۆرنىسا بىر كەتكەنچە 5 يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ. گەپكە قېلىش خەۋپىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا بىر يىلدىن كېيىن قايتىپ كەلمىدى؟ ئائىلىسىگە پۇل تېپىپ بېرىش، قەرزدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنلا قايتىپ كەلمىدى. بىر قارىسا دۆت، ئەخمەق قىز؛ بىر قارىسا ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار ئاقكۆڭۈل قىز. ئۇنىڭ ئىچكىرىدىكى زاۋۇتتا بىر يىل ئىشلەپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كاتتا مېھمانسارايدا كۈتكۈچى بولغانلىقى ۋە نەچچە يىل ئىپپىتىنى ساقلاپ يۈرۈشى ئادەتتە ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، بۇنداق نادىر ۋەقەلىك كىشىگە ئانچە چىن تۇيۇلمىسىمۇ ئەمما، بۇنداق ئەھۋالنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دېيەلمەيمىز. ھېكايە دېگەندە مۇمكىن بولىدىغان ئىشلار راست بولغان ئىشلاردەك يېزىلىدۇ، بىمەنە ئىشلار مۇئەييەن مەقسەت ئۈچۈن توقۇپ يېزىلىدۇ. ھۆرنىسانى دۆت دەيلى، ۋاپادار دەيلى، ساق دەيلى ياكى بۇزۇق دەيلى، ھېكايىدە كىشىنىڭ نېرۋىسىنى قوداڭشىتىدىغان بىر پىرسۇناژ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان باھاسى، ھېسداشلىقىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەنمۇ پەقەت بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز قارىشىمنى سۆزلەيمەن.
ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئىچكىرىگە بېرىشى بىلەن ھۆرنىسانىڭ ئېڭىدا ياتلىشىش ۋە يېڭىلىق باشلىنىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ئامالسىز كۆز ياشلىرى بەختسىزلىكتىن بېشارەت بېرىۋاتقاندەك بولىدۇ. نەتىجىدە كۈتۈلمىگەندە شۇنداق بولىدۇ، ھۆرنىسا قايتىپ كەلمەيدۇ، ياسىن دېھقاننىڭ ئائىلىسى مەھەللىدىكىلەرنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالىدۇ. قىزنىڭ ساددىلىقى، ئاقكۆڭۈللىكى، ۋاپادارلىقى ئۆز يوسۇنىدا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلىرىدىن ھالقىغان شەكىلدە ئىپادىلەنگەچكە ئاتا-ئانىسى ۋە مەھەللىدىكىلىرى ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى يەكلىنىش ۋە ھاقارەت ئىدى. ئۇ بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ كېلىدۇ ۋە ئويلىغىنىدىنمۇ ئېغىر ھالدا زەربىگە ئۇچرايدۇ.
ھېكايىدە ياسىن دېھقان قىزى ھۆرنىسادىنمۇ ئۆتە كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. ئۇ ئەركەكلىك غۇرۇرىنى ۋە باشقىلارنىڭ پىتنە-پاساتلىرىنى دەپ قىزىدىن كېچىدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ قىزىنى كەچۈرۈشى كېرەك ئىدى. جامائەت پىكرى ۋە جامائەت بېسىمى ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشىنى قوغداشتا زور رول ئوينىسىمۇ لېكىن بەزىدە پىتنە-پاسات پەيدا قىلىش ۋە شەخسكە زىيان يەتكۈزۈش رولىنى ئويناپ قالىدۇ. بۇ ھېكايىدە دەل شۇنداق بولغان. ئەگەر جامائەتنىڭ پىكرى ھەقىقەت بولسا ۋە شۇ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرالىغان بولسا بىر مەھەللىنى خاندەك سوراپ يۈرگەن مۇتتەھەم ئەمەلدارنىڭ قىلمىشىغا چەك قويالىغان بولاتتى؛ ئەگەر جامائەتنىڭ پىكرى مۇتلەق ئىجابىي رول ئوينىغان بولسا جەمئىيەتتىكى ناتوغرا ئىللەتلەر، تويدىكى ھەشەمەتچىلىك، نەزىر-چىراغدىكى سەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق، داغۋازلىق، دورامچىلىق، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىشلار ئازايغان بولاتتى. دېمەك، بىزدە جامائەت پىكرى ھازىر كۆپ ھاللاردا ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىش، ئۆزىنى ئۆزىنى خارلاش ۋە قىسماققا ئېلىپ جازالاش بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتىدۇ. «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا كۆپچىلىك ياخشىلىقتا ئەمەس، يامانلىقتا بىرلىشىدۇ؟
شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنى بەش يىل گۆھەردەك پاك ساقلاپ كەلگەن، چامادانلىرىغا لىق پۇل قاچىلاپ كەلگەن ۋاپادار قىز ھۆرنىسا ئاتا-ئانىسى، قەۋم-قېرىنداشلىرى، ئەھلى جامائەت تەرىپىدىن ئۇر-ئۇرغا قالغان چاشقاندەك خارلىنىدۇ. ئۇنى ھەتتا يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ، ئاياللار خىزمىتى كادىرلىرىمۇ قۇتقۇزالمايدۇ. ئىپپەت-نومۇسنى، يۈز-ئابرۇيىنى يوقىتىشنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ھۆرنىسا يۇرتىنى تەرك ئېتىپ، بەختىنى ئىزدەپ باشقا ياققا كېتىدۇ. ئۆزىنى ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئىشەندۈرەلمىگەن قىز شۇ ئاچچىقىدا بۇزۇلۇپ كېتىشى، ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ۋابالى كىمگە؟ بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى كىمدە؟!
ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئالغاندا ياسىن دېھقاننىڭ ئېتىقادىدا مەسىلە بار. ئۇ ئاللاھتىن ئەمەس، خەقتىن قورقىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغان بولسا ئىشنى باشتىلا خاتا قىلمىغان، خاتا قىلغان بولسا تۆۋە قىلىپ، سەۋەنلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولاتتى. ھۆرنىسانىڭ «بۇزۇلۇپ» كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئار-نومۇسقا چىدىماي (ئەمەلىيەتتە خەقنىڭ گېپىدىن قورقۇپ) ئۆلىۋېلىشقا ئۇرۇنمىغان بولاتتى. چىن ئېتىقادلىق مۇسۇلمان ھەر قانداق ئېغىر ئازابقا قالغاندىمۇ سەۋر قىلىدۇكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق ھەممىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنمايدۇ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ نىيىتىدىن يانىدۇ. جامائەتنىڭ گەپ-سۆزىدىن ئەمەس، ئاللاھتىن قورقىدۇ. خەقلەر ئائىلىسىگە بەختسىزلىك كەلتۈرىدىغان پىتنە-پاسات ياغدۇرغاندا، ئۇ گەپلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ باقىدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، بالىلىرىغا تەربىيە قىلىدۇكى، ئۇنى ھاڭغا ئىتتىرىۋەتمەيدۇ.
ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان ھەر بىر ئادەم ئاللاھنىڭ ئەپۇ-مەرھەمىتىنىڭ چەكسىزلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە « گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزىگە قاتمۇ قات زۇلۇم سېلىۋاتقان ئەي بەندىلىرىم، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ» دەيدۇ. ئىسلام دىنىدا ھەر كىمگە چىقىش يولى بار، تەۋبىنىڭ ئىشىكى ھەر دائىم ئوچۇق. ياسىن دېھقان غەزەپ-نەپرىتىنى قىزىغا ئەمەس، ئارىنى بۇزىدىغان پىتنە-پاساتلارغا بەكرەك قاراتقان بولسا ئەقلىنى تاپقان بولاتتى؛ ئائىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە زۇلۇم سېلىۋاتقان جامائەت بېسىمىغا تاقابىل تۇرغان بولسا ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلغان بولاتتى. ئاچچىقى زەھەرگە، ئۆزى يىلانغا ئايلىنىپ قالغان ئادەم ھەرگىز كۆكسى قارنى كەڭ ئەركەك، شەپقەتلىك ئاتا بولالمايدۇ. ھۆرنىسانىڭ ئۇنىڭدىن شەپقەت كۈتۈشى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ.
دېمەك، شەيتىنى ئىمانىنى بېسىپ چۈشكەن، ئابرۇي-ئىناۋەتنى ئاللاھتىن ئەمەس، خەقتىن تەمە قىلىدىغان، ئۆزىنى مۇسۇلمان تۇرۇپ مۇسۇلماننىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ياسىن دېھقان ئەمەلىيەتتە بەختسىزلىك ئۈستىگە بەختسىزلىك كەلتۈرگەن، ئۆز قىزىنى «قاغا» قىلىپ كۆزدىن يوقاتقان تراگېدىيىلىك شەخس.
ئاپتور بەلكىم ھۆرنىسا ئارقىلىق، قىزلارنىڭ مەيلى نەدىلا بولسۇن ئۆز ئىپپەت-نومۇسىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئىپپەت-نومۇسنىڭ ئۆزى بىلەنلا قالماي ئائىلىسىنىڭ ھۆرمەت-ئىناۋىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچى بولغاندۇ؛ دەرۋەقە، ئىپپەت-نومۇس، غۇرۇر مەسىلىسى قىزلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنى، ھاياتى، قەدىر-قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر بىر ئاتا-ئانا بىلمەي قالمايدۇ ھەم قىزىغا بىلدۈرىدۇ؛ ئەمما بىلدۈرۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ؛ ئېتىقادى چىڭ ئائىلىلەر بىلەن ئېتىقادى سۇس ئائىلىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە پەرزەنتلىرىنى چىڭ تۇتۇش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. ئېتىقاد، ئەخلاق ئارقىلىق قىزلارنىڭ ئىپپەت-غۇرۇر ئېڭىنى شەكىللەندۈرمىگەندە، ئادەتتىكى تەربىيە ياكى سۆزلەپ قويۇش بىلەن ئۇلارنىڭ دىلىغا چوڭقۇر تەسىر قىلغىلى بولمايدۇ. ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ، قالغاچلارمۇ بىر كۈنلەردە زاماننىڭ پىتنە-پاساتلىرىغا كۆمۈلۈپ، ئۆز جۇلاسىنى، قىممىتىنى يوقىتىدۇ، شۇم قاغىغا ئايلىنىدۇ.
ھالبۇكى، بۇ ھېكايىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ھەر بىر ئەركەك، ئاتا ياكى ئاكا بولغۇچى ئۆز ئائىلىسىدىكى ئاياللارغا كۆيۈنۈشى كېرەك. ئانا ھەققىدە جىق گەپ ساتتۇق، ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلار جاپاكەش. بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. ئەمدى شۇ پاك ئانىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغۇچى ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى قوغداشقىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. قىزلار ئاجىز، قىزلار شەيتانغا يېقىن... دەيمىز، ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارغا شەيتان ۋەسۋەسە قىلالمىغۇدەك پاكلىق ئېڭى، قوغدىنىش ئېڭى ئاتا قىلىش كېرەك، ئۇلار ھەر ۋاقىت چىرايلىق سۆز ۋە تەربىيىگە، ھۆرمەتلىنىشكە، غەمخورلۇققا مۇھتاج. ئۇلارنىڭ گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرۇشى ، پاك ھالدا جۇلالاپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى پەرۋىش قىلماي بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلاردا ئازغۇنلۇق ئالامىتى كۆرۈلسە ۋاقتىدا بايقاش، كۆڭلىدىكى چىگىش مەسىلە ۋە دەرتلىرىنى ئاڭلاش كېرەك؛ ئۇلار ھەققىدە سىرتتىن گەپ-سۆز ئاڭلىغاندا ئاق-قارىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، راست-يالغاننى ئېنىق ئايرىش كېرەك؛ ئەگەر كىمكى بوھتانغا ئىشىنىپ ئۆز قېرىندىشنىڭ پاكلىقىغا ئىشەنمىسە، ئۇ ھالدا ئۇنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابقا، ئۆمۈرلۈك دەرتكە سالىدۇ. خەقلەر ئۇنىڭ ھەققىدە غەيۋەت قىلىشتىن، بوھتان چاپلاشتىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان چاغدا بىر ئائىلە كىشىلىرى تېخىمۇ ئىناق، ئىتتىپاق بولۇپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىگە ئاللاھتىن ئىنساپ، تەۋپىق تىلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەككى، تۆھمەت قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھۆرنىسا يولۇققان پاجىئە ھەر بىر ئائىلىدىكى ئەركەكنى ئاگاھلاندۇرۇشقا يېتەرلىك.
ياسىن ئىككىنچى قېتىم ئاچقۇچىنى تىققاندا قۇلۇپ ئېچىلمىدى، مۇشۇنداق بولۇشىنى پەرەز قىلغانىدى، ئەگەر ئېچىلسا گۈلشەننىڭ ھېلىمۇ ئۇنىڭغا مەيلى بارلىقىنى، زورلىسىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ئەمدى بۇ  پۈتۈنلەي خام خىيال بولۇپ چىقتى. ياسىن لېفتتىن چۈشۈپ پىستە كۈچۈكلىرىنى يېتىلىۋالغان خەنزۇلارنى كۆرۈپ“ كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتمايدۇ” دېگەننى ئويلىدى، شۇ پەس كۆڭۈلنى دەپ مازلىشىۋاتقىنىغا ئىچى پۇشتى. “بۇ شاۋچىنىڭ ئالدىدا خارلىشىپ يۈرگىچە رەيھانغا يېلىنسام بولمامدۇ،  ئۇنىڭ ئالدىدا قانچە كۈچۈكلەنسەممۇ مەيلى ئەمەسمۇ؟” دېدى ئىچىدە. ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا  گۈلشەنگە قىلغاندەك غىلجىڭلىق قىلىدىغان بولسا  نومۇسقا قالاتتى، رەيھان ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتەتتى. رەيھان ئۇنىڭ خوتۇن خەقتەك ئەۋرىشىملىكىنى ئەمەس، ئەر كىشىگە خاس تۈزلۈكىنى ياخشى كۆرەتتى.
ئۇ نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ بالىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. رەيھان ھەر قېتىم يېرىم-ياتا، سوغۇق گەپ قىلىپ گەپنى تۈگەتتى. ئۇنىڭ قىزغىنلىقى رەيھانغا ياسالمىلىقتەك، شىرىن گەپلىرى لاۋزىلىقتەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەر قېتىم قىزغىن بولاي دېگەندە رەيھان ئۇنىڭ بۇنداق بولۇشىنى كۈتمەيدىغاندەك، ئەگەر شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىسا بىئارام بولىدىغاندەك تۈزلا پاراڭ قىلىپ گەپنى تۈگىتەتتى؛ ھەر ۋاقىت “سەن ئەر كىشى بولغاندىكىن سۈپىتىڭنى ساقلا” دېمەكچى بولاتتى، ئەمما ياسىن ھەر قېتىم مۇشۇ ئەرلىك سۈپەتكە پۇتلىشىپ، كۆڭلىدىكىنى دېيەلمەي جىلە بولاتتى.
ئۇ ئىككىلا خوتۇنىنى قولدىن بېرىپ قويغىنىدىن ئۆكۈندى، ئىككىلىسىنى تالاق قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە  ئۆز تۇرمۇشىدىن ئۆزىنى قوغلاپ چىقارغانىدى؛ بۇ خوتۇنلارىنى كۆزدىن يىراق قىلىپ تۇرمۇشنى يېڭىدىن باشلايمەن، تۈزۈك ياشايمەن دېگەن بىلەن بۇنداق قىلىش تۈگۈل، بۇرۇنقىدەك ياشىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. يالغۇزلۇق ئۇنىڭ جېنىغا پېتىپ ئارام بەرمەيتتى، ئوقەت قىلىپ تۈمەنلەپ پۇل تاپقان بىلەن خەجلىمىسە نېمە پايدىسى؟ خوتۇنسىز تۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى؟ ئەمما خوتۇنلىرى يېنىدا چاغدا نېمىشقا پىخسىقلىق قىلىدۇ؟ بۇ چۈپەيلىك نەدىن كەلدى؟ پۇلنى خەجلىمەي پەقەت يىغىش ئارقىلىق باي بولغىلى بولامدۇ؟ بۇنداق باي بولغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟!…   ياسىن  ئۆزىگە پۇل خەجلەپ ھۇزۇرلىناي دەيتتى، ئەمما قانداق ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەيتتى. ھاراق دېسە ئۆزىدە بار، كاۋاب دېسە تەييار. ئويناي دېسە ئالدىدا سەتەڭلەر پۇتىنى چىقىرىپ ئولتۇرىدۇ، لېكىن ھەممىسى مەينەت، كېسەل. دوستلىرىنى مېھمان قىلىپ ماختىناي دېسە بىرسىمۇ يوق. ئەڭ ئالىي مېھمانخانىدا يېتىپ باھاسى قىممەت سەتەڭلەرنى ئويناي دېسە ئۇنىڭغا چىدىغۇدەك پۇلدار ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ… سۈرىدىغان لەززىتى ھاراق، تاماكىدىن ئىبارەت ئەڭ ئادەتتىكى، ئەڭ زىيانلىق، ئەڭ سېسىق، ئەمما خۇمارى كۈچلۈك كەيىپ-ساپاغا مەركەزلىشىپ قالدى… مۇشۇنداق ياشايدىغان گەپمۇ؟  بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى مەست قىلىپ، پەس قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ ياشاش كېرەكمۇ؟!
ئۇنىڭ بۇ كۈنلەردىكى مەنىسىزلىكىنى بىلگەندەك غېنى شاڭجاڭ تېلېفون ئۇرۇپ قالدى.
__ ئاشخاناڭنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭمۇ؟__ دېدى شاڭجاڭ قىسقىچە ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن.
__ ياق تېخى، تۈزۈك ئادەم چىقمايۋاتىدۇ.
__  ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ مېنىڭ رېستۇرانىمدا كاۋاپچىلىق قىلساڭ بولاتتى.
__ مەن ساڭا كاۋاپچىلىق قىلمايمەن.
__ ئاندىن ساڭا رېستۇراننى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتىم.
__ ئادەمنى ساز قىلما، بىز ئۇنداق چوڭ ئوقەتنى قىلالمايمىز.
__ سەن ئاچساڭ ئاچالايسەن، مەن چاقچاق قىلمىدىم.
ياسىن بۇ گەپكە يەنىلا ئىشەنمىدى، ئەمما شاڭجاڭنىڭ بۇنداق گەپ قىلمىقى ئاسان ئەمەس ئىدى.
__ بىر ئوبدان مېڭىۋاتقان رېستۇراننى نېمىشقا ساتماقچى بولۇپ قالدىڭ؟
__ كېسەل داۋالاتقىلى بېيجىڭغا كەلگەن، مەن كېتىپلا ئىشتىن چاتاق چىقىپ، ئاشپەزدىن ئىككىسى يۇرتىغا كېتىپتۇ، قىزلاردىن بىر نەچچىسى يوقاپ كېتىپتۇ… پەرھاتنىڭ ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولماپتۇ. مەن بۇ گۇيغا ئامالنىڭ يوقىدىن رېستۇراننى تۇتقۇزۇپ قويغان، ئۆزەمنىڭ تۇغقىنى دەپتىكەنمەن، ئەمدى بېشىمغا سىيگىلى تۇرۇپتۇ. ئاقچىلىق قىلىدىغان نېمىلەردىنغۇ  زادى ياخشىلىق كەلمەيدۇ، ئاشخانا ئېچىشنى ئەسلى بىلمەيدۇ. شۇڭا ھازىر سەن بېرىپ باشقۇرۇپ تۇرساڭ، مەن بىر باسقۇچلۇق داۋالىنىشىمنى تۈگىتىپ قايتىپ بارىمەن. قالغان گەپنى بارغاندا دېيىشىمىز.
__ مەن بېرىپ قارىشىپ بەرسەم بېرەي، لېكىن ھازىرچە باشقۇرالمايمەن،__ دېدى ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ ئۆزىگە شۇ قەدەر ئىشەنگەنلىكىگە ھەيران قېلىپ،__ ئۆزەڭ بىلىسەن، مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا جان بېقىۋاتىمەن.
__ كۈچۈڭنىڭ يېتىشىچە قاراپ تۇر، مەن تېلېفوندا پەرھاتقا دەپ قويدۇم، ئۇنىڭ ماڭا قارشى چىقىدىغان ھەددى يوق، تاپقان پۇلنى كۈندە يەپ تۈگەتسىمۇ مەيلى، رېستۇراننى قەرزگە بوغۇپ قويمىسىلا بولىدۇ، سەن بۇنىڭغا كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرارسەن.
ياسىن بۇنىڭغا ۋەدە بەردى، ئۆزىنى غېنى شاڭجاڭ بىلەن تەڭ ئادەمدەك ھېس قىلىپ روھلىنىپ كەتتى. ئەمما رېستۇرانغا بارغاندا ئۇ ھېچقانداق ئىشقا ئارىلىشالمىدى، پەرھات بىلەن ياقۇپ يىلان بىرلىشىۋېلىپ، ئۇنى ھېچقانداق ئىشقا قول تىققۇزمىدى. رېستۇران بەكلا چۆلدەرەپ قالغانىدى. ئامالنىڭ يوقىدىن ئىشلەپ قالغان ئىشلەمچىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىقىش يولى تاپسا بۇ يەردىن كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ھاشىم خېلىلا ئوڭشىلىپ قالغان بولۇپ، پەرھات بىلەن ياقۇپنىڭ سايىسىدىن چىقماي، بىللە ئىچىپ-چېكىپ يۈرەتتى. ياسىن بۇلارنىڭ ئىشىغا بەكرەك ئارىلىشاي دېسە ئوتتۇرىدا جېدەل چىقاتتى،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ  جان پىدالىقى ئۈچۈن  نېمىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
غېنى شاڭجاڭنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى رەيھانغا تېلېفون ئۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى ياسىن ئۇقمايتتى. رەيھان دەسلەپتە ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئالمىغان بولسىمۇ ئەمما ياسىن ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدىغان بولۇپ قالغانىدى.
__ ئۇ يەنە كاۋاپچىلىق قىلىۋاتىدۇ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ دوختۇرخانىنىڭ كىچىك باغچىسىدا ئايلانغاچ،__ ئاشخانىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئادەم چىقمايۋاتىدۇ.
__ گۈلشەن دېگەن پاسكىنىنى يەنە ئىزدەپ يۈرۈۋاتقاندۇ؟!
__ فاڭدۇڭغا ئاشنا بولدى دەپ تالاق قىلىۋەتكەن تۇرسا يەنە ئىزدەپ بارامدۇ؟!
__ ئۇققىلى بولمايدۇ، ئەر خەقنىڭ كۆڭلى ھەممە نېمىنى كۆتۈرىدۇ.
__ سىز ئۇنداق ئويلىماڭ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئۇنچىلىك پەس ئەمەس.
__ شۇ چاغدا سىز گۈلشەننى داملاپ خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرمىگەن بولسىڭىز مۇشۇ ئىشمۇ يوق!
__ شۇ چاغدا نېمە ئويلىغىنىمنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ، بۇلارنى سىزگە دەپ ئولتۇرغۇم يوق.
__ ماڭا ھازىرمۇ بەك ھىيلىگەر كۆرۈنىسىز، خەقنى ئۆز دېپىمغا ئۇسسۇل ئويناتساملا دەيدىكەنسىز، لېكىن ئويلاپ باقسام سىزمۇ ئۆتۈپ كەتكەن بىچارىكەنسىز.
__ راست دەيسىز،  مانا مۇشۇ تاپتا دوختۇرخانىدا يۈرۈپتىمەن، ئۆزەم تىكەندەك يالغۇز، دوختۇرلار ياتاقتا يات دەيدۇ، “مەن ھېچكىم ماڭا ھەمراھ بولمىسا يالغۇز ياتامدىمەن” دەيمەن. ئويلاپ بېقىڭ، مەن بىچارە بولماي كىم بىچارە ؟!
__ زادى نېمە كېسەلكەن؟
__  ئاشقازان راكى دەيدۇ، مۇشۇ ۋاققىچە نەدە يۈردۈڭ دەپ سۆزلەپ كەتتى. مەن تېخى ئاشقازان يارىسى دەپ يۈرۈپتىمەن، نەدىن بىلەي بۇنداق كېسەلنى! ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، داۋالانسام بىر يىل، بولمىسا بىر نەچچە ئاي ياشايدىكەنمەن.
__ ۋاي خۇدايىمەي، نېمە دەيدىغانسىز ئەمدى!
__ ئۆمرۈم شۇنچىلىككەن، جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ شۇنچىلىككەن، بايا بىر دەم ئولتۇرۇپ ھەممىنى چۈشەندىم. ئادەمنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە قىلمىغان خىياللىرى قالمايدىكەن. ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ باقىدىكەن، قىلغان ئىشلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىدىكەن. ئويلاپ باقسام تېخى تۈزۈك ياشىماپتىمەن. نۇرغۇن پىلانلىرىم سۇغا چىلىشىپ قاپتۇ. مەن كىچىكىمدىن شۇنداق پىلان بويىچە ئىش قىلىشقا ئامراق، كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ئىشلارنى تەۋرىتىشكە ئۇرۇنۇپ باقىمەن. قۇرۇپ باقىمەن، چۇۋۇپ باقىمەن. ئادەم دېگەن شۇنداق نەرسىكەن، بىر قولىدا ياسىغاننى بىر قولىدا بۇزۇشقا تەييار تۇرىدىكەن؛ بىر دۆلەتمۇ بىر ياقتىن قۇرۇپ بىر ياقتىن بۇزۇپ ئىسلاھ قىلىپ تۇرىدىغۇ! لېكىن بىر ئادەمنىڭ كۈچى يەنىلا ئاجىز بولىدىكەن، پۈتۈن ئۆمرىنى قۇرۇش ھەم بۇزۇش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتسە  ئاقىۋەتتە ھېچ ئىش قىلمىغاندەكلا بولىدىكەن، بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە پايدىسى! مانا مەن تولا خوتۇن ئالدىم، ھەممىنى قويۇپ بەردىم. نەچچە بالىلىق بولدۇم، ھەممىسى خەقنىڭ بولدى. مىڭ جاپادا ئوقەت قىلىپ پۇل تاپتىم-دە كېسەل بولدۇم،  تاپقان پۇللىرىم بىر نەچچە ئاي داۋالانساملا تۈگەيدۇ،  رېستۇراننى مەن ئاچقان بىلەن ئۆي-زېمىن مېنىڭ ئەمەس، ئىجارىسى ۋاقىتلىق؛ چىقىمىنى چىقىرىۋەتسە تاپقان پۇلىمىز تايىنلىق. ئاقىۋەت نېمە قالدى؟ ئىسسىق جان قالدى، بۇ جانمۇ چىقىپ كەتسە قۇرۇق تېنىمىز قالىدۇ. مەن شۇنداق ئويلايمەن،  ياراتقۇچى ئاللاھ ئەسلىدە ئەڭ چوڭ پىلانلىغۇچى، ئۇ توختىماي يارىتىپ پىلانلاپ تۇرىدۇ. بىز ئۇنى-بۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقساقمۇ، يەنە ئۇنىڭ پىلانىدىن چىقالمايمىز…
غېنى شاڭجاڭنىڭ بۇ سۆزلىرىنى رەيھان زېرىكمەي ئاڭلىدى، ئۆلۈم ئالدىدا ھەر كىم بېشى چىڭقىلىپ كەتكۈدەك ئويلىنىدۇ، ئازابلىنىدۇ، تەن بېرىدۇ، سەۋر قىلىدۇ،  ئامانەت جاننىڭ ئىگىسى ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ،  تەقدىرى، بارىدىغان قارارگاھى  ھەققىدە ئىزتىراپلىق خىياللارغا چۆكىدۇ…
__ گەپلىرىڭىز توغرا، __ دېدى رەيھان ئېغىر تىنىپ،__ ئادەم ئۆز بېشىغا كەلمىگىچە بەزى ئىشلارنى چۈشەنمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ.
__ ئۆزەمنىڭ تولىمۇ كۆرەڭلەپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمنى ھەر بىر ئويلىسام ئاچچىق كۈلىدىغان بولۇپ قالدىم.
__ ئۇنداق دېمەڭ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەسكىلىشىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ.
__ مېنى ئەسكى دەپ ئويلىسىڭىز بولىدۇ، سىزگە كۆزۈم چۈشكىنى راست، ياسىننى ئازدۇرغىنىم راست، سىزگە ئېرىشمەكچى بولغىنىممۇ راست… لېكىن شۇ كۆزلىرىڭىزدىن ئەيمىنىپ ئاخىر بولدى قىلدىم. كۆڭلىڭىزنى ئۇتىمەن دەپ ئويلىغان، لېكىن قارىسام كۆڭلىڭىزنى ياسىنغا بېرىپ بوپسىز، ئۇنىڭدىنمۇ ئۈمىد ئۈزدۈم…
رەيھان بىر دەم جىمىپ كېتىپ، گەپنى ئەپقاچتى:
__  ياسىننىڭ ئۇنداق قىلىشىنى پۈتۈنلەي سىزدىن كۆرگىلى بولمايدۇ، بايا ئۆزىڭىز دېدىڭىزغۇ، ئاۋۋال ياراتقۇچى ئاللاھ، ئاندىن قالسا بەندە.  ياسىننى ئاۋۋال شەيتان ئازدۇرغان، ئۆزىدىمۇ ئىمان بەك ئاز. ئۇ  ئىمانىنى يوقىتىپ قارا كۆڭۈل بىر نېمە بولۇپ كەتمىسىلا، باشقىسىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيمەن.
__ ئۇنىڭغا يەنىلا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن.
__ يارىشىپ قالىمەن، لېكىن مۇناسىۋىتىمىز بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ.
__ بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كېتەمسىلەر تېخى، ئۇققىلى بولمايدۇ.
__ شۇنداق بولسا ياخشى، بولماي قالسا ئۇنى كۆرەرمىز.
__ مەن رېستۇراننى ياسىنغا ئۆتكۈزۈپ بېرەي دەيمەن، ئەگەر ياسىن بولمايدىغان بولسا سىزگە ئۇنى شۇنداقلا قالدۇرۇپ قوياتتىم، ئۆمرۈمدە قالغان ئېسىل نەرسە شۇ  كۆڭلۈم بولۇپ قالاتتى.
__ بۇ كۆڭلىڭىزگە رەھمەت!__ دەۋەتتى رەيھان تەسىرلىنىپ،__ ئەمما بۇ رېستۇراننى بىز ئېچىپ بولالماسمىزمىكىن.
__ سىلەر ئاچمىساڭلار باشقا ئادەم ئېچىپ بولالمايدۇ، مەن جىق نەرسە تەلەپ قىلمايمەن، ئەگەر پۇلۇڭلار بولمىسا قەرز ئېلىشقا مەن ياردەملىشەي.
__ قېنى بىز ئويلىنىپ باقايلى.
__ ياسىن بىلەن پاتراق يارىشىپ قېلىڭ.
__ ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كەلمىسە مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بارمايمەن.
__ ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە قاچانغىچە قېيداپ، ئۆچمەنلىشىپ يۈرۈيسىلەر. بۇنىڭ كىمگە، نېمىگە پايدىسى بار؟
__ بىز شۇنداق خەق ئىكەنمىز، بىلىپ تۇرۇپ خاتا قىلىمىز، ئۆزىمىز بىلەن دۈشمەندەك قېرىشىمىز.
غېنى شاڭجاڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق داۋالىنىشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىپ ياسىن بىلەن كۆرۈشتى. ياسىن ئۇنىڭ ياداپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ چاقچاق قىلدى:
__ ئورۇقلىتىش مەركىزىگە بېرىپ داۋالىنىپ كەلدىڭمۇ نېمە؟
__ ھەئە، ئاجايىپ تېز ئۈنۈم بېرىدىكەن.
__ يوقلاپمۇ بارالمىدۇق، قانداق، سالامەت كېلىۋالدىڭ؟!
__ خۇداغا شۈكرى، مۇشۇنچىلىك تۇرۇپتۇق. ئۆزەڭچۇ، دۇكىنىڭنى قانداق قىلدىڭ؟
__ ئەتە بىر خۇيزۇ  كەلمەكچى، ئازراق ئەرزان بولسىمۇ ئۆتكۈزۈۋېتىپلا قۇتۇلاي دەيمەن.
__ شۇنداق قىل، ئاندىن قەرز ئېلىپ بۇ رېستۇراننى ئۆتكۈزۈۋال.
__ راست ئاچامدىمەن؟
__ ئەر كىشى بولساڭ تەۋەككۇل قىل.
__ ئۆزەڭچۇ، باشقا ئىش-ئوقەت قىلاي دەمسەن؟
__ مەن ئۈرۈمچىگە كېتىپ داۋالىنىمەن، ئىش-ئوقەتنى ئالدىرىماي قىلىۋالارمىز.
__ نېمانداق تۈگىمەيدىغان داۋالىنىش ئۇ،  قەن سىيىش كېسىلىگە قالمىغانسەن؟!
__ شۇنداق دېسەڭمۇ بولىدۇ، قارنىمىزغا  تولا يەپ كېسەل تاپتۇق.
ئەتىسى ياسىن كونا ئاشخانىسىنىڭ ئىجارىسىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەئەللۇقات بىلەن بىراقلا  40 مىڭ يۈەنگە ئۆتكۈزۈۋېتىپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلدى؛ غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا بۇ شەھەرلىك لاۋبەن ئاغىنىسىدىن 150مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ بەردى.  ئىجارىسى، بېزەكلىرى، تەئەللۇقاتلىرى قوشۇلۇپ 300 مىڭ يۈەنگە يارايدىغان بۇ رېستۇراننى ياسىن  240 مىڭ يۈەنگە ئۆتكۈزۈۋالدى، نېسى قالغان پۇلنى كېيىن بېرىدىغان بولدى. غېنى شاڭجاڭ بىر ھەپتە ئىچىدە رېستۇراننىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى ياسىننىڭ نامىغا بېجىرىپ بېرىپ،  150 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى؛ قالغىنىنى ياسىنغا ئىشلىتىپ تۇرۇشقا بەردى، ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىۋەتتى. پەرھات بىلەن ياقۇپ يىلان بۇ ئىشلارغا لېۋىنى چىشلەپ قالدى. ئۇلارنىڭ بەرىبىر بۇ يەردە تۇرغۇسى يوق ئىدى، شۇڭا ھاشىمنى ئېلىپ رۈيلىگە كېتىشتى.
ياسىننىڭ سەھەر قوپۇپ كەچ يېتىپ تىرىشىچانلىق بىلەن ئىشلىشى نەتىجىسىدە رېستۇراننىڭ سودىسى بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى. گەدەنگە بىر مۇنچە قەرزنى ئارتىۋالغاندىن كېيىن جان پىدالىق كۆرسەتمەي  بولمايتتى؛  ئۇ ئىككى خۇيزۇ ئاشپەزنى تەكلىپ قىلىپ كەتكەنلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلىدى. كۈتكۈچىلىككە خەنزۇ قىزدىن ئىككى ئالدى. خېرىدارلارنى كۆندۈرۈپ بولغىچە كاۋابنى ئۆزى بىر قوللۇق تەييارلاپ ئۆزى پىشۇردى. سودا كۈندىن كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ياسىندا ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك پەيدا بولدى؛  رەيھان بىلەنمۇ بۇرۇنقىدىن قىزغىن پاراڭلىشىدىغان، تېلېفوندا ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بولدى.
__ ئۆزەم ئالدىڭغا بارسام بولاتتى، ئەھۋال مۇشۇنداق بولۇپ قالدى.
__ ئالدىمغا كەلمىسەڭ يەنە خارلىشىپ يېنىڭغا بارامدىمەن؟
__ ئەمدى خوتۇن، ئوقەتنىڭ بېشىنى تۇتۇپ قالدۇق. ئۆزەڭ كېلىپ بۇرۇن ئىشلىگەن جايىڭدا تۇرۇپ بەرمىسەڭ بولمايدۇ.
__ چوڭ لاۋبەن بولدۇم دەپ ئەمدى نوچىلىق قىلمايدىغانسەن؟
__ ۋاي قويە، قانچىلىك لاۋبەن بىز، شۇ تاپتا كۈيىدەك قارىداپ ئىشلەۋاتىمەن.
__ پۇل تاپقاندا بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغانسەن؟
__ ئوڭشايدىغان سەن بار ئەمەسمۇ!
__ چاقچىقىڭنى قويۇپ تۈزۈك گەپ قىل.
__ ئىللا بىللا، ھەرگىز بۇزۇلمايمەن، ئالدىڭدا قەسەم ئىچىپ بېرەي.
ئۇ رەيھانغا بىر مۇنچە ۋەدىلەرنى بەردى، بۇ ۋەدىسىدە چوقۇم چىڭ تۇرىدىغانلىقىغا ئۆزىمۇ ئىشىنەتتى.
رەيھان ئوغلىنى ئېلىپ ئاخىر كەلدى، ياسىن بېكەتكە چىقىپ ئۇلار بىلەن خۇشاللىق ۋە ھاياجان بىلەن كۆرۈشتى، ئوغلىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ مەڭزىگە سۆيدى. رەيھاننىڭ بۇرۇنقىدەكلا  چىرايلىق، لاتاپەتلىك تۇرقىنى كۆرۈپ، ئىنتىلىپ قارىدى، خىجىللىقتىن بېشىنى ئەگدى…
ياسىن بىر  نەچچە كۈن ئائىلە ھۇزۇرىغا چۆمۈلۈپ دۇنياغا قايتا تۆرەلگەندەك ھېسسىياتقا كەلدى، ئاداۋەتلەر، قاباھەتلەر بارا-بارا يوقالدى. كۈنلەر ھەر كۈنى ئالدىراش ئۆتمەكتە ئىدى، بەختىيارلىق تۇيغۇسى خۇددى گۈلگە ئوخشايتتى، پەرۋىش قىلمىسا سولىشىپ قالاتتى. ئەر-خوتۇن نۆۋەتلىشىپ بۇ تۇيغۇنى قەدىرلەشكە، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشقا مۇھتاج ئىدى. ھېسسىيات قانچە نازۇك بولسا ئۇنى شۇنچە ئاۋايلاشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭا رەيھان بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىن كېلەشىدە غېنى شاڭجاڭنى يوقلاپ ئۆتكەنلىكىنى، ھاياتلىق شامى ئۆچەي دەپ قالغان شاڭجاڭنىڭ كۆزلىرىدىن بالقىغان مۇھەببەت، تەشنالىق ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ كۆزىگە ياش ئېلىپ يەرگە قارىۋالغانلىقىنى ياسىنغا تىنمىدى. ياسىنمۇ قايسى كۈنى گۈلشەندىن تېلېفون كەلگەنلىكىنى رەيھانغا ئېيتمىدى، گۈلشەن تېلېفوندا ئۆزىنى بىر مۇنچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ كىچىكلىك، ئەخمەقلىق قىلىپ قويغانلىقىنى، ياسىن بىلەن بىللە بولغان شىرىن كۈنلىرىنى ئۇنتۇيالمىغانلىقىنى، ئەگەر ياسىن قاچان خالىسا ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ئىشىكى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ناز بىلەن، يۈزى قېلىنلىق بىلەن ئېيتىۋىدى، ياسىن كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە پەيدا بولغان ۋەسۋەسىدىن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قاتتىق تەگدى ۋە  ئەمدى ئىككىنچى تېلېفون قىلماسلىقىنى ئېيتىپ گەپنى ئۈزدى.
ئەر-خوتۇن بىر-بىر-بىرىگە ئىناق-ئىجىل بولۇشتى. رەيھان ياسىننىڭ بىر كۈنلەردە ئاينىپ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى جۈمەگە بېرىشقا، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇدى. ياسىن دەسلەپتە خوتۇنىغا يۈز كېلەلمەي ناماز باشلىغان بولدى، كېيىن كۆنۈپ قالدى، ئۆزىنى پالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ مۇشۇ كۈنلەرگە ئۇلاشتۇرغان رەببىگە تائەت-ئىبادەت بىلەن باش ئېگىشنىڭ قەرزلىكىنى، پەرزلىكىنى تونۇدى، ئىماننىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلغانچە تەقۋالىق بىلەن ياشاش ئانچە ئېغىر كەلمەيدىغان بولدى، پاكىز ياشىغانچە  ئۆزىنى باشقىچە روھلۇق ھېس قىلدى، ئائىلىسىنى، خوتۇن-بالىسىنى تېخىمۇ قەىرلەيدىغان بولدى.
(تۈگىدى)
ھاشىم ئىچىگە كىرىۋالغان قورقۇنچتىن قۇتۇلالمىدى، ئۆزىگە ھەسرەتلىنىپ، ئۆزگىلەرگە ھەۋەسلىنىپ ياكى ھەسەت قىلىپ ئىچى پۇشۇپ يۈرەتتى؛ غېنى شاڭجاڭ “ئىشلىسە كاللىسى ئوڭشىلىدۇ” دەپ ئۇنى يۈگۈر-يېتىم ئىشلارغا سالدى، ئۇ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ كالىدەك ئىشلەۋاتقان بىلەن كاللىسى جايىدا ئەمەس ئىدى، قاچا يۇيۇۋاتقاندا  چىنە-قاچىلارنى پات-پات چېقىپ قوياتتى، كۈتكۈچى قىزلارنىڭ چىشىغا تېگىپ سالاتتى، پۇت-قوللىرىنى سۇنۇپ ياتقان ۋاقىتتا گەرچە ئىچىۋالمىغان بولسىمۇ ئۆلۈمنىڭ ئاچچىق پۇرىقىنى ھېلىتىن سېزىۋاتقاندەك بېشى قېيىپ كېتەتتى،  ئۆلۈمنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ باقاتتى،  ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ تۆت-بەش يىل، بولمىسا ئون يىل ياشايدىغانلىقىنى، قالغان ئۆمرىنى بولسىمۇ ياخشىراق ياشاپ ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپ قالاتتى، ئەمما بۇ تۆت-بەش يىل ۋە ئون يىل دېگەنلەر ئۇنىڭغا تۆت-بەش كۈندەك تۇيۇلاتتى؛ بۇ ۋاقىت ئىچىدە كېسەل تارتىپ ئورۇقلاپ قىينىلىپ كەتمەمدۇ، باشقىلارغا پاسىق مەخلۇقتەك كۆرۈنۈپ، لەنەت-نەپرەت ئىچىدە ئۆلمەمدۇ؟… بۇلارنى ئويلىسا ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى سىقىراپ، تېخى قانمىغان ھاۋايى ھەۋەسلىرى چوشقىدەك چىقىراپ كېتەتتى.
پەرھات ئۇنىڭغا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىچىشىپ بەردى، كۆڭلىنى توختىماي ياسىدى، ئەمما ھېچقايسىسى ئۈنۈم بەرمىدى.
__ ئەمىسە ئاق چەك، ھامان ئۆلىدىغان بولغاندىكىن بالدۇرراق ئۆل،__ دېدى پەرھات بىر كۈنى ياتاقتا ئۇنىڭغا.
__ ئۇنى ئۇنىڭغا ئۆگەتمەيلى،__ دېدى ياقۇپ يىلان،__ نېمىسىگە چېكىدۇ ئۇنى!؟
__ ئەمىسە قانداق قىلىمىز بۇ گۇينى؟!
__ ئوڭشىلىدۇ، ئوڭشالمىسا ئۆزىمىز ئوڭشايمىز.
__ قانداق ئوڭشايمىز؟!
__ ساتراشخانىلارغا ئاپىرىمىز، زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرىمىز.
__ ساقچىلار بۇنى ئىزدەپ يۈرۈۋاتسا، ئۆزىمىزگە ئىش تاپمايلى ئاداش.
__ ھەممە يەرگە ئەيدىز دەپ بۇنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويمىغاندۇ؟
__ ئۇنداق قىلمىغان بىلەن، بۇ ئۆزىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ.
ھاشىم بۇ ئىككىسىگە قاراپ، نېرۋىسىغا تەگكۈدەك بىر گەپ ئاڭلاشنى تىلەپ ئولتۇردى؛ شۇنداق بولغاندا كاللىسى سەل ئارام تاپاتتى.
__ ئەتە ئۆلىدىغان ئىشىڭ بولسىمۇ بۈگۈن قورقماي ياشىمامسەن دەيمەن؟!__ دېدى پەرھات ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ،__ مۇشۇنداق يۈرىدىغان بولساڭ ئەجىلىڭدىن بۇرۇن ئۆلىسەن قاراپ تۇر..
__  بىرسى قاتتىقراق ئوسۇرۇپ سالسىلا جېنى چىقىپ كېتەمدىكىن دەيمەن بۇنىڭ!__ دېدى ياقۇپ يىلان.
ئىككىسى كۈلۈشۈپ كەتتى، ھاشىمنىڭ ئاچچىقى كەلدى، نېرۋىسى ئوڭشالغاندەك بولدى.
__ ھە، گەپ قىلە، زادى نېمە دەردىڭ بار؟ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىمىز ئېنىقلاپ باقىمىزمۇ يا؟ __ دېدى پەرھات كۈلكىدىن دەرھال توختاپ.
__ ياق…_ دېدى ھاشىم.
__ تەتەينىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا ئىشتىنىغا چىقىرىۋەتكەن گەپ، ئەمدى بارسا بىزگە ئۆلۈپ بېرىدۇ…
__ بۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ قورقۇپ قېلىۋاتىمەن،__ دېدى پەرھات ياقۇپقا قاراپ،__  قاراپ باقە ئۇنىڭدا ئادەم چىرايى بارمۇ!
__ ئۆزىنى ئۆزى قورقۇتۇپ ساراڭ قىلىۋېتىپ بارغان گەپ، ئوڭشىلىدۇ، پەقەت بولمىسا ئۆزىنى قورقۇتۇپ ئۆلتۈرىدۇ، جازاسىنى ئۆزى بېرىدۇ…
__ سىلەر… ئۇقمايسىلەر،__ دېدى ھاشىم تۇيۇقسىز ئېغىز ئېچىپ،__ مەن … مۇشۇنداق بولۇشتىن بەك قورقاتتىم، دەل … مۇشۇنداق بولدى.
__ قورققان يەردە جىن بار دېگەن شۇ __ دېدى پەرھات ،__ ئۇنى بىلگەن ئادەم  پاشۋازلىق قىلغاندا نېمىشقا قورقمىغان؟!
__ ئۇ چاغدا بۇ بۇقىغا ئايلىنىپ كەتكەن تۇرسا، نېمىدىن قورقىدۇ؟__ دېدى ياقۇپ يىلان مەسخىرىلىك كۈلۈپ،__ ئەمدى بۇنىڭدىن  ئاشۇ  بۇقا  نوچىراق بولۇپ قالدى، بۇقا دېگەن قورقۇشنى بىلمەيدۇ.
__ ھازىر بۇ بۇقا ئەمەس، بۇقىنىمۇ دورىيالمايدۇ، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ-دە.
__ پۇشايمان قىلامسەن ھاشىم،__ دېدى ياقۇپ يىلان،__ ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلە قېنى؟!
ھاشىم نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي مەنىسىز ئىلجىيىپ قويدى، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلمىسا نەچچە ۋاقىتتىن  ئاھ ئۇرۇپ، زارلىنىپ يۈرەمتى؟ كۆڭلىدە “ئوغۇل بالا دېگەن قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدۇ” دەپ ئويلىسىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىگە ھەرگىز تەسەللىي بېرەلمەيتتى؛ تەلىيى كېلىپ بالا-قازادىن ئامان قالغان بولسا شۇنداق دېيەلەيتتى، لېكىن ھازىرچۇ؟ ئۆز بېشىغا كەلگەن بۇ پالاكەتتىن ئۇنى كىم قۇتۇلدۇرالايتتى؟!
__ بۇنى سۆزلەتكەننىڭ پايدىسى يوق، چىرايىدىنلا چىقىپ تۇرمامدۇ؟__ دېدى پەرھات،__ قىلىدىغاننى قىلىپ بولدۇم، پۇشايمان قىلساممۇ بىكار، بولۇشۇم شۇ، تۇرۇشۇم شۇ، نېمە دېسەڭلار دەڭلار… دەيدۇ.
__ پېشانەڭگە مۇشۇنداق ئىش پۈتۈلگەن بولسا، بېشڭنى مىڭ تاشقا ئۇرساڭمۇ بىكار!__دېدى ياقۇپ يىلان ھاشىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ،__ بىر كۈن بولسىمۇ نوچىراق ياشاي دەپ ئويلا، بىز رۈيلىدە سەندەك ئەيدىزلەرنى تولا كۆرگەن، ئۇلار ھەر چوڭ سودىنى پۈتتۈرىدۇ، قانغۇدەك ياشايدۇ، سەندەك بۇنداق قورقۇپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇۋالمايدۇ.
__  بەك بولمىسا سېنى رۈيلىگە ئەكىتىپ شۇ يەردە ئوڭشايمىز، ئۇ يەردە ئۆزەڭنى ئادەتتىكى ئادەمدەك ھېس قىلىسەن. ئەيدىز نوچىلىرىغا قېتىلىپ پەيزى ياشايسەن، قانداق؟!
ھاشىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۈمىدلىنىپ قالدى، ئەمما ئۇلار قىلىدىغان چوڭ سودا چوقۇم خىروئىن سودىسى، ئەيدىزلەر ئەڭ خەتەرلىك سودىغا ماڭىدۇ، چۈنكى ساق ئادەملەر ئۇزاقراق ياشىسام دەيدۇ، ئەيدىزلەر بولسا نەچچە يىللىق ئۆمرى قالغاندىكىن ئۆلۈمدىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قورقىدىغىنى باشقىلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە ئۆلۈشتىن ئاۋۋال خارلىنىپ قېلىش، نەپسىنى قاندۇرالماسلىق. مۇشۇ چاغدا ھاشىم ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈمدىن ئەمەس، خارلىنىپ ئۆلۈشتىن، ئۆلۈشتىن ئاۋۋال نەپسىنى قاندۇرالماسلىقتىن بەكرەك قورقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
ياقۇپ يىلان ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققاندەكلا سۆزلىدى:
__ ساڭا ئەڭ ياخشىسى شۇ يەر بولىدۇ، پۇل تېپىشنى ئۆگىتىمىز، چىرايلىق قىز دېگەننى ئالدىڭغا تىزىۋېتىمىز، پۇخادىن چىققۇدەك ياشايسەن، جېنىڭ يايراپ كېتىدۇ، ئۆمرۈڭمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.
__ باياتىن ساڭا ئۇنى-بۇنى دەپ سالدۇق، لېكىن ساڭا ياخشى بولسۇن دېدۇق، سېنى ئوڭشايمىز دېدۇق، __ دېدى پەرھات ئەستايىدىللىق بىلەن،__ كۆڭلۈڭدە نېمە بولسا دېگىن،  بىرەرسىدە ئۆچۈڭ بارمۇ، يا بىرەرسىگە كۆڭلۈڭ بارمۇ؟ ھەممىنى ئېيت،  قولىمىزدىن كەلسە مەقسىتىڭگە يەتكۈزىمىز. ئىشقىلىپ، بۇ يەردە تارتىشىدىغان ھېچنېمەڭ قالمىسۇن.
ھاشىم بۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئەجەبلىنىپ قالدى، بىر قارىسا غەمخورلۇققا ئېرىشىۋاتقاندەك، بىر قارىسا مەسخىرە قىلىنىۋاتقاندەك…
__ ياسىندا پۇلۇڭ قالغان بولسا تېلېفون قىلساق ئەكىلىپ بېرىدۇ، بولمىسا ئۆزىمىز بارىمىز، ئۇنىڭدا باشقا ئۆچ-ئاداۋىتىڭ بارمۇ-يوق!؟
__ يوق،__ دېدى ھاشىم پەس ئاۋازدا.
__ ئۇنىڭ چىرايلىق خوتۇنىغا كۆز تاشلىغانمۇ؟!
__ قايسى خوتۇنىغا دەيسەن؟! __ دېدى ياقۇپ يىلان.
__ بۇرۇنقىسىنى دەيمەن.
__ يوق گەپنى قىلىشمايلى، ھاشىم ئۆزى دېسۇن.
ھاشىمنىڭ گەپ قىلماي ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ پەرھات سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
__ بۇنىڭ دەردىنى چۈشىنىپ قالدىم، ياسىن ئىككى خوتۇننى خوتۇن قىلىپ يۈرگەندە بۇ بىچارە  كۈندە ئۇلارنىڭ نەغمىسىنى تىڭشاپ چىدىمىغان گەپ، ئاندىن ساتراشخانىدىكى بۇزۇقلارغا چېپىلىپ، ئۆزىگە كېسەل تېپىۋالغان گەپ. بۇ ئۆزى گەپ قىلمىغان بىلەن ياسىنغا قاتتىق ئاچچىقى بار؛ ئۇنىڭدا ئۆچۈم يوق دېگەن بىلەن تازا ئۆچى بار.
__ بولدىلا ئاداش،  ئاقمايدىغان گەپ قىلمايلى،__ دېدى ياقۇپ يىلان گەپنى يىغىشتۇرۇشقا ئالدىراپ،__  ياسىننىڭ ئۆزىمۇ ۋەيران بوپتۇ، ساۋۇتمۇ كېتىپتۇ، گۈلشەننىڭ نېمە بولۇپ كەتكىنىنى ئۆزەڭ بىلىسەنغۇ…
__ گۈلشەن… نېمە بوپتۇ؟__ دېدى ھاشىم ئۈندەرەپ.
__ سوراپ قالدىڭغۇ؟ ئۇنىڭدا نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟!
__ مەن دېمەي تۇرۇپ گەپنى ئۆزى چىقاردى مانا!__ دېدى پەرھات كۈلۈپ،__ بۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى مانا مەن بىلىمەن، كېچىسى “گۈلشەن…مەنمۇ بىر ” دەپ جۆيلۈپ قويىدۇ بۇ!
ھاشىم بوش ھىجىيىپ قويدى، ئۇنىڭ ھىجىيىشلىرىمۇ غەلىتە ئىدى، كۆزى جىم تۇرۇپ، جاۋغايلىرى تارتىشىپ كېتەتتى.
__ جۆيلىسە جۆيلىمەمدۇ،  رۈيلىغا بارغاندا گۈلشەندىنمۇ سەتەڭ نېمىلەرنى ئويناپ نەپسى قانىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئىككەيلەن ھاشىمنى رۈيلىگە ئاپىرىپ ئوڭشايدىغان بولدى، بىر ھېسابتا ئۇنىڭغا كەلگۈسىنىڭ پىلان-خەرىتىسىنى سىزىپ كۆرسەتتى؛ ئۈمىدۋارلىق، تەمەگەرلىك، ياشاش ئىشەنچى، ھۇزۇرلىنىش ئارزۇسى بەخش ئەتتى.  بۇنىڭدىن ئاۋۋال ھاشىمنىڭ كاللىسىدا ئۆلۈمدىن باشقا ھەممە ئىش دىققەت قىلىشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىمەيدىغان ئۇششاق ئىشلاردەك، يا بولمىسا بۇ ئىشلار ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنگەنىدى. ئەمدى بولسا قانغۇدەك ياشاش، ھەۋەسنى قاندۇرۇپ ياشاش چوڭ ئىشتەك بىلىنىپ قالدى؛ بىردىنبىر قۇتۇلۇش يولى ئەگەر مۇشۇ بولسا،  ھاشىم ئۇلار باشلىغان يولدا ماڭىدۇ، ئوتقا كىر دېسە ئوتقا كىرىدۇ.   بېشىدا بىكاردىن بىكار دىۋەيلەپ تۇرغان، ئازابتىن باشقىنى ئېلىپ كەلمەيدىغان ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن كۆرە  ھەقىقىي خەۋپ-خەتەر، تەۋۋەككۇلچىلىك ئارقىلىق بۇ ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ يېڭىش ياخشىراق ئەمەسمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېرىشىدىغان راھەتچۇ تېخى! بۇ يەردە  بىكاردىن بىكار  قورقۇپ يۈرگەندىن  ئۇ يەردە  جېنى چىققۇدەك تەۋەككۇل قىلسا ھۇزۇرلىنىدۇ، ئەگەر خەتەردىن ئامان قالسا ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلغان ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ…
ھاشىمنىڭ كاللىسى ئانچە ئىشلىمىگەن بىلەن كۆڭلى بۇنداق نازۇك تۇيغۇلارغا باي ئىدى، شۇڭا ئۆزىنىڭ بىردىنبىر قۇتۇلۇش يولىنىڭ قاراملىق ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىش ئىكەنلىكىنى، قانچە قورقسا شۇنچە بۇرۇن ئۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالىدى. بۇ تۇيغۇغا ئېرىشكەندىن باشلاپ روھىغا تىرەك بولىدىغان بىر نەرسىگە، بىر باھانىگە ئېرىشتى.
رۈيلىگە ماڭىمىز دەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەرھات ھاشىمنى چاقىرىپ ئايرىمخانىدا سىرداشتى.
__ سەن گۈلشەننىڭ ساغرىسىنى سىلاپ باقمىغان، شۇنداقمۇ؟
__ ياق…__ دېدى ھاشىم بۇ قېتىم تۈزۈك ھىجىيىپ.
__ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان دېگىنە!
ھاشىم مۇشۇنچىلىكمۇ قىلالمىغىنىغا ئۆكۈنگەندەك بېشىنى چايقىدى.
__  ياسىن ئۇنى خوتۇن قىلىشتىن ئاۋۋال بىزنىڭ خوتۇن ئىدى. ھازىرمۇ خالىسام خوتۇن قىلىۋېرىمەن، نەچچە قېتىم ئۆيىگە بېرىپ قونۇپ كەلدىم. لېكىن ھازىر كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدىغان بولۇپ قالدى، بۇرۇنقىدەك پەيزى يوق، ھالىمۇ سەل يوغىناپ قاپتۇ…
ھاشىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ باشقىچە جانلىنىپ، ئىگىسىدىن بىر پارچە گۆش تەمە قىلىپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىۋاتقان ئىتتەك ھاسىراپ ئولتۇرالماي كەتتى.
__ قايسى كۈنى ئاخشىمى ئەمدى كارىۋاتقا چىقىۋاتسام  “ئاشنامدىن تېلېفون كېلىپ قالدى” دەپ مېنى ئۆيىدىن قوغلىدى،  ماڭا بەك ھار كەلدى، كەتكىچە ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بەرمىسەم مەنمۇ ساراڭ بولۇپ قالىمەن.
ھاشىم ئۇنىڭ سۆزىنىڭ داۋامىغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى.
__ تۈنۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى،  بىزگە نۆۋەت تەگمىدى، ئۇ ئۆزىچە بىزنى كۆزگە ئىلمىغان بىلەن بىزمۇ ئۇنى ئېلىۋەتكەن تىرماققا تەڭ قىلمايمىز، لېكىن چاندۇرمايمىز. شۇڭا بۈگۈن ئۆتكۈزۈپ بېرەي دېدىم. ئۆيىگە بارمايمەن، مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچتۇرىمەن، دەنگاۋ ئاپارمايمەن، توخۇ پاچىقىنى يېگۈزۈپ، قىزىل ھاراقنى تازا ئىچۈرۈپ غەرق قىلىمەن…
ھاشىم نېپىز كالپۇكىنى يالاپ قويدى، كۆزىدىن ئىنتىزارلىق، تەمەگەرلىك چىقىپلا تۇراتتى.
__ ياسىن لاۋبەن پۇلۇڭنى بەردىمۇ؟ ھە، ئەمدى شۇ پۇلۇڭنى خەجلەيدىغان يەرگە كەلدۇق. مەن ياتاق ئالغاندا سەنمۇ بىللە بېرىپ قوشنا ياتاقتىن ياكى شۇ قەۋەتتىن بىر ياتاق ئالىسەن. گۈلشەن سېنىڭ بۇ يەردىلىكىڭنى بىلمەي قالىدۇ. مەن ئىشنى توغرىلاپ بولغاندىن كېيىن ساڭا تېلېفون ئۇرۇپ قويۇۋېتىمەن، قالغىنىنى ئۆزەڭ جۆندەيسەن. ئەمما قاراپ تۇرۇپ ئۇنى ئەيدىز قىلىپ قويساڭ بولمايدۇ، ئۇنىڭغا بىر چارە قوللان…
__ بۇنى بىلىمەن، شۇنداق قىلىمەن…__ دېدى ھاشىم ھاياجانلىنىپ.
__ بىزنىڭ مەقسىتىمىز گۈلشەننى ئەيدىز قىلىش ئەمەس، سېنى ئارزۇيۇڭغا يەتكۈزۈپ، يۈرەك كېسىلىڭنى داۋالاش.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پەرھات ھاشىمنى باشلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى ياخشى مېھمانخانىلارنى ئارىلاپ، مۇۋاپىق بىرسىنى تاپتى،  ياتاقلارنى كۆزدىن كەچۈردى.
__ بۇ يەر بولىدىكەن، __ دېدى پەرھات كارىۋاتلارغا  قاراۋېتىپ،__ سەن مەندىن بۇرۇنراق كېلىپ ياتىقىڭدا ساقلاپ تۇرارسەن؛ نەغمە-ناۋا ئاڭلاپ قالساڭ چىداپ ياتارسەن.
پەرھات چىرايلىق ياسانغان، زىبۇزىننەت تاقىغان گۈلشەننى باشلاپ ياتاققا كىرگەندە ھاشىم  تامنىڭ ئۇ تەرىپىدە بولغۇسى ئىشلارنى خىيال قىلىپ ئولتۇراتتى، گۈلشەننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ جىددىيلەشتى، ئۇلارنىڭ تىۋىشىغا قۇلاق سالغاچ ئۆزىنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىنى تىڭشاپ ياتتى. ئۇلار كونا ئاشىق-مەشۇقلاردەك ياكى رومانتىك ئەر-خوتۇنلاردەك قىزغىن پاراڭلىشىپ، كۈلۈشۈپ بىر نەچچە سائەتنى ئۆتكۈزدى، ھاشىم تېلۋىزورنى پەس ئاۋازدا  ئېچىپ قويغان بىلەن دىققىتى ئۇلاردا ئىدى، قاچانلاردا تېلېفون كېلىپ قالار دەپ تېلېفونىغا پات-پات قاراپ قوياتتى. كېچە سائەت 11 گىچە تېلېفون سايرىمىدى، ئۇ  ئۇيقۇسىنى ئېچىش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈزىنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ چىقتى.  بىر چاغدا  ئۇلارنىڭ زۇۋانى جىمىقىپ، ئەسەبىي تىۋىشلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى، ھاشىم ئۇنىڭغا پۈتۈن دىققىتى بىلەن قۇلاق سالدى، نېرۋىسى چىڭقىلىپ، كاللىسى بىر نۇقتىدا قېتىپ قالدى. بىر دەمدىن كېيىن بۇ ئاۋازلارمۇ يوقالدى. تېلېفون يەنە سايرىمىدى، ھاشىم ئۆزىنى ئەخمەق قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ، ئىچى تىتىلداپ ئولتۇرالماي كەتتى، ئۇيقۇسى قاچتى. ئاشقان-تاشقاننى ئوينايدىغانلىقى ئۇنىڭدا ئەمدى ھاياجان ئەمەس، بەلكى ئاچچىق پەيدا قىلىۋاتاتتى؛ گۈلشەننى چوڭ بىلىپ كېتىشتىن شەكىللەنگەن قورقۇنچ، ئەنسىرەش دېگەنلەر قالمىغانىدى. نەپسى تاقىلداپلا تۇراتتىكى، مەقسىتىگە يېتەلمىسە ساراڭ بولۇپ، غالجىرلىشىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئەمما  ئۇ ئۇزاقتىن بېرى تەلمۈرۈپ، ئويلاپ يۈرگەن نەرسىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ سەۋر قىلدى. يېرىم سائەت شۇنچە تەستە ئۆتتى. ئۇلار مەستلىك ۋە ھارغىنلىقتىن ئۇخلاپ كەتكەن بولسىچۇ؟… ئۇ ئاچچىقىدا قوپۇپ كەتتى، پەرھاتقا ئۆزى تېلېفون قىلسا گۈلشەن ئويغىنىپ كېتىدۇ-دە، ئىش بۇزۇلىدۇ. ئەمىسە قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇ جىلە بولۇپ ئىككىلىنىپ تۇرغاندا  تېلېفونى بىر سايراپلا توختاپ قالدى. ئۇ ياتىقىدىن ئالدىراپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ياتىقى ئالدىغا كەلدى؛ پەرھات ئىشىكنى ئېچىپ ھاشىمنى كىرگۈزۈۋەتتى-دە ئۆزى ھاشىمنىڭ ياتىقىغا كىرىپ يېتىپ قالدى.
ھاشىم ئۆپكىسىنى سەل بېسىۋېلىپ گۈلشەننىڭ يېنىغا كىرگەندە ئۇ يالىڭاچ ھالدا  ھېچنېمىنى تۇيماي ياتاتتى. ھاشىم ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان ھاراق پۇرىقىنى خاتىرجەملىك بىلەن پۇرىدى، “ بۇنچە مەست بولۇپ كەتكەن نېمىنىڭ يۈزى ئەلۋەتتە قېلىن بولىدۇ، ئۇيقۇلۇقتا ئەمەس، ئويغاق ۋاقتىدىمۇ  نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمەيدۇ…” دەپ ئويلىدى؛ گۈلشەننىڭ مەست ۋە ئۇيقۇلۇق چىرايى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يات، غەلىتە كۆرۈنۈپ كەتتىكى، شۇمۇ ئەمەسمۇ دەپ سىنچىلاپ قاراپ باقتى، ئۆزى كۆرگەن ۋاقتىدىكىگە ھېچ ئوخشىتالمىدى. ئەمما بۇلارنى بەك ئويلاپ كەتمىدى…
گۈلشەن ئۇيقۇلۇق ۋە مەستلىكتە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك  قىلاتتى،  شۇنداقتىمۇ ھاشىم ئۇنىڭ ئويغىنىپ كېتىپ ئۆزىنى تونۇپ قېلىشىنى،  قەلبىدە ئۆلگىچە يوقالمايدىغان ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ قويۇشنى خالىمايتتى. ئۇ يوتقاننىڭ بىر ئۇچىنى ئۇنىڭ يۈزىگە ئارتىپ قويۇپ، قورقۇنچ ۋە ھاياجان بىلەن جىنايى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى، ئېغىر غەپلەتتە قالغان گۈلشەن خۇددى يۈزى يېپىپ قويۇلغان ئۆلۈكتەك ياتاتتى…
ھاشىم ياتىقىغا كىرىپ پەرھاتنى ئويغاتتى.
__ قانداق بولدى؟ __ دېدى پەرھات خۇددى چۈشىدىمۇ مۇشۇ ئىشنى ئويلاپ تۇرغاندەك.
__ بولدى، گۈلشەن شۇمۇ ئەمەسمۇ، بىلمەي قالدىم.
__ ماڭاۋە  كالۋا، ئەتىدىن چۈش كۆرمىگەنسەن؟
__ ئۇقمىدىم… كۆزىنى ئاچمايلا ياتتى.
__ ھاراققا ئازراق بىر نېمە ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، بولمىسا مەست بولسىمۇ ساڭا يېتىپ بېرىدىغان گۈلشەن ئەمەس ئۇ!
__ ساڭا رەھمەت، ئىشقىلىپ پەيزى بولدى.
__ كېسىلىڭنى ئۇنىڭغا يۇقتۇرۇپ يۈرمىگەنسەن-ھە.. مەن دېگەندەك قىلدىڭمۇ؟
ھاشىم پەرۋاسىزلىق بىلەن جاۋاب بەردى:
__ بىر قېتىمغا كېسەل يۇقمايدۇ.
__ ھوي كالۋا، مەن ساڭا نېمە دېگەن؟ قاراپ تۇرۇپ ئۇنى ئەيدىز قىلىۋەتسەڭ قانداق بولىدۇ؟
__ مەن ئەيدىز ئەمەس، ئۇمۇ ئەيدىز بولمايدۇ.
__ كاللاڭ ئەمدى ئوڭشالدىمۇ نېمە، دېمەك، مېنىڭ داۋالىشىم ئۈنۈم بېرىپتۇ ساڭا!
__ ساڭا رەھمەت، ئەمدى سەن نەگە دېسەڭ شۇ يەرگە بارىمەن.
__ رۈيلىگە كېتىمىز، بۇ يەردىن ئېسىل ياشايمىز.
ئەمما پەرھاتنىڭ بۇ پىلانى غېنى شاڭجاڭنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار بىلەن توختاپ قالدى. شاڭجاڭنىڭ ئۈرۈمچىلىك خوتۇنى رېستۇراندىكى قىزلاردىن ئېرىنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاچقا تېخى كۆرۈپ باقمىغان رەيھاننى كۈنلەپ تېلېفوندىلا شاڭجاڭ بىلەن غىژىلدىشىپ يۈرۈۋاتاتتى. ئەسلىدىنلا كەيپى ئۇچۇپ يۈرگەن غېنى  شاڭجاڭ ئۇ خوتۇنىنى تېلېفوندىلا  تىللاپ،خېتىڭنى ئال دەپ تەھدىت سالدى. خوتۇنى كېلىپ ئالىدىغان ھەققىنى ئېلىپ كەتتى. غېنى شاڭجاڭ شۇندىن كېيىن كۈن-كۈنلەپ تۈزۈك گەپ قىلمايدىغان، جاھاندارچىلىق ئىشلىرىغا ئانچە ئالدىرىمايدىغان، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى،  كۆپ ھاللاردا غەمكىن، خاپا يۈرەتتى. ئەمدىلىكتە توساتتىن بېيجىڭغا كېسەل داۋالاتقىلى بارىدىغان بولۇپ قالغانىدى.
__ نېمە كېسەل؟ قاچان يېنىپ كېلىسەن؟!__ دېدى پەرھات ھەيران قېلىپ.
__ چوڭ چاتاق يوق، بېرىپ تەكشۈرتۈپلا كېلىمەن؛ مەن كەلگىچە رېستۇرانغا قارىغاچ تۇرغىن.
غېنى شاڭجاڭ بېيجىڭغا يالغۇز كەتتى، بىر چاغلاردا ياسىنغا ماختىنىپ تۇرۇپ ئېيتقان ئۈچ خوتۇنىنىڭ ھازىر بىرسىمۇ يوق ئىدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ياسىن گۆش ئالغىلى كەتتى، قايتىپ كېلىپ گۈلشەننىڭ يوقلۇقىنى كۆردى، ھۇجرىدا ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ياسىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ پۇل قويغان چامادانىنى ئاختۇرۇپ باقتى، پۇل جايىدا ئىدى؛ ياسىن قوپقورۇق ئاشخانىغا كىرىپ، ئەمدى بۇ ئاشخانىنى ماڭدۇرۇپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدى. كېچىدىكى جېدەللىرىنى ئويلاپ، گۈلشەننى ئۇرۇپ خاتا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ سېسىق گەپلىرىنى ئېتىۋارغا ئالماي، كۆڭلىنى ياساپ، ئالداپ-سىلاپ ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن بولسا، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئىچى پۇشتى؛ بىر تۇرۇپ” ئۇنىڭ قورسىقىغا جىن كىردى“ دەپ ئويلىدى؛ بىر تۇرۇپ، ”ئۇنىڭغا غېنى تاز ئىش ئۆگىتىۋاتامدۇ نېمە؟!“ دەپ ئويلاپ قالدى.  ئاشخانىدا ئاز دېگەندە يەنە ئىككى-ئۈچ ئادەم بولمىسا يېتىشىپ بولغىلى بولمايتتى. ياسىننى غەم باستى، بۇرۇن ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا غېنى شاڭجاڭدىن ياردەم، مەسلىھەت سورايتتى. ئەمدى بۇنداق قىلىشى تەس، كۆڭۈلدىكى كىر-داغنى يوقاتمىقى ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەمما كۈتۈلمىگەندە غېنى شاڭجاڭ ئۆزى تېلېفون ئۇرۇپ قالدى:
ـــ قانداقراق ئەھۋال؟!
ـــ يامان ئەمەسقۇ!ــ دېدى ياسىن سوغۇققانلىق بىلەن.
ـــ يامان ئەمەس دېگىنىنى، ھاشىمغا نېمە بولدى؟
ياسىن بولغان ئەھۋاللارنى بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتتى.
ـــ بۇنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قاپتۇ، ئاغزىغا پەقەت گەپ كەلمەيدۇ. ھېچنېمىسىنى ئۇقالمىدۇق، شۇڭا سوراپ باقايلى دەپ تېلېفون قىلغان.
ـــ  بېرىپ ئەكىلىۋالسام بولاتتى، لېكىن ما  تەتەينىڭ ئەلپازى يامان، پۈتۈن ساتراشخانىدىكى ئەيدىزلەرنى يىغىپ ئۇنى  ساقچىغا تۇتۇپ بېرەمدىكىن دەيمەن.
ـــ ئەمدى ئۇ قېشىڭغا بارمىسۇن، نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ، ئوڭشالغاندا  بىر گەپ بولار.
ياسىن  بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەي قالدى، غېنى شاڭجاڭ ” ئۇنى ئەمدى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالات “ دېگەن بولسىمۇ، غىڭ قىلالمايتتى.
ـــ ئادىمىڭ يوقاپ كەتسىمۇ كارىڭ يوق يۈرەمسىنا؟  بىز بىلەن ئەمدى ئالاقە قىلماس بولدۇڭما؟
ـــ ئۇنداق ئەمەس، تېلېفون ئۇرىمەن دەپ ئۇرۇپ بولالمىدىم.
ـــ ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى، خوتۇن خەقتەك قېيدىغاننىڭ پايدىسى يوق.
ـــ قېيدىمىدۇققۇ؟ پەرھاتلاردىن سالام ئېيتتىم، ساڭا دېمىدىما؟
ـــ دېدى، ئوبدان كۈتۈۋاپسەن. بۇ تەرەپلەرگىمۇ كەلگىن.
ـــ بولمىسا كەچ تەرەپتە باراي.
ياسىن  بۇ كۈنى ئاشخانىسىنى ئاچماسلىقنى ئويلىغان بولسىمۇ زىياندىن ئەنسىرەپ يەنىلا ئاچتى، ئاشخانا بىر كۈن تاقالسا خېرىدار تېزىپ كېتەتتى. ساۋۇت ئىككەيلەن بۇ كۈنى پۇت-قولىغا تەگمەي ئىشلەپ خېرىدار كۈتتى، ئارىلىقتا ياسىن گۈلشەنگە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ ئالالمىدى، ئۇلانغاندا قارشى تەرەپ بېسىۋېتەتتى.
كەچتە خېرىدارنىڭ ئايىغى بېسىققاندا ياسىن  غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا ماڭدى. شاڭجاڭ ئۇنى بۇرۇنقىدەك قىزغىن كۈتۈپ كەتمىىسمۇ، ھۆرمىتىنى جايىدا قىلىپ جوزا راستلىدى. پەرھات بىلەن ياقۇپلارمۇ ھاشىمنى ئېلىپ كېلىپ ياسىن بىلەن كۆرۈشتى.  ھاشىم راستىنلا غەلىتە بولۇپ قالغانىدى؛ ھېچنېمىگە ئالدانمايدىغاندەك، تەسىرلەنمەيدىغاندەك، ئۆلۈمدىن باشقا ئىشنى تاماشا، بىمەنىلىك دەپ ئويلايدىغاندەك قىلاتتى؛  ياسىنغا گويا ئۇنى تونۇمايدىغاندەك ياكى ئۇنىڭ خوجايىنلىقىنى مەنسىتمەيدىغاندەك ئەلپازدا ھالسىز، پەرۋاسىز قاراپ قويدى. ياسىنمۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغاندەك ھاشىمغا يېڭىۋاشتىن سەپسالدى، ئېچىندى، غەزەبلەندى:
ـــ مېنىڭچە، بۇنى ئەيدىز دەپ بەك قورقۇتىۋېتىپتۇ، كاللىسىغا قاتتىق ئۇرۇۋەتكەندەكمۇ قىلىدۇ…
ـــ ياق، ئۇرماپتۇ، ئۇرسا بىلىنىدۇ. تۈنۈگۈن كېلىپلا يىغلاپ كەتتى، كېسەلدىن بەك قورقۇپ كېتىپتۇ…ــ دېدى پەرھات ھاشىمغا قاراپ قويۇپ،ـــ  ئەتىدىن بېرى جىق گەپ قىلدۇق،  ”ئۇ تەتەي ساڭا ئۆزىنىڭ كېسەل قەغىزىنى كۆرسىتىپ قورقۇتۇپتۇ، سەن خەنزۇچە خەتنى تونۇمىساڭ، ئەيدىز چىققىنىنى نەدىن بىلىسەن؟ “ دېدۇق، مۇشۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئوڭشالدى، بولمىسا ھوشىنى پەقەت بىلمەيتتى بۇ …
ـــ شۇنى دەيمەن، تۇتۇپ كېتىپ تەكشۈرگەندىكىن، بۇنىڭدا بىر يالغانچىلىق بار،ــ دېدى ياقۇپ يىلان، ــ  بۇنى قەستەن قورقۇتۇۋەتكەن گەپ!
ـــ ئادەم تۇتۇپمۇ شۇنداق قىلغان بارمۇ؟ ھەقىقەتەن يامان نېمىكەن،ــ دېدى غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا قاراپ، ــ قايتىپ بېرىپ ساڭا تەھدىت ساپتۇ-دە!
ـــ مەنغۇ قورقۇپ قالمىدىم، داۋلى سۆزلىدىم، لېكىن ئۇ دېگىنىنى قىلىدىغان بىر نېمە، ئۆمەرنىمۇ شۇنداق قىلىپ تۈرمىگە سولىتىۋەتكەن!
ـــ دېمەك، ئۇنىڭ ھاشىمدا ئەمەس، سەندە بىر ئۆچى باركەن، ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ،ــ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغان ئوخشىمامسەن؟!
ـــ نەدىكىنى، بۇرۇن چىقىشىپ ئۆتەتتۇق، دائىم كىرىپ كاۋاپ يەيتتى، چىرايلىق گەپ قىلاتتى.  كېيىن نېمە بولدى، ئۆزىچە قېيداپ قالدى؛  ئۆمەر ئىش تېرىپ قويۇپلا، مەن بىلەن قاتتىق قېرىشتى...
ـــ چۈشەندىم، سەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى ئۇقمىغان گەپ.
ـــ يېگۈزمىگەن گەپ، ئىچكۈزمىگەن گەپ!ـــ دېدى پەرھات گەپ قوشۇپ.
ـــ  دېمىسەڭلارمۇ شۇ،  بۇرۇنقى خوتۇننىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ئىشنى جايلاپ قىلالمىغان!ـــ دېدى ياسىن ھاراقنى قولىغا ئېلىپ، ــ جاھاندا خوتۇن خەقتەك يۈزسىز نېمە يوقكەن، ياخشىلىق قىلسا بىلمەيدىكەن، بۇنداق چاغدا تاياقتىن باشقىسى بىكار!
ـــ ئاڭلىدىم، گۈلشەننى ئۇرۇپسەن…
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ياسىننىڭ قاپىقى تۈرۈلدى:
ـــ ئاغزىنى بۇزسا ئۇرۇپ قويۇش كېرەك، بۇنداق خوتۇنغا تاياق دورا…
ـــ  سەن كۆڭۈل ئاياش دېگەننى ئۇقمايدىكەنسەن-دە!؟
ياسىن قېيناتىسىنىڭ ئىستەك-سورىقىغا  دۇچ كەلگەن ناچار كۈيئوغۇلدەك جىلە بولدى:
ــــ  ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلايدىغان بولساڭ، يېگەن تايىقىنى ھەقكەن دەيتتىڭ.  قاراپ تۇرۇپ مېنى ئەيدىزگە چىقاردى، ھېچ گەپتىن ھېچ يوق ئاجرىشىمەن دېدى…
ـــ سەنمۇ مۇشۇ ۋاققىچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە ئېلىپ بەرمەپسەن، ئازراق بىر نېمە ئېلىپ بېرىپ كۆڭلىنى ئالساڭ بولمامدۇ؟!
ـــ سەنمۇ شۇنى دەيدىكەنسەن، مەن ئېلىپ بېرەي دېدىم، ”ئالماس ئۈزۈك دېگەن قىممەت نېمە، ئاشخانىنىڭ سودىسى ياخشى ئەمەس، بىر ئاز پۇل تېپىپ ئېلىپ بېرەي“ دېدىم؛ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمىساق بولمايدۇ-دە!
ـــ ھېچنېمەڭ يوق قەلەندەر بولۇپ كەتمىگەنسەن؟ سەن يا قىمار ئوينىمىساڭ، يا ئاق چەكمىسەڭ، نېمەڭگە پۇلۇڭ قالمايدۇ؟  خوتۇن خەقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ئاندىن ئېشەكتەك ئىشلەتسەڭمۇ مەيلى ئەمەسمۇ؟!
ـــ مەسىلە پۇلدا ئەمەس، ئۇ  ماڭا راستىنلا خوتۇن بولىدىغان بولسا ماڭا بويسۇناتتى، بارنى تەڭ يەپ تەڭ باي بولاتتۇق. لېكىن  ئۇ ئۆزگىرىپ كەتتى، ھازىر ئۇنىڭ مەقسىتى مەندىن نەپ ئۈندۈرۈش...
ـــ دېمەك، سەندە پۇل جىقكەن! ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ،ــ پۇل دېگەننى خەجلەپ تۇرساڭ ئاندىن يانچۇققا كىرىدۇ،  تاپقىنىڭنى خوتۇنىڭغا خەجلىمەي كىمگە خەجلەيسەن؟  شۇنداق قىلىپ بۇ خوتۇنىڭنىمۇ قاچۇرىدىغان بوپسەن-دە!
ـــ قاچسا ئۆزىگە، مەن ئەزەلدىن خوتۇن خەققە يالۋۇرۇپ بارمايمەن.
ـــ ئۈچىنچى خوتۇنلۇققا بىرسىنى كۆزلەپ قويدۇڭ دېگىنە،ـــ دېدى پەرھات ھىجىيىپ،ــ لېكىن رېستۇراندىكى قىزلار بولمايدۇ.
ـــ ئەمدى ساڭا بىكارلىق خوتۇن يوق!ــ دېدى ياقۇپ يىلان.
ياسىن ئاچچىقتىن تولغاندى، زەردىسى چىرايىغا چىقتى.
ـــ يەڭگەمدەكلا گەپ قىلدىڭ ــ دېدى ئۇ ياقۇپ يىلانغا مەسخىرىلىك تىكىلىپ،ـــ قىممەت خوتۇندىن بىرنى تېپىپ قويغان ئوخشىمامسەن؟! ياخشى خوتۇن بولسىلا مەيلى جۇمۇ، ئاشخانىنى سېتىپ بولسىمۇ ئالىمەن.
ـــ خوتۇننىمۇ ساڭا مەن تېپىپ بېرەمتىم؟
ـــ ئەمىسە ئەر كىىشنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما…
بۇ گەپلەر چاقچاق ئەمەس، ھەرىدەك چېقىش ئىدى. ھاراق ئۇلارنىڭ ئىچ-باغرىنى قىززىتىپ، بىر-بىرىگە بولغان ئاللىقانداق ئۆچمەنلىك ئوتىنى تۇتاشتۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
ياسىن بۇ سورۇندا كۆڭۈللۈك ئولتۇرالمىدى، غېنى شاڭجاڭ ئاق كۆڭۈللۈك قىلىپ رەيھاننى قولدىن بېرىپ قويغىنىغا تېخىچە پۇشايمان قىلىۋاتقاندەك پەرىشان، غەمكىن كۆرۈنەتتى؛ ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ياسىنغا تەنبىھ بېرىشكە، ھەتتا مەسخىرە قىلىشقا ئاران تۇراتتى. ئىككى گۇپپاڭچىمۇ گەپتە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي، ياسىننى چۈشۈرۈشكە، چېقىۋېلىشقا، تېرىكتۈرۈشكە قەستلەيتتى. ياسىن بۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ھاشىمغا پات-پات قاراپ قوياتتى، ھەر قارىسا ئىچى پۇشاتتى. ئىچىپ بىر يەرگە بارغاندا ئۇ ئورنىدىن قوپتى:
ـــ غېنىكا، مەن ماڭاي،  ئاشخانىدا ساۋۇت يالغۇز قالدى.
ـــ گۈلشەننى قانداق قىلىسەن؟
ـــ ئەتىگىچە بىر گەپ بولار.
ـــ ھاشىمنى مۇشۇنداق تاشلاپ قويساڭ بولامدۇ؟
ـــ ئەمىسە قانداق قىلىمەن، بايا دېيىشتۇققۇ، ئۇ يەرگە بارسا چاتاق!
ـــ ساراڭغا سوت يوق، تۈرمىگە سولىمايدۇ.
ـــ ئەمىسە مەن ئەكىتەي، نېمە ئىش بولسا شۇ چاغدا كۆرەي!ـــ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ.
ـــ بولدى قالسۇن، ئاۋۋال ئۆزەڭنىڭ ئىشىنى ئوڭشاپ كەل.
ـــ ھاشىمغا بىز قارايمىز،ــ دېدى پەرھات،ــ ساڭا قالسا كۈنى تەس.
ياسىن ئارتۇق تېرىكمىدى، ھاشىمغا مۇنداقلا  قاراپ قويۇپ ماڭغىلى تەمشىلىۋىدى، ئۇ تۇيۇقسىز  ئورنىدىن قوپۇپ ياسىننىڭ بىلىكىگە ئېسىلدى:
ـــ نەگە… ئىش ھەققىم… ئىش ھەققىمنى…
ياسىن گەدىنىگە بىر شاپىلاق يېگەندەك جىممىدە  تۇرۇپ قالدى.
ـــ ئىش ھەققىمنى بەر دەۋاتىدۇ،ـــ دېدى ياقۇپ يىلان،ــ سەن تېخىچە ئۇنى بىكىرىغا ئىشلىتىپ كەپسەن-دە! ئەڭ ياخشىسى پۇلىنى ھازىر بېرىۋەت!
ـــ دېمىسىمۇ بېرىمەن، مەن خەقنىڭ ھەققىنى يەيدىغانلاردىن ئەمەس!ــ دېدى ياسىن ئۆڭۈپ،ـــ ئەتىلا كېلىپ بېرىۋېتىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاشىم ئۇنىڭ بىلىكىنى قويۇۋەتتى، ياسىن ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قاراپ قويۇپ سىرتقا ماڭدى، غېنى شاڭجاڭ تالاغا چىقىپ ئۇزاتمىدى.
قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى، ياسىننىڭ كەيپى ئۆرلەپ قالدى، بۇرۇن شىر كەيىپلىكتە لەيلەپ قايتاتتى، ئەمما بۇ قېتىم سەپرالىقتىن بېشى قايدى. شۇ ماڭغانچە ئۇدۇل گۈلشەن تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ يېنىغا كەلدى.  دەرۋازىدىن كىرەي دەپ تۇرۇشىغا  بىر ماشىنا ئۇنىڭ يېنىدىن سىپاپ دېگۈدەك دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى-دە،  بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، بىنا ئالدىغا كېلىۋاتقان ياسىن ماشىنىدىن چۈشۈۋاتقان گۈلشەننى كۆرۈپ جايىدىلا تۇرۇپ قالدى. گۈلشەنگە ئىشىك ئېچىپ بەرگەن ئادەم دەل ئۆيىنى ئىجارىگە بەرگەن خەنزۇ ئىدى. بۇ ئۆينىڭ ئىجارە ۋاقتى توشۇپ كەتسىمۇ، گۈلشەن داۋاملىق ئولتۇرۇۋاتاتتى.
ئىككىسى بىناغا بىللە كىرىپ كەتتى، ياسىن بىناغا چىقىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆينىڭ ئىچىدە  پاراڭلار باشلىنىپ كەتكەنىدى. ”بوپتۇمۇ؟ “ دەيتتى گۈلشەن. ” ئۆزىڭىزدەك چىرايلىق قىلىۋېتىپسىز،ــ دەيتتى ئۇ خەنزۇ زوق-شوخ بىلەن،ــ قاچانغىچە ئولتۇرىمەن دېسىڭىز ئولتۇرىۋېرىڭ…“
ياسىن تاقەت قىلالماي ئىشىكنى چەكتى، ”كىم؟“ دېدى گۈلشەن ئەنسىز توۋلاپ.
ـــ مەن! ــ دېدى ياسىن غەزەپ بىلەن،ــ ئاچە ئىشىكنى!
ھايال ئۆتمەي ئىشىك ئېچىلدى، گۈلشەن كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇراتتى، ئەمما ياسىندىن قورقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ـــ ئىككىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن بۇ يەردە؟!
ـــ ئۆي كۆرۈۋاتىمىز.
ـــ ئۆي كۆرۈۋاتىمىز؟ ئۇنى باشلاپ كىرىپ نېمە قىلماقچى؟
ـــ كىم نېمە ئىش قىپتۇ؟ ئۆينىڭ ۋاقتى توشتى دەپ كەپتىكەن، مەن يەنە ئولتۇرىمەن دەپ بۇنىڭ بىلەن دېيىشىۋاتىمەن.
ـــ بۇ گېپىڭنى كۈندۈزى دېمەي، ئاخشىمى دەمتىڭ؟
ـــ بۇنىڭ قاچان ۋاقتى چىقسا شۇ چاغدا دېمەمدىمەن؟
ـــ ۋاي ما يۈزى قېلىننىڭ گېپىنى، بايا ماشىنىدىن بىللە چۈشتۈڭغۇ، كۈندۈزى ئويناپ قانمىغاندا ئاخشىمى بىللە ياتماقچى، شۇنداقمۇ؟!
ـــ كىم ئۇنداق قىلىمەن دەپتۇ، ئادەمگە تولا قارا چاپلىماڭ.
ـــ ئەمىسە نەچچە ۋاقىتتىن كۆچ دېسەم نېمىشقا كۆچمەيسەن؟! يا بۇ خەنزۇنى ئاشنا تۇتۇپ ئولتۇرماقچىمىدىڭ؟!
گۈلشەن چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى، ئەپتى-بەشرىسىنى بىراقلا ئاشكارىلاش ياكى يوشۇرۇپ قېلىش ئارىسىدا ئىككىلىنىۋاتقاندەك، بۇ چاتاقتىن قۇتۇلۇشقا  كاللىسى دەماللىققا ئىشلىمەيۋاتقاندەك قىلاتتى.
ـــ بۈگۈن نېمىشقا غىپپىدە قاچتىڭ، نەگە باردىڭ؟ نەدە ئوينىدىڭ؟
ـــ غېنىكامنىڭ رېستۇرانىغا باردىم، قايتىپ كېلىۋاتسام بۇ خەنزۇ ئۇچراپ قالدى، ئۆينىڭ ئىشىنى دېيىشىپ ئاندىن بۇ يەرگە كەلدۇق…
ـــ يالغان سۆزلىمە، نەچچە سائەتتىن بېرى مەن شۇ يەردە،  غېنىكاڭغا ھازىر تېلېفون قىلىدىغان بولسام رەسۋايىڭ چۇۋۇلىدۇ.
گۈلشەن سەل ھودۇقتى، ئەمما ئۆزىنى دەرھال ئوڭشاپ جاۋاب بەردى:
ـــ سېنى مېھمان قىلسام دېدى، سىرتتا تاماق يېدۇق شۇ…
ـــ كۈدە-كۆرپەڭنى ئېلىپ مەن بىلەن ماڭ، بۇ ئۆينى ئەمدى قايتۇرىمىز.
ـــ مەن بۇ ئۆينى قايتۇرمايمەن! ــ دېدى گۈلشەن تەتۈر قاراپ.
ـــ نېمىشقا قايتۇرمايسەن؟ قايسى پۇلۇڭغا ئولتۇرىسەن بۇ ئۆيدە؟! بىر ئاخشام يېتىپ بەرگەنگە بېرىۋەتتىمۇ يا بۇ ئۆينى ساڭا، گەپ قىلە!!
ـــ نېمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى!ـــ دېدى گۈلشەن تەرىنى تۈرۈپ،ــ مەن خەقنىڭ سېتىۋالغان قۇلى ئەمەس!!
ئاڭغىچە ئۆي ئىگىسى خەنزۇ  تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ، ” نېمە ئىش! “ دېگىنىچە ئىككىسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بۇنداق جېدەلنىڭ چىقىشىغا ھەيران قېلىۋاتقاندەك، گۈلشەن ئۈچۈن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويغۇسى باردەك ئىنتىلىپ تۇراتتى.
ـــ ماڭا قارا ــ دېدى ياسىن ئۇنىڭغا،ــ بىزنىڭ ئۆيىمىز بار، بۇ ئۆينى قايتۇرىمىز.
ـــ مەن مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرىمەن!ــ دېدى گۈلشەن قەتئىيلىك بىلەن، ــ بىز توي قىلمىغان، توي خېتىمۇ ئالمىغان، سەن ماڭا ھېچنېمە ئالمىغان، ھازىرغىچە ھېچنېمە ئېلىپ بېرىپ باقمىدىڭ، مالايدەك ئىشلەتتىڭ، ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، قېشىڭغا ھەرگىز بارمايمەن، ئۆز ئالدىمغا ياشايمەن!
ـــ سەن مېنىڭ خوتۇنۇم، بۇنداق قارا يۈزلۈك قىلما!
ـــ خوتۇنۇم دەيدىغان ئىسپاتىڭ قېنى؟ بىر تال ئۈزۈك چاغلىق نەرسەڭمۇ يوققۇ؟!
ـــ ئەمدى ئېلىپ بېرىمەن دېدىمغۇ؟! نېمانداق ساراڭلىق قىلىسەن؟!
ـــ ئەمدى لازىمى يوق، ماڭا خەجلەشكە چىدىمىغان شۇ  پۇللىرىڭنى چېكەڭگە قىسىۋال!
ئىككىسىنىڭ جېدىلىگە ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىمىغان خەنزۇ ” نېمە گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشىڭلار، مېنىڭ ئازراق ئىشىم بار، ماڭغاچ تۇراي “ دەپ كېتىپ قالدى.
زەردىسى قايناپ تۇرغان ياسىن گۈلشەننى ئىتتىرىپلا ئۆيگە ئەكىرىپ ئىشىكنى تاقىۋالدى.
ـــ گەپ قىلمىسام نېمانداق ھەددىڭدىن ئاشىسەن، ۋۇي رەسۋا!
ـــ ئەر كىشى بولساڭ ماڭا قول تەڭلىمە!
ـــ ئۆتەپ بارە يۈزسىز شاۋچى،ـــ ياسىن ”پاس-پۇس“ قىلىپ تەستەكتىن ئىككىنى سېلىۋەتتى.
ـــ ئۇرە، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەڭمۇ سەندەك نېمىگە خوتۇن بولمايمەن!
ـــ سەن ئۆلسەڭ ئۆلۈكۈڭنى ئىتمۇ يېمەيدۇ ۋۇي پاسكىنا!
ـــ يەنە ئۇرىدىغان بولساڭ غېنىكامغا تېلېفون قىلىمەن، تۈنۈگۈنمۇ ئۇردۇڭ، غېنىكام ھەممىنى بىلىدۇ؛ مېنى ئىگىسى يوق چاغلاپ قالما!
ـــ رەسۋالىقىڭنى بىلسە غېنىكاڭمۇ ئەدىۋىڭنى بېرىدۇ.
ـــ مەن رەسۋا بولىدىغان بولسام ئاللىبۇرۇن كوچىغا چىقاتتىم، سەندەك قەلەندەرگە خوتۇن بولمايتتىم، ئۇقتۇڭمۇ!؟
بۇ گەپ ياسىننىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، بىر چاغلاردىكى ئەقىللىق، چىرايلىق، مۇلايىم قىز مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ ياسىننى ئۆزىگە خۇمار قىلىۋەتكەن مەپتۇنكار ”خوتۇن“ مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭ ئەقلى ھىيلىگەرلىك بىلەن، چىرايلىقلىقى ئاچكۆزلۈك بىلەن، مۇلايىملىقلىقى ياسالمىلىق بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەچكە، ياسىناخۇن ئۇنىڭ ئىچ مىجەزىنى بىلەلمىگەن گەپ؛  كونىسىدىن بىزار بولغانچە يېڭىياچە خوتۇنىنىڭ ھەممە يېرى گۈزەل تۇيۇلۇپ كەتكەن گەپ. رەيھان دېگەندەك،  ”كۆزىگە ئىشتان كىيىۋالغان“ گەپ!
ـــ دېمەك، مەن قەلەندەردىن زادى قۇتۇلمىساڭ بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟   مۇشۇ ئۆينى دەپ مەندىن يۈز ئۆرۈيسەن، شۇنداقمۇ؟! بۇ ئىشنىڭ ھەممىسىنى غېنىكاڭ ئۆگەتتى، شۇنداقمۇ؟
ـــ غېنىكامنىڭ بۇ ئىش بىلەن چاتىقى يوق، مېنىڭمۇ كاللام بار.
ـــ شۇ، كاللاڭ ئېشەكتەك ئىشلەپ قويىدىكەن؛ ئەمەلىيەتتە سەن ئىلگىرىكىن دۆت نېمە، شۇ تازنىڭ گېپىگە كىرىپ ماڭا  تەگدىڭ، قەستەن سوقۇشتۇڭ، قەستەن يۈز ئۆرىدىڭ…  غېنىكاڭغا ”بۇ قەلەندەردىن نەپ چىقمايدىكەن“ دېگەنسەن ھەقىچان؟
ـــ مەن دېمىسەممۇ ئۆزى بىلىدىغاندۇ سېنىڭ قانداقلىقىڭنى؟!…
ياسىننىڭ گۈلشەنگە بولغان بارلىق ھېسسىياتى، زوقمەنلىكى، ئۈمىد-تاماسى سېپىدىن ئۈزۈلگەن غورىدەك تېزلا سولاشتى، كەينى-كەينىدىن دەسسەپ مىجىلدى.
ـــ  ماڭاۋە يۈزسىز شاۋچى! بۈگۈندىن باشلاپ سەن ئۈچ تالاق! ئەتىدىن باشلاپ كوچىغا چىقامسەن، ساتامسەن، ياتامسەن، ئۆلەمسەن، كارىم يوق!
گۈلشەن مېيىغىدا كۈلۈپ قويدى، بۇ كۈلكىدە ئازراق ھەسرەت بار ئىدى، ئۇ ئىلگىرى ياسىننى ئىختىيارسىز ياقتۇرۇپ، قەستەن ياخشى كۆرگەن بولسا، ئەمدى ئۇ ئىشلىرىنى ئۆتمۈشتىكى بىمەنە ئويۇنلىرىدەك ھېس قىلىپ مەسخىرە قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتاتتى.
ياسىن  بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا  ئاخىرقى قېتىم گۈلشەنگە زورلۇق قىلغۇسى كەلدى، ئاچچىقى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان شەھۋىتى  ھەدەپ ئۇنى شۇنىڭغا كۈشكۈرتەتتى.  ئەمما ئۆزى بايا ”پاسكىنا“ دەپ تىللاپ بولغان بۇ رەسۋا خوتۇنىنىڭ ئالدىدا ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلغۇسى كەلمىدى. بۇ ”خوتۇن“ ئېرىنىڭ ئاخىر سۆزىنى بېرىۋەتكىنىدىن خۇشال بولۇپ، نېمىلا قىلسا بۇ ئۆيگە ئېرىشىپ بەخت سۈرىدىغاندەك ئۈمىدلىنىپ ئولتۇراتتى، ياسىن ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن بىر قاراپ قويۇپ، تالاي ”شىرىن“ ئەسلىمىلىرى قالغان بۇ  ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
ياسىن ئاشخانىغا كەلگەندە ساۋۇت قوپقورۇق ئاشخانىدا ھوقۇشتەك ئولتۇراتتى.
ـــ كىرىپ ئۇخلا،ـــ دېدى ياسىن ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ،ـــ ھاشىم پۈتۈنلەي ساراڭ بوپتۇ، بۇ ئاشخانىنى قانچىلىك ماڭدۇرساق شۇنچىلىك ماڭدۇرۇپ تۇرايلى، ئاقماي قالسا ئىجارىسىنى ئېلىشىغا سېتىپ شىنجاڭغا چىقىپ كېتىمىز…
ئەتىسىدىن باشلاپ ئاشخانىدا ئىككەيلەن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ باققان بولسىمۇ  تۈزۈك سودا بولمىدى.  ئۇدۇلدىكى لاۋبەن تەتەي كۈندە دېگۈدەك ئاشخانىغا كىرىپ ھاشىمنى سورايتتى، ساقچىلارمۇ پات-پات كېلىپ قاراپ قويۇپ كېتەتتى. ياسىن بۇ ئاشخانىنى ئېچىۋېرىشتىن يالتىيىپ قالدى، ئۇنىڭ ئەسلى كەسپى كاۋاپچىلىق ئىدى، ئاشخانىنىڭ جاپاسىغا باققاندا كاۋاپچىلىق ئاسانراق ئىدى ھەم كۆپ پۇل تاپقىلى بولاتتى. ياسىن ئىككى كۈن ئويلىنىپ بۇ ئاشخانىنى بىرسىگە ئۆتكۈزۈۋېتىش قارارىغا كەلدى.  ھاشىمنىڭ ئىش ھەققىنى ئاپىرىپ بەرگەچ غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالماقچى بولدى، ئەمما گۈلشەننى ئۈچ تالاق قىلغانلىقىنى بىلسە غېنى شاڭجاڭ ئاچچىقلاپ كېتەرمۇ؟! ئەگەر گۈلشەن ئۆزىنىڭ رەسۋاچىلىقىدىن ئەنسىرەپ شاڭجاڭغا ھېچنېمە دېمىگەن بولسىچۇ؟
ياسىن نېمىلا بولسۇن غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون ئۇرۇپ ئۇنى تىڭ-تىڭلاپ باقماقچى بولدى.
ـــ مەن ئۆتكۈزۈۋالسامغۇ بولاتتى، لېكىن ماڭا بولمايدۇ، مەن ئاچسام چوڭىنى ئاچىمەن ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ تېلېفوندا، ئۇ مۇشۇ باھانىدە ياسىننى قەستەن چۈشۈرۈۋاتقاندەك قىلاتتى ،ــ ئالىدىغان ئادەم چىقىدۇ، كۈتۈپ باق.
ـــ سېنىڭ تونۇشلىرىڭ بار، ئاچىدىغانلار بولسا ئۇقۇشۇپ بەرسەڭ …
ـــ ئۆزەڭ بىلىسەن،  بىز خەقتىن بۇ يەردە ئاشخانا ئاچىمىز دەيدىغانلار يوق، ئاقچى-يانچۇقچىلارغا بەرگىلى بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى”جۈەنراڭ“ دېگەن خەتتىن بىرنى چاپلاپ قويۇپ ئاشخاناڭنى ئېچىۋەر، دۇكان ئاچىدىغانلار ئۆزى كېلىدۇ.
ـــ بۇمۇ بولغىدەك، ھاشىم قانداقراق؟
ـــ بۇرۇنقىدەكلا تۇرىدىغۇ بۇ!  گەپ قىلسا بەزگەكتەك تىترەيدۇ…
ـــ  ئىش ھەققىنى ئاپىرىپ بېرىمەن دەپ ھېچ بېرىپ بولالمىدىم، ئاشخانىدا ھازىر ساۋۇت ئىككىمىزلا قالدۇق، ئاشخانىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەندە ئاپىرىپ بېرەي ئەمدى!
ـــ گۈلشەننى قانداق قىلدىڭ؟ ھازىر يېنىڭدا ئەمەسما؟
ـــ ۋاي ئۇنىڭ گېپىنى قىلما، ھېلىقى ئاخشىمى بولغان ئىشنى دېمەيسەن، سەن بىلەن خوشلىشىپ ئۇنى چىرايلىق ئىزدەپ باردىم، بىنا ئالدىغا كەلسەم فاڭدۇڭ خەنزۇنىڭ ماشىنىسىدىن چۈشۈۋاتىدۇ. قاراپ تۇرسام ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئارقىسدىن بېرىپ ”بۇ نېمە ئىش؟“ دېسەم، مەندىن يوغان تېگىدۇ. ئاچچىقىمدا ئىككى تەستەك ئۇرۇۋەتتىم. ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىدى، شۇ ئاچچىقىمدا تالاق قىلىۋېتىپ ئاشخانىغا يېنىپ كەلدىم. ئۇنىڭكدىن كېيىن بولغان ئىشنى ئۇقمايمەن…
ـــ  خوتۇنۇڭغا ئۆزەڭ ئىگە بولالمىساڭ خەقنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ شۇ!
ـــ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟! ــ دېدى ياسىن ئاچچىقتىن تىترەپ،ــ ئۇنىڭ خوتۇن بولغۇسى بولمىسا زورلاپ خوتۇن قىلامدىمەن؟
ـــ نېمە قىلىشنى ساڭا ئۆگىتەمدىمەن؟ ئۆزەڭنى ئەر كىشى دېسەڭ، خوتۇن خەقتىن ھەرگىز يامانلىما!
ـــ بولدى، بولدى، بۇ گەپلەرنى ساڭا دېمىدىم!ـــ دېدى ياسىن غەزەپ بىلەن.
ـــ خوتۇن خەقنى ئوڭشايدىغانمۇ، بۇزىدىغانمۇ ئۆزەڭ، بۇندىن كېيىن خوتۇن ئالساڭ ئۆزەڭگە چۇشلۇق خوتۇن ئالارسەن…
ياسىن بۇ سېسىق گەپلەردىن تۇنجۇقۇپلا قالدى،” ئاناڭنى تاز، نېمە قىلسام چاتىقىڭ نېمە“ دەپ ئاغزىنى بۇزغىلى قىل قالدى، ئەمما تېرىكىش ئۆزىنىڭ مازلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىدى؛  ئاچچىقىنى زەھەر يۇتقاندەك چىداپ يۇتۇۋەتسە بۇرۇنقى نوچىلىقىنى ساقلاپ قالالايتتى؛ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنىڭ تاماقلىرىنى يېدى، ھاراقلىرىنى ئىچتى، ئەڭ چىرايلىق كۈتكۈچىسىنى خوتۇن قىلدى، بۇلارنىڭ يۈزىنى قىلىشى كېرەك؛   ئۇنىڭ سېسىق گەپلىرى رەيھانغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىنكى ئاچچىقىنى چىقىرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. رەيھانغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئەمدى گۈلشەننىڭ ياسىنغا خوتۇن بولۇش-بولماسلىقى بىلەن نېمە چاتىقى،  ھەر قانچە چىرايلىق قىز بىر قېتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن پېتىدىن چۈشىدۇ، تۈگىشىدۇ،  غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ نېمىسىگە قىيالمايتتى؟ تاشتەكتىكى گۈلنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ نېمە قىلاتتى؟ ئۆزى غاجاپ قويۇپ ياسىنغا سوۋغا قىلغان ئالمىنى ياسىن تاشلىۋەتسە، ئۇنىڭغا قانداق ئىچى ئاغرىسۇن؟!
ياسىن غېنى شاڭجاڭنى ئىچىدە بىر ھازا تىللىدى، ئىلگىرى ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمدى ۋاقتىدا ھوشىنى تېپىپ، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئاشخانىسىنىڭ ئەينىكىگە «جۈەنراڭ»(ئىجارىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ) دېگەن خەتنى چاپلاپ قويۇپ، كاۋاپچىلىقىنى قىلىۋەردى. خېمىر يۇغۇرىدىغان ھاشىمنىڭ ئەمدى بۇ يەردە ئىشى قالمىغانىدى، شۇڭا بۇ يەردىن كەتمەكچى بولدى. ياسىن ئۆزى ئىچىپ-چېكىپ يۈرگىنى بىلەن ساۋۇتتەك ناماز ئوقۇيدىغانلارنى، كەيىپ-ساپادىن يىراق تۇرالايدىغانلارنى ھۆرمەتلەيتتى، شۇڭا ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق بەردى، ساۋۇتمۇ رازى بولدى.
ـــ ئەمدى نەگە باراي دەيسەن؟ يۇرتقا كېتەمسەن؟
ـــ ھەئە، ئۇزۇن بولدى بارمىغىلى، ــ دېدى ساۋۇت ئىنتىزارلىق بىلەن،ــ چوڭلار قېرىپ قالدى، قېشىدىراق تۇراي دەيمەن.
ـــ ئىش-ئوقەتنىڭ تايىنى بولمىسا يېنىپ كېلەرسەن.
ـــ قاراپ باقارمەن، رىسقىمىز بولسا كۆتۈرۈلۈپ قالارمىز.
شۇنداق قىلىپ ھاشىم كەتتى، ياسىن ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇپ غېرىبلىققا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى. قاچانغىچە بۇ قۇرۇق ئاشخانىغا باغلىنىپ ئۆتىۋېرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بىرەر ئىجارىكەش كەلگىچە قالدۇق دەسمايىسىنى ساقلاپ، ئىش-ئوقىتىنى قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. ئۇ غېنى شاڭجاڭ بىر چاغدا ”قۇل بازىرى“ دەپ كۆرسىتىپ قويغان ئىشلەمچىلەر بازىرىغا بېرىپ، بىر خەنزۇ ئايالنى باشلاپ كېلىپ،  كاۋاپ ئۆتكۈزگىلى سالدى، بىر زىخ كاۋاپ ئۆتكۈزسە ئىككى مو بېرىدىغان بولدى، كۈنلۈك ئىش ھەقىنى كۈندە ھېسابلاپ بەردى.  ئاشخانىسىدا كۈندە ئىككى-ئۈچ يۈز زىخ كاۋاپ، ئىككى-ئۈچ يېشىك پىۋا تۈگەپ تۇراتتى، بۇنىڭدىن تەڭمۇتەڭ پايدا قالاتتى. ياسىن بۇ كۈنلىرىگىمۇ شۈكرى قىلدى، ئەمما كەچلىرى يالغۇزلۇققا چىدىماي قالاتتى. گۈلشەننى دەپ  ھەيدىۋەتكەن خوتۇن-بالىسىنى ئويلاپ كۆڭلى غەش بولاتتى، رەيھان بىلەن ئۆتكەن خۇشال كۈنلىرىنى، ئۇنىڭ ھايالىق، جۇلالىق كۆزلىرىنى ئەسلەيتتى؛ ئۇنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدىكى پاك، گۈزەل، مۇلايىم، ئىتائەتكار تۇرقىنى ئەسلىگىنىدە مۇشۇنداق خوتۇننى خارلىغانلىقىم ئۈچۈن خۇدايىم مانا كۆزۈمگە كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتى. ئەمما نېمىشقىدۇر گۈلشەننى سېغىنىپ قالغىنىدا ئۆزىنىڭ گېلىنى بوغۇۋەتكۈدەك جىلە بولاتتى، ”ئۇ ئىپلاستا نومۇس دېگەن نېمە قالمىدى، شۇڭا ئۇنى ئويلاشمۇ نومۇس، ئىزدەپ بېرىشمۇ نومۇس، ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولسام مەندىمۇ نومۇس دېگەن نەرسە قالمىغان بولىدۇ، غۇرۇرۇمغا ئېشەك تېپىۋەتكەن بولىدۇ“ دەپ ئويلاپ، ئاچچىقىنى باساتتى.
بىراق، ئۆزى ئايرىم ئىككى سەر قېقىۋالغان بىر ئاخشىمى ئۇ يالغۇزلۇققا چىدىمىدى، ئويلىمايمەن، قىلمايمەن دېگەن ئىشىنى قېرىشقاندەك كۈچەپ ئويلاۋەردى، ئەسەبىي ئىستەكلىرىگە بەس كېلەلمەي بۆرىدەك سىلكىندى، قاپلاندەك سەكرەپ قوپتى، غەزەپ-نەپرەت بىلەن ھاۋايى ھەۋەس ئۇنىڭ ئىككى قولىدىن، ئىككى پۇتىدىن تارتىپ تالاغا سۆرىدى.
ئۇ گۈلشەن تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۆزىدە بار بىر تال ئاچقۇچىنى تېپىپ ئۇدۇل شۇ بىناغا ماڭدى، تاكسىدا ئولتۇرۇشنىڭ راھىتى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خوجايىنلىقىنى، پۇلدارلىقىنى، ئاز-تولا پۇل تاپقاندىن كېيىن ھۇزۇرلىنىش كېرەكلىكىنى ئېسىگە سالدى؛ كۇلىچىلىقتا ئىشلار نېمىدېگەن تولا، ئۆزگىرىش نەقەدەر تېز-ھە!  تىنچ جان باقىمەن دەيدىغانلارمۇ تىنچ ياشىيالمايدۇ، ھەر كۈنى ھەر خىل ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن ۋەيران بولۇپ تۈگىشىپ كېتىدىغانلار ساماندەك، بۇنداقلارنى ياسىن ئىلگىرى بېيجىڭدا جىق كۆرگەن؛ ياسىن ئەگەر ھازىر شۇ شەھەردە بولىدىغان بولسا بۇ ئەپتى بىلەن ھەرگىز تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ، كىچىك شەھەرنىڭ ئۇششاق ئادەملەرنى سىغدۇرىدىغان مۇشۇنداق ئەۋزەللىكى بار؛ ياسىن بۇ شەھەردە خاتىرجەم، باياشات كۈن كەچۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، ئەمدى نېمە بولدى؟ خوتۇن-بالىسىدىنمۇ ئايرىلدى، ھەممىسى كېتىپ ئۆزى قالدى، بىر ھېسابتا ۋەيران بولدى، ۋەيران بولدىمۇ؟ ئۇ ئۆزىدىن بۇ سوئالنى سوراپ باقتى، ئۇ ئاق چېكىپ، قىمار ئويناپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ ۋەيران بولغانلارنى ھەقىقىي ۋەيران بولغان دەپ ئويلايتتى، شۇڭا ئۆزىنى ئۇ قاتاردا ھېسابلىمىدى. پۇل دېگەننى تاپقىلىى بولىدۇ، خوتۇن دېگەننىمۇ تاپقىلى بولىدۇ، ئاشخانىسى ھېلىمۇ مەزمۇت تۇرۇپتۇ، فاڭدۇڭ خەنزۇ “پۇل تاپالمىساڭ بۇ يەردىن كەت” دېمىدى،   ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك پۇل تېپىش ئىشەنچى تېخى يوقالمىدى، ئاشخانىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە كاۋاپچىلىق قىلىدۇ، يەنە ئادەم ئىشلىتىپ خوجايىنلىق قىىلدۇ، ئۆزىنى قەلەندەر دېگەنلەرگە ھامان بىر كۈنى نوچىلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ…
ئۇ ئاچقۇچنى تىقىپ ئۆيگە كىرىۋىدى، گۈلشەن ئوغرىنى كۆرگەندەك چۆچۈپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ بۇ ئۆينىڭ قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇۋەتمىگىنىگە پۇشايمان قىلىۋاتقاندەك، دۆتلۈكتە ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتقاندەك، ئەمدى بۇ رودىپايغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمەيۋاتقاندەك تەمتىرەپ تۇراتتى.
__ چەكچىيىپ تۇرىسەنغۇ، ئۆيگە بىر كىمنى سولىۋالمىغانسەن؟
__ نېمە قىلسام كارىڭ نېمە، ئۆزەمنىڭ ئۆيى بۇ!
__  فاڭدۇڭ خەنزۇغا خوتۇن بولغان ئوخشىمامسەن؟
__ نېمە بولسام ئۆزەمنىڭ ئىشى، ماڭا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ!
__ شۇڭا بۇ ئۆينى ماڭا بېرىۋەتتى دېگىن، ئەجەپ مەرت نېمىكىنا ئۇ! مەرت بولغاچقا ساڭا ياراپ كېتىپتۇ-دە!
__ دېمىسەڭمۇ شۇ…
__ خوتۇن بولدۇم-دە،  بىر دەمدىلا بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى بوپسەن ئەمىسە…
__ ئۆزەڭچە مېنى يەنە مالاي خوتۇن قىلاي دېگەنمىدىڭ؟
__ خوتۇنىمىش تېخى، ھا-ھا، ئاشنىسى دېگىنە، سەندەك نېمىنى خوتۇن قىلسا ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا قانداق قارايدۇ،  شۇنداق قىلىپ پۇلغا سېتىلدىڭ دېگىنە، سەن رەسۋانىڭ بۇ غەرىزىنى بۇرۇن ئەجەپ بىلمەپتىكەنمىنا!
__ بۇرۇن بىلمىگەن بولساڭ ئەمدى بىلىۋال.
__ ماڭا بىر قارىغىنە، قارا يۈزۈڭگە ئوبدان بىر قاراپ باقاي!
__  مەن ئەمدى سېنىڭ خوتۇنۇڭ ئەمەس،  ماڭا چېقىلغۇچى بولما!__ دېدى گۈلشەن ياسىنغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ.
__ بوشراق سەكرە،__ دېدى ياسىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ،__ مەن گەپ قىلغاندىكىن يۇۋاشراق بول، سەن شاۋچىغا پەقەت چىدىمىدىم، كېچىسى ئۇيقا يوق ماڭا، مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟!
__ مەن قانداق قىلىمەن؟! __ دېدى گۈلشەن چىرايىنى ھېچ ئۆزگەرتمەي،__ مەندەك پاسكىنا ساڭا ئەمدى كېرەك ئەمەس. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، بۇرۇنقى خوتۇنۇڭنى تېپىۋال.
__ بۇرۇنقى خوتۇننى سەن بەزدۈرۈۋەتتىڭ، شۇڭا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزەڭ خوتۇن بولىسەن!
__ مېنى قويۇۋەت، مەن ساڭا ئەمدى خوتۇن بولمايمەن.
__ مەن چىرايلىق گەپ قىلىۋاتىمەن ساڭا، تولا ھەددىڭدىن ئاشما!
__ بۇ گەپلىرىڭنىڭ ئەمدى لازىمى يوق، سەن مېنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەن، ئەر كىشى دېگەن قىلغان ئىشىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
__ خوتۇنۇم بولمىساڭ ئاشنام بولارسەن، بۇرۇنقى گۈلشەن سەن شۇغۇ…ئۇنداق جاھىللىق قىلما! خەققىمۇ بېرىدىغىنىڭنى بېرىپسەن، مەندىن نېمەڭنى ئايايسەن؟ ھە.. گەپ قىلە.
__ بەك مازلىشىپ كەتتىڭ، مەن ھەرگىز ئاشنا بولمايمەن، نېمەڭگە ئاشنا بولاتتىم…
__ زۇۋانىڭنى يىغىپ چاققان بول، بولمىسا مۇشۇ ئاچچىقىمدا سېنى بىر نېمە قىلىۋېتىمەن.
__ ئەگەر ماڭا باسقۇنچىلىق قىلىمەن دەيدىكەنسەن، ۋاقىرايمەن، ساقچىغا تېلېفون قىلىمەن.
__ ئەگەر ۋاقىرايدىكەنسەن گېلىڭغا پىچاق، كۆردۈڭمۇ مانى!
گۈلشەن پىچاقنى كۆرۈپ چۆچىدى، ئىچىۋېلىپ كەلگەن ياسىن شۇ تاپتا زەردىسى قايناپ تۇرغاندا نېمە قىلسا قىلىۋېتەتتى، گۈلشەن غۇرۇرىنى دەپ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلشىپ ئۆلسۈنمۇ؟ ئۇ ئۆزىدە قانچە غۇرۇر بار دېگەنچە ياسىن شۇنچە غەزەبلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرىدە گۈلشەن ئاللىقاچان غۇرۇرىنى ساتقان بىر پاسكىنا.
گۈلشەن تامدەك تاتىرىپ، كارىۋاتقا چىقىپ ھەيكەلدەك ياتتى.
ھاشىم مەستلىكتىن يېشىلگەندە دەرۋەقە ”شىر يۈرەك ئەزىمەت“تىن توخۇ يۈرەك بىر نېمىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئاشخانىدىن كېتىشكە نەچچە قېتىم نىيەت قىلىپ يەنە يېنىۋالدى،   ساۋۇتمۇ ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى بىلگەچكە نورمال ئىشتەك ھېسابلاپ ئۇنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپنى قىلمىدى. ئەمما ساۋۇتنىڭ مۇشۇنداق جىم تۇرىۋېلىشى ھاشىمنىڭ ئىچىنى سىقتى، ”ئاي توشۇشقا ئون كۈن قالدى، ئون كۈندىن كېيىن ئىش ھەققىمنى ئېلىپ بۇ يەردىن كېتىمەن، كەتمىسەم ئوغۇل بالا بولماي كېتەي“ دەپ ئويلىدى، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە كېتەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ساۋۇتقا ھېچنېمە دېمىدى. ئۇ ياسىن لاۋبەننى ئىچىدە تىللىغان بىلەن ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ مەلۇم ئورتاقلىقى باردەك ھېس قىلاتتى، يەنى ھەر ئىككىسى جان بېقىش بىلەن شەھۋەتتىن باشقىنى چوڭ بىلمەيتتى.  ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن گۈلشەنگە ۋە تالادىكى سېرىق سەتەڭلەرگە تولا قاراپ كۆنۈپ قالغانىدى، بۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشنىمۇ خالىمايتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ ھۇزۇرلانغان بىلەن نەپسى قانمايتتى، ئەمما ھامان بىر كۈنى قېنىپ قالىدىغاندەك خام خىياللاردا بولاتتى، ئويلىماي دەيتتى،  بىراق چىۋىندەك بېزەڭ خىياللىرىدىن قۇتۇلالمايتتى.
پەرھات بىلەن ياقۇپ ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەلپازىغا قاراپ بېقىش، پىششىقمۇ توڭمۇ چېكىپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. ياسىن لاۋبەن ئۇلارغا قىزىقمىدى، ھاشىم ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەۋەسلەنگەن بىلەن،  ئاق سودىسىغا ئارىلىشىپ قېلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدى. ياسىن لاۋبەنمۇ ئارىلىقتا ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى. ئەمما  كېتىشنى نىيەت قىلغاندىن باشلاپ ھاشىمنىڭ كاللىسىغا تەۋەككۇلچىلىك ئىدىيىسى كىرىۋالدى، باشقا جايغا بېرىپ جاھان كۆرۈش، نېمىلا قىلسا كۆپ پۇل تېپىش، پۇت سىغقۇدەك ماكانغا ئېرىشىش، بۇ يەردە قانمىغان ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇش خىياللىرى ئىشتىھالىق كېسەلدەك چاپلىشىپ، ئىچىنى قىززىتتى.   غېنى شاڭجاڭ بىلەن پەرھات ئۇنىڭغا ياردەم قىلالايتتى، ھېچ بولمىسا بىر ئىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ قويالايتتى. كۇلىغا چىقىشقا تەۋەككۇل قىلالىغان ئادەم كۇلىنى شەھەرمۇ شەھەر كېزىشكە نېمىشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەك؟  بىراق يامان ئىشقا ئارىلىشىپ قېلىش خەتەرلىك، ئۇ ئاق چېكەلمەيدۇ، يا ساتالمايدۇ؛ ئۇ ئىشقا قاراملىق، ھىيلىگەرلىك، چىۋەرلىك كېرەك؛ ئۇنىڭدا بۇنداق ئالاھىدىلىك كەم. ” باشقا كەلگەندە باتۇر“ دەپ قاراملىق قىلغان بىلەن تۇيۇقسىز پالاكەت باسىدىغان، ھەتتا جاننى سېلىپ بېرىدىغان ئىش چىقىشى مۇمكىن.  ياسىن لاۋبەنمۇ  50 گىرامدىن ئارتۇق خىرئىن بىلەن تۇتۇلۇپ قالغان گۇيلارنىڭ ئېتىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە تاپقىنىغا شۈكرى قىلىپ ياشاۋاتىدۇ. ، ئەگەر ھاشىمنىڭ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلسا ئۇ” سەن شۇ گۇيلارنىڭ كەينىدىن ماڭماقچىمۇ؟“ دەپ تۇرىۋېلىشى مۇمكىن، بۇمۇ  ھاشىمنىڭ دەرھال كېتىمەن دېيەلمەسلىكىدىكى بىر سەۋەب. ئەمما ۋاقتى كەلگەندە ھاشىم ئۇنداق قىلماسلىققا ۋەدە بېرەلەيدۇ.  ئاق تاماكىغا چېپىلىپ قالماي غېنى لاۋبەننىڭ رېستۇرانىدا ياكى رۈيلىدىكى بىرەر ئاشخانىدا ئىشلىسىمۇ بولىۋېرىدىغۇ؟!
ھاشىم ئۆزىگە ئۈمىد، ئىشەنچ بېرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك ئويلاشقا تىرىشتى؛  بۇنداق تاللاش پەيتىدە  پىلانلىرى ئۆزگىرىپ تۇراتتى،   ئۆز ۋاقتىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈش خىيالى گاھ شۇنچە كۈچلۈك بولسا، گاھى ئاجىزلاپ قالاتتى. خېمىرىغا يېنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ھەر كۈنى، ھەر سائەت ئۆزىگە مەدەت بېرىپ تۇراتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خېرىدار يوق، بوش ۋاقىتنىڭ كۆپلۈكىدىن ئىچى پۇشۇپ، ئۇخلاپ ھېرىپ كېتەتتى؛ ئەمدى بۇ كۈنلەردە ئوي- خىياللىرى ئاۋۇپ كەتكەندە خېرىدارلارمۇ غولداپ قالدى، ئاشخانا  لىق ئادەمگە ۋە ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى،  ياسىن لاۋبەننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى،  ھاشىممۇ قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىدى، سودا ياخشى، كىرىم ئوبدان بولسا ئەلۋەتتە ياسىن لاۋبەنگىمۇ پۇل دېگىلى بولاتتى.
بىر كۈنى چۈشتە لاۋبەن سەتەڭ ئۆڭسىلى ئۆچكەن ھالدا ئاشخانىغا كىرىپ ھاشىمنى چاقىردى. ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ھاشىم قولىنى پەرتۇققا سۈرتكىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. لاۋبەن سەتەڭ ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ تالاغا سۆرەپ ماڭدى، ئەلپازى يامان ئىدى، ياسىن كاۋابداننى تاشلاپ سەتەڭنىڭ ئالدىغا كەلدى:
ـــ نېمە ئىشىڭ بار؟
ـــ بارغاندا بىلىدۇ، ئالدىمنى توسما.
ـــ بۇ مېنىڭ ئادىمىم، نېمە ئىش بولسا دېمەمسەن؟
ـــ بۇ ئىشقا ئارىلاشما، نېمە بولغىنىنى ھېلى كۆرسىتىمەن.
ھودۇقۇپ كەتكەن  ھاشىم ئوڭ-سولىنى تېپىپ بولغىچە ئۆزىنى تالادا كۆردى، سەتەڭنىڭ ئاپئاق بىلىكى ئۇنى چىرماپ تۇراتتى؛ ئاڭغىچە سىرتتا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىدىن قارا كۆزەينەك تاقىغان ئىككى ئەر چۈشۈپ ئۇنى ئىككى ياندىن تۇتىۋېلىپ ماشىنىغا زورلاپ چىقاردى، بۇلارنى كۆرگەن ياسىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.
ـــ ئەنسىرەپ كەتمە! بىز ئۇنى ھېچنېمە قىلمايمىز، ــ دېدى لاۋبەن سەتەڭ، ـــ سوداڭغا زىيان بولسا مەن تۆلەپ بېرىمەن.
ماشىنا تېزلىك بىلەن قوزغىلىپ شەھەر مەركىزىگە يۈرۈپ كەتتى. ئاشخانىدىكى ئادەملەر كۈپكۈندۈزدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشقا ھەيران قېلىشتى.
ھاشىم ئىككى ئەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىترەپ ئولتۇراتتى، كاللىسىدا خىلمۇ خىل ۋەھىمە ئەگىيتتى. لاۋبەن سەتەڭ ماشىنىسىنى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتتى. ئىككى ئەر ھاشىمنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ، لاۋبەن سەتەڭنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى. دوختۇرخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ بولغاندا سەتەڭ ئۇ ئىككىسىنى ئامبولاتورىيە زالىدا  قويۇپ،  ھاشىمغا باشلاپ، كەڭ كارىدورغا كىردى:
ـــ يۇۋاشلىق بىلەن ماڭ، قېنىڭنى تەكشۈرتىمىز، ئەگەر ماڭا ماسلاشمايدىكەنسەن، ئەدىۋىڭنى بېرىمىز.
سەتەڭنىڭ رەھىمسىزلىك، ئەسەبىيلىك يېغىپ تۇرغان خۇنۇك چىرايىنى كۆرۈپ ھاشىم شۈركىنىپ كەتتى، ئېسىدىن چىقىپ قالاي دېگەن ”ئەيدىز“ ۋەھىمىسى قايتىدىن پەيدا بولدى. بۇ ۋەھىمە ئۇنى كونا كېسەلدەك قىيناپ كەلگىلى ئۇزاق بولغانىدى، نەپسىنى ھەر قېتىم قاندۇرۇپ بولغاندا  پات-پات تۇتۇپ قالاتتى. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن قان تەكشۈرتۈپ ۋەھىمىدىن بىر يولىلا ئازاد بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، دوختۇرخانىغا بېرىشقا زادىلا جۈرئەت قىلالماي كەلگەنىدى، مانا ئەمدى مەجبۇرىي تۇتۇپ كېلىندى. سەتەڭنىڭ ئەلپازىدىن قارىغاندا دۇكىنىدىكى بىرەرسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى ئۆزى… ئۇ كېسەلدىن يۇقۇملىنىپ جېنىدىن تويغان، ئۆزىنى ئوينىغانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىۋاتقانىدى…
ئۇ چۆچۈپ كەتتى، سەتەڭ ئۇنىڭغا يۇقتۇردىمۇ ياكى ئۇ سەتەڭگە يۇقتۇردىمۇ؟ ئىشقىلىپ، ئىككىنىڭ بىرى؛ ياق، بۇ پاسكىنا ھاشىمدىن باشقا نەچچە يۈز ئەر بىلەن بىللە بولغان تۇرسا، باشقىلىرىدىن يۇقماي قالارمىدى! خەقتىن يۇقتۇرۇپ ئاندىن ھاشىمغا كېلىپ ئۈسەمدىكەن؟! … ھاشىم ئۇنىڭ بېشەملىكىگە غەزەبلەندى، بىراق ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى، سەتەڭ مانا مۇشۇ ئەجەللىك يەرنى تۇتۇۋالغانىدى؛   ئەگەر  ئۇ  راستىنلا ئەيدىز چىقىپ قالسا سەتەڭ ئۇنى بوش قويمايدۇ، ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ ھايۋاننى ئۇرغاندەك ئۇرىدۇ، ياكى بىر تۆھمەتنى ئارتىپلا تۈرمىگە سولىتىۋېتىدۇ. بۇغۇ ئۆتۈپ كېتەر، ئەڭ يامىنى ئۇ مەرەزنىڭ  ئاقىۋىتى يامان، بالدۇر ئۆلىدۇ، ئۆلگەندىمۇ ئىتنىڭ ئۆلۈمىدە خارلىنىپ ئۆلىدىغان گەپ…     بۇ دەھشەتلىك  ۋەھىمە ۋە مۇدھىش خىيالدىن ھاشىم بەزگەكتەك تىترىگىلى، پۇت قولىدا جان قالمىغىلى تۇردى.
لاۋبەن سەتەڭ ئۇنى قان تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە ئېلىپ كەلدى، قان تەكشۈرتىدىغانلار نۆۋەت بىلەن تىزىلىپ تۇراتتى، ھاشىممۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلدى، پۈتۈن بەدىنىدە بۇزۇق قان ئېقىۋاتقاندەك بىئارام بولدى. بىلىكىدىن قان ئېلىۋاتقاندا  كۆزىنى يۇمۇپ، مۇشۇ قانلىرىنىڭ ساق چىقىشىنى خۇدادىن تىلىدى؛  لاۋبەن سەتەڭ ” ئۈچ سائەتتىن كېيىن نەتىجىسى چىقىدىكەن، ئاڭغىچە مىدىرلىمايسەن“  دېگەندە مەڭدەپ قالدى، بۇ ئۈچ سائەتتە ھەر تۈرلۈك قورقۇنچ، غەم-ئەندىشىدىن جىددىيلىشىپ، تىتىلداپ ئولتۇردى؛  ۋاقىت توشۇشقا ئاز قالغانچە يۈرىكى بېغىشىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشىدىغاندەك  پۇلاڭلاپ كەتتى. لاۋبەن سەتەڭ ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق، تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇراتتى، بۇ ھال ھاشىمنى تېخىمۇ قورقۇتتى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى، ئەمما ئەڭ يامان ئەھۋالنى خىيال قىلماي تۇرالمايتتى:  لاۋبەن سەتەڭ  تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالغاندا دۇمبىقى يېرىلىدۇ،  كۆزلىرى چەكچىيىدۇ، غەزەپكە تولىدۇ، ئاندىن چىقىرايدۇ، ئاندىن ھاشىمنى خەقنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپ تىللاپ رەسۋا قىلىدۇ…
ھاشىم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغان جىنايەتچىدەك جىددىيلىشىپ، ئەتراپىغا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قاراپ قويدى؛  قورقۇنچتىن ھېلىلا جان بېرىدىغاندەك قىلاتتى. باغلاقلىق قويمۇ پىچاقنى كۆرگەندە پۇتلىرىنى مىدىرلىتىپ باقىدۇ، ئەجىبا ئۇ شۇ قويچىلىكمۇ بولالماسمۇ؟ مۇشۇ يەردىن قوپۇپ قېچىپ كەتسىلا جىمى قورقۇنچ ۋە دەھشەتتىن قۇتۇلىدۇ، ھېچنېمىنى كۆرمەيدۇ، ئاڭلىمايدۇ…
ئۇ  قېچىپ كېتىش نىيىتىگە كەلدى، قايتا ھوشىغا كەلدى، پۇت-قوللىرىغا جان كىردى. لاۋبەن سەتەڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قولىغا ئېلىپ كۆزلىرى راستىنلا چەكچىيىپ كەتكەندە ھاشىممۇ جېنىدىن تويدى،  كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى،  تېقىمىدا جان قالمىدى؛ سەتەڭ ئۇ قەغەزنى كۆتۈرۈپ ئېتىلىپ كەلگەندە ئالۋاستىدىن قورققاندەك چۆچۈپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا قاچتى، سەتەڭ «阳性»(مۇسبەت) دەپ چىققان قان نەتىجىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى، ئادەملىرىگە تېلېفون بەردى.  ھاشىم بىر ياقتىن مۆكۈنگەچ، بىر ياقتىن قېچىپ دوختۇرخانىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ كەتتى. سەتەڭنىڭ ” توختا ھۇي ئىپلاس، ئۆلگۈر…“ دېگەن چىقىراق ئاۋازى قۇلىقىدىن كەتمەيتتى، بۇ قورقۇنچلۇق ئاۋاز  ئەجەل سىگنالىنى چېلىپ ئۇنى جان جەھلى بىلەن قېچىشقا سەپەرۋەر قىلدى،  جېنىدىن تويۇشنىڭ  چىدىغۇسىز ئازابلىرى ئۇنى غەزەپ ۋە باتۇرلۇققا ئىگە قىلغانىدى، ئۇ  شۇ قاچقانچە قېچىپ ئۇدۇل غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا باردى.
غېنى شاڭجاڭ بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، پەرھات بىلەن ياقۇپ يىلان دېرىزە يېنىدىكى جوزىدا خېرىدارلاردەك پاراڭ سوقۇپ، يەپ-ئىچىپ ئولتۇراتتى. پەرھات ئۇنى كۆرۈپلا يېنىغا چاقىردى، ھاشىم روھى چىقىپ كەتكەندەك ھالسىز، پەرۋاسىز ھالدا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، دەرۋەقە بايىقى ئىش ئۇنىڭ دۇنياسىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن،  كەلگۈسى ئوي-پىلانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولۇپ،  بارلىق غەم-قايغۇسى قاچان، قانداق ئۆلۈشتە قالغانىدى، خالىي يەرنى تېپىپ ھۆكىرەپ قانغۇدەك يىغلىۋالسا يەڭگىللەپ قالاتتى، شۇنچىلىك پۇرسەتمۇ بولمىدى، شۇ تاپتا ئۇ كەلگۈسى پاجىئەلىرىنى ھەر ۋاقىت، ھەر مىنۇت كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئىچ-ئىچىدىن زارلانماقتا، تەقدىرىگە ئاھ ئۇرۇپ نالە قىلماقتا ئىدى.
ــــ نېمە بولدۇڭ ھوي، كۆزۈڭ پارقىراپلا قاپتىغۇ؟!ـــ دېدى پەرھات ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ھەيران بولۇپ.
ھاشىم جاۋاب بەرمەي ئېغىر تىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.
ــــ نېمە ئىش بولغان بولسا ئېيت، ھەممە گەپنى قويۇپ ئەمدى سېنىڭ دەردىڭنى تىڭشايمىز،ــ دېدى ياقۇپ.
ھاشىم قېتىپلا ئولتۇراتتى، كۆزىدىن ياش ئەگىيتتى.
ـــ ۋاي-ۋاي، جېنىم تۇغقىنىم، ئوغۇل بالىدەك گاڭگۇڭ بولساڭچۇ!ـــ دېدى پەرھات جوزىدىكى قەغەزدىن بىرنى سۇغۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۇزىتىپ،ـــ ياسىن لاۋبەن ئۇرۇپ ھەيدىۋەتتىمۇ، يا نېمە ئىش بولدى، دېمەمسەن؟
ـــ نېمە ئىش بولسا دېگىن، بىز ياردەم قىلىمىز،ـــ دېدى ياقۇپ ئۇنىڭ يېشىنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ.
ھاشىم گەپ قىلمىسا زادى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بېشىنى كۆتۈردى، ئەمما گەپنى نەدىن باشلاشنى ئۇقالمىدى، گەپ قىلاي دېسە بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك زۇۋانى چىقمىدى، ئېغىزىغا ھېچ گەپ كەلمىدى، شۇ تاپتا نېمىلا دېسە  قارا بېسىپ قالغان ئادەمدەك بىر نەرسىلەرنى جۆيلۈيتتى، ئۆزىمۇ ئۇقالمايتتى…   ئەيدىزدىن ئەمەس، باشقا كېسەلدىن ئۆلگەن بولسا چىرايلىقراق ئۆلمەسمىدى؟ بۇ گەپنى دېيىش كېرەكمۇ، دېمەسلىك كېرەكمۇ؟… ھېچ بىلمىدى.
پەرھات بىلەن ياقۇپ بىر-بىرىگە ئەجەبلىنىپ قاراپ قويۇشتى.
ــــ بۇنىڭ جاجىسى ھاراق، بىرنى ئىچكەندىن كېيىن زۇۋانغا كېلىدۇ،ـــ دېدى پەرھات ھاراق قۇيغاچ.
ھاشىم شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ھاراقنى قولىغا ئېلىپلا ئىچىۋەتتى، كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇپلا تۇراتتى، ئۇنىمۇ ھاراق بىلەن قوشۇپ ئىچىۋەتتى. ئىككى رومكا ئىچىپلا ئارقىدىن ياندۇرۇۋەتتى، كۈتكۈچى قىزلار كېلىپ تازىلىدى، بۇ قىزلارنى كۆرۈپ ئۇ ساراڭدەك جىلە بولدى، بىر دەم كالچىيىپ كۈلسە، بىر دەم يىغلىدى. ئۇنىڭ راستىنلا مەست ياكى ساق تۇرۇپ ساراڭ بولۇپ قالغىنىنى ھېچكىم بىلەلمىدى.
ـــ ياسىن لاۋبەنگە تېلېفون قىلامدۇق؟ ـــ دېدى پەرھات، ـــ نېمە ئىش بولغىنىنى بىر ئۇقايلى!
ـــ بولدىلا،  ھازىرچە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ تۇرايلى، ئەتە ئۆزى ئوڭشالغاندا بىر نەرسە دەيدۇ.
ئىككەيلەن ئۇنى يۆلەپ ئىشلەمچى بالىلارنىڭ ياتىقىغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدى.
ھاشىمنى قاچۇرۇپ قويغان لاۋبەن سەتەڭ زالدا مۈگدەپ ئولتۇرغان ئىككى ئادىمىنى تارتقۇشلاپ ئويغاتقاندىن كېيىن  دوختۇرخانىدىن ئالدىراپ چىقىپ، يېقىن ئەتراپنى بىر نەچچە رەت ئايلانغاندىن كېيىن ياسىننىڭ ئاشخانىسى ئالدىغا كەلدى.
ـــ ھاشىم قېنى؟ ـــ دېدى لاۋبەن سەتەڭ كىرىپلا، ـــ ئۇنى ماڭا تېپىپ بەر!
ياسىن سىرتتا تاماكا چېكىپ تۇرغان ئىككى ئادەمگە قاراپ قويدى.
ـــ بۇ ئىككىسى يەنە كەپتىغۇ، سەن زادى نېمە قىلماقچى؟
ـــ ھاشىم قېچىپ كەتتى، بۇ يەرگە كەلمىسە نەگە بارىدۇ؟
ـــ مەن نەدىن بىلەي، ئۇنى سەن تۇتۇپ كەتتىڭ.
ـــ  ئۇ  ئەبلەخ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىپتۇ!
ـــ بۇ نېمە گەپ، ئۇ نېمە قىلىپتۇ؟  بىر نېمەڭنى ئوغرىلاپتىمۇ؟
ـــ ئۇ ئىپلاس ماڭا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇپتۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟ بۈگۈن بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن…
ياسىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدى، لاۋبەن سەتەڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
ـــ ئۇ ئىپلاس مۇشۇ دۇكانلارنىڭ ھەممىسىگە كىرىپ، گاندون ئىشلەت دېسە ئۇنىماي، جىق قىزلارغا  كېسەل يۇقتۇرۇپتۇ.   ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى…
ـــ بۇ نېمە دېگىنىڭ، بۇنى قانداق ئىسپاتلايسەن؟
ـــ شىنجاڭلىقتا ئەيدىز  ئەڭ كۆپ، مېنى  بىلمەيدۇ دېمە! بۇ ئىشتا سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭمۇ بار.
ـــ كىم سېنى ئەيدىز قىلسا شۇنى تاپ ـــ دېدى ياسىن ئاچچىق كۈلۈپ، ــ ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى ئىگە.
ـــ ھەممىڭدە مەسىلە بار، ھاشىمنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، سەنمۇ تەكشۈرتۈپ باق، ھاشىمدىن ئاشقاننى ئويناپ سالغان بولۇشۇڭ مۇمكىن.
ــ مەن ئۇنداق مەينەتلەرنى كۆرسەم قۇسىمەن، ــ دېدى ياسىن يەرگە چىرتتىدە تۈكۈرۈپ قويۇپ،ــ  ئادەمنى ئاشۇنداق دومىلە باسىدۇ.
ـــ ھاشىم كەلسە بىزگە دەپ قوي، ئەگەر ئۇنى يوشۇرساڭ ياكى قاچۇرۇۋەتسەڭ جىنايەتچىنى يوشۇرغان ھېسابلىنىپ، جازاغا تارتىلىسەن.
ـــ سەن ئۇنى قانۇنسىز تۇتۇپ كەتتىڭ، ئۇ تېخىچە قايتىپ كەلمىدى، ئۆلۈكمۇ تىرىكمۇ ئېنىق ئەمەس. ئەگەر ئەتىگىچە قايتىپ كەلمىسە مەنمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن،  قالغان گەپنى شۇ چاغدا دېيىشىمىز.
ـــ مەلۇم قىلساڭ قىل، بىز ئۆز ھوقۇقىمىزنى قوغدايمىز.
ـــ  بۇ گېپىڭ ئاقمايدۇ،  سەن ئۇنى تۇتقۇن قىلدىڭ،  بۇ بىر جىنايەت. سەن ھېچ ئىش بولمايدۇ دېگەن، مانا ئۇ قېچىپتۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىر ئىش بولسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزەڭ مەسئۇل.
ـــ بۇلار دېگەن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى، بىز  قانۇنلۇق ئىش قىلىمىز، ئىسپات توپلاپ ئاندىن ھاشىمنى تۇتىمىز.
ـــ ساقچى بولسا كېنىشكىسىنى چىقارسۇن، بولمىسا يالغان ساقچى بولۇۋالغان لۈكچەك دەپ ھازىرلا ساقچى ئىدارىسىگە بارىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ لاۋبەن سەتەڭ پەيلىدىن ياندى،  گېپى ئۆزگەردى:
ـــ ئىشقىلىپ، ئۇ ئىتنىڭ بالىسىنى تاپمىغىچە بولدى قىلمايمەن.
ـــ ھاشىم بولمىسا ئاشخانامغا بىر مۇنچە زىيان بولىدۇ، بۇنى قانداق قىلىسەن؟
ـــ سەن ئاشخاناڭنى ئەمەس، ئۆزەڭنى ئويلا.  بۇ ئاشخاناڭنى ھامان تاقايسەن، ئاۋۋال ئۇ ئىپلاسنى تېپىپ ئاندىن سەندىن ھېساب ئالىمىز.
لاۋبەن سەتەڭ قوڭىنى چۆرۈپ چىقىپ كەتتى، ياسىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ بۇ سەتەڭنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، چىرايىدىن ئۆچمەنلىك چىقىپ تۇرىدىغان يىرگىنچلىك مەخلۇققا ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. سەتەڭنىڭ ۋاتىلداشلىرىنى يېقىندىن ئاڭلاپ تۇرغان ساۋۇت بىلەن گۈلشەنمۇ ھاشىمنىڭ ئەيدىز كېسلى بولۇپ قالغىنىغا ئېچىندى، ئۇ ئەمدى قايتىپ كېلەلمەيتتى،  ئىش ئاقسايتتى، سودا ئاقمايتتى. ئەمما تىجارەتنى داۋاملاشتۇرماي بولمايتتى. ياسىن ھاشىمغا نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇردى، بىراق ئۇنىڭ تېلېفونى ياتىقىدا قالغانىدى.  كەچتە خېرىدارلار كېلىشكە باشلىدى، ئامالسىز قالغان ياسىن ساۋۇتنى ئىشقا سېلىپ،  ئەپلەپ-سەپلەپ سەي چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى. ساۋۇت ھاشىمدىن كۆرۈۋالغىنى بويىچە سەي قورۇپ، بىر ياقتىن چۆپ سوزۇپ، ئالدىراش ئىشلىدى.
كەچ سائەت 10 بولا بولماي ئاشخانا خېرىدارسىز قالدى، ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسىنىڭ كەيپىياتى ئېغىر، چىرايلىرى تۇتۇق ئىدى.  گۈلشەن لاۋبەن سەتەڭنىڭ ياسىنغا دېگەن گەپلىرىنى ئويلايتتى،” ياسىن راستىنلا ھاشىمدىن ئاشقان بۇزۇققا چېپىلىپ قويغانمىدۇ؟ مەن ساق دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ يۈرگەن بىلەن، كىم بىلىدۇ، ئۇمۇ ھاشىمدەك كېسەل چىقامدۇ تېخى! ئۇنداقتا ئۇنىڭ كېسىلى گۈلشەنگىمۇ يۇققان بولىدۇ… “. گۈلشەن بىردىنلا ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالدى،  ياسىن بىلەن ھۇجرىغا بىللە كىرگەندە ئۇنىڭغا يات، سوغۇق نەزەردە قارىدى، ئىچى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولۇپ سۆزلەپ چۈشتى:
ـــ توۋا، ئەر كىشى دېگەن نېمانداق تويمايدىغاندۇ؟! بېشىنى يەيدىغان بولدى بۇ ھاشىم!
ـــ خەققە شۇملۇق تىلىمە، ئۇ تەتەينىڭ گېپىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.
ـــ ئۇنىڭ ئەيدىز چىققانلىقى راست، ئۇنداق قېلىن ئېشەك چوقۇم ئەيدىز بولىدۇ.
ـــ نېمانداق بەزەپ گەپ قىلىسەن؟ ـــ دېدى ياسىن گۈلشەننىڭ كوچىدا تاماكا چېكىپ ماڭىدىغان ئاقسا قىزلاردەك ھاكاۋۇرلۇقى، جىلىخورلۇقىغا ئەجەبلىنىپ.
ـــ تەتەينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سىزدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالدىم، ئەتە بېرىپ تەكشۈرۈتۈپ كەلسىڭىز بولامدىكىن؟
ـــ نېمە دېدىڭ؟! ـــ ياسىننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى،ــ سەنمۇ شۇ تەتەينىڭ پوقىنى يەپسەن دېگىنە، ئەتىدىن نېمىگە تۇتۇلۇپ، ئالىجوقا سۆزلەيدىكىن دەپتىمەن تېخى!
ـــ ئەر خەق دېگەنگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، مەن يوق چاغدا كىرىپ ئويناپ چىققانسىز تايىنلىق!
ـــ ئىشىڭنى قىل، ئوينىسام ئوينىدىم دەيمەن؛ ئوينىسام ساڭا قارىتىپ قويۇپ ئويناۋېرىمەن. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمايمەن، ئۇنداق مەينەتلەرگە ئۆزەمنى بۇلغىمايمەن، ئۇقتۇڭمۇ!
ـــ خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ، ئەگەر ئەيدىز بولسىڭىز ماڭىمۇ يۇقتۇرغان بولىسىز…
ـــ ساراڭدەك گەپ قىلما، بەك گۇمانلىنىپ كەتكەن بولساڭ ئەتە ئۆزەڭ بېرىپ تەكشۈرتۈپ كەل، ئەيدىز چىقساڭ شۇ چاغدا بىر گەپ بولار، ئۆلسەك تەڭ ئۆلىمىز.
گۈلشەن يوتقانغا تەستە كىرىپ، ياسىنغا تەتۈر قاراپ يېتىۋالدى.
ـــ ۋاي نېمانداق قىلىسەن دەيمەن ئۆزەڭنى قورقۇتۇپ!
ـــ مەن بەك شور پېشانىكەنمەن، ھېچ خوۋلۇق كۆرمەيلا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم…
ـــ ئەنسىرىمە، سەن ئۆلۈپ كەتكىچە سېنى خوش قىلىمەن، جېنىڭ چىققىچە!
ـــ مېنى ئەمدى كىچىك بالىدەك ئالدىماڭ.
ـــ سەن كىچىك بالىمۇ تېخى، قېرى قاقۋاش سەن!
ـــ مېنى قېرىتىپ بولغانمۇ سىز!
ـــ زاكىسىدىن قېرىپ قالغاننىڭ گېپىنى كۆرۈڭ تېخى!
ـــ مەن قېرى بولسام ئەمىسە قويۇۋېتىڭ.
ياسىن گۈلشەننىڭ تۈرگۈن چىرايىغا قاراپ كەيپى ئۇچتى:
ـــ بۇ گەپنى راست دەۋاتامسەن؟
ـــ راست دەۋاتىمەن.
ـــ ئەرگە تېگىپ ئاجرىشىش ساڭا شۇنداق ئاسانما؟ سەن بۇ يەردە ئويۇن ئويناۋاتمايدىغانسەن؟
ــ  ئويۇن دېگەننى سىزدىن سورايمىز، ئاخشىمى مېنى ئويۇنچۇق، كۈندۈزى قارانچۇق قىلىۋاتىسىز.  مەقسىتىڭىز، كۈندۈزى تازا ئىشلىتىش، ئاخشىمى بولسا نەپسىڭىزنى قاندۇرۇشقۇ؟!
ـــ سەن ماڭا نېمە دەپ تەگكەن؟ ساراڭمۇ سەن؟ ــ دېدى ياسىن تېرىكىپ،ـــ بۈگۈن ماڭا ئارتۇق گەپ قىلما، ھېلى بىكار تايىقىڭنى يەيسەن!
گۈلشەن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ پەسكە چۈشتى:
ـــ مېنى ئۇرىدىغان بولساڭ ئۆيۈڭنى ئۆزەڭ تۇت! مەن سېنىڭ خوتۇنۇڭمۇ ئەمەس، ئاشناڭمۇ ئەمەس، مالىيىڭمۇ ئەمەس! ھېچنېمەڭ ئەمەس!
ياسىن گۈلشەننىڭ بۇ ئەلپازىغا داڭقېتىپ قاراپ قالدى، ھەيرانلىقى دەستىدىن غەزەبلىنىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى، ئۇرۇش ئەسلا خىيالىغا كەلمىدى.
ـــ مەن بۇنداق ئۆتىۋېرىشتىن تويدۇم!… مەن… مەن ئاجرىشىمەن!
بۇ ئەسنادا گۈلشەن ياسىننىڭ قاتتىق غەزەبلىنىشىنى، ئورنىدىن قوپۇپلا ئىككى كاچات ئۇرۇشىنى كۈتكەنىدى، مۇشۇندااق بولغاندىلا ئاندىن ئاجرىشىشقا، ئادا-جۇدا بولۇشقا يول ئېچىلاتتى. ياسىن ئۇنداق قىلمىدى، شۇ ئولتۇرغانچە ھەيكەلدەك قېتىپ ئولتۇردى، ئاندىن ئاچچىق كۈلدى، كۈلگەندىمۇ ئۇزاق كۈلدى.
ـــ مەن بۇ يەردە تۇرىۋەرسەم تۈگىشىپ كېتىمەن، ئەڭ ياخشىسى مېنى قويۇۋېتىڭ!
ـــ قويۇۋەتسەم كىمگە تېگىسەن؟
ـــ ئىككىنچى ئەرگە تەگمەيمەن!
ـــ ئەمىسە كوچىغا چىقىپ جالاپ بولامسەن؟!
ـــ نېمە بولسام بولىمەن!
ياسىن ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ گۈلشەننىڭ چېچىدىن تولاپ كارىۋاتقا ئەكىلىپ تاشلىدى، ئاندىن قورسىقىغا مىنىۋېلىپ يۈزىگە بىر تەستەك سالدى:
ـــ كوچىغا چىقىپ نېمە بولىسەن؟!
ـــ سېنىڭ نېمە كارىڭ؟!  ئىشقىلىپ مەن پۇل تاپىمەن.
ـــ پۇل دېگەنگە تويغۇزىمەن سېنى!!!
ـــ ئەمدى قۇرۇق گېپىڭگە ئىشەنمەيمەن، سەن مېنى ئالدىدىڭ!
ياسىن ئۇنىڭ يۈزىگە يەنە بىر تەستەك سالدى:
ـــ مەن سېنى ئالدىدىممۇ يا سەن مېنى ئالدىدىڭمۇ؟ كىم كىمنى ئالدىدى؟ گەپ قىلە!
ـــ سەن مېنى ئالدىدىڭ!
ـــ سەن ماڭا قارا چاپلىماقچىما؟ مانا ئەمىسە ئالدىغان بولسام… ـــ ياسىن شاپىلاقتىن يەنە بىرنى سالدى.
ـــ  ئەر كىشى دېگەن سەندەك بولامدۇ،  ۋۇي نامەرت!
ئۇ ”نامەرت“ دېگەن گەپنى ئىككىنچى قېتىم ئاڭلاپ تېرىكتى، بىرىنچى قېتىم رەيھان شۇنداق دېگەنىدى.
ـــ ئاغزىڭنى يۇم، تاياق قېپى شۇم! ئەر كىشى دېگەن مانا مەندەك بولىدۇ!
ـــ خوتۇن كىشىنى ئۇرغاننى ئەر كىشى دېمەيمىز، ئۆتۈپ كەتكەن ماز…
ـــ ئاغزىڭنى يۇم دەيمەن، ھېلى بىكار ئاغزى-بۇرۇنۇڭنى يالاق قىلىۋېتىمەن!
ـــ  كاللىسى ئىشلىمىگەن ئادەم سەندەك بولىدۇ، گەپنى ئوڭلاپ قىلالماي مۇشتىنى تەڭلەيدۇ.
ـــ ئاغزىڭنى يىغىۋال دەيمەن شۇم ئېغىز،  ھېلى بىكار سەت ئۇرىۋېتىمەن…
ياسىن گۈلشەننى تارتقۇشلاپ سىلكىپ بىر يانغا مۈشۈكنى ئاتقاندەك ئاتتى، ئاندىن ئۆزى ئوڭدا يېتىپ تاماكا چېكىشكە باشلىدى.
ـــ ئۇرۇپ بولدۇڭمۇ؟ قولۇڭدىن كېلىدىغىنى شۇنچىلىك!
ـــ تاياق يېگۈڭ كېلىپ تۇرۇپتىكەن، ھېلىمۇ ئايىغاننى بىل!
ـــ ئايىمىساڭ قانداق قىلاتتىڭ؟ مەن سەندىن قورقۇپ قالمايمەن!
ـــ گەپنى ئاز قىل، كۆزۈمگە بەك سەت كۆرۈنۈپ كەتتىڭ!
ـــ مەن سەت كۆرۈنسەم، كۆزۈڭگە ئاشۇ بۇزۇقلار چىرايلىق كۆرۈنىدۇ دېگىنە، سەن چوقۇم ئەيدىز!  مەن ئەيدىز بىلەن ياتمايمەن، سەندىن ئاجرىشىمەن…
ـــ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، مەن قاچان قويۇۋەتسەم شۇ چاغدا يوقىلىسەن!
ـــ مەن ساڭا سېتىلىپ كەتكەن مالاي ئەمەس! مېنىڭمۇ ئەركىنلىكىم بار. سەن مېنى پۇل خەجلەپ ئالغانمىدىڭ؟ ھېلىمۇ بىر تىيىن پۇلۇڭنى كۆرمەي مۇشۇ كۈنگە كەلدىم، بولمىسا سەن بىر نېمىدىن قۇتۇلغىلى بولماسكەن!
ـــ قارا ماۋۇ داپيۈزنى، ئۆينى ساڭا كىم كىرالاپ بەردى، باشقا ۋاقىتتا خەجلىگەن پۇللىرىمچۇ؟ كۆزۈڭنى مۈشۈكتەك يۇمىۋېلىپ غىڭشىۋەرمە!
ـــ قارا ماۋۇ چۈپەيلىكىڭنى، مۇشۇ گېپىڭدىنلا سېنىڭ پىخسىقلىقىڭ چىقىپ تۇرىدۇ…
ـــ مەن بىلەن ئارتۇق تاكاللاشما، مۇشۇنداق ساراڭلىق قىلىدىغان بولساڭ ساڭا پوقمۇ يوق!
ـــ بەرمىسەڭ سىقىپ يالا، مەنمۇ سېنىڭ نامەرتلىكىڭنى كۆرۈپ قويدۇم! لېكىن مەن ساڭا بۇرۇنقى خوتۇنۇڭدەك بوزەك بولمايمەن. ئەتە چىقىپ دېگىنىمنى ئېلىپ بېرىسەن، ئاندىن چىرايلىق يارىشىپ قالسام قالىمەن، بولمىسا ئاجرىشىمەن.
ـــ  سەندەك نېمىگە پۇل خەجلەپ ساراڭمۇ مەن!؟  بىر چاغدا ماڭا ناز قىلىپ ” ھېچنېمىڭىزنىڭ كېرىكى يوق، پەقەت سىز بولسىڭىزلا بولدى“ دەۋاتمامتىڭ!  ئىلگىرىكىن يالغانچى، ھىيلىگەر نېمىكەنسەن، سەندەك نېمىگە ئالدىنىپ بىر ئوبدان ئۆيۈمنى بۇزغاندىكىن، مەنمۇ ئەخمەق!
ـــ كىم سېنى ئۆيۈڭنى بۇز دېدى؟ بۇرۇنقى خوتۇنۇڭنى پۇل بەرمەي قوغلىۋەتتىڭ، ئەمدى مېنىمۇ شۇنداق قىلماقچىما؟ مەن ھەققىمنى ئالماي قويمايمەن، يېگەن تايىقىمنىڭ ھەققىنىمۇ تۆلىتىمەن تېخى!
ـــ نېمانداق پەسلىشىپ كەتتىڭ، مۇشۇنداق ئۇششۇقلۇق قىلىشتىن خىجىل بولمامسەن؟! ــ دېدى ياسىن ھەيرانلىق ۋە ئېچىنىش بىلەن.
ـــ سەن مېنى كېچە-كۈندۈز قۇلدەك ئىشلىتىشتىن نومۇس قىلمايسەنۇ، مەن ساڭا ئۇ گەپنى دېيىشتىن نېمىشقا خىجىل بولغۇدەكمەن؟ خوتۇن دېگەنگە پۇل خەجلەپ تۇرۇشنى ئۇقمامتىڭ؟
ـــ سەن ماڭا ئەمەس، پۇلغا ئامراق بولغاندىكىن، باشتىلا نەق گېپىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ؟
ـــ سېنىڭ بۇنچىلىك پىخسىقلىقىڭنى كىم بىلدى؟
ـــ پۇل دېگەننى خەجلەيدىغان يەردە خەجلەيمىز، سەندەك تاماخور، ئاچكۆز نېمىگە پۇل يوق.
ـــ تويلۇق ھەققىمنى بەرمەي قۇتۇلالمايسەن!
ـــ  سەندەك پەس نېمىگە ھېچنېمە ئېلىپ بەرمەيمەن!  مەن بىلەن قېرىشقانغا تويىسەن! قاراپ باقە ئەپتىڭگە، كوچىدىكى نېمىلەرگە ئوخشاپ قالدىڭ!
ــــ شۇلارمۇ مەندىن ياخشىراق،  ئۆزى پۇل تېپىپ خەجلىيەلەيدۇ.
ـــ ئۆزەڭنى پەسلەشتۈرمە!  قىز بالا دېگەن مۇشۇنداق قىلىپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ…
ئىككىسى خېلى ئۇزۇن تاكاللاشتى،  گۈلشەن نەچچە ۋاقىتتىن يىغىلىپ قالغان ئاچچىقىنى چىقاردى، تاياق يېسىمۇ كۆڭلىدىكىنى دەۋالدى. ياسىن ”بۇ ساراڭ ئەيدىزدىن ئۆزىنى ئۆزى قورقۇتۇپ مۇشۇنداق ئېلىشىپ قالدى“ دەپ ئويلىدىمۇ، ئەيتاۋۇر، غەزىپىنى ئىچىگە يۇتتى، قايتا مۇشتۇمزورلۇق قىلمىدى. ئاخىرىدا ئىككىسى خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر كارىۋاتتا يېتىشتى.
ـــ ئەمدى بۇنداق ساراڭلىق قىلما، ــ دېدى ياسىن ئۇنى يېنىغا تارتىپ، لېكىن گۈلشەن ئۇنى  سىلكىۋەتتى:
ـــ ماڭا ئىككىنچى يېقىن كەلگۈچى بولما، مەن سېنىڭ خالىساڭ ئۇرۇپ، خالىساڭ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقۇڭ ئەمەس!
ـــ ئېرى دېگەن خوتۇنىنى ئۇرۇپ تۇرسا ياخشى، تاياق يېمىگەن خوتۇن خوتۇن ئەمەس، سەنمۇ  ئاران تۇرۇپتىكەنسەن ئەمەسمۇ!
ـــ بۇ سەندەك نامەرتلەرنىڭ گېپى!
ـــ ما گەپنى ئىككىنچى قىلما، بولمىسا بۇ قېتىم ئاياپ قويمايمەن.
ـــ ھەيۋەڭدىن قورقۇپ قالمايمەن، خوتۇن كىشىگىلا كۈچى يېتىدىغان قاپاق نوچىغۇسەن!
ـــ بوشراق ۋىتىلدا، بولمىسا كۆتۈڭگە تېپىپ چىقىرىۋېتىمەن.
ـــ مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئىت-مۈشۈك ئەمەس قوغلىسا كېتىدىغان،  مېنى بۇرۇنقى خوتۇنۇڭدەك بوزەك چاغلاپ قالدىڭما؟! مەن ئۇنداق دۆت ئەمەس، ئالىدىغىنمنى ئېلىپ ماڭىمەن. ئۆزەم خالىغاندا كېتىمەن، ئەمدى مېنى بۇرۇنقىدەك مالاي قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلما!
ـــ قېنى كۆرەرمىز،  ئەمدى زۇۋانىڭنى يىغىپ جىم يات.
گۈلشەن يەنە بىر نەرسىلەرنى دەپ غوتۇلدىۋىدى، ياسىن پەرۋا قىلمىدى. ئۇ ھەقىقەتەن گۈلشەنگە مۇھتاج ئىدى، بىر كېچە ئۇخلاپ ئويغانسا ئەتىسى كۆڭلىنى ئېلىۋالىمەن دەپ ئويلايتتى. ئەمما گۈلشەن قۇرۇق گەپكە گول بولمايدىغاندەك قىلاتتى.  ئۇنى داۋاملىق خوتۇن قىلىش، ئاشخانىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماددىي تەلەپلىرىنى قاندۇرمىسا بولمايتتى. ياسىن ئۇنىڭ قاچاندىن بېرى بۇنچە ئاچكۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى  ئۇقالماي قالدى،  ئۇنى قانچىلىك رازى قىلىپ، قاچانغىچە خوتۇن قىلالايدىغانلىقىنى ھېچ بىلەلمىدى؛ ئىشقىلىپ، بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ ھازىرقى تۇرمۇشىنى ساقلاپ قالالمايتتى، ئارتۇق چىقىمدىن، زىياندىن، تۈگىمەس باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلالمايتتى؛ ئىلگىرى خوتۇن-بالىسىغا خەجلەشكە كۆزى قىيمىغان پۇللىرىنى توم-توم خەجلەشكە مەجبۇر بولاتتى.
ياسىن خوتۇنىنىڭ كەشىنى توغرىلاپ يەڭگىللەپ قالغان بىلەن كۆڭلى يەنىلا پاراكەندە ئىدى، غېنى شاڭجاڭ رەيھان بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۈرۈمچىدە كۆرۈشىدىغانغا دېيىشىۋالىدىغاندەك ئەنسىز خىياللاردا بولۇپ قالاتتى. شاڭجاڭ ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ، خوتۇنىنىڭ خېتىنى بېرىۋېتىپ، رەيھاننى نىكاھىغا ئالسا ئېلىۋېرەتتى. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ رەيھان يۇرتىغا بارسا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەرگە تېگىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ بىرىنچىدىن، چىرايلىق؛ ئىككىنچىدىن، ياسىنغا ئۆچ؛ ئۈچىنچىدىن، قارىم ئاكىسى ئەمدى ئۇنىڭغا ھاراق ئىچمەيدىغان، تەقۋا بىرەيلەننى سايە قىلىدۇ…
رەيھان ئۈرۈمچىگە چۈشىدىغان كۈنى ياسىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى، ئېلىنمىدى؛ ئارقىدىن غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىر ياققا ماڭمىغانلىقىنى ئۇقۇپ خاتىرجەم بولدى.
__ نېمىگە تېلېفون ئۇرۇپ قالدىڭ؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ توساتتىن.
__ ئەھۋال سوراپ بولمامدۇ، نېمە دەپ ئويلاپ قالدىڭ ئۆزەڭچە؟
__ مېنى تىڭ-تىڭلاپ باقاي دەۋاتىسەن-ھە؟!
__ قىززىق گەپ قىلىسەنغۇ، ساڭا تېلېفون قىلغىلىمۇ بولمامدۇ ئەمدى؟
__ بىر ئىشنى مەندىن يوشۇرۇۋاتىسەن، سەن دېمىسەڭمۇ مەن بىلىمەن.
__ بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا سورايسەن؟__ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ،__ ھەممە ئىشىمنى ساڭا دوكلات قىلىشىم كېرەكما؟
__ خوتۇنۇڭنى نېمىشقا تالاق قىلىپ ھەيدىۋەتتىڭ؟
__ بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقىسى؟
__ ئەمىسە نېمىشقا ماڭا تېلېفون قىلىسەن؟! مەندىن نېمىشقا گۇمانلىنىسەن؟
ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ تايغاندەك سەزگۈرلۈكىگە قول قويدى، ئۆزىنى شۇ تايغانغا تۇتۇلغان توشقاندەك چارىسىز، بىچارە ھېس قىلدى.
__ خوتۇن خەقتەك زىللىشىپ كېتىپسەن غېنىكا، سەندىن نېمىشقا گۇمانلىنىمەن؟
__ مېنى ئۆزەڭدەك بۇزۇق كۆرىسەن ئەمەسمۇ، دېگىنە، خوتۇنۇڭنى نېمىشقا تالاق قىلدىڭ؟  ئۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىمىزدا  ھېچ ئىش بولمىسا نېمىشقا گۇمانلىنىسەن؟
__ ۋاي، ئۇ خوتۇننى تالاق قىلىشىم بىلەن سېنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتىڭ يوق، ئۆزىنىڭ ئاجراشقۇسى كېلىپ ئاران تۇرۇپتىكەن، كېلىپ مەن بىلەن سوقۇشتى، ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىدى، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئاچچىققا پايلىماي تالاق قىلدىم. بولغان ئىش مۇشۇ!
__ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قوغلىۋەتتىم-دە، قالتىسقۇ سەن؟
__ ئەمىسە قانداق قىلسام بولاتتى، ئۇنى سېنىڭ يېنىڭغا ئاپىرىپ قويسام بولامتى؟__ دېدى ياسىن ئەركەكلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇ  بۇ گەپلەرنى تېلېفوندا دېيەلىگەن بىلەن شاڭجاڭنىڭ ھارىقىنى ئىچىۋاتقاندا دېيەلمەيتتى.
__  بىر ئوبدان خوتۇننى ۋەيرانە، سەرسانە قىلىۋەتتىڭ –دە!  بىچارە خوتۇن ئەمدى كىملەرگە ساغىرىپ يۈرەر، بۇنداق ناچارلىق قىلىدىغىنىڭنى بىلگەن بولسام ئۇنى قېشىمدا ئەپقالاتتىم …
__  بۇ نىيىتىڭنى بىلەتتىم، لېكىن چۆچۈرىنى خام ساناپسەن…
__ دېمەك، سەن قەستەن شۇنداق قىلدىڭ. خوتۇن تالاق گۇيلار زادى نامەرت كېلىدۇ…
__ كىم نامەرتكەن، تۈزۈك گەپ قىلاۋا ئاكا، ھۆرمەت قىلغاننى بىلمەيدىكەنسەن!ـــ دېدى ياسىن ئاچچىقتىن تىترەپ.
__ كۆتەر ئۇنداق لاتا قاسقاس ھۆرمەتنى، سەن ئاغىنىدارچىلققا يارىمايدىكەنسەن!
ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ ئەلپازىنىڭ بۇنداق يامانلىشىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى،  ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشىپ قېلىشنى خالىمايتتى.
__ كۈنكۈندۈزدە ئىچىۋاپسەندە…__ دېدى ئۇ  ئېغىر تىنىپ،__ بولدى سەنمۇ بۇ گەپلەرنى دېمىگەن بول، مەنمۇ ساڭا تېلېفون قىلمىغان بولاي. گەپ مەشەدە تۈگىسۇن.
__ خوتۇنۇڭ باشقا خەققە خوتۇن بولۇپ كەتسە چىدايسەن، ماڭا چىدىمايسەن، مەن ساڭا نېمە يامانلىق قىلدىم؟
__ غېنىكا، سۈپىتىڭىنى چۈشۈرمە…
__ مەن قىلغان ئىشىمغا مىننەت قىلمايمەن، لېكىن سەن شۇ ئىش ئۈچۈن مەندىن گۇمانلىنىپ، رەيھانغا قاراپ چاپلاپ، مېنىمۇ ئۇنىڭغا سەت كۆرسىتىۋەتكەندەك قىلىسەن.
__ ئۇنداق ئىش يوق، خاتا چۈشىنىپ قاپسەن.
__ مېنى بىكارغا ئىش قىلمايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭ، شۇنداقمۇ؟
__ مەن سېنىڭ مەرتلىكىڭنى بىلىدىغان تۇرسام، نېمىشقا ئۇنداق ئويلىغۇدەكمەن؟!__ ياسىن گەپنى چىرايلىق تۈگىتىشنى ئويلاۋاتاتتى.
__ كېلە ئىچىشىمىز، بۇ گەپنى تۈزۈك دېيىشىمىز.
__ ئەتە-ئۆگۈن باراي، ھازىر بەك ئالدىراش…
__ كۈندۈزدە يوتقانغا كىرىۋالمىغانسەن، خوتۇن خەق دېگەن ئاشۇنداق بەلەن نېمە، ئەمدى بىر خوتۇن بىلەن قالدىڭ، مېنىڭ رەيھاندەك بىرلا خوتۇنۇم بولغان بولسا كۈندە قۇچىقىغا بېشىمنى قويۇپ ياتاتتتىم. تالاق قىلدىم دەپ نوچىلىق قىلىۋاتىسەن، ئەتە-ئۆگۈن كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ خوتۇن قىلسام نېمە دەيسەن؟!
__ بىڭسىڭ بولسا شۇنداق قىل!__ دەۋەتتى ياسىنمۇ گەپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن،__ ئەمما ئۇ ساڭا خوتۇن بولمايدۇ.
__ ئەگەر خوتۇن بولسىچۇ؟  تويۇمدا سېنى ئىشقا سالىمەن، كاۋاپ پىشۇرۇپ چاي توشۇيسەن.
__ ئاۋۋال ئۆزەڭنى بىل،__ دېدى ياسىن قىززىشىپ،__ قۇشناچىمنىڭ قاپىقى يامان دەپ ئاڭلايمەن، ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپ تاپىنىڭدىن ئېسىپ قويسا، مېنى توۋلىساڭمۇ ئاڭلىمايمەن…
__ ئاكاڭنى بوش چاغلاۋاتامسەن؟  خوتۇن دېگەننى ئەپلەپ-سەپلەپ باشقۇرىمىز، غەلۋە قىلسا تەلىۋىنى قاندۇرىمىز، غىدىڭ-پىدىڭ قىلسا بېسىقتۇرىمىز.
بۇ گەپلەر ياسىنغا  ۋاقتى ئۆتكەن مالدەك ناچار تۇيۇلدى، غېنى شاڭجاڭ ئادەتتىن تاشقىرى سۆزلەپ قالغانىدى، باشقىلارنى ئوينىتىمەن دەپ ئۆزى ئوينىلىپ كەتكەن بۇ ئادەم ئىچ پۇشۇقىغا چىدىماي ئىچىپلا يۈرۈۋاتقاندەك، ياسىن بىلەن رەيھاننى قوشۇپ تىللاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئەسلىدە رەيھاننىڭ تالاق قىلىنغىنىغا خوش بولسا بولاتتى، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خۇددى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن قويۇلۇپ كەتكەن ئوقەتچىدەك ئاھ چېكىپ، كۆتىنى ئۇۋىلاپ قالغانىدى.
ياسىن غېنى شاڭجاڭ بىلەن خېلى ئۇزۇن تەگەشتى، گاھ سېسىق گەپ، گاھ چاقچاق، گاھ تۈز گەپ بىلەن جەڭ قىلىشتى.  شاڭجاڭ مۇشۇ پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغاندەك قورساق كۆپۈكىنى بوشۇتۇۋالدى، ياسىنمۇ “ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس” دېگەندەك، ئىچىدىكىنى دەۋالدى؛ ئەگەر ھاراق سورۇنىدا يۈزلەشكەن بولسا بىر-بىرىنىڭ بېشىنى بوتۇلكا بىلەن يېرىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. نىھايەت، ياسىن ئۇنىڭ نازۇ نېمەتلىرىنى كۆپ يېگەن، ھارىقىنى ئىچكەن،  تونۇشتۇرغان قىزىنى “خوتۇن” قىلغان، ئىنىسىنى تۈرمىدىن چىقىرىپ يولغا سالالىغان بولغاچقا شاڭجاڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ساقلاپ قالدى؛  ئۇنىڭ پەيلىنى ۋە نوچىلىقىنى بىلگەچكە ئۇنىڭ بىلەن يامانلىشىپ قېلىشنى خالىمىدى؛ ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە تەن بەرمەيدىغان،  مەقسەتكە يەتمىگىچە ئاسانلىقچە بولدى قىلمايدىغان كۆرەڭ جاھىللىقىدىن ئەنسىرەپمۇ قالدى. ئۇ  نېمىلا قىلسا قىلىپ رەيھاننى ئىندەككە كەلتۈرۈپ خوتۇن قىلىۋالسا ياسىنغا قاتتىق ئەلەم بولاتتى؛ ئەگەر خوتۇن قىلالمىسا ياسىنغا ئوخشاشلا بېسىم بولاتتى.
ياسىن تېلېفوننى ئېتىپ، كۆڭۈلسىزلىككە پاتتى.  بىر دەمدىن كېيىن ھۇجرىسىغا كىرىپ گۈلشەنگە ئاچچىقلىدى:
__ غېنى شاڭجاڭغا سەن نېمە دېدىڭ؟
__ نېمە دەپتىمەن؟
__ رەيھاننى تالاق قىلىپ يولغا سېلىۋەتكىنىمنى دەپسەنغۇ؟
__ مەن نېمىشقا دەيدىكەنمەن، خوتۇنىڭىز ئۆزى دېگەندۇ، بۇنداق خۇشخەۋەرنى ئۇ دېمەي قالامدۇ؟
رەيھان ئۆزىنىڭ تالاق قىلىنغانلىقىنى خۇشخەۋەر قىلىپ يەتكۈزگەن بولسا، غېنى تاز ئۇنچىلىك ئاچچىقلاپ كېتەرمىدى؟
__ سەن دەپسەن،  غېنىكاڭ ئۆزى ئاشكارىلاپ قويدى، تېنىۋالىمەن دېمە!__ دېدى ياسىن كەسكىنلىك بىلەن.
گۈلشەن گەپ قىلالماي قالدى، بۇنىڭغا قاراپ ياسىننىڭ سەپرايى تۇتتى:
__  ساڭا بۇ ئىشپيۇنلۇقنى كىم قويدى؟
__ كىم ئىشپيۇنكەن، ماڭا تولا بەتنام چاپلىماڭ!
__ ئەمىسە نېمىشقا دەيسەن؟ دېگەنگە نەچچە پۇل بەردى؟
__ ئەھۋال سوراپ تېلېفون ئۇرۇپتىكەن، دەپ ساپتىمەن. مەن دېمىسەممۇ ھامان ئۇقىدىغۇ، يوشۇرۇپ كەتكىدەك ئىش يوققۇ؟
__ ئۇنداقتا ھەممە گەپنى دەۋەرگىن، خالاغا كىرىپ-چىققىنىمدىن تارتىپ ھەممىنى دوكلات قىل!  غېنىكاڭنىڭ بىرەر ئىشىنى ماڭا دەپ باقمايسەن، ئەجەپ مېنىڭكىنى دېيىشكە ئالدىرايدىكەنسىنا، بۇندىن كېيىن ئېغىزىڭنى يىغىپ يۈر، سەن غېنى تازنىڭ غالچىسى ئەمەس، مېنىڭ خوتۇنۇم!
__ ماڭا بۇنداق ھۆكىرىمەڭ، مەنمۇ سىزنىڭ غالچىڭىز ئەمەس،__ دېدى گۈلشەن ئاچچىقتىن قىزىرىپ،__ غېنىكام سىزگە نېمە يامانلىق قىلدى؟ ئەگەر ئۇ “تاز”دېگىنىڭىزنى ئاڭلاپ قالسا بوش قويمايدۇ.
ياسىنغا بۇ گەپ تولۇمدىن توقماق چىققاندەك تۇيۇلدى، تېرىكىپ توۋلىدى:
__ يامان بولسا كېسىۋېتەر، بېرىپ ھەممىنى دە!
__ مەن چېقىمچى ئەمەس، تولا ماڭا زەھىرىڭىزنى سانچىماڭ، خوتۇنىڭىزغا چىدىماي قالغان بولسىڭىز بېرىپ قايتۇرۇپ كېلىڭ، بولمىسا ئەدەمنى بۇنداق قىينىماڭ، مەن خالىغاندا ئوينىتىپ خالىغاندا تېپىدىغان ئىت، مۈشۈكىڭىز ئەمەس!…
__ سېنى كىم شۇنداق قىلدى؟ ساڭا پەقەت گەپ قىلغىلى بولمامدا؟! خوتۇننى قويۇۋەتسەممۇ يەنە نېمە گېپىڭ تۈگىمەيدۇ،  سەن ئۈچۈن خوتۇن-بالىدىن كەچتىم، يەنە نېمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟ ماڭا نېمانداق چوڭچىلىق قىلىسەن مۇشۇ كۈندە!؟
__ تېخى مەن ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىزما؟__ دېدى گۈلشەن سوغۇق كۈلۈپ،__ ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىپ گەپ قىلىڭ، خوتۇنىڭىز مەندىن يامانكەن، غېنىكامنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغاندىن كېيىن سىزدىن ئاجرىشىشنى نىيەت قىلغاندۇ تايىنلىق، خوتۇن خەقنى بوش چاغلىماڭ، ھېلىمۇ سىزگە بەش يىل خوتۇن بوپتۇ، شۇنىڭغا ھەيران قالدىم.
ياسىن گۈلشەنگە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى،  خوتۇن خەقنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى نېمانچە زەھەرلىك، نېمانچە قورقۇنچلۇق…   ئۇنىڭ گېلى قۇرۇپ، دېمى سىقىلغاندەك بولدى:
__ سەن نېمە دېمەكچى، غېنى تازنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلەمسەن؟
__ ئۇقمايمەن، ئىشقىلىپ خوتۇنىڭىز شۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئۆزگىرىپ كەتتى.
ياسىن رەيھاننىڭ ئۆزى بىلەن تىغمۇ تىغ تىل تەڭلىشىپ، سەتلىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى، ئۇ ھەقىقەتەن بۇرۇنقىدىنمۇ جاھىل، ئاغزى يامان بولۇپ كەتكەنىدى.
__ سەنمۇ يامانلىشىپ كەتتىڭ،  ھازىر سېنىڭمۇ  بۇرۇنقى ئەپتىڭ يوق!__ دېدى ياسىن رەيھان توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشنى خالىماي،__ سەن خەققە راستىنلا قول قويدۇم.
شۇنىڭدىن كېيىن ياسىن سولۇشۇپ كەتتى، ھۇجرىدا يالغۇز قالغانلىرىدا تۆت بۇلۇڭغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى، قولىدىن تاماكا چۈشمەيتتى، پەرىشان ئىسلار ئاغزى-بۇرنىدىن مورىدىن چىققاندەك چىقىپ تۇراتتى.  رەيھاننىڭ كېتىشى بىلەن غېنى شاڭجاڭ ئۇنى يارىماس ئاغىنە قاتارىغا چىقىرىۋەتتى، مۇناسىۋەتكە دەز كەتتى، ئۇ  بىردىنبىر ھاراق سورۇنىدىن ئايرىلىپ قالدى. گۈلشەن رەيھاننىڭ كېتىشىدىن خوش بولماقتا يوق، بارلىق جاپا-مۇشەققەتكە ئۆزى قالغاندەك كۆڭۈلسىز، ھارغىن ئىدى. ئۆزى ياسىننىڭ يېنىدا بولسىمۇ، خىيالى باشقا يەردە، گالۋاڭدەك يۈرەتتى،  قورسىقىدا جىن باردەك قىلاتتى. بۇ ھالدا ياسىنمۇ ئۆزىنىڭ خىيالىدىكىدەك ياشىيالمىدى، بۇرۇنقىدەك ئەركىن-ئازادە بولالمىدى. مۇلايىملىقى، رايىشلىقى تۈگىگەن “كىچىك خوتۇن” بارا-بارا ئۆزگىرىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە قايتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئاشخانىنىڭ سودىسى يامان ئەمەس كېتىۋاتاتتى، ئەمما گۈلشەن ئۆزىنى ئايال خوجايىندەك ھېس قىلمايتتى،  ئاشخانىنىڭ ئىشىغا بۇرۇنقىدەك چەبدەس ئەمەس ئىدى، خېرىدار كەلسىمۇ تۈزۈك مۇئامىلە قىلمايتتى،  بىكار بولسا تالادىكى ساتراشخانىغا قاراپ خىيالغا چۆكەتتى: ئاشۇ پاسكىنىلار جېنىدا كىيىمنىڭ نوچىسىنى كىيىدۇ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئاسىدۇ. بىر قېتىم نومۇسىنى ساتسا مانچە پۇل ئالىدۇ، ئوينايدىغانلار خوشى تۇتۇپ كەتسە ئۇلارغا بىر-ئىككى يۈز كوينى ئارتۇق بېرىۋېتىدۇ. گۈلشەنغۇ ئۇلاردەك بۇزۇق ئەمەس، ئەمما ياسىن گۈلشەننى كېچىسى خوتۇن، كۈندۈزى مالاي قىلغانغا يارىشا تۈزۈك بىر نەرسە ئېلىپ بېرىپ باقتىمۇ؟  نىكاھىمغا ئالدىم دېگەن چاغدىمۇ ئۈزۈك چاغلىق بىر نەرسە ئالمىدىغۇ؟  غېنى شاڭجاڭ ئاددىي بولسىمۇ قىزلارغا مىللىيچە كىيىم تىككۈزۈپ بېرەتتى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى “ باغچىغا بېرىپ ئويناپ كېلىڭلار” دەپ ئاز بولسىمۇ پۇل بېرەتتى، “توپلىشىپ مېڭىڭلار، ۋاقتىدا يېنىپ كېلىڭلار” دەپ ئالاھىدە جېكىلەيتتى.  ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بېرەتتى، كىمكى كېتىمەن دەپ قالسا ئالاھىدە سورۇن تۈزۈپ ئۇزىتىپ قوياتتى…
گۈلشەن ياسىندىن ھەم ئۇنىڭ بۇ ئاشخانىسىدىن بارا-بارا زېرىكىشكە باشلىدى، ئىلگىرى ئۇ ياسىننى ئۆزىگە قارىتىۋالغىنىدىن پەخىرلەنگەن بولسا، ھازىر بۇنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىغان، بەلكى ئۆزىگىمۇ بىمەنە تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ رەيھاننى ياسىنغا سەت كۆرسىتىۋەتكەن بىلەن، رەيھان يەنىلا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى، غۇرۇرى بىلەن غېنى شاڭجاڭنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، ھەم غېنى شاڭجاڭدەك باي ئادەمنى تاشلاپ يۇرتىغا كەتتى، ياسىننى كېرەك قىلمىدى، خوتۇن بولۇش مەجبۇرىيىتى ۋە بارچە مەينەت ئىشنى گۈلشەنگە تاشلاپ بېرىپ كەتتى. گۈلشەن ئۆز خىيالىدا رەيھاننى تۈگەشتۈرۈۋەتتىم دەپ ئالدىراپ خوش بولغان بىلەن، ئاقىۋەتتە ئۆزى بۇ يەردە سىقىلىپ تۈگىشىپ كېتىۋاتاتتى، بۇ يەردە قاچانغىچە جاپا تارتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
ياسىن بىنا ئۆينى قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، ئۇ قارشى قوپتى:
__ مەن ئۇ ئۆيگە كۆنۈپ قالدىم، قايتۇرساق بولمايدۇ.
__ مۇشۇ ئۆي بولسا بولدى، ئەمدى ئۇ ئۆينىڭ نېمە كېرىكى؟
__ بۇ ئۆيىڭىزگە پەقەت مېھرىم چۈشمىدى، مەن ئاشۇ ئۆيگە ئامراق.
__ ئىجارىسىنى سەن تۆلەمسەن؟
__ سىز تۆلەپ بېرەرسىز ئەر كىشى بولغاندىكىن… __ گۈلشەن ياسىننىڭ چىرايىغا مەھكەم تىكىلدى.
__ ئۇششاق باللىدەك غەلۋە قىلما، ئۇ ئۆينى ئەمدى قايتۇرمىساق بولمايدۇ.
__ ئەمىسە ماڭا ئايلىق بېرىڭ، ئۆزەم ئىجارە تۆلەپ ئولتۇراي.
__ نېمە؟  نېمە دەۋاتىسەن؟
ياسىننىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن پارقىراپ كېتىۋىدى، گۈلشەنمۇ ئۆڭدى:
__ ماڭا ھېچنېمە قىلىپ بەرمەي مۇشۇنداق خوتۇن قىلماقچىمىدىڭىز؟
__ ئەمدى گەپ چىقىۋاتىدىغۇ ئاغزىڭدىن، كاللاڭغا نېمە جىن كىردى؟
__ قارىغاندا مېنى مۇشۇنداقلا خوتۇن قىلماقچىكەنسىز-دە!؟ راست، مېنىڭ كاللامغا جىن كىردى،  بۇرۇن دېمىگەن بولسام ئەمدى دەيمەن، ھازىر ھېچنەدە بىكارلىققا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ.
__ دېمىسەڭمۇ سەن مۈشۈك، بۇ نىيىتىڭنى بۇرۇن مەندىن يوشۇرۇپ كەپتىكەنسەن-دە!
__ كىمنىڭمۇ بىكارلىق خوتۇن بولغۇسى بار، مەن ھېلىمۇ سىزگە گەپ قىلماي كەلدىم.
__ مۇنداق دە، ماڭا نەچچە كۈن خوتۇن بولغىنىڭنى دەپتىرىڭگە يېزىپ قويۇپسەن-دە!
__ مەن دېمىسەم بولاتتى، لېكىن ئۆزىڭىزنى بىلمەيدىكەنسىز ئەمەسمۇ؟! دەپ بېقىڭە، ماڭا مۇشۇ ۋاققىچە نېمە ئېلىپ بېرىپ باقتىڭىز؟ قولۇمغا بىرەر ئۈزۈك چىقىپ باقتىمۇ؟ نېمىشقا مەن بۇ يەردە بىكارغا ئىشلەۋېرىدىكەنمەن؟
ياسىن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى، كۆز ئالدىدىكى بۇ “كىچىك خوتۇن” ياسىننى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ ئەمەس، بەلكى نەپ ئۈندۈرۈش ئۈچۈن تەگكەن ئاچكۆز سەتەڭدەك بىلىنىپ كەتتى.
__ سەن زادى نېمە بولدۇڭ؟__ دېدى ياسىن يامان چۈشتىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك ئەندىكىپ،__ گەپلىرىڭ غەلىتىلا تۇرىدىيا؟! سەن مېنىڭ خوتۇنۇممۇ يا كوچىدىن كېلىپ قالغان ئىشلەمچىمۇ؟
__ ئىشلەمچى بولغان بولسا ئايلىقىمغا مانچە پۇلدىن ئېلىپ ئىشلەيتتىم، ھازىر بىكارغا ئىشلەۋاتىمەن، كېچە-كۈندۈز ئارامچىلىق يوق ماڭا، سىزگە خوتۇن بولغان ئادەم شۇنچىلىك جاپاكەش بولامدا؟  خوتۇن بولغان گۇناھىمغا  ئۆلگىچە مۇشۇنداق ئىشلەپ ئۆتىدىغان گەپما؟!
__ ئەمىسە سەن ماڭا نېمە دەپ تەگكەن؟ قايسى خوتۇن ئۆزىنىڭ ئېرىگە قىلغان ئىشىنى ساناپ ئولتۇرىدۇ؟  كېچىدە مانچە ۋاق خوتۇن بولغىنىڭغىمۇ پۇل ئالامتىڭ يا؟ ئۇنىڭدىن كۆرە تايىنلىق كوچىغىلا چىقساڭ بولمامدۇ؟
گۈلشەن ياسىننىڭ غەزەپلىك چىرايىغا قاراپ، گېپىدە چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىيۇ، تەن بەرمىدى، يانغا ئۆتۈپ غۇدۇرلىدى:
__ خوتۇن دېگەنمۇ ئېرىنىڭ قىلغىنىغا قاراپ خوتۇن بولىدۇ…
__ ئاپاڭ شۇنداق دېدىما؟! تويلۇق ئۈزۈكنى ئالمىغانلار يېرىم بارغۇ، ئېلىپ بەرسەم بولىدىغۇ؟
__ مەن دېمىسەم ئېسىڭىزگە كەلمەيتتى، قاچان ئېلىپ بېرىسىز؟ ئادەتتىكىسى بولسا بولمايدۇ، ئالماس كۆزلۈكتىن ئالىسىز، دۇكانغا ئۆزەم بىللە بارىمەن. ئاندىن ئۈچ-تۆت قۇر مودا كىيىم ئالىسىز. قاراپ بېقىڭە ئۇچامغا، سەيچى تەتەينىڭ كىيىمىمۇ مېنىڭكىدىن ياخشىراق. يۈزۈم ما ئاشخانىدا ئىسلىشىپ كەتتى، داڭلىق يۈز مايدىن ئېلىپ بېرىڭ؛  ئايىغىمنىڭ تايىنى قالمىدى، ياخشىراق ئاياغتىن ئىككى-ئۈچنى…
__ ۋاھ ، تاغادا بىر تۆكۈۋەتتىڭغۇ؟ خوتۇن خەق دېگەننىڭ زادى كۆزى تويمايدۇ، تويلۇق ئۈزۈكنى مەن پۇل تاپقاننىڭ ئەتىسىگە چوقۇم ئالىمەن، قالغىنىغا ئەھۋالغا قاراپ باقارمىز… ئۆزەڭ كۆرۈۋاتىسەنغۇ، يېقىندىن بېرى تۈزۈك سودا يوق، سەنمۇ سۆرەلمىلىك قىلىپ تۈزۈك ئىشلىمەيۋاتىسەن، ئىشلىسەڭ پۇل بار، ئۈزۈك بار، بولمىسا  يوق…
__ مەن زادى سىزنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم، كۆڭلۈمنى ياساپ بولسىمۇ ئېلىپ بېرىمەن دېيەلمىدىڭىز، سىزگە خوتۇن بولغان ئادەمنىڭ جېنىغا ۋاي، ماڭا ئۇنىمۇ ئېلىپ بەرمەڭ، بۇنىمۇ ئېلىپ ئېلىپ بەرمەڭ، ئۆزەم ئالاي، ھەر ئايدا ئىش ھەققىمنى بېرىڭ.
__ ئېرى خوتۇنىغا ئىش ھەققى بەرگەن نەدە بار؟ قورسىقىڭنى كىم بېقىۋاتىدۇ، ئۆينى كىم تەمىنلەۋاتىدۇ؟ گەپنى ئاز قىلىپ ئوبدان ئىشلە، ئاشخانىمىزنىڭ سودىسى ياخشى بولسا ھەممە نېمە بولىدۇ، بولمىسا ھېچنېمە يوق…
__ ھازىر كىم ئاچ قاپتۇ؟ كىم تالادا قاپتۇ؟ غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا كەتسەم بۇ يەردىن ياخشىراق ئۆتىمەن، زېرىكمەيمەن. ماڭا تولا ئاقمايدىغان گەپ قىلماڭ. ھېچ نېمە قىىپ بېرەلمىسىڭىزمۇ، شۇ ئۆينى ماڭا كىرالاپ بېرىڭ، قالغىنىغا كېيىن بىر گەپ بولار.
__ غېنىكاڭ ساڭا گەپ ئۆگەتكەندەك قىلىدۇ، بولمىسا مەن بىلەن بۇنداق قېرىشمايتتىڭ…__ دېدى ياسىن  سالپىيىپ،__  ئويلاپ باق، ئىككىمىزگە بۇ ئاشخانا قالدى، باي بولساق تەڭ باي بولىمىز، شۇ چاغدا نېمە دېسەڭ ئېلىپ بېرىمەن. ئەمما ھازىر بۇنىڭغا  تېخى بالدۇر، مېنى ھازىر بۇنداق قىستىما…ئۇ ئۆينى قايتۇرمىساق بولمايدۇ.
__ غېنى شاڭجاڭ مېنىڭ دادام ئەمەس، ماڭا ھەم گەپ ئۆگەتمەيدۇ، مېنى مۇشۇنچىلىكمۇ كاللىسى يوق دەپ قالدىڭىزما؟ ھەر قانداق دۆت خوتۇنمۇ بۇنچىلىك ئىشنى چۈشىنىدۇ. مەن نەچچە ۋاقىتتىن سىزگە ئىشىنىپ گەپ قىلمىغان، ئەمدى دېمىسەم بولمايدۇ.  ھازىرچە ئاشۇ ئۆينى كىرالاپ بېرىڭ، مېنىڭ ئۇ ئۆيگە جىق پۇلۇم، ئەجرىم كەتتى.  مەن ئۇ نەرسىلىرىمنى بۇ قاراڭغۇ ئۆيىڭىزگە ئەكىلىشنى خالىمايمەن. بۇ ئۆيدە تۇرۇۋەرسىڭىز بۇرۇنقى خوتۇنىڭىز ئېسىڭىزگە كېلىپ قالىدۇ، مېنىڭ راستىنلا بۇ ئۆيدە تۇرغۇم يوق…
__ ئاشخانا نەدە بولسا، ئۆي شۇ يەردە بولمامدۇ؟ بۇ ئۆي ئەپلىك ئەمەسمۇ؟ بىر ياقتىن پۇل تېپىپ بىر ياقتىن مۇشۇنداق بۇزساق قانداق پۇل يىغقىلى بولىدۇ؟__ دېدى ياسىن چېچىلىپ،__بۇ ئۆي نېمىشقا كۆزۈڭگە سىغمايدۇ؟  بۇرۇنقى خوتۇننى مەن ئەسلىمىسەم، سەن نېمىشقا ئەسلەپ قالىسەن؟
__ تولا يالغان سۆزلىمەڭ،  قاپىقىڭىز كۈن-كۈنلەپ ئېچىلمايدۇ. تاماكىنى بۇرۇنقىدىن جىق چېكىۋاتىسىز، مۇشۇ ئۆيدىن قۇتۇلۇپ بىنادا ئۆيدە ياشىساق ئەركىن بولىمىز. بولمىسا مەن بۇ يەردە سىقىلىپ ئۆلۈپ قالغۇدەكمەن.
__ رەيھاندىنمۇ ئۆتە جاھىل نېمىكەنسەن!__ دەۋەتتى ياسىن،__ خوتۇن خەقنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولامدۇ يا؟!  مېنى بۇنداق جاھىللىق قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بولالمايسەن، ئۇ ئۆيگە مەن ئەمدى پۇل تۆلىمەيمەن. شۇ پۇلنى يىغىپ ساڭا  ئۈزۈك ئېلىپ بېرىمەن.  گېپىم شۇ!__ ياسىن شۇنداق دەپلا تاماكا بىلەن چاقمىقىنى كۆتۈرۈپ خالاغا كىرىپ كەتتى.
گۈلشەن تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ قالدى، نېمىلا بولسۇن كۆڭلىدىكىنى دەۋالغىنىغا خوش ئىدى، گويا  قېتىپ كەتكەن مۇزنى چوقۇپ تەشنالىقىنى باسقاندەك بولدى ،  ھېچ بولمىسا بۇ پىخسىقنى ئالماس ئۈزۈك ئېلىشقا كۆندۈردى.
ئاشخانا سودىسى بىر ئىزدا توختاپ قالدى، ياسىننىڭ كۆڭلى پاراكەندە ئىدى، ئاشخانىسىنى بېزەپ، سودىسىنى جانلاندۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ مەبلىغى بولمىغاچقا تۇرۇپ قالدى؛ ئۇنىڭغا كېلىۋاتقان بېسىممۇ بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى: سودا-سانائەت ۋە باج ئىدارىسىنىڭ چاپارمەنلىرى پات-پات كېلىپ رەسمىيەت سۈرۈشتۈرەتتى، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئادەملىرى ئاشخانىدىن قۇسۇر ئىزدەپ پاگەن قويۇپ تۇرۇۋالاتتى. ئۇلار بۇرۇنقىدەك بىكارلىق مېھمان بولۇشنىمۇ خالىمىدى، يۈز-خاتىرە قىلمىدى، ئالىدىغاننى ئېلىپ، قويىدىغان تەلەپلىرىنى قاتتىق قويۇپ، يەنە داۋاملىق كېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قېلىشتى.
ھاشىم بۇ ئاشخانىنىڭ ئەمدى ئاقمايدىغانلىقىنى، بۇ يەردىكى كۈنلىرىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى كۆڭلىدە تۇيۇپ تۇراتتى. ئىش ھەققىنى ئېلىۋالسىلا ئىشى پۈتەتتى، بۇ يەردىن ئالدى-كەينىگە قارىمايلا كېتەتتى. ئەمما ياسىناخۇن ئىش ھەققىنى بېرىدىغاندەك، بېرەلەيدىغاندەك تۇرمايتتى. ئىش ھەققىنى سۆرىگەچكە ھاشىم بىلەن ساۋۇتقا بۇرۇنقىدەك يۇقىرى تەلەپ قويالمايتتى، قاتتىق-قۇرۇق گەپ قىلالمايتتى.  ”بېشىمغا كەلگەن ئىشلار بەك تولا، ئازراق تەخىر قىلىڭلار“ دەيتتى. جاھاندىكى دەرت-ئەلەم، مۇشەققەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىلا يۈدۈۋالغاندەك كۈنبويى ئىچىپ-چېكىپ، ئېزىلىپ يۈرەتتى، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقاندەك، ئىش ھەققىنى بەرمەسلىكنىڭ قازىنىنى ئېسىۋاتقاندەك قىلاتتى.
بىر كۈنى چۈشتە ئاشخانىغا تېخىمۇ جۈدەپ كەتكەن ئىككى ئەرۋاھ كىرىپ كەلدى، ھەر كۈنى ئاشخانىسىنى چۆگىلەپ، كاۋاپ سېتىپ يۈرگەن ياسىن بۇ كۈتۈلمىگەن مېھمانلارنى ھەيرانلىق بىلەن قارشى ئالدى. پەرھاتنىڭ كۆزى تېخىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى، بىر ئاي ئاۋۋال سورۇندا ياسىننى گەپتە چېقىۋالغان، پەرھاتتىن زادىلا ئايرىلمايدىغان ياقۇپ يىلان  ئەزەلدىن ياسىننى رەنجىتىپ باقمىغاندەك تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇراتتى. ئۇلار  ئاق چەكمەيدىغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئادەتتىكى كەيىپ قىلىۋاتقاندەك ھۇزۇر، خاتىرجەملىك ئىچىدە بەسلىشىپ تاماكا چېكىپ، ئاشخانىنى بىردەمدىلا  ئىسلاپ بولدى.
ـــ ھە، نېمە يەپ، نېمە ئىچىسىلەر؟ـــ دېدى ياسىن تەنە قىلىۋاتقاندەك.
ـــ كېلەۋا، سەن بىلەن بىر دەم مۇڭدىشايلى دەپ كەلدۇق، كۆڭلۈڭ بولسا ياق دېمەيمىز، بولمىسا خاپا بولمايمىز.
ياسىن ئۇلارنى غېنى شاڭجاڭنىڭ ۋەكىللىرى دەپ ئويلاپ، جوزىنى سەي، كاۋاب بىلەن تولدۇردى؛ خېرىدارغا ئاتاپ قويغان ھاراقلىرىنى ئوتتۇرىغا تىكلىدى.
ـــ ئاشخاناڭدىكى ھەممىسىنى چاقىرە، ــ دېدى پەرھات تەپتارتماستىن ياسىنغا بۇيرۇق سوقۇپ،ــ ھەممىسى كەلسۇن،  قاچانغىچە بىللە ئولتۇرۇشمايمىز!
ياسىن ئۇنىڭغا ئىككىلىنىپ قالغاندەك  قارىدى.
ـــ ئەنسىرىمەۋا، خېرىدار كەلمەيدىغان ئاشخاناڭغا قانچىلىك زىيان بولماقچى؟ زىيان بولسا مەن تۆلەيمەن.
ئۇنىڭ نوچىلىقىغا ياسىننىڭ قورسىقى كۆپكەن بولسىمۇ، مېھماننىڭ ھۆرمىتى دەپ ئويلاپ ھەممىسىنى جوزىغا يىغدى.
پەرھات گۈلشەنگە مەغرۇر نەزەردە پات-پات قاراپ قوياتتى، گۈلشەن بۇ سورۇندا دەسلەپتە سەل ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، ئەرلەرنىڭ مەست بولۇشىنى، ئاندىن ئەركىن ھاۋادىن نەپەسلىنىشنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ساۋۇتتىن باشقىسى دەردى ئېغىر زابويلاردەك ياندۇرماي ئىچىشتى، ساۋۇتنىڭ ئىچمەسلىكى پەرھاتنىڭ كۆزىگە سىغمىدى:
ـــ ئىچمەيدىغان ئىشىڭ بولسا بېرىپ خېرىدار كۈت!
ـــ ياق بولدى، ياتىقىڭغا كىرىپ ئارام ئال،ــ دېدى ياسىن ساۋۇتقا ئىچى ئاغرىغاندەك قاراپ قويۇپ.
ئىچى سىقىلىپ ئولتۇرغان ساۋۇت ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.  ئۇنىڭغا بۇنداق سورۇن ئەمدى تېتىمايتتى، ھاراق بىلەن تاماكىلا ھەممە نېمىنى لاۋزا، مەنىسىز قىلىشقا يېتىپ ئاشاتتى. ئېغىزنى ئاچسىلا تۆكۈلۈپ چۈشىدىغان، ئاندىن مەينەتلىككە سىڭىپ كېتىدىغان قۇرۇق گەپ، غەيۋەت-شىكايەت خۇددى نېمە دەۋاتقىنىنى بىلمەيدىغان ساراڭلارنىڭ جاۋغىيىدىن ئېقىۋاتقان شۆلگەيدەك يىرگىنىشلىك ئىدى. بۇنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئادەمنىڭ زورمۇ زور ئۇ يەردە ئولتۇرۇشى ئېچىنىشلىق بىر ئىش ئىدى.
ساۋۇت ئۆزىنىڭ كۆڭۈلچەك، ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى؛ ئۇنداق سورۇندىن قوپۇپ كېتىشى، بولسا ئۇلارغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىلالمىدى، ياتىقىغا كىرىپ غېرىبسىنىپ ياتتى، يۇرتىنى سېغىندى. بۇ يەردىن پات ئارىدا كېتىشنى ئويلىدى.
ھاشىم ئۇزۇندىن بېرى سورۇنغا ئېچىرقاپ كەتكەندەك كۈلۈپ ئېچىلىپ ئولتۇراتتى، ئۆزى قورىغان سەيلەرنى چاكىلدىتىپ يەپ، ھاراقنى ياندۇرماي ئىچىپ تۇراتتى. دەسلەپتە پاراڭلار قولاشمىدى، كېيىن پەرھات ئۆزىنىڭ بۇ بىر ئايلىق كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ ھەممىنى ئاغزىغا قاراتتى، ياقۇپ بىر چەتتىن ئاغىنىسىنىڭ گەپلىرىنى تەستىقلاپ تۇراتتى. بۇ ئىككىسى يۈننەننىڭ رۈيلى دېگەن يېرىگە بېرىپ كەلگەنىدى.
ـــ  ياشايمەن دېسەڭ ئالامەت يەركەن دەيمەن، ئىچىمەن دەمسەن، چېكىمەن دەمسەن، ئوينايمەن دەمسەن، ھەممىسى ئالدىڭدا تەيياركەن؛  جېنىڭ يايراپ كېتىدىكەن…ـــ پەرھات قالتىس ياشىۋەتكەندەك ھاياجاندا سۆزلەيتتى. ھاشىم ئۇنىڭغا ھەۋەستىن چەكچىيىپ قارايتتى. گۈلشەن چايغا ماڭغان بولۇپ ئورنىدىن قوپۇپ نېرى كەتتى.
ـــ بېرمىنىڭ دەمدۇ، تايلاندنىڭ دەمدۇ، ئەيتاۋۇر بىر-بىرىدىن كىچىك قىزلىرىنى دېمەيسەن، ـــ دېدى پەرھات ھاشىمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەندەك، ــ ئالدىڭنى توسۇپ تۇرىدۇ، ئەڭ چىرايلىقىنى تاللاپ ئوينايسەن…
ـــ بۇنى ساراڭ قىلما، ــ دېدى ياسىن مەسخىرىلىك كۈلۈپ، ــ نېمە دېسەڭ ئىشىنىدىغان نېمە بۇ، ئوينايدىغان ئىش بولسا ئەتىلا ئىشنى تاشلاپ ماڭىدۇ.
ـــ راست شۇنداق قىلامسەن ھاشىم؟!
ھاشىم تەمتىرەپ كەتتى:
ـــ ياقەي، ياسىنكام چاقچاق قىلىۋاتىدۇ…
ـــ لاۋبىنىڭدىن قورقۇۋاتامسەن؟  ئۇنداقتا سەن ئۇ يەرگە بولمىغۇدەكسەن! ئۇ يەرگە بىزدەك ئىش كۆرگەن،  قارام ئادەم بارىدۇ.
ـــ مەن ئاڭلىغان، ئۇ يەرگە جېنىدىن تويغان ئادەم بارىدۇ،ــ دېدى ياسىن ھاشىمغا قاراپ،ــ ئەڭ يامان ئاقچى، قاراقچى، سولامچىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە! بارىمەن دېسەڭ مەيلى، لېكىن شۇ يەردە ئۆلۈكۈڭ قالسا كۆمىدىغان ئادەم چىقماي قالامدىكىن.
ـــ ئاڭلىغان ھېساب ئەمەس، كۆرگەن ھېساب،ـــ دېدى پەرھات ياسىنغا مەغرۇرلۇق بىلەن تىكىلىپ،ــ مانا بىز بىر ئاي تۇرۇپ كەلدۇق، قانغىچە ياشىدۇق، يەنە ساپساق يېنىپ كەلدۇققۇ!
ـــ  سىلەر ئۇ سودىغا پىشىپ كەتكەن؛ لېكىن بۇ دوغىلاق ھېچنېمىنى ئۇقمايدۇ، ئۇنى بالاغا تىقماڭلار.
ـــ قارا مانىڭ گېپىنى! ــ دېدى ياقۇپ يىلان سوغۇق كۈلۈپ، ـــ  بىزنى نېمە دەپ ئويلاپ قالدىڭ؟ ئۆزەڭنى لاۋبەن دەيسەن، سودا قىلىشنى بىلەمسەن؟ قىلالايدىغان ئادەم قىلىدىغان ئىش ئۇ! قورساق ئاچىدۇ، شۇڭا ئاشخاناڭنىڭ بازىرى چىقىدۇ. خەقنىڭ خۇمارى تۇتىدۇ، شۇڭا بىزدەك ئادەمنى ئىزدەپ تاپىدۇ. خەق ئاق چېكىمىز دېمىسە بىزمۇ ئۇ ئىشنى قىلمايمىز. بىز ھېچكىمگە ئاق چېكىشنى ئۆگەتمىدۇق، ھەممىسى ئۆزلىرى ئۆگەنگەن، ھېچكىم زورلىمىغان. ھەممە ئادەم ئۆز كاللىسى بويىچە ياشايدۇ، بەزىلىرى ئۆزىنى ئاۋايلاپ ئۇزۇن ياشايمەن دەيدۇ؛ بەزىلىرى خۇماردىن چىقىۋېلىپ ئۆلسەممۇ مەيلى دەيدۇ؛ مۇشۇنداق ئادەملەر قارام كېلىدۇ، ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ.
ـــ نوچى گەپ قىلدىڭ،ــ دېدى پەرھات ئۇنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويۇپ، ــ بىزنىڭ بۇ  ئاغىنىمىز ئادەتتە مۆرىمەيدۇ، ئەمما گەپ قىلىدىغان بولسا بۇقىدەك ئۈسىدۇ، ئۈلۈشكۈن سورۇندا  غېنى ئاكىمىزنىمۇ قاتلاپ قويدى.
ـــ تۇيۇقسىز ئۈسىدىكەن-دە،ــ دېدى قىززىۋالغان ياسىن ئۆتكەنكى ئاچچىقىنى چىقىرىپ.
ـــ  بىز  ساڭا ئوخشاش كەلسە-كەلمەس ئۈسمەيمىز.
ـــ كەلتۈرۈپ ئۈسىمىز دېگىنە، تۇرقۇڭغا قارىسىغۇ مۆرەشكىمۇ ماغدۇرۇڭ يەتمەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.
ـــ بىز ئۈسكەندە ھوشۇڭنى بىلمەي قالىسەن.
ـــ ھوشىمىزنى ساڭا ئوخشاش بىر دەمدىلا يوقاتمايمىز.
ـــ گېپىڭ ماز پۇراپ كەتتى، بولدى قىل…
ـــ ساڭا تېگىپ كەتكەن گەپ ئەلۋەتتە ماز پۇرايدۇ-دە!
ياقۇپ يىلان جىم بولۇپ قالدى، ئەگەر يەنە بىر نېمە دېسە  ياسىن ئۇنى كەلتۈرۈۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.  پەرھات ياسىننىڭ گەپتە چاققانلىقىنى ھېس قىلدى.
ياقۇپ ئالدىدىكى ھاراقنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى، ياسىننىڭ ئاغزى قىچىشتى:
ـــ جانغا چۇشلۇق ئىچ،  ئاشقازىنىڭدىكى گۆش كەمپۈت ئېرىپ كەتمىسۇن!
ـــ بۇ چاقچىقىڭ بولمىدى!ــ دېدى پەرھات چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،ــ بىز ئۆزىمىزگە ئۇنداق چاتاق سالىدىغان ئىش قىلمايمىز.
ـ سەن جىم ئولتۇرە ــ دېدى ياقۇپ يىلان ئۆزىنى ئوڭشاپ، ــ گۆش كەمپۈتتەك گەپلىرىنى دەۋالسۇن، بولمىسا ھېلى ئىچىدىن قان كېتىدۇ…
ـــ نەق گېپىڭنى قىلدىڭ-دە، ئاشقازىنىڭ بۇزۇلۇپ، چىرايىڭدا قان دىدارى قالماپتۇ.
ـــ يوق ئىشنى دەۋەرمە، چېنىپ قالىسەن.
ـــ سەنمۇ كەمپۈت بەرسە يەۋەرمە، قان سىيىپ يېتىپ قالىسەن..
ياسىن ئۇنى گەپتە ئوسال قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ھالەتتە ئىدى،  ھاراقمۇ ئۇنىڭ كەيپىنى ئۆرلىتىپ، ئاغزىنى ئىتتىكلىتىپ، خۇشاللىقىنى ئاۋۇتۇپ بارماقتا ئىدى.
ـــ  ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ قىلما ئاداش! بىز قورسىقىمىز ئاچ قېلىپ كەلمىدۇق بۇ ئاشخاناڭغا !ـــ دېدى پەرھات تېرىكىپ.
ـــ خوتۇن-بالاڭنى كەتكۈزىۋېتىپ ئەجەپ نوچىلىشىپ كېتىپسىنا!ــ دېدى ياقۇپ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي.
ياسىننىڭ ھەزىكەشلىك ئويناپ تۇرغان چىرايى بىردىنلا جىددي تۈسكە كىردى:
ـــ چاقچاقنى كۆتۈرەلمىسەڭلار چاقچاق قىلماڭلار ئاغىنىلەر، بىكاردىن بىكار رەنجىشىپ قالىمىز.
ــ بىزنى چىدىماس كۆرۈۋاتامسەن؟!ــ دېدى پەرھات،ــ  ئۆزەڭچە كېرىلىپ كەتمە، گەپتە يېڭىۋالساڭمۇ ئارقاڭدىن كۈلۈپ قويىمىز،  سورۇن كۆرگەن ئادەم مانا بىزدەك بولىدۇ…
ـــ گەپ قىلغاندا ئىتتەك ھاسىرايدىغان خۇيۇڭ باركەن،  چاقچاقنى ئۆپكەڭنى بېسىپراق قىلارسەن،ــ دېدى ياقۇپ يىلان يەنە زەھەر سانچىپ.
ـــ سېنىڭمۇ تۇيۇقسىز  چاقىدىغان خۇيۇڭ باركەن، ئۆزەڭنى چاغلاپ گەپ قىلارسەن.
سورۇن  كۈتۈلمىگەن بىر دۈشمەنلىك كەيپىياتىغا كىرىپ قالدى، ھېچكىمنىڭ ئېغىزىدىن ياخشى گەپ چىقمايدىغاندەك قىلاتتى، ھاراق ئۇلارنى خۇشال قىلالمىغاندا ئىچ-قارنىنى چوقۇم زەرداپ قىلاتتى.  ياسىن كۆڭلىدە بۇ پەسەندىلەرنىڭ پاتراق كېتىشىنى تىلەپ قالدى، يەنە گەپ تالىشىپ قالسا جېدەللىشىپ قالىدىغاندەكلا قىلاتتى. نىھايەت، پەرھات غېنى ئاكىسىدىن تەلىم ئالغاندەك ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئىككىسىنىڭ كەيپياتىنى جىمىقتۇردى. ياسىن ئەمدى ئۇلارنى كۈتمەيدىغاندەك بىزارلىق، خاپىلىق بىلەن ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى،  كارىۋاتتا ياتقان گۈلشەننى كۆرۈپ ناتونۇش بىر يەرگە كىرىپ قالغاندەك ئىككى يېنىغا قارىدى،  بۇ ئۆينىڭ رەيھان بار ۋاقىتتىكىدىن بەك يېقىمسىز، سوغۇق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. گۈلشەن بۇنداق بىر خىل  ياشاشتىن زېرىككەندەك، سورۇندىن بىرەر يېڭىلىق، بىرەر جېدەل، ياكى ئاللىقانداق بىر پالاكەتنىڭ چىقىىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك،   تورۇسقا قاراپ خىيال سۈرۈپ ياتاتتى.
ــــ يېتىشىڭ ئىسسىقتىنمۇ سوغۇقتىنىمۇ؟
ــــ ئەمىسە قانداق قىلىمەن، سورۇندا سەت گەپ ئاڭلاپ، ھاراق پۇراپ ئولتۇرىمەنمۇ؟
ــــ ئۇلار ھازىر ماڭىدۇ، چىقىپ جوزىنى يىغىشتۇرۇۋەت!
ــــ نېمىشقا كەپتۇ بۇلار؟ ئەگەر ئاق ساتىلى دېسە ئۇنىماڭ.
ــــ ساراڭمۇ مەن بۇ گۇيلارنىڭ كەينىگە كىرىپ!  پۈۋلىسە ئۇچۇپ كېتىدىغان پاشا گۇيلار بۇ،  قان شوراپ تويغاندا شاپىلاقتىن بىرنى يەيدۇ، ئۆلىدۇ.
ياسىن قايتىپ چىققاندا ئىككىسى ھاشىم بىلەن گەپ سېتىشىپ، بىر-بىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى يېزىشقىلى تۇرغانىدى.
ـــ بىز قايتىلى،ــ دېدى پەرھات ئورنىدىن تۇرۇپ، ـــ  يوقاپ كەتمەي ئىزدىشىپ تۇرىلى، كۇلىچىلىقتا بىر-بىرىمىزگە ھامان ئەسقاتىمىز، تېلېفونومنى ھاشىمغا دەپ بەردىم، بىرەر ئىش بولسا دەپ قويارسەن.
ـــ  بولىدۇ، سىلەرگىمۇ رەھمەت!ــ دېدى ياسىن ئىككىسىگە تەڭ بېقىپ،ـــ  ھەممە گەپ سورۇندا قالدى، كۆڭلىمىزدە كىر قالمىسۇن.
ياسىن ئۇلارنى تالاغىچە ئۇزىتىپ چىقتى، ئاشخانىغا چىققان گۈلشەن دېرىزىدىن ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى. خېرىدار يوق ئاشخانا تولىمۇ مەينەت، كۆڭۈلسىز ئىدى،  چىۋىنلار ئۇچۇپ يۈرەتتى، گۈلشەن جوزىنى يىغىشتۇرۇپ بولغىچە قولى نەچچە قېتىم ئىشتىن توختىدى، كۆزلىرى بىر نۇقتىدا قېتىپ قالدى. بىر ئوبدان بولدۇرۇلغان خېمىر ئىسسىقتا قېلىپ بۇزۇلۇپ ئېچىپ قالغاندەك، بۇنداق تۇرمۇشتىن سوۋىغان گۈلشەننىڭ كۆڭلىمۇ بۇ يەردە بىخسىپ تۈگىشىپ كېتىۋاتاتتى. پەرھاتنىڭ ئىچ ئاغرىتىشلىرى، مەسخىرە قىلىشلىرى گويا ئۇ پۈۋلىگەن سېسىق تاماكا ئىسلىرىدەك لەيلەپ، گۈلشەننىڭ كۆز ئالدىنى تۇمانلاشتۇرۇپ، دىماغلىرىنى ئېچىشتۇرۇپ تۇراتتى. گۈلشەن ئۇ ئىچىپ ئېشىپ قالغان چاينى بىر يۇتۇم ئىچىپ كەينىدىن قاچىغا تۆكتى. قاچىلارنى تاراقشتىپ بىر ئۇزۇندا يۇيۇپ بولدى.
ھاشىم بۇ ئاقسالار بىلەن ئوبدان مۇڭدىشىپ، تېلېفونلىرىنى يېزىشىۋالغىنىدىن خۇشال ئىدى، بۇ ياققا كەلگەندىن بېرى ھېچكىم ئۇنى تۈزۈك سوراپ قويمىغان، بىللە ئولتۇرۇپ ئىچىشكۈدەك ئاغىنىلىرى بولۇپ باقمىغانىدى. ئۇلارنىڭ رۈيلى ھەققىدە ئېيتقانلىرى قاراملىققا ھەۋەسلىنىدىغان، كەيپ دېسە پۈتۈن ئەزايى ھاياجاندىن تىترەيدىغان ھەر قانداق ”ئەركەك“نى جەلپ قىلاتتى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ھاشىمنىڭ ئىچى پۇشۇپ، پىغانى ئۆرلەپ قالدى. ”يىگەن ئېغىز ئۇيۇلىدۇ“ دەپ، ھاشىم ئەمدى شۇ ئاقسالارنىڭ باھانىسىدە بىر دەم ئولتۇرۇپ ئىچىپ قويغىنىغا نەچچە ئايلىق ئىش ھەققىنى ياسىن لاۋبەندىن ئالالماسمۇ؟ قاچانغىچە بۇ لاۋبەننىڭ پەس كۆڭلىنى ئاياپ، قارانچۇق خوتۇنىغا ھەۋەسلىنىپ، ساتراشخانىدىكى تەتەيلەرگە شۆلگىيىنى ئېقىتىپ يۈرىدۇ؟ ئۇمۇ ئاشۇ پەرھاتلاردەك تەۋەككۇل قىلىپ، ئەركىن دۇنيانىڭ ئەركەكلىرىدەك راۋرۇس ياشىمامدۇ؟
ئۇ ياتاققا كىرگەندە ساۋۇتمۇ ئېغىر خىيالغا چۆكۈپ ياتاتتى. ساۋۇت ئۇنىڭ ھاراق پۇراپ كىرگىنىدىن يىرگىنسىمۇ ھازىرقى ئەھۋالدا ھېچنېمە دېيەلمەيتتى. ھاشىممۇ ئۇ بىر نېمە دېسە ھازىر بىر نېمە دەيدىغاندەك ئەلپازدا ئىچى تىتىلداپ، ئاغزى مىتىلداپ تۇراتتى.
ـــ كېتىشتىمۇ ئۇلار؟! ــ دېدى ساۋۇت ئۆرە ئولتۇرۇپ،ـــ مەن تېخى كېچىچە ئولتۇرىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
ـــ ما ئاداش چاقچاق قىلدىم دەپ نەدىكى سېسىق گەپنى قىلىپ سورۇننى بۇزدى، ئادەم دېگەن بۇنداقمۇ چىدىماس بولامدۇ؟! ئاي-يىللاپ مېھمان كۈتمەيدۇ، ئۆزى بېرىپ خەقنىڭكىنى ئوبدان يەيدۇ، خەق كەلسە چىدىمايدۇ… قوي جۇمۇ، بۇنداق ناچار گۇينىڭ قولىدا ئىشلىگىچە، ئاستا كەتكەن ياخشى…كېتەي دېسە يا ئىش ھەققىمىزنى بەرمەيدۇ، ئويلاپ باق، بىز پۇل ئالماي ئىشلەۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ مۇشۇ ۋاققىچە بېرەيمۇ دېمىسە…
ـــ سۆزلەپلا كەتتىڭغۇ، باشقا نېمە ئىچىپ سالمىغانسەن-ھە؟
ـــ ئاھاي، ئاداش، مېنى مەست دەپ قالما، مەن راست گەپ قىلىۋاتىمەن.
ـــ سېنى سۆزلەتكىنى ھاراق دېگەن شۇ نىجىسقۇ تايىنلىق، گېپىڭ بولسا  ئۆزىگە بېرىپ دە، مۇشۇ ۋاقىتتا دەۋالمىساڭ باشقا چاغدا دېيەلمەيسەن.
ـــ دېسەم دەۋېرىمەن، لېكىن ئىككىمىز دېسەك ياخشى ئىدى، سەن دائىم بېشىڭنى ئىچىڭگە تىقىۋالىسەن، ئۇنىڭغا ياخشى كۆرۈنىمەن دەيسەن، لېكىن بۇنىڭ پايدىسى يوق. ئىككىمىز تەك دەيلى، ئاندىن بۇ يەردىن كېتەيلى.
ـــ كېتىپ نەگە بارىمىز؟ ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى بار، ئالدىراپ قىززىپ كەتكەن بىلەن بولمايدۇ.
ـــ سەن كەتمىسەڭ مەن كېتىمەن، بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ئۆگۈن، ئىشقىلىپ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە كېتىمەن.
ـــ نەگە بارماقچى؟ پۇلۇڭ بولمىسا ھېچ نەگە مىدىرلىيالمايسەن.
ـــ ئىش ھەققىمنى ئالالمايدۇ دەمسەن؟ ئۇرۇشۇپ بولسىمۇ ئالىمەن، غېنىكامغا تېلېفون قىلىمەن. بۇ گۇيغا ئەمدى يۈز-خاتىرە قىلمايمەن.
ـــ پەيلىڭ يامانغۇ؟!  ھاراقنىڭ كۈچى دېگىنە، بىر ئۇخلاپ ئويغانساڭ يوق بۇ گەپلىرىڭ!
ـــ قاراپ تۇر، مەن سەندەك تۈگۈلۈپ يېتىۋەرمەيمەن.
ساۋۇت كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى. ھاشىم بىر دەم ئولتۇرۇپ يېتىپ ئۇيقىغا كەتتى.
«كۆپۈك» ناملىق تۇنجى رومانىم بۇ يىل 6-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
روماندا 90-يىللاردىن كېيىن شەھەرلىشىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ مەيدانغا چىققان زىددىيەت، ئۆزىمىزگە خاس بىمەنە، ئېچىنىشلىق ئىشلار قارا يۇمۇر شەكلىدە جانلىق بايان قىلنغان. ئەسەر ۋەقەلىكى راست ئىشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا توقۇلما قىلىنغان بولۇپ، تەنقىدىي رېئالىزملىق بايان ئۇسۇلىغا يەنە ناتونۇشلاشتۇرۇش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە قىسمەن بىمەنىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى كىرىشتۈرۈلدى. ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ «جاھاندا مۇشۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ؟» دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما رېئاللىقتا نېمە ئىشلار بولمايدۇ؟ بۇنداق غەيرى ئىشلارنى يوق دېيەلمەيسىز، يالغان دېيەلمەيسىز، غەيرى ئىشلارنى ئومۇملۇققا كۆتۈرۈش ئارقىلىق مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئاساستا مەركىزىي نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇئەللىپنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سىناقلىرى. روماننىڭ فوكۇس نۇقتىسى: زەئىپلەشكەن ئەركەكلىك ۋە كۈچىيىپ كەتكەن نەپسانىيەتچىلىك؛ ماددىي مەنپەئەت بىلەن روھىيەت ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە شۇ ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان تۇرمۇش.
كىتاب 296 بەت، باھاسى: 16 يۈەن
ئۆمەر قاماقتىن چىقتى، غېنى شاڭجاڭ نوچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى، ئۇنىڭدىن كەتكىنى ئۈچ تۈمەنمۇ ئەمەس، نەچچە ۋاقىتتىن مۇۋاپىق باھادا ساتالماي يۈرگەن بىر قاشتېشى بولدى، مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە يېدۈردى، ئىچۈردى، لاۋبەن سەتەڭنىمۇ ئۆز لايىقىدا رازى قىلدى.  شاڭجاڭنىڭ كوچىدا ماڭسا خەقلەر كەينىدىن قاراپ قالغۇدەك بوي-بەستى، سالاپىتى، باشلىق چىراي تەلئەتى، پارقىراپ تۇرغان بېشى، قارا كۆزەينىكى… خەنزۇچىدىمۇ خېلى ۋايىغا يەتكەن زۇۋانى، رېستۇرانى، ماۋتەيدىن قېلىشمايدىغان ئىلى ئالاھىدە ھارىقى، خوتەننىڭ ئۈزۈم ھارىقى، تونۇ كاۋىپى، قولىغا سېلىۋالغان قىممەت باھالىق قارا ياقۇت ئۈزۈكى… ئىشقىلىپ ھەممە نېمىسى ئىشنىڭ ئالدى-كەينىدە مۇھىم رول ئوينىدى. تەسىر كۈچ دېگەن ئەنە شۇ! ئىقتىدارىڭ، جاسارىتىڭ، پۇلۇڭ، كۈچۈڭ بولسا ھېچكىم سېنى ئالدىراپ كەمسىتەلمەيدۇ،  دۇنيادا ئاجىز مىللەت يوق، ئاجىز ئىنسان بار. مانا بۇ شاڭجاڭ دائىم تەكىتلەيدىغان ياشاش مىزانى.
رەيھان ئۆمەرنى كۆرۈپ ھاياجاندىن تىترەپ كەتتى، كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى،  بېشىنى سىلاپ پىشانىسىگە سۆيدى. غېنى شاڭجاڭغا ئالەمچە مىننەتدارلىق، سۆيۈنۈش بىلەن قاراپ قويدى. قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئەركەك گەرچە تاز بولسىمۇ پېشانىسى ئوڭ، نۇرانە كۆرۈنەتتى. ئۆمەر ئورۇقلاپ كىچىككىنە قالغان بولۇپ، ئويناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن چارىسىزلىك، دېلىغۇللۇق بالقىيتتى، تېخىچە گۇناھ تۇيغۇسىدىن قۇتۇلالمىغاندەك سالپىيىپ تۇراتتى، ئەركىنلىككە چىققىنىغا تېخىچە ئىشەنمىگەندەك قاماقخانا دەرۋازىسىغا ئەنسىز قاراپ قوياتتى. ئازاب ۋە قورقۇنچتىن زادى ئېچىلىپ باقمىغان چىرايى رەيھاننى كۆرگەندە ئېچىلدى، ئانىسى بولغان بولسا قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ تازا يىغلىۋالغان بولاتتى، شۇنداقتىمۇ رەيھاننىڭ مېھرىبانلىقى ئالدىدا ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتۇپ تۇردى، كۆزىگە ياش ئالدى، يەرگە قاراپ ئۈمچەيدى.
غېنى شاڭجاڭ ئىككەيلەننى تاكسىغا سېلىپ، رېستۇرانغا ماڭدى. ئۆمەر يولدا بارغىچە تارتقان كۈلپەتلىرى ھەققىدە جىق گەپ قىلمىدى، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئويغا چۆمۈپ تۇراتتى.
__ شۇنداق قىلىپ بۇ يەرنىمۇ كۆرۈپ باقتىڭ-دە يىگىت، __ دېدى ئالدىدىكى ئورۇنغا ئاران پېتىپ ئولتۇرغان غېنى شاڭجاڭ كەينىگە قاراپ قويۇپ،__ ھېلىمۇ ۋاقتىدا چىقىۋالدىڭ، بولمىسا ساقىلىڭ سۆرۈلۈپ قالغاندا ئەچىقاتتۇق سېنى!
__ بەك ئاتىدارچىلىق قىلدىڭىز، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز،__ دېدى رەيھان چىن كۆڭلىدىن تەسىرلىنىپ.
__ بۇنچىلىك دېيىش كەتمەيدۇ، ياخشىلىق قىلساڭ ياخشىلىق يانىدۇ دېگەن گەپ بار، بۇ بالا بىزنىڭ ياخشىلىقىمىزنى بىلسە، كېيىنچە خەققە ياخشىلىق قىلىشنى بىلىدىغان بولىدۇ.
ئۆمەر گەپ قىلماي ئولتۇراتتى، رەيھان ئۇنىڭغا كۆز ئۈزمەي قارايتتى، پات-پات بېشىنى سىلايتتى، گەپ سورايتتى. ئۇ بىر ئېغىز گەپكە بىر ئېغىز جاۋاب بېرىپ يەنە شۈك تۇرۇۋالاتتى. ياسىن ئاكىسىنىڭ ئورنىغا غېنى شاڭجاڭنىڭ ئالمىشىپ قالغىنىدىن ئەجبلىنىۋاتقان بولسا كېرەك، ئالدىغا قاراپ ئولتۇرغان شاڭجاڭغا ھەيرەت كۆزىدە قارايتتى. رەيھان بۇنى سەزدى، ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى ئۇقالمىدى. ئۆمەرمۇ ئۇنى سورىمىدى، ئاكىسى ئەزەلدىن ئۇنىڭغا رەيھان ئاچىسىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغانىدى.
غېنى شاڭجاڭ ئىككەيلەننى ئۆيىگە كىرگۈزۈپ قويۇپ كەينىگە ياندى، رەيھان ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىق، شادلىق ئىلكىدە باقتى، بىر نەرسە دەي دەپ دېيەلمىدى، ئەمما ئۇنى ھېچ ۋاقىتتا كۆرۈلمىگەن خىجىللىق، ئەدەپ-ھايا بىلەن ئۇزاتتى.
“نېمىدېگەن چىرايلىق ئايال!… __ دەپ ئويلىغاچ  كەينىگە ئۆرۈلدى غېنى شاڭجاڭ،__ مۇشۇنداق ئايالنىڭ گۈزەل بېقىشلىرىغا ئېرىشىشمۇ بەخت…  ئېسىت، شۇ گۇيغا، مۇشۇنداق خوتۇنىغىمۇ خىيانەت قىلامدۇ؟ ئاز دېسە شۇنداقمۇ ئازامدۇ؟ شۇنىڭغا قارىغاندا،  ئېشەك خۇيلۇق ئادەملەرنىڭ خۇمارى چاتاقكەن، گۈل پۇرىماي تېزەك پۇرايدىكەن…
شاڭجاڭ ياسىننى ئەيبلەۋاتقاندا ئۆزىنىڭمۇ ئەيبلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، گۈلشەننى ئەۋەتىشتىن باشلاپ ئۇنى خوتۇن قىلىپ بېرىشقىچە قايسى بىر ئىشتا ئۇنىڭغا يانتاياق بولمىدى؟ نېمە مەقسەتتە شۇنداق قىلدى؟ رەيھاننى ئۇنىڭدىن ئايرىپ ئۆزى ئېلىۋېلىش ئۈچۈنمۇ؟  قىلغىلى ئىش تاپالماي ياسىننى ساز قىلىپ تاماشىنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ؟ ئىلگىرى دادۈيجاڭلىقتىن قالغان خۇمارى بويىچە ھەر ئىشنى  بىر قوللۇق پىلانلاپ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ؟… ھەممىسى بار، شاڭجاڭ ئەزەلدىن شۇنداق كاللا ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ئىشنى تەۋرىتىپ يۈرمىسە ياشىغاندەك بولمايدۇ، باشقىلارنى ئۆز دېپىغا ئانچە-مۇنچە ئۇسسۇل ئوينىتىپ تۇرمىسا، رەھبەرلىك خۇمارى قانمايدۇ. مانا، بىر ھېسابتا ئۇ غەلىبە قىلدى، ياسىننى ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەتتى، رەيھاننىمۇ ئۇنىڭغا قارشى ئۇسسۇلغا سالدى. بىر يوتقاندىن چىقمايدىغان ئامراق ئەر-خوتۇن ئاۋۋال مۇزدەك قاتتى، ئاندىن چاك-چاك يېرىلدى… مانا بۇ كارامەتلەر غېنى شاڭجاڭنىڭ قولىدىن چىقتى، راست شۇنداق بولدىمۇ؟  شۇنچە ئەقىللىق ئەر-خوتۇن بىلىپ تۇرۇپ قاپقانغا چۈشتىمۇ؟ شاڭجاڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتەلەيدىغان جىنكەش داخانمىدى؟ ئۇلارنىڭ روھى نېمىشقا ئۆز ئىلكىدە تۇرمايدۇ، بۇنىڭ ھەممىسىگە شاڭجاڭ سەۋەبچىمۇ؟…
غېنى شاڭجاڭ ئۆيىگە كىرىپ سافاغا ئۆزىنى تاشلىدى، تېلۋىزورىنى ئېچىپ بېقىپ يەنە ئۆچۈرۈۋەتتى، بايا ئويلىغانلىرىغا  قايىل بولمىدى، ئۇ ئۆزىنى ھەرگىز ئەۋلىيا چاغلىمايتتى، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان رەزىللەرگە ئوخشاپ قېلىشنى خالىمايتتى. ئۇ ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش، رىقابەت، مەنپەئەت ئىچىدە تۇرۇشىنى قوغلىشاتتى، ھەر كۈنى يېڭى-يېڭى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، كۈندىلىك خەۋەرلەرنى قالدۇرماي كۆرەتتى. جەمئىيەتتىكى يېڭىلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قىزىقاتتى.
دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئويۇن-تاماشىنىڭ ئۆزىلا ئىدى،  شاڭجاڭ  گويا  بۇ يەردىكى ئالاھىدە تۇرمۇش سەھنىسىدە بىر جۇپ ئەر-خوتۇننىڭ رولىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان رىژىسورغا ئوخشايتتى، بۇ ئەر-خوتۇنلار يالغاننىمۇ راست، راستنىمۇراست قىلپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ، ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى،  نەچچە ۋاقىتتىن بېسىلىپ قالغان بالىق ھېسسىياتى، كەيپىياتى،تۇرمۇش قارىشى، تاللىشى… ھەممە نېمىسىنى ئاشكارىلىدى، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ھېسسىياتىغا شۇنچىلىك كىرىشىپ كەتتىكى، بىر چەتتە ھەيرەتتە قاراپ ئولتۇرغان “رېژىسور”نىمۇ پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىۋېتىشتى…
ئويۇن ئەمدى چىڭىغا چىققاندا شاڭجاڭ ئەنسىرەپ قالدى،  ئۇنىڭ بۇ  ئەر-خوتۇننى ئوينىتىپ، رەسۋا قىلىپ، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكۈسى يوق ئىدى. ئويۇننى ئىككىسى ئوينىغان بىلەن، بالىسى تالادا قالاتتى. شاڭجاڭ ھەر قېتىم شۇ بالىنى ئويلىغاندا ئۆزىنى ئەيبكار سانايتتى، ئەمما كىم ئۇلارنى شۇنچىلىك سەتلىشىپ يامانلىشىپ كەتسۇن دەپتۇ؟ ياسىن بۇزۇلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدە غېنى شاڭجاڭ قاراپ تۇردىمۇ؟ ئۇنىڭ پاك ياشاشنى تاللاش ئەركىنلىكى بار ئىدىغۇ؟ نەپسىنى يىغىپ ياشىسىمۇ ياشىيالايتتىغۇ؟ چىرايلىق خوتۇنىدىن زوقلىنىپ ھەم ھۇزۇرلىنىپ يۈرسە يۈرەلەيتتىغۇ؟  رەيھان ئېرىدىن بىسوراق قاچتى، ئەمما ئۇنىڭمۇ كەلمەسلىك تاللىشى بار ئىدىغۇ؟…  دېمەك، ئۇلار بەرىبىر سەھنىدىكى ئارتىس ئەمەس، كونۇپكا بىلەن باشقۇرىدىغان ئويۇنچۇق ياكى قونچاق ئەمەس. شۇڭا ئۇلارمۇ غېنى شاڭجاڭنىڭ سەنىمىگە دەسسىگىنىنى كۆڭلىدە تۇيسىمۇ، غۇرۇرى يول قويمايدۇ، ئوينىتىلغانلىقىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ، “ئۆزىمىز قىلغان ئىشقا ئۆزىمىز ئىگە” دەپ مەغرۇر يۈرىۋېرىدۇ، ئادەم دېگەن شۇ…
شاڭجاڭ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئاقلاپ، ئېغىر خىياللىرىنىڭ قۇيرۇقىنى لەگلەكتەك ئۇچۇرتۇپ خاتىرجەم يېتىپ قالدى. چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇنىڭ خان ئۇيقۇسى ئىدى، بۇنداق چاغدا ھېچكىم ئۇنىڭغا دەخلى قىلالمايتتى.
كەچقۇرۇن سودا باشلانغاندا غېنى شاڭجاڭ ئىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان رەيھاننىڭ چىرايىدىكى جىددىيلىكنى سېزىپ قالدى، ئۇ يەنە ئاشۇ ۋاپاسىز ئېرىنى كۈتۈۋاتاتتى، ئەمدى بۇ يەردىن كېتىشنى ئويلاۋاتاتتى. ئۇچىمەن دېگەن كەپتەنى قەپەزگە سولاپ قويۇشتىن ھۇزۇرلانغىلى بولامدۇ؟  شاڭجاڭ  بۈگۈنلا ئۇنى يولغا سېلىۋېتىشنى ئويلىسىمۇ، يۈرىكى تارتىشىپ قالدى، ئۇ  “چىن يۈرەكتىن سۆيگەن ياردىن ئايرىلىشقا قانداق چىدىغىلى بولار؟ كۆيۈك ئوتى تېخى ئۆچمىدىمۇ؟! ئۆچمىسە قاچانغىچە يانار؟” دەپ يۈرۈيدىغان مەجنۇنلاردىن بولمىسىمۇ، بۇ  “مەشۇق” بەخش ئەتكەن غۇرۇر، خۇرسەنلىكتىن ئايرىلىپ قېلىشنى پەقەت خالىمايتتى…  ئۇ ئۇشتۇمتۇت ھەسرەتلەندى؛  رەيھان كەتسە مۇھەببەت يوقايدۇ،   كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان گۈزەللىك غايب بولىدۇ،  بۇ يەرنى خۇنۇكلۇق، پەرىشانلىق بېسىپ كېتىدۇ…
ئۇ رەيھانغا يىراقتىن يوشۇرۇن كۆز تاشلاپ قاراپ قوياتتى، ئويلىناتتى، ئىچى پۇشۇپ تولغىناتتى؛ ئۇ  تالاغا چىقىپ بىر تال تاماكا چېكىۋەتكەندىن كېيىن روھلىنىپ، رەيھاننىڭ ئالدىغا كەلدى:
__ ئۆمەر ئۆيدە قالدىما؟
__ ھەئە، تېخى ئۇيقۇدىن ئويغانمىدى، پەقەت ئۇخلاپ باقمىغاندەكلا قىلىدۇ بۇ بالا…
__ تۈرمىدە بىر كۈن يېتىشتىنمۇ خۇدايىم ساقلىسۇن،  بۇ بالا مۇشتۇمدەك جېنىدا ھېلىمۇ چىداپتۇ.
__ ھە نېمە بولسا ياردەم قىلدىڭىز، قانچە رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ سىزگە.
__ ئەمدى بۇ گەپنى قىلماڭ، ئۆمەر چىقتى،  ياسىنغا خەۋەر قىلامسىز؟
__ قانداق قىلسام بولىدىكىن…__ دېدى رەيھان بۇنى تېخى ئويلاپ باقمىغاندەك.
__ خەۋەر قىلسىڭىز،  كېلىپ ئەكەتسىمۇ مەيلى، مەشەدە تۇرۇپ قالسۇن دېسىڭىزمۇ مەيلى؛ ياكى ئۆزىڭىز… بىللە ئېلىپ كەتسىڭىزمۇ مەيلى…
رەيھان غېنى شاڭجاڭنىڭ ئاخىرقى گەپنى ناھايىتى تەستە ئېيتقانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئۇنىڭغا ھەيرانلىق، خۇشاللىق بىلەن لەپپىدە قاراپ قويۇپ، گەپ قىلماي تۇرۇۋالدى.
__ ياسىن كېلىپ سىزنى ئېلىپ كەتسۇن، قايسى كۈنى  ئۆمەر چىققاندىلا كۆرۈشىسىلەر دەپ ئۆزىگىمۇ دېگەن…
__ ئايالىڭىز كەلگىچە ئىشلىمەمدىم؟
__ ياق، بولدى…  ئۇنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بوپ قالدى.
__ ئۇنداقتا مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزنى قانداق قايتۇرىمەن؟
__ بۇ گەپنى ياسىن دېسۇن، سىز ھېلىمۇ جىق كۈچەپ كەتتىڭىز، خوتۇن كىشى مۇشۇنچىلىك قىلسا بولار.
غېنى شاڭجاڭ بۇنداق دەپ تۇرغان بىلەن چىرايىدىن غەمكىنلىكى، ئامالسىزلىقىنى ھە دېگەندىلا چاندۇرۇپ تۇرۇۋاتاتتى. رەيھان تەڭقىسلىقتا قالدى، دەرھال كېتىپ قېلىشنى ئېغىر كۆردى:
__  بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى  ياسىن بىلەن تېخى كۆرۈشۈپ باقمىدىم،  مېنى ھازىرلا بۇنداق ئەكەتكەن بىلەن ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇقمايمەن. شۇڭا بىر-ئىككى كۈن قاراپ باقسام بولامدىكىن…
__ ئۇنىڭغا نېمىشقا ئىشەنمەيسىز؟
__ ئىشەنمەيمەن ئەمەس، ئەندىشەم بار،  ئۇنىڭ ساراڭلىقى نەدىن چىقىدۇ ئۇقمايمەن،  ئايال كىشى دېگەن شۇ سەل قورقۇنچاق بولىدىكەن.
__ قورقماڭ، نېمىشقا قورقىسىز؟ ئۇنىڭ ئالدىدا قورققىدەك بىر ئىش قىلغانمىدىڭىز؟ بىلىمەن، مەشەگە كەلگەندىن بېرى قورقۇپلا كەلدىڭىز، سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس، بالىغا تېخىمۇ تەس… بۇ يەردە قانچە ئۇزاق تۇرسىڭىز شۇنچە قورقىسىز، ئۇنىمۇ ساراڭ قىلىسىز.  شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ۋاقتىدا بىر-بىرىڭلارنى تېپىۋېلىڭلار.
رەيھان ئۈندىمەي تۇرۇپ قالدى، غېنى شاڭجاڭ يەنىلا خاپا چىراي ئىدى،  رەيھاننى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلىپ قوشۇمىسىنى تۈرۈۋالغاندەكمۇ قىلاتتى. رەيھان شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
غېنى شاڭجاڭ تالاغا چىقىپ ياسىنغا دەرھال تېلېفون قىلدى:
__ كېلىپ رەيھان بىلەن ئۆمەرنى ئېلىپ كەت، گۈلشەننى بۇرۇنقى جايىڭغا كەتكۈزۈۋەت!
__ قالتىس ئىش قىلدىڭ-دە، خۇدايىم بۇيرۇسا ئايرىم كۆڭلۈم بار ساڭا…
__ رەيھاننى يېنىڭغا بېرىشقا تەستە كۆندۈردۈم، ما گېپىمنى ئاڭلا، ئەگەر ئۇنى بۇرۇنقىدەك خارلايدىغان بولساڭ جېدىلىم سەن بىلەن…__ رەيھانغا ئىچ كۆيەرلىك قىلىپ كېلىۋاتقان شاڭجاڭ سەل قوپال گەپ قىلىۋەتتى؛ ياسىننىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، ئەمما چاندۇرمىدى:
__ سەن تۇرساڭ، ئۇنى قانداق بوزەك قىلغىلى بولسۇن، خاتىرجەم بول…
__ ئىشقىىپ، ئۇنىڭغا ياخشى قارا، ھەرگىز بوزەك قىلىش خىيالىدا بولما؛ خوتۇن خەقنىڭ كۆڭلى بىر قېتىم ئازار يېدىمۇ، بولدى، ئېرىگە باشقىچە قارايدىغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىنى بەك ئاۋايلا.
__ خوتۇنۇمنى قانداق قىلىشنى ئۆزەم بىلىمەن، … ئۇنى چوقۇم ئوبدان خوتۇن قىلىمەن.
كەچتە ياسىن  رەيھان بىلەن ئۆمەرنى ئەكەتكىلى كەلدى. غېنى شاڭجاڭغا قۇرۇق رەھمەتتىن يەنە بىرنى ئېيتتى، ئۇنىڭ بىلەن بىر رۇمكا ھەم ئىچىشمىدى، شادلىقنى بىللە تەبرىكلەپ كۈلۈشمىدى…رەيھان چامادىنىنى ئېلىپ، بالىسىنى يېتىلەپ گەپ قىلماي ماڭدى. ياسىن تاكسى توسۇپ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇردى، ئەينەكتىن غېنى شاڭجاڭنىڭ رەيھاننى قىيالماسلىق بىلەن ئۇزاتقانلىقىنى، رەيھاننىڭمۇ كەينىگە قاراپ-قاراپ قويغانلىقىنى كۆردى.  يولدا بارغىچە ئەر-خوتۇن تۈزۈك گەپلەشمىدى،  ئۆمەرمۇ ياسىنغا تۈزۈك گەپ قىلىپ بەرمىدى.
ئۇلار ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە گۈلشەن ئاللىبۇرۇن كەتكەن، ھاشىم بىلەن ساۋۇت ئىشىنى تاشلاپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانىدى. ياسىن ماشىنىدىن چۈشۈپ، رەيھانغا ئىشىك ئېچىپ بەردى، ساۋۇت چاماداننى ئالدى، ئۆمەر ماشىنىدىن چۈشۈپلا بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ھاشىمنى پالاق-پۇلۇق يىقىتىپ، ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە تەپكىلى تۇرىۋىدى، ھەممىسى ھەيران قالدى… ئۆمەر ئۇنى ۋاقىلدىتىپ تېپەتتى، تۈكۈرەتتى.  ياسىن كېلىپ ئاجرىتىۋالدى، ئۆمەر  بوي بەرمەي تېپىچەكلەيتتى.
__ ھەي… ھەي.. بولدى قىل، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ نېمىگە ئۇرىسەن ئۇنى؟!
ئۆمەر گەپ قىلمايتتى، ئىنجىقلايتتى، ھاشىمغا نەپرەت بىلەن قارايتتى.
__ ماڭە گۇي ئاشخانىغا،  تۈرمىنىڭ تاياقلىرى تېتىمىدىمۇ ساڭا؟!
__ قويۇۋەت مېنى… قويۇۋەت
__ ھېلى قۇلاق تۈۋىڭگە يەيسەن گۇي، ھەددىڭدىن ئاشما!
__ قويۇۋەت… دەيمەن، سەن مېنىڭ ئاكام ئەمەس!
__ ھېلى ما شۇمنى، بىكار تۈرمىگە ئاپىرىپ بېرىمەن سېنى!
__ بولسا شۇنداق قىلىڭ! __ دېدى رەيھان ئۆزىنى باسالماي،__ بولسا مېنىمۇ ئاپىرىۋېتىڭ!
__ سەن ئاز گەپ قىل، دەيدىغان گەپنى ھېلى دېگۈزىمەن.
__ گېپىڭ بولسا مەشەدە –دە، مېنىڭ ئۇنداق ئۆيگە كىرگۈم يوق.
__  ۋاھ، نوچىغۇ سەن،  غېنى تازدىنمۇ چوڭ گەپ قىلىدىغان بولۇپ كېتىپسەنغۇ ئەمدى، گەپنى ئاز قىلىپ كىرە ما ئۆيگە، قالغان گەپنى شۇ يەردە دېيىىشىمىز.
ئىككەيلەن ئاشخانىغا كىردى، ئۆمەر ئۇكىسىنى يېتىلەپ  دالان ئۆيگە كىرىپ تېلىۋىزورنى ئاچتى، ساۋۇت چاماداننى ئەكىرىپ قويۇپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى، ھاشىم يىقىلغان يېرىدىن تەستە قوپۇپ، خورلۇق ۋە ئىزا-ئاھانەتتىن تىترەپ كەتتى، ئۇ شۇمنى تازا قويۇپ ئاندىن بۇ يەرنى تاشلاپ كېتىش قارارىغا كەلدى.
ياسىن بىر ئورۇندۇقنى سۈرۈپ، پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ تاماكا تۇتاشتۇردى، بۇنداق مەغرۇرلۇق ۋە سەپرالىقتا ياخشىلىق يوق ئىدى.
__ گەپنى ئاشخانىدىلا تۈگەت، مەن سېنىڭ مۇئامىلەڭگە قارايمەن، ياخشى بولساڭ مەنمۇ ياخشى،  ئەسكىلىك قىلساڭ مەنمۇ بارار جايىمغا بارىمەن،__ دېدى رەيھان گەپ قىلىشقا مەجبۇر قالغىنى ئۈچۈنلا گەپ قىلىۋاتقاندەك ھالسىز، پەرىشان ھالدا.
__ نەگە بارىسەن؟  يەنە شۇ تازنىڭ يېنىغا بارىدىغانسەن تايىنلىق؟!
__ سەن شۇنداق ئويلامسەن؟ ئەگەر مېنى بۇنداق قىيناۋەرسەڭ شۇ يەردە ئىشلەپ جېنىمنى باقىمەن.
__ شاڭجاڭنىڭ ئۆي ئەجەپ يېقىپ قاپتۇغۇ ساڭا، بۇرۇن ئەجەپ تىللايتتىڭ ئۇ ئوغرىنى، تىللاپ تۇرۇپ بېرىۋاپسەن، بۇرۇندىن مۇناسىۋىتىڭ بولمىسا نېمەدەپ ئۇ يەرگە بېرىۋالىسەن؟ ئۆمەرنى چىقىرىپ بەرگەنگە نېمە بەردىڭ؟
__ ئەگەر ماڭا ئىشەنمىسەڭ، بۇنداق ئۆي تۇتقاننىڭ پايدىسى يوق.
__ ساڭا نېمە دەپ ئىشەنگۈدەكمەن؟
__ دېدىمغۇ،  ئىشەنمىسەڭ خوتۇن قىلما.
ياسىن رەيھاننىڭ چىرايىدىن قەتئىي ئىشەنچ ۋە بىزارلىقنى كۆرۈپ توختاپ قالدى، ئەمما پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشنى زادى خالىمايتتى.  خوتۇنىغا ئىشىنىپ تۇرۇپ گۇمانلاندى، ئەمدى بولدى قىلاي دەپ تۇرۇپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى:
__ دەپ باقە،  ئون كون خەقنىڭ يېنىدا يۈرگەن خوتۇنغا مەن قانداق ئىشىنىمەن؟ مەن سېنى ئۇرۇپ تىللاپ ھەيدەپ چىقىرىۋەتتىمۇ؟! تالاق قىلىپ باشقا ئەر تاپ دېدىممۇ؟ ياكى كوچىغا چىقىپ نومۇسۇڭنى سات دېدىممۇ؟ غېنى تازنىڭ ئۆيىدە سوۋۇتۇپ قويۇپتىكەنمۇ؟ قاچىدىغان ئادەم ئۇ يەرگە بارماي ئۇدۇل ئاتاڭنىڭ قېشىغا كەتسەڭ بولمامدۇ؟
__ ماڭا ناھەق گەپ قىلما،  پېشانەڭنى سىلاپ بېقىپ گەپ قىل،  سەن ماڭا بىر سىنت پۇل بەرمىسەڭ، كېتەي دېسەم كەتكىلى قويمىساڭ، مەن قانداق قىلىمەن؟ كوچىغا چىقامدىمەن؟ مېنى شۇنداق قىلىشقا قىستىغان سەنغۇ؟  شۇنداق كېتىۋەرگەن بولسام، سېنىڭ ئالدىڭدا خوتۇن دېسە خوتۇن ئەمەس، سېسىق گۆش تاغىرىنىڭ ئۆزىلا بولاتتىم،  بۇنداق ياشىسام يا ساراڭ بولاتتىم، يا ئۆلۈپلا تۈگىشەتتىم. ھېلىمۇ ئون كۈندە ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىپ كەلدىم، ئەمدى يەنە مېنى ساراڭ قىلىدىغان بولساڭ، بۇ ئۆينى ئۆزەڭ تۇت، مەن ئۆمەرنى ئېلىپ يۇرتقا كېتىمەن!
__ قارا، قارا، تېخى ما گەپلىرىنىڭ نوچىلىقىنى! قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ تېخى مەندىن چوڭ تېگىۋاتىسەنغۇ؟! مۇشۇ  ھاكاۋۇرلۇقۇڭغا بىر كۈنى تويغۇزىمەنغۇ سېنى، ئاناڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن بېرى مەن بىلەن ئېتىشىپلا كېلىۋاتىسەن، قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا چوڭ گەپ قىلىسەن؟ مەن تېخى بىر نېمە دېمەي تۇرۇپ،  نېمىگە غەلۋە قىلىسەن؟
رەيھان ياسىننىڭ غەزەبلىك چىرايىغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ گەپ قىلمىدى، ناھەقچىلىكتىن ۋۇجۇدى تىترەپ كەتتى،  بۇنداق ئېشەك قۇلاققا  گەپ قىلغاندىن تامغا گەپ قىلغان ياخشى دەپ ئويلىدى.  ئۇ شۇنچە ئەسكىلىكلەرنى قىلسا  ئۆزىنى ھەقلىق دەپ ئويلايتتى، خوتۇنى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا ھەرگىز كەچۈرمەيتتى. رەيھان بۇنى بىلەتتى، بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلدى، بۇ ئەردىن ئاجرىشىشنىمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ قويۇپ شۇنداق قىلدى. ئەمما ياسىن قويۇۋەتمەيمەن دېسە ئۇنىڭ ئەسكىلىكلىرىگە داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ ياشاش كېرەكمۇ؟ نەچچە يىلدىن تۈزۈك ئەر بولۇپ كەلگەن بۇ ئىنسان نېمىشقا ئەمدى غەيرى مەخلۇق، غۇرۇرى يوق رودىپايغا ئايلىنىپ قالدى؟!… رەيھاننىڭ بۇنىڭغا كاللىسى يەتمەيتتى، ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت زېدىلەنگەن قەلبىنى تېخىمۇ زېدە قىلماسلىق، بۇ ئەر ئۆزىنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ بەدبەشىرە، رەزىل كۆرۈنۈپ كەتمەستە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىش… ئىدى. بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىش، ھەممىنى يېڭىدىن باشلاشنى شۇنچىلىك ئويلاپ باقسىمۇ بۇنىڭغا ھېچ كۆزى يەتمەيتتى.
__  ئون كۈندىن بېرى زادى نېمە ئىش قىلدىڭ، دېگىنە! مېنى ئويلىمىساڭمۇ، مۇشۇ بالىنى بولسىمۇ ئويلىساڭ بولمامدۇ؟ غېنى تازنىڭ ئالدىدا مېنى شۇنچە شەرمەندە قىلامسەن؟ ئۇ ئوغرىنىڭ ئالدىدا مېنى شوۋىچى قىلدىڭ، ئۆزەڭنىمۇ رەسۋا قىلدىڭ،  مۇشۇنداق قىلىپ ئۆچۈڭنى ئالدىڭ، پاقاڭ قاندىمۇ؟
__  توۋا! توۋا! __ دەۋەتتى رەيھان چىداپ تۇرالماي،__ بۇنداق ماز گەپ قىلغىچە تايىنلىق مېنى ئۇرۇپ قوغلاپ چىقار، يا بولمىسا ئاغزىڭنى يۇم، ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى!
__ يىغلاپ ۋاقىراپ قورقۇتىمەن دېمە، مەسىلەڭنى ئېنىق تاپشۇرغاندىن كېيىن قالغان ئىشنى ئويلىشىمىز،__ ياسىن ئورنىدىن تۇرۇپ تاماكىسىنى دەسسەپ مىجىۋەتتى.
__  مېنىڭ كاللام زادى ئىشلىمەيدىكەن، سەندەك ئەرنىمۇ ئېرىم دەپ يۈرگەندىكىن ئۆزەمگىمۇ ئاز. ئۆتكەندە غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا بارغاندا غىڭ قىلالماي كېتىپ قاپسەنغۇ؟! شۇمۇ سېنىڭ ئەركەكلىكىڭ؟! ئالدىمغا كەلدى دەپ كۆرەڭلەپ كەتكىنىڭمۇ بۇ؟!
__ گەپنى ئاز قىلىپ مەسىلەڭنى تاپشۇر!
__  ئاۋۋال سەن تاپشۇر، ئاندىن تۈزۈك دېيىشىمىز،__ دېدى رەيھان يېشىنى سۈرتۈۋېتىپ،__  خۇدايىم ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، سەن خۇدادىن قورقماي رەسۋالىق قىلغان بىلەن، مەن قىلالمايمەن. نەچچە يىل خوتۇن قىلىپ مېنى شۇنچىلىك بىلمىگەن بولساڭ، ئەقلىڭگە ئېشەك تېپىۋەتكەن ئوخشايدۇ.
ياسىننىڭ زەردىسى ئۆرلىدى، قوللىرى قىززىپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن ئۆز-ئۆزىدىن تېرىكىپ بوغۇلۇپ كەتتى:
__ زۇۋانىڭغا ھېلى، مەن خوتۇن خەقنى ئوبدان بىلىمەن، سەن ئاشۇ ساراڭلىقىڭدا ھەممە ئىشنى قىلىسەن، ماڭا دېمەي قاچالىغان ئادەم باشقا ئىشنىمۇ قىلىسەن، يالغانچىلىق قىلىپ قۇتۇلالمايسەن، بۇ ئىش ھامان ئاشكارىلىنىدۇ…
__ مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئەمەس،  خۇدايىمنىڭ ئالدىدا پاك ياشىسام بولدى. خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلساممۇ ئىشەنمەيسەن،  ئىمانسىز ئادەم ھېچنېمىگە ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا ساڭا ئارتۇق گېپىم يوق، پاك خوتۇنغا تۆھمەت چاپلىساڭ گۇناھى ئۆزەڭگە!
__ يالغانچى قەسەمخور كېلىدۇ دېگەن مانا شۇ…
__ بۇ گەپنى ئۆزەڭگە دە
__ شۇنداق قىلىپ، سەن ئاپئاق خوتۇن بولۇپ ئالدىمغا كەلدىڭ، شۇنداقما؟
__ خۇدانىڭ ئالدىغا پاك بارسام بولدى، سەن نېمىتىڭ؟!
بۇ گەپ ياسىننىڭ غۇژژىدە نېرۋىىسىغا تەگدىيۇ، رەيھاننىڭ شۇ تاپتىكى ئىشەنچى، غۇرۇرى ۋە قورقۇمسىزلىقىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى. دېمىسىمۇ  دەيدىغان گەپنى غېنى تازغا دېيەلمىگەن، خوتۇنىنى ئۇنىڭ يېنىدىن ھەيدەپ  كېلەلمىگەن، مانا ئەمدى خوتۇنى ئۆزى كەلسە بېشەم خوتۇندەك ۋاتىلدىغان ئەر قانچىلىك نېمىتى؟! رەيھاننىڭ “نوچىلىقنى ماڭىلا قىلامسەن؟” دەپ باياتىن دەۋاتقانلىرىمۇ شۇ، ئەمدى رەيھانغا ھەيۋە قىلىۋەرسە راستىنلا مازلىشىدۇ، ئۇرۇپ سالسا ئىش چاتاق، رەيھان يەنە قاچىدۇ، قاچما دەپ پۇتىنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكىلى بولمايدۇ، غېنى تاز بۇنى بىلسە ياسىنغا “خوتۇنۇڭنى بۇنداق خارلىغىچە قويۇۋەت” دەپ قىستايدۇ، رەيھاننى تۆتىنچى خوتۇن ياكى ئونىنچى ئاشنىسى قىلىپ يېنىغا ئەكىرىۋالىدۇ، تېخى، بالىچۇ بالا؟!…
ياسىن پەيلىدىن ياندى، ئۆتكەندە غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا بارغاندا  ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ تامغا نىقتاپ “خوتۇنۇمنى تاپ ئوغرى” دېگەن بولسا، ئاندىن رەيھاننىڭ كاچىتىغا ئىككىنى سېلىپ ئۆيىگە ياندۇرۇپ كېلەلىگەن بولسا، بۇ ئەركەكلىك بولاتتى…  خوتۇنىنى خوتۇن قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن نېمە دېسە ئاقىدۇ؛ بولمىسا ئۆزى ئوسال بولىدىغان گەپ… رەيھاندەك خوتۇنلارغا ساختا نوچىلىق ئەمەس، ھەقىقىي ئەركەكلىك كېرەك…
“بىراق بۇ خوتۇن شۇ ئەركەكلىكنى تۈگەشتۈرۈۋەتتى…  دەپ ئويلىدى ياسىن ، بۇ خوتۇن “كاجلىق” قىلمىغان بولسا ئىشلار جايىدا كېتىۋېرەتتى، ھەر ئىككىسى بۇرۇنقىدەك ئىناق ياشاۋېرەتتى؛ چىدىماس خوتۇن ئېرىگىمۇ قىلدى، ئۆزىگىمۇ قىلدى،  ئېرىنى ئەسلىدىنلا كۆزىگە ئىلمىغاچقا ئۇنىڭ شىرىن چۈشىنى بەربات قىلىۋەتتى؛ ئېرىگە بولغان ئۆچمەنلىكى بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى، ئېرىگە ئالايدى، قاپاق تۈردى، ئاغزىنى بۇزۇپمۇ سالدى، ئاندىن قاچتى، ئېرىنى تېخىمۇ ئوسال قىلدى، ئۇنىڭدا يۈز دېگەن نەرسىنى قويمىدى…مانا ئەمدى“سەن نېمىتىڭ، سەن قانچىلىك ئادەمتىڭ؟” دەۋاتىدۇ…  بۇ خوتۇننىڭ بۇنچە ئاينىپ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئۇنىڭ ئەسلىدىلا خوتۇن بولۇشقا يارىمايدىغانلىقى، ئۆز چىرايىغا  ئىشىنىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىغانلىقى، كۆڭلىنىڭ باشقا ئەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەسمۇ؟! غېنى تازنىڭ شاپائىتىنى كۆرۈپ قالغان بۇ خوتۇن ياسىندەكلەرنى ئەمدى كۆزىگە ئىلامدۇ؟
__ سېنىڭ ئالدىڭدا مەن ھېچنېمە ئەمەس، شۇنداقمۇ؟! شۇنچە سەتچىلىكنى قىلىپمۇ تېخى خىجىل بولۇشنى بىلمەيسىنا؟!
__ سەن بىلەمسەن خىجىل بولۇشنى؟! خوتۇن  دېگەن ئېرىگە بېقىپ خوتۇن بولىدۇ.
__  مېنى يامانغا چىقىرىپ ئۆزەڭ يامان بولماقچىما؟ كاللاڭنىڭ زادى بىر چاتىقى بار سېنىڭ!
__ كاللام ساق بولغاچقا ساق ياشاۋاتىمەن،  ھېلىمۇ سېنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىڭگە چىداپ كېلىۋاتىمەن. ئوڭشىلىپ قالار دەۋاتىمەن، ئەمدى ئا پاسكىنىنى كۆزۈمگە كۆرسەتمە، ئەگەر يەنە ئۇنىڭ يېنىغا سوكۇلدايدىغان بولساڭ مېنى ئىككىنچى خوتۇن قىلىمەن دېمە، ما گەپ ئوچۇق بولسۇن!
__ ما گەپنىڭ چوڭلۇقىنى! ئىككىنىڭ بىرىگە تۇر دېمەكچىمۇسەن؟ قاچانغىچە تۈگىمەيدۇ بۇ جاھىللىقىڭ؟! مەن سېنىڭ ئىشلىرىڭنى بولدى قىلاي دەۋاتسام، سەن تېخى ماڭا شەرت قويۇۋاتامسەن؟!
__  ئەقلىڭ بولسا، مېنى، بالاڭنى باشتا ئويلا!  بىرگە بىر بولدۇق دەپ خام خىيال ئەيلىمە، ماڭا تۆھمەت قىلىپ تۇرۇپ ئەيىۋىمنى ياپىمەن دېمە، سېنىڭ قېشىڭدا يا مەن تۇرىمەن، يا ئاشۇ پاسكىنا تۇرىدۇ.
__ بولدى قىل، ئۆزەڭگە قاراپ بېقىپ گەپ قىل، __ دېدى ياسىن ئىچىگە پاتمايۋاتقان ئاچچىق ۋە ئامالسىزلىققا بەس كېلەلمەي،__ ئۆزەڭنى نېمە چاغلايسەن سەن؟ گۈلشەننى پاسكىنا دېيىشتىن ئاۋۋال ئۆزەم قانچىلىك دەپ ئويلاپ باقتىڭما؟ شۇنچە ئىشنى قىلىپمۇ پېتىڭدىن چۈشمەيسىنا؟!
__ ئۇ پاسكىنا بولماي نېمىكەن؟ يولدىن تېرىۋالغان ئاشناڭنى مەندىن چوڭ كۆرەمسەن؟ سەن مېنى ناھەق قارىلاپ، ھەممىنى پېشانەمگە تاقاپ ئاندىن خوتۇن قىلماقچىما، ئۇخلاپ چۈشۈڭ! سەن ئەردەك ئەر كىشى بولساڭ مەن ساڭا خوتۇن، ۋىجدانىڭ بولسا مېنى خوتۇن قىل، بولمىسا ئىشىڭنى قىل!
__ ئەجەپ چوڭ سۆزلەيدىغان بوپ كېتىپسىنا، ئارقا تېرىكىڭ كۈچلۈك ئوخشىمامدۇ؟ بارىدىغان جايىڭنى تەييارلاپ قويۇپ ئاندىن ئالدىمغا كەلدىڭ دېگىنە، يوتقان-كۆرپەڭنىمۇ يىغماي كەلگەنسەن تايىنلىق!
__ بولدى قىل، ئەمدى سەن بىلەن سوقۇشۇپ سەتلىشىپ يۈرگۈم يوق، مەن سېنى ئوبدان بىلىمەن، گەپكە چىدىمىغاندا مۇشت كۆتۈرۈپ قوپىسەن، ئىككىلىمىزگە پايدىسى يوق، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئەر كىشىدەك راۋرۇس گەپ قىلىپ، ئىپادەڭنى بىلدۈر. مېنى خوتۇن قىلىمەن دېسەڭ، مانا مەن ئالدىڭدا، خىزمىتىڭنى قىلىمەن. ئەگەر گۈلشەنمۇ مېنىڭ خوتۇنۇم دەپ بۇزۇقچىلىق قىلىۋېرىدىغان بولساڭ، سۆزۈمنى بېرىپ يولغا سال.
ياسىن رەيھاننىڭ بۇ قەتئىيلىكىنى كۆرۈپ بوشىشىپ كەتتى، بۇ خوتۇن بۇرۇنقى رەيھان ئەمەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ ياسىن ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ قالار دەپ كۆڭلىنى ئالدىرىماي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
__ گۈلشەن سېنىڭ نەرىڭگە تاقىشىدۇ دەيمەن، مەن ئىككىڭنى خوتۇن قىلىشقا لايىق ئەمەسما؟ مەن سېنىڭ نەزەرىڭدە شۇنچىلىك چۈپرەندىما؟ غېنى شاڭجاڭ مەندىن نوچىما؟  مېنى بۇزۇقچىلىق قىلدى دەيسەن، سېنىڭ ئون كۈن يوقاپ كېتىشىڭ نېمىگە ھېساب؟ سەنمۇ مەن بىلەن غېنى شاڭجاڭنىڭ ئارىسىدا قاتراپ ئاران-ئاران قېلىۋاتىسەنغۇ؟ ئادەمنىڭ كۆڭلى دېگەن شۇ، بىرىدىن زېرىكسە بىرىگە قىزىقىدۇ. مەن تېخى سەندىن زېرىكىپ گۈلشەننى تاپقىنىم يوق، ھەر ئىككىڭلارغا كۆڭلۈم بار، ھەر ئىككىڭلار مېنىڭ ئامراق خوتۇنۇم، لېكىن سەن مېنى يېقىن كەلتۈرمىگەچكە نەچچە كۈن تاشلاپ قويدۇم، لېكىن كۈندە سېنى ئويلىدىم، سېنى سېغىندىم. ئەمما  كۆڭلۈمنى قەتئى چۈشەنمىدىڭ، ساراڭلىق قىلىپ قاچتىڭ. ئەمدى  “بوپتۇ، ئازمايدىغان ئىنسان يوق، ئەمدى ياخشى ئۆتۈپ كېتەرمىز” دەۋاتسام، سەن يەنە مەن بىلەن قېرىشىۋاتىسەنغۇ؟! غېنى تازغا كۆڭلۈڭ چۈشۈپ قالدىمۇ نېمە؟ مەندىن ئاجرىشىپ ئۇنىڭغا تەگمەكچىما؟ ئۇنىڭ نەچچە خوتۇنى بار، بىلەمسەن؟ ئۆزەڭ نەچچىنچىسى بىلەمسەن؟! جاھاندا سېنىڭدەك دۆت خوتۇن بولماس!
__ شۇ، دۆتلۈكىمدىن ساڭا تېگىپتىكەنمەنمۇ  دەيمەن، مېنى ئەمدى بىلگەن بولساڭ سەنمۇ تايىنلىقكەنسەن، كاللاڭ ئىشلىسە ما ئۆينى چىرايلىق تۇتالايسەن، بولمىسا ۋەيران قىلىسەن. مەن شۇنچە سەۋر قىلدىم، تۈزۈلۈپ قالار دېدىم، يىغلىدىم، قاقشىدىم، ئەمدى بولدى قىلمايمەن. مېنى خارلايمەن دەيدىكەنسەن، ئۆلسەممۇ ساڭا خوتۇن بولمايمەن!
__ ۋاھ،  گەپ قىلمىسام يەنە چوڭ سۆزلەيسىنا! مەشەگە كەلمەستىلا خوتۇن بولماسلىقنىڭ قازىنىنى ئېسىپ بولغان دېگىنە، غېنى تاز  “سىزنى ئالاي” دېگەن بولسا، ئۆزەڭنى بىلەلمەي قېلىۋاتامسەن نېمە؟
__ سەن تولا چىدىماسلىق قىلما، غېنى شاڭجاڭ تېخى سېنىڭ يۈزۈڭنى قىلىپ مەرتلىك قىلدى، بولمىسا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ يەنە ساغىرىپ، ھارىقىنى ئىچىپ يۈرەتتىڭ! مەن ئالدىڭغا چىرايلىق كەلدىم، دەيدىغاننى دېدىم، قالغىنىنى ئۆزەڭ بىل!
__ غېنى شاڭجاڭنىڭ ھەممە نېمىسى ساڭا ياراپ كېتىپتۇ-دە، مانا قارا، گېپىڭدىنلا چاندۇرۇپ تۇرىسەن ئەمەسمۇ! خوتۇن خەق دېگەن… زادى نومۇسسىز!
__ نومۇسسىز دېگەن ئۆزەڭ! __ رەيھان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى،__ غېنى شاڭجاڭنى مەرت دەپ قويسام ئىچىڭگە ئوت كەتتىمۇ؟! ئۇ سەندەك نامەرت، پىخسىق ئەمەسكەن، ئۇقتۇڭمۇ؟
__ ما گۇينىڭ خوتۇنى، نېمە دەپ پوق چاينايدۇ…__ ياسىن دەرغەزەپ بولۇپ رەيھاننىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كېلىپ تەستەكتىن ئىككىنى سېلىۋەتتى، ئاندىن بۇقىدەك ھۆكىرىدى:
__ ئەتىدىن يول قويسام ئەجەپ ھەددىڭدىن ئاشىسىنا رەسۋا؟! ماڭا قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلە، مەن كىم؟ ئېرىڭمۇ ئەمەسمۇ؟ __ ياسىن رەيھاننىڭ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قاراتماقچى بولۇۋىدى، رەيھان سىلكىۋەتتى، ياسىن يەنە ئۇنىڭ ئېڭىكىنى كۆتۈردى، رەيھان يەنە سىلكىپ چۈشۈرۈۋەتتى، ياسىن ئۇنىڭ يۈزىگە يەنە بىر شاپىلاق سالدى.
__ مەن ئېرىڭمۇ نېمەڭ؟
رەيھان ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن تىغدەك قادالدى:
__ سەن بىر ھايۋان…
__ مەن نېمەڭ؟
__ ئەقلى يوق ئېشەك…
رەيھان سۆزىنى تۆگىتىپ بولغىچە يۈزىگە يەنە بىر تەستەك تەگدى، ئاڭغىچە ئۆمەر ئۇلارنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ قالدى، ساۋۇتمۇ ياتىقىدىن چىقىپ ئاجرىتىپ قويۇشقا كەلدى.
ياسىن ئۇلارنى كۆرۈپ قولىنى يىغىۋالدى، رەيھانغا ئۆچمەنلىك، ئۈمىدسىزلىك بىلەن تىكىلىپ:
__ سەن ئەسلى مەن بىلەن سوقۇشۇپ ئاجراشقىلى كەلدىڭ، شۇنداقمۇ؟  بوپتۇ، مۇرادىڭغا يەتكۈزەي، ھازىردىن باشلاپ سەن تالاق، نەگە يوقالساڭ يوقال! __ دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ رەيھاننىڭ يۈرىكى مۇجۇلغاندەك بولدى،  ۋۇجۇدى سوغۇق شامالدا قالغاندەك تىترەپ مۇزلاپ كەتتى.  چىرايلىق خوتۇنىنىڭ ھاڭۋېقىپ قالغىنىنى، شەھلا كۆزلىرىنىڭ كۆز ياشتىن تىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ياسىنمۇ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بىر ئاغرىقتىن ئىنجىقلاپ تۇرۇپ قالدى، بارلىق ئاچچىقى، ساراڭلىقىنىڭ  “تالاق” دېگەن گەپتە توختاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇجۇقۇپ كەتتى. “تالاق” دېگەن سۆزدىكى “ق”تاۋۇشى گويا قىلىچ بولۇپ ئۇنىڭ يۈرەك بېغىشىنى ئۈزۈۋەتكەنىدى… رەيھاننىڭ ھاڭۋېقىشلىرى، ياسىننىڭ ھالسىز چەكچىيىشلىرى ئەمدى بۇ تۇرمۇشنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. ساۋۇت ئەمدى بۇ جېدەلنىڭ ئۆزلۈكىدىن بېسىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئېچىنىش ئىلكىدە ئارقىسىغا بۇرۇلدى. ئۆمەر تېخىچە ئاكىسىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ تۇراتتى، “ئاچامنى ئەمدى ئۇرىدىغان بولسا قاراپ تۇرمايمەن” دەپ ئويلايتتى، لېكىن بارلىق جېدەلنىڭ بىرلا سۆز بىلەن ئاياغلاشقانلىقىنى بىلمەيتتى.
رەيھان بايا ئولتۇرغان جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى،ئەجىبا ئۇ راستىنلا ئېرى بىلەن سوقۇشۇپ ئاجرىشىشقا كەلگەن بولغىيمىدى؟! ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇش ئىشەنچى ئاللىبۇرۇن يوقالغان بولغىيمىدى؟! نېمىشقا ياسىن بىلەن سوقۇشۇپ توختىمايدۇ؟  يول قويغان بولسا نېمە بولار ئىدى؟! بىرەر ئېغىز گەپتىن قالغان بولسا نېمە بولار ئىدى؟ “ھايۋان، ئېشەك” دېگەن گەپ قانداق چىقتى؟!… ئەزەلدىن بۇنداق ھاقارەتنى ئاڭلاپ باقمىغان ياسىنغا بۇ سۆزلەر يۈرىكىگە پىچاق سانچىلغاندەك تۇيۇلماسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئېغىزىدىن “تالاق” دېگەن گەپ چىقماي قالامدۇ؟
رەيھان  تاياق يېگەن ئاچچىقىدا ئېغىزىنى بۇزۇپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلدى، شۇ ئاچچىققا، شۇ ھاقارەتكە بۇ نومۇسسىزنىڭ ئۆزى سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ پۇشايمان قىلدى، ئازابلاندى…  ناھەقچىلىككە پايلىمايدىغان مىجەزى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زىبالىقى، مۇلايىملىقى، شىرىن سۇخەنلىكىنى يوقىتىۋەتكەنلىكى راست،  ياسىن بۇزۇلغاندىن بېرى شۇ مىجەزنىڭ “كاجلىق، جاھىللىق” دەپ ئاتىلىپ، ئۆزىنى  سەت كۆرسىتىۋەتكەنلىكىمۇ راست… ئەمىسە قانداق قىلسا بولاتتى؟ ياسىن نېمە ئىش قىلسا ساراڭدەك ھىجىيىپ، نېمە دېسە بويسۇنۇپ ياشاۋەرسە بولامتى؟ ئاللىقاچان بۇلغىنىپ بولغان كارىۋاتتا بۇلغىنىپ كەتكەن ئېرى بىلەن  يېتىۋەرسە بولامتى؟  پاك، سەبىي بالىسىنى بۇزۇقلارنىڭ يېنىدا  بىچارىلەرچە بېقىپ چوڭ قىلسا بولامتى؟  بۇنداق ياشاش نەقەدەر ئازاب، ئۇنىڭدىن كۆرە تالاق قىلىنغىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟!
ئەمما رەيھان يەنىلا ئازابلاندى، چۈنكى ئۇ ياسىنغا ئىشىنەتتى “ يا مېنى خوتۇن قىل، يا گۈلشەننى، ئىككىنىڭ بىرىگە تۇر” دېگەن چېغىدىمۇ ياسىنغا بولغان ئۈمىدىنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتمىغانىدى. ئەمدى نېمە بولدى؟! ئېرىنىڭ كۆڭلىدە ئاشۇ پاسكىنا قانجۇقچىلىك بولالمىدى. ئېرىگە ئەقىدە قىلغان  پاك ئايالغا بۇنىڭدىن ئارتۇق ھاقارەت، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاب بولماس، ئۇ “ئېشەك” ھېچ بولمىسا “بالامنىڭ ئانىسى مۇھىم” دەپ ئويلىيالمىدى… رەيھان كۆڭلىدە يەنە  ياسىننى شۇنداق ھاقارەتلەشكە باشلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىق سۈپەتنى ئويلاپ تاپالمىدى.
رەيھان قانچە ئازابلانغانچە ياسىندىن ئەسلىدە شۇنچە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. “مېنى بۇنداق خارلىغىچە قويۇۋەتسەڭ بولمامدۇ؟” دېگەن بىلەن، ئۇنىڭ چوقۇم شۇنداق قىلىشىنى ھەرگىز ئۈمىد قىلمايتتى، ئۆزگىرىپ قالار، ئادەم بولۇپ قالار، قەدىر-قىممىتىمنى بىلىپ قالار دەپ ئويلايتتى. ئەمما ئاقىۋەتتە بۇ قۇرۇق ئارزۇلا بولۇپ قالدى، ياسىن پەقەت “ماڭا بويسۇنساڭ خوتۇنۇمسەن، بولمىسا دۈشمىنىمسەن” دەپ تۇرىۋېلىپ، بىر ئوبدان خوتۇنىنىڭ مىجەزىنى بۇزۇپ ئاخىر ئۇنى سەپرا، ئېغىزى يامان خوتۇنغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. گۈزەل خوتۇنىنى سەتلەشتۈرۈۋېتىپ مانا ئەمدى ئۇنى تالاق قىلدى… بۇنىڭ ئۇۋالى كىمگە!
__ ئېغىزىڭدىن چىققان گەپ راستمۇ؟!__ دېدى رەيھان ياسىننى پۇشايمان قىلدۇرماقچى بولۇۋاتقاندەك ھەسرەت بىلەن،  ئەمدى بولغۇلۇق بولغاندا ياش تۆكۈپ زارلىنىشنى خالىمىدى؛ چۈنكى گۇناھنىڭ چوڭى كۆز ئالدىدا چەكچىيىپ تۇرغان بۇ قارا گەدەندە ئىدى.
__ سەن شۇنداق بولۇشىنى تىلەيتتىڭغۇ؟ مۇرادىڭغا يەتكەنسەن ئەمدى؟! بېرىپ غېنى تازغا خۇشخەۋەر يەتكۈز، سۆيۈنچە بېرىپ قولۇڭغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقاپ قويار…
رەيھان ئاچچىق كۈلدى، ئىچ-ئىچىدىن قاپساپ كېلىۋاتقان دەرت-ئەلىمىنى باسالمىدى:
__ ئىست، مەن تېخى سېنى مۇشۇ ۋاققىچە ئېرىم دەپ يۈرۈپتىمەن.
__ مەن سېنى يېنىمدىن قاچقان چاغدىلا خوتۇنۇم ئەمەس دەپ بولغان.
__ ئەمىسە بوپتۇ، شۇ پاسكىنىنى خوتۇن قىلىپ ئۆتۈۋەرگىن، مەنمۇ سەندىن قۇتۇلغىنىمغا خوش… __ رەيھان پەسكە قارىۋالدى، يىغلىماي دېسىمۇ كۆز ياشلىرى ئىختىيارىغا بويسۇنمىدى.
رەيھان ھۇجرىغا كىرىپمۇ قويمىدى، ئۆمەرگە چاماداننى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى، ئۆمەر كىرىپ كېتىپ چاماداننى ۋە بالىنى ئېلىپ چىقتى. ئۇۋىسىغا بۆرە تەگكەن قويلاردەك پېتىراپ كېتىۋاتقان بۇ  بىچارىلەرگە قاراپ ياسىن نېمە قىلارىنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالدى، بايىقى ئىشلارنى بىر يامان چۈشتەك ئەسلىدى، ئىشەنمەي دېسە ئامالى يوق، ھەممىنى كەينىگە قايتۇرالايدىغان كۈچ نەدە؟ بۇ خوتۇنمۇ ئاران تۇرغاندەك كەتكىلى قوپتى، دېمەك، ئەسلىدىنلا ئاجرىشىش نىيىتى بار، “ئىككى خوتۇنلۇق” ئېرىنى ۋەيران قىلىۋەتكۈسى بار…
شۇ تاپتا ئۇ  ھالسىز، پەرۋاسىز ئولتۇرغان بىلەن ئىچى غەزەپ تىتىلدايتتى، ھەممىنى ئۇرۇپ كۈكۈم-تالقان قىلىۋەتكۈسى كېلەتتى. بىراق، ئەركەكلەرگە ئۇششۇقلۇق يارىشامدۇ؟!  سۆز دېگەن ئاتقان ئوق، ئېغىزدىن چىققان گەپنى قايتۇرۇۋالغىلى بولامدۇ؟!  خوتۇن تالاق گۇيلار “تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ” دېيىشىدۇ، ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن شۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىلكىدىن چىقىپ كەتكەن خوتۇنىنى نېمە قىلالايتتى؟ غېنى تازنى نېمە قىلالايتتى؟
رەيھان ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا ئۇ زادىلا چىداپ تۇرالمىدى:
__ بالىنى سۆرەپ يەنە نەگە ماڭىسەن؟!
__ بارىدىغان يېرىمگە بارىمەن.
__ غېنى تازنى بەك سېغىنىپ كەتكەن ئوخشىمامسەن؟!
__ ئۆزەڭ تالاق قىلىۋېتىپ ئەمدى چىدىماسلىق قىلىۋاتامسەن؟
__ چىدىمىغۇدەك سەن قانچىلىك نېمىتىڭ؟ مەن ماۋۇ بالامنى نەگە ئاپىرىسەن دەۋاتىمەن ساڭا!
__ ئانىسى نەدە بولسا بالىسى شۇ يەردە بولىدۇ، بۇ بالىنى سېنىڭ قانجۇقۇڭ بېقىپ بولالمايدۇ…__ رەيھان ئېغىزىنى بۇزماي دېسىمۇ ئاچچىقىدا سېسىق گەپلەر چىقىپ كېتىۋاتاتتى.
__ زۇۋانىڭنى ئەمدى باس، مەنمۇ بالامنى غېنىدەك شوۋا گەدەن تازغا تاشلاپ بەرمەيمەن!
__ بالىنى قويۇۋەت.
__ نېمە دەيسەن، بالا مېنىڭكى،__ ياسىن ئوغلىنى قۇچىقىغا ئېلىۋالدى، بالىسى تېپىچەكلەپ ئانىسىغا تارتىشىپ يىغلاشقا باشلىدى.
رەيھان بالىسىغا قاراپ چارىسىز تۇرۇپ قالدى، ئېرى بىلەن بالا تالىشىپ ئۇرۇشۇش نېمىدېگەن نومۇس! بالا بىر ياقتا، ئانا بىر ياقتا يىغلايتتى، ئۆمەر ئاكىسىنىڭ نومۇسسىز چىرايىغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى. ياسىن ئۆزىنى يەنىلا مازلىق قىلىۋاتقاندەك، خوتۇن-بالىسىنى خارلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ پەيلىدىن ياندى:
__ سەن مۇشۇ بالىنى سۆرەپ يەنە غېنى تازنىڭ قېشىغا بارماقچىما؟
__ ئەمىسە سەن بىزنى مەشەگە ئىتتەك باغلاپ قويۇپ خارلىماقچىما؟ ئۇخلاپ چۈشۈڭ! مەن ئەشەدە ئىشلەپ پۇل تېپىپ، يۇرتقا كېتىمەن!
__ شۇ تازغا تېگىمەن دېگىنە تايىنلىق، كۆڭلۈڭنىڭ پەسلىكىنى كىم بىلمەيدۇ…
__ مېنى ئۆزەڭدەك چاغلاۋاتامسەن؟ تولا گەپ قىلماي بالىنى بەر.
__ غېنى تازنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قوي، ئەتە مەن ئۆمەر ئىككىڭنى ئۆزەم يولغا سېلىۋېتىمەن!
رەيھان ياسىننىڭ ئالا-تاغىل بولۇپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ئەجەبلەندى:
__ گېپىڭ راستمۇ؟
__ راست.
رەيھان يەڭگىللەپ قالدى، ئەمما پەقەت خوش بولالمىدى. ياسىن بالدۇرراق مۇشۇنداق ئەقلىگە كەلگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى؟ “تالاق” دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چىقارمىغان بولسا، بەلكى ئۇنى گۈلشەن دېگەن ھارام خوتۇنىغا دېگەن بولسا  قانداق ياخشى بولاتتى؟…
بىراق بۇ خىياللار رەيھاننىڭ كۆڭلىدە ئاپتاپتەك يورۇپلا  ئۆتۈپ كەتتى. ياسىن  ئۇنى غېنى شاڭجاڭغا تارتقۇزۇپ قويماسلىق،  ئۆزىنىڭ بۇزۇقچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلماقچى ئىدى…مەيلى، نېمىلا قىلسا شۇنچىلىك قىلالىدى، رەيھاننى بۇرۇنقىدەك يا قويۇپ بەرمەي، يا تۈزۈك خوتۇن قىلماي ئېسىپ قويۇپ توخۇ پوقىلىق قىلمىدى، ئۆمەر قاماقتىن چىققاندىن كېيىن رەيھاننىڭمۇ تارتىشقۇدەك ئىشى قالمىدى، قالدى دېسە، پەقەت غېنى شاڭجاڭغا ئادىمىگەرچىلىك قەرزى قالدى… رەيھان ئەمدى بۇ ئازاب، سىقىلىشلاردىن پاتراق قۇتۇلسا بولاتتى، كۆڭلى شۇنى ئىستەپ قالدى.
رەيھان ئاشخانىغا قايتىپ كىردى، ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ كەتتى، ئۆزى تۇتقان چىرايلىق ئۆي ئىدى، نەدە قالدى پاكىزلىق؟ ئەمدى بۇ ئۆينى يەنە مەينەتچىلىك بېسىپ كېتىدۇ. ئىست شۇ يوتقان-كۆرپىلەر، گىلەملەر، دېرىزە پەردىلىرى…
ياسىن ئاشخانىدا ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ، ئاشخانىنى تېشىدىن قۇلۇپلاپ گۈلشەننىڭ يېنىغا كەتتى،  “تالاق” دېگەن سۆزىنى ھەر بىر ئويلىسا بىئارام بولاتتى، “ تۈگۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ”دېگەن گەپ كاللىسىغا كېلىۋالاتتى، يەنە كېلىپ گۈلشەن بىلەن بىللە رەيھاننى خوتۇن قىلىشقا زادى كۆزى يەتمەيتتى، گۈلشەندىن ئەسلا كېچەلمەيتتى.
ياسىن گۈلشەن تۇرغان بىناغا ئاز قالغاندا  غېنى شاڭجاڭدىن تېلېفون كەلدى:
__ قانداقراق، ئەپلىشىپ قالدىڭلارمۇ؟
__ ئەپلىشىپ قالدۇق، ھازىر خېلى تۈزۈلۈپ قاپتۇ.
__ ئىشقىلىپ خوتۇنۇڭنى رەنجىتمە، خوتۇن كىشى ئاجىز…
__ بۇنى بىلىمەن، خاتىرجەم بول.
__ ئۇكاڭنى ئەچىقىپ بەرسەم بىرئېغىز رەھمىتىڭمۇ يوققا؟
__ رەھمەتنى ئايرىم قىلىۋالىمەن، كۆڭلۈمدە بار، ئۇنتۇپ قالمايمەن.
__ ئەمىسە كەپ تۇر، يوقاپ كەتمە…
__ ماقۇل، بېرىپ تۇرىمەن.
ياسىن تېلېفوننى ئېتىپ غېنى شاڭجاڭنى تىللاپ غۇدۇرلاپ تۇرۇشىغا يېنىدىن بىر ماشىنا ئۆتۈپ كەتتى، ياسىن بۇ ماشىنىنىڭ نوچىلىقىغا قاراپ شوپۇرىغا ئىختىيارسىز دىققەت قىلدى، بۇ ھېلىقى چاغدا گۈلشەن تۇرۇۋاتقان ئۆينى ئىجارىگە بەرگەن ياش خەنزۇ ئىدى.  بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسى توشۇپ قېلىۋاتاتتى، ياسىن ئەتە خوتۇن-بالىسىنى يولغا سېلىۋېتىپ، گۈلشەننى يېنىغا ئەكىلىۋېلىشنى، بۇ ئۆينى قايتۇرۇۋېتىشنى ئويلىدى.
گۈلشەن ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى، ياسىن لەيلەپ بارغىنىچە كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.
__ دۈم يېتىڭە، دۈمبىڭىزنى تۇتۇپ قوياي.
__ كىيىمىڭنى سېلىپ يوتقانغا كىر، بۇ كېچە قانغۇدەك ياشايمىز…
__ نېمە بولدى، يەنە ئىچىپسىزغۇ، خوتۇنىڭىز بىلەن بىر نېمە دېيىشىپ قالمىغانسىز؟
__ ئۇ خوتۇننىڭ گېپىنى قوي، تالاق قىلىپ خېتىنى بېرىۋەتتىم، ئەتە يولغا سالىمەن.
__ ۋۇي، ئەجەپ چاققانغۇ؟!
__ ھەممىسى سەن ئۈچۈن، خوش بولغانسەن…
__ ماڭا بەرىبىر، بۇنىمۇ مەندىن كۆرۈپ ماڭا دوق قىلمىسىڭىزلا بولدى…
__ ئۆزەم قىلغان ئىشقا ئۆزەم ئىگە… بولە چاققان، كىيىمىڭنى سال.
__ ما گېپىڭىز جايىدا، ئەر كىشى دېگەن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك!
بۇ كېچە رەيھان ئىزتىراپ ئىچىدە ياتتى، بەش يىلدىن ئارتۇق بىللە ياشىغان ئەردىن ئەتە ئايرىلىدۇ، خۇشاللىق ئۇنتۇلۇپ، ئازاب، ھەسرەت ئۇنتۇلمايدىغان بولدى. ئېرىگە باش ئەگكەن بولسا تالاق قىلىنماسمىدى؟! خۇدانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلىمايدىغان بۇ ھاراقكەشنىڭ تالاق قىلىشى ئىناۋەتكە ئۆتەمدۇ؟ ئۇ بۇنى مەست ئەمەس، ساق چېغىدا دېدى، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلسە ئېغىزىدىن چىققان گەپ ھېساب.  دەپ بولۇپ ئۆزىمۇ چۆچۈپ كەتتى، بىر قارىسا چىرايىدا پۇشايمان قىلغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمما رەيھان كەتكەندىن كېيىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدۇ. بىر قېتىم تالاق قىلغاندىكىن ئىككىنچى يالۋۇرۇپ كەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاجراشقان بولىدۇ، بالا يېتىم بولىدۇ…
رەيھان  بالىسىغا قاراپ ئىچى ئاغرىپ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى، گاھىدا كۆزىگە ياش ئالدى، گاھىدا خەپ دەپ لېۋىنى چىشلىدى. ئەمما خەپ دەپ تاپتىن چىققىلى، كۆڭۈل تارتمىغان ئىشنى قىلىشقا بولمايتتى.
غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا تېلېفون قىلغاندا ماشىنا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالغاچقا، ئۇنى سىرتتا دەپ ئويلاپ رەيھانغا تېلېفون قىلىۋەردى.
__ ھازىرچە ياخشى، ئۆمەرمۇ ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، __ دېدى رەيھان قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن،__ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم…
__ ئۇنداق دېمەڭ، ھەر قانداق ئىشىڭىز بولسا ماڭا دەڭ.
__ بولىدۇ، ئىش بولسا سىزنى ئىزدەيمەن.
رەيھان تېلېفوننى ئېتىۋېتىپ ئويغا چۆمدى، شاڭجاڭغا بولغان ئەھۋالنى ئېيتمىدى، ئەتە خوشمۇ دېمەي كېتىدۇ. ياسىن ھەر قانچە ئەسكىلىك قىلسىمۇ بەش يىللىق ئېرى، “غېنى تازنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قوي…” دەپ يېلىنىپ كەتتى، ئەر كىشىگە يۈز-ئابرۇي خوتۇندىن مۇھىم، مۇشۇ ۋاققىچە ئۇنىڭ ئەركەكلىكىنى ۋەيران قىلىپ، يۈزىنى تامامەن تۆكىدىغان ئىشنى قىلمىدى، ئېرى خىيانەت قىلسىمۇ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمىدى، شۇنداق قىلىشنى ئويلاشتىنمۇ قورقتى.  خوتۇن كىشىنىڭ ئەر خەققە ئوخشىمايدىغان ئېسىللىكى مانا مەشەدە،  خۇداغا شۈكرى، ھېلىھەم بولسىمۇ ئېرىنىڭ يۈزىنى ئاياپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ياسىن ئەقلى بولسا بىلەر، بىلمىسە ھوشىنى تاپقاندا بىلەر…
ئەتىسى ياسىن ئەتىگەندە ئاشخانىغا كېلىپ، ھەممە نەرسىسىنى تەقلەپ تەييار بولغان رەيھاننى ئۆمەر ۋە ئوغلى بىلەن بىللە ماشىنىغا سېلىپ، پويىز ئىستانسىسى تەرەپكە قاراپ كەتتى. رەيھان ھەممە ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ سەپەرگە ئاتلىنىۋاتقاندەك خاتىرجەم كۆرۈنەتتى، ياسىن ئۇنىڭغا ئوغرىلىقچە پات-پات قاراپ قوياتتى، غېنى شاڭجاڭ كەينىدىن كېلىپ قالىدىغاندەك، ياكى رەيھان ئۈرۈمچىگە چۈشۈپلا غېنى تازنىڭ گېپى بىلەن كەينىگە يېنىپ كېلىدىغاندەك ئەنسىز خىياللاردا بولۇپ قالاتتى. ئۇ پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ ھايانكەشلەرنىڭ قولىدىن شۇ كۈنلۈك بېلەتنى يۇقىرىراق باھادا سېتىۋالدى، ئۆمەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە بالىنىڭ بېقىلىش ھەققى ھېسابىدا رەيھانغا ئىككى مىڭ يۈەننى تۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق ئۈزلىشىپ كەتكەن بولدى. رەيھان ئىككى بالىنى ئېلىپ پويىزغا چىقىپ بولغاندا تاكى پويىز مېڭىپ كەتكىچە قاراپ تۇردى، رەيھان ئۆيگە قايتىش خۇشاللىقىدا تۇرغان ئۆمەرگە ۋە دادىسىغا قاراپمۇ قويماي ئۆمەر بىلەن ئويناۋاتقان بالىسىغا قارايتتى، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ياسىننىڭ كۆلەڭگىسى ئەلەڭگىيتتى، پويىز ماڭغاندا ئاندىن ياسىنغا لەپپىدە قاراپ قويدى، كۆزىگە غىللىدە ياش كەلدى.
ياسىن ئاشخانىدا خېرىدار كۈتمەكنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلدى، ئەمما بۇ كۈنى ئادەم ئانچە كۆپ كىرمىگەچكە ئۇنىڭغا بىر دەم ئارام ئېلىپ تاماكا چېكىۋالغۇدەك  پۇرسەت چىقتى. ھەممىدىن يامىنى خاپىلىق، سەپرالىق ئىدى، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولسا پۇت-قولنى قانچە ئىشقا سالسىمۇ ھارمايدۇ، كەيپىيات ناچار بولسا بىر قەدەم ئارتۇق مېڭىشمۇ مۇشەققەت.   شۇ تاپتا ئۇ كىچىككىنە ئىش قىلسا يۈرىكى سالىدىغان بوۋايدەك پات-پات ئولتۇرۇۋالاتتى؛ قاپىقىدىن مۇز ياغاتتى، ئاغزى-بۇرنىدىن چىقىۋاتقان تاماكا ئىسلىرى قەھرىتان سوغۇقتىكى تۇمانلاردەك سوغۇق، كۆڭۈلسىز ئىدى. گۈلشەن ۋاقتىدا كەلمىگەنچە ئۇنىڭ سەپرايى ئۆرلەشكە باشلىدى، تېلېفوننى يەنە قولىغا ئالدى:
__ سەن زادى سۆرۈلۈپ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن، سەنمۇ ئۆزەڭنى بىر كۆرسىتەي دەۋاتامسەن نېمە؟
__ ئىشىم تۈگىمىدى، سەل تۇرۇپ بارىمەن، يا بولمىسا غېنىكامغا ئۆزىڭىز تېلېفون قىلىڭ.
__ چاققانراق كەل، ئەمدى ئۇ يەردە ئىشلىمىسەڭمۇ بولىدۇ.
__  ماقۇل، ھازىر بارىمەن.
گۈلشەن تېلېفوندا ياسىنغا ھەممىنى دەي دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، دېگۈسى كەلمىدى. نېمىشقا دېگۈدەك، گۈلشەن ئۇنىڭ پايلاقچىسىمىدى؟ نېمە دېسە ھە دەپ كۈچۈكلىنىدىغان يالاقچىسىمىدى؟ دېگەنگە نېمە قىلىپ بېرەتتى؟ ئالتۇن ئۈزۈك ئېلىپ بېرەمتى؟…رەيھان بۇ يەردە قانچە ئۇزاق تۇرسا ياسىن ئۇنىڭدىن شۇنچە گۇمانلىنىدۇ، شۇنچە  يىراقلىشىدۇ، شۇنچە كۆڭلى سوۋۇيدۇ.  گۈلشەنمۇ ئەمدى شۇ خوتۇننىڭ كارىۋىتىدا خوتۇن بولۇپ كۆرۈپ باقسۇن، ياسىننىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقى ياكى شۇ خوتۇنىغا قانچىلىك تارتىشىدىغانلىقىنى بىلىپ باقسۇن… ئەگەر ياسىن ئاخىر بىلىپ قېلىپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ"خوتۇنۇمنىڭ نەدىلىكىنى مەندىن نېمىشقا يوشۇرىسەن” دېسە، غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا “گۈلشەن ساڭا دېمىدىمۇ؟” دېيەلمەيدۇ، دېسە ئۆزىنىڭ ھىيلىگەرلىكى ئاشكارىلىنىپ تېخىمۇ ئوسال بولىدۇ.  ئەگەر ياسىن كېيىنچە گۈلشەننىڭ بۇ ئىشنى يوشۇرغانلىقىنى بىلىپ قالسا،  گۈلشەن“ مەن سىزنى شۇ خوتۇنىڭىزدىن قىزغىنىپ، شۇڭا دېمىگەنتىم” دېسە نېمە دېيەلەيتتى؟ …
گۈلشەن رېستۇراندىن چىقىپ ياسىننىڭ يېنىغا ماڭدى، كېتىۋېتىپ ئىشتىھالىق خىياللىرىنى داۋاملاشتۇردى:  شاڭجاڭنىڭ رەيھاننى تېتىپ باققۇسى كەلگەنلىكى راست، بولمىسا ياسىننى مات  قىلىش خىيالىدا بولامتى؟ ئىككىسى تېخى يېقىن ئاغىنە ئەمەسمىدى؟  غېنى شاڭجاڭ خىيالىدا قىزلارنى  ئىشقا سالماقچى،  گۇۋاھچىلىققا تارتماقچى، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە بۇ گۇۋاھچىلىق ئاقامدۇ؟ ئەر كىشى خوتۇن خەقنىڭ گېپىگە شۇنچە ئاسان ئىشىنەمدۇ؟  ياسىن ئۇنداق كالۋا ئەمەس،  غېنى شاڭجاڭدەك ئادەمنىڭ ھۇزۇرىدا تۈنەپ يۈرگەن خوتۇنىنى كۆڭلى كۆتۈرۈپ يەنە خوتۇن قىلمايدۇ،  گۇمان دېگەن قاپقارا نەرسە، يۇيسىمۇ ئاقارمايدۇ، …بۇمۇ ياخشى بولدى، ئىككى قاغا پوق تالاشسا ئوۋچىغا پايدا، ئىككىسى ئادا-جۇدا بولۇشسا “ئىككى خوتۇن”دىن بىرسى قالىدۇ، بىراق گۈلشەن ھەممىگە ئىگە بولالامدۇ؟ …
بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ ئۇقمايتتى، ھەممىنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرمىسە بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھازىر خۇشال ھەم ئەنسىز ئىدى. ئۇ ئەلۋەتتە خۇشال بولۇشى، ئۆزىدىن پەخىرلىنىشى كېرەك، نېمىشقا پەخىرلەنمىسۇن؟  ئۆزىگە چۇشلۇق چىرايى، پىگورى، ناز-خۇلقى بىلەن خوتۇن بالىسى بار ئەرنى ئۆزىگە قارىتالىدى، مەيدىسىگە مۇشتلاپ يەرگەن نوچىنى قوينىدا ئېرىتىپ تاشلىيالىدى،  ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، چىرايلىق، مەغرۇر چوكاننى ئازابقا ئىتتىرىپ، ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرالىدى…
بىراق گۈلشەن بۇنىڭدىن تازا خوش بولالمىدى. چۈنكى ئۇ بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى، مۇشۇنداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمەن دەپ قەستەن ئەسكىلىكمۇ قىلمىغانىدى، قىلغىنى پەقەت كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىش، ئۆز ھەۋىسىگە بويسۇنۇش، ياسىننى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رازى قىلىش، كۆڭلىنى ئېلىش بولدى. ياسىن ھەر ئىككى خوتۇنىنى رازى قىلىپ يۈرىۋەرگەن بولسا، گۈلشەن مەيلى دەيتتى، رەيھاندىن ئۇنى كۈنلەپمۇ كەتمەيتتى. چۈنكى ئۆزىگە ئىشىنەتتى، ئەرلەر ئۈچۈن كونىسىغا قارىغاندا يېڭىسىنىڭ ھامان “تاتلىق” بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
ئۇلارنىڭ ئۆيى قانداق بۇزۇلدى؟ ئىشنى بۇزغان ياسىنمۇ يا رەيھانمۇ؟  گۈلشەن بۇلارنى زىغىرلاپ ئويلاپ كەتمىدى. ئىشقىلىپ، بۇزۇلدى، بۇزۇلۇشقا قاراپ ماڭدى. مانا شۇنىڭ ئۆزى پاكىت. غېنى شاڭجاڭ خوتۇنغا ئامراق ئادەم، لېكىن رەيھان ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا ئۇنامدۇ؟ ئۇ ھەرگىز رېستۇراندىكى قىزلارغا ئوخشىمايدۇ، پۇل ئۈچۈن ئالدىراپ ئۇنداق قىلمايدۇ.  ئەمما ئۇنىڭمۇ نەپسى بوش ئەمەس، كۇلىغا چىققان خوتۇنلارنىڭ قايسى بىرى قانائەتچان؟  شۈكۈر قىلىپ ئولتۇرغان بولسا كۇلىغا چىقامتى؟  ئېھتىمال ئۇمۇ شاڭجاڭنىڭ ئۆيىنى بۇزىمەن دەيدۇ. شۇ شاڭجاڭغا تېگىش مەقسىتى بولمىسا بۇ يەرگە كېلەمتى؟ بولمىسا شۇنچە دەرت تارتىپ ئاخىرىدا چىدىماي قالامتى؟ ھەر قانداق چوكان قەدىرلىنىمەن دەيدۇ، بۇ خوتۇنمۇ چىرايىنىڭ ئەتىۋارىنى قىلىدىغان بىر لاۋبەنگە تېگىشكە ئالدىرايدۇ. بىراق مۇيەسسەرخانمۇ بوش خوتۇن ئەمەس، ئۈرۈمچىدىن كەلسە رەيھاندىن ھېساب ئالماي قويمايدۇ…غېنى شاڭجاڭ يامان ئادەم بولغان بىلەن خوتۇنى چىشى يولۋاستەك ۋەھشىيلەشسە ئامال قىلالمايدۇ…
گۈلشەن ئۆزىنىڭ قۇشقاچتەك كاللىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن ھەررەڭ-سەررەڭ خىياللاردىن زوقلىنىپ كۈلۈپ قويدى، ياسىننىڭ ئاشخانىسىغا بىر دەمدىلا كېلىپ قالغاندەك بولدى، پادىشاھى قاچقان شەھەرگە مەغرۇرلۇق بىلەن كىرىپ كەلگەن قومانداندەك ئاشخانىغا كىرىپ، سەپرالىشىپ ئولتۇرغان ياسىننى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بەك بۇرۇن خوش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
__ ئەتىدىن تېلېفون قىلسام ئەمدى كەلدىڭمۇ؟
__ مانا كەلدىمغۇ؟!  قېنى خېرىدار، چىۋىن قورۇپ ئولتۇرۇپسىزغۇ؟
__ قالغان چىۋىننى سەن قورۇ، تولا مېڭىپ جۇلۇقۇم چىقىپ كەتتى.
__ نېمە ئىش قىلغانغا ھېرىپ كەتتىڭىز، خوتۇن-بالىنىڭ دەردى دەڭا، مەن بۇنى چۈشىنىمەن.
__ ئىزدەپ باقمىدىڭما؟ يوق بولسا يوق دەپ تېلېفونمۇ قىلمىدىڭ، دېگىنە نېمە ئىش قىلدىڭ؟
__ ئەمدى مەندىن گۇمانلىنامسىز؟! توۋا،  بار بولسا بار دەپ تېلېفون قىلمامدىمەن، يوق بولسا نېمىشقا تېلېفون قىلىمەن،  نېمىشقا ئۇ يەردە دەپ ئويلايسىز؟
__ ئۇققىلى بولمايدۇ، خوتۇن خەقنىڭ بېشى قايسا نەمۇ نەگە كېتىۋېرىدۇ.
__ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ بولمىسا.
__ يوق گەپنى قىلما.
__ غېنى شاڭجاڭدىن سوراپ باقسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟
__ سورىدىم، يوق دېگەن.
گۈلشەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ گومۇشتەك تۇرۇپ قالدى؛  شاڭجاڭنىڭ ئىچ سىرىنى ئۇققىلى بولمىغاندىكىن، ھېچ نېمە دېمەيلا تۇرۇۋالسا بولىدىكەنغۇ؟
__ ئەمىسە ئامال يوقكەن، بىر نەچچە كۈن ساقلاپ بېقىڭ.
__ نەگە كەتكەندۇ دەيمەن بۇ  دۆت خوتۇن، ئادەمنى مۇشۇنداقمۇ ساراڭ قىلامدۇ؟! __ دېدى ياسىن ئېچىنىشلىق زارلاپ، ئۇنىڭ چىرايىدا قېتىپ قالغان قايغۇ-ئەلەم گۈلشەن كەلگەندىن كېيىنمۇ شۇ پېتى تۇراتتى، بۇنىڭدىن گۈلشەننىڭ ئىچى سىقىلىشقا باشلىدى.
__ بۇنچە تۈگىشىپ كەتمەڭ، ئوغرى-قاراقچى ئېلىپ قاچمىغاندۇ، جېنى تىرىك بولسا بىر كۈنى پەيدا بولىدۇ…
__ ئۇنى ئوغرى-قاراقچى ئېلىپ قاچسۇن دەمسەن، مۇشۇنداق بولۇشىنى تىلەپ تۇرىسەن-ھە!
گۈلشەن ئۇنىڭ سوغۇق ئەلپازىدىن شۈركىنىپ كەتتى:
__ مېنى شۇنداق ئەسكى دەپ ئويلامسىز، مەنمۇ ئۇلارغا بىر ئىش بولمىسىكەن دەيمەن. ھەممىگە مەن سەۋەبچى بولغاندەك، مېنىلا سەتلەيدىكەنسىز، بۇنداق قىلسىڭىز قېشىڭىزدا تۇرمىسام بولغۇدەك…
ياسىن ئۇنىڭ ئاچچىقلاپ قالغىنىنى كۆرۈپ گەپ قىلمىدى؛ ئەمما ئىچ-ئىچىدىن زەردىسى ئۆرلەپ، پىغانى قاينايتتى، تاماكىسىنى ھە دېگەندە ئاچچىق-ئاچچىق شورايتتى.
__ بولدى، بولدى،  بۇ توغرىلىق ساڭا گەپ قىلماي،__ دېدى ئۇ قاپىقىنى ساڭگىلىتىپ،__ ئىشىڭنى قىلىۋەرگىن.
گۈلشەن مەينەت قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، جوزىلارنى سۈرتۈشكە باشلىدى؛ ئەمما بۇ ئىشلارنى خوش ياقماسلىق بىلەن قىلىۋاتاتتى، كۆڭلى جايىدا بولمىغاچقا  ھاشىم بىلەن ساۋۇتقىمۇ تۈزۈك سالام-سائەت قىلمىدى.
ئىككى ئاشپەز ياتاقتا پاراڭغا  چۈشۈپ كەتتى.
__ يامان نېمىكەن جۇمۇ،__ دېدى ھاشىم كارىۋاتتا يېتىپ مەيدىسىنى قاشلاپ،__ تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ دېگەن مانا شۇ!
__ ياسىن لاۋبەن چاتاق ئىش قىلىۋاتىدۇ،__ دېدى ساۋۇت ئويغا پېتىپ،__ ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان ئادەمنى شەيتان قاتتىق ئازدۇرىدۇ.
__ گۈلشەننى كىچىك خوتۇنلۇققا ئېلىۋالغىنى راستمىدۇ؟ سەن دەپ باقە، مۇشۇنداق قىلسا بولامدۇ؟
__ قانداق خوتۇنلۇققا ئالدى، ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.  نەپسىمنى قاندۇرىمەن دەپلا ئالغان بولسا نىكاھ بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ پاھىشىۋازلىقىنى ياپقان بولىدۇ؛ رەسمى خوتۇن قىلىمەن، بالىلىق بولىمەن دەپ ئالغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ.
__ مېنىڭچە ياسىن لاۋبەن نەپسىمنى قاندۇرىمەن دەپلا ئالغان،__ دېدى ھاشىم كەسكىنلىك بىلەن،__ بولمىسا بىر چىرايلىق خوتۇنىنى تاشلاپ قويامدۇ؟ مېنىڭ بۇنداق چىرايلىق چوكىنىم بولىدىغان بولسا جاھان دېگەن مۇشۇ دەپ قوينىدىن چىقماي ياتاتتىم.
__ شۇڭا خۇدايىم ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن…__ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ، __ سەن بولساڭمۇ ئىككى كۈندە زېرىكىپ باشقا خوتۇن تاپاتتىڭغۇ دەيمەن. سېنىڭ نەپسىڭ ياسىن لاۋبەننىڭكىدىنمۇ يامان.
__ بۇنداق ماز گەپ قىلمىساڭچۇ __ دېدى ھاشىم تېرىكىپ،__ مەن ساڭا راست گەپ قىلىۋاتىمەن، ياسىن لاۋبەن ئوينىغاندىمۇ سەت  ئويناپ قويىدىكەن. قارىمامسەن،  خوتۇنى يوقاپ كەتسە چاتىقى يوق، ئاشنىسىنى ئەكىلىۋالدى، ئەمدى كۆرىسەن بۇ ئىككىسىنىڭ تاماشىسىنى!
__ شۇ ئاچىمىزغا ئۇۋال-دە، ئادەمدە ھايا بولمىسا ئېشەكچىلىكمۇ بولالمايدىكەن، بۇ يەردە ھازىر ئىشلىگۈممۇ كەلمەيۋاتىدۇ.
__ شۇڭا مەن غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا كېتەي دېگەن، ئادەم تولۇق دەپ ئۇنىمىدى.
__ كېتەي دېگەنمۇ تېخى، ساتراشخانا قىزلىرىدىن ئايرىلىشقا قانداق چىدىغانسەن؟
__ مېنى مۇشۇ مەينەتلەرگە چىدىمايدۇ دەۋاتامسەن؟ كۆرسەملا قۇسىمەن.
__ قۇسۇپ بولۇپ يەنە ئاغزىڭنى يالايسەن-دە، پەخەس بول، كېسەل يۇقىدۇ.
ھاشىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ ساۋۇتقا چەكچىيىپ قاراپ قالدى.
__ نېمانداق سەت قارايسەن، كېسەل يۇقتۇرۇۋالغىنىڭ راستمۇ نېمە؟ مەن قارىسامغۇ ئەيدىزدەكلا كۆرۈنىسەن، بېرىپ ئۆزەڭنى تەكشۈرتۈپ باق.
__ ماڭاۋە ئاداش!…__ دېدى ھاشىم بىردىنلا ئۆڭۈپ،__ ھېجىقىزدەك قاملاشمىغان گەپ قىلىدىكەنسەن، ئويناپ قويغاننىڭ ھەممىسى كېسەل بولامدىكەن؟! ئەگەر مەن كېسەل بولىدىغان بولسام مەشەدىكى ھەممىڭ كېسەل، ئۆزەڭنى ساق دەپ چاغلامسەن تېخى، سەندەك ماز پۇرۇش گۇيلار ھېچنېمە قىلالمايلا ئادەمنىڭ كەينىدىن گەپ تاپىدۇ…
__ ما گۇينى، ئەيدىز دەپ قويسام چىچاڭلاپ كەتتىڭغۇ!__ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭ ئەلپازىدىن ھەيران قېلىپ،__ قارىغاندا راستىنلا شۇنداق ئوخشايسەن. ئەمدى ئاستا خۇدايىمغا تۆۋە قىلىپ ناماز باشلىۋال.
__ قانداق قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى،  ئۆزەڭنى پاك دەپ چوڭ چاغلاپ كەتمە، خۇدايىم بۇيرۇغان بولسا بىز  ساپساق، خۇدايىم جاننى ئالىمەن دېسە مەندىن بۇرۇن سەن ئۆلەمسەن تېخى!؟
__ مەن كېتىپ قالساممۇ مۇشۇ نامىزىم، مۇشۇ تۆۋەم بىلەن ساق كېتىمەن؛ سەن ئۆلسەڭ قانداق ئۆلەرسەن؟! شۇڭا ناماز باشلىۋال دەيمەن.
__ ئەمدى چۈشەندىم، سەن مېنى ئەيدىز دەپ قورقۇتۇپ، ناماز ئوقۇ دېمەكچىكەنسەن-دە!
__ ناماز ئوقۇساڭ ماڭا ئوقۇپ بېرەمتىڭ؟ ئۆزەڭ ئۈچۈن ئوقۇيسەن. ھېلىتىن قورقۇپ تاتىرىپ كەتتىڭ، ناماز ئوقۇساڭ خاتىرجەم بولىسەن.
__ ئىشىڭنى قىل، قاچان ئوقۇغۇم كەلسە شۇ چاغدا ئوقۇيمەن.
__ ئەمىسە ئاشۇنداق ئەيدىز بولۇپ يۈرىۋەر.
__ نېمە بولسام مەيلى، ماڭا يامانلىق تىلىسەڭ ئۆزەڭگە يانىدۇ.
__ مەن ساڭا يامانلىق تىلىمىدىم، يامان ئاقىۋەتكە قالما دەۋاتىمەن.
__ سەن مېنى يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ دېمەكچىما؟ سەن ئەۋلىيامىدىڭ؟ ھەر قانچە دا موللا بولۇپ كەتسەڭمۇ بىكار، ماڭا ۋەز ئېيتىمەن دەپ ئاۋارە بولما.
__ ئاڭلىمىساڭ مەيلى، دۈمبەڭدىن تۈڭلۈك ئاچسىمۇ ئىچىڭگە ئىمان نۇرى كىرمەيدىغان گۇيكەنسەن…
__ شۇڭا چاتىقىڭ بولمىسۇن، نېمە بولسام ئۆزەمنىڭ ئىشى، مەن سەندەك ھېچ ئىش قىلالماي تۈگۈلۈپ ياشىمايمەن. ئوينىغۇم كەلسە ئوينايمەن، پۇخادىن چىقىۋېلىپ نېمە بولسام مەيلى!
__ ياسىن لاۋبەننى مۇت دوراپسەن، ئەمدى ئۇنى تىللىساڭ ئۆزەڭنى تىللىغاندەكلا بولىسەن.
__ ئۇنى ماڭا ئوخشاتما، ياسىن لاۋبەن بىر خوتۇن بىلەن بىر مېدە ئېشەكنى ئالدىغا ئەكىلىپ قويسا، قايسىسى قىزكەن دەيدىغان پاشۋاز.
__ سەنچۇ؟! __ دېدى ساۋۇت ئۇنى جىلە قىلىپ.
__ بىز ھېچ بولمىغاندا قاراپ باقىمىز.
ساۋۇت بۇ گەپتىن كۈلۈپ يېتىپ قالدى، ھاشىم مېيىغىدا كۈلۈپ قويدى.
شۇ كۈنى كېچىسى ياسىن گۈلشەن بىلەن كونا ھۇجرىسىدا، كونا كارىۋىتىدا ياتتى، قاپىقى زادى ئېچىلمىدى. گۈلشەن ئۇنىڭ رەيھاندىن ئۆچىنى ئېلىۋاتقاندەك قىلىۋاتقان ئەسەبىي قىلىقلىرىدىن بىزار بولسىمۇ، چىشىنى چىشلەپ ياتتى. ئۇ گۈلشەننى نېمە دەپ ئويلاپ قالدى؟ رەيھانغا بولغان ئاچچىقىدا ئۆز-ئۆزىنى پاراكەندە قىلىپ، خىيالىدا ئىككى خوتۇنىنى ئالماشتۇرۇپ يۈرەمدىغاندۇ؟ … گۈلشەن ئۇنىڭ غەلىتە تۈسكە كىرىپ قالغان چىرايىغا، ئازاب ياكى ھاياجاندىنمۇ ئەيتاۋۇر يۇمۇلۇپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ، ئۆزىنى باشقا بىر ئەرنىڭ ئاستىدا ياتقاندەك،  خورلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلدى.   ھەر ئىككىسى ئىچ-ئچىدىن ھالسىراپ تۈگىشىپ كېتىۋاتاتتى.
ياسىن ھەر قېتىم شۇ ئىشتىن كېيىن كارىۋاتقا يۆلىنىپ گۈلشەننىڭ مۈرىسىنى سىلىغاچ تاماكا چېكىۋالاتتى، ئەمدى بولسا ئۇنى بىر ياققا ئىتتىرگەندەك قىلىپ پەسكە چۈشۈپ، تاماكىسىنى چىشلىگىنىچە خالاغا كىرىپ كەتتى، ئۇ يەردە ئۇزۇن ئولتۇردى، تاماكسىنى شۇ يەردە چەكتى. گۈلشەن بولسا ئۇخلىيالماي ھەسرەت چەكتى:  ياسىن بۇ ئۆيدىكى مۇشۇ ئادىتى ئارقىلىق يەنىلا ئاشۇ  كونا خوتۇنىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەۋاتامدىغاندۇ؟ خالادا شۇنچە ئۇزاق ئولتۇرۇپ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟ خوتۇنىنىڭ نەدىلىكىنى ئۇقىدىغان بولسا بۇ ئەپتىدە  كۇسارچان چىقىپلا ئۇنى ئىزدىگۈدەك... دېمەك،  رەيھان ئۇنىڭغا يەنىلا مۇھىم ، رەيھان ئۇنىڭ غۇرۇرى، رەيھاننى كىم چەيلىسە ئۇنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى چەيلىگەندەك بولىدۇ… رەيھاننىڭ چىرايىدا قېتىپ قالغان پەرىشانلىق، روھسىزلىق بىلەن ياسىننىڭ چىرايىدىكى قايغۇ-ئەلەم بىر-بىرىگە نەقەدەر يېقىن-ھە!  مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى بىر يەرگە يىغسا نېمىگە ئايلىنىدۇ، ساراڭلىققا!
ياسىن بىر ئۇزۇندا چىقىپ، گۈلشەننىڭ يېنىغا كىردى.
__ تېخىچە كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ ياتىسەنغۇ، ئۇخلىمامسەن؟
__ ئۇخلىيالمىسام… يەنىلا ئاشۇ ئۆي، ئاشۇ كارىۋات ياخشىكەن، بۇ يەرگە پەقەت كۆنەلمىدىم.
__ ھەممىسى ئوخشاش، ئەمدى مۇشۇ ئۆيدە كۆپرەك تۇرىمىز.
__ نېمىشقا؟  ئا ئۆيدە تۇرمامدۇق؟
__ ئەمدى ئۇ ئۆينى قايتۇرۇۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
__ ياق، مەن ئاشۇ ئۆينى ياخشى كۆرىمەن.
__ بۇ قانداق گەپ؟ ساڭا مەن لازىممۇ، ئۆيمۇ؟
__ ھەر ئىككىلىسى لازىم، ئۇ ئۆينى قايتۇرماي تۇرايلى، خوتۇن-بالىڭىزنىڭ نەدىلىكىنى تاپماي تۇرۇپ ئالدىراپ كەتمەڭ.
__  خوتۇن-بالىغا بۇ ئۆينىڭ ئەمدى لازىمى يوق __ دېدى ياسىن ئاچچىق تىنىپ،__ بۇ خوتۇن بىر بولسا مەندىن يوشۇرۇن تىقىپ ساقلىغان پۇللىرىنى خەجلەپ يۇرتقا كەتتى؛ بىر بولسا غېنى شاڭجاڭ ئۇنى يولغا سېلىپ قويدى.
__ خوتۇنىڭىز شۇنداق قىلالىغانمىدۇ؟
__ ئۆيدىن قاچالىغان خوتۇن ماشىنا-پويىزغا ئولتۇرۇپ كېتەلمەي قالارما؟
__ شۇنچە تېز كېتىپ قالارمۇ دەيمەن، ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
__ بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويغان گەپ، بىر ياقتىن يىغلاپ، بىر ياقتىن مەندىن يۈز ئۆرۈشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولغان گەپ. بۇ خوتۇن ئۇنداق بوش خوتۇن ئەمەس.
__ سىزگە ئۆزىنى بىر كۆرسىتەي دەپتۇ، قارىسام راستىنلا ئۈنۈمى بوپتۇ، ھازىرغىچە چىرايىڭىزدا قان يوق.
__ نەدە قان يوق؟  يوق گەپنى قىلما، ئۇ كەتسە مەيلى، بالامدىن ئەنسىرەيمەن-دە!
__ راست گەپ قىلىڭە بىر، بالا دېگەن ئانىسىنىڭ قېشىدا تۇرسا نېمىدىن ئەنسىرەيتتىڭىز؟! خوتۇنۇمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن دەپ دېيەلمەيۋاتىسىز-ھە؟ يالغان سۆزلىسىڭىزمۇ تۈزۈك سۆزلەڭ.
__ ئۇمۇ يوق ئەمەس، ئۆيدىن بىر مۈشۈك قاچسىمۇ، خەق تۇتۇۋالغانمىدۇ، ئۆلتۈرۈۋەتكەنمىدۇ دەپ ئەنسىرەيدىغان گەپ. ئۇ دېگەن مەن بىلەن بەش يىل ئۆي تۇتقان خوتۇن-دە!
__ مۈشۈك دېگەن مۈشۈك، خوتۇن دېگەن خوتۇن، يەنە كېلىپ مەندىن ئۆتە چىرايلىق خوتۇن، يېنىڭىزدا بار چېغىدا كۆزىڭىزگە كۆرۈنمىگەن خوتۇن، يوق چاغدا كۆزىڭىزدىن ئۇچقان خوتۇن!… مەن ئوبدان بىلەمدىكەنمەن، ھە، ئۆزىڭىزنى ئۇنچىلىك يوشۇرۇپ كەتمەڭ، مۇشۇنداق قىلغانچە ئۆزىڭىزنى چاندۇرىسىز، ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ماڭا دېيەلمەيۋاتىسىز، لېكىن مەن بۇنچىلىك ئالامەتلەرنى بىر قاراپلا بىلىۋالىمەن، مەن قاچان سىزگە ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز بولمايدۇ دېدىم، قاچان سىزگە ئۇنى ئۇرۇپ خارلاپ  ئۆزىڭىزگە ھەم ماڭا ئۆچ قىلىۋېتىڭ دېدىم. ئەمدى كېلىپ خوتۇنىڭىز قاچقاندا ماڭا گۈلىيىپ، ئۆچىڭىزنى مەندىن ئېلىۋاتقاندەك بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز، بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز، مەن راستىنلا چىدىمايمەن… __ گۈلشەن مىچچىدە  يىغلاپ سالدى.
ياسىنغا ئۇنىڭ يىغلىشى غەلىتە تۇيۇلدى، ئىچى پۇشۇپ قاراپ قويدى، بۇنىڭ كۈلكىسى راست، يىغىسى يالغان، ياسىننى يالغاندىن تەسىرلەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. يېقىندىن بېرى نازۇكلىشىپ قالدى، كۈنچىلىكى باشلاندى. بۇرۇن ھېچ ئىش يوق ئىدى، خوتۇن بولغاندىن كېيىن گېپى چىقتى. دېمەك، ئويناپ-كۈلۈپ يۈرۈيدىغان قىز پەقەت شۇ قىز ۋاقتىدىلا جەلپ قىلىدىكەن، ئەرگە تەگكەندىن كېيىن چوڭ ئايال، يامان ئايال بولغۇسى كېلىپ، بارا-بارا خۇلقىنى يوقىتىپ تۈگىشىپ كېتىدىكەن…
__ نېمىگە يېشىڭنى ئېقىتىپ كەتتىڭ؟!  __ دېدى ياسىن كىنوخانىدا كىنو كۆرۈپ يىغلاپ كەتكەن بىر قىزنى كۆرۈپ كۈلگىسى كەلگەندەك ئەلپازدا، __ ساڭا دەخمىزە بولىدىغان خوتۇنمۇ كەتتى، بۇنىڭدىن خوش بولساڭ بولىدۇ؛  بۇ كارىۋاتمۇ ساڭا قالدى، ئېغىناپ ياتساڭ بولىدۇ. ئارتۇق ئويلاپ نېمە قىلىسەن !! مېنىڭ ئاچچىقىم كەلگىنى، ئۇ ماڭا تۇيدۇرمايلا قاچتى، مېنى ئەخمەق قىلدى، بالامنى مەندىن ئايرىۋەتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن مانچە يىل ئۆي تۇتقان ئەر تۇرسام، ئەدەمنى مۇشۇنداقمۇ يەرگە ئۇرسا بولامدۇ؟  سەن تېخى مېنى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ دەيسەن،  ئۇنى ياخشى كۆرسەم سېنى خوتۇن قىلىپ نېمە قىلىمەن؛ بۇمۇ خوتۇن تۇرسا، كۈندە كەچتە سېنىڭ يېنىڭغا كېتىپ قانداق قىلىمەن؟!
__ ياق، سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەچكە ئۇنىڭدىن قورقىسىز؛  مېنى ياخشى كۆرمىگەچكە مەندىن قورقمايسىز، مېنى خالىغانچە باشقۇرالايسىز؛ خوشىڭىز كەلسە ۋاي دەپ، ئاچچىقىڭىز كەلسە سەتلەيسىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە زېرىكىپ قالسىڭىز، مېنى تىللاپ تاشلاپ كېتىسىز…
__ نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ،__ ياسىن جىلە بولۇپ،__ بىر كىمدىن قورقسام ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ساراڭمىدىم مەن؟!  ئەمىسە، دەپ باقە، سەن جىندىن قورقامسەن؟ ئۇنى ياخشى كۆرەمسەن؟!
__ خوتۇنىڭىز جىن ئەمەس-تە! ئۇنى بەك چوڭ بىلىسىز، ئەيمىنىسىز، شۇڭا يېقىن كېلەلمەيسىز. بولمىسا ئۇنى بۇ چاغقا بويسۇندۇرۇپ خوتۇن قىلىپ بولاتتىڭىز. خوتۇنىڭىزنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرمىسىڭىز ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىنىڭىزغا خوش بولۇپ ھاراق ئىچەتتىڭىز،  ئازادلىققا چىقتىم دەپ مېنى چىڭ قۇچاقلايتتىڭىز. ئۇنداق قىلمىدىڭىز، تېخى دەردىڭىزنى مەندىن ئالدىڭىز، كىچىك بالىنى سىلكىشلىگەندەك سىلكىشلىدىڭىز، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مەن ھېچنېمە ئەمەسكەنمەن، پەقەت سىزنىڭ تەلىۋىڭىزنى قاندۇرۇپ تۇرۇشقا يارايدىكەنمەن، مەن ھازىر سىزنىڭ ئاچچقىڭىزنى، ئىچ-پۇشۇغىڭىزنى چىقىرىدىغان بىر نېمىگە ئايلىنىپ قالدىم…
__ ۋاي-ۋۇي، بولدى قىل،  قۇم زاغۇننىڭ ئۆزى بوپسەن! __ دېدى ياسىن سەپرالىشىپ، __  دەپ تۇرسام يەنە ئۆزەڭنىڭ گېپىنى قىلىسەنغۇ!  خوتۇن خەقنىڭ بىرسىمۇ ساق ئەمەسكەن جۇمۇ…
__ مانا مەن گەپ قىلىپ بولغىچە ئاچچىقىڭىز كەلدى، ئەگەر شۇ خوتۇنىڭىز بىلەن دېيىشىپ قالغان بولسىڭىز ماڭا قىلغان بۇنداق مۇئامىلىنى قىلمايتتىڭىزغۇ دەيمەن؟!
__ شۇ خوتۇنمۇ شۇنداق كوتۇلداپ، مەن بىلەن گەپ تالىشىپ ئاخىر تايىقىنى يېگەن ئۇقتۇڭمۇ؟! سەن ئۇنى دورايمەن دېمە، مەن سېنىڭ ماڭا بويسۇنىدىغان مۇشۇ يېرىڭنى دەيمەن، ئەگەر شۇ ئاچاڭنى دورايمەن دەپ چىشىمغا تەگسەڭ، سەنمۇ تايىقىڭىنى يەيسەن!
گۈلشەن بۇنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدى، ياسىننىڭ دەۋاتقانلىرى توغرىدەك قىلاتتى. ئامما ئاخىرقى گېپى ئۇنىڭغا يەنىلا ئېغىر كەلدى.
__ شۇ خوتۇنىڭىزنى ئۇرغاندا يۈرىكىڭىز ئېچىشقان بولغىيدى، مېنى ئۇرۇپ قالسىڭىز كۆزىڭىنى مىت قىلمايسىزغۇ دەيمەن.
__  يوق گەپنى قىلما، مەن خوتۇن خەقنى ئۇرمايمەن، ئامال بولمىغاندا قولۇم تېگىپ كېتىدۇ. سەنمۇ شۇنى بىلىپ قال، ئېرىڭ گەپ قىلىۋاتقاندا ۋاتىلدىما، گەپ تالاشما، گەپ ياندۇرما، ئېرىڭ بىلەن تەڭ تۇرما، بولمىسا شاپىلاق يەيسەن، زۇۋانىڭ تۇتۇلىدۇ. سەن شۇنداق بولۇشنى خالامسەن؟! جاھاندا ئەڭ تاياق قېپى، ئوسال خوتۇن ئېرى بىلەن گەپ تالىشىدۇ، ئېرىگە گەپ ياندۇرىدۇ. ئېرىنى بويسۇندۇرىمەن دەپ ساراڭلىق قىلىدۇ، بۇنداق خوتۇن ئەرنىڭ كۆزىگە جىندەك سەت كۆرۈنىدۇ. ئاشۇ خوتۇن، سەن ھازىر كۈنلەۋاتقان ئاچاڭ مېنى شۇنداق تويغۇزۇۋەتكەن. شۇڭا ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن، شۇڭا خاتىرەڭنى جەم قىلىپ ماڭا خوتۇن بول. مېنىڭ سىزغان سىزىقىمدىن چىقما، نېمە دېسەم ماقۇل دە، گەپ ياندۇرما؛  نېمە قىلسام ماقۇل دە، بوينۇڭنى تولغىما.  بولمىسا سەندىنمۇ ئىككى كۈندە زېرىكىمەن. بۇ  جىڭ گەپ!
گۈلشەن بۇنى بىلەتتى، ماقۇل دەيتتى، ئەمما ھازىر  چىن كۆڭلىدىن  قايىل بولمىدى، قوبۇل قىلمىدى، بەلكى نارازى بولدى، “ مەن نېمىشقا بۇنداق ئۆتىۋېرىدىكەنمەن؟” دەپ ئويلىدى. ياسىننىڭ گېپىگە جاۋاب بېرىشنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتا باھا بەردى. ئەجىبا  بۇ نوچىنى بۇرۇنقىدەك ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالدىمۇ؟  رەيھاننى مەغلۇب قىلىشتىن ئىبارەت ئالىي  مەقسىتىگە يېتىپ بولغاندىكىن ، ئىشنىڭ قىززىقى تۈگىدىمۇ؟  داۋاملىق“جەڭ” قىلىشتىن رايى يېنىپ كەتتىمۇ؟  بولمىسا ياسىنغا نېمىشقا بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىق، جان پىدالىق كۆرسىتەلمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك ئەسەبىيلىك بىلەن ياشىيالمايدۇ؟  خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلمەيدىغان، خوتۇنىنى بويسۇندۇرۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بۇنداق ئەركەك بىلەن قانداق ئۇزاق ياشىغىلى بولسۇن؟!
ياسىن ئۇنىڭ گەپ قىلماي ياتقىنىنى كۆرۈپ چىرايىغا قارىدى، گۈلشەن نارازىلىقىنى چاندۇرماي تۇرۇۋالدى.
__ سەن ھەرگىز  رەيھانغا ئوخشاپ قالما، ئوخشاپ قالساڭ مەندىن يامانلىما…
ياسىن چىراغنى ئۆچۈرۈپ ياتتى، گۈلشەننىڭ كۆزلىرىدە چاقنىغان ئەلەملىك ئۇچقۇنلارنى كۆرەلمىدى.
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، قارىماققا ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئىشلار ئەسلىدىن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكتەك كېتىۋاتاتتى. ھەر كۈنى ئېغىر قوپىدىغان ياسىن ئەتىگەندىلا ئىچىۋېلىپ، كۈنبويى پەرىشان يۈرەتتى. گۈلشەن ئۇنىڭ قولىدىن بىر دەممۇ تاماكا چۈشۈپ باقمىغانلىقىنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭ خوتۇنىغا بولغان ھېسسىياتىنىڭ ئاشۇ تاماكا چوغىدەك كۆيۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزەتتى. ياسىن ھەر قانچە قىلسىمۇ  ئۆزىنى يوشۇرالمايتتى، ھەم گۈلشەندىن يوشۇرىمەن دەپ تىتىرەپ يۈرمەيتتى.  گۈلشەن مالايدەك ئىشلىگەنچە ئۆزىنى شۇنچە قەدىرسىز، بەختسىز ھېس قىلدى. كۇلىغا چىققان ھەر قانداق ئادەم، ھەتتا ئەر-خوتۇن بولسىمۇ، ئىشلىگەنچە چۇشلۇق ھەق ئېلىشنى كۆڭلىدە پىلانلاپ تۇرىدۇ. “كىچىك خوتۇن” بۇ يەردە قاچانغىچە بىكارغا ئىشلەيدۇ؟ بەش يىللىق خوتۇنىغا  پۇل بەرمىگەن ئەر تۈنۈگۈن ئېلىۋالغان خوتۇنىغا پۇل بېرەمتى؟… ئۇنى ھورۇنلۇق باستى، ياسىنغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆرەلمىلىك قىلىشقا باشلىدى، ئۆزىمۇ ئۇقمىغان ھالدا تاۋى نازۇكلىشىپ كەتتى، ياسىننىڭ بۇرۇنقىدەك نوچىلىقى، بۇيرۇقۋازلىقى، ھاكاۋۇرلۇقىغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى،  ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرسىمۇ كۆڭلى باشقا بىرسىگە چۈشۈپ قالغاندەك پەرۋاسىز ئىدى.   ھەر قېتىم قاچا توشۇپ، قاچا يۇيۇپ ھېرىپ كەتكەندە  غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىدا باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان رەيھاننى ئويلىسا ئىچى ئاچچىققا تولۇپ، ياسىنغا ھەممىنى دەۋەتكۈسى كېلەتتى. ئەمما باشتا يوشۇرغاننى ھازىر دەپ ئىشنى بۇزغۇسى كەلمەيتتى. ئۇ  بۇ كۈنلەرنىڭ باشقىچە بولۇشىنى، ياسىن بىلەن رەيھاننىڭ تۈزۈك ئادا-جۇدا بولۇپ، ھەقىقىي مۇھەببەت-نەپرەتنىڭ ئېنىق ئايرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى.  ھاشىم بىلەن ساۋۇتقا ئادەتتە زۆرۈر بولمىسا گەپ قىلمايتتى. خېرىدار كەلسە بۇرۇنقىدەك چىراي ئاچمايتتى، چاينى دەملەپ ئالدىغا تاراققىدە قويۇپ، تاماق تىزىملىكىنى تاشلاپ بېرەتتى.
بىر ھەپتە ئۆتتى،  ياسىن گۈلشەننىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ئۇ ياققا ئۆتمىدى،  گۈلشەن كۈتۈۋاتقان ئىشنىڭ ھېچ قايسىسى بولمىدى. رەيھان ھەرگىز ئۆزىنى مەلۇم  قىلمايدۇ، غېنى شاڭجاڭمۇ بىر قېتىم يوق دەپ بولۇپ، ئەمدى “ خوتۇنۇڭ بار ئىدى، كېلىپ كۆرۈپ كەت” دېمەيدۇ. ياسىن كەلسە دەيدىغان گەپلىرى تەييار، ئۇلار  گۈلشەننىڭ ئۇنى يوشۇرغانلىقىنى بىلسە نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟  مەيلى ئۇلار تىللىسۇن، خوش بولسۇن، بەرىبىر؛ ھېچكىم گۈلشەننى خەۋەر يەتكۈز دەپ ئېنىق بۇيرۇمىدى.
ياسىن بۇ بىر ھەپتىدە رەيھانغا ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېفون قىلىپ ئالالمىدى، ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قارىم ئاكىسىدىن ئەھۋال سورىغان بولۇپ تېلېفون قىلدى، يالغان گەپ قىلمايدىغان قارىمنىڭ گېپىدىن قارىغاندىمۇ رەيھان يۇرتقا قايتمىغانىدى. ياسىن ئەمدى ئەنسىرەشكە باشلىدى، رەيھاننىڭ ئۇنچە تېز، ئۇنداق ئاسان يۇرتقا كېتەلەيدىغانلىقىغا ئۆزىمۇ ئانچە ئىشەنمىگەنىدى، ئەمىسە نەگە كېتىدۇ؟ بالىنى سۆرەپ نەگىمۇ قاچار؟ غېنى شاڭجاڭدىن باشقا كىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ؟… ياسىننىڭ گۇمانى غېنى شاڭجاڭغا قايتا مەركەزلەشتى.  شۇ كۈنى كەچتە ياسىن ئېلىنماي قالغان تېلېفون خاتىرىسىگە قاراپ، رەيھاننىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ دەرھال قايتۇرۇپ ئۇردى، يەنە ئېتىك چىقتى. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە يەسلىدىن ئۇنىڭغا تېلېفون كەلدى، بۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ تۇرغاندا “ بالاڭلارنى ئەكەتكىلى قاچان كېلىسىلەر؟” دېگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى، رەيھان تېلېفونىنى دائىم ئېتىپ قويغاچقا ئۇلار  بۇرۇنقى نومۇرنى تېپىپ ياسىنغا خەۋەر يەتكۈزگەنىدى.
ئۇ تېلېفونىنى ئېتىپ، ئالدى-كەينىگە قارىماي مېڭىشقا تەمشەلدى. گۈلشەن ئۇنىڭ بىر خەۋەر ئاڭلىغانلىقىنى پەملىدى.
__ نەگە ماڭدىڭىز؟
__ بالا يەسلىدىكەن، بېرىپ باقاي.
__ كىم تېلېفون ئۇرۇپتۇ؟
__ رەيھان ئۇرۇپتۇ، رەيھان! سەن ئاشخانىغا قارىغاچ تۇر، بېرىپلا كېلىمەن.
ياسىن يەسلىگە بارغاندا تەربىيىچى خانىم بايىلا تېخى ئانىسىنىڭ ئۇنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
__ بالا قاچان كىردى يەسلىگە؟
__ ئىككى كۈندەك بولدى،__ دېدى خانىم.
__ بالىنى ئەكەلگەندە ئۆزى كەپتىكەنمۇ يا بىرسى بىللە كەپتىكەنمۇ؟
__ ئۇنى ئۇقمايمەن، تىزىملىتىشقا مەن مەسئۇل ئەمەس.
ياسىن غېنى شاڭجاڭ بىلەن قەتئىي كۆرۈشۈش نىيىتىگە كېلىپ، تاكسى توسۇپ ئۇنىڭ رېستۇرانىغا قاراپ ماڭدى. شاڭجاڭنىڭ ھۇزۇرىنى بۇزۇش ئۈچۈن، ئاللىقانداق بىر رەسۋاچىلىق ئۈستىدىن چۈشىدىغاندەك تۇيۇقسىز كىرىپ، شاڭجاڭنى كۆرۈپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئەگەر ئۇ بۇرۇنراق كەلگەن بولسا  مېھمانخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدەك ئېسىل بېزەلگەن باتەيدە ئايروپىلان خانقىزلىرىدەك ئۆلچەملىك ئىش كىيىمى كىيىپ ئولتۇرغان رەيھاننى كۆرگەن بولاتتى.
غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ ئوساللىق، چارىسىزلىكتە قېتىپ قالغان چىرايىغا قاراپ ھەممىنى چۈشەندى، مۇشۇنداق بولۇشىنى ئالدىن بىلىدىغاندەك تەمكىنلىك بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
__ نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، جۈرە، گەپ بولسا ئايرىم دېيىشىمىز…_ دەپ ئايرىمخانىغا باشلاپ ماڭدى.
ياسىن ھامان ھېساب ئالىدىغان نوچىدەك ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
ئاۋۋالقىدەك جوزا راستلاندى، سەيلەر چىقتى، ھاراق كەلتۈرۈلدى.
__ ھارىقىڭنى كېيىن قۇي، __ دېدى ياسىن قاپىقىنى تۈرۈپ،__ ئاۋۋال ماڭا جاۋاب بەر، خوتۇن-بالام نەدە؟
__ ئاۋۋال بىرنى ئىچكىن.
__ ياق، مەن ئاۋۋال شۇ خوتۇننىڭ چىرايىنى بىر كۆرەي…
__ خوتۇن-بالاڭدىن ئەنسىرىمە، ھەممىسى سالامەت.
__ دېگىنە، بۇ زادى نېمە قىلغىنىڭ؟ مېنى ماز كۆرۈۋاتامسەن؟
__ بۇ يەرگە كەلگەندىكىن چىرايلىق پاراڭ قىل،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ جىددىي تۈستە،__ سېنى ئىنىمدەك كۆرىمەن، ئەمما قىلىقىڭغا قاراپ سېنى شۇنداقراق ئويلاپ قالدىم.
غېنى شاڭجاڭنىڭ بۈگۈنكى ئەلپازىمۇ بوش ئەمەستەك قىلاتتى، ياسىن تاماكا ئىسلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك بىلەن  قارىدى.
__ ئۇنى سەن ئەكىلىۋالدىڭىمۇ يا ئۆزى قېچىپ كەلدىمۇ؟
__  مەن ئەزەلدىن ئاكتىپلىق بىلەن ئىش قىلىدىغان ئادەم، شۇنىڭغا ئىشەنسەڭ بولىدۇ. ئەمما مەن  ئۆز  بۇرادىرىمگە ئۇنداق خۇمسىلىق قىلمايمەن، مېنى  ھەرگىز  يامان نىيەتتە دەپ ئويلاپ قالما.
__ ئەمىسە بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟
__ خاتا چۈشەنمە، قارىسام بىر ئوبدان خوتۇن-بالاڭنى خارلىغىلى تۇرۇپسەن، ئىككى خوتۇنۇڭغا تەڭ كۆزدە قارا دېسەم گېپىمگە كىرمەپسەن. ئۇنداق خارلاۋەرسەڭ خوتۇن خەق تۈگەشمەمدۇ؟ يەنە تېخى ئۇنىڭغا ئۆمەرنى ئۆزەڭ ئېلىپ چىق دەپسەن، خوتۇنۇڭ يىغلاپ تېلېفون قىلىپ مەندىن ياردەم سورىدى. مەن بىكارغا ياردەم قىلمايمەن، كېلىپ ئىشلەپ بېرىڭ دېدىم.
__ شۇنداق قىلىپ، بۇ دۆت خوتۇننىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇۋەتتىم دېگىنە.
__ سەن ئۇنداق قىلىۋەرسەڭ ساق خوتۇنمۇ ساراڭغا ئايلىنىدۇ-دە، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ خوتۇنۇڭ ھېلىمۇ بىر ھەپتە ئويلاندى، شۇ بىر ھەپتىگىچە سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ خوتۇنۇڭنى ئۇنداق تاشلاپ قويساڭ، ھېلىغۇ ئايال كىشىكەن، ئىت-مۈشۈك بولسىمۇ ئۆيۈڭدە تۇرمايدۇ.
__ ئۇ خوتۇننى تولا ئاقلىما، سېنىڭ زادى نېمە مەقسىتىڭ بار؟ خوتۇنۇمغا كۆزۈڭ چۈشكەن بولساڭ، مەندىن سوراپ ئالمامسەن؟ نېمىشقا ئوغرىلىقچە ئەكىلىۋالىسەن؟!
__ ما گېپىڭ پەقەت بولمىدى،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ كىچىك بالىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك، __ خوتۇنۇڭ كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنىدۇ، بۇنى يالغان دېمەيمەن. شۇنداق بىر خوتۇنۇم بولسا دەپ ئويلايمەن، لېكىن ئۇنىڭغا ئېرىشىمەن دەپ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى ساتمايمەن. ئادەم ئەسكىلىشەي دېسە بىر دەملىك، ئەمما  مەن بەزىلەردەك نامەرت، ھېجىقىز ئەمەس، خوتۇن ئالسام ئۆز رازىلىقى بىلەن ئالىمەن، ھەرگىز خەق تاشلاپ بەرگەننى ئالمايمەن. بىز خوتۇن قارىسى كۆرمىگەن ئادەم ئەمەس، ئالغان خوتۇنلىرىمىزمۇ بىر-بىرىدىن چىرايلىق. بىزنىڭ ئۇ ئىشنى قوغلىشىدىغان زامانىمىز كەتتى، ھازىر ئېرىشمەكچى بولغىنىمىز ئەركەكلىك ھۆرمەت.  سەن بۇنى چۈشەنمەيسەن، كاللاڭدا شۇ ئىشتىن باشقىنى ئويلىمايسەن، ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭدەك پاشۋاز كۆرىسەن، مۇشۇ يېرىڭ پەقەت بولمايدۇ.
__ ۋاھ، ما گەپنى، خوتۇنپۇرۇشلۇقنى ئۆگەتكەن سەنغۇ؟! ئەمدى بىر دومىلاپلا چەتكە چىقىۋالدىڭغۇ؟! مەن سېنىڭ قانداق ئادەملىكىڭنى، خوتۇنۇمغا كۆز تىكىپلا كەلگەنلىكىڭنى بىلمەي قالامدىم؟
__ نەپسى بار ئادەمنىڭ  ھەممىسى چىرايلىق خوتۇنغا كۆز تىكىدۇ، “خۇدايىم شۇ خوتۇننى ماڭا بەرسىچۇ” دەپ ئويلىغىلىمۇ قويمامسەن؟  خوتۇنۇڭنى بۇنچىلىك كۈنلىگەن ئادەم ئۇنى نېمىشقا خارلايسەن؟!
__ نېمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى، سەن ئارىلاشما، مەن بۇ خوتۇننى قەستەن خارلايمەن دېمىدىم، ئۆزىنىڭ شۇنداق ساراڭ بولغۇسى كەلدى، مەن بىلەن تولا ئېتىشىپ كەتتى، دۈمبىسى قىچىشىپ تاياق يېگۈسى كەلدى. ئوتتۇرىمىزدا بولغان ئىشلارنى سەن بىلمەيسەن،  شۇڭا ئاز سۆزلەپ ئۇنى چىقىرىپ بەر،  ئەكىتىپ ئوبدان ئادەم قىلىمەن.
__ ئۇنى ئۇرىمەن دېگىچە خېتىنى بېرىۋەتسەڭ بولمامدۇ؟ خوتۇن خەقنى مۇشۇنداقمۇ قىينىغان بارمۇ؟
__ سەن ئۆزەڭنى بىل، نېمە قىلسام قىلىمەن.
__ ئۇنى  ھازىر ئەكىتەلمەيسەن،  خوتۇنۇڭ بىلەن تۈزۈشكەن  توختام بار، ئاز دېگەندە ئىككى ئاي ئىشلەيدۇ…
__ نېمە؟! نېمە توختامكەن ئۇ، ئېرى يوق تۇرۇپ تۈزىدىغان قانداق توختامكەن ئۇ؟  ھەممىسى ئەتكەس! __ ياسىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى.
__ ئولتۇر، ئولتۇرۇپ سۆزلە،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ قولىنى پەسكە شەرەتلەپ،__ خوتۇنۇڭ ئۆمەرنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ،  سېنىڭ ئىنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟!  ئەگەر ئۇنى ئەكەتسەڭ، ئىنىڭنى ئۆزەڭ ئېلىپ چىقالامسەن؟
__ مەن دېگەندە ئەجەپ ماتاڭ چىشلىۋالغانتىڭ، خوتۇنۇم دېگەندە ماقۇل دەپسەنغۇ، مەقسىتىڭ ئېنىققۇ، شۇ ئارقىلىق خوتۇنۇمنى ئىندەككە كەلتۈرۈشقۇ؟!  ئاغىنە دېگەنمۇ سەندەك بولامدۇ؟
__ ئاغىنەڭ دېگەن مەندەك بولىدۇ، مەن شۇ بالىنى، ئۆزەڭنىڭ ئىنسىنى ئېلىپ چىقاي دەۋاتىمەنغۇ، خوش بولماقتا يوق، تېخى تېرىكىۋاتامسەن؟! قارىغاندا تېخى ئادەم بولماپسەن.   مەن ئەزەلدىن ئەر كىشى دېگەنگە ياردەم قىلمايمەن، ھەتتا ئىنىلىرىم بولسىمۇ كارىم يوق. ئايال خەق دېگەن ئاجىز، ئايال كىشى يىغلىسا ئانام يىغلىغاندەك تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار  ياردەم سورىسا ماقۇل دەيمەن، ئاچا-سىڭىللىرىم  پۇل دەپ قالسىمۇ “ئېرىڭلار بەرسۇن” دېمەي پۇل بېرىمەن. ئەمدى چۈشەنگەنسەن؟!
__ سېنىڭ بۇ ئىشلىرىڭغا قاراپ ئۆمەرنى ئەچىقىدىغىنىڭغا ئىشەنمەيمەن، قارىغاندا سەن شۇ كالۋا خوتۇننى ئالداپ ئىشلىتىۋاتقان ئوخشايسەن. يەنە قانداق نىيەتلىرىڭ بار، خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.
__ ماڭا قارا ئۇكا، __ دېدى غېنى شاڭجاڭ سالماق، قەتئىي تۈستە،__ ئەمدى خوتۇن كىشىدەك بۇنداق گۇمانخورلۇق قىلىۋەرمە، بۇزۇقنىڭ كۆزىگە كوچىدىكى ئايالنىڭ ھەممىسى بۇزۇق كۆرۈنىدۇ دېگەندەك ئىش قىلما. ئەگەر  نىيىتىمنى بۇزىدىغان بولسام  جاھاندا مەندەك ئەسكى ئادەم يوق، يامان ئىشنى  ھېچكىمدىن قورقماي قىلىۋېرىمەن،  مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىۋېرىمەن.  رەيھان مەشەگە كەلمەي تۇرۇپلا  شەرت قويۇشقا باشلىغان، بىر قىز بىلەن بىللە يېتىپ قوپىدۇ، ئوغلۇڭ دائىم قېشىدا، ھېچقانداق ئايال بالىسى بار يەردە ئۇنداق ئىش قىلمايدۇ، يەنە كېلىپ، سېنىڭ خوتۇنۇڭ نامازخان خوتۇن، ئۇنداق ئىشنى ئۆلسىمۇ قىلمايدۇ، شۇنچە يىل ئۆي تۇتقان خوتۇنۇڭنى چۈشەنمەمسەن؟ ئۇنىڭ ئەخلاقىغا ئىشەنمەمسەن؟!
__ جاھاندا خوتۇن خەققە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ساڭىمۇ  بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ،__ دېدى ياسىن ھاراقنى قولىغا ئېلىپ،__ قورسىقىڭدا جىن بولمىسا ماڭا نېمىشقا يالغان سۆزلەيسەن،  نېمىشقا بىر ھەپتىگىچە ئۇچۇر بەرمەيسەن؟ مېنى قاپاققا سېلىپ كولدۇرلىتىمەن دېمە…
__ گۈلشەن بىلەتتىغۇ؟! ساڭا ھېچنېمە دېمەپتۇ-دە!
__ ئۇ ماڭا ھېچنېمە دېمىدىغۇ؟!
__ سېنىڭ كاللاڭنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەچكە، سېنى گۇمانلىنىپ قالمىسۇن دەپ گۈلشەنگە رەيھاننىڭ ئۆيىنى كۆرسەتتىم، ئامانگۇل ئىككىسىنى ئۆينى تازىلاشقا بۇيرۇپ رەيھانغا خىزمەت قىلدۇردۇم. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ساڭا دېمىدىما؟ ئامانگۇلدىن ئاڭلىشىمچە، ئىككىسى خېلى ئوبدان مۇڭدىشىپتۇ.
ياسىن ھەيران قالدى، ئەزەلدىن ھېچقانداق گېپىنى يوشۇرماي سۆزلەپ تۇرىدىغان گۈلشەن نېمىشقا بۇنى يوشۇرىدىغاندۇ؟
__ قارىغاندا سېنى رەيھانغا بەرگۈسى كەلمەپتۇ-دە،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ يەنە ھاراق قۇيغاچ،__ بۇمۇ بوپتۇ، خوتۇنلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ…
ياسىن ئارتۇق گەپ قىلماي ئاچچىق ھاراقنى ئارقا-ئارقىدىن ئىچىپ،  بىر دەمدە تەڭشىلىپ قالدى.
__ رەيھان قېنى… ر…رەيھان.. ، رەيھاننى تاپ…__ دەيتتى ئۇ غېنى شاڭجاڭغا قولىنى جۆنۈپ، مەستلىكتە ئاغزىمۇ گەپكە قولاشماي، “ ر “ تاۋۇشىنى ئىلمەك تەلەپپۇز قىلاتتى.
غېنى شاڭجاڭ دەرھال ھاشىمغا تېلېفون قىلدى، بىر دەمدىن كېيىن ھاشىم يېتىپ كېلىپ ياسىننى تاكسىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى.
ياسىننىڭ ھالى خاراپ ئىدى، ئاشخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بولالماي يەرگە ئېڭىشىپ قۇسقىلى تەمشەلدى، ھاشىم ئۇنى دەرھال لاۋبەن سەتەڭنىڭ دۇكىنى ئالدىغىراق ئېلىپ باردى، “قۇسە، قۇس، مۇشۇ پاسكىنىلارنىڭ دۇكىنى سېسىپ كەتسۇن، كۈچۈكلىرى يالىۋالسۇن، ئاچچىقى كەلسە ھەممىسى قانجۇقتەك تالىۋالسۇن…” ئىچىدىكى زەرداپنى چىقىرىپ بولالماي قىينىلىپ كەتكەن ياسىننىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى، ئادەتتە ياش تۆكمەيدىغان ئەركەك مۇشۇ باھانىدە يېشىنى تۆكۈۋالدى… ھاشىم ئۇنىڭغا  قاراپ سەسكىندى، ئىچىنى ھەرگىز ئاغرىتمىدى، سەتەڭنىڭ قايسى بىرى چىقىپ قاۋايدىغاندەك ئەنسىزلىكتە دۇكانغا قاراپ-قاراپ قويدى. مەيدىسىنى بوشاتقان ياسىن سەل ئوڭشىلىپ قالغاندەك بولۇپ ئورنىدىن تۇردى، ئەمما ھېلىلا يىقىلىپ  چۈشىدىغاندەك قىلاتتى، ھاشىم  ئۇنى يۆلەپ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىردى،  كەينىدىن گۈلشەن كىردى. ھاشىم ياسىننىڭ بۇ ھۇجرىسىغا تۇنجى قېتىم تەپسىلىي قاراپ چىقتى، “بۇ ئۆي ئەمەس، ئىشرەتخانا” دەپ ئويلاپ ھەۋەستىن ئۆرتەندى، ياسىننىڭ ئېغىز-بۇرنىنى ئادالاش بىلەن بولۇپ كەتكەن گۈلشەنگە كۆز ئۈزمەي قارىدى. گۈلشەن ئۇنىڭغا قاراپ قويغاندىلا، ئۆزىنى بىلىپ چىقىپ كەتتى، كېتىۋېتىپمۇ گۈلشەننىڭ ساغرىسىغا ئاچكۆزلۈك بىلەن نەزەر تاشلىدى. “لوبەن گۇيلار ئىچىدۇ، قۇسىدۇ، ئوينايدۇ…مەدىكارلارنىڭ كۈنى ئېشەكتىن بەتتەر…”، شەھۋەتلىرى ئىسيان كۆتۈرگەندە جېنى قىينىلىدىغان ھاشىم پۇخادىن چىقىۋېلىپ ئۆلۈشنى يەنە ئويلاپ قالدى، گۈلشەننى ھېلىلا پوكىنىغا باسىدىغان  ياسىننى ئۆزىدەك تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يەنىلا ئۆزى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ ھەسرەتلەندى.
كەچ سائەت توققۇز بولال-بولمايلا ئاشخانا چۆلدەرەپ قالدى، ھاشىم خېرىدار كەلمىسە، قولى بوشاپ قالسا خوش بولاتتى، گۈلشەنمۇ ياسىننىڭ يېنىغا بىر كىرىپ كەتكەنچە چىقماي قويدى، ساۋۇت خۇپتەن نامىزى ئوقۇغىلى كىرىپ كەتتى. ھاشىم ئەرزان باھالىق تاماكىسىنى ئالدىرىماي چېكىپ، بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە تالاغا قاراپ ئولتۇردى، سېرىق سەتەڭلەر بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپ، يېڭىلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. “ھەۋەس قۇترىمىسا مەيلى، قۇتراپ كەتسە پايلىماق تەس” دەيتتى ھاشىم ۋە  بۇ يەردە گويا ئۇسسۇزلۇقتىن تىلى ساڭگىلاپ قالغان ئىتتەك ھاسىراپ ئولتۇراتتى، بوينىنى باغلاپ تۇرغان “زەنجىر” نى ئۈزۈپ تاشلاپ، غالجىرلىشىپ، نەپسىنى قاندۇرۇۋېلىپ، خۇشال تاقلاپ سەكرىگۈسى كېلەتتى. گۈلشەننىڭ  ساغرىسىغا كۆز تىككەندىن باشلاپ ئۇنىڭ كاللىسى چۆرۈلدى،  شۇ بىر نېمە ئۇنىڭ ئىچىگە قۇرتتەك كىرىۋېلىپ سەزگۈرلىرىنى غىدىقلايتتى، نەپسىڭىنى بېسىقتۇر دەيتتى،  ئويلايتتى “گۈلشەن ئۇنىڭ خوتۇنى ئەمەس، ئاشنىسى، رەسۋانى رەسۋا قىلىۋەتسە ھېچنېمە بولمايدۇ…”، “ ئەگەر ئۇنداق قىلسا ياسىندىن پىچاق يەيدۇ، بىر رەسۋانى دەپ ئىككى ئادەم خۇن دەۋاسىغا قالامدۇ؟…” .. ئۇنىڭ تاماكىدەك خۇمارلىق خىياللىرى كاللىسىنى ئىسلاشتۇرۇپ، روھىنى تۈتۈنگە ئوخشاش لەرزان ئۇچۇرۇپ باراتتى،  شۇ ئەسنادا گۈلشەن پەيدا بولۇۋىدى، ئۇ  ئەندىكىپ ئورنىدىن قوپۇپ كەتكىلى تاس قالدى. گۈلشەن“  ئاشخانىنى بىر دەمدىن كېيىن تاقىساق بولىدۇ” دەپ قويۇپ كىرىپ كەتتى. بۇ گەپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.  گۈلشەننىڭ كەينىدىن ھاياجان، ئەسەبىيلىك،  قورقۇنچ بىلەن  قاراپ قالدى.  ئۇ  ئىشتىھالىق، دەھشەتلىك خىياللىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قېلىپ ھېچ چىقالمىدى، بىر دەم ئولتۇرۇپ بېقىپ ئاشخانىنى تاقاپ يولغا چىقتى؛ مەيدىسىنى تۇتۇپ بېقىپ بىر دەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن، بېشىنى بۇراپلا  باشقا بىر ساتراشخانىغا كىرىپ كەتتى.
ياسىن ئەتىسى ساراڭدەك قوپتى، تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى ئويلاپ ئاچچىققا تولدى، گۈلشەن غېمىدە يوق ئۇخلاۋاتاتتى، ياسىن ئۇنىڭ پاچاقلىرىغا قاراپ، “بۇ بىر نېمىمۇ قېرىپتۇ” دەپ ئويلاپ قالدى. رەيھاننىڭ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ ئۇخلىشىنى ئەسلىدى، پەستە ياتىدىغان ئوغلىنىڭ چوڭ ئادەمدەك تەمكىن ئۇخلىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى…شۇ خوتۇنىنىڭ ئىلگىرىكىدەك بەختىيارلىق جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان شەھلا كۆزلىرىنى كۆرمىگىلى، ئوغلىنىڭ دادام دەپ ئېسىلىشلىرىدىن سۆيۈنمىگىلى قانچە زامانلار بولۇپ كەتتى؟ بەك ئۇزاق ۋاقىت بولدى… خۇددى يەنە بەش يىل ئۆتۈپ كەتكەندەك بولدى. ئىككىسى خۇددى ئاجرىشىپ كەتكەندەك، رەيھان خەقنىڭ خوتۇنى بولۇپ كەتكەندەك، بالىسىمۇ ساقلاندىغا ئايلىنىپ كەتكەندەك بولدى.
ئۇ ئاچچىق ھاراقنى قۇيۇپ بەرسە ئىچىپ، خوتۇن-بالىسىنى تاشلاپ كەلگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ  دەرت-ئەلەمدە تولغاندى. غېنى شاڭجاڭنىڭ رەيھان بىلەن تۈزگەن توختىمىنى، “خوتۇنۇڭغا چېقىلمايمەن، ئۆمەرنى قاماقتىن بوشىتىمەن” دېگەن  ۋەدىلىرىنى ئالدامچىلىق دەپ ئويلىدى،  ئەمما قايتا بارسا يەنىلا  غېنى شاڭجاڭ بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەك،  خوتۇنىنىڭ قولىدىن تارتىپ مېڭىشتىن ئاۋۋال  غېنى دېگەن شۇ  پور كۆتەكنىڭ بەدىنىدىن  دەسسەپ ئۆتۈشى كېرەك. غېنى تاز بوش ئادەم ئەمەس، رەيھانغا بۇرۇندىن كۆز تىكىپ كەلگەن ئادەم ئۇنى ئۇنداق ئاسان قويۇپ بەرمەيدۇ. “خوتۇن خەقنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا”، “چىرايلىقنىڭ ھەممىسى دۆت” دېگەننى غېنى تاز ئوبدان بىلىدۇ، شۇ كالتە پەملىك خوتۇننىڭ چېچىدىن تولاپ ئۆزىگە باغلىۋېلىشنىڭ يوللىرىنى پىششىق بىلىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن قاقۋاش تاز، جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك تاز، چىرايلىق خوتۇنلارنىڭ يۈزىنى ئەينەك قىلىپ ئۆز رەڭگىنى كۆرىدىغان تاز!  ياسىندەك شوركىلارنى دەريا بويىغا ئاپىرىپ سۇغارماي كېلىدىغان تاز، خەقنىڭ يۈرىكىنى كاۋاب قىلىپ يەپ، كۆز ياشلىرىنى  ھاراق بىلەن قوشۇپ پەيزى قىلىپ ئىچىدىغان تاز…
ياسىن زەرداپ بولۇپ ئولتۇرالماي قالدى، ئۆينى بىر دەمدە ئىسلاپ گۈلشەننى ئويغىتىۋەتتى.
__ قوپە ئەمدى، تەخەيدەك ياتماي!
__ نېمە ئىس بۇ ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ!…__ دېدى گۈلشەن كۆزىنى ئېچىپلا  تۇمۇشۇقىنى تۈرۈپ،__ ئەتىگەندىلا قوپۇۋاپسىزغۇ؟
__ سەت خاقىراپ ئويغىتىۋەتتىڭ، ئاغزىڭ شالدام…
__ مەنمۇ سىزمۇ؟  ئەتىگەندە سەت كۆرۈنۈپ قاپتىمەنغۇ ئەمدى؟!
__ دېگىنە، رەيھان نەدە؟
__ تۈنۈگۈن بېرىپ كۆرۈپ كەلگەنسىز ئۆزىڭىز…
__ ماڭا نېمىشقا دېمەيسەن؟ مېنى مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق قىلامسەن؟
__ مەن سىزنى ئەخمەق قىلاي دېمىدىم، رېستۇرانغا بېرىپ جېدەل تېرىشىڭىزدىن قورقتۇم…
__ يەنىچۇ؟
__ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقتۇم…
__ پاھ ما چىرايلىق گەپنى كۆرۈڭ، نېمە دېسەم گەپ دېگەن تەييار-دە!
__ ئىشقىلىپ، مەن سىزنىڭ خەق بىلەن خوتۇن تالىشىپ يۈرۈشىڭىزنى خالىمايمەن.
__ سېنىڭچە مەن شۇنداق قىلارمەنمۇ؟ غېنى شاڭجاڭ مېنى بىر نېمە قىلىۋېتەرمۇ؟
__ ئۇقمايمەن، ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزگە پەخەس بولۇڭ.
__ خوتۇننى خەققە تارتقۇزۇپ قويسام خوش بولامسەن؟
__ ئۆزىڭىز بىلىڭ.
__ سەنغۇ تىلەپ تۇرىسەن، خوتۇن خەقنىڭ ئىچى ئەزەلدىن تار.
__ سىزنىڭ ئىچىڭىز بەك كەڭمۇ؟ كەڭ بولسا خوتۇنىڭىزنى خەققە تاشلاپ بېرىپ يۈرىۋەرمەمسىز؟
__ ئاغزىڭنى يۇم، مەن ئۇنداق ھېجىقىز ئەمەس.
گۈلشەن يەنە ئاغزى ئىتتىكلىك قىلسا تاياق يەيدىغانلىقىنى پەملەپ، ھازىرلا يىغلىۋەتكۈسى كەلدى.
__ ئەتىگەندە ماڭا بۇنداق ھەيۋە قىلماڭ،__ دېدى ئۇ پەسكە چۈشۈپ،__ خوتۇنىڭىزنى ئەكىلەلمىسىڭىزمۇ ماڭا توۋلامسىز؟ خوتۇنىڭىزدىن ئالالمىغان ئاچچىقىڭىزنى مەندىن ئالامتىڭىز؟
__ ماڭا قاراپ گەپ قىل، سەن ئۇنى كۆرگەن ئادەم ماڭا نېمىشقا دېمەيسەن؟ بىر ھەپتىگىچىمۇ مېنى ئالدامسەن؟ بىر ھەپتىگىچە ئۇ خوتۇنغا بىر ئىش بولسا سەن ئىگە بولامسەن؟
__ خوتۇنىڭىزدىن چاتاق چىقسىمۇ مەندىن كۆرمەكچىما، توۋا ما گەپنى، بۇزۇلمايدىغان خوتۇن ئاي-يىللاپ بۇزۇلمايدۇ، بۇزۇلغۇسى كەلگەن خوتۇن بىر ئاخشامدىلا بۇزۇلىدۇ. ئۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ…
__ غېنى تازنىڭ دېيىشىچە، سەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپتىكەنسەنغۇ؟ بىر قىز بىللە تۇرۇپتىكەنغۇ؟
__ كۆرگىنىم راست، غېنى شاڭجاڭ مېنى كۆرسۇن دەپ ئەكىرگەن.
__ بۇ ئوغرى ئۆزىنى يېپىش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلغان گەپ، ئۇنىڭ كەينىدە بىر گەپ بار. سەن مۇشۇنى بىلىپ تۇرۇپ دېمەپسەن، غېنى تازمۇ ساڭا ھەيران قالدى. ھەممىدىن قاقۋاش، ھەممىدىن ئەسكىسى سەن بوپسەن..
__  نېمە دېسىڭىز دەڭ، مەن ئۆزەم توغرا دەپ قىلغان ئىشنى ھېچكىمدىن مەسلىھەت سورىماي قىلىۋېرىمەن. ئىشقىلىپ، ئۇ خوتۇنىڭىز سىزنى تاشلاپ كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭغا ئىشىنەمسىز-ئىشەنمەمسىز؛ يېنىڭىزغا ئەكىلەمسىز- ئەكەلمەمسىز،  چاتىقىم يوق.
__ كىچىك بولغىنىڭ بىلەن ئىلگىرىكىن يامان نېمىكەنسەن!__ دېدى ياسىن ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىچى تىتىلداپ.
__ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا چوڭ-كىچىك خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى يامان، ئەسكى، شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە جېنىڭىزنى بۇنداق قىينىغىچە ھەممىسىنى  تالاق قىلىپ قويۇۋەتسڭىز بولمامدۇ؟
__ ئوھ، ما گەپنى! خوتۇن بولماق تەس كەلدىما؟
__  بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز كىم چىدايدۇ؟! ئۇنداق ئەدەم باشتىلا شۇ خوتۇننى ياخشى كۆرىمەن دېسىڭىز بولمامدۇ؟ ھازىر ئەمدى ھەممە بالاغا مەن قالدىم، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا ئاچچىقىڭىزنى مەندىن ئالىسىز، ئەتە-ئۆگۈن تېخى ئۇرىدىغاندەكمۇ قىلىسىز. مەن سىزگە دەپ قوياي، توشقانمۇ ئاچچىقى كەلسە چىشلەيدۇ، ئەمدى مېنى بۇنداق بوزەك قىلىمەن دېمەڭ! __ گۈلشەن يىغلىمىدى، غەزەپلەندى، چۈنكى يىغلاپ پايدا ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدى.
__ ماقۇل، توشقان، ئەمدى چىشىڭغا تەگمەي، خېلى مۇلايىم توشقان ئىدىڭ، ئەمدى بىر دەمدە چىشى يولۋاسقا ئايلاندىڭ، بۇرۇن قىلغانلىرىڭ يالغانكەن، ئەمدى ئۇقتۇم، خوتۇن خەق ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق ساراڭكەن، تېخى غېنى تازنى ئالدامچى، قاقۋاش دەپ يۈرۈپتىمەن، خوتۇن خەق ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئالدامچىكەن…__ ياسىن ئېغىز-بۇرنىدىن چىقىۋاتقان تاماكا ئىسىغا ھەسرەت بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ قالدى.
شۇ كۈنى چۈشتە غېنى شاڭجاڭ ياسىننىڭ ئاشخانىسىغا قەدەم بېسىپ، ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇۋەتتى.
__ كەپقاپسەنغۇ؟__ دېدى ياسىن ئۇنىڭغا غەلىتە قاراپ.
__ كەلسەم بولمامدىكەن؟!
ياسىن ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۇنى جوزىغا باشلىدى، گۈلشەن، ھاشىملار پايپېتەك بولۇشۇپ كەتتى.
__ سېنىڭدەك ئايرىمخانام، ئېسىل ھارىقىم يوق، نېمە بولسا شۇنى ئىچىسەن!__ دېدى ياسىن قاپىقىنى تۈرۈپ، ئەگەر مەست بولۇشۇپ قالسا، مەشەدىلا ئۇنىڭ تاز بېشىنى يېرىۋېتىشنىمۇ ئويلىدى.
__ گەپ ھاراقتا ئەمەس، كۆڭۈلدە، ئارتۇق جۇۋاپ كەتمە.
سەي چىقماي تۇرۇپلا ياسىن بىر رۇمكا ھاراقنى قۇيۇپ بولدى، كۆڭلىدە “بۇ ھاراق ئەمەس، زەھەر بولۇپ قالسىچۇ…” دەپ ئويلىدى.
__ ھە دېگىنە، نېمىگە كەلدىڭ؟
__ سەندىن ئەنسىرەپ بولمامدۇ، كېچىدىن ساق كېلىۋالغانسەن؟
__ قۇرۇق گېپىڭنى قوي، تاماشا كۆرگىلى كەلدىم دېگىنە!
__ ئاچچىقىڭ تازا كەلدى-دە، كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن…__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ھاراقنى قولىغا ئېلىپ،__ تۈنۈگۈن گەپ تۈگەپ بولغىچە كاللاڭدىن كېتىپ قالدىڭ، بۈگۈن ئاخىرىنى دېيىشىمىز.
__ سەن كەلمىگەن بولساڭمۇ ئۆزەم باراتتىم…
__ يەنە شۇ ئاچچىقىڭدا مەست بولۇپ يېتىپ قالساڭچۇ؟!  شۇڭا بۈگۈن قېشىڭغا ئۆزەملا كەلدىم…
غېنى شاڭجاڭنىڭ مۇشۇنداق چاغدىمۇ چاقچاق قىلىپ ھىجىيىپ ئولتۇرۇشى ياسىنغا ھار كەلدى، شاڭجاڭنىڭ ئۇتتۇر چىشىنى تۆكۈۋەتكۈسى كەلدى.
__ سەن بەك ناچارلىق قىلىۋاتىسەن،__ دېدى ياسىن ئۇنىڭغا جىددىي تىكىلىپ،__ مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ مېنى قەستەن ئەخمەق قىلىۋاتىسەن…
__ سەن ئېسىل يىگىت، ئوغۇل بالا ئەركەك!__ دېدى غېنى شاڭجاڭ زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك،__ خوتۇنىنى كۈنلىمىگەن ئەرنى ئەر دېمەيمىز.  ئادەم تۇرماق، ھايۋان جېنىدا ئۆز جۇپتىنى كۈنلەيدۇ، پەقەت چوشقا ئۇنداق ئەمەس، چوشقا ھەرگىز كۈنلىمەيدۇ، قالايمىقان جۈپلىشىۋېرىدۇ، شۇڭا ئۇ نىجىس ھايۋان. بىز خەق خوتۇنىغا قاش ئاتقاننىمۇ يامان كۆرىمىز، بۇ جەھەتتىن سېنىڭ قىلغىنىڭ توغرا، مېنى ئۇرۇپ يەرگە ياتقۇزۇۋەتسەڭمۇ، سېنىڭ قىلغىنىڭىنى توغرا دەيمەن. بىراق، مەن خوتۇنۇڭغا يامان نىيەتتە بولۇپ باقمىدىم. خوتۇن قىلاي دەپ ئويلىغىنىم راست، لېكىن رەيھان بۇنىڭغا ھەرگىز ئۇنىمايدۇ. مېنىڭ شۇنىڭغا ئىچىم پۇشىدۇ، سەن ئۇنى شۇنچە خارلاپ تاشلىۋەتسەڭمۇ، ئۇ يەنىلا ساڭا تارتىشىدۇ، بىز مىڭ ياردەم قىلساقمۇ قاراپ قويمايدۇ…
غېنى شاڭجاڭ ھە دەپ سۆزلەۋاتقاندا ياسىن ئۇنىڭ چىرايىدىن سەمىمىيلىك، راستچىللىق ئىزدىدى، بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمىدى.
__  سەن رەيھاننى نېمە دەپ ئويلايسەن، جاھاندا خوتۇن بولار، ئۇنىڭدەك ئېسىل خوتۇن بولماس. ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغان ئادەمنىڭ ھەرگىز ئۇنىڭغا ئەسكىلىك قىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئەسكىلىك قىلىشقا بولىدىغان خوتۇننى بىز بىر قاراپلا بىلىۋالىمىز، قىچىقى باركەن دەيمىز،  كۆزىگە قاراپلا نىيەتنى بۇزىمىز، تومۇرىنى تۇتۇپ باقىمىز،  ئېپى كەلسە جۆندەيمىز، بىر بۇلۇڭغا سۆرەيمىز… سەن رەيھانغا ئىشەن، ئۇمۇ سېنىڭ ئىشەنچىڭنى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، بولمىسا ئاللىبۇرۇن ماڭا تېگىپ بولاتتى، ما گەپ چاقچاق-ھە.. خاتا چۈشۈنۈۋالما…
ياسىن ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ قويدى، بۇ تازدا ئىشەنچ يوق ئىدى، ئەگەر ياسىن چېكىنسە ئاندىن ئىشەنچى پەيدا بولاتتى.
__ تۈنۈگۈن سېنىڭ بارغىنىڭىنى رەيھان ئۇقتى،  ئەسلىدە ئۇنى يېنىڭغا باشلاپ كەلمەكچى بولغان، لېكىن ئۆمەر چىققىچە ساقلايمەن دېدى.  ئۆزىگە ئىشەنگەچكە تۇرۇپ قالدى، سېنىڭ يەنە خارلاپ قويۇشۇڭدىن ئەنسىرىگەچكە تۇرۇپ قالدى، قارىغاندا ئۇنى بەك بوزەك قىلىپسەن، ئۆزەڭگە ئىشەنگۈسىز قىلىۋېتىپسەن. ئۇ سېنىڭ گۇمانخورلۇقۇڭنى، مۇشتۇمزورلۇقۇڭنى ئوبدان بىلىدىكەن، قاچان مۇشۇ يامان ئادىتىڭدىن قول ئۈزسەڭ ئاندىن كېلىپ خىزمىتىڭنى قىلىدىكەن…
__ ئۇ سېنى ۋەكىل سايلاپ ئەۋەتتىما؟ مەندىن نېمىشقا قورقىدىكەن؟  مەن بىلەن نېمىشقا يۈز تۇرانە كۆرۈشەلمەيدىكەن؟
__ خوتۇن خەقنىڭ كۆڭلىنى نېمىشقا چۈشەنمەيسەن، يامانلاپ كەتكەن ھەر قانداق خوتۇننىڭ ئاچچىقى بىر-ئىككى كۈندە يانمايدۇ؛ بۇنداق چاغدا ئېرى ئەۋلىيا بولۇپ كەتسىمۇ، كېلىپ مېنى ئەكىتىڭ دېمەيدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ تېخى ھازىر سېنىڭ چىرايىڭنى كۆرگۈسى يوق، گېپىڭنى ئاڭلىغۇسى يوق. سېنىڭمۇ ھەم شۇنداق، ئاچچىقىڭ يانمىدى، خوتۇنۇڭنى كۆرسەڭلا غەزىۋىڭ تاشىدۇ، قاراس-قۇرۇس ئۇرۇپ بېرىسەن، شۇنىڭ بىلەن ئىش تېخىمۇ يامانلىشىدۇ، ئاڭغىچە تەخىر قىل، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتسۈن…
ئىككىسى ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ قىززىشىپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭ ئۆمەرنى چوقۇم ئېلىپ چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەردى.
__ مەن بۈگۈن ئاساسلىقى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كەلدىم، __ دېدى ئۇ قەددىنى رۇسلاپ،__ ھاراق دېگەننى ئالدىرىماي ئىچىۋالىمىز، ئەمدى ماڭا قايسى تۈرمە، شۇنى ئېنىق دەپ بەر. مەن تونۇيدىغان سوجاڭ  ئۇلارنىمۇ چوقۇم تونۇيدۇ.  يەنە ماۋۇ سېنى قارىغا قويغان تەتەي بىلەن مېنى كۆرۈشتۈرۈپ قوي، ئىشىنى ئۆزەم جۆندەيمەن...
__ بۇ شاۋچى پۇل دەيدۇ.
__ پۇل دېسىمۇ مەيلى، بۇ تەتەي مۇھىم، ئۇنىڭمۇ چوقۇم تونۇشلىرى بار، بولمىسا ئۇنداق ئاسان تۈرمىگە سولىتىۋېتەلمەيدۇ، يولنى ئاسانراق ماڭىمىز.
__ مۇشۇ ئۇدۇلدىكى پاھىشىخانىغا كىرسەڭ بولىدۇ…
__ ئەمىسە مەن ماڭاي، شۇ يەردىن ئۇدۇللا كېتىمەن، ئۇزۇتۇپ چىقما.
__ تەتەيخان بىلەن بوپ كېتىپ، يېتىپ قالساڭ كارىم يوق.
__ ھە … ما گۇينى، مېنى دائىم ئۆزەڭدەك بۇزۇق چاغلايسەن-دە…
ياسىن ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي غېنى شاڭجاڭنى مەمنۇنىيەت، چاقچاق بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغىنىنى ئويلاپ، غەلىتە بولۇپ قالدى. بوتۇلكا بىلەن كاللىسىنى يارىمەن دېگەن خىياللىرىمۇ بىر ياقتا قالغانىدى. “ھەممىنى قىلغان مۇشۇ ھاراق…كاللىنى ساراڭ قىلغانمۇ مۇشۇ ھاراق، ئاۋۋال ساز، ئاندىن ماز قىلغانمۇ مۇشۇ ھاراق…”  دەپ ئويلاپ، يېرىم قالغان بوتۇلكىغا بىچارىلەرچە  قاراپ قويدى.
ياسىن  بۇنداق ياشىغاندەك قىلغان بىلەن كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدە  قەدىناس خوتۇنىغا ھەم بالىسىغا تارتىشاتتى، ھەر ئاخشىمى “كىچىك خوتۇنى”دىن نەپسى قانغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ، ئىچى پۇشۇپ ياتاتتى، تاماكىنى ئۇلاپ-ئۇلاپ چېكەتتى.  بىر چەتتە مۈشۈكتەك ياتقان گۈلشەنگە قاراپ، بۇنىڭدىنمۇ بىر كۈنلەردە زېرىكىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭغا كۆرە، رەيھاننىڭ جاھىللىقى، تەرسالىقى بۇ ئائىلىدىكى چۈشىنىش ۋە ھېسسىياتقا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، ياسىن بۇ ۋەزىيەتنى ھامان ئوڭشايدىغاندەك، بۇنىڭغا ئىقتىدارى يېتىدىغاندەك ئىشەنچتە ئىدى. گۈلشەنمۇ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ، رەيھاننىڭ كۆڭلىنى كۆپرەك ئېلىشنى تەۋسىيە قىلاتتى، ھەتتا بىر كۈنى“يېنىمغا كۈندە كېلىۋەرسىڭىز رەيھان ھەدەمنى قانداق قايىل قىلىسىز، ئۇمۇ ئايال كىشى، كۆڭلىنى چۈشىنىڭ، بېرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىڭ” دېدى، ياسىن شۇنداق قىلماقچى بولدى، بىراق رەيھاننىڭ مۇزدەك چىرايىنى كۆرۈپ جەھلى قېتىپ، رايىدىن يېنىپ، يەنە گۈلشەننىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. گۈلشەن “بۈگۈن يەنە كەپسىزغۇ، مەنغۇ سىزنى كۈندە كەلسىكەن دەيمەن، ئەمما رەيھان ھەدەمگىمۇ ئۇۋال-دە، ئۇنىڭدىن قورقامسىز يا؟! ئەمىسە نېمىشقا گەپ قىلالمايسىز” دەپ ئەركىلەپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى . ياسىن ھارغىنلىق، روھسىزلىق ئىچىدە گۈلشەننى پوكىنىغا بېسىپ “ چوڭ خوتۇننىڭ ھەيۋىسى، كىچىك خوتۇننىڭ جىلۋىسى يامان دېگەننى ئۇقمامتىڭ” دەپ مەنىسىز ھىجىيىپ قويدى.
ئۇنىڭغا ئايان ئىدىكى،  كۈنلىرى مۇشۇنداق ئۆتۈۋەرسە رەيھان بىلەن بالىسىدىن  بارغانچە يىراقلىشىپ، ئۆزى ئويلىغان تۇرمۇشقا ئېرىشەلمەيتتى. ئۇ بىرىگە ئېرىشىپ بىرسىدىن قۇرۇق قېلىشنى خالىمايتتى، ئەمما ھەر ئىككىسىگە تەڭ ئېرىشىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىۋاتاتتى،  “ھەر ئىككى خوتۇننىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن ئەرلەر قانداق بەختلىك ئەرلەردۇر؟” دەپ ھەسرەتلىنەتتى، ئەسلىدە “رەيھان مېنى چوڭ بىلسە ھەر قانداق ئىشىمغا ياق دېمەيدۇ” دەپ ئۆزىگە ئىشەنگەنىدى، ئەمما رەيھان ئۇنى چوڭ بىلمىدى، بەلكى پەس كۆردى،  “سەن بۇنداق ياشاشقا لايىق ئەمەس، ھالىڭغا بېقىپ ئىش قىل” دېدى،  بۇ گەپتىن ياسىننىڭ غۇرۇرى غۇلاپ چۈشۈپ، رەيھاننىڭ چىن سۆيگۈ-ساداقىتىدىن قاتتىق گۇمانلاندى، غەزەپلەندى، “ قانداق قىلاتتىڭ، مەن مۇشۇنداق ياشايمەن، ساڭا ئۆزەمنى كۆرسىتىپ قويىمەن” دەپ ئۇنى كۈن-كۈنلەپ قىينىدى،“ ئېرىنى سۆيمەيدىغان، ئېرىگە بويسۇنمىغان  بۇنداق خوتۇنغا ئىچىمنى ئاغرىتىپ قانداق قىلاي” دەپ كارى بولمىدى.
ھېلىقى كۈنى  ئۇ  گۈلشەننى ئاشخانىغا باشلاپ بېرىپ رەيھاننى تېرىكتۈرۈپ قويۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى خىرە-شىرە ھېس قىلدى، ھۇجرىسىغا قاراپ قويغاندا ئۇخلاۋاتقان ئوغلىنى قۇچاقلاپ تۈگۈلۈپ ياتقان رەيھان ئېسىدىن پەقەت كەتمىدى.  سەت كۆرۈنۈپ كەتكەن چىرايلىق خوتۇنى بىلەن بىللە بولمىغىنىغا، بالىسىنى ھەقىقىي ئىچ كۆيەرلىك بىلەن ئەركىلىتىپ ئويناتمىغىنىغا نەچچە زامانلار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلىدى.
ئەمما  ئۇ “ كىچىك خوتۇنى”نىڭ قوينىغا شۇنچىلىك كۆنۈپ قالدىكى، ھەر كۈنى ئىشنىڭ ئوڭىيىغا قېچىپ شۇ ياققا كېتىۋالدى. رەيھاننىڭ يوشۇرۇن جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن تۈزۈۋاتقان پىلانلىرىدىن خەۋەرسىز قالدى، ياكى بۇ قەلئەدەك مۇستەھكەم خوتۇنىنىڭ قوينىغا كىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىدى، بىرەر ئېغىز قاتتىق ياكى تاتلىق گەپ بىلەن بۇ خوتۇنىنىڭ پىلانىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلالمىدى. خوتۇنىنى تاشلاپ قويۇۋەرسە ئىش ھەل بولىدىغاندەك خاتا ئويلىدى، باشقا ھەل قىلىش چارىسىنى ھەم تاپالمىدى؛ شەھۋەتپەرەسلىك، مەيلىخۇشلۇققا  كۆنۈپ قالغانچە تۇرمۇشتىكى جىددىي مەسىلىلەرنى قايرىپ قويۇپ، ئۆز نەپسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى؛  رەيھانغا گەپ قىلسا، رەيھانغا باش ئەگسە خۇددى شەھۋەت ئۈچۈنلا باش ئېگىدىغاندەك، بۇنى رەيھان ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغاندەك ئويلاپ،  بۇ نىيەتلىرىدىنمۇ ۋاز كەچتى.
ئادەتتىكىچە ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنى تىنچ ئۆتۈۋاتىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ئۆستەڭنىڭ سۈيى قارىماققا تىنچ ئاققان بىلەن سۇنىڭ ئاستىدىكى دولقۇن، شاۋقۇنلارنى، لاي-لاتقىلارنى، ئەخلەت-چاۋارلارنى كۆرەلمەيسىز.  بىر ئادەمنىڭ چىرايىدىكى تەمكىنلىك، خاتىرجەملىكنى كۆرۈپ بۇ ئادەمنىڭ كۈنلىرى ئوبدانكەن، غېمى يوقكەن  دەپ قالماڭ، ئۇنىڭ روھى خۇددى ئۆستەڭنىڭ تېگىدىكى قۇم-توپىلارنى ئاقتۇرۇپ كېتىۋاتقان لاي سۇغا ئوخشايدۇ، ئۆمۈر مەنزىلى مۇشۇنداق دوۋالغۇشلار، سلكىنىشلەر، گاھى تۈز، گاھى ئەگرى قېيىشلار بىلەن داۋاملىشىدۇ…
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، ئەر خوتۇنىنى، خوتۇنمۇ ئېرىنى زادىلا تونۇيالماي قالىدۇ، نەچچە يىل ئۆي تۇتۇپمۇ  خۇددى تۈنۈگۈن تونۇشۇپ كارىۋاتقا چىقىپ ئەتىسى خوشلاشقانلاردەك بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ، كېيىن دوقۇرۇشۇپ قالسىمۇ تونۇماس بولۇپ ئۆتۈپ كېتىشىدۇ. مانا بۇ  ھاياتتىكى چىدىغۇسىز يەڭگىللىك…
رەيھاننىڭ سەۋر-تاقىتى چېكىگە يەتكەن، بىر قارارغا كېلىپ بولغان كۈنى ئاخشىمى ياسىن يەنىلا قەدەملىرىنى توختىتىش مۇمكىن بولمايدىغان نوچىلىق، بىپەرۋارلىق،  تېتىكلىك بىلەن ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى ۋە ئۇدۇلدىكى ساتراچ قىزلارغا كۆز تىكتى،  بۇ سېرىق پۇتلار گۈلشەننىڭ پۇتلىرىدىنمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. شەھۋەت ئۇنى لەيلىتىپ مەست قىلغاچقا لاۋبەن سەتەڭگە بولغان ئۆچمەنلىكىمۇ بۇرۇنقىدىن پەسىيىپ قالغانىدى، ھەتتا نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ شاپاققا تېيىلغان ئىنىسىنىڭ دۆتلۈكىنى ئامالسىزلىق دەپ چۈشىنىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى.
ئۇ “ئۇزاققا سوزۇلغان شىرىن ئاي”نىڭ يەنە بىر  كېچىسى ئۆتكۈزۈپ، ئەتىسى ئاشخانىغا ۋاقچە كەلدى. ساۋۇت بىلەن ھاشىممۇ چاپاقلىرىنى ئۇۋىلاپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. رەيھان خېلىغىچە چىقمىغاندىن كېيىن ياسىن ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۆڭسىلى ئۆچكەن ھالدا يېنىپ چىقتى.  رەيھانغا  تېلېفون قىلدى، ئەمما ئېتىك چىقتى. ساۋۇت بىلەن ھاشىمدىن سورىدى، ئۇلارمۇ ھەيران قېلىشتى.  ياسىن بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە ئىشەنمىگەندەك، ھۇجرىغا قايتا كىرىپ، رەيھاننىڭ نەرسىلىرىگە قاراپ باقتى، ئۇنىڭ ئازراق كىيىم-كېچىكى قالغاندىن باشقا، ئوغلىنىڭ كىيىملىرىنىڭ ھەممىسى يوق تۇراتتى، چاماداندىن بىرسى ئازلىغانىدى.
ـــ ئۇ سىلەردىن پۇل سورىغانمۇ؟ــ دېدى ياسىن ئاشخانىغا قايتىپ چىقىپ.
ساۋۇت بىلەن ھاشىم خۇددى ئېغىر ئەھۋالدا قالغاندەك بىر جوزىغا كېلىپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ كۇسۇلدىشىپ تۇراتتى. ياسىننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر ئېغىزدىن “ياق” دەپ جاۋاب بېرىشتى.
ـــ سىلەرگە بىرەر گەپ قىلغانمۇ؟
ـــ ياق، ھېچنېمە دېمىگەن…ــ دېدى ساۋۇت.
ھاشىم سۈكۈت ئارقىلىق بۇ گەپنى تەستىقلىدى ۋە ياسىننىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خوش بولدى. ياسىن “خوتۇنۇمغا نېمىشقا قاراپ قويمايسىلەر!” دېيەلمەيتتى، ئۆز خوتۇنىغا ئۆزى ئىگە بولالمىغان ئادەمنى ئەر كىشى دېگىلى بولاتتىمۇ؟
ــ تۈنۈگۈن مەن كەتكەندە بارمىدى؟
ــ بار ئىدى، ــ دېدى ھاشىم ياسىنغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان قىياپەتتە، ــ ھەر قانچە بولسا كېچىدە بىر ياققا ماڭماس، ئەتىگەندە بىز ئۇخلاپ قالغاندا چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.
ياسىن ئەنسىزلىك ئىچىدە ھەر خىل تەخمىنلەرنى قىلىپ باقتى، رەيھان ئىززەت-نومۇسىنى بەك چوڭ بىلىدىغان خوتۇن،  ھەرگىز كېچىسى قېچىپ ماڭمايدۇ؛ ئەمما ئۇ ھەم ئېھتىياتچان خوتۇن، كۈندۈزى مېڭىپ بۇلارغا كۆرۈنۈپ قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئەمىسە ئۇ قاچان كەتتى، نەگە كەتتى؟ بارسا يۇرتقا بارىدۇ، لېكىن قانداق ماڭدى؟ نەدىن پۇل تاپتى، ئۇنىڭغا كىم ياردەم قىلدى؟ غېنى شاڭجاڭمۇ؟
ياسىن سىرتقا چىقىپ، ھەر قانداق قىيىن ئىشقا ئۇچرىسا غېنى شاڭجاڭغا دەيدىغان ئادىتى بويىچە شاڭجاڭغا تېلېفون ئالدى، ئەھۋال سورا-سورىمايلا جىددىيلىشىپ نەق گەپنى دەۋەتتى:
ـــ ماڭا قارا، ئەتىگەندە ساراڭدەك بىر ئىش يۈز بەردى،  خوتۇنۇم يوقاپتۇ، ساڭا بىر گەپ قىلغانمىدى؟ سەندىن پۇل سورىغانمىدى؟!…
ـــ خوتۇنۇڭ نېمىشقا يوقاپتۇ؟
ـ ۋاي، ئارتۇق گەپنى قوي،  مەن سەندىن سوراۋاتىمەن، ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇرغانمىدىڭ؟
ـــ سەن ئېرى تۇرۇپ ئۇنىڭغا پۇل بەرمىگەنمىدىڭ؟!
ـــ ئا… ئادەم بىلەن تولا چېقىشما ئاكا، گېپىمگە جاۋاب بەرگىن.
ـــ مەن خوتۇنۇڭغا پۇل بېرىپ تۇرمىغان.
ـــ ئەمىسە ئۇ نەگە كېتىدۇ؟!
ــ بۇنى مەندىن سورايسەنغۇ ،  ئوبدانراق ئىزدەپ باق، ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ قالار.
غېنى شاڭجاڭ تېلېفونىنى بېسىۋەتتى، ياسىن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن، تەلەپپۇزىدىن گۇمانلاندى.  ئاشخانىغا كىرىپ ئورۇندۇقنى بىر چەتكە سۈرۈپ، ئاچچىق بىلەن تاماكا تۇتاشتۇردى، چاقماق تۇتقان قوللىرى تىترەيتتى.  ئۇ ئاچچىق ئىسنى ئىچىگە تارتىپ، خوتۇنىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەن قىمارۋازدەك  سالپىيىپ، سەپرالىشىپ، ھەممە نەرسىگە ئۆچى باردەك ئالىيىپ قارايتتى. ساۋۇت بىلەن ھاشىم ئۇنىڭ يېنىدا تۇرالماي، قازان بېشىغا كىرىپ كېتىشتى.
ئۇ چۈشكىچە قويغان-تۇتقىنىنى بىلمەي ساراڭدەك يۈردى، ھۇجرىغا  نەچچە قېتىم كىرىپ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ئىككى يانغا قارىدى،  ئۆينىڭ ھەر بۇلۇڭىغا غەزەبلىك تىكىلدى، “بۇ ساراڭ ئېلىشىپ قاپتۇ، خوتۇن خەق دېگەن ئەسلىدىلا ساراڭ، ھەر قانچە بولسىمۇ بۇنداق قىلامدۇ؟ مۇشۇنداق قىلىپ ھەممىنى ۋەيران قىلماقچىمۇ؟ ئەمدى كۆڭۈل ئايايدىغان يەر قالماپتۇ…” دەپ ئويلىدى. تېپىۋالسا ئۇرىۋېتىدىغاندەك ھاسىرىدى، قوللىرى قىززىدى. بىراق ئۇنى ئۇرغان بىلەنمۇ نېمە پايدىسى؟  ئۇرۇپ بويسۇندۇرۇپ بولالامدۇ؟ رەيھان ئۇ ئەپتىدە تاياققا بويسۇنىدىغان خوتۇن ئەمەس.  چۈنكى ھەممە خوتۇن بىلىدۇ، ھازىر  دېگەن خوتۇن خەقنى ئۇرۇپ قۇل قىلىدىغان زامان ئەمەس.  ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قويۇۋەتكىنى تۈزۈك. رەيھاننىڭ بۇ يەردىن كېتىشى “مېنى ئەمدى خوتۇن قىلالمايسەن، مېنى ئەركىمگە قويۇۋەت” دېگىنى ئەمەسمۇ؟! ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئېرىدىن ئۆچ ئالغۇسى بار،  ئېرىگە خىيانەت قىلغۇسى بار،  نېمە كۆرسەم كۆرەي دەپ بۇزۇلۇپ كەتكۈسى بار!…  شۇنداقمۇ قىلارمۇ؟  ياسىن بۇنى ئويلاپ چۆچۈپ كەتتى، ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغاندى، كۆزلىرى قورقۇنچتىن چەكچەيدى.
ئۇ “ئىككى خوتۇنۇم بار، ئىككىلىسى ھامان ئاستىمدا ياتىدۇ” دەپ ئويلاپ كەتكەنلىرىنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدى، بىرىگە ئېرىشسە يەنە بىرىگە ئېرىشەلمەيدىغان بىتەلەي ئەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئەمما زادىلا  تەن بەرگۈسى كەلمىدى. ئەجىبا رەيھاننىڭ بۇزۇلۇپ كەتكۈسى كەلدىمۇ؟  ئېرىنى كەمسىتىپ، مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدىمۇ؟  بۇ خوتۇننى ئەمدى بۇرۇنقىدەك خوتۇن قىلالمىسا، قويۇپ بېرىشكە تېخى چىدىمىسا، ئەمىسە قانداق قىلىدۇ؟ …
گۈلشەندىن نەچچە قېتىم تېلېفون كەلدى، ياسىن ئۈچىنچى قېتىم تېلېفوننى ئېلىپ خوشياقماسلىق بىلەن قۇلىقىغا ياقتى.
__ تېلېفون ئۇرسام نېمانداق ئالمايسىز؟
__ ئاڭلىماي قاپتىمەن، ھە، دېگىنە، نېمە گېپىڭ بار؟
__ نېمانداق گەپ قىلىسىز، نېمە بولدى سىزگە؟
__ ما گۇينىڭ خوتۇنى قېچىپتۇ، بالامنى كۆرەلمەي غەزىۋىم تېشىپ ئولتۇرىمەن.
__ نەگە قېچىپتۇ؟
__ قاچسا ماڭا دەپ قويۇپ قاچامتى، بېشىمنى تولا ئاغرىتما، گېپىڭ بولمىسا خوش.
__ توختاڭ، بىر دەمدە ئەمدى چوڭ خوتۇنىڭىز تەرەپكە ئۆتۈۋالدىڭىزغۇ؟!
__ سېنىڭمۇ ئەمدى كىچىك تىلىڭ چىقىۋاتىدىغۇ!
__ كۈنلىسەم بولمامدىكەن؟ مەنمۇ سىزنىڭ خوتۇنىڭىز.
ياسىن  بۇ گەپتىن جىلە بولۇپ، ھېچ ۋاقىتتا كۆرۈلمىگەن بىر سوغۇققانلىق ئىچىدە ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدى.
__ مەن بىلەن تولا چوقۇشما، ئىشىڭ بولمىسا ئىشقا چىققىن.
__ شۇ، يولدا كېتىپ بارىمەن، سىزنى ئەسلەپ تېلېفون قىلسام،  كۆڭلۈمنى بەك يېرىم قىلدىڭىز.
__ بالام يوقاپ كېتىپ كاللام جايىدا ئەمەس، بۇنداق چاغدا ماڭا گەپ خوشياقمايدۇ.
__ بوپتۇ، ئەمىسە، خوتۇن-بالىڭىز مەندىن مۇھىم بولغاندىكىن…__ گۈلشەن خاپا بولۇپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى، ياسىن “بۈگۈن نېمە بولدى بۇ ساراڭغا” دەپ ئاچچىق كۈلدى. ئىشەنگەن خوتۇنى قېېچىپ كەتسە، كۈنلىمەيدىغان خوتۇنى كۈنلىسە… بۇ جاھاندا خوتۇن خەققە ئىشەنمەي ئۆتۈپ كېتىدىغان گەپمۇ!
رەيھاننىڭ بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماي كەتكىنى ئەمەلىيەتتە ئېرىنى كېرەك قىلمىغىنى، ئۇنى بۇ دۇنيادا ئۆلدىگە چىقىرىۋەتكىنى بولماي نېمە؟  پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەر تۇرۇپ  بۇ  ئېغىر زەربىنىڭ ئازابلىرىغا قانچە كۈن چىداشلىق بېرە، بۇ ھاقارەتنى قانچە كۈن  كۆتۈرۈپ يۈرەر؟… ياسىن ئىچ-ئىچىدىن ئاچچىققا تولۇپ ئاشخانىغا  چىقتى، كاۋابداننىڭ يېنىغا كەلدى، ئولتۇرۇپ باقتى، قوپۇپ باقتى،  رەيھان خۇددى بىر يەردىن پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك  تالاغا   قاراپ باقتى، ئاچچىق تاماكىنى قاتتىق شوراپ، قېقىلىپ يۆتەلدى، كۆزىدىن ياش چىقتى، ئەمما بۇ ھەرگىز پۇشايمان يېشى ئەمەس ئىدى…
ئاشخانىغا ئادەم كىرىشكە باشلىدى، ئېغىر خىيالغا پېتىپ كەتكەن ياسىن خېرىدارنى كۆرۈپ تەمتىرەپ قالدى، بۇ ئاشخانا ئەمەسمىدى؟ قېنى كۈتكۈچى؟  ئۇ  تاماكىسىنى تاشلاپ چاي دەملەشكە ماڭدى، بۈگۈن بىر كۈن مۇشۇنداق پالاقلاپ ماڭىدۇ، تاماق توشۇيدۇ، قاچا يۇيىدۇ… ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، كەيپىياتى قەدەمدە بىر ئوساللىشىپ، بىر قاچىنى ئورنىدىن يۆتكىمەي تۇرۇپ ماغدۇرىدىن كەتتى… گۈلشەنگە تېلېفون قىلدى:
ـــ ئىشىڭنى تاشلاپ ما ئاشخانىغا كەل!
ـــ نېمە ئىش بولدى؟
ـــ كەل دېگەندىكىن كەلمەمسەن!
ـــ ئادەمگە ۋاقىرىماڭە ئۇنداق، مېنى مالايدەك كۆرىسىز-ھە سىز!
ـــ ئەتىگەندە مېنى جىلە قىلماي ئىتتىك كەل.
ـــ ئەتىگەن ئەمەس، چۈش ھازىر، مەنمۇ تېخى ھازىر كەلدىم، بىر دەم دېمىمنى ئېلىۋالاي.
ـــ دېمىڭنى ئالغاچ  ئەتراپىڭغا بىر قاراپ باقە، رەيھان كۆرۈنەمدۇ؟
ـــ كاللىڭىز شۇنىڭدىلا  قاپتۇ-دە، ئۇ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟
ـــ قاراپ باق دېگەندىكىن قاراپ باق!
ـــ ئۆزىڭىز كېلىپ ئىزدەڭ.
ـــ سېنىڭمۇ ساراڭلىقىڭ تۇتتىمۇ ئەمدى؟!
ـــ كىم ساراڭكەن! ــ دېدى گۈلشەن تەرىنى تۈرۈپ زارلىنىپ، ــ خوتۇنىڭىز يوقاپ كەتسىمۇ مەندىن كۆرەمتىڭىز؟!
ياسىن ئاچچىقتىن پىقىراپ كەتتى، ئاندىن ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئاۋزىنى پەسلەتتى:
ـــ ئۇنداق قىلماي ئىزدەپ باققىن، ھازىر قولۇم بىكار ئەمەس.
ـــ ماقۇل، مەن قاراپ باقاي، لېكىن مېنى ئۇنداق پەس كۆرۈپ توڭ گەپ قىلماڭ!
ـــ ماقۇل خوتۇن، بۇندىن كېيىن ئوڭ گەپ قىلاي… ـــ دېدى ياسىن ۋە تېلېفونىنى غەزەپ بىلەن بېسىۋەتتى.
گۈلشەن روھسىزلىق بىلەن ئورنىدىن قوپۇپ باشقا قىزلار بىلەن تەڭ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى، بۇ يەردە رەيھاننى ئىزدەشنىڭ ئەخمىقانە، بىھۇدە،  كۈلكىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلىغاچ، ئۇ ياق-بۇياققا مېڭىپ، ئايرىمخانىلارغا قاراپ چىقتى. “ياسىننىڭ كاللىسى شۇ خوتۇنىنىڭ دەردىدە ئېلىشىپ قاپتۇ، ئەگەر مەن بىر كۈن يوقاپ كەتسەم مېنىمۇ شۇنداق ئىزدەرمۇ؟…” دەپ ئاچچىق خىيال سۈردى.
بىر چاغدا غېنى شاڭجاڭ رېستۇراندا پەيدا بولۇپ گۈلشەننى ئالدىغا چاقىردى، شاڭجاڭنىڭ ئىپادىسى باشقىچە ئىدى، “بۈگۈن سىز كۈتكۈچىلىك قىلماڭ، قىلىدىغان ئازراق ئىشىڭىز چىقىپ قالدى، مەن بىلەن مېڭىڭ” دەپ ئۇنى باشلاپ رېستۇراننىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ، كەينىدىكى بىناغا ماڭدى، غېنى شاڭجاڭ بۇ بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن ئىككى يۈرۈش ئۆينى ئىجارىگە ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجى بويىچە خالىغانچە پايدىلىناتتى. بۇ ئۆيلەر گۈلشەنگە تونۇش ئىدى، باياتىن رەيھاننى ئىزدەۋاتقاندا  بۇ ئۆيلەر  يادىغا يەتكەن بولسىمۇ كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان، مانا ئەمدى شاڭجاڭ بۇنىڭغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتاتتى. گۈلشەن بۇ يەردە چوقۇم بىر “ئىش” بارلىقىنى بايقاپ ئۈلگۈردى، شاڭجاڭنىڭ ئارقىسىدىن ماراقچىدەك ئىتتىك ماڭدى. غېنى شاڭجاڭ  بىنانىڭ بىرىنچى ئىشىكىدىن كىرىپ،   ئوڭ تەرەپتىكى ئۆينىڭ “مۈشۈك كۆز” ئورنىتىلغان ئىشىكىنى چەكتى. ئىشىكنى ئاچقان قىز غېنى شاڭجاڭ ۋە كەينىدىكى گۈلشەنگە قاراپ شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى. گۈلشەن ئۆيگە كىرىپلا سالوندىكى سافادا بالىسى بىلەن بىللە تېلىۋىزورغا قاراپ ئولتۇرغان رەيھانغا قاراپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى، قورقۇنچتىن پۇتلىرى تىترىدى، ئەمما ئۆزىنى دەررۇ ئوڭشىۋالدى: قورققىدەك نېمە بار ئىدى، ئۇ ياسىننىڭ چوڭ خوتۇنى بولسا، گۈلشەن كىچىك خوتۇنى، غېنى شاڭجاڭمۇ  بۇنى ئوبدان بىلىدۇ.  ئېرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى ئۇ ئېرىدىن كۆرسە بولىدۇ، يا ئۆزىدىن كۆرسە بولىدۇ، گۈلشەندە نېمە گۇناھ!؟  ھەر قانچە بولسىمۇ بۇ يەرگە بېشەملىك قىلغىلى كەلمەس، شۇنداقمۇ قىلارمۇ؟   گۈلشەننىڭمۇ ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرى بار، تىللاشسا تىللىشىدۇ، ئۇرۇشسا ئۇرۇشىدۇ…
ئۇ رەيھاننىڭ  بۇ يەرگە كېلىۋالغىنىدىن تېخىچە ئەجەبلىنىۋاتاتتى، بىچارە خوتۇن  ئاچچىقىغا پايلىماي ياسىننى تاشلاپ غېنى شاڭجاڭ بىلەن تېپىشىۋالغانمىدۇ؟ كېچىدىن ئىككىسى بىللە ياتقانمىدۇ؟ شۇنداق قىلغان بولسا ئەمدى تۈگەشتى دېگەن گەپ ، ياسىن ئۇنى ئاشقان تاماقتەك تاشلىۋېتىدۇ،  گۈلشەننى بولسا ئىشتىھا بىلەن “يەۋېرىدۇ”… بۇنىڭغا بۇ خوتۇن چىدامدۇ؟ چىدىمايدىغان ئادەم نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدۇ؟! بۇنداق قىلسا ياسىننىڭ ئۆزىنى كېرەك قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟!
رەيھانمۇ گۈلشەننى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، كۆزلىرىدىن نەپرەت، يىرگىنىش ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى، ئاندىن غېنى شاڭجاڭغا ھەيرانلىق ۋە نارازىلىق بىلەن قاراپ:
__ بۇ بىر نېمىنى نېمىشقا ئەكىردىڭىز؟ مېنى قەستەن تېرىكتۈرەي دەمسىز، ئاپىرىڭ، بۇ بىر نېمە بېرىپ ياسىننىڭ يۇندىسىنى ئادالىسۇن، كۆزۈمدىن ھازىرلا يوقىتىڭ!__ دېدى.
گۈلشەن غېنى شاڭجاڭغا بۇيرۇق قىلغۇدەك بولغان بۇ “ئاچىسى”نىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ، ئاچچىقتىن تولغىنىپ كەتتى،  بىر نېمىلەرنى دەي-دەي دەپ ئاغزىنى مىتىلدىتىپ تۇرۇپ قالدى.
__ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئۆزگەرمەس تەمكىنلىكى بىلەن،__ گۈلشەن مېنىڭ خىزمەتچىم، قانداق ئىشلەتكۈم كەلسە شۇنداق ئىشلىتىمەن. بۇ ئۆي نەچچە ۋاقىتتىن تازىلانماي تۇرۇپ قالدى، ئامانگۇل يېتىشىپ بولالمايدۇ، گۈلشەن قىزلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن چاققان، شۇڭا ئىشلىرىڭىزغا قارىشىپ بەرسۇن دەپ ئەكىردىم، ھەرگىز باشقا مەقسەت يوق.
__ باشقا قىزلارمۇ جىققۇ، بۇنى كۆزۈم كۆرمىسۇن…
گۈلشەن ئىچىدە “خەپ” دېدى،  قورسىقى قاتتىق ئاغرىغاندەك تۈگۈلۈپ ئاران چىدىدى، ئۆزىنى ئوسال ئەھۋالدا قويغان شاڭجاڭدىن ئاغرىندى، ئەمما شاڭجاڭ بۇ يەرگە ئۇنى باشلاپ كىرمىسە بۇ مەخپىيەتلىكنى قانداق بىلىپ، ياسىنغا قانداق دوكلاپ قىلالايتتى؟! كىرگەندىكىن ھەممىگە چىداش كېرەك، شاڭجاڭ چىقىپ كەتكەندە ئوبدان دېيىشىۋالىدۇ…
__ باشقا قىزلار گۈلشەندەك پاكىز ئەمەس،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ يۇمۇر سۆزلەۋاتقاندەك،__ بۇنىڭدەك قىلالمايدۇ. مەن ئادەم ئىشلىتىشتە ئەزەلدىن خاتالىشىپ باققان ئەمەس.
رەيھان ئەمدى  بەرىبىر غېنى شاڭجاڭنىڭ گېپىىگە ھۆرمەت قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئامالسىز تۇرۇپ قالدى، شاڭجاڭ مەقسەتسىز ئىش قىلمايتتى، ياسىنغا رەيھاننىڭ نەدىلىكىنى، بىخەتەر تۇرۇۋاتقانلىقىنى، كېچىدىن ئامانگۇل بىلەن بىللەن ياتقانلىقىنى گۈلشەننىڭ شاھىدلىقى ئارقىلىق بىلدۈرمەكچى ئىدى، رەيھان بۇنى دەرھال چۈشەندى، كۆڭلى ئېچىلدى.
__ سىز ھۇجرىڭىزغا كىرىپ بالىڭىز بىلەن ئارام ئېلىڭ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ چىقىپ كېتىش ئالدىدا،__ ئۆينى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئامانگۇل سىزگە تاماق ئېتىپ بەرسۇن، بۇ قىز  ئۆي تامىقىغا ئۇستا؛ گۈلشەن بالىڭىزنىڭ ئىشتان-پايپاقلىرىنى يۇيۇپ بەرسۇن، ئۆزەم يۇيىمەن دەپ جاپا چېكىپ يۈرمەڭ، ھېلىمۇ كۆپ جاپا تارتىپ كەتتىڭىز. ئەمدى بىر ئوبدان كۆرۈشكەندىكىن چىرايلىق مۇڭدىشىپ، ئاچا-سىڭىلدەك  ئۆتۈڭلار. كونا خاماننى سورۇپ سوقۇشۇپ يۈرسەڭلار سەت تۇرىدۇ، بىر ئەرنى دەپ ئۇنچىلىك قىلىش ئەرزىمەيدۇ،  يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىسىلەر،  ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزەڭلار…  بۇ گېپىمنى ئوبدان ئويلىنىڭلار.
غېنى شاڭجاڭ سالماق قەدەم تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، رەيھان ئوغلىنى ئېلىپ ئىچكىرىكى ھۇجرىغا كىرىپ كەتمەكچى بولىۋىدى، ئوغۇلچاق تېلىۋىزوردىكى قوچاق فىلىمغا قاراپ ماڭغىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالدى، رەيھان تېلىۋىزورنى ئۆچۈرۈۋەتتى، بالىسى يىغلاشقا باشلىدى. بۇ يىغا-زارىدىن تېخىمۇ كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولدى. ئامانگۇل بۇ ئىككەيلەننىڭ ياسىن توغرۇلۇق زىددىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، گەپتىن قېچىپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكنى يېپىۋالدى.
__ مەيلى، كۆرگىلى قويۇڭ، زورلاپ قانداق قىلىسىز؟ __ دېدى گۈلشەن جان كىرىپ قالغان يىلاندەك تولغىنىپ ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ،__ مەنمۇ قوچاق كۆرۈشكە بەك ئامراق…
رەيھان ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن قاراپ قويۇپ،  بالىسىنى پەپىلىدى.
__ بۇ يەردە كۆرۈشۈپ قالارمىز دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن.
__ مېنىڭ ئالدىمدا ئازراق نايناقلا، سەندەك نېمىگە گەپ قىلغۇم يوق.
__ باياتىن ئەمىسە ئەجەپ چوڭچىلىق قىلىسىزغۇ، شاڭجاڭ بار، شۇڭا قورقمايسىز-دە، شاڭجاڭ بولغاچقا، ياسىندىنمۇ قورقمايدىكەنسىز دەڭا؟
__ ئىشىڭنى قىل، ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭگە ئوخشاتما!
__ مەندەك خوتۇن بولالىغان بولسىڭىز ئۆيىڭىزدە ئېسىل ياشايتتىڭىز.
__ شۇنداقمۇ…__ دېدى رەيھان مەسخىرىلىك كۈلۈپ، _ مەن ئەجەپ بىلمەپتىمىنا! مەن سەندەك نايناق، غىلجىڭ ئەمەس، شۇڭا ئېرىمنىڭ پەس كۆڭلى ساڭا چۈشكەن گەپ…
__  شۇڭا ياسىن سىزنى خۇلقى يوق دەيدىكەن-دە، گەپ ئۆزىڭىزدىكەن، ئەمدى كېلىپ ئېرىڭىز  تاشلىۋەتسە ئۇنى مەندىن كۆرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟!
__ ئادەم بار يەردە تولا ئېغىزىمنى ئاچما، بولمىسا بۇ يەردىن چىقىپ كەت!
__ ۋۇي ما گەپنى، مېنى نەگە قوغلايتتىڭىز؟  بۇ ئۆي سىزنىڭمىدى؟ قانداق قىلىپ ئېرىشتىڭىز؟ شاڭجاڭ دارىن ئالاھىدە ئىلتىپات قىلغان ئوخشىمامدۇ!
__  كۆزۈمگە تولا سەت كۆرۈنمەي چىق، خىيالىڭدا مېنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ، مەن نەگە بارسام بوينۇمنى تىك تۇتۇپ ياشايدىغان خوتۇن، ئۇقتۇڭمۇ؟  بۇ يەرگە ئادەمدەك ياشاي دەپ كەلدىم، خاناچاڭنىڭ دەردىنى سەندەك ماڭقىلار چۈشىنىپ بولالمايدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئېغىزىڭنى يىغىپ يۈر.
__ ۋاي ماقۇلە خاناچا، مەن ماڭقا بولسام سىلى چوڭ خانىش، ئېسىلزادە مەلىكە، ئۇنچە  كېرىلىپ كەتمىسىلە، مەنمۇ ياسىناخۇننىڭ نىكاھلىق خوتۇنى، مېنىڭمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق ھۆرمىتىم بار.
رەيھان بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىچىدە ئاچچىق كۈلدى، تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى، ئەمما ھازىر كىم بىچارە؟
__ ھازىرغىچە  ئۆزەڭنى ياسىننىڭ خوتۇنى دەپ  ئويلامسەن؟
__ ئەمىسە ئاشنىسى دەپ يۈرسەم بولامتى؟
__ ياسىننىڭ نىكاھ قىلدىم دېگىنىگە ئىشىنىپ يۈردۈڭما؟ ئەقلىڭ نەگە كەتتى؟ نىكاھ ئوقۇغاندا قېشىڭدا ئاتا-ئاناڭ بارمىدى؟ گۇۋاھچىڭ كىم؟ تويلۇقۇڭغا نېمە ئالدى؟ خەقنى قىچىرىپ توي قىلدىڭمۇ؟
__ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىم، بۇ يەر دېگەن كۇلى،ھەممە ئىش شارائىتقا بېقىپ بولىدۇ. مەن ئۆزەم يالغۇز تېگىۋالمىدىم، يېنىمدا غېنىكاممۇ بار.
__ نېمە؟ نىكاھ ئوقۇغاندا غېنى شاڭجاڭمۇ بارمىدى؟
گۈلشەن دېمەيدىغان گەپنى دەپ سالغاندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئەمما گەپنى دەرھال ئوڭشاپ  جاۋاب بېرىۋەردى:
__ شۇ، غېنىكام مەسچىتكە جۈمە ئوقۇغىلى بېرىپتىكەن، ياسىن ئىككىمىزگە ئۇچراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن نىكاھىمىزغا قاتنىشىپ بەردى.
__ يوغان ئىش قىلىشىپسەن،  ئىككىڭنىڭ ئىشىنى ئىگەم ئاللاھقا قويدۇم، ئەمما مەن سەنلەرنى ھەرگىز ئەر-خوتۇن دەپ ئويلىمايمەن.
__ ئىختىيارىڭىز، لېكىن مەن ئۆزەمنى ياسىننىڭ خوتۇنى دەپ ئويلايمەن، مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئەسكى قىز ئەمەس، ئېرىڭىزنى يولدىن چىقارغان مەن ئەمەس، ئالىمەن دېدى، تەگدىم. بىر ئەر ئىككى-ئۈچ خوتۇن ئالسا بولىدىكەنغۇ. سىز بۇنىڭغا ئۇنىمىغان بىلەن مەن ئۇنايمەن،  ئەسلىدە سىز بىلەن ياخشى ئۆتۈپ كېتىمەن دەپ ئويلىغان، لېكىن ھازىر ئويلاپ باقسام بۇ مۇمكىن ئەمەسكەن. راست گەپ قىلايمۇ، سىزنىڭ ئىچىڭىز بەك تاركەن…
__ سېنىڭ بەك كەڭ ئوخشىمامدۇ؟ بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا ئىچى تارلىق قىلىپ بۇزغان سەن ئەمەسمۇ؟!
__ ھەممىنى ماڭا دۆڭگەپ قويغىلى ئۇستىكەنسىز خاناچا،  ياسىن سىزدىن بەختلىك بولغان بولسا ماڭا چاپلىشىپ نېمە قىلاتتى؟  قارىغاندا، بۇرۇن ئۆزىڭىزنى بەختلىك دەپ ئالداپ يۈرگەن ئوخشايسىز.
__ بولدى، بولدى، ئازراق ۋىتىلداپ بېرىپ ئىشىڭنى قىل. مەن كىرىپ بالامنى ئۇخلىتىمەن.
__ ئىشقىلىپ ماڭا بۇنداق سەت قارىماڭ،  سىز مېنى مىڭ تىللاپ، قارغىسىڭىزمۇ بىكار،  ئۆلۈمىمنى تىلىسىڭىز تېخى سىزدىن ئۇزاقراق ياشاپ قالىمەن. ھەر كىمنىڭ خۇدايىم بەرگەن رىزقى بار،  ھەر كىم نوچى ياشاشقا، خاتىرجەم ياشاشقا ئىنتىلىدۇ؛ سىزمۇ مانا ياسىننى تاشلاپ بۇ يەرگە كېلىۋاپسىز، ئادەم دېگەن شۇ،  سۇ  پەسكە ئاقىدۇ،  ئادەم دېگەن يۇقىرىغا يامىشىدۇ، مۇشۇنى چۈشەنسىڭىزلا بولدى.
__ بېرىپ ئىشىڭنى قىل، ماڭا ئىش ئۆگەتمىسەڭمۇ بولىدۇ…
__ بالىڭىزنىڭ كىرلىرىنى ئۆزىڭىز يۇيۇڭ، مەن ئامانگۇلگە ياردەملىشىمەن.
__ مەنمۇ ساڭا بالامنىڭ كىيىملىرىنى تۇتقۇزمايمەن.
ـــ مېنى پاك ئەمەس دېمەكچىمۇ؟ ئۆزىڭىز گۆھەردەك ساپ ئوخشىمامسىز؟!
ـــ  ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭدەك ئويلاپ قالدىڭمۇ؟  تولا ئاغزىمنى ئاچما!
ـــ مەن قانداقكەنمەن، بىز دېگەن جىرىڭ-جىرىڭ قىز باللا، توي قىلدۇق، ئېرىمىز بار، ئۆيىمىز بار، سىزدەك قېچىپ مۈكۈپ يۈرمەيمىز، كېچىسى باشقا يەردە تۈنەپ قالمايمىز.
رەيھان يىلان چاققاندەك تولغىنىپ كەتتى، ئاچچىقى بىر دەمدىلا چىرايىغا چىقتى، لەۋلىرى تىترىدى:
ـــ سەن… ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭدەك بۇزۇق ئويلامسەن، نەگە بارسا شۇ يەردە ئېچىپ يېتىپ بېرىدۇ دەمسەن، كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي بۇ يەردىن چىق، بولمىسا ئادەم چاقىرىمەن.
ـــ قېنى چاقىرىڭ، سىز غېنى شاڭجاڭنى چاقىرسىڭىز، مەن ياسىننى چاقىرىمەن، شۇنىڭ بىلەن سوقاش باشلىنىدۇ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، سىز مەندىن چوڭ بولغان بىلەن مەندەك كاللىڭىز ئىشلىمەيدىكەن، ئاچچىقىڭىزنى بۇنداق يامان قىلماڭ، بولمىسا سەت چاندۇرۇپ قويىسىز؛ بۇزۇق دېگەن گەپنى ئۆزىڭىز چىقاردىڭىز، كىم بۇزۇقكەن، ئاخىرىدا بۇنى ياسىناخۇن ئايرىيدۇ.
رەيھان شېتىللىقتا، زۇۋاندازلىقتا ۋايىغا يەتكەن بۇ سېكىلەكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپلا قالدى، بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋالقى ئەندىشىلىرى توغرا ئىدى، ئىشلار دائىم ئۆزى ئويلىغاندەك بولمايتتى. غەزەبلىنىش توغرىدەك قىلغان بىلەن يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققاندا بۇنىڭ زىيىنىنى غەزەپ-ئاچچىققا دۆڭگەپلا قۇتۇلغىلى بولامتى؟ ئادەم دائىم  غەزەپتىن ئۈنگەن شۇم بۇيىنىڭ ئاچچىق مېۋىلىرىنى يەپلا ئۆتەمدۇ؟! ئەممە غەزەبلەنمىسە قانداق بولىدۇ؟ ناھەقچىلىككە قانداق چىدايدۇ؟ غەزەبلەنمىسە غۇرۇر قانداق قوغدىلىدۇ؟ غەزەبلەنمىسە ئىرادە، ھەرىكەت قانداق مەيدانغا كېلىدۇ؟ ئەنە شۇ غەزەبنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى، غەزىپى پەسەيگەندە بۇ يەرگە  كەلگىنىدىن  سەل پۇشايمان قىلدى، ئەمما ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ غۇرۇرى، ئىپپەت-نومۇسى بىلەن ياشايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق ئىشقا دادىل يۈزلىنىش ئىرادىسىگە كەلدى… ئەمما گۈلشەن بۇنى چۈشەنمەيدۇ، ياسىنمۇ چۈشەنمەيدۇ،  ھەر ئىككىلىسى بۇزۇقچىلىققا پېتىپ كەتكەن تۇرسا پاك ئايالنىڭ غۇرۇرى ۋە مۇھەببەت-نەپرىتىنى چۈشىنەمدۇ؟!…
ـــ ئۆزەڭنى مەندىن ئەقىللىق چاغلاپ كەتكەنلىرىڭمۇ بۇ!ــ دېدى رەيھان ئۆزىنى دەررۇ ئوڭشاپ،ــ كىچىك بولساڭمۇ مەندىن جىق ئىش كۆرۈپ كەتكەن نېمىسەن، بۇنى بىلىمەن، ئەمما كاللاڭ بولسا شۇنى ئويلاپ باق، ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭ سەن قانداق قىلاتتىڭ؟ كۈنلەمتىڭ- كۈنلىمەمتىڭ؟ چىدامتىڭ- چىدىمامتىڭ؟ ساراڭ بولامتىڭ- بولمامتىڭ؟
گۈلشەن بۇنى ئاڭلاپ “ نېمە قىلىمەن بۇ خوتۇننى ئەيىبلەپ، بولسا مۇشۇنداق ياشاۋەرسە ياخشى ئەمەسمۇ!” دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىچىدە كۈلدى، گەپلىرىنى يۇمشاتتى:
ـــ ئەلۋەتتە چىدىمايمەن-دە، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا كىم چىدايدۇ؟! مەن سىزنى چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەس، لېكىن ماڭىمۇ نېمە ئامال دەيسىز، مەنمۇ بىر ئاجىز قىز بالا، بولسا ئەسلىدە خوتۇنى يوق ئەرگە تەگكەن بولسام بۇنداق ئازاب تارتىپ يۈرمەيتتىم، بۇزۇق دېگەن ئاتاققىمۇ قالمايتتىم، لېكىن بۇ كۇلىدا قانداق قىلىمىز دەيسىز،  بىزنىڭمۇ ياشىغۇمىز كېلىدىكەن، بىر كىم بىزنى قەدىرلىسىكەن دەيمىزكەن، بۇزۇلۇپ كەتمەي ياشايلى دەپ ئەرگە تەگكۈمىز كېلىدىكەن، شۇڭا سىزمۇ توغرا چۈشىنىڭ…
رەيھان ئەمدى تۇرۇپلا ئۇنىڭغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى، ئويلىمىغان يەردىن  ئەپلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىچى پۇشتى، يەنە دېسە يەنە شۇ، گەپ قىلسا گەپ بەرمەيدۇ، تاكاللىشىدۇ، بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندا مىڭ قاقشىغان بىكار. يەنە كېلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن رەسۋالاشقىنى ياسىن تۇرۇپ،  ئۇنىڭ پوقىنى ئىككى خوتۇن يۈزىگە سۇۋاپ سەتلىشىپ يۈرىۋېرەمدۇ؟
ـــ مەن توغرا چۈشەنمەيمەن، ــ دېدى رەيھان پېتىنى بۇزماي، ـــ بولىدىغان ئىش بولدى، ئۆزەڭنى ئاقلىغىنىڭ بىكار، مۇشۇ چىرايىڭ بىلەن ساڭا ياسىندىن باشقىسى چىقماسمىدى؟  مەن كېلىشتىن بۇرۇن شۇ رەسۋالىقنى قىلىشمىغان بولساڭ بەلكىم سېنى قوبۇل قىلاتتىم. قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ، ئوغرىلىقچە قىلىشقان نىكاھىڭنى خۇدايىم راۋا كۆرەمدۇ؟! مەن ياسىننى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ پەقەت سېنى ئويناشتىن باشقىنى ئويلىمايدۇ، مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن نىكاھ قىلدىم دەۋالدى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مېنى ئالدىدى،  سەنمۇ ئۇنىڭغا ئالداندىڭ، يا بولمىسا ئۇ ساڭا ئالداندى.
ــ ئۇنداق ئىش يوق، ئۆزىڭىز خاتا ئويلىۋاپسىز…ــ دېدى گۈلشەن گەپنى كەسكىن بۆلۈپ.
ــ توختاپ تۇر، مەن ياسىن بىلەن ئۆي تۇتقىلى بەش يىلدىن ئاشتى، ئۇنى تېخى مەندەك چۈشەنمەيسەن. بىز بەك ئوبدان ئۆتكەن. بۇ ھەقتە ساڭا ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق، ئىشىقىلىپ يېقىندىن بېرى ئۇ ماڭا كۆرمىگەن كۈننى كۆرسەتتى، ئاجرىشاي دېسەم ئۇنىمىدى، كېتەي دسەم پۇل بەرمىدى، ساڭا خەجلىگەن پۇلدىن ماڭا بىر سىنت خەجلىمىدى. ئۇنىڭ ماڭا سالغان ئازابلىرىنى سەن بىلىسەن، بىلىپ تۇرۇپ تاماشا كۆردۈڭ، مەن بۇنىڭ ھەممىسىگە چىدىدىم، ئەمدى ئۇنداق ئۆتىۋەرمەيمەن، مەن ئۇنداق دەسسىسە مىجىلىپ تۇرىۋېرىدىغان لاي ئەمەس. مەنمۇ جېنىم بولغاندىكىن مىدىرلىشىم كېرەك، شۇڭا بۇ يەرگە ئىشلەپ پۇل تاپاي دەپ كەلدىم، ئەسقاتمىغان ئېرىم  سېنى بېقىپ ئۆتىۋەرسۇن. مەن بۇ يەردە ئۆزەمنى ھەم بالامنى بېقىپ ياشايمەن، نەدە ياشىسام غۇرۇرۇم، ئىمانىم بىلەن ياشايمەن. شۇڭا ماڭا ئۇنداق-مۇنداق تۆھمەت قىلغۇچى بولما…
ــ سىزمۇ مېنى ئۇنداق كۆرگەنلا يەردە سەتلىمەڭ، مەنمۇ سىزنى ھېچقاچان تىللاپ باقمىدىم.
ــ  تىللىمىغىنىڭغا رەھمەت دېسەم بولغۇدەك ئەمىسە… ـــ رەيھان ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىسىنى مەجبۇرلاپ دېگۈدەك ياتاق ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ ئىشىكىنى تاقىدى. گۈلشەن ئاغزىغا كەلگەن گەپنى بوغۇزىغا يۇتۇپ، ئىچىگە تىنىپ بىر دەم ئولتۇرغاندىن كېيىن  تازىلىق ئۆيىگە كىردى.
ــ جىدىلىڭ تۈگىدىمۇ؟ــ دېدى ئامانگۇل پەس ئاۋازدا.
ــ نېمە جېدەلنى دەيسەن، بىز ئۇرۇشمىدۇق، ھەم ئۇرۇشمايمىز. ئۆزىمىزدىن  چوڭ خوتۇن بىلەن ئۇرۇشۇپ نېمە قىلىمىز؟
ــ ئاغزىڭ بەك ئتتىكچۇ سېنىڭ، گاھىدا ئاڭلاپ ھەيران قالىمەن.
ــ سەن گەپ قىلمىساڭ ئۇ گەپ قىلىدۇ،  ئۇنداق خوتۇنغا گەپ بەرمىسەڭ بولىدۇ، گەپ دېگەن تاياقتىن يامان.
ــ ئەمدى چىقسام بولىدىغاندۇ؟
ــ بولىدۇ، ئىشلىمىسەڭمۇ بولىدۇ. تاماق قىلما، سەن ئۇنىڭ مالىيىمىدىڭ؟
ــ پەس گەپ قىل، غېنى شاڭجاڭ بۇيرۇغان ئىشنى قىلمىساڭ قانداق بولىدۇ؟
ــ غېنىكام ئۇنىڭ نېمىسىكەن؟ بىر ئاخشام بىللە ياتقانغا ئۇنىڭ ئېرى بولۇپ قالمىغاندۇ؟
ــ ھەي…ھەي، ئېغىزىڭنى يامان قىلما، كېچىدىن مەن بۇ چوكان بىلەن مۇشۇ ئۆيدە ياتتىم.
ــ لېكىن سەن ئۇخلاپ قالغاندا ئىككىسىنىڭ نېمە ئىش قىلغىنىنى بىلمەيسەن-دە!
ــ قالايمىقان گەپ قىلما ئاداش، بۇ ئايال بالىسىنى قارىتىپ قويۇپ ئۇنداق ئىش قىلماس. بالىسىنى ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ ئىچىدىن تاقاپ قويۇپ ياتتى. مەن بۇ يەردە  كېچىدىن تۈزۈك ئۇخلىغاندەك بولمىدىم، ئورۇن ئالماشسام ئۇخلىيالمايدىغان بىر ئىشىم بار، ئەتىگەندە ئازراق ئۇخلىغاندەك بوپتىمەن، ئويغىنىپ كېتىپ قارىسام بىرسى يىغلايدۇ، ئىشىك يوچۇقىدىن قارىسام بۇ چوكان دۇئا قىلىپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ. سەھەر قوپۇپ ناماز ئوقۇيدىكەن، بۇنداق چوكاننى ئۇنداق ئىش قىلىدۇ دېسەڭ، قانداق بولىدۇ؟
ــ ناماز ئوقۇغىنى بىلەن شەيتىنى يامان خوتۇن بۇ، ــ دېدى گۈلشەن غۇدۇراپ، ــ بۈگۈنى قىلمىسا ئەتىسى قىلىدۇ، بولمىسا بۇ يەرگە نېمەدەپ كېلىدۇ، پۇلى بارغا تېگىمەن دەپ كەلگەندۇ؟ سەن ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى بىلمەيسەن، قاراپ تۇر، ئەتە-ئۆگۈن غېنىكام بۇنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىۋالىدۇ.
ــ  ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، كېچىدىن بۇ چوكان بىلەن ئازراق مۇڭدىشىپ قالدىم، دەردى بەك تولىكەن، ئېرى يامان خارلاپتۇ، بىچارە بالىسىنى دېمەيسەن، دادام قېنى دەپ سوراپمۇ قويماي دىيەنشىگە قاراپ ئولتۇرىدۇ.
ــ بۇ يەرگە زادى نېمىگە كەپتۇ، شۇنى دېگىنە!
ــ گېپىدىن قارىغاندا، غېنى شاڭجاڭدىن ياردەم سورىغان چېغىۋا، شاڭجاڭ  ئۇنى داتاڭ جىڭلى قىلىپ ئىشلىتىدىكەن.
ــ بىزنى باشقۇرىدىكەن-دە، ئۇنداق بولسا مەن بۇ يەردە ئىشلىمەيمەن.
ــ كېتىپ لاۋبەننىياڭ بولىمەن دېگىنە، ــ دېدى ئامانگۇل كۈلۈپ، ــ ھەممە نەرسە ئىككڭلارغا ئوڭچە قاپتۇ ئەمدى!
ــ نەدىكى گەپنى قىلىسەن ئاداش، ئۇ يەردە بىر ئادەم ئېشەكتەك ئىشلەيدىغان گەپ، بۇ خېنىممۇ شۇڭا چىدىماي كېلىۋاپتۇ. خوتۇن بولدۇم دەپ مەنمۇ ياسىنغا بىكارغا ئىشلەرمەنمۇ دەيمەن؟
ــ ئېرىڭ پۇل تاپسا بەرىبىر ساڭا خەجلەيدىغاندۇ؟
ــ نېمىسىنى دەيسەن، تويلۇققىمۇ بىر نەرسە ئالمىغان، تاپقىنىنى شۇ ئىجارە تۆلىدى، ئۆينىڭ سۇ، توك پۇللىرىنى مەن دېمىسەم ئۆزلۈكىدىن تۆلىمەيدۇ. تاپقىنىنى بۇ خوتۇنىغا خەجلىدىمىكىن دېسە بۇنىڭغىمۇ خەجلىمەيدىكەن، ئۆيىگە كەتكىلىمۇ پۇل بەرمەپتىمىش. نېمە قىلىدۇ دەيمەن كەتكىلى قويماي، مۇشۇنداق قىلىپ خوتۇنىنى بۇزۇپ بولىدۇ. بۇزسا بۇزمامدۇ، نېمە كارىم، بۇ خوتۇننى دەپ ماڭا قارىماي قويمىسىلا، نېمە قىلسا مەيلى!
ــ ئۇ ئېرىڭگە ئانچە ئىشەنچىڭ يوق ئوخشىمامدۇ؟
ــ ئىشەنچىمغۇ بار، لېكىن ئەنسىرەيمەن. ئويلاپ باق، بەش يىللىق خوتۇنىنى بىر دەمدە تاشلىيالىغان ئادەم مېنى قانچە يىلدا تاشلىۋېتەر؟ ئەمەلىيەتتە بۇ خوتۇنىنىمۇ قويۇۋېتەلمەيدۇ،  ھازىرمۇ مۇشۇ خوتۇنىغا تارتىشىپ ساراڭدەك يۈرۈۋاتىدۇ.
ــ يۈرسە يۈرمەمدۇ، سېنى تاشلىۋەتمىسىلا بولىدىغۇ!
ــ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ ئاداش،  بۇ خوتۇننىڭ باياتىن دېگەنلىرىنى ئويلىنىپ قالدىم، ئۇ مېنى راستىنلا ئويناش ئۈچۈنلا خوتۇن قىلغانمىدۇ؟ مېنى ئالدىغانمىدۇ؟
ــ ئۇنداق ئويلىما،  سېنى دەپ مۇشۇ چوكاننى، بالىسىنى تاشلىۋەتكەن ئادەم سېنى ھەرگىز ئالدىراپ تاشلىۋەتمەيدۇ.
ــ سەن بىلمەيسەن، ئۇنىڭ ئەسلىدە بۇ خوتۇنىنى تاشلىۋەتكۈسى يوق، لېكىن بۇ خوتۇننىڭ مىجەزى يامان، ئېرىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئېرى يامان ئىش قىلىپ سالسا ئۆزىگە ھەرگىز يېقىن كەلتۈرمەيدۇ. شۇڭا ياسىن ئۇنى قېيداپ تاشلىۋەتتى، ھەرگىز چىن كۆڭلىدىن تاشلىۋەتمىدى. مەن بۇنى بىلىمەن.
ــ ئۇنداقتا قانداق قىلىسەن؟ ئۇ چوكان ئۇنداق قىلىۋەرسە، سەن ئۇنداق قىلمىساڭلا بولىدىكەنغۇ؟
ــ لېكىن ئەر كىشى دېگەن بۇنىڭدىنمۇ زېرىكىدىكەن، ئەدەمنى بارغانچە پەس كۆرىدىغان بوپ قالىدىكەن.
ـــ ۋاي-ۋۇي ئاداش، نېمانداق مۇرەككەپ ئىشلار بۇ، نېمانداق قاملاشمىغان ئەر ئۇ!
ـــ شۇنى دېسەڭچۇ، شۇڭا پات-پات نېرۋام ئۆرلەپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. توختىماي سۆزلىگۈم، بىر كىمنى تىللىغۇملا كېلىپ تۇرىدۇ.
ـــ ئاي كۆرۈپ قالساڭ شۇنداق بولىدۇ، سەنمۇ بىرنى تۇغقان بولساڭ مۇقىم بولاتتىڭ، ئېرىڭدىن خاپا بولساڭمۇ بالاڭ يېنىڭدا، زېرىكمەيتتىڭ.
ـــ قويغىنا، مەن كىچىك بالىغا ئانچە ئامراق ئەمەس،  بۇ ئىشلارنى تېخى ئويلىشىپ باقمىدىم، قاچان خاتىرجەم بولغاندا شۇ چاغدا تۇغىمەن.
ـــ بۇ ئېرىڭدىن تۇغقۇڭ يوقما؟
ـــ دېدىمغۇ تۇغمايمەن دەپ، ئۇنىڭمۇ ئۇنداق خىيالى يوق،  كۆڭلىدە مېنى تۇغماس چىقىپ قالسىكەن دەپ يۈرىدۇ.
ـــ ۋۇي، ئۇنداقتا ئۇ سېنى رەسمىي خوتۇن دەپ قارىمايدىكەن –دە!
ـــ شۇڭا ئىچىم پۇشىدۇ مېنىڭ، مېنى پەقەت ئوينىۋېلىش ئۈچۈن ئالغاندەك ئالدى دەپ ئويلاۋاتىمەن،   لېكىن ھازىرچە كاللامنى ساراڭ قىلغۇم يوق، ياخشى ياشىسام بولدى، خارلىنىپ قالمىسام بولدى…
ئىككىسى بىر دەم سوقا سۆھبەتلەردە بولۇپ، ئۆينى تازىلاپ، تاماق ئېتىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى؛ ئامانگۇل كىرىپ رەيھاننى تاماققا ئويغاتتى، كېچىدىن تۈزۈك ئۇخلىيالماي ئەمدى كۆزى ئۇيقۇغا بېرىپ قالغان رەيھان تەستە ئويغاندى، رەڭگى رويى سولغۇن، ھارغىن، پەرىشان ئىدى.